خىتايستان
خىتاينىڭ پىلانلىمىغان ئىمپېرىيىسى
Sinostan: China’s Inadvertent Empire (Oxford University Press: 2022)
by Raffaello Pantucci, Alexandros Petersen
كىتاب تونۇشتۇرۇش
(1)
ئەسكەرتىش:
- كىتابنى تەپسىلىيراق تونۇشتۇرۇش مەخسىدى بىلەن بۇ يازما ئۆلچەملىك ئاكادېمىك كىتاب تونۇشتۇرۇش ئۇسۇلىدا يېزىلمىدى. شۇڭا ئىلمىي ژۇرناللارغا بېرىلىدىغان كىتاب تونۇشتۇرۇش \ كىتاب ئوبزورى ئۈچۈن ئۆرنەك قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلمايمىز.
- ئومۇمىي يازما بىر قەدەر ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككىگە بۆلۈپ يوللىنىدۇ. بۇ 1- قىسىمى بولۇپ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى،ئۇلارغا خىتايغا بولغان قارىشى ۋە خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى 2- قىسىمى ئەتە يوللىنىدۇ.
- بۇ يازمىدىكى پۈتۈن مەزمۇن ۋە ئىبارىلەر كىتابنىڭ ئۆزىدىن ئېلىندى. ھىچقانداق كۆز قاراش ياكى قوشۇپ قويغان مەزمۇن يوق.
(. يازمىنى پايدىلىق دەپ قارىغان بولسىڭىز باشقىلارنىڭمۇ ئوقۇشى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇڭ )
«ختايستان: خىتاينىڭ پىلانلىمىغان ئىمپېرىيىسى» ناملىق كىتابنى (كىتابنىڭ ئىسمى بۇنىڭدىن كىين «ختايىستان» دەپ ئېلىندۇ.) رافائېللو پانتۇچچى ۋە ئالېكساندروس پېتېرسېن بىرلىكتە تاماملاپ، 2022-يىلى ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىغان بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىرغىزسىتان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان، ئۆزبىكىستان، تۈركمەنسىتان ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خىتاينىڭ غايەت زور تەىسر كۈچى سەۋەبلىك بۇ رايۇننى ئوبرازلىق قىلىپ «ختايىستان» دەپ ئاتىغان. كىتاب خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىنى چوڭقۇر ۋە ئىنچىكە تەتقىق قىلغان بولۇپ (1-بەت ، 2-بەت)، ئاپتۇرلار بۇ تەسىرنى خىتاينىڭ پىلانىسز تەبئىي شەكىللەنگەن دەپ قارىغان. كىتابنى ئىككى ئاپتور بىرلىكتە باشلىغان بولۇپ، خىتاينىڭ مەنپەتى، كۈچى ۋە تەسىر دائىرسى قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيادا 10 يىلغا يېقىن تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش، مۇناسىۋەتلىك شەخىس ۋە ئامما بىلەن سۆھبەتلىشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەپسىلىي ماتېرىيال توپلاش ئېلىپ بارغان. بۇ جەرياندا كىتابنىڭ بىر ئاپتۇرى پېتېرسېن ئافغانستاننىڭ كابولدا ئۆلتۈرۈلگەن. بۇنىڭ بىلەن كىتابنىڭ داۋامىنى پانتۇچچى تاماملىغان (vii).
«ختايىستان» ناملىق بۇ كىتاب ئاساسلىق قىلىپ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھۆكۈمرانلىق ئورنىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مۇھىم ئىھتىياجلىرى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىخەتەرلىكى نوقتىسىدىن چىقىش قىلغان ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك ئىستراتىگىيسىنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلاتى شەكلىدە پىلانسىز ۋە تەدرىجى بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ(15-بەت ، 257-بەت ، 267-بەت). خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچى ۋە بۇ سەۋەبتىن بۇ رايۇننىڭ «خىتايىستان» غا ئايلىنىش ئايلىنىشىنىڭ (بۇ ئاپتۇرلارنىڭ ئوخشىتىشى ) سەۋەبى خىتاينىڭ رايۇنغا تەدىرىجى ئەمما پىلانلانمىغان شەكىلدىكى ئومۇميۈزلۈك ئارلىشىشى ۋە تەسىر كۈچىنىڭ ئېشىشى بولۇپ، بۇ ئارلىشىش ئىقتىساد (بەلباغ ۋە يول، سودا، مەبلەغ، ئۇل ئەسلىھە)، بىخەتەرلىك (ھەربىي ياردەم، تەربىيەلەش، قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، كۆزىتىش تېخنولوگىيەسى) ۋە مەدەنىيەت (كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرى، ياردەم) قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، زىچ بىر «ئالاقە تورى»نى شەكىللەندۈرگەن (14-15-، 45-، 119-، 267-بەتلەر) ۋە بۇ شەكىلدە خىتاينى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تەسىر كۈچى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان.
