
بۇ يازمىدا ئىراننىڭ قۇرۇقلۇق جېڭىدىكى يوشۇرۇن كۈچى ئانالىز قىلىندۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىراندا خەلقنىڭ ئىسلام ھاكىمىيتىگە بولغان كۆز قارىشى، ئىران ھەركەتكە كەلتۈرۈش ئىھتىماللىقى بولغان قوراللىق كۈچلەر شۇنداقلا بۇنىڭغا قارشى سۈرىيە يېڭى ھۆكۈمىتى ۋە كۈرتلەرنىڭ ئۇرۇشقا كىرىش ئىھتىماللىقى شۇنداقلا ئۇرۇشنىڭ جەريانى ھەققىدە بىر قانچە ئوخشىمايدىغان سىنارىيەلەر تەھىلىل قىلىنىدۇ.
بەزى ئانالىزچىلار ئىران ھەققىدە ترامپ ۋېنېسۇئېلادىكىگە ئوخشاش بىر نەتىجىنى، يەنى باش رەھبەرنى يوق قىلىپ، ئىران رەھبەرلىكى ئىچىدىن ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشقا مايىلراق بولغان بىر كىشىنى دۆلەتكە باش قىلىپ تەيىنلەش ئارقىلىق ئۇرۇشنى تىز ئاخىرلاشتۇرىدۇ، دەپ قارىماقتا. ئامېرىكىغا مايىل بۇ نامىزات ھازىرچە پەھلەۋى خاندانلىقىنىڭ سۈرگۈندىكى شاھزادىسى (ۋەلىئەھدى) رىزا پەھلەۋى بولۇپ كۆرۈنمەكتە. ھەقىقەتەن چەتئەلدە ۋە ئىراننىڭ ئىچىدە بۇ شەخسنى قوللاۋاتقان كىشىلەر بار. ئەمما ئىراندىكى ئەزەربەيىجانىيلار ۋە كۈرتلەر بۇنى بەك خالاپ كەتمەيدۇ. چۈنكى شاھ دەۋرىدە بۇ ئىككى گۇرۇپ چەتكە قېقىلغان. شۇنداقتىمۇ رىزا پەھلەۋىنى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا يېڭى لىدىر قىلىپ ئەپكېلىش ئىھتىماللىقى بار.
ئەمما بۇنىڭدىن بۇرۇن ئويلىشىدىغان مەسىلە،بۇ ئۇرۇشنىڭ قانداق ۋە قانچىلىك داۋاملىشىدىغانلىقىدۇر. ھازىر ئىران ھەممە تەرەپكە قالايمىقان ھوجۇم قىلغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا بۇلتۇرقى ئۇرۇشتىكىدەك ھەيۋىسىنى كۆرسىتەلمەيۋاتىدۇ. سەۋەبى، ئالدىدىكى يازمىدا تىلغا ئېلىنغاندەك ھەم ئاجىزلاپ كەتتى، ھەم نىشاننىڭ سانىنى ئىران ئۆز كۆپەيتىۋالدى.
ئىران درونلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ئۆزلىرىنىڭ نىشان دائىرىسىنى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ئوخشاش ھەربىي نىشانلاردىن كېڭەيتتى. ھەتتا سىپروستىكى ئەنگىلىيە ھەربىي بازىسىمۇ ھوجۇمغا ئۇچۇردى. ئىراننىڭ ئەسلىدىنىلا ئەرەب دۆلەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىشى ئاقلانىلىك ئەمەس ئىدى، دەل ئەكسىچە بۇ دەل ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ كۈتكىنى ئىدى. چۈنكى بۇنداق بولغاندا بۇ ئۇرۇش ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە يىتەكچىلىكىدە پۈتۈن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ئىرانغا قارشى ئۇرۇشىغا ئايلىنىدۇ ۋە مەلۇم نۇقتىدىن ئاللىبۇرۇن شۇنداق ئۇرۇشقا ئايلىنىپ بولدى.
