رەسىمنىڭ مەنبەسى: The Korean Times
خىتاينىڭ ئەنئەنۋى تاشقى سىياسەتلىرىنىڭ بىرى بولغان كوڭزىچە تاشقىي سىياسەت نەزەرىيەسىدە، خىتايغا تەھدىد شەكىللەندۈرۋاتقان قوشنىلىرى (خىتايچە تارىخى يازمىلاردا بۇلار ياۋايىلار يەنى 夷 دەپ ئاتىلىدۇ ) غا قارىتا ئۇرۇش ئېچىشنىڭ ئورنىغا ، خىتاي ئۆزىنىڭ گۈللىنىشى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئەخلاقىي ۋە پىسخولوگىيلىك ئۈستۈنلۈك قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق بۇ «ياۋايىلار» نى ئەل قىلىش تەرغىپ قىلىنىدۇ. يەنى بۇ ئىستراتىگىيە، خىتاينىڭ ئۆزگىچە مۇراسىملىرى، چىرايلىق يىپەكلىرى، ھەشەمەتلىك سارايلىرى، گۈللەنگەن تىجارىتى قاتارلىق بىر قاتار ئىچكى گۈللىنىش ئارقىلىق يات مىللەتلەرنىڭ قايىللىقىنى قوزغاش، ئۇنىڭدىن كىين خىتايدا تىجارەت قىلىش ئىمتىيازى بېرىش ئارقىلىق سىياسىي ۋە ئىقتىسادى ئۈستۈنلۈك قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنداق بولغاندا «ياۋايىلار» ھەم خىتاي بىلەن ئۇرۇشمايدۇ، چۈنكى ئۇرۇشسا سودىدىن كېلىدىغان مەنپەت قولىدىن كېتىدۇ؛ ھەم خىتايغا بېقىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۈچۈن مەنتىقلىق بولغىنى ھەربىي جەھەتتىن كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولسۇن خىتايغا قەرەللىك ھالدا زىيارەتكە بېرىپ، سوۋغا تەقدىم قىلىش ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە بەزى ئىقتىسادى مەنپەتلەرگە ئېرىشىش. خىتاي تارىخدىكى «ئولپان تۆلەش سىستېمىسى» مانا بۇ مەنتىقە ئۈستىگە قۇرۇلغان دىپلوماتىيە قائىدە-يۇسۇنى بولۇپ خىتايدىن كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن ئەللەر خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۈستۈنلىكىنى نامدا بولسىمۇ قوبۇل قىلغان.
زامانىۋى دۇنيادىمۇ، ئىشلار بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان شەكىلدە تەرەققىي قىلماقتا. بۇ يازمىدا ئاساسلىق ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئانالىز قىلىنىدۇ. ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسەتتە «ئارتۇق يۈكلەرنى تاشلىۋىتىش» سىياسىتى ياۋرۇپا دىپلوماتىيسىدە چۇڭقۇر ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. يەنە كېلىپ ئامېرىكىنىڭ گىرىنلاندىيەنى سېتىۋېلىشنى زورلاش ۋە تەھدىد سېلىش تەرقىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ئوخشاش بىر تەرەپلىمىلىك سىياسەتلىرى ياۋروپانىڭ ئامېرىكىغا بولغان «يېقىنلىق» تۇيغۇسىنى «خەتەرلىك بېقىندىلىق» قا ئايلاندۇرۇپ قويۇشنىڭ بىشارىتىنى بەرمەكتە. ياۋرۇپا پۈتۈن ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك ئىستراتىگىيەلىرىنى ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل «خىيانتى» نى ئاساس قىلىپ تۈزمەكتە ۋە «ئستراتېگىيەلىك ئاپتونومىيە» سىياسىتىنى، يەنى پۈتۈن مەسىللەردە ھىچبىر تەرەپنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماستىن مۇستەققىل سىياسەت يۈزگۈزۈشنى، شۇنداقلا ھەربىي ۋە پەن-تېخنكا جەھەتتىن ياۋرۇپانىڭ ئۆتمۈشتىكى شان-شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلماقتا. مەسىلەن 2026-يىلىدىكى «مىيونخىن بىخەتەرلىك يىغىنى» دا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن «ياۋروپانىڭ ئويغىنىشى»غا چاقىرىق قىلىپ، قىتئەنى ئالەم بوشلۇقى، ئاخبارات ۋە ھەربىي جەھەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون بولسا ياۋروپانى «چەتئەلگە تايانماستىن» ئۆز زېمىنى ۋە مەنپەئەتىنى قوغدىيالايدىغان «جۇغراپىيەلىك سىياسىي كۈچ»كە ئايلاندۇرۇش كېرەكلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمەلىيەتتە ياۋرۇپانىڭ بولۇپمۇ ئەسكىرى جەھەتتىن «جۇغراپىيەلىك سىياسىي كۈچ» كە ئايلىنىشنىڭ مۇھىملىقى رۇسىيە ئۇكرائىيناغا تاجاۋۇز قىلىشنى باشلىغاندا چۇڭقۇر ھىس قىلىنغان بولۇپ، ياۋروپا بۇ يېڭى ئىستراتىگىيسىگە ئاساسەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان مۇداپىئە چىقىمىنى تەخمىنەن %80 ئاشۇردى. مۆلچەرلىنىشىچە، ياۋروپانىڭ مۇداپىئە سېلىنمىسى پات يېقىندا ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ يېڭى خەۋپسىزلىك ئىستراتىگيسىنىڭ نىشانى ناتو (NATO) كۈنلۈكىگىلا تايانمايدىغان ئىشەنچلىك ئۆزئارا مۇداپىئە قىلىش ئىقتىدارىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.
ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا ئىچكى زىددىيەتلەر ۋە تاشقى سىياسەت كىرسىزلىرى بىلەن تىركىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ئۆزىنى كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيانىڭ مۇقىم قوغدىغۇچىسى قىلىپ كۆرسىتىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى سەۋىيەسىدىكى چەكلىمىلەرنى ئايلىنىپ ئۆتۈشكە ئاكتىپ قىزىقتۇرماقتا. شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ «يەر شارىنى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى» (GGI) ئارقىلىق، بېيجىڭ تەرىپىدىن ئامېرىكىنىڭ «رىئال كۈچ سىياسىتى» ۋە «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى» دەپ تەسۋىرلەنگەن ترامپچە ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىگە بىۋاسىتە تاللاش سۈپىتىدە «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى مەركەز قىلغان خەلقئارا سىستېما»نى تەرغىب قىلماقتا. خىتاينىڭ بازاراغا سېلىۋاتقان ئستراتېگىيەسى «ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەردە بولسىمۇ ئىناق ئۆتۈش» بولۇپ، بۇ سىياسىي تۈزۈمى ۋە قىممەت قارىشىدىكى پەرقلەرنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە «ھەقىقىي كۆپ تەرەپلىمىلىك» نى تەكىتلەيدۇ. خىتاينىڭ بۇ سىگىنالى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «يۈزسىز» تاشقى سىياسىتى بىلەن بىرلىشىپ، ئۆز ئىقتىسادىدىكى «خەتەرنى ئازايتىۋاتقان»، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي بازىرىغا كىرىش پۇرسىتىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقان بىر قىسىم ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەكتە. تېخى بىر يىلنىڭ ئالدىدىكى «سىستېملىق رەقىب» ھازىر «ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان ئىستراتىگىيلىك تاللاش» قا ئۆزگەردى. ياۋرۇپالىقلار خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشىنىڭ بىر قاتار خەترى بولسىمۇ، ھەمكارلاشقىلى بولىدىغان تەرەپلەردە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئامېرىكىدىن كەلگەن ۋە يەنە كېلىش ئىھتىماللىقى بولغان خەتەردىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشقا مەجبۇر بولماقتا.
يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي 1978-يىلىدىن باشلانغان تىز سۈرئەتلىك تەرەققىيات نەتىجىسىدە (ئۇيغۇر،تىبەت ۋە مۇڭغۇللار ياشايدىغان رايۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىسىمۇ) پۈتۈن خىتايدا ئۇمۇميۈزلۈك تەرەققىياتنى بارلىققا كەلتۈردى. ئەلۋەتتە، بۇ خىتايغىلا خاس ھادىسە بولماستىن پۈتۈن شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە بۇنداق بىر تەرەققىيات بارلىققا كەلدى. ئەمما بۇ تەرەققىياتنى تاشقى سىياسەتتە پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇش جەھەتتە، خىتاي يەنىلا باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا كۆپ ئالدىدا تۇرماقتا. يەنە كېلىپ خىتايدىكى ئىشلەپىقىرىشىنىڭ كۆلىمى چوڭ ۋە تۈرلىرى كۆپ ۋە تەرەققىياتى سىستېملىق بولىشى خىتايغا باشقا دۆلەتلەردىن ئالاھىدە پەرقلىق ھالەتكە ئېلىپ كەلدى. خىتاينىڭ ھەم ئىچكى بازىردىكى غايەت زور ئىستىمال، ھەم دۇنياۋى ئىشلەپچىقىرىشنى مونوپۇل قىلىۋېلىشى، شۇنداقلا خىتاينىڭ خەلقئارالىق تىجارەتتىكى ئۈستۈنلىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئاغزىغا قاراتماقتا. بۇنىڭدىن باشقا خىتايدىكى ئاساسىي ئۇل مۇئەسسەلەردىكى تەرەققىيات، مەسىلەن، ھەشەمەتلىك ئېگىز بىنالار، تۆمۈر يوللار، تىز سۈرەتلىك پويىزلار، قىينلىق دەرىجىسى ئالاھىدە يۇقىرى قۇرلۇشلار، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى چەتئەللىكلەرنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇرۇپ خىتايغا بولغان قايىللىقى ۋە ھەيرانلىقىنى قوزغىماقتا.
