
21-ئەسىردىكى دۇنياۋى خاراكىترلىك چوڭ ۋەقەلەرنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كەلسە خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ دۇنياۋى لىدىرلىق ئورنىغا ئوچۇق-ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلىشى، رۇسىيەنىڭ باشتا قىرىم ۋە كېيىن ئوكرائىيناغا ھوجۇم قىلىشى ۋە ترامپنىڭ ئامېرىكا پىرىزدىنتلىقىغا سايلىنىشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى رادىكال بىر شەكىلدە ئۆزگەرتىشى قاتارلىق ۋەقەلەرنى تىلغا ئېلىش خاتا بولمايدۇ. بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ ئۈچ سىياسەت مەۋجۇت دۇنيا سىستىمىسىغا چۇڭقۇر ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. خىتاينىڭ كۈچىيىشى ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە جىددىيلىك پەيدا قىلغان ۋە ئۇنۋرىسال دۆلەت كۈچىنىڭ نىسپىي تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، بۇنى پۇرسەت دەپ بىلگەن رۇسىيەنىڭ ئوكرائىيناغا ھوجۇم قىلىشى پۈتۈن ياۋرۇپانى ساراسىمىگە سالماقتا. بۇ قالايمىقانچىلىقتا ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنى «ئېلىم-سېتىم» مەنتىقسى بىلەن تاشقى سىياسەت يۈگۈزىدىغان «مەسئۇلىيەتسىز لۈكچەك» قىلىپ قويدى. مەۋجۇت خەلقئارا سىستىمىنىڭ بىۋاستە قۇرغۇچىسى ۋە ھامىيىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى بۇ ئۆزگۈرۈش دۇنيادىكى ھەر بىر شەخسنىڭ ھاياتىغىچە تەسىر كۆرسەتتى دەپ قارىساق مۇبالىغە بولماسلىقى مۇمكىن. ئەڭ ئاددىيسى ترامپنىڭ خىتاي بىلەن تەييارلىقسىز، بىلگىلى بولمايدىغان ۋە ئۆزگىرىپ تۇردىغان مۇناسىۋەت ئېلىپ بېرىشى دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر داۋاسىنى تۇرغۇن، ھەتتا چېكىنگەن ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. ھەممىگە تەڭ ئېچىلغان تىجارەت ئۇرۇشى ۋە ئىران ئۇرۇشى بىلەن ھەممىمىز كېرەكلىك بويۇملارنى قىممەت سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولىۋاتىمىز.
شۇنداقتىمۇ دۇنيادا بىر رايۇن ترامپنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ناچار تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچۇردى، ئۇ بولسىمۇ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدۇر. بىخەتەرلىكى يۈكسەك دەرىجىدە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچىگە تايانغان ناتوغا تايىنىپ قالغان بۇ رايۇن ئۈچۇن رۇسىيەنىڭ ئوكرائىيناغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە ترامپنىڭ «پۇل بولمىسا قورال يوق» سىياسىتى ئارقا-ئارقىدىن ئۇرۇلغان ئىككى مۇش بولدى. بىر زامانلار پۈتۈن دۇنيانى توپ-زەمبىرەكلىرى بىلەن بويسۇندۇرغان بۇ دۆلەتلەر ئەمدىلىكتە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالىشدىن ئەندىشە قىلىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. بۇ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنى تارىختىن بۇيان تازا كېلىشەلمەيدىغان ۋە ھەمىشە دىمكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق جەھەتلەردە ئەيىپلەپ كېلىۋاتقان بىر دۆلەت بىلەن يېقىنلىشىشقا مەجبۇرلىماقتا، ۋە بۇ دۆلەت تۈركىيەدۇر.
بۇ يازمىدا تۈركىيە-ياۋرۇپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەت تارىخى، ئىقتىسادى مۇناسىۋەت ۋە ياۋرۇپا بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە تۈركىيەگە بولغان ئىستەنمىگەن ئەمما مەجبۇرلانغان تاينىش مۇناسىۋىتى ئانالىز قىلىندۇ. باشتا ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىگە تۈركىيەنىڭ ئەزا بولۇش ئىستىكى رامكىسدا قاراپ چىقايلى.
قىسقىچە تۈركىيە-ياۋرۇپا ئتتىپاقى مۇناسىۋىتى
ئىستراتېگىيەلىك باشلىنىش ۋە دەسلەپكى تەرەققىياتنىڭ توختاپ قېلىشى (1959-1980)
بۇ مۇساپە 1959-يىلى، رىم شەرتنامىسى ئىمزالىنىپ ئىككى يىل ئۆتۈپلا، تۈركىيە ياۋروپا ئىقتىسادىي جەمئىيىتىگە (EEC) كىرىش ئىلتىماسى سۇنغاندا باشلانغان. بۇ دەسلەپكى قەدەم ئىقتىسادىي سەۋەبتىن بەكرەك سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئىستراتېگىيسىنىڭ تۈرتكسىدە ئېتىلغان. ناتو ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈركىيە غەربتىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغان. ئەمما، تۈركىيەنىڭ تەرەققىي قىلمىغان ئىقتىسادى ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇساپىنى زۆرۈر قىلغان. 1970-يىلدىكى جەمئىيەت كېلىشىمى ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىش ئۈچۈن 25 يىللىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات پىلانلىغان بولۇپ، تۈركىيەگە سانائەت مەھسۇلاتلىرىدا تەڭپۇڭ بولمىغان سودا ئەۋزەللىكىنى بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈركىيەنىڭ ئاجىز ئىقتىسادىنى ياۋروپانىڭ بىۋاسىتە رىقابىتىدىن قوغدىغان.
