ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران بىلەن يېڭى بىر ئۇرۇشقا كىرىش قارارى، ئوتتۇرا شەرقتە ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلەش قىين بولغان بىر ئۇرۇشنى پەيدا قىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئىسرائىلىيە ئىراندىن ھوجۇم كېلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن «ئالدىن چەكلەش» ھەركىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلگىرى سۈرۈش ئارقلىق ئىرانغا ھوجۇم قىلدى. ھوجۇمدىن كېينىلا ترامپ ئامېرىكىنىڭ ئىراندا «زور كۆلەملىك جەڭ» نى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى. ترامپ ئۇرۇشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ 47 يىلدىن بېرى «ئامېرىكىغا ئۆلۈم» دەپ شوئار توۋلاپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى ۋە ئىراننى «ئامېرىكىنى نىشان قىلغان تۈگىمەس قان تۆكۈش ۋە بىر قاتار ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتى»نى ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىدى.
ترامپنىڭ دېيىشىچە، ئىران ئۆزىنىڭ يادرو ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىش ھەققىدىكى ھەر بىر پۇرسەتنى رەت قىلغان ۋە ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلارغا، چەتئەلدىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىغا تەھدىت سالىدىغان، شۇنداقلا «پات ئارىدا ئامېرىكا زېمىنىغىمۇ يېتىپ بېرىشى مۇمكىن بولغان» ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانائىتىنى تۈپتىن ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنى «يوقىتىدىغانلىقىنى» ئېيتتى.
ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە ئىراننىڭ ئۇرۇش ھازىرلىقى
ئامېرىكا ئىراننىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان نامايىشنى قانلىق باستۇرۇش قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن بېسىم ئىشلىتىۋاتقان ۋە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسدا دىپلوماتىك مۇرەسسە داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى قوشۇنىنى ئوتتۇرا شەرققە يىغىۋاتاتتى. ئامېرىكىنىڭ «فورد» ( USS Gerald R Ford) ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭ جۈمە كۈنى جەبلتارىق بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، ئوتتۇرا دېڭىزغا قاراپ يولغا چىقتى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھايفا (Haifa) يېقىنىغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتىگىيلىك ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ بىر تەرەپتىن ئىسرائىلىيەگە ياردەم قىلىپ ئىراندىن كېلىدىغان باشقۇرۇلدىغان بومبىلارنى توسۇشقا ياردەملىشىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئىران بۇ ئاۋىئاماتكىنى قايتۇرما ھوجۇمىنىڭ نىشانىغا ئالغان تەقدىرىدە ئامېرىكىغا ئىران ھوجۇم قىلغان بولىدۇ ۋە ئامېرىكا خەلقىدە بۇ ئۇرۇشنى ئەيىپلەش كەيپىياتى تۆۋەنلەيدۇ.
مەزكۇر ئاۋىئاماتكا زەربە بېرىش گۇرۇپپىسىدىكى قوغلىغۇچى پاراخوتلارنىڭ بىرى بولغان «USS Mahan» نىمۇ ھەمرا قىلىپ ماڭغان. بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا « لىنكولىن» (USS Abraham Lincoln) ناملىق يەنە بىر ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسىنىڭمۇ ئەرەب دېڭىزىدا، ئومان قىرغىقىدىن تەخمىنەن 240 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىكەنلىكى مەلۇم.
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان 11 ئاۋىئاماتكىنىڭ ئىككىسىنىڭ بۇ يەرگە يېتىپ كېلىشى، ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدىكى ئوتتۇرا شەرقتە كۆرۈلگەن ھەربىي كۈچنىڭ كۆپىيىش ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. ب ب س يەنە رايوندا قوغلىغۇچى پاراخوتلار، ئۇرۇش پاراخوتلىرى ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلارنىڭمۇ كۆپەيگەنلىكىنى ئېنىقلىغان. «Gerald R Ford» ۋە «Abraham Lincoln»نىڭ ھەر ئىككىلىسى بىر نەچچە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوغلىغۇچى پاراخوتىدىن تەشكىللەنگەن زەربە بېرىش گۇرۇپپىلىرىغا باشچىلىق قىلىدىغان بولۇپ بۇ پاراخوتلاردا 5600 دىن ئارتۇق ھەربىي خادىم ۋە نەچچە ئونلىغان ئايروپىلان بار.
نۆۋەتتە ئوتتۇرا شەرقتە ئامېرىكىنىڭ 12 پاراخوتى بار ئىكەنلىكى مەلۇم. يادرو ئېنېرگىيەلىك «لىنكولىن» ناملىق ئاۋىئاماتكا ئۈچ قوغلىغۇچى پاراخوت بىلەن بىرلىكتە بىر ئاۋىئاماتكا زەربە بېرىش گۇرۇپپىسىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىككى قوغلىغۇچى پاراخوت ۋە نۆۋەتتە پارس قولتۇقىدىكى بەھرەين دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، قىرغاققا يېقىن جەڭلەرگە ماسلاشتۇرۇلغان ئۈچ دانە مەخسۇس جەڭ پاراخوتى بار.