بۇنىڭ ئۈستىگە خىتايلار بۇ تەرەققىياتلارنىڭ خەلقئارالىق تەشۋىقاتىنى ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك قىلىپ ماڭماقتا. مەسىلەن، 2026-يىللىق خىتاي يېڭى يىلى (چاغان) دىكى ھەشەمەتلىك پروگراممىلاردا خىتاينىڭ ئەقىللىق روبوتلىرىنىڭ ئىنسانلارغا ئوخشاش قىين ھەركەتلەرنى قىلىشى سوسيال مېدىيا ۋاستىللىرى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلدى ۋە خىتاينىڭ بۇ روبوتلىرىنىڭ سەۋىيەسى دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا دەپ قارالدى. بۇنىڭدىن باشقا خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايلىق ۋە چەتئەللىك سوسيال مېدىيا چولپانلىرىنى ئىشلتىش ئارقىلىق خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن دۇنياغا ئۇلار چۈشىندىغان شەكىلدە تارقاتماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلىشىپ خىتاينىڭ دۆلەت سىستىمسىنىڭ دىكتاتۇرلىقى ۋە ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ۋە خۇڭكۇڭلۇقلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇم ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرۈنمەس ياكى كۆرۈنسىمۇ «تىلغا ئالمىسا ئوبدانراق بولىدىغان» مەسىلىگە ئايلاندۇرۇپ قويماقتا. يەنى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەنئەنىۋى خىتاي تاشقى سىياسەت ئەندىزىسىدە يۈز بەرگەندەك، خىتاينىڭ ئىقتىساد، پەن-تېخنكا ۋە ھەربىي جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشى خىتاينىڭ سىرتىدىكى « ياۋايىلار» نىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇرماقتا ۋە خىتايغا بولغان قايىللىقىنى ئاشۇرماقتا. خىتايدىكى تىجارەت پۇرسىتى، ئەينەن قەدىمكى زاماندىكىسىگە ئوخشاش، «ياۋايىلار» نىڭ تۈركۈم -تۈركۈملەپ خىتايغا ئېىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
«ئەسىرلىك نۇمۇس» تىن «ئولپان تۈزۈمى» نىڭ ئەسلىگە كېلىشىگىچە
2025-يىلى دېكابىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ، ئېممانۇئېل ماكرون، مارك كارنىي، كېيىر ستارمېر ۋە كەم دېگەندە يەنە بەش چەتئەل رەھبىرى بېيجىڭغا زىيارەتكە باردى. بۇ ئاي ئىچىدە يەنە گېرمانىيە باش ۋەزىرى فىرىدرىخ مېرز ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ماڭىدۇ. بۇ «رەھبەرلەر دولقۇنى»دىكى ئەڭ دىققەتكە سازاۋەر نۇقتا ئۇلارنىڭ سانى ئەمەس، بەلكى كىملىكىدۇر. يەنى يېقىنقى نەچچە ئايدا خىتايغا بارغان ئالتە زىيارەتچى ( فرانسىيە، كانادا، ئەنگلىيە، فىنلاندىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە گېرمانىيە رەھبەرلىرى) بىر مۇھىم ئورتاقلىققا ئىگە: ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ رەسمىي ئىتتىپاقداشلىرىدۇر.
ترامپ تۈپەيلى مالىمانچىلىققا پاتقان دۇنيادا، ئامېرىكىنىڭ شېرىكلىرى ئامېرىكىنىڭ باش رەقىبى بولغان خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا مۇناسىۋەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە. ئۇلار ئۈچۈن بۇ چارىسىزلىكتىن كېلىپ چىققان ئىنتايىن مەنتىقلىق بولغان دىپلوماتىك «كۆپ خىللاشتۇرۇش» قا ئايلانماقتا. ئەمما خۇددى غەرب رەھبەرلىرىنىڭ زىيارەت دولقۇنىنى تەنقىدلىگۈچىلەرنىڭ قارىشىغا ئوخشاش بۇ زىيارەتلەر غەرب دۆلەتلىرىگە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىشتىن بەكرەك خىتايغا بولغان بېقىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا ۋە خىتاينىڭ خەلقئارا سەھىنىدىكى كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولماقتا. خىتاينىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىغاندا، بۇ تېخىمۇ زور بىر بۆسۈشتۇر. ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى خىتاي بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈش ياكى كەم دېگەندە خەتەرنى ئازايتىش ئۈچۈن ھەركەت قىلاتتى. مەسىلەن،ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنئەنىۋى جەھەتتە خىتايغا قارىتا ئېھتىياتچان مەيداندا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ پوزىتسىيە 2019-يىلى ئېلان قىلىنغان «ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك ئىستىقبالى»دا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، ئۇ يەردە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى «شېرىكلىك، رىقابەت ۋە سىستېمىلىق رەقىبلىك» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن. ئەمما خىتاي ئۆزىنى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «شەخسىيەتچى» ۋە «تەخمىن قىلغىلى بولمايدىغان» سىياسىتىگە سېلىشتۇرغاندا، مۇقىم ۋە ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان شېرىك سۈپىتىدە نامايان قىلغاندىن كېيىن ھازىر بۇنداق بىر يۈزلىنىش قالمىدى. خىتاي بولسا بۇ يېڭى ھالەت ئۈچۈن تەنتەنە قىلماقتا.