بۇ ئېنىق يول خەرىتىسىگە قارىماي، 1970-يىللار «بىھۇدە ئون يىل»غا ئايلانغان. مىللەتچىلىك ۋە شۇ دەۋردىكى نېفىت كىرىزىسىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىغان تۈركىيە ھۆكۈمەتلىرى تەلەپ قىلىنغان قۇرۇلمىلىق تەڭشەشلەرنى يولغا قويالمىغان ۋە ئەمەلىيەتتە سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈشتىن ۋاز كەچكەن. تەتقىقاتچى سېلىم كۈنەرئالىپنىڭ (Selim Kuneralp) تەھلىل قىلىشىچە، تۈركىيە سىياسىتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇش ئىدىيسىنىڭ يادرولۇق ئامىللىرى كەمچىل. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا بىتەرەپ تۇرغان. ئۇ گېرمانىيەنىڭ بېسىۋېلىشىنىمۇ، ياكى ئامېرىكا ياكى سوۋېت ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئازاد قىلىنىشنىمۇ باشتىن كەچۈرمىگەن. شۇڭا ياۋروپا قىتئەسىدە يەنە بىر ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمە ئۈچۈن ئۆز بايلىقلىرىنى ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى بىلەن بىر يەرگە توپلىشى كېرەكلىكىنى ھەقىقىي مەنىدە ھىس قىلالمىغان. بۇنىڭدىن سىرىت 2- دۇنيا ئۇرۇشدىن كېيىن ياۋروپا رەھبەرلىك قاتلىمى تەرىپىدىن ئورتاق قارشى تۇرۇلغان مىللەتچىلىك رېفلېكىسلىرى تۈركىيەدە ئاشۇ چاغدا ۋە ھازىرمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك. زۆرۈر تېپىلغاندا ھاياجانغا تولغان قۇرۇق سۆزلەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ نىشانغا يېتىشكە ياردەم بېرىدىغان ھېچقانداق قەدەم بېسىلمغان. يەنە كېلىپ 1960- ۋە 1970-يىللاردىكى قىبرىس كىرىزىسلىرىمۇ غەربكە قارشى كەيپىياتنىڭ كۈچىيىشىگە ئىلھام بەرگەن شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي تۇراقسىزلىق، يەنى ھەر ئون يىلدا بىر يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشلەر، ئەنقەرە بىلەن بىريۇسسېل ئوتتۇرىسىدىكى «ئشەنچ كىرزىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتكەن.
تۇرغۇت ئۆزال دەۋرى ۋە ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىش (1987-1995)
1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا تۇرغۇت ئۆزالنىڭ دەۋرى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان. تۈركىيەنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ياۋروپا بازارلىرىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىر سەپتە بولۇشنىڭ ھەربىي ئارىلىشىش دەۋرىيلىكىنى بۇزۇپ تاشلىيالايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئۆزال، 1987-يىلى رەسمىي ئەزالىق ئىلتىماسى سۇندى. بۇ مەزگىلدە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتىغا شەخسىي ئەرز سۇنۇش ھوقۇقى ۋە ئۆلۈم جازاسىنى توختىتىپ تۇرۇش قاتارلىق مۇھىم ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى دەرھال ئەزالىق بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما «تاموژنا ئىتتىپاقى» نى بىر پەلەمپەي سۈپىتىدە كۆرسەتتى. 1995-يىلى تاماملانغان تاموژنا ئىتتىپاقى بىر ئابىدە خاراكتېرلىك نەتىجە بولدى. تۈركىيە سانائەت ساھەسىنىڭ ئەندىشىلىرىگە قارىماي، بۇ ساھە گۈللىنىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىممەت زەنجىرىگە تولۇق سىڭىپ كىردى. بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر، تۈركىيە مۇشۇنداق ئۈنۈملۈك ئىقتىسادىي رىشتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئاز ساندىكى ئەزا بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
نامزاتلىق دولقۇنى ۋە قىبرىس ھەركىتى (1997-2004)
1990-يىللارنىڭ ئاخىرى دىپلوماتىك تۇراقسىزلىق بىلەن خاراكتېرلەندى. 1997-يىلدىكى لىيۇكسېمبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدا، باشقا ئون ئىككى كاندىدات دۆلەت ئىلگىرىلەۋاتقاندا، تۈركىيەنىڭ نامزاتلىق سالاھىيىتى رەت قىلىنىپ بىر قېتىملىق «خورلۇق»قا ئۇچرىدى. بۇ قارار ئىككى يىلدىن كېيىن 1999-يىلدىكى «ھېلسىنكى كېڭىشى» دە ئۆزگەرتىلدى ۋە ئاخىرى تۈركىيەگە «قەدىرلىك نامزاتلىق سالاھىيىتى- the treasured candidate » بېرىلدى. ئەمما، بۇ ۋاقىتتا يېڭى بىر قۇرۇلمىلىق توسالغۇ پەيدا بولدى: ئۇ بولسىمۇ قىبرىس ئىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى 2004-يىلى پارچىلانغان رۇم قىبرىسنى ئەزالىققا قوبۇل قىلىش ئارقىلىق «تۈزەتكىلى بولمايدىغان خاتالىق» ئۆتكۈزگەن. چۈنكى رۇم قىبرىس ھۆكۈمىتى تۈركىيەنىڭ ئەزالىقىغا توسالغۇ بولىدىغان دائىملىق رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە توسالغۇ دۆلەتكە ئايلانغان.
« ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى – ئاق پارتىيە» نىڭ «ئىجتىمائىي ئىنقىلابى» ۋە ۋەزىيەتنىڭ قاتتىق توڭلاپ قېلىشى
2002- يىلى ئاق پارتىينىڭ ھوقۇق بېشىغا چىقىشى چوڭقۇر ئىجتىمائىي بۇرۇلۇشقا ۋەكىللىك قىلدى. ئاناتولىيەگە يىلتىز تارتقان ۋە دىنىي مەكتەپلەردە تەربىيە كۆرگەن يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمى، شەھەرلىك، غەربكە يۈزلەنگەن سەرخىللار قاتلىمىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنەتتى. شۇنداقتىمۇ بۇرۇنقى ھۆكۈمەتلەرگە ئوخشاش ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مەسىلىسىنى تۈركىيەنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارايتتى.
شۇڭا ئەردوغان ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مەسىلىسىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلدى. 2002-يىلى نويابىردىكى سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كىين ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى 15 ئەزاسىنى چاقماق تېزلىكىدە زىيارەت قىلدى، بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر تەشەببۇس ئىدى. كۆپىنچە دۆلەتلەردە ئەردوغان جىسمانىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئاجىزلىغان ئەجەۋىتنىڭ ئورنىنى ئالغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان ۋە ئىستىقباللىق بىر رەھبەر سۈپىتىدە قۇچاق ئېچىپ كۈتۈۋېلىندى.
ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە ئۆزىگە كۆرسىتىلگەن سەمىمىي كۈتۈۋېلىشتىن ئىلھاملىنىپ، ئىسلاھات يولىنى داۋاملاشتۇردى ۋە ئەزا بولۇش سۆھبەتلىرىنى باشلاشقا كېرەكلىك سىياسىي ئۆلچەملەرنى ھازىرلىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان نۇرغۇن ئىسلاھاتلار ئىچىدە ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ھەق-تەلەپ ۋە جىنايى ئىشلار قانۇنلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇزۇندىن بېرى تەلەپ قىلىۋاتقان ئارمىيەنى ھۆكۈمەت ۋە قانۇننىڭ كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىش تەلىپىمۇ بار ئىدى. تەبىئىيكى، بۇ تەلەپ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز مەنپەئەتىگىمۇ ئۇيغۇن ئىدى، چۈنكى ئىلگىرىكى 40 يىلدا نۇرغۇن قېتىم ھۆكۈمەتلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئارمىيەنى بىر چەتكە قايرىپ قويمىسا، ھۆكۈمەت ئۆز ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىيەلمەيتتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆلچەملىرىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئېتىلغان بۇ ئەستايدىل قەدەملەرنىڭ نەتىجىسىدە 2005-يىلى ئەزا بولۇش سۆھبەتلىرى رەسمىي باشلاندى، بۇ تەرەققىيات تۈرك خەلقى تەرىپىدىن زور خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋېلىندى. ئىقتىسادمۇ 2001-يىلدىكى كىرىزىستىن ئەسلىگە كەلدى، بۇ ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىرىزىس مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قۇرۇلمىلىق تەڭشەش ئىسلاھاتلىرىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.
بەختكە قارشى، بۇ «شىرىن ئاي» ئۇزۇنغا بارمىدى. ئەزا بولۇش سۆھبەتلىرىنى باشلاشنىڭ تەلىپى سۈپىتىدە قىبرىس مەسىلىسى تۈركىيەنىڭ قارشىسىغا چىقتى. بۇ تۈركىيەدە زىل مەسىلە بولغاچقا تىز ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئاللىبۇرۇن ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئەزاسى بولۇپ بولغان رۇم سىپروس ھۆكۈمىتى بۇنداق ئەھۋالدا تۈركىيەگە قارشى ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ئەزا بولۇش سۆھبەتلىرىدىكى ئىلگىرىلەشنى بارغانچە قىيىنلاشتۇردى. مەسىلە يالغۇز قىبرىس ئەمەس ئىدى. ساركوزى رەھبەرلىكىدىكى فىرانسىيە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىغا ئاشكارا قارشى چىقتى. گىرمانىيەدىن مېركېل خانىم بولسا ئوچۇق گەپ قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئوخشاشلا گۇمان بىلەن قارايتتى. چوڭ دۆلەتلەر ئىچىدە ئەنگىلىيە تۈركىيەنىڭ ئەزالىقىنى ئوچۇق – ئاشكارا قوللايتى. بۇنىڭ بىلەن ئەزالىقنىڭ ئورنىغا تۈركىيە ئۈچۈن بىر «ئالاھىدە شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتى» تاللىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تۈركىيە ئۇنى دەرھال رەت قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساركوزى ۋە مېركېلنىڭ بېسىمى بىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كاندىدات دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى قەرەللىك داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان يېرىم يىللىق باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلىشنى توختىتىشتەك خاتا بىر قارارنى چىقاردى. بۇ ئەردوغان تەرىپىدىن شەخسىي ھاقارەت دەپ قارالدى. يامان بولغىنى بۇ قارار، ئەردوغاننىڭ ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم تۈركىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆلچەملىرىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسلاھات بېسىمىنىمۇ ئېلىپ تاشلىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزا بولۇش سۆھبەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە توڭلىتىپ قويۇلۇشى بىلەن تۈركىيەگە بولغان تەسىر كۈچىنى يوقاتقاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ئۆزىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ قىممەت قاراشلىرىدىن بارغانچە يىراقلاشتى. ئاق پارتىينىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى تۈرك خەلقىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كونسېرۋاتىپ ۋە دىندار بولغانلىقىدىن بولغانمۇ، ياكى ئوچۇق-ئاشكارە دىنىي قىممەت قاراشلارنى تەرغىب قىلىدىغان بىر سىياسىي پارتىيەنىڭ 20 يىلدىن كۆپرەك ئۈزلۈكسىز ھۆكۈمرانلىقىدىن كېيىن تۈرك جەمئىيىتى تېخىمۇ كونسېرۋاتىپ ۋە دىندار بولۇپ كەتتىمۇ، بۇ ئېنىق ئەمەس. ئەمما دىن تۈركىيەدە نۇرمالدىن ھالقىپ سۈيئىستىمال قىلىندىغان، سىياسىي تەشۋىقات ۋاستىسىگە ئايلىنشقا باشلىدى. بۇ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا تۈپتىن زىت ھالەتتۇر. چۈنكى ياۋرۇپا ئەسىرلەرچە خىرىستىيان دىنىنىڭ سىياسەتكە ئارلىشىشى ۋە كونترول قىلىۋېلىشىنىڭ زۇلۇمىنى يەتكۈچە تارتقان ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلغان قانلىق ئۇرۇش ئارقىلىق دىننى ھاكىمىيەتتىن ئۇزاقلاشتۇرۇغان ۋە نەتىجىدە سېكۈلەر ھاكىمىيەت قۇرۇپ چىققان بولغاچقا دىن بىلەن ھاكىمىيەتنى ئارلاشتۇرۋېلىشنى سىياسەتتىكى چېكىنىش دەپ قارايدۇ.
ياۋرۇپانىڭ توختىماي تۈركىيەنى رەت قىلىشى ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىمكراتىك ئىسلاھاتلارنى توختىتىشى ۋە كەينىگە يېنىپ دىكتاتۇرلىشىپ مېڭىشغا يول ئاچتى. بولۇپمۇ 2013- يىلىدىكى «تاكسىم گېزى پاركى» نامايىشلىرى ۋە 2016- يىلىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ مەغلۇپ بولىشىدىن كېين ھۆكۈمەت ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشكە باشلىدى، تەنقىدىي تاراتقۇلارنى باستۇرۇشقا كىرىشتى، سوتچىلار، ئاكادېمىكلار ۋە مۇخبىرلار تۇتقۇن قىلىندى، مۇستەقىل تاراتقۇلار تاقالدى. شۇنداقلا 2017-يىلدىكى ئاساسىي قانۇن ئۆزگەرتىشلىرى بىلەن پرېزىدېنتلىق تۈزۈمىگە ئۆتۈلدى شۇنداقلا ئەدلىيە سىياسىيلاشتۇرۇلدى، تەيىنلەشلەرگە ئەردوغان بىۋاستە ئارلىشىدىغان ھالەت شەكىللەندى. يەنە كېلىپ پرېزىدېنت نامزاتى ئەكرەم ئىمامئوغلۇغا ئوخشاش ئۆكتىچى شەخسلەر تۈرمىگە تاشلىنىشى ۋە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتيسى (ج ھ پ) نىڭ قۇرۇلتايىنىڭ 2-3 يىلدىن كىين بىكار قىلىنىپ تۈركىيە سىياسىتىدە سايلامدا يېڭىلىش رىكورتى ياراتقان كامال قىلچدار ئوغلىنىڭ ج ھ پ نىڭ بېىشغا قايتا كەلتۈرۈلىشى تۈركىيەدە ئەدلىيە ۋە قانۇننىڭ ئادىللىق فونكىسىيەسىنى يوقاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا.