يەنە ئىككى قوغلىغۇچى پاراخوت ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى سۇدا قولتۇقى (Souda Bay) ئامېرىكا بازىسى ئەتراپىدا، يەنە بىرى بولسا قىزىل دېڭىزدا ھەركەت قىلماقتا. بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ھاۋا بازىلىرىغا كۆپ ساندا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئۇرۇنلاشتۇردى. بۇلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
- F-35 ۋە F-22 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى. بۇ ئىككى ئايرۇپلان دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار ئۇرۇش ئايروپلانلىرىدۇر ۋە پەقەت ئىسرائىلىيەدە F-35 بار. باشقا دۆلەتلەردە بۇ ئايرۇپلانلاردىن يوق.
- KC-135 ۋە KC-46 يېقىلغۇ تولۇقلىغۇچى ئايروپىلانلىرى (باشقا ئايروپىلانلارنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھەرىكىتىنى قوللاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ).
- E-3 Sentry قوماندانلىق ۋە نازارەت قىلىش ئايروپىلانلىرى (زور كۆلەملىك ھەرىكەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن).
- C-17A ئېغىر تىپلىق ھەربىي يۆتكەش ئايروپىلانلىرى (ئەسكەر ۋە يۈك يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ).
- دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ P-8A چارلاش ۋە رازۋېدكا ئايروپىلانلىرى (ئۇزۇن مۇساپىلىك سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ).
- C-5M ئىستراتېگىيەلىك يۆتكەش ئايروپىلانى (ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ ئايروپىلان بولۇپ، خادىم ۋە يۈك توشۇشقا ئىشلىتىلىدۇ).
بۇ يەردە شۇ نۇقتىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش مۇھىمكى، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە بۇ تەييارلىقلارنى ئوچۇق-ئاشكارا شەكىلدە قىلدى. يوشۇرۇغان كۆپ نەرسە يوق. بۇنى ئىرانلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا كۆرۈپ تۇردى. ئىران ئىلاجسىزلىقتىن ھىچنىمە قىلالمىدى،پەقەت بىر تەرەپتىن مۇزاكىرىنى داۋام قىلغاچ يەنە بىر تەرەپتىن ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلدى.
ئىقتىسادشۇناس (The Economist) ژۇرنىلىدا تىلغا ئېلىنىشىچە، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە 2003-يىلىدىكى ئىراق ئۇرۇشىدىن بۇيان كۆرۈلگەن ئەڭ زور كۆلەملىك چەتئەل ھەربىي بازىسىنى قۇرۇشى شۇنداقلا ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيەسىنى توپلىشى بولۇپ ھېسابلىندۇ. يەنى نۆۋەتتە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىدىكى جەڭچى پاراخوتلارنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكى مۇشۇ رايونغا توپلاندى. ئامېرىكا 200 گە يېقىن جەڭ ئايروپىلانى، AWAC قوماندانلىق ۋە كونترول ئايروپىلانلىرى، ھاۋادا يېقىلغۇ تولۇقلىغۇچى ئايروپىلانلار، ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش ۋە قۇتقۇزۇش ئايروپىلانلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەربىي كۈچنى توپلىدى. شۇنداقلا، يۈزلەرچە توماخاۋك (Tomahawk) چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە جەڭچى پاراخوتلىرىمۇ بار. ئامېرىكا يەنە رايوندىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە كۈچىنى ئاشۇرۇپ، THAAD ۋە Patriot قاتارلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى؛ شۇنداقلا ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە، يېتەكلىگۈچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن قوراللانغان F-15E ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتتى.
ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە جاۋابەن، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى (IRGC) ئومان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ھورمۇز بوغۇزىدا دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى باشلىدى، پاراخوتتىن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ قويۇپ بەردى. پەيشەنبە كۈنى يەنە ئومان قولتۇقىدا رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە بىر پاراخوتنى قۇتقۇزۇش مەشىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن قىززىقارلىق بىر شەكىلدە سوسيال مېدىيالاردا ئىراننىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى قانداق مەغلۇپ قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن بىر تۈركۈم AI ۋىدىئولىرىنى تارقاتتى.
ئانالىزچىلار ئامېرىكىنىڭ توختىماي ئۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى ئىراننىڭ ئەتراپىغا يىغىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ ئىرانغا ھوجۇم قىلىشنىڭ ئىھتىماللىقى تۆۋەن دەپ تەخمىن قىلىشتى. چۈنكى؛
- ئىران بىلەن تۇتۇشۇپ قېلىشنىڭ ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلەش قىين. چۈنكى ئىران ھەم ھەربىي جەھەتتىن كۈچلۈك شۇنداقلا ئەتراپتا خۇسى، ھېزبۇللاھ ۋە خاماس، ھاشلى شابى قاتارلىق ۋاكالەت كۈچلىرى بار.
