بۇ يازمىدا ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھوجۇمىنىڭ مەيلى ئۇزۇن داۋاملاشسۇن ياكى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئاخىرلاشسۇن خىتايغا «ھىچ ئىش قىلماي تۇرۇپ ھەممىنى قىلىش» (无为而无不为) مۇھىت يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ئانالىز قىلىنىدۇ.
«ھىچ ئىش قىلماي تۇرۇپ ھەممىنى قىلىش» خىتاي سىياسەت پەلسەپىلىرىنىڭ بىرى بولغان تەرىقەتچىلىك ياكى لاۋزىچىلىق (道家) نىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى بولۇپ، ھۆكۈمدار شەيئىيلەرنىڭ تەبئىي قانۇنىيتىنى ئىگەللىگەن ھالدا ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان سىياسەت يۈرگۈزۈش ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمدار جىمجىت ھەركەت قىلىدۇ، كۆرۈنمەيدۇ. بىۋاستە توقۇنۇشتىن يىراق تۇرىدۇ ۋە «يۇمشاق» (柔) بولىدۇ. غەلبە قىلىش ئۈچۈن قاتتىق توقۇنۇشقا كىرىشنىڭ ئورنىغا غەلبىگە باشلايدىغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنى بەرپا قىلىدۇ. مانا بۇ مۇھىت بەرپا قىلىنغاندا ھۆكۈمدارنىڭ بىر ئىش قىلىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. ئىشلار ئۆزلىكىدىن يولىغاچۈشىدۇ، يەنى ھۆكۈمدار پىلانلىغان نۇقتىغا كېلىدۇ.
مەسىلەن ئەڭ ئاددىيسى ھەر قانداق ھاكىمىيەت بارلىققا كېلىدۇ، كۈچىيىدۇ ۋە ئاخىرىدا يوق بولىدۇ، بۇ بىر قانۇنىيەت. ئەڭ كاتتا غەلبە سۈنزى ئېيتقاندەك ئۇرۇشقا كىرمەي تۇرۇپ قىلىنغان غەلبىدۇر. بۇنى ئەڭ ئاز زىيان بىلەن قىلىنغان غەلبە دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا كۈچلۈك رەقىبكە بويسۇنغان بولۇپ كۆرىنىش، ئاجىز ۋاقىتىدا ھوجۇم قىلىش، ياكى بىر ئاماللار بىلەن ھالاكىتىنى تىزلىتىش ۋە ياكى ھىچ ئىش قىلماي ھالاك بولۇشىنى كۈتۈش يەنىلا غەلبىگە ئېلىپ بارىدۇ. مەسىلەن تارىختىكى خىتاي سۇلالىلىرى بىلەن شىمالدىكى ھون، تۈرك، ئۇيغۇر، قىتان، مۇڭغۇل قاتارلىق يايلاق مىللەتلىرى ئوتتۇرسدىكى مۇناسىۋەتلەردە موشۇنىڭغا ئوخشاش جەرياننى باشتىن كەچۈرنلىكىگە ئائىت كۆپ مىساللار بار. بۇ يايلاق مىللەتلىرى جەڭگە ماھىر بولۇپ خىتاي يۈزمۇ-يۈز جەڭ مەيدانىدا كۆپىنچە ۋاقىتتا مەغلۇپ بولىدۇ. ئەمما يايلاق مىللەتلىرىنىڭ ئاجىزلىقى بولسا ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۆمرى قىسقا، ئاسان ئىچكى بۆلىنىش كېلىپ چىقىدۇ،بىر-بىرى بىلەن تولا ئۇرۇش قىلىدۇ. شۇنداقلا ياشىغان جۇغراپىيە بىر قەدەر ناچار بولۇپ تەبئىي ئاپەت كۆپ يۈز بېرىدۇ. مانا بۇ شىمالدىكى ھاكىمىيەتلەرنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى «تەبئىي قانۇنىيەت». خىتاي بۇنىڭ ئۈچۈن 1) بۇ مىللەتلەرنى كۈشكۈرتۈپ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلدۇرىدۇ، ياكى بىر بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىشىنى كۈتىدۇ 2) ئىچكى بۆلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن بىر قاتار ھىيلە – نەيرەڭلىرىنى ئىشقا سالىدۇ، 3) تەبئىي ئاپەت يۈز بېرىپ ئاجىزلاپ كەتكەندە ھوجۇم قىلىدۇ، 4) ياكى ھىچ ئىش قىلماي بۇ يايلاق ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ئۆزلىكىدىن ھالاك بولۇشىنى كۈتىدۇ. چۈنكى خىتاي ھاكىمىيەتلىرى ئادەتتە ئۇزۇن ئۆمۈر سۈرىدۇ ۋە يايلاق ھاكىمىيەتلىرىگە باش ئىگىپ چىداپ تۇرسا بولىدۇ. مانا بۇ تەبئىي قانۇنىيەتنى ئىگەللەپ ئۇنىڭغا كۆرە ھەركەت قىلىش بولۇپ ھىسابلىندۇ. بۇنىڭدا رەقىب بىلەن بىۋاستە ئۇرۇش قىلمىسىمۇ ياكى ئۇرۇشنى چەكلىك دائىرىدە قىلىپمۇ غەلبە قىلغىلى بولىدۇ. خىتي تارىخغا قارايدىغان بولساق بۇ خىل تاكتىكىلارنىڭ شىمالدىكى مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئاساسى تاكىتكا ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.
كۈنىمىزدە خىتاي-ئامېرىكا دۇنياۋى ھۆكۈمرانلىق تالىشۋاتقان ئىككى چوڭ كۈچ. ئامېرىكىنىڭ 2000-يىللاردىن بېرى يەر شارى مىقياسىدا ئۇرۇش قىلىشى بىلەن خىتاينىڭ (قىسقا مەزگىللىك ۋىيتنام ئۇرۇشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ) ھىچقانداق ئۇرۇشقا كىرمەستىن تىنچ شەكىلدە تەرەققىي قىلىشى خىتاي-ئامېرىكا كۈچ تەڭپۇڭلىقىدا زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلماقتا. بولۇپمۇ ئافغانىستان، ئىراق، ۋە سۈرىيە ئۇرۇشىدا كۈچى خورىغان ئامېرىكىنىڭ ئەمدى ئىراندا يېڭى بىر ئۇرۇشقا كىرىشى خىتاي ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ كۈچىنى ئۆزىگە كېلىشتىن بۇرۇنلا خورىتىۋىتىدىغان خەلقئارالىق مۇھىت ياراتماقتا. بۇ خىتاي ئۈچۈن «ھىچ ئىش قىلماي تۇرۇپ ھەممىنى قىلىدىغان» شارائىت ياراتماقتا. بۇ يازمىدا «ئىران ئۇرۇشى داۋام قىلسا» دېگەن ئىلمىي ھۆكۈم (hypothesis) بىلەن، بۇ ئۇرۇشنىڭ خىتاي ئۈچۈن قانداق پايدىلىق شارائىت يارتىدىغانلىقى تەھىلىل قىلىندۇ.
