2 thoughts on “ترامپنىڭ يېڭىلىش دەستۇرى ۋە ئىران ئۇرۇشى

  1. بىر غايەت چوڭ دۆلەتنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسەتلىرىنىڭ 100، 200 يىلىق زور ستراتېگىيە بويىچە بولىدىغانلىقى، قارارلارنىڭ بىرەر پرېزىدېنتنىڭ ئالمىشىشى بىلەنلا ئۆزگىرىپ كەتمەيدىغانلىقىنى كۆپ ئاڭلايتتۇق.
    ترامپنىڭ قىلغان ئىشلىرى كىشىگە ئامېرىكىنىڭ سىياسەتلىرى خۇددى پرېزىدېنتنىڭ دېگىنى بويىچىلا بولۇپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن. سىزگە سوئالىم:
    ترامپنىڭ قىلغان ئىشلىرى نۇقۇل ھالدا ئۇ ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئورتاق قارارى بولامدۇ ياكى دۆلەت سىتراتېگىيىسى ئۈچۈن پىلان، پروجەكتلەرنى سۇنۇدىغان ئاقىللار ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى بولامدۇ؟
    ئامېرىكىدەك ئۈچ چوڭ ھوقۇق بىر-بىرىدىن ئايرىلغان ۋە بىر-بىرىنى چەكلىيەلەيدىغان زامانىۋى دۆلەتتە (توغرىسى ئىمپىرىيەدە) ترامپنىڭ ئاشۇ سىز دەۋاتقان دۆلىتىگە زىيانلىق سىياسەت، قارارلىرى نېمە ئۈچۈن چەكلىمىلىككە ئۇچرىمايدۇ؟ مۇمكىن بولسا مۇشۇ توغرىسىدا تەپسىلىي يېزىلغان ماقالىڭىز بولسا، ئادرېسىنى كۆرسىتىپ قويسىڭىز ياكى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز. بىزدەك سىياسىي سەۋىيەسى تۆۋەن كىشىلەر چۈشىنىۋالغان بولساق.

    1. ئالدى بىلەن ئىنكاسىڭىزغا بەكلا كېچىكىپ جاۋاپ يازغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈر سورايمەن. ئاندىن ئۆزىڭىز ئۈچۈن سىياسىي سەۋىيەسى تۆۋەن دېگەن گەپنى ئىشلىتىشىڭىزنى توغرا دەپ قارىمايمەن:))

      سۇئالىڭىزغا كەلسەك، ئۇ توغرۇلۇق يېزىلغان ماقالەم يوق. ئەمما ئامېرىكىدا پىرزدىنتنىڭ ھوقۇقى قانچىلىك بولىدۇ دېگەننىڭ جاۋابىنى توردىن تاپالايسىز. بەلكىم شۇ يەردە بەزى سۇئاللىرىڭىزنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن.

      مېنىڭ ھازىرغىچە ھىس قىلغانلىرىم، ھىچقانداق دۆلەتنىڭ 100-200 يىللىق ئىستراتىگيىسى بولمايدۇ. ئۇزۇن يىللىق ئىستراتىگىيەسى بولىدۇ ۋە بۇمۇ 20-30 يىلنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتەلمەيدۇ. شۇنداقلا ئىلمىيلىك نۇقتىسىدىن بۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت شۇنداقلا دۆلەتلەر ئوتتۇرسدىكى مۇناسىۋەتنىڭ فورمىلاسى بولمايدۇ. بۇ دېگەنلىك توغرا پەرەز قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ، دېگەن گەپ بولىدۇ. يەنە كېلىپ خەلقئارا مۇناسىۋەت نۇرغۇن ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرايدۇ ۋە بۇ ئامىللارمۇ باشقا ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇراپ توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. شۇنداقلا، پەن تېخنىكىنىڭ شۇنداقلا بىر گىئوپولىتىكلىق ئۆزگىرىش نۇرغۇن نەرسىنى ئۆزگەرتىۋەتىدۇ. ھىچكىم بىر يىلدىن كىين يىپيېڭى بىر تېخنىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ ھەممە نەرسىنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋىتەلەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلالمايدۇ. يەنى يىغىپ ئېيتقاندا، ئېنىق بىر جاۋاب بولمىغان دۇنيا ھەققىدە ئۇزۇن يىللىق پىلان تۈزۈش ھەم مۇمكىن ئەمەس، ھەم ئاقىلانىلىك ئەمەس. چوڭ پىلانى بار دېگەن گەپ ئاشۇنداق قىلىش ئويى بار دېگەننى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەرگىز تولۇق شۇنداق بىر پىلاننى تۈزۈپ بولۇپ ئىجىرا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ.

      ئۇنىڭدىن كىين ئامېرىكىدا ترامپنىڭ مەنتقىسىز قارالىرى نېمىشقا چەكلىمىگە ئۇچۇرمايدۇ؟ بۇ چوڭ جەھەتتىن پىرزدېنتنىڭ ھوقۇقىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكى شۇنداقلا قارشى قارارلارنىڭ بىز ئويلايدىغاندىن ئاستا ئىشلەيدىغانلىقىدىن بولىدۇ. ترامپ ئەلۋەتتە خاتالىقى ھەققىدە جاۋاب بېرىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ پىرزدېنىت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىش قىلىش سۈرئىتى تىز بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئ‍ۆزىگە بېرىلگەن ھوقۇقلارنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە پايدىلىنىش ئارقىلىق مۇھىم يەرلەرگە ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى قويالايدۇ ۋە بۇلار ترامپنىڭ قارالىرىنىڭ ئالىدىنى ئاچىدۇ. ئەلۋەتتە يەنە باشقا سەۋەبلىرى بولۇشى مۇمكىن. ئۇنى ئامېرىكىنىڭ سىستىمىسىنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلىدىغانلار بەكرەك بىلىشى مۇمكىن.

      ئەڭ ئاخىرىدا، ترامپنىڭ قىلغان ئىشلىرى نۇقۇل ھالدا ئۇ ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئورتاق قارارى بولامدۇ ياكى دۆلەت سىتراتېگىيىسى ئۈچۈن پىلان، پروجەكتلەرنى سۇنۇدىغان ئاقىللار ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى بولامدۇ؟

      بۇنىڭ جاۋابى ئىككىسىنىڭ بېرىكىمىسى بولىدۇ. ھەر ھۆكۈمەت ۋە كابىنىت بەلگىلىك پىلان يەنى پروجە بىلەن كېلىدۇ. بۇ پروجەلەر شۇ پارتىيە\ھۆكۈمەتكە يېقىن ئاقىللار ئامبىرىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن بولىدۇ. بۇ پىلانلارنىڭ قايسىنى قىلىش، قايسىنى قىلماسلىق ۋە قايسىللىرىنى قاچان قىلىشنى پىرزدېنىت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ بەلگىلەش ھوقۇقى بولىدۇ.

      يەنە بىر تەۋسىيەم، ترامپ ھەققىدە يېزىلغان نۇرغۇن ئىلمىي يازمىلار بار، سۇئالىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرىنى تېپىپ ئوقۇپ باقسىڭىز تېخىمۇ توغرا جاۋابقا ئېرىشىسىز.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