ھازىر ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ھەشەمەتلىك مېھمانسارايلار، سودا سارايلار، ئېگىز بىنالىق ئولتۇراق رايونلار ۋە ئەڭ زامانىۋى ئايرودروم تېرمىناللىرى ئاردا-ئارقىدىن زەربىگە ئۇچرىماقتا. بۇ ئورۇنلار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ياكى باشقۇرۇلدىغان بومبىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىپ قۇرۇلمىغانلىقى ئۈچۈن مۇداپىئەسىز قالماقتا. تۈنۈگۈنكى ھوجۇملاردىن كىين بۇ دۆلەتلەر ئىراننى ئەيىپلىدى ۋە ئايرىدروم ۋە مىھانخانلارغا قىلىندىغان ھوجۇملار بىلەن ئىران قىزىل سىزقتىن ئۆتۈپ كەتتى.
قولتۇق رايونىدىكى پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ زەربىگە ئۇچرىشى يەر شارى خاراكتېرلىك تەمىنات زەنجىرىنى پالەچ قىلىپ، سۇغۇرتا تەننەرخىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئۆرلىتىۋەتتى. سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئامېرىكىدىن جىددىي تۈردە تېخىمۇ كۆپ «پاترىئوت» (Patriot) ۋە «THAAD» سىستېمىلىرىنى تەلەپ قىلماقتا. ئىراننىڭ ھوجۇملىرى باشتا بۇ ئۇرۇشقا قارشى چىققان ئەرەپ دۆلەتلىرىنى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە تەرەپكە ئىتتىرۋاتىدۇ. ئەگەر ھوجۇمىنىڭ شىددىتى يەنە ئازراقلا ئاشسا بۇ دۆلەتلەر ئۇرۇشقا بىۋاستە قاتنىشىشىنى، بۇنىڭ بىلەن دەل ئۈمىد قىلغاندەك ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە تېخىمۇ بېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىران ھاۋا ۋە دېڭىزدا كۆپ ئىش قىلالمايدۇ. چۈنكى ئىراننىڭ ئۇرۇش ئايرۇپلانلىرى ۋە جەڭ پاراخۇتلىرى بەك كونا ۋە قالاق بولۇپ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن سېلشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ھاۋا ئارمىيەسى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، ئاساسلىقى شاھ دەۋرىدە، يەنى يېرىم ئەسىر ئىلگىرى سېتىۋېلىنغان كونا ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدىن تەشكىل تاپقان. ھەقىقىي تەھدىت پەيدا قىلالايدىغىنى بولسا باللىستىك ۋە چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبلىرى شۇنداقلا ئۇزۇن مۇساپىلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان (درون) قوشۇنىدۇر. ئۆتكەن يىلى ئىيۇندىكى 12 كۈنلۈك ئۇرۇش جەريانىدا، ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئىران ھاۋا بوشلۇقىدا پۈتۈنلەي ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، توسالغۇسىز ھالدا يۈزلەرچە زەربە بەرگەن بولسىمۇ، ئىران يەنىلا ئىسرائىلىيەگە قاراپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىشقا ۋە دىرونلىرىنى ئەۋەتىشكە مۇۋەپپەق بولغان ئىدى.
ئىراننىڭ دېڭىز ئارمىيسىمۇ ئۇ قەدەر كۈچلۈك ئەمەس بولۇپ ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكىلىرىغا پەقەت چەكلىكلا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئېگە. ئەمما بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتايدىن «ئاۋىئاماتكا قاتىلى» دەپ ئاتىلدىغان باشقۇرۇلدىغان بومبىلارنى كىرگۈزگەن بولۇپ بۇنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئىشلىتەلىسە ئامېرىكىغا زەربە بېرەلىشى مۇمكىن. ئىران خىتايدىن يەنە كۆرۈنمەس ئايرۇپلانلارنى كۆرگىلى بولىدىغان قىلالايدىغان يېڭى رادار سىستېمىسىمۇ سېتۋالغان بولۇپ بۇمۇ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنى قىين ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان خەتەرلىك قوراللارنىڭ بىرىدۇر.