خىتاي باشتا بەلكىم ئۆزىنىڭ رايونلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى قايتا شەكىللەندۈرۈشتىكى تاسادىپىي تەسىرىنى ياكى رايون دۆلەتلىرى تەرىپىدىن قانداق قوبۇل قىلىنىۋاتقانلىقىنى تولۇق ھېس قىلالمىغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئۇنىڭ كۆلىمى، ئىقتىسادىي ئېغىرلىقى ھەمدە ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا ئوخشاش باشقا كۈچلەرنىڭ چېكىنىشى ياكى چەكلىك ئارىلىشىشى سەۋەبىدىن، خىتاي بۇ رايوندا چوڭقۇر ۋە ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان بىر ھۆكۈمرانلىقنى پەيدا قىلىپ، رايوننىڭ يۆنىلىشىنى بېيجىڭغا قارىتىپ ئۆزگەرتىشكە باشلىغان (15-، 46-، 53-، 267-، 277-278-بەتلەر). بۇ جەرياننى ئاپتۇرلارتاسادىپىي ھۆكۈمرانلىق دەپ ئاتىغان.
كىتاب كىشىنى قايىل قىلارلىق شەكىلدە شەرقىي تۈركىستاننڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىنىڭ ئاساسىي ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ (42-بەت ، 65-بەت)، ختاينىڭ بۇ رايونغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ، قازاقىستان ، قىرغىزىستان ، تاجىكىستان ، ئافغانىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن چېگرىلىنىدىغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش تىرىشچانلىقى بىلەن تۈپتىن باغلانغان (14-بەت ، 15-بەت ، 65-بەت ، 139-بەت ، 259-بەت). كىتاب خىتاينىڭ «غەربىي رايونى» دەپ ئاتىغان بۇ رايون بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1-ئەسىردىكى جاڭ چيەننىڭ بىر قاتار ئىش-پائالىيەتلىرى بىلەن باشلانغانلىقىنى (27-بەت ، 29-بەت)، ئەمما خىتاينىڭ تەسىرىنىڭ كۈچىنىڭ 751-يىلدىكى تالاس ئۇرۇشىدىن كېيىن تەڭىرى تېغىنىڭ غەرىبىدىن 21-ئەسىرگە قەدەر يوقالغانلىقىنى تىلغا ئالغان (31-بەت). ھازىرقى دەۋردە، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ رايۇنغا ئارىلىشىشى كۆپەيگەن. دەسلەپتە يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن چېگرانى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە سودا قىلىشقىلا ئەھمىيەت بەرگەن. كېيىنچە بۇ ئالاقە «شاڭخەي بەش دۆلىتى» (كېيىنكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى) ۋە بولۇپمۇ « بىر بەلباغ ۋە بىر يول يول» تەشەببۇسىغا ئوخشاش پىلانلار ئارقىلىق ئىقتىساد، بىخەتەرلىك ۋە مەدەنىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭقۇر، كۆپ قاتلاملىق مۇناسىۋەتكە قاراپ تەرەققىي قىلغان.
كىتابتا تۆۋەندىكىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىلىرىنىڭ مۇھىم تەرەپلىرى دەپ قارالغان؛
دۆلەت ئىچىدىكى مۇقىملىق ۋە مىللىي زىددىيەتلەر: خىتاينىڭ ئەڭ غەربىدىكى شەرقىي تۈركىستان، تەبىئىي بايلىققا مول ئەمما خىتايلار ۋە يەرلىك ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەتلەر قەرەللىك ھالدا زوراۋانلىققا ئايلىنىپ تۇرىدىغان «يېڭى چېگرا» دەپ قارىلىدۇ. بۇ زىددىيەتلەر بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرى ئۈچۈن ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر ئەندىشگە ئايلانغان. 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتقان.