ئىسلاھاتلار ئارقىلىق تۈركىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا قىلىشى كېرەك بولغان ئەردوغان،تۈركىيەنى تەكشۈرۈش ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مېخانىزملىرى ئاجىزلاشقان ھوقۇق بىر شەخسكە مەركەزلەشكەن بىر دۆلەتكە ئايلاندۇردى. سىياسىي ئورنى مۇستەھكەملەنگەنسېرى، ئۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بولغان قىزىقىشى ۋە تايىنىشى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئازايدى. شۇڭا، ھازىرقى تۈركىيە ئەزالىق ئۈچۈن كېرەكلىك دېموكراتىك ئۆلچەملەرگىمۇ يېتەلمەيدۇ. ئىلگىرىكى ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى يۇنكېر بۇ سەۋەبتىن تۈركىيەنىڭ يېقىن ئارىلىقتا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش «ئورنىدا ئەمەسلىكىنى» بىلدۈرگەن.
تەبىئىيكى، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ياتلىشىش يەنە بىر جەھەتتىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزىدىكى تەرەققىياتلار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. جۇغراپىيلىك كېڭىيىش ئەمدى قىتئەگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئۆلچەملىك ھەل قىلىش چارىسى دەپ قارالمايدىغان بولدى. ياۋروپا قىممەت قاراشلىرى ۋىنگىرىيە قاتارلىق بىر قانچە ئەزا دۆلەتلەردە ئاشكارا دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ. ئىستانبۇلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە ياۋروپا شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەن، كىشىنى چۆچۈتىدىغان ۋە قانلىق تېرورلۇق ھۇجۇملىرى نەتىجىسدە ياۋرۇپادا ئىسلاموفوبىيا كۈچەيدى. بۇ تېرورچىلار ئىسلام نامىدىن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغانلىقتىن، ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئۇلارنى دىنىدىن ئايرىپ قاراش قىيىن بولماقتا. گوللاندىيەدىكى ئەركىنلىك پارتىيەسى (PVV) ۋە گېرمانىيەدىكى (AfD) قاتارلىق ئاشقۇن ئوڭچىل ئىدىيەلەرنىڭ كۈچىيىشى قاتارلىق ئىچكى ئامىللار بۇ دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەزالىقىغا قاتتىق قارشى تۇرىشىغا تۈرتكە بولماقتا. ئوخشاشلا، تۈركىيەدىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنى كۈچلۈك قوللاش سۈرئىتى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىدى.
ھەسىنكام ئاچچىق ئارمۇتى تاتلىق: تۈركىيە-ياۋرۇپا سودا مۇناسىۋىتى تۈركىيەنىڭ ياۋرۇپا خەۋپسىزلىكىدىكى ئورنى
گەرچە تۈركىيە ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرسىدا سىياسىي تۈزۈم ۋە قىممەت قاراش قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭ پەرق بولسىمۇ، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ ئەزالىق مۇساپىسى بىر تالاي كۆڭۈلسىزلىكلەر بىلەن نەتىجىلەنگەن بولسىمۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا تولىمۇ يېقىن سودا مۇناسىۋىتى مەۋجۇت. بۇ تەبئىي ھالدا جۇغراپىيلىك يېقىنلىق ۋە تاۋارلاردىكى بىر-بىرىنى تولۇقلاش ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇنداقلا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئەسىرلىك يېقىن تىجارەت مۇناسىۋىتى بار.
بولۇپمۇ 1995-يىلدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى-تۈركىيە تاموژنا ئىتتىپاقى سانائەت ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئاپتوموبىل، ماشىنا، توقۇمىچىلىق، ئېلېكتر سايمانلىرى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېقىلغۇ ساھەلىرىدە بىرلىكتە تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىشنى مۇمكىن قىلدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ياۋروپا ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى تۈركىيەنى رايون خاراكتېرلىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىپ بېكىتتى، تۈركىيە بولسا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېخنىكىلىرى، سانائەت خام ئەشيالىرى ۋە ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلدى . نەتىجىدە بۈگۈنكى تەڭپۇڭ ئىمپورت-ئېكسپورت قۇرۇلمىسىنى ۋە يۇقىرى سودا مىقدارىنى شەكىللەندۈردى.
تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى سودىسى تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن چوڭ تىپتىكى، چوڭقۇر بىر گەۋدىلەشكەن ئىككى تەرەپلىمە سودا مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 2025-يىلى 1-ئايدىن 7-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن تەخمىنەن 67.7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى مال ئىمپورت قىلدى ۋە تەخمىنەن 67.6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى مال ئېكسپورت قىلدى، بۇ مەزگىلدە تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا ئومۇمىي سوممىسى 135.3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. TradeInt نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن قىلغان ئىمپورتىدا قېزىلما يېقىلغۇلار 19.38 مىليارد دوللار، ئاپتوموبىللار 16.08 مىليارد دوللار ۋە ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر12.50 مىليارد دوللاربولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قىلغان ئېكسپورتىدا ئاپتوموبىللار 18.14 مىليارد دوللار، ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر 7.98 مىليارد دوللار ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن قېزىلما يېقىلغۇلار 6.48 مىليارد دوللار ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن. يەنى ئالدىنقى 7 ئايدا تۈركىيەنىڭ ياۋروپا بىلەن بولغان سودا سوممىسى تەخمىنەن 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.
دۆلەتلەر بويىچە قارىغاندا تۈركىيە ياۋرۇپادا يەتتە دۆلەت بىلەن زور ھەجىملىك سودا مۇناسىۋىتىگە ئېگە. بۇلار:
- گېرمانىيە: تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى بولۇپ، 2025-يىلى 1-ئايدىن 7-ايغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈركىيە گېرمانىيەدىن 17.65 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى مال ئىمپورت قىلدى ۋە گېرمانىيەگە 12.89 مىليارد دوللارلىق مال ئېكسپورت قىلدى، بۇ تۈركىيە-گېرمانىيە سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 30.54 مىليارد دوللارغا يەتكۈزدى. بۇ سانلىق مەلۇماتلار گېرمانىيەنى ھەم ئىمپورت ھەم ئېكسپورت جەھەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 1-نومۇرلۇق ھەمراھىغا ئايلاندۇردى.

