«ئىراننىڭ سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە تارىخى»
ئاپتورى: مەۋلان تەڭرىقۇت
تەييارلىغۇچى: ئۆتۈكەن سىياسەت تەتقىقات مەركىزى
ئىران تارىختىن بۇيان ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدە بەلگىلىك كۈچكە ئىگە بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ يېقىنقى زامان سىياسىي تارىخى قانداق يېزىلدى؟ پەھلەۋى سۇلالىسىنىڭ «غەربلىشىش» ئارزۇسىدىن خۇمەينىنىڭ «ئىسلام ئىنقىلابى» غىچە بولغان ئارىلىقتا ئىران خەلقى نېمىلەرنى باشتىن كەچۈردى؟ ئىراننىڭ تاشقى سىياسىتى قانداق قىلىپ خىيالىي ئىدېئولوگىيەدىن رېئال پىراگماتىزمغا ئۆزگەردى؟
بۇ ئەسەر ئىراننىڭ 1900-يىللاردىن تارتىپ تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە بولغان ئەگرى-توقاي سىياسىي مۇساپىسىنى ۋە مۇرەككەپ تاشقى سىياسىتىنى ئىخچام ئانالىز قىلىپ بېرىدۇ.
ئۆتۈكەن سىياسەت تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «ئىراننىڭ سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە تارىخى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى (PDF) نى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق.