- ئىرانغا بولغان ھوجۇمنى تۈركىيە ۋە سەئۇدىي ئەرەبىستاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان رايۇنلۇق دۆلەتلەر قارشى ئىدى.
- ئامېرىكا خەلقىمۇ ئىراندا يېڭى بىر ئۇرۇشقا كىرىشكە قارشى. «The Economist» ۋە «YouGov» تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان يېقىنقى بىر تەكشۈرۈشتە، ئامېرىكىلىقلارنىڭ پەقەت 27 پىرسەنتىنىڭلا ئىرانغا زەربە بېرىشنى قوللايدىغانلىقى مەلۇم. جۇمھۇرىيەتچىلەر بەكرەك قوللىغان بولسىمۇ، ترامپنىڭ بەزى MAGA سەپداشلىرى، ئۇنىڭ ئىلگىرى ئۆزى قارشى تۇرغان ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىنى نېمە ئۈچۈن قايتا ئويلىشىۋاتقانلىقىدىن ھەيران. ترامپ كابىنېتىنىڭ ئەزالىرىدىن چاك شۇمېر 24-فېۋرال قايمۇققان ھالدا: «ئەگەر ئۇلار ئىراندا بىر ئىش قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ زادى نېمىلىكىنى خۇدانىڭ ئۆزى بىلىدۇ، ئۇلار بۇنى ئاشكارىلىشى كېرەك»، دېگەن.
- ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پاراخۇتلىرى يىغىلىۋاتقان بولسىمۇ قۇرۇقلۇق ئەسكىرى يوق ئىدى ۋە پەقەت ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن ئىراننى مەغلۇپ قىلغىلى ( ھەم ھاكىمىيەت ئالماشتۇرۇش ھەم پارچىلىۋىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.) بولمايدۇ.
- ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتتە بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلى كۆپ يول قويىۋاتقان ئىدى. ھەتتا ئۇران قويۇلدۇرۇشنى توختىتىشقا قوشۇلدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەرگەن ئىدى.
ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشى ۋە جەريانى (28-فىۋرالدىن 1-مارت ئەتىگەن سائەت 2 گىچە)
ئەمما ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە يەنىلا ھوجۇم قىلىشىنى تاللىدى. ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا ئىران ئىسلام ھاكىمىيىتىنىڭ ئاجىز بىر ئەھۋلدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى مۆلچەرلىدى؛ يەنى ئىران ئېغىر ئىقتىسادىي كرىزىس، يىل بېشىدىكى نامايىشچىلارنى ۋەھشىيانە باستۇرۇشنىڭ سىياسىي ئاقىۋەتلىرى ۋە ئۆتكەن يىلى ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان 12 كۈنلۈك ئۇرۇشتا ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان ئىدى. يەنە كېلىپ ئىسرائىلىيە خاماس، ھېزبۇللاھ ۋە خۇسىيلارنىمۇ زور دەرىجىدە ئاجىزلىتىۋەتكەن ئىدى. نەتىجىدە ئىران بۇرۇنقى كۈچىنى يوقاتقان ئىدى. بۇ پەيىتنى ئامېرىكا بىلەن (بولۇپمۇ) ئىسرائىلىيە ھەرگىزمۇ قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغان بىر پۇرسەت» دەپ قارىدى.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھوجۇم ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرسىدا دىپلوماتىك ئالاقە داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەرگەن. ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى يادرو سۆھبىتى 26-فېۋرال كۈنى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. 2025-يىلىدىكى ئىيۇن ئېيىغا بېكىتىلگەن ئالتىنچى باسقۇچلۇق سۆھبەتمۇ ، ئىسرائىلىيە ئىرانغا تۇيۇقسىز زەربە بەرگەندىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 12 كۈن داۋام قىلغان مەزكۇر ئۇرۇشتا ئامېرىكا ئىراننىڭ ئۈچ ئاساسلىق يادرو ئەسلىھەسىنى بومباردىمان قىلغان ئىدى. بۇ قېتىممۇ داۋملىشىۋاتقان سۆھبەت ئىسرائىلىيەنىڭ ھوجۇم قىلىشى بىلەن توختاپ قالدى.
دەل بۇ نۇقتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىشى ۋە بۇنىڭغا ئامېرىكىنى مەجبۇرلىشىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرسدىكى چوڭقۇر ئىشىنىشمەسلىكىنى ۋە ئىراننىڭ ئامېرىكا بىلەن قانداق يادرو كېلىشمى تۈزگەن بولىشىدىن قەتئينەزەر يادرو قورالغا ئېگە بولۇش نىيتىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىش مەسىلىنى تېخمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم.