ئىراننىڭ ئەۋزەل تەرىپى
ئەمما ئىراننىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەرىپى قۇرۇقلۇق ئارمىيسىدۇر ۋە ئىراننى قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىدا ھەرگىز بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ. ناۋادا ئىران دۆلەت ئارمىيسى ۋە ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى (IRGC) ئۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلسا دۆلەت ئىچىدە ۋە سىرتىدا زور بىر تۈركۈم ئەسكىرى كۈچنى ھەركەتكە كەلتۈرەلەيدۇ. بۇلارنى چوڭ جەھەتتىن ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى، دۆلەت ئارمىيسىنىڭ بىر قىسىمى، ئىراندىكى 15 مىليۇنغا يېقىن موللا ھاكىمىيتىگە ئەڭ سادىق كىشىلەر، ھېزبۇللاھ، خاماس ۋە خۇسىيلار دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى يەنە شىئە ئىدولوگىيسىنىڭ قوغدىغۇچىسى سالاھىيتى بىلەن ئىراقتىكى شىئەلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. ئەگەر ۋەزىيەت بۇ شەكىلدە داۋام قىلسا (بۇ ئىھتىماللىق يۇقىرى) ئىراندا ئىچكى ئۇرۇش چىقىش بىلەن بىرگە ئوتتۇرا شەرق رايۇنىدا يەنە بىر ئۇزۇنغا سوزۇلغان قانلىق ئۇرۇش چىقىدۇ. تىرامپنىڭ ۋە نىتانياھۇنىڭ ئىران خەلقىگە ئىشنىڭ داۋامىنى سىلەر قىلىڭلار، شەكىلدە خىتاب قىلىشى ۋە تىرامپنىڭ نۇتۇقىدىكى «بۇ ئۇرۇش بۇرۇنقى ھىچقانداق ئۇرۇشلارغا ئوخشىمايدىغان ئۇرۇش… ئامېرىكا ئەسكەرلىرىمۇ ھاياتىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن…» دېگەنگە ئوخشاش جۈملىلەر ئامېرىكىنىڭ ئاللىبۇرۇن بۇ ئۇرۇشنى ئۇزۇنغا سوزۇشقا تەييارلىق قىلىپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا بۇ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ قۇرۇقلۇقتىكى كۈچىنى دىققەتكە ئالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇرۇشنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى ئۆز نۆۋىتىدە ئىراندا ئچىكى ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى ئىران ئىسلام ھاكىمىيتى دۆلەت ئىچىدە ناھايىتى كۈچلۈك بولسىمۇ، ھەممە كىشى بۇ ھاكىمىيەتنى قوللىمايدۇ. موللا رېجىمى 1979-يىلى ھاكىمىيەتكە كەلگەندە كۆپ قوللاشقا ئېرىشكەن بولسىمۇ ئەمما كىينكى دەۋىرلەردىكى مۇستەبىتلىك، دىنني بېسىم، ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي پەتىۋالارنى مەنپەتىگە قارىتا ئىشلتىشى شۇنداقلا «ئەخلاق ساقچسى» دەيدىغان بىر قىسىمنىڭ پەيدا بولۇپ كىشىلەرنىڭ شەخسى تۇرمۇشلىرىغا قەدەر ئارلىشىشى خەلق ئارسىدا نارازلىقلارغا سەۋەب بولماقتا. ئىراندا توختىماي چىقىپ تۇردىغان نامايىشلارنىڭ بۇنىڭ بىر ئىسپاتىدۇر. ھەممىدىن مۇھىمى،ھاكىمىيەتنىڭ ئىدولوگىيەلىرىنى زورلاپ تېڭىشى ئىران خەلقى ئارسىدا بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئىراندا زور كۆپچىلىك دىنىي ۋە ھەربىي باشقۇرۇشقا قارشى بولۇپ، دېموكراتىك بىر ھۆكۈمەت تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلەن GAMAAN (ئىراندىكى پىكىر قاراشلارنى ئانالىز قىلىش ۋە ئۆلچەش گۇرۇپپىسى) تەرىپىدىن 2025-يىلى ئاۋغۇستتا ئېلان قىلىنغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىرانلىقلارنىڭ زور كۆپچىلىكى (تەخمىنەن 70%) ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ داۋاملىشىشىغا قارشى.