خىتاي بۇ زىيارەتلەردە ياۋروپا ئىتتىپاقى سەۋىيەسىدىكى ئورگانلارنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئىككى تەرەپلىك ئالاقە باغلاش ئىستراتېگىيەسىنى قوللانماقتا. خىتاي، ئۆزىنىڭ ئىچكى سىياسىتىدە بىرلىك خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنىڭ جان تومورى دەپ شۇئار توۋلىسىمۇ، تاشقى سىياسەتتە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى قاتارلىق ئىتتىپاقلارنى مۇستەققىل ھەركەت قىلمىدى، دۆلەتنىڭ مەنپەتىنى ئاساس قىلىپ ھەركەت قىلىشى كېرەك، دەپ بىر تەرەپتىن زاڭلىق قىلغان بولىۋالىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن مۇستەققىل ھەركەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. بۇ مەنتىقە بىلەن 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىدا فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون زىيارەتكە كەلگەندە، سۆھبەت خىتاي-فرانسىيە ئومۇميۈزلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە مەركەزلىشىپ، «ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىق» ۋە «كۆپ تەرەپلىمىلىك»تىن ئىبارەت ئورتاق نىشانلارنى تەكىتلىدى. ماكرون خىتايدا ئۈچ كۈن زىيارەتتە بولغاندا خىتاي ئۇنى رەسمىي مۇراسىم بىلەن ئىززەت-ھۆرمىتى قىلغان ھالدا كۈتۈۋالدى. دىققەتكە قىلشىقا ئەرزىيدىغان نۇقتا شۇكى، ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن بۇ ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلىنمىدى، بۇ خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرىدىن كۆرە، ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئايرىم ئالاقە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىدىن ئېنىق سىگنال بەردى. يەنە مەسىلەن 2026-يىلى 27-يانۋار فىنلاندىيە باش مىنىستىرى پېتتېرى ئورپو خىتاينى زىيارەت قىلغاندا خىتاي سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ فىنلاندىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى چەكلىمە خاراكتېرلىك سودا ۋە ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى ھەددىدىن زىيادە قوللىنىشتىن ئاگاھلاندۇرۇشقا چاقىردى. ئۇ يەنە قوغدىنىش پسىخىكىسىغا قارشى تۇرۇشقا ۋە ياۋروپادا تىجارەت قىلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى ئۈچۈن ئادىل، ئوچۇق ۋە مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان سودا مۇھىتى يارىتىشقا ئۈندىدى.
خىتاينىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقى سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىللىرىنىڭ بىرى ياۋرۇپانىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشتۇر، ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن باشتا ياۋروپا گۇرۇھى ئىچىدە خىتاينىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى يېتىشتۈرۈش چىقىش ئىستراتىگيسىنى قوللانماقتا. خىتاينىڭ بۇ غەرىزى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى فرانسىيە، سېربىيە ۋە ۋېنگىرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا زىيارىتىدە ئېنىق كۆرۈلدى. بۇ زىيارەتتىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا ھەرگىزمۇ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ لىدىر دۆلىتى فرانسىيەگە قىلىنغان زىيارەت ئەمەس بەلكى سېربىيە ۋە ۋېنگىرىيە زىيارىتىدۇر. چۈنكى خىتاي ئەسلى بەرمەكچى بولغان سىگنالنى بۇ ئىككى دۆلەتنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق بەردى. سېربىيە ياۋرۇپادىكى تولىمۇ ئادەتتىكى ۋە غەلىتە دۆلەت بولۇپ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەمەس، شۇنداقلا بەك تەرەققىي قىلغان باي دۆلەتمۇ ئەمەس. ئەمما بۇ دۆلەت خىتاينىڭ بۇ قىتئەدىكى ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىسىدۇر. كوسوۋو ئۇرۇشى قاتارلىق تارىخى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس. ۋېنگىرىيە بولسا ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا، ئەمما ياۋرۇپانىڭ بېشىنى كۆپ ئاغرىتىدىغان دۆلەت. ۋېنگىرىيەدىكى ئوربان ھۆكۈمىتى رۇسپەرەس ھۆكۈمەت بولۇپ ئوكرائىينا ئۇرۇشىدا باشتىن ئاخىرى رۇسىيەگە يول قويۇش ھەققىدە ۋائىزلىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ خىتايغا بولغان كۆز قارىشىمۇ ئىجابى بولۇپ ياۋرۇپادىكى باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا خىتاي تەھدىدىگە قارشى ھۇشيار ئەمەس، ياكى ھوشيارلىقىنىڭ كېرىكى يوق دەپ قارايدۇ. شى جىنپىڭ مانا بۇ ئىككى خىتايپەرەس دۆلەتنى زىيارەت قىلىش ئارقلىق، ياۋرۇپا ئىتتىپاق ۋىزىيونىدىن ئۇزاق تۇردىغان ۋە خىتايغا ئىجابى قارايدىغانلارغا ئالاھىدە ئىمىتىياز بېرىدىغانلىقى سېگىنالىنى بەردى.
يېقىنقى زىيارەت دولقۇنىغا قايتىپ كەلسەك، شى جىنپىڭ خىتايغا زىيارەتكە كەلگەن ھەر بىر غەرب لىدىرلىرىغا «ب د ت نى مەركەز قىلغان خەلقئارا سىستېما» ۋە خىتاي ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان «يەرشارىۋى باشقۇرۇش تەشەببۇسى»نى تەكىتلەپ، خىتاينى ئامېرىكا يولغا قويغان كۈچ دىپلوماتىيەسى ۋە بىر تەرەپلىمىلىككە قارشى تۇرىدىغان ھەقىقىي كۆپ تەرەپلىمىلىكنىڭ قوغدىغۇچىسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىمەكتە. خىتاي بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى مۇستەھكەملىمەكتە ۋە ئامېرىكىنىڭ «قورشاۋغا ئېلىش» تىرىشچانلىقىغا قارىماي، دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ يەنىلا خىتايغا چوڭقۇر باغلانغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.
شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، غەرب رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي زىيارەت دولقۇنى بىلەنلا ئۇلار خىتاينىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ كەتمەيدۇ، شۇنداقلا ھەممىدە خىتاينىڭ دېگىنى ھىساب بولۇپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئەزا دۆلەتلەرنى مۇستەققىل ھالدا خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشىگە قارىماي، بىرلىك ئىچىدە ھەركەت قىلماقتا، شۇنداقلا خىتاي بىلەن بولغان سودا كېلىشىملىرىدە خىتايغا يول قويمايۋاتقان نۇرغۇن تەرەپلەر مەۋجۇت. ئەمما بۇ دۆلەتلەر بىر تەرەپتىن خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقىلى بولىدىغان ساھەلەر ھەققىدە ئاكتىپ ئىزدەنمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي زىيارەتكە كەلگەن رەھبەرلەردىن تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت تەلەپ قىلمسىمۇ زىيارەتلەرنىڭ سىمۋوللۇق قىممىتى يېتەرلىكتۇر. چۈنكى بۇ ئىككى تەرەپلىك زىيارەتلەر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا خىتاينىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى تۆۋەنلىگەنلىكى ھەققىدە كۈچلۈك سىگنال بېرىدۇ. يەنە كېلىپ خىتاي ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاش ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەردىن تەيۋەن مەسىلىسىدە خىتاينى قوللاشنى تەلەپ قىلالايدۇ. مەسىلەن، 2026-يىلى 5-يانۋارئېرلاندىيە باش مىنىستىرى مارتىن خىتايغا زىيارەتكە كەلگەندە ئېرلاندىيەنىڭ «بىر خىتاي» سىياسىتىگە بولغان ۋەدىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن ۋە خىتاينى خەلقئارا ئىشلاردىكى كەم بولسا بولمايدىغان بىر كۈچ دەپ تەسۋىرلىگەن.
يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولسا، بۇ دۆلەتلەر ئىلگىرى خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى تەمىنلەش زەنجىرىدىن چىقىرىپ تاشلاشنى ئۈمىد قىلغان دۆلەتلەر ئىدى ۋە بۇلار بىلەن مۇناسىۋەتنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ ئۆزىلا بىر ئەمەلىي ئىلگىرىلەشتۇر. مەسىلەن كانادا بۇرۇن «ئۇيغۇر قۇل ئىشچىلىقى» ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن خىتاي بىلەن تىجارەتتە مۇساپە ساقلاپ كەلگەن ئىدى. ئامېرىكىنىڭ تەھدىد سېلىشى بىلەن خىتايغا يېقىنلاشتى ۋە خىتاينىڭ ئېلېكترونلۇق ماشىنىلىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى كەسكىن تۆۋەنلەتتى. يەنە كېلىپ بۇ دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ئۆتۈش ئارقلىق ئۇلارنىڭ خىتايغا تېخنىكا ئىمبارگوسى قويۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ۋە بۇ خىتايغا ئۆزىنىڭ تېخنىكا ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بوشلۇق ۋە ۋاقىت يارىتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ يېشىل تېخنىكا شىركەتلىرى تاموژنا بېجى ئۇرۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن غەربتە قۇراشتۇرۇش زاۋۇتلىرىنى قۇرۇشنى ئۈمىد قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب رەھبەرلىرىگە مۇۋاپىق سودا ئىمتىيازى بېرىش ئارقلىق غەربتە بۇنداق زاۋۇتلارنى قۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن. مەسىلەن ھازىر خىتاينىڭ توكلۇق ماشىنا ماگناتى BYD نىڭ تۈركىيە ۋە ۋىنگىرىيەدە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بار ياكى قۇرۇلىۋاتىدۇ. كۆپلىگەن خىتاي ئىستراتىگىيچىلىرى خىتاينىڭ سەۋرچان بولسا، ئاخىرىدا دۇنيانىڭ قالغان قىسمىنى خىتاينىڭ ئامېرىكىغا ئوخشىمايدىغانلىقىغا، ئۇلارغا مۇقىملىق ۋە گۈللىنىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا قايىل قىلالايدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇ.