گەرچە ئىران كۆپ قېتىم يادرو سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ 2025- يىلى ئەتىيازغا كەلگەندە، 400 كىلوگىرامدىن ئارتۇق ئۇراننى قورال ياساش دەرىجىسىگە يېقىنلاشتۇرۇپ قويۇقلاندۇرغان بولۇپ، بۇ ئازراق پىششىقلاپ ئىشلەنسە، ئون دانە بومبا ياساشقا يېتىدۇ. بۇ ترامپنىڭ ئىراننىڭ ئۈچ ئاساسلىق يادرو ئەسلىھەسىگە زەربە بېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى . ئەمما ئىراندا يەنىلا ئىشلەپ تۇرغان يادرو رېئاكتورى ۋە نەچچە ئون يىللىق توپلانغان تېخنىكا بىلىملىرى بار. ئىراننىڭ 12 كۈنلۈك ھوجۇمدا ئاجىزلاپ كېتىشى ئىسرائىلىيەنىڭ سۈلىھ تەلىپىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يەنى ئوران قويۇلدۇرۇشنى توختىتىش بۇ قېتىم ئىسرائىلىيەگە ھەتتا ۋاشىنگتوندىكى قاتتىق قوللارغا نىيتىدىن يېنىش ئۈچۈن يىتەرلىك ئەمەس. بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە تەرەپ ھەتتا ئىراننىڭ باشقۇرۇلدىغان بومبىلارنىمۇ ياسىماسلىقىنى شەرت قىلغان. ئۇلار پەقەت يادرو مەسىلىسىگىلا قارىتىلغان كېلىشىمنىڭ ئامېرىكىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئىسراپ قىلىپ، ئىراننىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغان ھاكىمىيىتىگە چىقىش يولى بەرگەنلىك دەپ قارىغان. يەنە كېلىپ ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلمايدىغانلىقىغا كىپىل بولۇشنى رەت قىلغان، شۇنداقلا ئىرانغا ئىسرائىلىيە بىلەن «ئىبراھىم كېلىشىمى» گە ئوخشاش ئۆز ئالدىغا رەسمىي كېلىشىم تۈزۈشنى تەۋسىيە قىلغان. ئىران بۇلارنى رەت قىلغان ۋە ئالدىنقى يادرو سۆھبەتلىرىدىكىگە ئوخشاش يەنە ۋاقىتنى كەينىگە سۆرىيەلەيمىز دەپ قارىغان. ئەمما ئىرانغا قىلىنغان ھوجۇم ترامپ بەرگەن 10 كۈنلۈك ئاخىرقى مۆھلەت توشقان ھامان باشلانغان.
توقۇنۇش ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىران پايتەختى تېھراندىكى نىشانلارغا «ئالدىن چەكلەش» زەربىسى بېرىشى بىلەن باشلاندى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئامېرىكا بۇ ھەربىي ھەرىكەتكە قوشۇلدى؛ ئامېرىكا جەڭ پاراخوتلىرى ئىراننىڭ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى ھەربىي نىشانلىرىغا «توماخاۋك» (Tomahawk) باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئاتتى. ترامپ رەسمىي ھالدا «زور كۆلەملىك ئۇرۇش ھەرىكىتى» نىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلاپ، بۇنىڭ مەقسىتى «تەھدىتلەرنى يوقىتىش» ۋە ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ھەربىي ھەركەتنى ئامېرىكا «ئەپسانىۋى غەزەپ ھەركىتى» (Operation Epic Fury) دەپ ئاتىدى؛ ئىسرائىلىيە بولسا «ھۆكىرىگەن شىر» (Roaring Lion) دەپ نام بەردى. گەرچە ئۇرۇش باشلاشتىن ئىلگىرى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ھەققىدىكى پىلانىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ئېنىق بولمىغان بولسىمۇ، ھازىر ئىراننى يادرو قوراللىرىدىن خالىي قىلىش ۋە ھاكىمىيەتنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئاساسلىق مەقسەد ئىكەنلىكىنى سۆزلەنمەكتە.
ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرىكى توقۇنۇشلارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىم تېخىمۇ ياخشى تەييارلىق قىلغان. ئىسرائىلىيە بۇلتۇرقى ئۇرۇشتىن بىر قاتار ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەن بولۇپ بۇلارنىڭ بىرى ئىراننىڭ باشقۇرۇلدىغان بومبىللىرىغا قارشى سىستېمىلارنى كۆپەيتىش. شۇڭا ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىلىرىنى پارس قولتۇقى ۋە ئوتتۇرا دېڭىزغا يىغدى. بۇ ئاۋىئاماتىلاردىكى ئىلغار رادار، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىراننىڭ قايتۇرما ھوجۇملىرىنىڭ ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ.
ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ باشقۇرۇلدىغان بومبىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئىران ھاۋا مۇداپىئەسىنى «كور» قىلغان. بۇ ھەرىكەت قوماندانلىق ۋە كونترول سىستېمىلىرىنى پالەچ قىلىش ھەمدە ئالاقە تورىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئارقىلىق، ئىران ئارمىيەسىنى «كور ۋە گاس» ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشنى نىشان قىلغان.
