خىتايستان: خىتاينىڭ پىلانلىمىغان ئىمپېرىيىسى (2)
Sinostan: China’s Inadvertent Empire (Oxford University Press: 2022)
by Raffaello Pantucci, Alexandros Petersen
كىتاب تونۇشتۇرۇش
(2)
ئەسكەرتىش:
- كىتابنى تەپسىلىيراق تونۇشتۇرۇش مەخسىدى بىلەن بۇ يازما ئۆلچەملىك ئاكادېمىك كىتاب تونۇشتۇرۇش ئۇسۇلىدا يېزىلمىدى. شۇڭا ئىلمىي ژۇرناللارغا بېرىلىدىغان كىتاب تونۇشتۇرۇش \ كىتاب ئوبزورى ئۈچۈن ئۆرنەك قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلمايمىز.
- ئومۇمىي يازما ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككىگە بۆلۈپ يوللاندى. بۇ 2- قىسىمى بولۇپ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى،ئۇلارنىڭ خىتايغا بولغان قارىشى ۋە خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1-قىسىمىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئالدىنقى يازمىغا قاراڭ.
- بۇ يازمىدىكى پۈتۈن مەزمۇن ۋە ئىبارىلەر كىتابنىڭ ئۆزىدىن ئېلىندى. ھىچقانداق كۆز قاراش ياكى قوشۇپ قويغان مەزمۇن يوق.
( يازمىنى پايدىلىق دەپ قارىغان بولسىڭىز باشقىلارنىڭمۇ ئوقۇشى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇڭ)
خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ئافغانىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
خىتاي شىركەتلىرى يول، تۇرۇبا يولى ۋە ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور ئۇل ئەسلىھە تورىنى قۇرۇپ، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا مىقياسىدا مىنېرال بايلىقلارنى قېزىشقا زور مەبلەغ سالماقتا (4-، 69-70-، 81-، 94-95-، 103-، 126-بەتلەر). بۇ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە سودا ئېقىمىنىڭ خىتايغا قاراپ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە بۇرۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان (103-، 117-، 254-بەتلەر). مەسىلەن، خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى ھازىر قازاقىستاننىڭ نېفىت مەھسۇلاتىدا ھەرقانداق بىر غەرب شىركىتىدىنمۇ كۆپ كونتروللۇق ھوقۇقىغا ئىگە، شۇنداقلا تۈركمەنىستاننىڭ تەبىئىي گاز ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىدىمۇ ھۆكۈمرانلىق پېيىغا ئىگە (74-، 144-145-بەتلەر). بۇ ئىقتىسادىي كۈچ خىتاينى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ تەسىرچان كۈچكە ئايلاندۇغان (15-، 274-بەتلەر) شۇنداقلا خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى، سىياسىي تۈزۈم جەھەتتىن ئوخشاش دىكتاتۇرلۇق ئالاھىدىلىكى ۋە بۇ ھاكىمىيتىنى ساقلاپ قېلىش ئارزۇسى بىلەن قوشۇلۇپ، خىتاي ئۈچۈن غايەت زور تەسىر ئۇنىۋىرسال تەسىر كۈچ شەكىللەندۈرگەن. خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستراتىگىيسىدە ھەر بىر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتى ۋە ئافغانىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كۆپ خىل بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تايىنىش دەرىجىسى، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىملىقى ۋە يەرلىك ئەھۋالىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تۆۋەندىكىچە:
- قىرغىزىستان: بۇ دۆلەت خىتايغا ئەڭ ئاشكارا ھالدا تايىنىدىغاندۆلەت ھېسابلىنىدۇ (15-بەت). خىتاي قىرغىزىستاننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە، جۈملىدىن تاشيوللار، قارا-بالتادىكى ھالقىلىق نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە توك يەتكۈزۈش لىنىيەلىرىگە زور مەبلەغ سالغان بولۇپ، بۇلار دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە جەھەتتە قوشنىلىرى ۋە رۇسىيەگە تايىنىش ئەھۋالىنى ئازايتقان (5-، 6-، 82-85-بەتلەر). خىتاي يەنە ھەربىي ياردەم، ھەربىي كىيىم-كېچەك ۋە ئالاقە ئەسلىھەلىرىنى تەمىنلەيدۇ ھەمدە نەنجىڭدە قىرغىز چېگرا قوغدىغۇچىلىرى ۋە ئوفىتسېرلىرى ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەربىيەلەش ئېلىپ بارىدۇ (178-، 188-بەتلەر). خەلقنىڭ كۆز قارىشى مۇرەككەپ بولۇپ، بەزىلەر پۇرسەت ئۈچۈن خىتاي تىلى ئۆگەنسە، يەنە بەزىلەر خىتاي ئىشچىلىرى ۋە مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىدىن شىكايەت قىلىدۇ (6-، 17-، 101-، 141-142-بەتلەر). شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ماللىرىنىڭ سۈپىتىگە قارىتا كەڭ تارقالغان گۇمان ۋە خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئەنسىرەش مەۋجۇت (101-، 141-143-بەتلەر).