بۇ زىيارەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى تېخمۇ چوڭ. بۇ خىتايلارنىڭ مىللى ئىپتىخارىنى ۋە خىتاي مىللەتچىلىكىنى كۈچەيتىدۇ. خىتايلار 1840-يىلىدىن 1949- يىلىغىچە بولغان دەۋرنى «ئەسىرلىك نۇمۇس» دەپ ئاتايدۇ، ۋە بۇنى خىتاي خەلقنىڭ تارىختىكى ئەڭ ئېزىلگەن ۋە ئەڭ نۇمۇس قىلارلىق دەۋرلىرىنىڭ بىرى دەپ قارايدۇ. بۇ دەۋردە خىتاينى بۇ خىل تۇيغۇغا ئېلىپ كەلگىنى دەل ھازىر خىتاينى بەس-بەستە زىيارەت قىلىۋاتقان ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، گىرمانىيە، رۇسىيە، پورتىگالىيە، ئىتالىيە دېگەندەك غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادى كۈچى ئىدى. (ئەلۋەتتە ئامېرىكا ۋە ياپۇنىيەمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە بار ئىدى). شۇ چاغلاردا خىتايلار غەرب دۆلەتلىرىدىن ئۇ قەدەر قورقۇيتىكى،ۋەزىر لى خۇڭجاڭ «غەرب بىلەن تۇتۇشۇپ قېلىشنى يەڭگىللىك بىلەن تىلغا ئالغىلى بولمايدۇ» دەپ چىڭ سۇلالسىنى ئۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا قايىل قىلىشقا تېرىشاتتى، نەتىجىدە ھۆكۈمەت بارلىق تەڭسىز شەرتنامىلەرگە ماقۇل بولاتتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن ئىككى دۇنيا ئۇرۇشى بىلەن خىتايلارنىڭ چوڭ كۈچلەر ئالدىدىكى ئىلاجسىزلىقى ۋە بوزەك بولۇشى خىتاي خەلقنىڭ ئېڭغا ئورناپ كەتكەن. بۇنى خىتاينىڭ تارىخ كىتابلىرىدىن ۋە خىتاي مۇتەخەسىسلەرنىڭ يازغان ماقاللىرىدىنمۇ كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. خىتايلار ئىزچىل تۈردە بۇ ئار- نۇمۇسنى يۇيۇشنىڭ يولىنى ئىزلەپ كېلىۋاتىدۇ . ھازىر خىتاي دۇنيانىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. «گلوبال جەنۇپ» دەپ ئاتالغان نۇرغۇنلىغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ رەھبىرىگە ئايلاندى. تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسى خىتاينىڭ گىئو-پولىتىك تەسىر دائىرىسى ئىچىگە كىردى. ھەممىدىن دىققەت تارتىدىغىنى،1840-يىلى خىتاينى نەنجىڭ شەرتنامسىگە مەجبۇرى ئىمزالاتقۇزۇش ئارقىلىق بۇ «ئەسىرلىك نۇمۇس» نى باشلاپ بەرگەن دۆلەت «كۈن پاتماس ئېمپېرىيە» دەپ نام ئالغان ئەنگىلىيە ئىدى. مانا بۇ ئەنگىلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كېر سىتارمىر 2026-يىلى خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، شى جىنپىڭ قاتارلىق خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ قارشىسىدا سەمىمىيتى بىلەن ئوچۇق قىلىپ خىتاينىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ئىتراپ قىلىدى ، خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا مەدھىيەلەر ئوقۇدى ۋە سوسيال مېدىيا ھىسابىدا خىتايغا بولغان قايللىقىنى ئىپادىلىدى. (ئەنگىلىيە ۋە خىتاي ۋەكىللىرى قارىمۇ-قارشى ئولتۇرغان ئۇزۇن دىپلوماتىيە ئۈستىلىدىكى سىتارمىر ۋە شى جىنپىڭنىڭ بەدەن تىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخمۇ ئىنچىكە چۈشەندۈرۈپ بېرىشى مۇمكىن). ئەنگلىيەدىكى ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن بۇ زىيارەت خىتايغا «تازىم قىلىش» (kowtow) دەپ تەسۋىرلەندى. بۇ زىيارەتنىڭ نەتىجىسىدە، كۆپ قارشى تۇرۇشقا ئۇچراپ كەلگەن خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە گىگانت يېڭى ئەلچىخانا قۇرۇش ئىشى ئەمەلگە ئاشتى.
باشقا غەرب لىدىرلىرىمۇ ئوخشاشلا خىتاينىڭ ئۈستۈنلىكىنى قوبۇل قىلشتى. 100 يىل ئىلگىرى توپ-زەمبىرەكلىرى بىلەن خىتايغا تەھدىد سالغىلى كەلگەن 10 نەچچە دۆلەت، 100 يىل كېيىن خىتاينىڭ قارشىسىدا مۇلايىملارچە مەنپەت تەلەپ قىلىپ ئولتۇردى. بۇ كۆرىنىشىنى كۆرگەن خىتاي خەلقى خىتاي كومىنىست پارتىيسى نەقەدەر دىكتاتۇر بولسۇن رەھمەت ئېيتماي تۇرالمايدۇ. (يەنە كېلىپ خىتاينىڭ خىتاي خەلقىگە قانچىلىك دىكتاتۇر ئىكەنلىكىمۇ ئايرىم مۇنازىرە تېمىسىدۇر. يەنى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر قىلىنغان مۇئامىللەرنى خىتاي خەلقىگە قىلمايدۇ.) بۇ تەبئىي ھالدا خىتاي ھاكىميتىنىڭ خىتاي خەلقنىڭ نەزىرىدىكى قانۇنىيلىقىنى كۈچەيتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ھاكىمىيەت ئۇلى تېخىمۇ چىڭ بولىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا بۇ «لىدىرلار دولقۇنى» نىڭ خىتايغا قاراپ ئېقىشى خىتاينىڭ ھەم خەلقئارا سەھنىدىكى ئوبرازىنى كۈچەيتىدۇ، ھەم ئىچىدىكى جەھەتتە خىتاينىڭ مەشرۇئىيتىنى ئاشۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋلدا غەربلىك بەزى تەتقىقاتچىلار دەپ كېلىۋاتقان خىتاي خەلقى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمتىگە نارازى دېگەن قاراش چەك باسمايدۇ. كۆپچىلىك خىتاي خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتىن رازى، شۇنداقلا خىتاي داۋاملىق ئىقتىسادى جەھەتتىن كۈچلۈك ۋە خەلقئارا سەھنىدە يۈز-ئابرويلۇق بولدىكەن، خىتاي خەلقىدىكى بۇ رازىمەنلىك ۋە خىتاي كومىنىسىت ھاكىمىيتىگە بولغان قوللاش داۋام قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا خىتاي رەھبەرلىرى ترامپقا چۇڭقۇر رەھمەت ئيېتىسا بولىدۇ.