66% ئىرانلىق دىنىي قانۇنلارغا ئاساسلانغان باشقۇرۇشقا،71% كىشى بولسا ھەربىي تۈزۈمگە قارشى. ئەكسىچە 89% ئىرانلىق دېموكراتىيەنى قوللايدۇ.

« ئىسلام ئىنقىلاب پرىنسىپلىرى ۋە ئالىي دىنىي رەھبەر» نى قوللاش نىسبىتى ئاران 11% بولۇپ (بۇ نىسبەت 2022-يىلىدىكى 18% ئىدى) نۆۋەتتىكى ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى بولسا 20% كىشى قوللايدۇ.

خەلقنىڭ ھاكىمىيەت ئىچىدىكى شەخىسلەرنى قوللىشمۇ ناھاىيتى تۆۋەن بولۇپ 9% كىشى ئەلى خامېنينى ،ئوخشاشلا 9% كىشى مەھمۇد ئەھمەدى نېجادنى ، 6%كىشى بولسا مۇھەممەد جەۋاد زارىفنى قوللايدۇ.

ئەكسىچە، ئۆكتىچىلەرنى قوللاش خېلىلا يۇقىرى بولۇپ رىزا پەھلەۋىنى 31%، تۇمەج سالېھىنى 6%، نەرگەس مۇھەممەدىنى بولسا 5% ئىرانلىق قوللايدىغانلىقى مەلۇم. فېدېراتسىيە سىستېمىسىنى قوللايدىغانلار 15% بولۇپ كوردىستان، غەربىي ئەزەربەيجان ۋە سىستان-بەلۇجىستان قاتارلىق رايونلاردا بۇ تەلەپ يۇقىرى.

بۇ سان-سىپىرلار ئىران خەلقنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ ھازىرقى دىنىي ھاكىمىيەتكە قارشى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقنىڭ بىر قانچە چوڭ گۇرۇپقا بۆلۈنگەن ھالەتتە ئېكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇلارنى چوڭ جەھەتتىن بەلكىم ئىسلام ھاكىمىيىتىنى قوللىغۇچىلار، پارس مىللەتچىلىرى، كۈرتلەر، ئەزەربەيجانىيلار، بەلۇجلار دەپ ئايرىش مۇمكىن. بۇ نۇقتىدا بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ھايات-ماماتلىق بىر پەيتتە ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى يۇقىرى دەرىجىدە دىكتاتۇر ھاكىمىيەت يۈزگۈزىشىنىڭ ئىھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى. بۇ قىسىم موللا رىجىمىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي تۈۋرۈكى بولۇپ ئىدىئولوگىيە جەھەتتىن پۈتۈنلەي ھاكىمىيەتكە بەيئەت قىلىدىغانلىقى مەلۇم، شۇنداقلا ئىراننىڭ ئىقتىسادىمۇ بۇلارنىڭ كونتروللىقىدا. يەنە بىر تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغان نۇقتا، ئىران ئىسلام ھاكىمىيتى بىر سۇلالە ياكى شەخسىي ھاكىمىيەت ئەمەس. ئىران ھەققىدىكى ئىلگىرىكى يازمىلاردا تىلغا ئېلىنغاندەك، ئىران موللىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋاپىقيىتى رەھبەر ئۆلسىمۇ ئۆزى داۋاملىشىدىغان بىر دىنىي ھاكىمىيەت سىستىمىسى قۇرۇپ چىققانلىقىدۇر. شۇڭا ئەلى ھامېينىنىڭ ئۆلىمى گەرچە ھاكىمىيەتكە قاخشاتقۇچ زەربە بەرسىمۇ، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ يىمىرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. ئىراندا كيىنكى رەھبەرنى سايلايدىغان ساغلام سىستېما بار ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يەنە بىر دىنىي ئالىي لىدىرنى سايلاپ چىقىدۇ.
ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئۇرۇشنى كۆپ تالاپەت تارتماي تىز ئاخىرلاشتۇرماقچى بولسا ھاكىمىيەتنىڭ تۈۋرۈكى بولغان ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنى نىشانلىشى كېرەك ۋە ھەقىقەتەن شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. ئىسلام مۇھاپىزەتچىلەر قسىمى بولسا ئىچكى قىسىمدىن پارچىلىنىش چىقماسلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كونترولنى چىڭىتىشى مۇمكىن. ئىراننىڭ ھازىرقى ئىچكى ۋەزىيتىدىن خەۋەردار مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئانالىزلىرىغا قارىغاندا،ئىراندىكى بۇ قىسىم خەلققە ئىنتايىن ئېغىر تەھدىد سالماقتا. بولۇپمۇ بۇلتۇر ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتىن كىين، كىم ۋە قايىسى دەرىجىدىكى كىشى بولسۇن، ئاددى بىر كىشىدىن ھەر قانداق يۇقىرى ئەمەلدارغىچە، ئىران ئىسلام جۇمھىۇرىيتىگە قارشى چىقىدىكەن، قەيەردە بولىشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم تېپىپ قىساس ئالىدىغانلىقىنى ئوچۇق – ئاشكارا جاكارلاش ئارقىلىق خەلقنى ئىنتايىن قورقۇيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. نەتىجىدە خەلق قارشى چىقىشنى ئويلىسىمۇ بۇنىڭغا جۈرئەت قىلالمايدىغان ئەھۋالدا ئىكەنلىكى مەلۇم. نامايىش جەريانىدا ئەڭ ئاز 7 مىڭ، كۆپ بولغاندا 30 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا ۋە بۇ قىرغىنچلىق ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ ھاكىمىيەتنى قوغداش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ھەر قانداق زالىملىقنى قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قېتىم ھامېينى ئۆلگەندىن كىين ئىران ھاكىمىيتى «قىساس» نىڭ سىمۋۇلى بولغان قىزىل بايراقنى تىكلىگەن بولۇپ، بۇ بۇلارنىڭ خەلقنى تېخىمۇ زور بېسىم ئاستىغا ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئىران خەلقى ھاكىمىيەت رەسمىي ئالماشقانغا قەدەر رىيازەت چېكىشنى داۋام قىلىدۇ. ئىران يەنە لىۋاندىكى ھىزبۇللاھ ۋە يەمەندىكى ھۇسىيلارغا ئوخشاش ۋاكالەتچى كۈچلىرىنى ئۆزى تەمىنلىگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھوجۇم قىلشقا ھەركەتلەندۈرەلەيدۇ. شۇنداقلا باشقا ۋاكالەتچى گۇرۇپلارنى قۇرۇپ چىقىش ئىقتىدارىمۇ بار.
ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇقلۇق كۈچى
ئىراننىڭ ئىشەنچى ۋە ئۈمۈدى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قۇرۇقلۇق ھوجۇمى ئېلىپ بېرىشتا قىينىلىدىغانلىقىدۇر. ھاۋا ھوجۇمى ھەر قانچە دەھشەتلىك ۋە ئۈنۈملۈك بولمسىمۇ ھاكىمىيەتنى يىقىتىشقا يەتمەيدۇ. بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ قولىدا چەكلىك تاللاش بار. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىغا كىرىشىنىڭ ئىھتىماللىقى ناھايىتى كىچىك. يەنە كېلىپ دەرھال ئىران ئىچىدىن ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاشقاندا ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق كۈچى يەنە سۈرىيەدىكى كۈرتلەر بولۇشى مۇمكىن. ئەمما نەچچە ئاينىڭ ئالدىدىكى ئۇلارغا قىلىنغان «ئاسىيلىق» كۈردلەرنى يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشتا ئىككلەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ شارا ھۆكۈمىتى بىلەن كۈردلەر ئوتتۇرسىدىكى تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ كېتىۋاتقان بىر سۈرىيە رامكىسى ئىچىدە «بىرلىشىش» نىڭ دەل ئىران بىلەن زىدىيەتنىڭ ئۇچى كۆرۈنگەن چاغدا توختاپ قېلىشنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. ئىراندىكى ئۇرۇشقا كىرش بۇ مۇزاكىرىنى توختىتىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئىراندىمۇ ھاكىمىيەتكە قارشى كۈردلەر بار ۋە كۈرتلەرنىڭ مۇستەققىل بولۇش ئارزۇسى ئۇلارنى يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىن.