باشتىكى يازمىمىزدا خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئىستراتىگىيلىك شىرىكلىك مۇناسىۋىتى رامكىسىدىن قارىغاندا ئىراننىڭ بەك مۇھىم ئىتتىپاقداش ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالغان ئىدۇق. يەنى ئىران ئۇمۇمىي جەھەتتىن تېپىلماس شىرىك ئەمەس ئەمما بۇ «بەك مۇھىم ئەمەس» لىك خىتاي ئۈچۈن ئەھمىيىتى يوق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئىران خىتاي ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن بولغان گىئو-پولىتكىلىق ۋە دۇنياۋى لىدىرلىق رىقابىتىدىكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشىدۇر. مانا بۇ جەھەتتىن كۆپ قىممىتى بار ۋە قوللانغىلى بولىدىغان بىر دۆلەتتۇر. خىتاي ئىرانغا، بولۇپمۇ ھازىر داۋام قىلىۋاتقان ئىران ئۇرۇشىغا مانا بۇ نۇقتىنى چىقىش قىلىپ ياردەم قىلىدۇ.
بۇ يەردىكى ياردەم ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ چۈشىنىشىدىكى ناتو، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ياكى «بەش كۆز» (Five Eyes) دۆلەتلىرىگە ئوخشاش، بىر دۆلەت ھۇجۇمغا ئۇچرىسا باشقىلار ياردەم بېرىدىغان بىر ئىتتىپاق ياردىمى ئەمەس. ھەتتا خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ شۇنداق. مەسىلەن، خىتاينىڭ ئىران خەۋپسىزلىكىگە كۆرسىتىدىغان قوللىشىنىڭ چەكلىكلىكى 2025-يىلى ئىيۇندا ئاشكارىلانغان ئىدى. ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو بازىلىرىغا زەربە بەرگەندىن كېيىن، بېيجىڭنىڭ ئىنكاسى پەقەت سۆز يۈزىدىلا قالغان ئىدى. خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فۇ سوڭ بۇ ھۇجۇمنى ب د ت نىزامنامىسىگە خىلاپلىق قىلىش دەپ ئەيىبلىدى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بولسا ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشقاندا، خىتاينىڭ «ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقىنى بەرپا قىلغۇچى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى» بولۇشقا قىزىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما ئوچۇق ھەربىي ياردەم بەرمىدى. چۈنكى دىكتاتۇر ھاكىمىيەتلەر ئوتتۇرسىدا ئورتاق بىر قارارغا كېلىش قىين، شۇنداقلا بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادى كۈچى دىمكراتىك دۆلەتلەردىن تۆۋەن بولۇپ ئولارنىڭ ئىمبارگوسىغا ئۇچراشتىن قورقىيىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بىرىكىس دۆلەتلەر ئىتتىپاقىنى بۇنىڭغا مىسال كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەمكارلىقى پەقەت ئىقتىسادى سەۋىيەدىلا توختاپ قالماقتا. بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئوتتۇرىسىدىكىدەك ھەقىقىي ئىشەنچ ياكى ئورتاق قىممەت قارىشى يوق، پەقەت «ئورتاق دۈشمەن»لا بار. مەۋجۇت خەلقئارا سىستېمىغا بولغان نارازىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇنداق گۇرۇھلار سىرتقى بېسىم ئاشقاندا ياكى مەنپەئەت زىياندىن كىچىك بولغاندا ئۆزىنىڭ يولىغا مېڭىپ كىتىدۇ.
ئىراننىڭ خىتايغا بولغان مۇھىملىقى ۋە خىتاينىڭ ئىرانغا ئاشكارا ھالدا ھەربىي ياردەم بەرمەيۋاتقانلىقى نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ ترامپنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىدە دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچىسى بولغان مەت پوتتىنگېر (Matt Pottinger) ئىران ئۇرۇشىنى خىتاينىڭ غەربنى ۋە ئامېرىكىنى ئاجىزلىتىش ئىستراتېگىيەسىگە زەربە بېرىش دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بېيجىڭ ئامېرىكىنىڭ تەسىر كۈچىگە جەڭ ئېلان قىلىدىغان، ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ دېموكراتىك ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ دىققىتىنى ھەم بايلىقىنى خورىتىدىغان، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئابرويىنى يەر شارى مىقياسىدا تۆۋەنلىتىدىغان دىكتاتۇر ۋاكالەتچى دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق قوللىغۇچىسىدۇر. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئارسىدا بولۇپمۇ رۇسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىر «قالايمىقانچىلىق ئوقى» (Axis of Chaos) نى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ خىتاي بۇ ئوق مەركىزىنىڭ مەركىزىدە تۇرىدۇ. بۇ «قالايمىقانچىلىق ئوقى» غا بۇرۇنقى سۈرىيە ھۆكۈمىتى ۋە ۋېنېسۇئېلامۇ كىرەتتى.
خىتاي بۇ دۆلەتلەر بىلەن ھەر خىل شەكىلدىكى مۇناسىۋەتكە ئېگە بولۇپ، تۆۋەندىكى جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەندەك بۇ «ئوق» دۆلەتلىرى ئارسىدا خىتاي رۇسىيە بىلەن چەكسىز ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە ئېگە. ئەمما رەسمىي ھەربىي مۇداپىئە كېلىشىمى يوق. ئىران بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بار بولۇپ ھەربىي ھەرمكارلىق تىجارەت رامكىسدا، يەنى ئىككى تەرەپ خالىسا خىتاي قوراللىرىنى ئىرانغا سېتىپ بېرىدۇ. ۋېنېسۇئېلا بىلەنمۇ ئاساسەن ئوخشاش شىركلىك مۇناسىۋىتى بار. پەقەت شىمالىي كورىيە بىلەن ھەربىي مۇداپىئە ئەھدىنامىسى (Defense Pact) بولۇپ بۇ 1961-يىلى ئىمزالانغان، 2021- يىلى شى جىنپىڭ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يەنىلا كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى رەسمىي ئىتراپ قىلىنغان. بۇ خىتاينىڭ بىردىن-بىر رەسمىي ھەربىي ئىتتىپاقى ھېسابلىنىدۇ. مۇداپىئە ئەھدىنامىسى بىر خىل شەرتنامە ياكى ھەربىي ئىتتىپاق بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىمزا قويغۇچى تەرەپلەر بىر-بىرىنى ھەربىي جەھەتتىن قوللاشقا ۋە بىر-بىرىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىدۇ. ئادەتتە، ئىمزا قويغۇچى دۆلەتلەر تەھدىتلەرگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرىدۇ. شىمالىي كورىيە بىلەن رۇسىيە ئوخشاش كېلىشىمنى 2024- يىلى ئىمزالىغان.