شۇنداقلا بۇ قېتىم ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ھوجۇمدا ۋەزىپە تەقسىماتى ئېلىپ بارغان بولۇپ؛
- ئىسرائىلىيە ئۆزىنىڭ ئىران ھاكىمىيىتى ھەققىدىكى چوڭقۇر رازۋېدكا ۋە جاسۇسلۇق ئۇچۇرلىرىدىن پايدىلىنىپ، مەقسەتلىك ھالدا رەھبەرلىك قاتلىمى ۋە ھاكىمىيەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى نىشانلىغان 30 ئورۇنغا نۇقتىلىق زەربە بەرگەن.
- ئامېرىكا ئارمىيەسى بولسا ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنى يوقىتىشقا، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىلىرى ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، كەلگۈسىدىكى تەھدىتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەركەزلەشكەن.
ئىراننىڭ بىر نەچچە شەھەرلىرىدە نۇرغۇنلىغان پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلانغان. ب ب س دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تېھراندىكى ئىران ئالىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ ھامېينىنىڭ ئىشخانىسى ۋە پىرېزىدېنت مەھكىمىسىمۇ نىشانغا ئېلىنغان. رۇيتىرىسنىڭ بىر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ھامېينى مەخپىي پاناھلىندىغان يەرگە يۆتكىۋىتىلگەن. ئەمما ئامېرىكا فوكىس خەۋەر (Fox News) نىڭ ۋە گىرمانىيە DW نىڭ ئاخشامدىكى خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، ھامېينى ھوجۇمدا ئۆلگەن. ب ب س نىڭ خەۋەرىگە قارىغاندىمۇ ترامپ ھامېينىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ۋە بىر قىسىم ئىرانلىقلار كوچىغا چىقىپ بۇ ئۆلۈمنى تەنتەنە قىلىشقان. ئىران ھۆكۈمەت تەرەپ گەرچە بۇ خەۋەرنى يالغان دەپ تۇرۋالغان بولسىمۇ ئەڭ ئاخىرىدا ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ئىران ئالىي ئۇلۇسال بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ تەرجىمىسىگە ئاساسلانغاندا، باياناتنىڭ مۇھىم قىسمى تۆۋەندىكىچە:
«مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبىرى ۋە ئىمامى، ئالىي ھەزرەتلىرى ئايەتۇللاھ سەييىد ئەلى ھۈسەينى خامېينى، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇقەددەس ھەرىمىنى ئۇلۇغلاش يولىدا، شاھادەتنىڭ تاتلىق ۋە پاك شارابىنى ئىچىپ، ئالىي ئەرشىئالادىكى جەننەتكە سەپەر قىلدى.»
يەنە تېھراندىن كەلگەن سۈرەتلەردىن مەلۇم بولىشىچە، تېھراننىڭ نارماك مەھەللىسىدىكى سابىق پىرېزىدېنت مەھمۇد ئەھمەدى نېجاد تۇرىدىغان تۇرالغۇنىڭ زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. سابىق پىرېزىدېنتنىڭ يارىلانغان-يارىلانمىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. خەۋەرلەر ئارىسىدا پىرىزدېنىت پەزەشكىياننىڭمۇ ئۆلگەنلىكى سۆزلەنگەن، ئەمما ئۇنىڭ بىر يېقىنى بۇ خەۋەرنى يالغان دېگەن.
كىرمانشاھ، قۇم، ئىسفاھان، تەبرىز، كەرەج قاتارلىق شەھەرلەردىكى ھەربىي بازىلار، شۇنداقلا ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى كېناراكتىكى ئىران دېڭىز ئارمىيە ئەسلىھەلىرىمۇ ھوجۇمغا ئۇچۇرغان. كوردلار رايونىدىكى كىچىك شەھەر كامياراندىكى ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ (IRGC) بىر بازىسىمۇ بومباردىمان قىلىنغان. ئىسرائىلىيە مۇداپىئە ئارمىيەسى ھۇجۇمدىن ئىلگىرى ئىرانلىق پۇقرالارنى ھەربىي بازا ۋە ئەسلىھەلەرگە يېقىن رايونلاردىن تارقىلىپ كېتىشكە ئاگاھلاندۇردى. ئەمما تورلاردا كەڭ تارقالغان ۋىدىئو ۋە خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئىسرائىلىيەنىڭ ھوجۇمى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىمۇ نىشانلىغان بولۇپ نەتىجىدە 51 (بەزى خەۋەرلەردە 85) قىز ئوقۇغۇچى ئۆلگەن.