- ئەنگلىيە : ئىمپورت 4.1 مىليارد دوللار ؛ ئېكسپورت بولسا 9.9 مىليارد دوللار. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىققاندىن كېيىنكى سودا يەنىلا كۈچلۈك بولۇپ، تۈركىيەنىڭ توقۇمىچىلىق، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ئارقىلىق تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ، ئەنگلىيە بولسا تۈركىيە سانائىتىنى دورا ۋە ماشىنا بىلەن تەمىنلەيدۇ.
- ئىتالىيە: ئىمپورت: 9.5 مىليارد دوللار ؛ ئېكسپورت 7.7 مىليارد دوللار. ئاپتوموبىل ياساش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىلىرى ئاساسىدا قۇرۇلغان تەڭپۇڭ ھەمكارلىققا ئېگە.
- فرانسىيە: ئىمپورت 7.8 مىليارد دوللار ؛ ئېكسپورت 6.3 مىليارد دوللار. سودا كۆپ خىللىقنى ساقلاپ كەلمەكتە، ئاۋىئاتسىيە-ئالەم قاتنىشى، مۇداپىئە، توقۇمىچىلىق ۋە ئىستېمال ماللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
- ئىسپانىيە : ئىمپورت 5.8 مىليارد دوللار ؛ ئېكسپورت 6.1 مىليارد دوللار. ماشىنا، پولات- تۆمۈر ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەرىپىدىن شەكىللەنگەن، تەخمىنەن تەڭپۇڭ بولغان سودا ئېقىمى بولۇپ، ئىسپانىيە تۈركىيە ماللىرىنىڭ جەنۇبىي ياۋروپاغا كىرىشىدىكى مۇھىم دەرۋازا ھېسابلىنىدۇ.
- گوللاندىيە: ئىمپورت 3.1 مىليارد دوللار ؛ ئېكسپورت 4.7 مىليارد دوللار. مۇھىم ئەشيا ئوبروتى ۋە قايتا ئېكسپورت مەركىزى بولۇپ، روتتېردام پورتى تۈركىيەنىڭ شىمالىي ياۋروپاغا قىلغان ئېكسپورتىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ؛ سودا خىمىيەۋى ماددىلار، مېتاللار ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ماللارنى مەركەز قىلىدۇ.
- رۇمىنىيە: ئىمپورت 2.7 مىليارد دوللار؛ ئېكسپورت 5 مىليارد دوللار. قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، مېتاللار ۋە ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىلىرى ساھەسىدە زور سودا ھەجىمى مەۋجۇت شۇنداقلا رۇمىنىيە تۈركىيەنىڭ شەرقىي ۋە ئوتتۇرا ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان كۆۋرۈكىدۇر.
بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا كېرەكلىك بولغان نۇقتا، سانلىق مەلۇماتلار يۇقىرىدىكىدەك بولسىمۇ تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تاۋار سېتىۋالىدىغان دۆلىتى 32.2 مىلىياردا دوللارلىق سودا ھەجىمى بىلەن خىتايدۇر. تۈركىيەنىڭ خىتايغا ساتىدىغان تاۋار مىقدارى بولسا تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان دەرىجىدە ئازدۇر. تۈركىيەنىڭ 2- چوڭ تاۋار ئىمپورت دۆلىتى بولسا 29 مىلىيارد دوللار بىلەن رۇسىيەدۇر.

تۈركىيە- چەتكە قېقىشقا بولمايدىغان بىخەتەرلىك شېرىكى
تۈركىيە تارىختىن بېرى ھەربىي جەھەتتىن كۈچلۈك دۆلەت. ئوسمان ئېمىرىيەسىنىڭ سياسىي ھۆكۈمرانلىقى ئۈچ قىتئەگە يېيىلغان ۋاقىتتا جەنۇبىي ياۋرۇپانىڭ كۆپ قىسىم زىمنىلىرىنى ئىشغال قىلغان. تۈركلەرنىڭ بۇ تارىخى ياۋرۇپا بىلەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان قانلىق ئۇرۇش تارىخى بولۇپ ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ياكى ياۋرۇپالىقلارنىڭ تۈركىيەگە بولغان سەلبىي قاراشلىرىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر. ئەمما سانائەت ئىنقىلابىدىن كىين ياۋرۇپا دۆلەتلىرى تىزدىن كۈچەيدى، نەتىجىدە ئوسمان ئېمپىرىيەسىنىڭ كۈچى ياۋرۇپادىن پەيدىنپەي سىقىپ چىقىرىلدى ۋە 1908-يىلى ئوسمانلى ئەنگىلىيە تەرىپىدىن ئەسرگە ئېلىندى. 1923- يىلى ئاتا تۈرك تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنى قۇردى. تۈركىيە يەنىلا ھەربىي تەرەققىياتقا زور دەرىجىدە مەبلەغ سېلىپ كەلدى ۋە ئەسكىرى كۈچى يىلدىن-يىلىغا كۈچىيىپ ماڭدى.
ياۋرۇپادا بولسا ئىش تەتۈرىگە قاراپ ماڭدى. دۇنيانىڭ خوجىلىرى بولغان ياۋرۇپا دۆلەتلىرى 1914-يىلى باشلىغان 1-دۇنيا ئۇرۇشى ۋە 1939-دىن 1945 كىچە داۋام قىلغان 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا غايەت زور ئاجىزلاپ كەتتى. تېخىمۇ چاتاق بولغىنى ئامېرىكىنىڭ دۇنيانى يېڭىدىن تەرتىپكە سېلىش پىلانى رامكىسدا ياۋرۇپانىڭ بىخەتەرلىكى ناتو كۈنلۈكى ئاستىدا ئامېرىكىغا تاپشۇرۇلدى. ئىشلار ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتقاندەك كۆرىنىۋاتاتتى. يەنى ياۋرۇپا مىلىياردلارچە دوللار پۇلنى مۇداپىئە ئىشلىرىغا سېلىشنىڭ ئورنىغا تىجارەتكە ئىشلەتتى. نەتىجىدە ياۋرۇپادا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىقتىسادى باياشاتچىلىق بارلىققا كەلدى. 1991-يىلى سوۋىت يېمىرىلگەندىن كىينكى مەنزىرە تېخىمۇ شۇنداق بولدى. ياۋرۇپانىڭ «قاباھەتلىك چۈشى» بولغان رۇسلار ئاجىزلاپ كەتكەن بولۇپ ياۋرۇپالىقلارنىڭ بىخەتەرلىكتىن ئەنسىرىشىنىڭ تېخمۇ بەك ھاجىتى يوق ئىدى. ئىقتىساد خەلق تۇرمۇشى، مائارىپ، پەن – تېخنىكا ، ئادالەت، ئاممىۋى قۇرلۇشلار ۋە تىجارەت قاتارلىق ساھەلەرگە سېلىندى. ياۋرۇپادىكى باياشاتلىق، گۈللىنىش، كىشىلىك ھوقۇق تەرەپلەردىكى تەرەققىيات مىليۇنلىغان كۆچمەنلەرنىڭ ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان رايۇنىغا ئايلاندۇردى.