يەنە بىر تەرەپتىن سۈرىيە ھۆكۈمىتىمۇ بۇ ئۇرۇشقا داخىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئىران شارا ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بولغان قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان،ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە قارا-قويۇق ھوجۇم قىلىۋاتىدۇ. بۇ ھوجۇملار بۇ دۆلەتلەرنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ئىقتىسادى، دىپلوماتىيە ۋە قورال -ياراق ياردىمى بېرىش ئارقىلىق ئىرانغا قارشى ئۇرۇشقا ئەكىرشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بىر جەھەتتىن بۇنىڭغا سۈرىيە ھۆكۈمىتىمۇ مەجبۇر بولىدىغان نۇقتىغا كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ مۇنداق سەۋەبلىرى بار؛
- ئىران قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ھېزىبۇللاھ بىلەن بىۋاستە ئالاقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇغراپىيە جەھەتتىن ئىران ۋە ھېزىبۇللاھنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تۇرغان رايۇن دەل سۈرىيەدۇر. شۇڭا ئىران سۈرىيەگە ئىراق ۋە لىۋان ئىككى تەرەپتىن ھوجۇم قىلىشى مۇمكىن.
- ئىراقتىكى شىئە كۈچلەرنى سۈرىيەگە ھوجۇم قىلدۇرۇشى مۇمكىن.
- سۈرىيە ئىچىدىكى شىئەلەر ياكى يېڭى ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەرنى كۈشكۈرتۈشى مۇمكىن.
- سۈرىيەنىڭ ئىسرائىلىيەگە ئۇلىشىدىغان ئەڭ يېقىن يول بولۇش ئالاھىدىلىكىمۇ سۈرىيەنى ئىراننىڭ ھوجۇم نىشانغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.
ئىراننىڭ سۈرىيە ئىچىكى ئۇرۇشى دەۋرىدىكى تاشقى بىخەتەرلىك زەنجىرى ئىستراتىگيسىدە سۈرىيەنى ئالتۇن ھالقا دەپ تونىغانلىقىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا ئىران قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىشنى مۇھىم ئىستراتىگىيە دەپ تاللايدىكەن، سۈرىيەنىڭ ئۇرۇشنىڭ سىرتىدا قالالىشى قىين. يەنە كېلىپ ئىران سۈرىيەنى يېڭى ۋە مەزمۇت ئەمەس دەپ قاراپ بالدۇر چېقىلىشىمۇ مۇمكىن.
سۈرىيە ھۆكۈمىتى بۇ تەھدىد ۋە ۋەزىيەتلەرنى دىققەتكە ئېلىپ ئۇرۇشنىڭ بىر پارچىسى بولۇشنى خالاپ تاللىشىمۇ مۇمكىن. بۇنىڭغا يەنە سەئۇدى، قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىر تۈركۈم قوراللىق گۇرۇپلارنى قۇرۇپ چىقىشى ۋە بۇلار بىلەن كوردىناتلىق شەكىلدە ئۇرۇش قىلىشى مۇمكىن.