ئىران ئالىي ئۇلۇسال بىخەتەرلىك كېڭىشى (SNSC) ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان بىرلەشمە ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن «دەششەتلىك زەربە بېرىش» ھەققىدە قەسەم قىلغان. كېڭەش يەنە «دۈشمەن»نىڭ بۇنداق «قورقۇنچاقلارچە ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئىران خەلقىنى ئۆزلىرىنىڭ رەزىل تەلەپلىرىگە تەسلىم قىلالايمىز دەپ خاتا پەرەز قىلغانلىقىنى» قوشۇمچە قىلغان. ئالىي ئۇلۇسال بىخەتەرلىك كېڭىشى ئىران قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئاللىقاچان ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرىنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.كېڭەش يەنە پۇقرالارنى «ئۆزلىرىنى بېسىۋېلىش بىلەن بىرگە»، خەتەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىمكانقەدەر بىخەتەر رايونلارغا بېرىشقا چاقىرغان.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلققە ھۆكۈمەتنىڭ «بارلىق جەمئىيەت ئېھتىياجلىرىنى ئالدىن ھازىرلىغانلىقىنى» ۋە «زۆرۈر بۇيۇملارنىڭ تەمىناتىدا ھېچقانداق ئەندىشە يوقلۇقىنى» ئېيتىپ تەسەللى بەردى، ھەمدە كىشىلەرگە ئادەم كۆپ سودا مەركەزلىرىدىن يىراق تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغان.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراغچى ئىراننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن «ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقى» دائىرىسىدىكى بارلىق ھەربىي ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاراغچى سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار، كۇۋەيت، بەھرەين ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن تېلېفونلاشقان. ئۇ ئىراننىڭ زىمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن «قانۇنلۇق ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقى ئاستىدا بارلىق مۇداپىئە ۋە ھەربىي ئىقتىدارىنى» ئىشقا سالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئاراغچى يەنە بۇ دۆلەتلەرگە ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇم قىلىش مەقسىتىدە ئۇلارنىڭ ئەسلىھەلىرى ۋە زېمىنىدىن پايدىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى «مەسئۇلىيەتلىرىنى» ئەسكەرتكەن.
ئىسرائىلىيە بىلەن ئىراننىڭ ئورتاق چېگراسى بولمىغاچقا، توقۇنۇش پۈتۈنلەي باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ئارقىلىق ھاۋا بوشلۇقىدا ئېلىپ بېرىلماقتا. ئىراننىڭ 3000 دىن ئارتۇق باشقۇرۇلدىغان بومبا زاپىسى بولۇپ ئىسرائىلىيەگە بۇ قۇراللار بىلەن قايتۇرما ھوجۇم قىلماقتا. ئەمما، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سىستېمىلىرى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن سىستېمىلىق ھالدا نىشانغا ئېلىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھۇجۇملارنى داۋاملاشتۇرۇش ئىقتىدارى گۇمان ئاستىدا قالدى. يەنە كېلىپ ئىراننىڭ بومبىلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەگە يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن تەخمىنەن 12 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ جەريان بومبىلارنى ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستىېمىلىرىنىڭ توسۇپ قېلىشىغا پۇرسەت يارىتىدۇ. بۇ قېتىم ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي بازىللىرى شۇنداقلا رەھبەرلىرىنى نىشانغا ئېلىشى ئىراننىڭ تېخىمۇ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىران بۇ سەۋەبتىن بىۋاسىتە ھەربىي توقۇنۇشتا غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئۈچۈن ئۇرۇش تەننەرخىنى ئاشۇرۇش، رايوندىكى ۋاكالەتچى كۈچلەرنى ئىشقا سېلىش ۋە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە ھوجۇم قىلىش ئىستراتىگيىسىنى قوللانماقتا.
ئىران ئوتتۇرا شەرقنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاساسلىقى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىنى نىشانلىغان ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنى قوزغىدى:
- ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى . دۇبەيدىكى «Fairmont The Palm» مېھمانسارىيىدا پارتلاش يۈز بەردى. دۇبەي دائىرىلىرى «Palm Jumeirah رايونىدىكى بىر بىنادا ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى» ۋە بۇنىڭدا تۆت كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەنە ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىدىن تەشكىللەنگەن يېڭى بىر دولقۇننى توسۇپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى دۆلەتنىڭ «ئىران باللىستىك بومبىلىرىنىڭ ئاشكارا ھۇجۇمى»غا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلدى.
- قاتار: ئىران دوھادىكى رايوندىكى ئەڭ چوڭ ئامېرىكا ھەربىي بازىسى بولغان «ئەل ئۇدەيد» (Al Udeid) ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ھوجۇم قىلدى. قاتار تەرەپنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا ئىران 65 بومبا ۋە 12 درون ئاتقان.
- بەھرەين: بەھرەين دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە، بەھرەيندىكى بىر ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە بازىسى «باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان».
- كۇۋەيت: كۇۋەيتتە خەلقئارا ئايرودرومنى نىشان قىلغان بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ «بىر نەچچە خىزمەتچىنىڭ يېنىك يارىلىنىشىغا» ۋە بىر تېرمىنالنىڭ «چەكلىك» دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
- ئىراق : رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئەربىل يېقىنىدىكى بىر ئامېرىكا ھەربىي بازىسى ئۈستىدە بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەن.