بۇ ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئارسىدا سۈرىيەدە ھاكىمىيەت تەلتۆكۈس ئالماشتى. ۋېنېسۇئېلادا رەھبەرلىك يىمىرىلدى. رۇسىيە ئۇكرائىنادا ئۇرۇشى بىلەن ئالدىراش، ئىران بولسا ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلەشمە ھوجۇمى سەۋەبلىك ھەم ھەربىي ۋە رەھبەرلىك جەھەتتە، ھەم ئىقتىسادى جەھەتتە زور دەرىجىدە ئاجىزلىتىدى. پەقەت شىمالىي كورىيە مۇقىم ھالەتتە تۇرماقتا.
شۇنداقتىمۇ پوتتىنگېرغا ئوخشاش بۇ ئۇرۇشنى خىتاينى ئاجىزلىتىۋاتىدۇ دەپ قاراش توغرا ئەمەس، ھىچبولمىغاندا بۇنداق بىر يەكۈنگە بېرىشقا تېخى بالدۇر. چۈنكى ئۇرۇش (ھەم ئىران ئۇرۇشى ھەم ئوكرائىينا ئۇرۇشى) ئاياغلاشقىنى يوق. ئەمەلىيەتتە خىتاي ھازىر ئامېرىكىدىن ئەۋزەل ئورۇنغا ئېگە بولىۋاتىدۇ، ۋە ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسەتلىرى خىتايغا بۇ خەلقئارالىق مۇھىتنى يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇنداق بىر خەلقئارالىق مۇھىتتا خىتاينىڭ ئامېرىكىغا يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىتىنى «ئۇنىڭ قولى بىلەن بۇنى باپلاش» (借刀杀人) ۋە «ھىچ ئىش قىلماي تۇرۇپ ھەممىنى قىلىش» (无为而无不为) دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.
ھىچ ئىش قىلماي تۇرۇپ ھەممىنى قىلىش (无为而无不为)
ئۇرۇشنىڭ ماتىماتكىسى
خىتاينىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى بولغان ئامېرىكا ھەم رۇسىيەدە، ھەم ئىراندا ئۇرۇش قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ. توقۇنۇش باشلانغاندىن بۇيان، ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە ئىران پۈتۈن رايون مىقياسىدا ئۈزلۈكسىز زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى قوزغىدى. ئىقتىسادشۇناس (The Economist) گېزىتىنىڭ خەۋەرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يازما يېىزىلىۋاتقان ئۇشبۇ دەقىقىلەرچىگە ئىران ئۇرۇشىدا 1615 قېتىملىق ھۇجۇم ئېلىپ بېرىلغان ۋە بۇ ھوجۇملاردا جەمئىي 2875 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قويۇپ بېرىلگەن. شۇنداقلا 208 ئىستراتېگىيەلىك ئورۇندا ئوت ئاپىتى كېلىپ چىققان. قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1800 دىن ئېشىپ كەتتى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 8 نەپەر ئامېرىكا ھەربىي خادىمى ۋە ئىراندىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئاز دېگەندىمۇ 175 نەپەر ئوقۇغۇچى بار.
ئىران ھوجۇملاردا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن بەكرەك درونلارنى ئىشلەتمەكتە. ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە بولسا ھوجۇم مەركىزىنى ئەنئەنىۋى ھەربىي نىشانلاردىن مۇداپىئە سانائىتى ئەسلىھەلىرىگە، پورتلارغا ۋە ھاكىمىيەتنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قاراتماقتا. ئىران رەقىب كۈچلەرگە ئاتقان باشقۇرۇلدىغان بومبا ۋە درونلارنى سانىنى ئاشۇردى. توقۇنۇش باشلانغاندا ھەر بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا بىر درون ئەۋەتكەن بولسا، ھازىر بۇ نىسبەت بىرگە ئۈچ بولۇپ ئاشتى. ئۇسۇلنىڭ ئۆزگىرىشى غەلىبىگە ئېلىپ كەلمىدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 10-مارتتىن باشلاپ، ئۇ 262 باللىستىك بومبا (بۇنىڭ ئىچىدە 260 ى توسۇپ قېلىنغان ياكى دېڭىزغا چۈشكەن)، 1475 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان (1385 ى توسۇپ قېلىنغان) ۋە سەككىز دانە قاناتلىق بومبا (ھەممىسى توسۇپ قېلىنغان) نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بەھرەينگە 350 تىن ئارتۇق بومبا كىرگەن بولۇپ، كۆپىنچىسى توسۇپ قېلىنغان.
بۇ نۆۋەتتىكى ئۇرۇشنىڭ خاراكتېرىگە نەزەر سالساق، ھازىرچە بۇ قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى ئەمەس، بەلكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ھاۋا ئۇرۇشى»دۇر. باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۇرۇشى قورال-ياراغنى ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە خورىتىدۇ. ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) نىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى يەتتە كۈنىدىلا ئىران تەۋەسىدىكى 3000 دىن ئارتۇق نىشانغا زەربە بەرگەن.ئىرانمۇ بۇنىڭغا قايتۇرما زەربە سۈپىتىدە، رايوندىكى ئامېرىكا نىشانلىرىغا مىڭلىغان «شاھىد-136» (Shahed-136) درونى ۋە يۈزلىگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى.