- تاجىكىستان: خىتاي بۇ يەردىكى بىخەتەرلىك تەسىرىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچەيتىش، ھەربىي ياردەم بېرىش، تاجىك قوغدىغۇچىلىرى ئۈچۈن چېگرا پونكىتلىرىنى قۇرۇش، ھەتتا ئافغانىستان چېگراسى بويىدىكى تاغلىق بەداخشان رايونىدا ئۆزىنىڭ بازىسىنى قۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان (18-، 184-185-، 227-بەتلەر). خىتاي خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ چېگرا پونكىتلىرىنى قوغداۋاتقانلىقى ۋە بىرلەشمە ھەربىي مەشىق ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان (185-، 197-بەتلەر). خىتاي يەنە شارىستان تونېلى ۋە دۈشەنبەدىكى يېڭى ھۆكۈمەت بىنالىرىغا ئوخشاش دەبدەبىلىك ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنىمۇ ئىشقا ئاشۇرغان (104-105-، 138-بەتلەر). گەرچە بەزى يەرلىك كىشىلەر خىتاي قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ماختىسىمۇ ، خىتاينىڭ تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەرنى ئىشلتىشى ۋە يەر-زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىش مەسىلىسىگە دائىر سەلبىي مىش-مىش پاراڭلار توختىماي داۋاملاشماقتا (92-، 93-، 139-، 140-، 169-بەتلەر). كۇڭزى ئىنىستىتۇتى ۋە ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ئەخلەت ساندۇقىغا ئوخشاش ياردەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچى تىرىشچانلىقى مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ئاممىۋى پىكىرگە بولغان تەسىرى چەكلىك بولغان (127-129-، 138-140-بەتلەر).
- قازاقىستان: خىتاينىڭ ئارىلىشىشى ئاساسلىقى ئېنېرگىيە ۋە مىنېرال بايلىق ساھەلىرىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، نېفىت-گاز تۇرۇبا يولى، نېفىتلىكلەر ۋە مىس كانلىرىغا زور مەبلەغ سالغان (70-71-، 78-81-بەتلەر). ياردەملەر يەنە ھەربىي ھەمكارلىق ياردەم بېرىش، يۈك ماشىنىسى ۋە يۈك سۆرەش ماشىنىسىغا ئوخشاش ئەسلىھەلەرنى سېتىش ھەمدە دۆلەت مۇداپىئە كۆرگەزمىلىرىگە قاتنىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (188-، 190-بەتلەر). خۇاۋېي ۋە ZTE غا ئوخشاش خىتاي تېخنولوگىيە شىركەتلىرى بۇ دۆلەتتە كەڭ كۆلەمدە پائالىيەت قىلىدىغان بولۇپ، تېلېگراف ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ (191-بەت). قازاقىستان ھۆكۈمىتى رايۇنلۇق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تەسىر كۈچىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن «كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە» يولىنى تۇتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ خېرىدارى ۋە تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ قالغان (98-، 136-بەتلەر). ئاممىنىڭ خىتاينىڭ نىيىتى ۋە ئىقتىسادىي ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان گۇمانى يۇقىرى بولۇپ، بەزى ئەمەلدارلار يەرلىك خەلقتىكى گۇمانخورلۇق سەۋەبىدىن خەنزۇ تىلى بىلىدىغانلىقىنى يوشۇرۇپ يۈرىدۇ (92-، 143-، 144-، 232-بەتلەر).