- ئىئوردانىيە: ئىسرائىلىيە بىلەن چېگراداش بولغان ئىئوردانىيە قوراللىق كۈچلىرى ئىككى باللىستىك بومبىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
- سەئۇدي ئەرەبىستان: ئىراننىڭ بۇمبىللىرىنى مۇۋاپقىقىيەتلىك ھالدا توسۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىران قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى بۇ دۆلەتلەر تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان. بۇ دۆلەتلەرنىڭ بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىرانغا ئىنكاس قايتۇرۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن ئۇلارنىڭ بۇنداق بىر قەدەمنى ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئاتىدىغانلىقى ئېنىق. ئەرەب دۆلەتلىرى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقىغا دەخلى يەتكۈزۈشىدىن ۋە رايوننى ئۇرۇش قاينىمىغا سۆرەپ كىرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئۇلار ئىراننىڭ پەقەت ئۆز تۇپراقلىرىدىكى ئامېرىكا نىشانلىرىغىلا زەربە بېرىپ قالماي، بەلكى تەبىئىي گاز ۋە نېفىت ئەسلىھەلىرىگە ئوخشاش ئۇل ئەسلىھەلەرگىمۇ ھۇجۇم قىلىشىدىن، ياكى پارس قولتۇقى بىلەن ئومان قولتۇقى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان نېفىت ئېكسپورتىنىڭ ئاساسلىق يولى شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك بولغان ھورمۇز بوغۇزىنى تاقىۋېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتقان ئىدى. دېگەندەكلا ئىران بۇ بوغۇزنى تاقىدى. مەزكۇر بوغۇز دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم دېڭىز سودا لىنىيەلىرىنىڭ بىرى ۋە نېفىت تىرانسپورتىدىكى ئەڭ ھالقىلىق تۈگۈن دەپ قارىلىدۇ. دۇنيا بويىچە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تەمىناتىنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرى مۇشۇ بوغۇز ئارقىلىق ئۆتىدۇ.ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى يەنە ئەڭ ناچار ئەھۋالدا، ئىراننىڭ يىمىرىلىپ كېتىشىدىن، بۇنىڭ نەتىجىسىدە چېگرالاردىن كۆچمەنلەر ۋە ئۇلار بىلەن بىللە قورال-ياراقلارنىڭ ئېقىپ كىرىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.
بۇ قېتملىق ئۇرۇشتا گەرچە ئىراننىڭ ئالدىن تەييارلىقى بولسىمۇ ۋە بۇ ۋەجىدىن ھوجۇمغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرغان بولسىمۇ (بۇلتۇر ئۈچ كۈن ساقلاپ ئاندىن قايتۇرما ھوجۇمغا ئۆتكەن ئىدى)، ئەمما قايتۇرما ھوجۇمىنىڭ ئۈنۈمى ۋە ھەيۋىسىنى بۇلتۇرقىغا سېلشتۇرغىلى بولمايدۇ. چۈنكى بۇ قېتىم ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي تەييارلىقى پۇختا ۋە ئەتراپلىق بولغان، ھەتتا ئۇرۇش باشلىنشتىن بۇرۇن ئىران ئىچىگە بىر تۈركۈم جاسۇسلارنى كىرگۈزۋەتكەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر مەۋجۇت. بۇ جاسۇسلار ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ھەققدىكى چوڭ پىلانغا ماسلىشىش ئېلىپ بېرىلدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. ئىران بولسا باشتا دېيىلگەندەك ئاجىزلاپ كەتكەن ۋە تۇيۇقسىز ھوجۇمدا مۇھىم ھەربىي قۇماندانلىرى ۋە بازىللىرى نىشانغا ئېلىنغان.
ئىسرائىلىيە مۇداپىئە ئارمىيەسى (IDF) تەخمىنەن 200 ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن «ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى تارىخىدىكى ئەڭ زور كۆلەملىك ھاۋا زەربىسى بېرىش ھەرىكىتى»نى ئېلىپ بارغانلىقىنى جاكارلىغان.ئايروپىلانلار «تەخمىنەن 500 نىشاننى كۆزلەپ يۈزلىگەن بومبا» تاشلىغان. ئىسرائىلىيە تەرەپ بۇ ھۇجۇملار ئارقىلىق ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى ئېغىر دەرىجىدە زەئىپلەشتۈرگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئىران تەۋەسىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ ھوجۇملاردا ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ 40 تىن كۆپ مۇداپىئە رەھبەرلىك قاتلىمىنى يوق قىلىنغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆلتۈرۈلگەنلەر تۆۋەندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك زاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
- ئەلى شامخانى: بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى.
- مۇھەممەد پاكپۇر: ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ (IRGC) قوماندانى.