مانا بۇ يەردە بىر ماتېماتكىلىق ھىساب ئېلىپ بېرىش مەسىلىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. ئىراننىڭ «شاھىد» درونلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ئارانلا 20 مىڭدىن 50 مىڭ دوللارغىچە. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بۇلارنى توسۇش ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەرزان ئەمەس. AIM-9 باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بىلەن قوراللانغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىرلا قېتىملىق زەربە ئۈچۈن 450 مىڭ دوللار سەرپ قىلىدۇ، بۇنىڭغا ئايروپىلاننىڭ ھەر سائەتلىك 40 مىڭ دوللارلىق مەشغۇلات چىقىمىنى قوشۇش كېرەك. يەنى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئىشلتىۋاتقان ئۇرۇش ئايروپىلاننىڭ بىر سائەتلىك مەشغۇلات تەننەرخى بىر دانە شاھىد دىروننىڭ تەننەرخىگە باراۋەر.
تېخىمۇ قىممەت بولغان «پاترىئوت» (Patriot) مۇداپىئە بومبىلىرىنىڭ ھەر بىرىنىڭ باھاسى 3 مىليون دوللار ئەتراپىدا بولۇپ ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى توسۇش ئۈچۈن ئىشلتىلىدۇ. زاپاس ساقلىنىشى ئەڭ ئەندىشە قىلىنىۋاتقان قورال دەل مۇشۇ بولۇپ ئىستراتېگىيەلىك ۋە خەلقئارالىق تەتقىقاتلار مەركىزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى مارك كانسىيان (Mark Cancian) نىڭ قارىشىچە بۇ بومبىنىڭ زاپاسنىڭ تېز خورىۋاتقانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.
ئامېرىكىنىڭ 1000 دانە پاترىئوت بومبىسى بولۇپ ئاللىقاچان 200 دىن 300 ئەتراپىدا ئىشلىتىلىپ بولغان. بۇنىڭغا ئوخشاش يۇقىرى دەرىجىلىك قوراللارنى ياساشقا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. لوكخېد مارتىن (Lockheed Martin) شىركىتى 2025-يىلى بىر يىلدا ئارانلا 620 دانە PAC-3 توسقۇچى بومبىنى ياسىغان تاپشۇرۇپ بەرگەن. پاترىئوتنىڭ ئۆزى تېخىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ بىرىنى ياساشقا كەم دېگەندە ئىككى يىل ۋاقىت كېتىدۇ.
ھازىر ئۇرۇشتا ئىشلتىلىۋاتقان قوراللارنىڭ ئەڭ ئىلغار بولغىنى «توماخاۋك» (Tomahawk) باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بولۇپ، بۇ بومبىلار كېمە ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان بولۇپ، يۈزلىگەن كىلومېتىر يىراقلىقتىكى نىشاننى ئېنىق ئۇرالايدۇ. ئەمما مەسىلە شۇ يەردىكى، بىر دانە توماخاۋكنىڭ تەننەرخى تەخمىنەن 4 مىليۇن دوللار كېلىدۇ. ھەربىي مۆلچەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى 100 سائىتى ئىچىدىلا 168 دانە توماخاۋك بومبىسى ئاتقان. بۇ دېگەنلىك، پەقەت 4 كۈن ئىچىدىلا بىرلا خىل قورال سىستېمىسى ئۈچۈن 600 مىليون دوللار سەرپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئامېرىكا ئارمىيەسى يىللاردىن بۇيان قوراللارنى زاۋۇتلارنىڭ تولۇقلاش سۈرئىتىدىن تېز خورىتىپ كەلدى. مەسىلەن، ئالدىنقى 5 يىلدا ئامېرىكا ئاران 322 دانە توماخاۋكقا ئېگە بولغان، ئەمما بۇ ئۇرۇشتا ئۇنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاران 2 ھەپتە ئىچىدە ئىشلىتىپ بولغان. THAAD سىستېمىسىمۇ ئوخشاشلا خەتەرلىك ئەھۋالدا. بۇ ئىلغار سىستېمىدىن يىلىغا ئاران 11 دانە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئالدىنقى يىلقى 12 كۈنلۈك ئۇرۇشتا، ئامېرىكا ئۆز زاپىسىنىڭ %25 نى ئىشلىتىپ بولغانلىقى بىلىنمەكتە. پېنتاگوننىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى 6 كۈنىدىلا ئامېرىكا 11 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق چىقىم قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ كۆپ قىسمى ئوق-دورا ئۈچۈن كەتكەن. ئىراننىڭ درونلىرىدىن باشقا يەنە 3000 دىن ئارتۇق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم. درونلارنى قوشقاندا ۋە بۇلارنى قىممەت بومبىلار بىلەن ئېتىپ چۈشۈرگەننى ھىسابلىغاندا بۇ ئۇرۇش ھەم ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراق زاپىسىنى ھەم ئىقتىسادىنى زور دەرىجىدە خوراتىدىغانلىقىنى كۆرىۋېلىش قىين ئەمەس.
يەنە كېلىپ ئىراننىڭ كىينكى كۈنلەردىكى ھوجۇملىرىنىڭ ئۈنۇمدارلىقى ئاشقان. ( سەۋەبى ھەققىدە خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمرا تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ) بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا باشقا رايۇنلاردىن، مەسىلەن كورىيەدىن THAAD (يۇقىرى بوشلۇقتىكى رايون مۇداپىئە سىستېمىسى) ۋە پاترىئوت (Patriot) ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمىنى جىددىي تۈردە چېكىندۈرمەكتە. ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورىيەدە جەمئىي بىر THAAD باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە باتارېيەسى، شۇنداقلا 8 دىن 10 غىچە پاترىئوت ھاۋا مۇداپىئە باتارېيەسى بار بولۇپ، ھەتتا سېئۇل ھۆكۈمىتى بىلەن ھېچقانداق كېلىشىم تۈزۈلمەستىن ئىككى پاترىئوت باتارېيەسىنى يۆتىگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
شۇنداقتىمۇ، كورىيە پۈتۈنلەي مۇداپىئەسىز قالغىنى يوق. ئۇنىڭدا يەنە سەككىز دانە پاترىئوت ھاۋا مۇداپىئە باتارېيەسى، شۇنداقلا روسىيەنىڭ S-400 سىستېمىسى ئاساسىدا ياسالغان KM-SAM غا ئوخشاش دۆلەت ئىچىدە ئىشلەنگەن سىستېمىلار بار؛ بۇ سىستېمىلار يېقىندا ئوتتۇرا شەرقتە سىنالغان ۋە ئۈنۈمى ياخشى بولغان. كورىيەنىڭ دېڭىز ئارمىيسىمۇ كۈچلۈك بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدە Aegis جەڭ سىستېمىسى ۋە ئاتموسفېرا سىرتىدىكى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى توسۇش ئىقتىدارىغا ئىگە SM-3 باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى بىلەن قوراللانغان پاراخوتلار بار.