ئەمما پۇتىننىڭ رۇسىيەنى قايتىدىن كۈچلەندۈرۈشى ۋە تىغ ئۇچىنى يەنە ياۋرۇپاغا قارىتىشى بىلەن ياۋرۇپا ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى. 2014- يىلى قىرىم ۋە ئۇنىڭدىن كىين ئوكرائىيناغا تاجاۋۇز قىلىشى ياۋرۇپانى چۈچۈتتى. ئەمما شىرىن چۈشىدىن ئويغاتقان كاچاتنى ترامپتىن يېدى. ياۋرۇپا ۋە ئوكرائىينانىڭ ھەربىي ئارقا تىرىكى بولغان ئامېرىكا « جىق پۇل بولمىسا قورال يوق» دېدى. تېخىمۇ يامان بولغىنى، ترامپ ياۋرۇپانى «بىكارلىق پويىزغا چىقىۋالغۇچىلار» ۋە «ھەييارلار» دەپ ئاتىدى ۋە ناتونى تارقىتىۋىتىشى مۇمكىنلىكىنى، شۇنداقلا ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۆزلىرى ئويلىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئوكرائىيناغا بولغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش ئارقىلىق تېخىمۇ ئېنىق سېگىنال بەردى. ئارقىدىن ئىرانغا قوزغىغان ئۇرۇشتا ياۋرۇپادىن كۈتكەن قوللاشنى ئالالمىغان ترامپ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ئامېرىكىنىڭ ياۋرۇپا ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئۇرۇشقا كىرگىنىنى، ياۋرۇپانىڭ بولسا ئامېرىكا قىين ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا ياردەم بەرمىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مىننەت قىلدى.
ئەمەلىيەتتە بۇ سىياسىي تەرەققىياتلارنىڭ بېرىۋاتقان سېگىنالى بەك ئېنىق ئىدى؛ يەنى ياۋرۇپا ئەڭ تىز سۈرەئەتتە ئۆزىنىڭ مۇداپىئە قالىقىنىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئەمدى ئامېرىكىغا ئىشنىدىغان ۋاقىت كەتتى. بۇ ماكروننىڭ ياۋرۇپا ئوردىسىنى قۇرۇش چىقىش تەشەببۇسى بىلەن ئوخشاش ئىدى. ئامېرىكا بولمىسا رۇسىيەنىڭ ئوكرائىيانى ئىشغال قىلىپ قارا دېڭىز قىرغىقىدىكى دۆلەتلەرگە ھوجۇم قىلىش ئھىتىماللىقىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ. چۈنكى رۇسىيەنىڭ مەقسىدى دېڭىزغا بىۋاستە ئېچىلىش. رۇسىيەلا بولىدىكەن ياۋرۇپا بىخەتەرلىك بېسىمىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ھازىر ياۋرۇپا سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىنمۇ ئېغىر بولغان بىر خەتەر ئىچىدە. شۇڭا توغرا بولغىنى ياۋرۇپانىڭ ناتوسىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
مانا مەسىلە دەل بۇ يەرگە كەلگەندە تۈركىيە نەزەردىن ساقىت قىلىدىغان كۈچ ئەمەس. ياۋروپا تۈركىيەنىڭ ئارمىيەسىگە، مۇداپىئە سانائىتىگە ۋە جۇغراپىيەلىك ئورنىغا ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىق.تۈركىيە بۇ جۇغراپىيەدە مۇقىملىق ئېكسپورت قىلالايدىغان بىردىنبىر دۆلەت. تۈركىيەنىڭ نېمە ئۈچۈن قايتىدىن كۈنتەرتىپتە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئورنىغا قاراش كېرەك. قارا دېڭىزنىڭ جەنۇبىدا، ئوتتۇرا شەرقنىڭ شىمالىدا كاۋكاز رايونىغا خوشنا، شەرقىي ئاق دېڭىزنىڭ قوينىدا. يەنى تۈركىيە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك كرىزىسلىرىنىڭ تامامەن دېگۈدەك ھەممىسىگە يېقىن بىر ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئەمما مەسىلە پەقەتلا ئورۇن مەسىلىسى ئەمەس. تۈركىيە بىر تەرەپتىن دىمكراتىيەدىن ئۇزاقلاشقان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن ھەربىي كۈچىنى ئۈزلىكسىز تەرەققىي قىلدۇرماقتا. تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى ئەمدى پەقەتلا ئۆز رايونىدا ئەمەس، بەلكى دۇنيا مىقياسىدا ئالقىشلىنىدىغان، ئىشىنشكە بولىدىغان، دىققەت بىلەن كۆزىتىلىدىغان ۋە تاللىنىدىغان بىر سىستېمىغا ئايلاندى. تۈركىيەدە برونېۋىكلار، ھۇجۇمچى ۋە چارلاش درونلىرى، ئۇرۇش پاراخوتلىرى، كىچىك تىپتىكى قوراللار ۋە ئوق-دورىلار توختىماي چىقىۋاتىدۇ. پۈتۈن ياۋروپادا تۈركىيە بىلەن بۇ جەھەتتىن سودا قىلىشقا بولغان قىزىقىش كۈچەيمەكتە.
تۈركىيەنىڭ ياۋروپا مۇداپىئەسى ئۈچۈن پەقەت نەزەرىيەۋى بىر ئېھتىماللىقلا ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەڭ جانلىق مىساللارنىڭ بىرى ئىسپانىيە. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتو ئەزاسى بولغان ئىسپانىيە، يېڭى ئەۋلاد ئۇچقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن تۈركىيەدە ئىشلەنگەن HÜRJET ئايروپىلانىنى تاللىدى. بۇ پەقەتلا «بىر ئايروپىلان سېتىۋېلىش» ئەمەس. چۈنكى ئۇچقۇچى تەربىيەلەش ئايروپىلانى بىر دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۇرۇش ئۇچقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان سىستېمىسى دېگەنلىكتۇر. يەنى ئىسپانىيە ئۆز ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تەربىيەلىنىشىدە تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان بىر قورالغا ئىشەنگەن بولدى. ئىسپانىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم دائىرىسىدە، 30 دانە HÜRJET تەربىيەلەش ۋە يېنىك ھۇجۇم ئايروپىلانى ئۈچۈن 2.6 مىليارد ياۋرولۇق توختام ئىمزالاندى.