- ئەزىز ناسىرزادە: ئىران مۇداپىئە مىنىستىرى.
- ئابدۇلراھىم مۇسەۋى: ئىران قوراللىق كۈچلىرىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى.
IDF ئۆزىنىڭ يازمىسىدا بۇ ئۈچ ئەمەلدارنىڭ ۋە ئۆزلىرى يوقاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن باشقا شەخسلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى ھەمدە تەرجىمىھاللىرىنى ھەمبەھىرلىدى.
يەنە ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىغا (IRGC) قاراشلىق «فارس خەۋەر ئاگېنتلىقى» ئالىي رەھبەرنىڭ ئىشخانىسىدىكى «ئىشەنچلىك مەنبەلەر»نى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئايەتۇللاھ ئەلى خامېنيىنىڭ قىزى، كۈيئوغلى ۋە نەۋرىسىنىڭ ھۇجۇملاردا قازا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. شۇنداقلا، بىر كېلىنىنىڭمۇ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرگەن.
ئىران قىزىل ھىلال جەمئىيىتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە 201 كىشى قازا قىلغان، 747 كىشى يارىلانغان. جەنۇبىي ئىراندا بىر قىزلار مەكتىپىنىڭ زەربىگە ئۇچرىغانلىقى ۋە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم قىلىندى.
ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسىيانىڭ زور بىر قىسمىغا مەسئۇل تارمىقى بولغان ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتاتى (Centcom) نىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئامېرىكا تەرەپتە ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملىرىدىن قازا قىلغانلار ياكى يارىلانغانلار يوق. Centcom قىسىملىرى ئىراننىڭ يۈزلىگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇداپىئە كۆردى. ئامېرىكا ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە يەتكەن زىيان ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، ھەربىي ھەرىكەتلەرگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمىدى»، دەپ بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ ئۇرۇشتا تۇنجى قېتىم «ئۆزىنى قۇربان قىلغۇچى» تۆۋەن تەننەرخلىق بىر قېتىملىق ھۇجۇم قىلىدىغان درونلارنى (low-cost one-way attack drones) ئىشلەتكەن.
ئىراننىڭ ئەڭ ئاخىرقى شاھىنىڭ سۈرگۈندىكى ئوغلى رىزا پەھلەۋى (1979-يىلدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن بىرگە سۈرگۈن قىلىنغان بولۇپ، شۇندىن بېرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ياشاپ كەلمەكتە) ، ئايەتۇللاھ ئەلى خامېنيىنىڭ ئۆلۈمىنى قارشى ئالدى. ئۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان يازمىسىدا مۇنداق دېدى: «دەۋرىمىزنىڭ قانخور زوھھاقى (ئىران ئەپسانىلىرىدىكى بىر رەزىل پادىشاھ)، ئىراننىڭ ئونمىڭلىغان ئەڭ جەسۇر ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ قاتىلى بولغان ئەلى خامېنيىنى تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئۆچۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئەمەلىيەتتە ئاخىرلاشتى ۋە پات يېقىندا تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىغا تاشلىنىدۇ.»
پەھلەۋى ئىران ئەمەلدارلىرىنى خامېنيىنىڭ ئورنىغا ۋارىس تەيىنلىمەسلىككە چاقىردى ھەمدە ئارمىيە، بىخەتەرلىك ۋە ساقچى قىسىملىرىغا بۇنىڭ خەلق تەرەپكە ئۆتۈشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت» ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.
ئىسرائىلىيە مۇداپىئە ئارمىيەسى 1-مارت سائەت 0:30 ئىراننىڭ باشقۇرۇلدىغان بومبا ھەمدە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىغا قاراتقان يەنە بىر قېتىملىق ھۇجۇم دولقۇنىنى تاماملىغانلىقىنى جاكارلىدى. IDF نىڭ BBC غا بەرگەن باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ زەربىلەر ئىراننىڭ غەربىي ۋە مەركىزىي قىسىملىرىدىكى نىشانلارغا، جۇملىدىن ئىلگىرى تېخى زەربە بېرىلمىگەن بىر نەچچە بومبا قويۇپ بېرىش ئورۇنلىرىغا قارىتىلغان.
بەزى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولىشىچە، ئىسرائىلىيە خەلقمۇ بۇ ئۇرۇشقا قارشى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىراننىڭ نېشانىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ب ب س غا بۇ ھەقتە جاۋاب بەرگەن ئېرۇسالېمدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يەھۇدى، ئىسرائىلىيە ئىرانغا ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋاقىتتىن بېرى ئۆزىنىڭ بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش ئورنىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ بۈگۈن ئىرانغا قىلغان ھۇجۇمىغا بولغان ئىنكاسى ھەققىدە توختىلىپ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىمگە نىسبەتەن زور دەرىجىدىكى ئىشەنچسىزلىك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇرۇشنى باشلاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.