شۇڭا يىللىق مۇداپىئە خام چىقىمى 900 مىليارد دوللارغا تەڭ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ھەربىي كۈچ قورال جەھەتتە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدىمۇ؟ دېگەن سوئال ھازىر سىياسىي ئانالىزچىلار، ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر، ھەتتا پېنتاگون ئىچىدىكى خادىملار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتىدۇ.
ئازراق ئۈمىد بولسا يانۋاردىن باشلاپ ، لوكخېد مارتىن شىركىتى بىلەن پاترىئوت PAC-3 ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى يىلىغا 600 دىن 2000 غا كۆپەيتىش كېلىشىمى ئىمزالانغان. شۇڭا 6-مارت كۈنى ترامپ بىر قانچە مۇداپىئە شىركەتلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراق يېتىشمەسلىك ئەندىشىسى يوق دېگەن. شۇنداقتىمۇ بۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلىتىش ئۇنچە ئاددىي ئەمەس.
ئانالىزچىلار ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقاندا قورال زاپىسىنىڭ تۈگەپ كىتىشىنىڭ ئېھتىماللىقىنىڭ تۆۋەنلىكىگىدە كۆپ تالاش تارتىش قىلمايۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما ھەممىسى كەلگۈسىدىن ئەنسىرەيدۇ. ستېمسون مەركىزى (Stimson Center) ناملىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ (think tank) يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى كېللىي گىرىكو (Kelly Grieco) بۇ ھەقتە «بۇ ئۇرۇشتا ھېچقانداق نەرسە تولۇق تۈگەپ كەتمەيدۇ، ئەمما مەسىلە شۇ يەردىكى… قولىمىزدا ئىنتايىن ئاز قورال-ياراق زاپىسى بىلەن قالىمىز، بۇ كەلگۈسى يىللاردا ھىندى-تىنچ ئوكيان، ياۋروپا، ھەتتا ئوتتۇرا شەرقتىكى تاللاشلىرىمىزنى چەكلەپ قويىدۇ» دېدى.
ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلېنسكىيمۇ ئاللىقاچان بۇ ئەندىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئىتالىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى RAI غا: «ئۇرۇش ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتسە، ئامېرىكا ئۇكرائىناغا بېرىلىدىغان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ۋە بومبىلارنى ئازايتىپ قويۇشى مۇمكىن دېگەن ئەنسىزلىك بار،» دېگەن. سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېنمۇ Bloomberg غا بەرگەن زىيارىتىدە ئوخشاش ئاگاھلاندۇرۇشنى بەرگەن. ئۇ، ئىرانغا قاراتقان سىجىل ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئامېرىكىنى رۇسىيە ۋە خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىتلەر ئالدىدا ئاجىزلاشتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.
بۇ ئەندىشە تەيۋەن ئۈچۈنمۇ ئوخشاش. بۇ دەل خىتاي ئۈمىد قىلىۋاتقان ئھىتىماللىقتۇر. ئىران ئۇرۇشى تەيۋەننى قوغداشتا مۇھىم بولغان قوراللارنىڭ زاپىسىنى ئازايتىۋىتىشى مۇمكىن. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە تەيۋەنگە سېتىپ بېرىلىدىغان قوراللارنىڭ ئازلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى ئامېرىكىنىڭ بەلگىلىك مىقداردا قورال ياساش ئىقتىدارى بار. يەنە كېلىپ پۈتۈن ياۋرۇپا، ئوكرائىينا، ھەتتا ياپۇنىيە ئامېرىكىنىڭ قوراللىرىغا قارشلىق.
بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتايدا ھەربىي خىراجەت يىلدىن-يىلغا ئېشىپ ماڭماقتا. بېيجىڭدا خىتاينىڭ يىللىق ئەڭ چوڭ سىياسىي يىغىنى ئېچىلغاندا، باش مىنىستىر لى چياڭ بۇ يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنىڭ %7 ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئېشىش نىسبىتى خىتاينىڭ %5 ئەتراپىدىكى ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانىدىن يۇقىرى بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي تەرەققىياتقا بولغان ئىزچىل دىققىتىنى گەۋدىلەندۈرمەكتە. يەنە كېلىپ خىتاينىڭ سانائەت ئاساسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، گەرچە قوراللارنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمدارلىقى جەھەتتە ئامېرىكىغا يەتمىسىمۇ، بۇ قوراللارنى ئامېرىكىغا قارىغاندا ھەم تىز، ھەم ئەرزان ياساپ چىقالايدۇ.
لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى SOAS خىتاي تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى پىروفېسسور ستېۋ ساڭ (Steve Tsang) شى جىنپىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىلغار قوراللىرىنىڭ زاپىسىنىڭ تۈگىشىدىن پايدىلىنىپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى تېخى تولۇق تەييار بولمىسىمۇ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. چۈنكى ئامېرىكا ئارمىيەسى دۇنيانىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى توقۇنۇش سەۋەبىدىن چارچاپ، دىققىتى چېچىلىپ كەتكەن، قورال زاپىسى خورىغان بىر پەيت خىتاي ئۈچۈن ئىدىئال شارائىتتۇر. يەنە كېلىپ ترامپنىڭ مەسىلىگە سودا مەنتىقىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتىگىيە بىلەن ئەمەس بەلكى قىسقا مەزگىللىك ئىقتىسادى مەنپەت بىلەن ھەركەت قىلىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا خىتاي بۇ ئىككى ئەھۋالنى تەيۋەنگە ھوجۇم قىلىش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت دەپ قارىشى مۇمكىن. بۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ 2027-يىلى ئەتراپىدا تەيۋەنگە ھوجۇم قىلىدىغانلىقىنىڭ گىپى بولماقتا.
يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ ئايەتۇللاھ ئەلى خامېنېي ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرىغا قاراتقان مۇۋەپپەقىيەتلىك سۇيىقەستلىرى، شۇنداقلا ۋېنېسۇئېلا پىرىزدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ قولغا ئېلىنىشى، ئامېرىكىنىڭ ئىستىخپارات ۋە ھەربىي ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ يۈكسەكلىكىنى نامايەن قىلدى. بۇ يېرىم ئەسىردىن بۇيان چوڭ ئۇرۇش قىلىپ باقمىغان (ئەڭ ئاخىرقى قېتىمقىسىدا يېڭىلگەن) خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە نىسبەتەن كۈچلۈك بىر سىگنال بولىدۇ. ئاۋسترالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر تەتقىقاتچىسى سۇڭ ۋېنتى (Wen-ti Sung) ئامرىكىنىڭ ۋېنېسۇئېلا ۋە ئىران رەھبەرلىك قاتلىمىنى مۇۋاپىقىيەتلىك يوقىتىش ھەركىتىنىڭ خىتاينىڭ « بۇ ئىش بىزنىڭ بېشىمىزغىمۇ كېلىشى مۇمكىن» دەپ ئويلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. مانا بۇ ئەندىشە خىتاينىڭ نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىلا ئەڭ يېڭى دۆلەت بىخەتەرلىك نىزامنامىسىنى چىقىرىشىغا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر ئامىل خىتاينىڭ ئۆز قوراللىرىنىڭ ئىران ۋە ۋېنېسۇئېلادىكى ناچار ئىپادىسىدۇر. ۋېنېسۇئېلا سېتىۋالغان خىتاينىڭ ئىلغار رادار ۋە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئامېرىكىنىڭ يوشۇرۇنۇش ئىقتىدارىغا ئىگە (stealth) ئايروپىلانلىرىنى بايقىيالمىغان.

ئەمما خىتاينىڭ ھەقىقەتەن تەيۋەنگە ھوجۇم قىلىشقا ئىھتىياجى بارمۇ دېگەن سۇئال ئەستايدىل ئويلىنشقا تىگىشلىك سۇئالدۇر. بۇ خىتاي ئۈچۈن ئاقىۋىتىنى پەرەز قىلىش قىين بولغان بىر مەسىلە، چۈنكى ئامېرىكا ۋە ياپۇنىيەنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇردىغانلىقىنى بىلىمەك تەس. خىتاي تەيۋەن بىلەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش قىلالمايدۇ، ئەمما قىسقا ۋاقىتتا تەيۋەننى ئالالىشىنىڭ كاپالىتى يوق. خىتاي ياكى خىتايغا ئوخشاش دۇنياۋى ئىستراتىگىيەسى بار چوڭ دۆلەتلەر غەلبە قىلىشى ئېنىق بولمىغان ئۇرۇشقا كىرمەيدۇ، ياكى كىرمەسلىكى كېرەك. خىتاينىڭ ئەڭ يېقىنقى باياناتلىرى بەلكىم بۇنى ئىشارەت قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن بۇ يىل خىتاي زۇڭلىسى لى چياڭنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ ئاخىرقى بەتلەردە ئورۇن ئېلىشى ۋە ئاساسلىق دىققەتنىڭ خىتاينىڭ چېكىنىۋاتقان ئىقتىسادى، ئىشسىزلىق ۋە ئۆي-مۈلۈك بازىرىدىكى كىرىزىسلارغا مەركەزلىشىشى بېيجىڭنىڭ ھازىرچە تەيۋەن ئۇرۇشىغا كىرمەيدىغانلىقىنى ئىشارىتى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۆۋەتتە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئىچىدىكى «تازىلاش» ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشى ئارمىيەنىڭ جەڭگە تەييارلىقىنى كەينىگە سۈرۋىتىدۇ. بۇ ئايرىم چوڭ تېما بولغاچقا بۇ يەردە تەپسىلى توختالغىلى بولمايدۇ. ئەمما ئامېرىكىنىڭ ھەر جەھەتتىن خورىشى خىتاينى تەيۋەن ۋە خەلقئارا مەسىللەردە تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ. يەنە كېلىپ خىتاي تەيۋەننى ئالمىسىمۇ ئامېرىكىنى ئاجىزلىتىۋەتسە بولدى. ئەسلىدىنلا تەيۋەننى ئېلىشىنىڭ مەخسەدلىرىنىڭ بىرىمۇ ئامېرىكىنى ئاجىزلىتىش.
ئۇنىڭ قولى بىلەن بۇنى باپلاش ۋە بىر چەتتە تۇرۇپ تاماششا كۆرۈش
Middle East Eye تورىغا مەسىلىدىن خەۋەردار ئۈچ نەپەر ئەمەلدارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ئىرانغا قوشۇمچە «مۇداپىئە» قوراللىرى بىلەن بىرگە «ھۇجۇم خاراكتېرلىك» قوراللارنىمۇ يەتكۈزۈپ بەرمەكتە. قورال يەتكۈزۈش ئەھۋالىدىن خەۋەردار بىر رايونلۇق ئاخبارات ئەمەلدارى بېيجىڭنىڭ ئىرانغا«ئاستا ئۇچار بومبا» (loitering munitions) ياكى كامىكازى درونلىرى، ھۇجۇم خاراكتېرلىك قوراللار شۇنداقلا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى دەلىللىگەن. خىتاي دۇنيادىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان زاپچاسلىرىنىڭ تەخمىنەن %80 نى تەمىنلەيدىغان بولۇپ، ھەتتا ھەم رۇسىيە ھەم ئۇكرائىنانىڭ تەمىنلىگۈچىسىدۇر، شۇڭا ئۇ ئىراننى تەييار كامىكازى درونلىرى بىلەن تېز سۈرئەتتە تەمىنلىيەلەيدۇ.
يەنە Middle East Eye نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇلتۇرقى ئىسرائىلىيە ۋە ئىران ئوتتۇرسىدىكى 12 كۈنلۈك ئۇرۇشتىن كېيىن، خىتاي ئىرانغا يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا باتارېيەلىرى بىلەن تەمىنلىگەن.بۇنىڭدىن سىرىت، ئىككى ئەرەب مەنبەسى ۋە بىر رايونلۇق ئاخبارات ئەمەلدارى خىتاينىڭ بۇلتۇر يازدىن بۇيان ئىراننى HQ-16 (قىزىل بايراق 红旗) ۋە HQ-17AE (قىزىل بايراق 红旗) قاتارلىق ھاۋا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ ھەپتە خىتاينڭ ئىرانغا CM-302 تىپلىق پاراخوتقا قارشى قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بېرىش ئۈچۈن سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. CM-302 پاراخوتتىن ۋە قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان بولۇپ، مۇساپىسى تەخمىنەن 290 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ قورال ئەرەب دېڭىزىدىكى ياكى ئىران قىرغاقلىرىغا يېقىن ئومان قولتۇقى ۋە پارس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا پاراخوتلىرىنى نىشانلىيالايدۇ.