بۇنىڭدىن باشقا تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقارغۇچىسى بايكار (BAYKAR) يېقىندا ئىتالىيەنىڭ مۇداپىئە گىگانت شىركىتى لېئوناردو بىلەن بىرلەشمە كارخانا كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇ ھەرىكەت شىركەتنىڭ ياۋروپانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بازىرىدىن تېخىمۇ چوڭ ئۈلۈشكە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
رەسمىي باياناتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە 182 تۈرلۈك كېلىشىم بىلەن جەمئىي 8 مىليارد دوللارلىق سودا سوممىسىغا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدىكى 6 مىليارد دوللارلىق قىسمى بىۋاسىتە ئېكسپورتنى نىشان قىلغان كېلىشىملەردىن تەركىب تاپقان. تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە ۋە ئاۋىئاتسىيە ئېكسپورتى 2026-يىلىنىڭ دەسلەپكى تۆت ئېيىدا ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 28 ئاشتى.
تۈركىيە ياۋروپانىڭ ئوق-دورىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ھېچبولمىغاندا بىر قىسمىنى قاندۇرۇشقا لازىملىق سانائەت بازىسىغا ئىگە. تۈركىيە ئارمىيىسى مەيلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىچىدە ياكى سىرتىدا بولسۇن، ياۋروپا ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان كۈچ ۋە تەجرىبىگە ئىگە. ئۇكرائىنادىن باشقا، ياۋروپادىكى ھېچقانداق ئارمىيە تۈركىيەنىڭكىدەك چوڭ ئەمەس، ئۇنىڭ 400،000 ئەتراپىدا ئاكتىپ ئەسكىرى بار.
بۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن كىشىلەر ناتو ئەزاسى تۈركىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەدىن كېلىدىغان تەھدىتلەردىن مۇداپىئەلىنىشىگە ياردەم بېرىشتە ياخشى ئورۇندا دەپ قارايدۇ. تۈركىيەنىڭ ياۋروپانى قوغداش ئۈچۈن سۇنىدىغان نۇرغۇن نەرسىلىرى بار. شۇنداقلا نۇرغۇن جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇ ياۋروپالىق خېرىدارلار ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك تاللاش. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر ھەمدە شىركەتلەر ئوق-دورا ۋە مۇداپىئەگە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا ئۈچۈن يېقىن ئارىلىق، يۇقىرى تېخنىكا ۋە تەننەرخى يۇقىرى بولمىغان تەمىنلەش زەنجىرىگە موھتاج. ئاساسىي جەھەتتىن تۈركىيە بۇ ئۆلچەملەرنىڭ نۇرغۇنلىرىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى ئۈچۈن مۇھىم بىر نامزاتتۇر.
تۈركىيە نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك زامانىۋى قىرغۇچى ئايروپىلانلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ ھەمدە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان يەنى درون ئىشلەپچىقىردىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. تۈركىيە ھەم درون ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش ھەم ئارمىيسىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان درونلارنىڭ سانى جەھەتتە دۇنيادا ئامېرىكا ۋە خىتاي بىلەن ئوخشاش سەۋىيەگە ئېگە. ھەتتا بەزى تەرەپلەردە بۇ ئىككى دۆلەتتىن ئىلغار تەرەپلىرىمۇ بار. ھازىر تۈركىيە ئارمىيسىدە ئاكتىپ ئىشلتىۋاتقان درونلارنىڭ سانى 3598 بولۇپ، ئىسرائىلىيەدىن 9، ئامېرىكدىن 30 دروننى سېتۋالغىنىنى ھىسابقا ئالمىغاندا قالغان ھەممىسى تۈركىيەنىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقارغان درونلىرىدۇر. درونلارنىڭ زامانىۋى ئۇرۇشنى نەقەدەر ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى ئوكرائىينا ۋە ئىران ئۇرۇشىدا كۆردۇق. دروننىڭ تەننەرخى ئەرزان، ئەمما ئۇنى توسۇش تەننەرخى ھەم قىين ھەم ھەددىن زىيادە قىممەت بولۇشى شۇنداقلا نىشانلارغا تاللاپ زەربە بېرىش جەھەتتىكى يۈكسەك فونكسىيەسى بىلەن ئۇرۇشتا كوزۇر قورالغا ئايلانماقتا.
تۈركىيەنىڭ درون فىلوتى : جەمئىي 3598

تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى، تاغلىق قاراباغ ئۇرۇشىدا رۇسىيەنىڭ مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىگە، رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىغا ۋە قۇرۇقلۇقتىكى رۇسىيە تانكىلىرىغا قارشى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولغان.بايراقتار TB2 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇشغا ياردەم بەرمەكتە. شۇنداقلا پولشا ۋە رۇمىنىيەگە ئوخشاش ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى تەرىپىدىن سېتىۋېلىندى. ئافرىقا دۆلەتلىرىمۇ ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا تۈركىيەنىڭ كۆپ مىقداردىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋالدى. تۈرك مۇداپىئە سانائىتى ۋەكىللىرى ياۋروپانىڭمۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى سۆزلىمەكتە.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكدىن كىينكى كەلگۈسى مۇداپىئە ئىستراتگىيسى ئۈچۈن «ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېپىلى» دەپ ئاتىغان مۇداپىئە سىستىمىسىنى قۇرۇشقا ئالدىراۋاتقان بولۇپ، مۇنداقلا قارايدىغان بولساق،يۇقىرىدىكى جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەندەك تۈركىيە نۇرغۇن تۈردىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، بۇ ياۋروپا ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۈچۈن زور قىزىقىش قوزغايدۇ. ياۋروپا ئەلۋەتتە بۇلارغا جەڭ مەيدانلىرىدا رۇسىيەنىڭ توپ-توپى بىلەن كېلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار نۇقتىسىدىنمۇ قىزىقىدۇ.