خۇلاسىلىگەندە، خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولغان فىرانسىيە، ئەنگلىيە، گىرمانىيە، فىنلاندىيە، كانادا،ئېرلاندىيە… قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كۈتۈۋېلىپ، ئۆزىنىڭ يەر شارى ئىشلىرىدىكى «كەم بولسا بولمايدىغان ئاكتىپ كۈچ» ۋە «تىنچلىقنىڭ كۈچلۈك تىرىكى» ئىكەنلىكى ئىماژىنى ياراتماقتا ۋە بۇنى بىر گىئو-پولىتىكىلىق قورال قىلىپ ئىشلەتمەكتە. مۇھىت مەسىلىسى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولىۋاتقان تارىخى شارائىتتا خىتاي توكلۇق ماشىنا، شامال ئېنىرگىيىسى قاتارلىق قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ساھەلىرىدە دۇنيانىڭ يىتەكچى دۆلىتىگە ئايلاندى. بۇ يىتەكچىلىك كۈچىگە يەنە 5G ئىنتېرنىت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىمۇ قوشۇشقا بولىدۇ. خىتاي ئۆزىنى سودا ۋە دۇنياۋى كىلىمات مەسىلىسىدىكى مۇھىم دۆلەت ۋە ئىشەنچلىك شېرىك قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ «تىنچلىقتا ئىلگىرىلىشى» نى تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «شەخسىيەتچى»، «بىكىنمچى»، «قالايىمىقانچىلىق» ۋە «توقۇنۇش چىقىردىغان» سىياسىتىگە سېلىشتۇرما قىلىش ئارقىلىق خەلقئارالىق كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تېرىشماقتا. 2026-يىللىق ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدا، ۋاڭ يى خەلقئارا سىستېمىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ب د ت سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى «بەزى دۆلەتلەر»نىڭ (ئامېرىكىنى كۆزدە تۇتىدۇ) «ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇشى» ۋە «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىنى قوزغاشقا ئۇرۇنۇشى» سەۋەبىدىن بولۇۋاتىدۇ، دەپ تەكىتلىدى. خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە سۇنىۋاتقىنى بولسا، دۆلەتلەر خىتاي بەلگىلىگەن «ھەقىقىي كۆپ تەرەپلىمىلىك» رامكىسى ئىچىدە ھەرىكەت قىلسا، «كىچىك ۋە ئوتتۇراھال دۆلەتلەر» باراۋەر سۆز ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىغان كۆپ قۇتۇپلىق دۇنيادۇر. خىتاي بۇنىڭغا «ئوخشاشلىق بولمىغان ماسلىشىش» دەپ ئىسىم قويغان بولۇپ، جەمئىيەت سىستېمىسى ۋە قىممەت قاراشتىكى پەرقلەرنىڭ ھەمكارلىققا توسالغۇ بولماسلىقىدەك بىر دۇنياۋى ۋىزىيوننى ئوتتۇرىغا قويماقتا. شۇنداقلا غەرب رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي زىيارەتلىرىنى، ئۆز شەرتلىرى ئاستىدا كاپىتالىستىك دېموكراتىيە ئەللىرى بىلەن «ماسلىشىش» قا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنىڭ ناماياندىسى قىلىپ سۇنماقتا.