رايونلۇق ئاخبارات مەنبەسى MEE غا ئىككى دۆلەتنىڭ يەنە ئىراننىڭ خىتاينىڭ DF-17 تىپلىق ئاۋازدىن تېز سىيرىلغۇچ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سېتىۋېلىش مەسىلىسىدە سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. گەرچە ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ مۇساپىسى ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما DF-17 نىڭ مانېۋىرچانلىقى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
يانۋارنىڭ بېشىدا ۋېنېسۇئېلادىكى سابىق رەھبەر نىكولاس مادۇروغا قارىتىلغان ھەربىي ھەركەتنىڭ تېز سۈرئەتتە غەلبە قىلىشى ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىراندىكى ھەربىي ھەركىتىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولىدىغانلىقىنغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى يەنى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئىراننى سەل چاغلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئېلىپ بارغان ھوجۇمى ئەسلىدە ئىنتايىن غەلبىلىك بولغان بولۇپ ئىراننىڭ ئالىي دىني داھىيسى ئەلى ھامېينىنىڭ ۋە نۇرغۇنلىغان يۇقىرى دەرىجىلىك مۇھىم ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈرگەن ئىدى. ئادەتتە بۇنداق ئەھۋالدا كۆپىنچە ھاكىمىيەتلەردە ئېغىر بۆلۈنۈش ۋە ئاجىزلاش بولىدۇ. ئەمما ئىران ياراتقان ھاكىمىيەت سىستىمىسى بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلىدى.
بۇ ھالەت ئەگەر نىشان ئىراندا ئىسلام ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بولسا، پەقەت ھاۋا كۈچىلا ھاكىمىيەتنىڭ يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. شۇڭا قۇرۇقلۇق ھەركىتى زۆرۈر بولۇپ كۆرۈنمەكتە. ئەمما قۇرۇقلۇق جېڭىدە ئىران ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنى قىين ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىشى مۇمكىن. چۈنكى قۇرۇقلۇقتا ئىران يالغۇز ئەمەس. ئىران ھەر خىل قوراللىق ھەركەتلەرنى ( بۇنىڭ ئىچىدە تېرورلۇقمۇ بار) پىلانلاش ۋە مالىيە بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن يىلىغا بىر مىليارد دوللاردىن ئارتۇق چىقىم قىلىدۇ. ئافغانىستان، غەززە، لىۋان، پاكىستان، سۈرىيە ۋە يەمەن قاتارلىق رايونلاردا « قۇددۇس قىسمى» بىلەن ھەمكارلىشىدىغان 140 مىڭدىن 185 مىڭغىچە شېرىك قوراللىق كۈچلەر مەۋجۇت.
ئىران «ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى» (IRGC) نىڭ خەلقئارالىق قانات قىسمى بولغان «قۇددۇس قىسمى» ئارقىلىق شىئە قوراللىق كۈچلىرىنى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىستراتىگىيسىگە پايدىلىق بولغان باشقا قوراللىق كۈچلەرنى داۋاملىق قوراللاندۇرۇش،تەربىيەلەش ۋە ئورۇشقا سېلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. مەزكۇر قىسىم سۈرىيەدىكى 100 مىڭدىن ئارتۇق شىئە جەڭچىسىنى تەربىيلىگەن ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى. شۇنداقلا ئىران پەلەستىن قوراللىق گۇرۇپپىسى بولغان «خاماس»نى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەربىي جەھەتتىن يۆلەپ ۋە تەربىيەلەپ كەلمەكتە. «قۇددۇس قىسمى» يەنە لىۋاندىكى ھىزبۇللاھنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى بولۇپ، بۇ گۇرۇپپىنى ئىلغار قوراللانغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە. يەمەندە بولسا ھۇسىي قوراللىقلىرىنى قوللاپ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى يەتكۈزۈپ بەردى، شۇنداقلا ئىراقتىمۇ شىئە قوراللىق گۇرۇپپىلىرى بىلەن ئالاقە باغلاپ ئۇلارنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بەردى.
يەنە بىر مۇھىم نۇقتا، بۇ ئۇرۇش ئىران ۋە ئۇنىڭ ۋەكىل كۈچلىرىگە شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە نىسبەتەن ئوخشىمايدىغان مەناغا ئىگە. ئىران تەرەپ كۈچلۈك رەقىبكە قارشى ھايات-ماماتلىق جەڭ قىلىدۇ. شۇڭا قاتتىق جەڭ قىلىشقا ۋە چوڭ بەدەل تۆلەشكە يېتەرلىك سەۋەبى بار. ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا تەرەپ بولسا دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارنىڭ بېسىملىرى تۈپەيلىدىن ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپ ئۆلۈپ كىتىشىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تەدبىر ئۆزلىرىگە قوراللىق ۋاكالەتچى قىسىم تېپىشى كېرەك. ئەمما ھازىرغىچە كۈرتلەر توغرۇلۇق بەزى گەپ سۆزلەر بولۇنغاندىن سىرىت ئەمەلىي ئىلگىرلەش يوق. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ 5000 ئەسكەرنى تەييارلاۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بار. ئەگەر ئىران بىلەن تىز سۈرەتتە ئۇرۇش توختاتماي قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىنى باشلاپ قالسا بۇ ئۇرۇش ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ. يەنە كېلىپ ئىران تۆت ئەتراپى تاغ بىلەن قورشالغان، دۆلەت ئىچىمۇ تاغلىق ۋە ئىگىزلىك يەر شەكىلىدىن تەركىب تاپقان دۆلەت بولۇپ سىرتتىن كىرىش ۋە ئىشغال قىلىش ئىنتايىن قىين. بۇ جەھەتتە يەر شەكىلى تۈپتۈز ئىراققا ھەرگىز ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭ ئۈستىگە ئىران ئون نەچچە يىللىق قانلىق ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەن تەجرىبىلىك ئەسكەرلەرگە ئېگە. يەنە كېلىپ بىۋاستە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئىستراتىگىيلىك پىلانلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش تەجىرىبىسىگە ئىگە ئەسكىرى قىسىم ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئالغاندا ئىران ئارمىيسى تالىبان ۋە ھېزىبۇللاھتىنمۇ كۆپ تەجرىبىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە ئۇرۇشنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشتە ئىلغار قورال ۋە ئسىتراتىگىيە مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئەمما يۇقىرىدىكى ئامىللارنى ئويلاشقاندا ئىران بۇرۇن ئامېرىكا ئۇرشۇپ باققان باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدۇ.