- تۈركمەنىستان: خىتاي ئۇنىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە ھەمراھى بولۇپ، ئاساسلىقى تۇرۇبا يولى ئارقىلىق تەبىئىي گاز سېتىۋالىدۇ، بۇ تۈركمەنىستاننى خىتاينىڭ رايونلۇق ئېنېرگىيە تورىدىكى بىر تۈگۈنگە ئايلاندۇرغان (69-72-، 147-بەتلەر). لېكىن، تۈركمەنىستان خىتايغا يەككە خېرىدار سۈپىتىدە تايىنىش سەۋەبىدىن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن (73-، 129-بەتلەر). خىتاي تۈركمەنستان بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەتمۇ قورغان بولۇپ ، تۈركمەنىستاننىڭ دۆلەت بايرىمى پاراتلىرىدا خىتاينىڭ قورال-ياراقلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان ھەمدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا ئوخشاش يۇقىرى تېخنولوگىيەلىك ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ سېتىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان (188-، 190-، 193-بەتلەر). لېكىن تۈركمەنىستان يېپىق دۆلەت بولۇش سەۋەبىدىن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدە كۇڭزى ئىنىستىتۇتى بولمىغان بىردىنبىر دۆلەت ھېسابلىنىدۇ (129-، 130-بەتلەر).
- ئۆزبېكىستان: بۇ دۆلەت خۇاۋېي ۋە ZTE غا ئوخشاش خىتاي تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭ رايونلۇق مەركىزى بولۇپ، بۇ شىركەتلەر زاۋۇت قۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەرنى قاتتىق دېتال بىلەن تەمىنلەيدۇ (191-بەت). خىتاي دۆلەت ئىچىدىكى باغلىنىشنى ياخشىلاش ئۈچۈن قامچىق تونېلىغا ئوخشاش مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ قۇرۇپ چىققان (106-بەت). ئۆزبېكىستان يەنە خىتاي ساقچىلىرى ۋە ھەربىيلىرى بىلەن بىخەتەرلىك تەربىيەلەش پىلانلىرىغا قاتنىشىدۇ (196-بەت). يەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتلار خىتاي تىلى تەتقىقاتىدا كۈچلۈك بولۇپ، كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرى قوللاش ۋە ئالاقە بىلەن تەمىنلەيدۇ (130-، 131-بەتلەر). ئۆزبىكىستاندىمۇ خىتاي ماللىرىغا قارىتا ئىشەنمەسلىك ئېغىر بولغان بولۇپ ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ماللىرىنىڭ سۈپىتى ياخشىلىنىپ، بازاردىكى جەلپ قىلىش كۈچى ئاشقان (119-بەت).