خىتاي ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنشى، ھەربىي ۋە پەن تېخنىكا كۈچىنىڭ ئېشىشى شۇنداقلا خەلقئارا سەھىنىدە (ئەسلى ئۆزى ماھىيەت جەھەتتىن ئۇنداق بولمىسمۇ) پىرىنىسپ ۋە قائىدىلەرنى تەكىتلەيدىغان، ھەممە بىلەن ئىناق ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان دۆلەت بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنى خىتاي تەرەپكە تارتماقتا. خۇددى خىتاي پادىشاھلىرى قەدىمكى زاماندا سارىيىدىن چىقماي ھەر قايسى «ياۋايى» ئەللەرنىڭ لىدىرلىرىنى كۈتىۋالغاندەك، ھازىر شى جىنپىڭ جۇڭنەنخەيدىن چىقماي دۇنيانىڭ ھەر قايسى رايۇنلىرىدىن كەلگەن دۆلەت باشلىقلىرىنى كۈتىۋالماقتا. خۇددى خىتاي پادىشاھلىرى «ياۋايىلارغا» خىتايدا تىجارەت قىلىش پۇرسىتى بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى قوبۇل قىلدۇرغاندەك، شى جىنپىڭ كۈنىمىزدىكى زامانىۋى «ياۋايى» ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرىگە ئىقتىسادى مەنپەت بېرىش ئارقلىق خىتاينىڭ ئۈستۈنلۈكىنى قوبۇل قىلدۇرماقتا. ئەلۋەتتە بۇ زامانىۋى «ياۋايىلار» يالغۇز ياۋرۇپالىقلارلا ئەمەس، بۇلار خىتاينىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ئەڭ ئاخىرىدا قوبۇل قىلغان «ياۋايىلار» دۇر. شەرقىي جەنۇنىي ئاسىيالىق، ئافرىقىلىق، مۇسۇلمان ۋە تۈرك «ياۋايىلار» خېلى بۇرۇنلا خىتاينىڭ ئۈستۈنلۈكىنى قوبۇل قىلىپ بولغان ۋە خىتاينىڭ «يېڭى ئولپان سىستىمىسى» نىڭ ئىچىگە كىرىپ بولغان ئىدى.
ئاخىرىدا، خىتاينىڭ بۇ خىل پۈتۈن ئوخشىماسلىقلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ھەمكارلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىشى، ئەسلى ئامېرىكا قۇرۇپ چىققان ب د ت نىڭ پىرىنسىپلىرى بويىچە ھەركەت قىلىشنى، شۇنداقلا غەرب لىبرالىمزىنىڭ مىۋىسى بولغان دۇنياۋى سودىنى كۈچەپ تەرغىپ قىلىشى خىتاينىڭ ھەقىقەتەن بۇ قىممەت قاراشلارغا ئېگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ھەم ئەنئەنىۋى دۆلەت باشقۇرۇش پەلسەپىسىگە، ھەم خىتاي كومىنىست پارتىسىيىنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلىغا زىت. يەنە كېلىپ خىتاي خەلقئارا سەھىنىدە ئۆزىنى ئىدىئولوگىيسى ۋە دۆلەت سىسىتىمىسى نېمە بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىنى قۇچاقلايدىغان تىنچلىقپەرۋەر ئاكتىيور قىلىپ سۇنۇشى ئۇنىڭ دۆلەت ئىچى سىياسىتىنىڭ تامامەن زىتىدۇر. پەقەت خىتاي خەلقئارا سەھنىدە بۇ خىل سىياسەتتىن مەنپەتكە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى كۈچەپ تەرغىپ قىلماقتا.
ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن شەخسيەتچى ۋە يۈزسىزلىكىنىڭ ئەلۋەتتە سەۋەبى بار. ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك كەلگۈسىدە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەتى ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى ئېلۋالماسلىقى ئۈچۈن پايدىسى بار. ئەمما قىسقا بىر مەزگىل خىتاي خەلقئارا سەھنىنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىلىگۈچى كۈچلەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشنىڭ ئىھتىماللىقى ناھايىتى كۈچلۈك. بۇنداق ئەھۋالدا غەرب دىمكراتىك دۆلەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىچىكى سىياسىتى، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيتى ۋە ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدە گەپ قىلىش ئىھتىماللىقى تۆۋەن بولىدۇ ياكى تىلغا ئالسىمۇ ئىجرا قىلدۇرۇش كۈچى بولمايدۇ. ئەمدىكى ئۇيغۇرلاردىكى مەسىلە، مانا بۇ تارىخى شارائىتتا نېمە قىلىش كېرەك؟ ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ كۈچى قانچىلىك ۋە بۇ كۈچى بىلەن نېمە قىلغىلى بولىدۇ ؟ دېگەندىن ئىبارەتتۇر.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
- Janardhanan, V. (2026, January 21). Davos 2026 is also about US-China rivalry in geopolitics, trade and tech. And China is quietly winning. WION
- China Briefing Team. (2026, January 28). EU-China relations after the 2024 European elections: A timeline. China Briefing
- The Economist. (2026, February 12). What China is really up to in the Arctic
- NATO News. (2026, February 13). NATO Secretary General doorstep at the Munich Security Conference, 13 FEB 2026 [Video]. YouTube
- The Economist. (2026, February 14). America offers Europe warmer words, but a deep chill remains
- Times Now World. (2026, February 14). ‘Western Civilization Is Under Threat’ | Rubio Alarms MSC 2026 Munich Security Conference [Video]. YouTube
- Munich Security Conference. (2026, February). China in the World | Main Stage I [Video]. YouTube
- BR24. (2026, February). China’s foreign minister Wang Yi answers questions about Ukraine and Taiwan | MSC 2026 [Video]. YouTube
- BR24. (2026, February). Macron: Message of hope and determination at the Munich Security Conference | MSC 2026 [Video]. YouTube
- BR24. (2026, February). Von der Leyen: Appeal to Europe to Take Responsibility for Its Own Security | MSC 2026 [Video]. YouTube
- The Economist. (2026, February 16). Why American allies are flocking to see Xi Jinping in Beijing
- The Economist. (2026, February 19). How Germany fell out of love with China