بۇ ئەھۋال خىتاي ئۈچۈن تولىمۇ ئىدىئال بىر پۇرسەتنى سۇنىدۇ. خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇشقا كىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق. (كىرسە ئامېرىكىنى يېڭەلمەيدۇ. ) ئەمما كىرمەي يەڭگىلى بولىدىغان ياخشى پۇرسەت توغۇلۇشى مۇمكىن. يەنى خىتاي مەبلەغنى ئىرانغا سالسا ئامېرىكىنى زور دەرىجىدە خورىتالايدۇ. ئىرانغا ئاشكارا ياكى مەخپى شەكىلدە (بۇنى چاشىيەن ئارقىلىق قىلالايدۇ) قورال سېتىپ بەرسە، سۈنئىي ھەمرا ياردىمى بىلەن تەمىنلىسە ۋە ئىقتىسادى ياردەم قىلسا يىتەرلىك. نەتىجىدە ئىران ئۇرۇشتا يەڭمىسىمۇ بولىدۇ. ھەتتا يېڭىلسىمۇ خىتاي يەنىلا يەڭگەن بولىدۇ. چۈنكى ئىران بۇ ئۇرۇشتا ئامېرىكىنى يېڭەلمەيدۇ. سەۋەب ئامېرىكا باشقا بىر قىتئەدە ۋە ئىراننىڭ بۇنداق كۈچى يوق. ئەمما ئامېرىكىنىڭمۇ ئىراننى يېڭەلىشى ناتايىن. ھازىرمۇ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ھوجۇملاردا غەلبە قىلىۋاتىدۇ. بۇنى كىم قانچىلىك زىيان تارتتى دېگەننى ھىسابلىسلا چىقىدۇ. ئەمما ھوجۇملاردا غەلبە قىلىش جەڭدە غەلبە قىلىشتىن دىرەك بەرمەيدۇ. ئامېرىكا ۋىيتنامدا ۋە ئافغانىستاندا ئاساسەن پۈتۈن ھوجۇملاردا غەلبە قىلدى. ئەمما قارشىسىدىكى رەقىبىنى يوق قىلالمىدى ۋە جەڭ مەيدانىنى تاشلاپ بېرىپ چىقىپ كەتتى. بۇنى خىتاي-ئامېرىكا رىقابىتگە تەدبىقلاشقىمۇ بولىدۇ. خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى ئۈچۈن ئامېرىكىنى جەڭدە يېڭىشى ھەتتا بىۋاستە ئۇرۇش قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئامېرىكىنىڭ كۈچىنى باشقىلارنىڭ قولى بىلەن خورىتىۋەتسىمۇ نەتىجە يەنىلا ئوخشاش. شۇڭا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىران ئۇرۇشىدىن ئەڭ كۆپ پايدا ئالىدىغان تەرەپ خىتاي بولىدۇ.
شۇڭا خىتاينىڭ ئىران ئىستراتىگىيىسى ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىش، ئىقتىسادىنى خورىتىش،قورال-ياراق زاپسىنى ئازايتىش ۋە خەلقئارالىق ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈش بولىدۇ. بىۋاستە ئۇرۇشقا كىرمىگەن خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى «تىنچلىقپەرۋەر» چوڭ دۆلەت بولىدۇ؛ ئىچكى جەھەتتە بولسا خۇددى ۋاڭيى بىر مىدىياغا ئىران ئۇرۇشى ھەققىدە سۆزلىگەندەك خىتايلار « دۇنيا ئۇرۇش-تالاش بىلەن تولغان، ئەمما بىز تىنچ ۋە بەخرامان دۆلەتتە ياشاۋاتىمىز» دەپ قارايدۇ ۋە خىتاي كومىنىست پارتيسىگە بولغان قوللىشى كۈچىيىدۇ. مانا بۇنىڭ بىلەن خىتاي «ھىچ ئىش قىلماي تۇرۇپ ھەممە ئىشنى قىلىپ بولىدۇ.»
ئەڭ ئاخىرىدا، ئىراننىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نىفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا خىتاي بىلەن بولغان سودا ھەجىمى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئىران ئۇرۇشى خىتاي ئىقتىسادى ئۈچۈن ئېغىر زەربە بولىدۇ دەپ قارىلىشى مۇمكىن. قىسقا مەزگىللىك ھەقىقەتەن شۇنداق بولىدۇ. ئەمما خىتاي بۇنىڭ ئورنىنى ناھايىتى تىزلا رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىراق، بىرازىلىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى،ئومان ۋە نىگىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نېفىتى بىلەن تولدۇرالايدۇ.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
- Bhole, O. (2023, July 7). China’s «partnerships» with the world. ORCA
- Hass, R., & Matthias, A. (2026, January 27). How is China positioning itself as Iran’s regime teeters? Brookings Institution
- Firstpost. (2026, February 28). West Asia plunges into war after Israel and the US bomb Iran | Vantage with Palki Sharma [Video]. YouTube
- Firstpost. (2026, March 6). Is the Pentagon running low on missiles? The numbers explained | Vantage with Palki Sharma [Video]. YouTube
- Aydogan, M. (2026, March 7). China weighing financial aid, weapons components for Iran amid war: Report. Anadolu Agency
- Kuang, W. (2026, March 8). ‘People confuse China’s policy’: Behind Russian, Chinese view on war in the Middle East. SBS News
- Saperstein, D. (2026, March 9). Iranian ships leave Chinese port with suspected missile fuel during war – report. The Jerusalem Post
- McCartney, M. (2026, March 11). Ships might be carrying Chinese missile material to Iran. Newsweek
- Atlantic Council. (2026, March 11). Twenty questions (and expert answers) about the Iran war
- Center for Preventive Action. (2026, March 13). Iran’s war with Israel and the United States. Global Conflict Tracker
- Defense Express. (2026, March 13). U.S. urgently pulling THAAD and Patriot air defense systems from South Korea — essentially a gift to Kim Jong Un
- Taiwan Talks. (2026, March 14). Iran War: What China is learning | Taiwan Talks EP792 [Video]. YouTube
- Firstpost. (2026, March 14). Why Iran’s proxy network isn’t joining the West Asia war | Vantage with Palki Sharma [Video]. YouTube

يىڭى يوللانغان ھەر يازمىنىڭ pdf نۇسخىسىنى يوللاپ قويسىڭىز، ئاللاھ رازى بولسۇن
بولىدۇ. ھەممىنى يوللاپ كىلىۋاتىمىز. پەقەت يازما ئېلان قىلىنىپ بىر -ئىككى كۈندىن كىين يوللاۋاتىمىز.