بىراق ئەردوغان ياۋروپا ئۈچۈن ئاسان بىر شېرىك ئەمەس. ئەنقەرەنىڭ گىرىتسىيە ۋە سىپرۇس بىلەن بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك تالاش-تارتىشلىرى يەنىلا داۋاملاشماقتا، ئەردوغان رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلمەكتە. دۆلەت ئىچىدىكى دېموكراتىيەنىڭ چېكىنىشى تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش سۆھبىتىنىڭ نەچچە يىلدىن بېرى توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئەمما ۋەزىيەت ئۆزگەردى. ياۋرۇپانىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى ۋە بۇ جەھەتتە تۈركىيەگە بولغان ئھىتىياجى تۈپەيلىدىن دىمكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقۇنىڭ بايراقدارى بولغان ياۋرۇپانىڭ تىلى تۇتۇلۇشقا باشلىدى. ئۆتكەن بىر يىلدا تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق ئۆكتىچىلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان باستۇرۇشلار ياۋروپانىڭ كۆرۈنەرلىك تەنقىدىنى قوزغىمىدى. ئىمامئوغلى تۇتۇلغاندىن كىين ياۋرۇپادىن كۈچلۈك بىر ئىنكاس كەلمىدى. ھازىر تۈركىيەدە ئەردوغانغا جەڭ ئېلان قىلماقچى بولغان ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ (مەسىلەن ج ھ پ دە ئۆزگۈز ئۆزەلنىڭ ئورنىغا كامال قىلىچدار ئوغلىنىڭ كەلتۈرۈلىشى) تۈركىيە سوت سىستېمىسى تەرىپىدىن ئالماشتۇرۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان بىر باسقۇچقا كەلدى. بۇ يەردە ھەتتا سايلىغۇچىلارنىڭ تاللاش ھوقۇقىمۇ قالمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە.
بۇلارغا قارىتا، ياۋروپا تۈركىيە ۋە ئەردوغان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتەلەيدىغان تۇرۇقلۇق، ئۇنداق قىلماسلىقنى تاللىدى. نېمە ئۆزگەردى؟ ئەلۋەتتە تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيە مەسىلىسى ئانچە كۆپ ئۆزگەرمىدى. بەلكى ياۋرۇپانىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىسى ئۆزگەردى، چۈنكى رۇسىيەدىن كەلگەن ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت تەھدىت ئالدىدا تۈركىيەنىڭ دىمكراتىيە مەسىلىسگە ئارلىشىش ھەربىي مۇداپىئە ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىققا قارىغاندا كىچىك بىر ئاۋارىچىلىق خالاس. بۇ خەلقئار مۇناسىۋەت رىئالىزىم ئېقىمىنىڭ دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئەسلى ماھىيىتى (default mode) ئىكەنلىكى قارىشىنى قوللايدۇ. يەنى بىر دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى تەھدىدتكە ئۇچرىغاندا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىمكراتىيە قاتارلىق لىبرال قىممەت قاراشلار بىر تەرەپكە ئىتترىلىپ قويىلىدۇ.
ياۋرۇپانىڭ تۈركىيەگە ئىھتىياجى چۈشۈشى بىلەن ياۋرۇپا تۈركىيەگە بۇرۇن سېتىشنى رەت قىلغان بەزى قوراللارنى سېتىپ بېرىشكە باشلىدى. مەسىلەن تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ ئىمبارگوسى سەۋەبىدىن F-35 ئالالمىغاندىن كىين ياۋرۇپادىن Eurofighter ئېلىشقا مەجبۇر بولدى. ئەنگىلىيە 40 دانە سېتىشقا ماقۇل بولدى.ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەمۇ قوشۇلدى. گىرمانىيە بولسا باشتا بۇنىڭغا قوشۇلمىغان بولسىمۇ كېيىن 40 دانە سېتىپ بېرىشكە ماقۇل بولدى.
ئەلۋەتتە تۈركىيە ئۈچۈنمۇ ياۋرۇپا بىلەن بىللە رۇسىيەگە قارشى ھەربىي ئىتتىپاق قۇرۇش توغرا بولغان ئىستراتىگيىلىك تاللاشتۇر. ئەڭ باشتا تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى كەلگۈسى تۆت يىلدا ئاجرىتىشنى پىلانلاۋاتقان يۈز مىلياردلارچە دوللارلىق مۇداپىئە چىقىمىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. بۇ تۈركىيە ھەربىي سانائىتىگە تېخىمۇ تەرەققىيات ئېلىپ كېلىدۇ. ئوتتۇرا شەرق، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا بىلەن بولغان قارا دېڭىز رايونىدىكى ۋەزىيەتكە قارايدىغان بولساق، تۈركىيە ئۆزىنى بارغانسېرى داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان بىر رايوننىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى كۆرمەكتە. رۇسىيە تارىختىن بۇيان ھەم تۈركىيەنىڭ ھەم ياۋرۇپانىڭ رەقىبى بولۇپ كەلگەن. شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ ھازىرقى ئوچۇق دېڭىزغا چىقىش پىلانى تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز ۋە ئوتتۇرا دېڭىزدىكى مەنپەتىگە بىۋاستە تەھدىد شەكىللەندۈرىدۇ. يەنە كېلىپ رۇسىيە تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان بىلەن زىدىيتى بولغان ئەرمەنىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ھامىيىسى شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ رايۇنلۇق رەقىبى ئىراننىڭ ئىتتىپاقدىشى. بۇنداق ھالەتتە ياۋرۇپا بىلەن ھەربىي جەھەتتىن بىرلىشىش تۈركىيەنىڭ دۆلەت مەنپەتىگە ئۇيغۇن.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
- DW News. (n.d.). Can Turkey be a reliable partner for European security? [Video]. YouTube.
- DW Türkçe. (n.d.). Avrupa’nın ikilemi: Türkiye ortak mı tehdit mi? [Video]. YouTube.
- globalEDGE. (2023, October 8). Turkey: Trade statistics. Michigan State University.,
- Handy, N. (2023, September 2). This is why Turkey won’t make it into the EU. Fair Observer.,
- Kuneralp, S. (2017, May 2). Turkey-EU relations: Past, present – and future? Heinrich Böll Stiftung.,
- Regional Defence Review. (n.d.). Turkish drone force.
- Simeonova, M., & Ziccardi, A. (2026, April 10). Amid the mayhem: Three steps for the EU and Turkey to protect their interests. European Council on Foreign Relations.,
- Tastan, K. (2024, September 6). EU-Turkey economic relations in the era of geo-economic fragmentation. Stiftung Wissenschaft und Politik.
- Warpower Turkey. (n.d.). Just a moment….