يەنە بىر تەرەپتىن ئۇرۇش بىر ئاز داۋاملاشقاندىن كىين ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ ئىچكى قىسىمدىكى ھاكىمىيەتكە قارشى كۈچلەرنى ھەركەتكە ئۆتكۈزەلىشى مۇمكىن. بۇ ھاكىمىيەتكە ئەڭ كۈچلۈك زەربە بولىدۇ، ئەمما قانلىق بىر توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغىنى ئېنىق.
باشقا سىنارىيەلەر
بۇلار ناۋادا ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئىرادە قىلسا يۈز بېرىش ئىھتىماللىقى بولغان سىنارىيەدۇر. بۇ ئەھۋالدا خىتاي، رۇسىيە ، چاۋشىيەن قاتارلىق دۆلەتلەر ئىران ۋە ئۇنىڭ ۋەكىل كۈچلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىلىرى بولۇشى ۋە كېرەكلىك پۈتۈن ياردەملەرنى قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئامېرىكىنى ئوتتۇرا شەرقتە قانچە خوراتسا خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھوجۇم قىلىشى ۋە ئېلىشنىڭ ئىھىتىماللىقى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ دۇنياۋى كۈچىدە خىتايغا سېلشتۇرغاندا نىسپى تۆۋەنلەش كۆرىلىدۇ. يەنە كېلىپ ئىراننى ساقلاپ قېلىش خىتاينىڭ ھەم گىئو-پولىتىكلىق، يەر شارىۋى بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادى مەنپەتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئىران ئامېرىكىنى ئوتتۇرا شەرقتە مەشغۇل قىلىپ تۇتۇپ تۇردىغان بىر دۆلەت، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قارشى تەبىئىي ئىتتىپاقدىشى. بۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ئىراندىن غايەت زور ھەجىمدىكى نىفىتىنى (ئىران نىفىتىنىڭ 90% نى) باشقا دۆلەتلەردىن ئالغانغا قارىغاندا ئىنتايىن ئەرزان باھادا سېتىۋالىدۇ. ئىران يوق قىلىنسا بۇ مەنپەتلەرنىڭ ھەممىسى يوق بولىدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا ئىران ئۇرۇشى ھەققىدە مۇنداق ئىككى سىنارىيەمۇ مۇمكىن؛
- ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئىران ھاكىمىيتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ ۋە ھاكىمىيەتتە ئىسلاھات بولىدۇ. ھاكىمىيەت ھەربىي كۈچىنى ئۆزلىرى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
- ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئىستخبارات كۈچلىرى بىلەن ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ مۇھىم شەخسىلىرىنى يوق قىلىش ۋە سېتىۋېلىش ئارقىلىق بۇ قىسمنى ئىچىدىن بىتچىت قىلىدۇ. رىزا پەھلەۋىينى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىرىدۇ.
ئەمما بىرلىككە كەلگەن ئىران ياكى پارچىلانغان ئىران مەسىلىسىدە ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا بىر – بىرىدىن پەرقلىق پىلانلىرى بارلىقى مەلۇم. ئامېرىكا پارچىلانمىغان ئىراننى ئىستەيدۇ. چۈنكى ئىران شاھ دەۋرىدىكىدەك كۈچلۈك ئەمما دىمكراتىك ھالەتتە بولسا بۇ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدە ئىسرائىلىيەگىلا تايىنىپ قېلىشىنى ئازلىتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، كۈچلۈك شىئە ئىتىقادىغا ۋە پارس مىللەتچىلىكىگە ئېگە ئىران رايۇندىكى تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر ۋە پاكىستان قاتارلىق رايۇنلۇق چوڭ سۈنئىي دۆلەتلەرنىڭ كۈچىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئىسرائىلىيە بولسا دەل پارچىلانمىغان، دىمكراتىك ۋە كۈچلۈك ئىراننىڭ ئامېرىكىنىڭ رايۇندىكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پارچىلانغان، ئاجىز ئىراننى ئىستەيدۇ. بۇنداق بولغاندا ئوتتۇرا شەرقنىڭ غوجىسى ئىسرائىلىيە بولىدۇ.