2009-يىلىدىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىك قارشىلىق ۋەقەلىرى كۈچىيىپ كەتكەن بولۇپ كىتابتا مونۇ ۋەقەلەر تىلغا ئېلىنغان:
- 2013-يىلى ئۆكتەبىردە تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ئۇرۇنۇشى.
- 2014-يىلى مارتتا كۇنمىڭنىڭ پويىز ئىستانسىسى سىرتىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇملاردا 35 ئادەم ئۆلگەن.
- 2014-يىلى ئاپرېلدا، شى جىنپىڭ رايوندىن ئايرىلىۋاتقان پەيتتە، ئۈرۈمچىنىڭ ئاساسلىق پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ۋە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى
- 2016-يىلى قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بومبىلانغان ۋە بۇ ۋەقە سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان.
- بۇ ۋەقەلەر خىتاينىڭ ئەنسىرەپ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇش ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن.
تاشقى تەھدىتلەر ۋە ئافغانىستاندىن كېلىدىغان خەۋپلەر: خىتاي قوشنا دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر قوراللىق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆزىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشىدىن چوڭقۇر ئەنسىرەيدۇ. 2014-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، شى جىنپىڭ بۇ ئەندىشىسىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىلەپ: «ئافغانىستان ۋە پاكىستان چېگرالىرىغا ئورۇنلاشقان تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا تېزلىكتە سىڭىپ كىرىشى مۇمكىن» ھەمدە «سۈرىيە ۋە ئافغانىستاندا ئەمەلىي جەڭ تەربىيەسى كۆرگەن شەرقىي تۈركىستان تېرورچىلىرى ھەر ۋاقىت شىنجاڭدا تېرورلۇق ھۇجۇمى قوزغىشى مۇمكىن» دېگەن. بۇ ئەندىشە بېيجىڭنىڭ ئافغانىستانغا قاراتقان سىياسىتىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، گەرچە بۇ توقۇنۇشنى ئامېرىكىنىڭ «خاتالىقى» دەپ قارىسىمۇ، ھازىر بۇ مەسىلىنى ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدىكى بىر ئىش دەپ قارايدۇ.
مۇقىمسىز قوشنا مۇھىتنىڭ تەسىرى: خىتاينىڭ «شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۈنۈم بېرىشى ئۈچۈن، «شىنجاڭ» نىڭ سودا قىلالايدىغان مۇقىم قوشنا مۇھىتى بولۇشى كېرەك. ئوتتۇرا ئاسىيا ياكى ئافغانىستاندىكى مۇقىمسىزلىق سودا كارىدورلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپلا قالماي، يەنە خىتايغا تەھدىت سالىدىغان گۇرۇپپىلارنىمۇ باشپاناھ بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن.
گۈللىنىش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك ئۇزاق مۇددەتلىك نىشان: كىتابتا خىتاينىڭ رايۇندا قىسقا مۇددەتلىك بىخەتەرلىك باستۇرۇشلىرى يولغا قويۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، بېيجىڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك قارىشىدا، مۇقىملىقنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئىقتىسادتىن ئىبارەت. بۇ، ئىقتىسادىي پۇرسەت يارىتىش ۋە سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇلار ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەت ۋە ئۆزئارا باغلىنىشقا زىچ تايىنىدۇ.
ئاپتورلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىستراتېگىيىسىنى تەپسىلىي بايان قىلغان بولۇپ ، گەرچە زور مەبلەغ سېلىنغان بولسىمۇ ، يەنىلا خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىقانلىقىنى تىلغا ئالغان (13-بەت ، 38-بەت). 2009-يىلدىكى ئۇرۇمچى قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇنىڭدىن كىين يۈز بەرگەن بىر قاتار ھوجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدىن كېيىن ، خىتاي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى خىل ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويغان (12-13-بەتلەر ، 38-بەتلەر ، 45-47-بەتلەر ، 263-264-بەتلەر) بولۇپ بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
- قەشقەر ۋە قورغاستا ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرى قۇرۇش ۋە خىتاينىڭ باي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىنى شەرقىي تۈركسىتاندىكى بىر قىسىم «نامرات» جايلىرىغا ياردەم بېرىدىغان قىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى (13-بەت ، 47-بەت ، 50-51-بەتلەر ، 102-بەتلەر). ئەمما بىر تۈركۈم قۇرۇق بىنالار بىلەن چەكلىك مىقداردىكى سودا بىلەن خۇلاسىلەنگەن بۇ ئىستراتىگىيەلەرنىڭ ئۇنۇملۈك بولغانلىقىغا بىر نەرسە دېيىش قىين. (51-52-بەت)
- شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ باشقا رايۇنلىرى بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان ۋە سودا مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىغان يېڭى يول ۋە تۆمۈر يول لىنىيىسىگە ئوخشاش غايەت زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىلىرى ئېلىپ بېرىش ، (50-بەت ، 102-بەت ، 259-بەت)
- بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىشنى مەخسەد قىلغان «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەركىتى ، كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش ، كەڭ كۆلەملىك تەربىيىلەش لاگېرلىرى تەسىس قىلىش. ئاپتۇرلار بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان (13-14-بەت ، 38-39-بەتلەر ، 57-63-بەتلەر ، 264-265-بەتلەر) شۇنداقلا ھەم ئۇيغۇر ھەم خىتايلارنىڭ ئارسىدا چوڭقۇر نارازىلىقىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ۋە رايۇننىڭ «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلانغانلىقىنى خاتىرلىگەن (59-بەت ، 263-بەت).
ئاپتۇرلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى رايۇن بىلەن قوشىندارچىلىق، دىنىي ۋە ئېتنىك قېرىنداشلىقى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگىمۇ بىر قاتار دىپلوماتىك پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولغان. شۇنداقلا «بىر بەلۋاغ، بىر يول» غا ئوخشاش ئىستراتېگىيىلىك پىلانلار ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان. بىر بەلباغ ۋە يول تەشەببۇسى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي تاشقى سىياسەتتىكى بۈيۈك پىلانى بولۇپ، ئۇ قازاقىستاننىڭ ئاستانا شەھىرىدە «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى» توغرىسىدا، ھىندونېزىيەنىڭ جاكارتا شەھىرىدە «21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى» ھەققىدە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى ئارقىلىق رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئوتتۇرا ئاسىيا «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى»نىڭ «يۈرىكى» ھېسابلىنىدۇ. بۇ تەشەببۇسنىڭ مەقسىتى ئۇل ئەسلىھە، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشتىن تەركىب تاپقان غايەت زور تور بەرپا قىلىش ئارقىلىق، خىتاينى ئۆزىنىڭ «ئەتراپىدىكى رايونلار» بىلەن تېخىمۇ زىچ باغلاش، ئۇزاق مۇددەتلىك نۇقتىدىن ئېيتقاندا، خىتاينى يېڭى دۇنيا تەرتىپىنىڭ مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. بېيجىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئوتتۇرا ئاسىيانى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش شەرقىي تۈركىستان رايونىنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە. «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى» ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى بولۇشتەك جۇغراپىيەلىك ئورنىدىن پايدىلىنىپ، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان خىتاي ماللىرىنىڭ ياۋروپاغا، خام ئەشيانىڭ خىتايغا ئېقىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ ۋە ياراتماقتا.
ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئىقتىسادى ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئۇنۋېرسال كۈچى جەھەتتىكى زور پەرق تۈپەيلىدىن خىتاي ناھايىتى تىزلا ئاكتىپ ئورۇنغا ئۆتۈۋالغان. خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي ئۈستۈنلىكى بۇ كىتابتىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئۈستۈنلۈك بىر قانچە ساھەدە گەۋدىلىنىدۇ:
- ئۇل ئەسلىھە: خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭنى مەركەز قىلىپ «قايتىدىن تورلاشتۇرماقتا » (103-، 104-، 267-بەتلەر). بۇ تۈرلەر تاجىكىستاندىكى شارىستان تونېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ تونېل قاتناش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى (104-105-بەتلەر)، شۇنداقلا ئۆزبېكىستاندىكى تاشكەنتنى فەرغانە ۋادىسى بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان قامچىق تونېلىمۇ بار (106-بەت). بۇ تۈرلەر دائىم خىتاي سىياسەت بانكىلىرىنىڭ «باغلانما قەرز»ى ئارقىلىق مەبلەغ بىلەن تەمىنلىنىدۇ، يەنى بۇ قەرزلەر خىتاي شىركەتلىرىنى ئىشلىتىش شەرتىگە باغلانغان بولۇپ، گەرچە ئۇل ئەسلىھەلەر چەتئەلدە قۇرۇلۇۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پۇل خىتاينىڭ ئۆز پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى ئىچىدە ئايلىنىدۇ (80-، 106-بەتلەر)
- سودا ۋە بازار: ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرى ئەرزان خىتاي ماللىرى بىلەن لىق تولغان بولۇپ، بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىي يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتمەكتە (2-، 5-، 97-بەتلەر). گەرچە دەسلەپتە خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى تۆۋەن دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، خۇاۋېي تېلېفونىغا ئوخشاش يۇقىرى دەرىجىلىك مەھسۇلاتلار بارلىققا كېلىپ كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشمەكتە (101-، 119-بەتلەر). سودا كۆپىنچە ھاللاردا خىتايغا پايدىلىق بولغان بىر تەرەپلىمە شەكىلدە بولۇپ (112-بەت) يەنە بىر تەرەپتىن چېگرا ئۆتكەللىرىنىڭ ئاستىلىقى ۋە ئارىلاپ يۈز بېرىدىغان تالاش-تارتىشلار تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ (113-114-بەتلەر). ئەلى باباغا ئوخشاش خىتاي ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىلىرىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ خىل رەقەملىك باغلىنىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى بىلەن، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت تېخىمۇ كۈچەيمەكتە (120-121-بەتلەر، 276-277-بەتلەر).
- ئېنېرگىيە: خىتاينىڭ «تەبىئىي بايلىققا بولغان تويماس ئىشتىھاسى» ئۇنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نېفىت-گاز ساھەسىگە زور مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلىدى (70-، 138-بەتلەر). خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى (CNPC) كەڭ كۆلەملىك تۇرۇبا يولى تورىنى قۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە تۈركمەنىستاندىن خىتايغىچە بولغان 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا-خىتاي تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ۋە قازاقىستان-خىتاي نېفىت تۇرۇبا يولى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك (70-، 72-، 136-بەتلەر).
- خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى گالكىنىش ۋە ئاقتۆبەمۇنايگازغا ئوخشاش چوڭ نېفىتلىكلەردە نېفىت قېزىش ھوقۇقىغا ئېرىشىپلا قالماي، ھەتتا قازاقىستاندىكى غايەت زور قاشاغان نېفىتلىكىنىڭمۇ بىر قىسىم پېيىنى سېتىۋېلىپ، قازاقىستان نېفىت مەھسۇلاتىدىكى ئەڭ چوڭ يەككە چەتئەللىك پايچىغا ئايلاندى (71-، 74-، 77-78-بەتلەر). شۇنداقلا تۈركمەنىستاننىڭ تەبىئىي گاز ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىدىمۇ ھۆكۈمرانلىق پېيىغا ئىگە (144-145-بەتلەر) بۇ خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ بۇ رايوندىكى ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلىشىغا شارائىت ياراتماقتا (70-، 85-، 95-بەتلەر).
خىتاي شىركەتلىرى يول، تۇرۇبا يولى ۋە ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور ئۇل ئەسلىھە تورىنى قۇرۇپ، پۈتۈن رايون مىقياسىدا مىنېرال بايلىقلارنى قېزىشقا زور مەبلەغ سالماقتا (4-، 69-70-، 81-، 94-95-، 103-، 126-بەتلەر). بۇ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە سودا ئېقىمىنىڭ خىتايغا قاراپ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە بۇرۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان (103-، 117-، 254-بەتلەر). كىتابتا گەرچە ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيەسى خىتاينىڭ ئومۇمىي ئىستېمالىدا كىچىك بىر نىسبەتنى ئىگىلىسىمۇ، بېيجىڭنىڭ بۇ ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ئىستراتېگىيەلىك پىشاڭىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن (77-78-بەتلەر، 148-بەت) ۋە مانا بۇ بۇ ئىقتىسادىي كۈچ خىتاينى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ تەسىرچان كۈچكە ئايلاندۇغان (15-، 274-بەتلەر).
ئاپتورلار خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنى «پىلانلانمىغان ئىمپېرىيە» (15-، 257-، 267-بەتلەر) دەپ خۇلاسىلىگەن. خىتاينىڭ چوڭقۇر تەسىرى بىر كەڭ دائىرىلىك ، ئىزچىل، ئالدىن پىلانلانغان ئىستراتېگىيەدىن كۆرە، ئاساسلىقى ئۇنىڭ دۆلەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئىقتىسادىي گۈللىنىش بىلەن مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ تاسادىپىي نەتىجىسىدۇر (15-، 40-، 65-بەتلەر). بۇ خىل ئۇسۇلدا مۇناسىۋەت غەرب دۆلەتلىرى ۋە خىتاينىڭ كەڭ تارقالغان ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك سىڭىپ كىرىشى ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى تەسىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان رۇسىيە نىڭ دىپلوماتىيەسى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىدۇ. شى جىنپىڭ تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم ئاستانادا ئوتتۇرىغا قويۇلغان « بىر بەلباغ ۋە يول» تەشەببۇسى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان دىپلوماتىيە ئەندىزىسىنى ئۈنۈملۈك ھالدا يەر شارىۋىيلاشتۇرغان (232-، 239-، 256-بەتلەر). بۇ كىتاب خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشىنىڭ «تىنچ قەد كۆتۈرۈش» تىن، غەربنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشتەك باشقۇرۇش شەكىلىگە ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي پۇرسەت، كۈچلۈك بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، تېخىمۇ قەتئىي، ئەمما يەنىلا ئەمەلىيەتچىل بولغان گلوبال سىستېمىغا ئۆتۈۋاتقانلىقىنىڭ سىگنالى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ (251-، 269-بەتلەر). غەربنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ئەمەل قىلىمىسىمۇ قوللاشقا ئېرىشەلەيدىغان بۇ ئۇسۇل، نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئۆزىگە تارتىۋاتقان بولۇپ (270-بەت)، دىمكراتىيەگە ئەمەل قىلمايدىغان دىكتاتۇر دۆلەتلەرنى كۈشكۈرتۈپ ۋە كۈچلەندۈرۈپ ، لىبرال دىكمراتىك قىممەت قاراشلارنى ئاساس قىلغان غەربنىڭ دۇنيا تەرتىۋىگە جەڭ ئېلان قىلىماقتا (270-271-بەتلەر).
«خىتايىستان» ناملىق بۇ كىتابتا يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ «توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلىشى»نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى قانداق ئۆزگەرتىۋاتقانلىقى، ئۇنى بېيجىڭنىڭ تەسىر دائىرىسىگە تېخىمۇ زىچ باغلاۋاتقانلىقى ھەمدە تەدىرىجى ھالدا «خىتاي دەۋرى» (Pax Sinica) نىڭ يېتىپ كېلىشىدىن بېشارەت بېرىۋاتقانلىقىنى تەسۋىرلەنگەن (201-، 267-بەتلەر). بۇ نۇقتىدىن بۇ كىتابنى خىتاينىڭ يەر شارىۋىي كۈچ سۈپىتىدىكى مۇرەككەپ ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان رولىنى چۈشىنىش ئۈچۈن قىممەتلىك مەنبەگە ئايلاندۇرغان (23-بەت). شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىتاب يەنە بېيجىڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرىدىكى ئىچكى ماسلاشماسلىقنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، خىتاينىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تەسىر كۈچىنى قانداق تولۇق ئىشلىتىش ۋە ئۆز رولىنىڭ ئاخىرقى ئاقىۋىتى ھەققىدە يەنىلا ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن (25-، 103-104-بەتلەر، 197-بەت). بۇ كىتاب ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلىرىنى، بولۇپمۇ ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىدىكى سىياسىي دىنامىكلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن دەل ۋاقتىدا يېزىلغان ۋە چوڭقۇر چۈشەنچە بېرىدىغان مۇھىم ئەسەرلەردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