- ئافغانىستان: ئافغانىستان خىتاينىڭ ئالدىدىكى «بېشىنى قاتۇرىدىغان بىر مەسىلە» سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان (17-بەت). بېيجىڭنىڭ ئاساسلىق ئەندىشىسى ئافغانىستاندىكى زوراۋانلىق ۋە ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلەرنىڭ چېگرادىن ئۆتۈپ پاكىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ قېلىش ئېھتىماللىقىدۇر (18-19-بەتلەر، 223-بەت، 224-بەت). بۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ نەرزىرىدە ئافغانىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئىستىخبارات قاناللىرىنى ئاساس قىلغان (227-بەت). گەرچە خىتاي شىركەتلىرى چوڭ ئىقتىسادىي تۈرلەرگە (نېفىت، مىس) ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، شۇنداقلا خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ نېفىت قېزىشى ۋە مېتاللورگىيە شىركىتىنىڭ مىس ئايناك مىس كېنى (Mes Aynak) قاتارلىق چوڭ تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشى مەۋجۇت بولسىمۇ، نۇرغۇنلىرى توختاپ قېلىپ ياكى مەغلۇپ بولۇپ، ئافغانىستاننى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. سەۋەبى بولسا بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى، يەرلىكتىكى چىرىكلىك ۋە بازار ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن (75-76-بەتلەر، 208-210-بەتلەر، 214-بەت). بۇ خىل ئەھۋلنى ئاپتۇرلار خىتاينىڭ ئافغانىستاننىڭ ئىچكى قالايمىقانچىلىقىنى ھەل قىلىشتا بىۋاسىتە رەھبەرلىك رولىنى ئېلىشنى خالىمىغانلىقى، دەپ ئىزاھلىغان (221-بەت، 222-بەت). شۇنداقتىمۇ خىتاي ئافغانىستانغا بىخەتەرلىك ياردىمى بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە باداخشاندىكى تاغلىق بىخەتەرلىك قىسمىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش، ئافغانىستاندا ئەسكىرى تەلىم-تەربىيە بېرىش (197-بەت) ۋە بازا قۇرۇش قاتارلىقلار بار. يەرلىك ئافغانلارنىڭ ئاپتۇرلارغا ئېيتىشىچە، ئۇلار خىتاي ساقچىلارنىڭ ئافغانستاننىڭ بۇ رايۇنىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن (227-بەت). بۇنىڭدىن باشقا خىتاي تالىبان بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىنى ساقلاپ، بىخەتەرلىك مېخانىزمى قۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن، مەسىلەن، تاجىكىستاندا چېگرا پونكىتلىرىنى قۇرۇش ھەمدە پاكىستان، ئافغانىستان ۋە تاجىكىستان بىلەن بىرلىكتە «تۆت تەرەپ ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى (QCCM) بەرپا قىلىپ، چېگرالىرىنى نازارەت قىلىش ۋە بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش مەسىللىرىدە ھەر خىل كۆپ تەرەپلىك ۋە كىچىك دائىرىلىك مۇنبەرلەرگە قاتناشقان (185-بەت، 195-بەت، 224- 227-بەتلەر). ،
خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىدە ھەر خىل «يۇمشاق كۈچ» ۋاسىتىلىرىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك مىسالى كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرى بولۇپ، بۇ ئورۇنلار رايۇنغا خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيەت دەرسلىرىنى ئېلىپ كىرىۋاتىدۇ (123-، 124-، 125-، 126-بەتلەر). گەرچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدىغان ئاساسلىق سەۋەب ئەمەلىي مەنپەئەت، يەنى خىزمەت پۇرسىتى بولسىمۇ (123-بەت، 127-بەت)، كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى تۇرۇشلۇق دۆلەت ۋە رايۇندا خىتاي ھەققىدە ياخشى تەسىر قالدۇرۇشتۇر (124-بەت، 137-بەت). خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى باشقا تەشەببۇسلىرى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئەنئەنىۋى خىتاي تېبابەت دوختۇرخانىلىرى ۋە سوۋغا قىلىنغان ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ئەخلەت ساندۇقىغا ئوخشاش ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (137-138-بەتلەر).
بۇ تىرىشچانلىقلارغا قارىماي، ئوتتۇرا ئاسىيادا خىتايغا قارشى كەيپىيات يەنىلا كەڭ تارقالغان. بۇنىڭ سەۋەبى ئىش شارائىتى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، چىرىكلىك ۋە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يەرلىك ئىشچىلارنىڭ ئورنىغا خىتاي ئىشچىلارنى ئىشلىتىشى، مائاشنى تۆۋەن بېرىش قاتارلىق ئادالەتسىز قىلمىشلىرىغا بولغان ئەندىشىلەردىن كېلىپ چىققان (82-بەت، 87-91-بەتلەر، 144-145-بەتلەر، 175-بەت). يەرلىك خەلق ، مەسىلەن قىرغىزستاندىكى قارا بالتا كېنىدىكى قىرغىزلار خىتاي بىلەن رۇسىيەنى سېلىشتۇرۇپ، گەرچە رۇسلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دوستلىرى ئەمەسلىكىنى بىلسىمۇ، رۇس تىلىنى ۋە دۆلىتىنى ياخشى چۈشىندىغانلىقىنى، رۇسلار بىلەن يانمۇ-يان مەسىلە چىقارماي تۇرۇپ ئىشلىيەلەيدىغانلىقىنى؛ ئەمما خىتاي تىلى ۋە خىتاي ھەققىدە ھىچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى، خىتاي دۆلىتىنىڭ پىلانى نېمە ۋە كېينىكى قەدەمدە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتايغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى شۇنداقلا خىتايلارنىڭ بىر مەخپىي پىلانى بار دەپ ئويلايدىغانلىقىنى بايان قىلغان (32-بەت، 83-بەت).
بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتايغا قاراتقان كۆز قارىشى
ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قاراتقان كۆز قارىشى ئومۇمەن مۇرەككەپ ھەم دائىم بىر-بىرىگە زىت كېلىدۇ، مەسىلەن بۇلار:
- ئىقتىسادىي پۇرسەت ۋە بېقىندىلىق: ئۇلار ئاساسەن خىتاينى مەبلەغ سېلىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە سودىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مەنبەسى دەپ قارايدۇ (5-، 16-، 17-، 255-بەتلەر). نۇرغۇن دۆلەتلەر، بولۇپمۇ قىرغىزىستان، ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا چوڭقۇر تايىنىدۇ (5-، 15-، 111-بەتلەر).
- خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق سىياسىتىنىڭ قارشى ئېلىنىشى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەبىت رەھبەرلەر خىتاينىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا «ئارىلاشماسلىق» سىياسىتىنى قارشى ئالىدۇ، چۈنكى بۇ غەربنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەلەپلىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىدۇ (46-، 170-، 267-، 270-بەتلەر). ئەمما، گەرچە خىتاي ئاشكارا ھالدا «ئارىلاشماسلىق»نى تەشەببۇس قىلسىمۇ، ئۇنىڭ دىپلوماتلىرى قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ بولسىمۇ، خىتاي مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىشتا كۈنسېرى قەتئىيلىشىپ بارماقتا (46-، 154-، 252-، 273-274-بەتلەر).
- تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا ئۇرۇنۇش: يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك، قازاقىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەر خىتاينىڭ تەسىرىنى رۇسىيەگە ئوخشاش باشقا كۈچلەر بىلەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن «كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە» يولىنى تۇتىماقتا (98-بەت). لېكىن، خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىي جەلپ قىلىش كۈچى ئۇلارنى دائىم مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن باشقا تاللاش قالدۇرمىغان (15-، 46-بەتلەر).
- گۇمان ۋە ئەندىشە: ئامما ۋە يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئارىسىدا خىتاينىڭ نىيىتىگە قارىتا كەڭ تارقالغان گۇمان ۋە ئەندىشە مەۋجۇت بولۇپ، بۇ دائىم خىتاينىڭ زېمىن تالىشىش ياكى ئىقتىسادىي بويسۇندۇرۇشنى مەخسەد قىلغان « يوشۇرۇن ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك نىيتى» بار دەپ قاراش ۋە بۇنىڭدىن ئەنسىرەش ۋە قورقۇش شەكلىدە ئىپادىلەنگەن (11-، 83-، 91-93-، 117-، 143-، 230-، 232-بەتلەر). خىتاي كېلىشىملىرىنىڭ ئاشكارا بولماسلىقى، مۇھىتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ۋە ئىش كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلەر بۇ ئەھۋالنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىغان (13-، 82-، 88-89-، 92-، 142-بەتلەر).
- كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە بولغان مىننەتدارلىق: گەرچە گۇمانلار بولسىمۇ، يەرلىك خەلق دائىم خىتاي قۇرغان ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ۋە تېز سۈرئەتتە پۈتۈشىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، بۇ يەرلىك ياكى غەرب تۈرلىرىنىڭ ئاستىلىقى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىغان (140-، 226-بەتلەر).
خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى
خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىقتىسادتىن ھالقىپ ئۆتۈپ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى تەسىر كۈچىنىمۇ ئىزچىل كېڭەيتىپ، رۇسىيەنىڭ بۇ رايوندىكى ئەنئەنىۋى ئورنىغا جەڭ ئېلان قىلماقتا. دەسلەپتە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە رۇسىيەگە يول قويىدۇ دەپ قارالغان بولسىمۇ، خىتاي كۈنسېرى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك تەسىرىنى كېڭەيتمەكتە. كىتاب خىتاي بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدىكى، بولۇپمۇ ھەر ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەك ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىسىدىكى چوڭقۇر ۋە مۇرەككەپ ئىشەنمەسلىك ۋە رىقابەت مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى، ئەزەلدىن بۇ رايوندىكى ھۆكۈمران كۈچ بولۇپ كەلگەن رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى. بۇ ئۆزگىرىشچان مۇناسىۋەت ئىقتىسادىي رىقابەت، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە يوشۇرۇن ئىشەنچسىزلىكتىنتەركىب تاپقان مۇرەككەپ بىر جەرياننى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، چۈنكى بېيجىڭنىڭ «پىلانلىمىغان ئىمپېرىيە»سى موسكۋانىڭ تارىخىي ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تەدرىجىي ئالماشتۇرماقتا (15-، 267-بەتلەر).
تارىختا، ئوتتۇرا ئاسىيا رۇسىيەنىڭ ئەنئەنىۋى تەسىر دائىرىسى بولۇپ، ئامېرىكا ۋە غەرب سىياسەتچىلىرى ئۈچۈن «ئىككىنچى دەرىجىلىك مەسىلە» ھېسابلىناتتى، ئۇلار بۇ رايوننى «سوۋېت ئىمپېرىيەسىنىڭ قالدۇق قىسمى» دەپ قارايتتى (8-بەت). لېكىن، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن، خىتاينىڭ «ماسلاشقان ھالدا بۇ رايونغا كىرىشى» موسكۋانىڭ تەسىرىنى ئاجىزلىتىشقا باشلىدى (7-بەت). 2013-يىلى ئاستانادا «بەلباغ ۋە يول» تەشەببۇسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، پرېزىدېنت شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خىتاي تاشقى سىياسىتىدىكى مەركىزىي ئورنىنى ئوچۇق-ئاشكارا نامايان قىلغان (7-8-، 19-، 231-، 266-بەتلەر).
خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى روسىيەگە قارىتا ئىزچىل كۆزگە ئىلماسلىق مەۋجۇت بولۇپ، موسكۋانىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىنى «بېيجىڭ ئۈچۈن ھاكىمىيەتنى قانداق باشقۇرماسلىقنىڭ تىپىك دەرىسلىكى دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بىيجىڭدىكى خىتاي مۇتەخەسىسلەر خىتاينىڭ «غەرب تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغانلىقى ئۈچۈن روسىيە بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا مەجبۇر بولغانلىقى» ۋە ئەسلىدە ياۋروپا بىلەن تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالىدۇ ( 180-بەت). بۇ مۇناسىۋەتنى ئەڭ ئوبرازلىق تەسۋىرلەيدىغان ئاتالغۇ « بىر-بىرىگە دۈشمەن دوستلار» (frenemies) بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىدا چوڭقۇر يوشۇرۇن ئىشەنمەسلىك ۋە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوچۇق-ئاشكارا دۈشمەنگە ئايلىنىپ قېلىش ئەندىشىسى ياتىدۇ. رۇسلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە خىتايغا قارىتا دائىم نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچى رىقابىتىدە ھەر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش يولىدا رىقابەتلىشىدۇ. روسىيە خىتاينىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىستراتېگىيەلىك قورشىۋېلىشى»دىن بارغانسېرى ئەندىشە قىلماقتا، ھەمدە بۇنىڭ «روسىيەگىمۇ كونترول قىلغىلى بولمايدىغان ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك سىڭىپ كىرىشنىڭ كۆۋرۈكى بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىدىن ئەنسىرەيدۇ (, 161242-بەتلەر). روسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدە قوللانغان «بۆلۈپ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىستراتېگىيەسى» خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە تورىنى ئۆز پرىنسىپلىرى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈش سىياسىتى بىلەن زىددىيەتلىشىپ، روسىيەنىڭ رايوندىكى ئىستراتېگىيەلىك تەسىرىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا (85-86 بەتلەر)
بىخەتەرلىك ساھەسىدىمۇ ئەندىشىلەر مەۋجۇت بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيادا «خىتاي ئىقتىسادقا، روسىيە بىخەتەرلىككە مەسئۇل» دېگەن قاراش «ھەددىدىن زىيادە ئاددىيلاشتۇرۇلغان» ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان چۈشەنچىگە ئايلىنىپ قالغان. بېيجىڭ ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرى ۋە ئافغانىستاندىن كېلىدىغان مۇقىمسىزلىقنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن ئەنسىرەپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قۇرماقتا (14-، 179-، 205-، 266-بەتلەر). بۇ ھەربىي ياردەم بېرىش، تەربىيەلەش پىلانى تۈزۈش ۋە تارىختا رۇسىيە قوراللىرىغا تايىنىپ كەلگەن دۆلەتلەرگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىغا ئوخشاش ئىلغار ئەسلىھەلەرنى سېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (187-190-، 197-، 200-بەتلەر). مەسىلەن، خىتاينىڭ تاجىكىستاندا چېگرا پونكىتلىرى ۋە تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇشى (184-185-، 227-بەتلەر) ھەمدە قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مەشىق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر (197-بەت). خىتاي يەنە قىرغىزىستان ئۈچۈن چېگرا مۇداپىئە قوماندانلىق شتابى قۇرۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك تەسىرىنى كۈنسېرى كېڭەيتىۋاتىدۇ (181-182 بەتلەر). رۇس دىپلوماتىيە مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ تاجىكىستاندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقى، بولۇپمۇ روسىيەنىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى (CSTO) دىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشمەي تۇرۇپ «تۆت تەرەپ ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى» (QCCM) نى قۇرغانلىقىدىن «قاتتىق غەزەپلەنگەن» (185-بەت). ھەتتا تېخنىكا ساھەسىدىمۇ، روسىيە گەرچە خۇاۋېينىڭ 5G تورىغا ئوخشاش خىتاي تېخنىكىلىرىنى ئۆزىنىڭ رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشتىن ئەنسىرىسىمۇ، غەربنىڭ ئېمبارگوسى كەلتۈرۈپ چىقارغان چەكلىك تاللاش ئىمكانىيىتى موسكۋانى خىتاينىڭ تېخنىكىلىق ھەل قىلىش چارىلىرىگە يۈزلىنىشكە مەجبۇرلىماقتا(161، 191 بەتلەر)
خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىڭ ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەدىن خىتاي تەرەپكە ئېغىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئوتتۇرا ئاسىيا ھۆكۈمەتلىرى مەدەنىيەت جەھەتتە روسىيەگە مايىل بولسىمۇ، خىتاي يارىتىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي پۇرسەتلەرنى بارغانسېرى چوڭقۇر تونۇپ يەتمەكتە (244-بەت). ئۇلار يەنە گىرۇزىيە ۋە ئۇكرائىنادا يۈز بەرگەنگە ئوخشاش، روسىيەنىڭ رايوندىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك نىشانىدىن ئەندىشە قىلىدۇ ۋە بۇ نۇقتىدىن خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق پرىنسىپىغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ (171-172, 267-271 بەتلەر).
ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا جاسۇسلۇق جىددىيچىلىگىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، روسىيە ۋە قازاقىستاندابىر قسم ئالىملار خىتاي ئۈچۈن مەخپىيەتلىك ئوغرىلىدى دەپ ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان. مەسىلەن 2020-يىلىنىڭ بېشىدا ، روسىيە ئىچكى بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ سانت پېتىربۇرگ ئاركىتىك (شىمالىي قۇتۇپ ) ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى داڭلىق ئاكادېمىك پروفېسسور ۋالېرىي مىتكونى قولغا ئالغانلىقى توغرىسىدا ھېكايە پەيدا بولدى. ئۇ دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سابىق كاپىتانى بولۇپ ، روسىيەنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى توغرىسىدىكى مەخپىيەتلىكنى خىتايغا ساتقان دەپ ئەيىبلەنگەن. بۇنىڭدىن بىرەر يىل ئىلگىرى ، قازاقىستاندا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ۋەقە يۈز بەرگەن. پرېزىدېنت قاسىم جومارت توقايېفنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىدە مەسلىھەتچىلىك قىلغان داڭلىق خىتتايشۇناس (سىنولوگ) خىتايغا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساتقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان (181-بەت).
لېكىن، بۇ يوشۇرۇن زىدىيەتكە قارىماي، غەربكە بولغان ئورتاق دۈشمەنلىك (مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا غەربنىڭ بۇ ئىككى دۆلەتكە تۇتقان سىياسىتى سەۋەبلىك) ئىككى دۆلەت ئەمەلىيەتچان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، غەربكە قارشى ئورتاق مەيداندا تۇرۇش ۋە ئىستراتېگىيەلىك سىگنال بېرىشتەك كۆپ قاتلاملىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ كەلمەكتە.
كرېمىل سارىيى ۋە جوڭنەنخەي ھەر ئىككىسى «خەلقئارا سەھنىدە غەربكە قارشى بىرلىكتە تۇرۇشتەك گېئو-ئىستراتېگىيەلىك مەۋقەسىگە ھەددىدىن زىيادە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىسى سەۋەبلىك بۆلۈنۈپ كېتىشىگە يول قويۇشنى خالىمايدۇ . ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى «غەربكە قارشى كوللېكتىپ قارشى تۇرۇش» جەريانىدا تېخىمۇ قويۇقلاشقان. مەسىلەن، روسىيە ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشتا خىتاينىڭ گېئو-ئىستراتېگىيەلىك قوللىشىغا ئېرىشىش بەدىلىگە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۈستۈنلۈكى ۋە تەسىرىنىڭ كېڭىيىشىگە سۈكۈت قىلماقتا(-180 201-بەت).
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىبېيجىڭ بىلەن موسكۋا ئوتتۇرىسىدىكى «چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتىنى بىر قەدەر پەسەيتىش» مېخانىزمى سۈپىتىدە رول ئوينايدۇ (22-160- بەتلەر). دەسلەپتە، روسىيە «شەڭخەي بەش دۆلىتى»نى ئىككىنچى دەرىجىلىك بىر قۇرۇلما ۋە «خىتاينى چەكلەشنىڭ بىر ۋاسىتىسى دەپ قارىغان (153-بەت). بىراق، خىتاينىڭ تەسىرى كۈچەيگەنسېرى بۇ قاراش ئۆزگەرگەن (162-بەت). خىتاي ئىستراتېگىيەچىلىرىنىڭ قارىشىچە، روسىيە باشلامچىلىقىدىكى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى ۋە ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى (EAEU) قاتارلىق تەشكىلاتلارنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىبىلەن رىقابەتچى ئەمەس. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ«خىتاينىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزئارا ماسلىشىش ۋە بىرلىككە كېلىش, 294-295-بەتلەر) نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن قەستەن «ئاستا تەرەققىي قىلىش يولى» (172-بەت) دا كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن (294-295، 172-173 بەتلەر) .
بېيجىڭ روسىيەنىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنى قۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قارشى ئالغان. خىتاي ئەمەلدارلىرى ھەتتا بۇ ئىتتىپاقنى يۆتكەش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدىغان يەككە تاموژنا رايونى بەرپا قىلىش ئارقىلىق سودىغا قولايلىق يارىتىدىغان بىر مېخانىزم دەپ قارىغان (21-22، 163-بەت). 2015-يىلى، شى جىنپىڭ ۋە پرېزىدېنت پۇتىن خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى بىلەن تۇتاشتۇرۇش توغرىسىدا بىرلەشمە بايانات ئىمزالاپ، گەرچە بۇ ئىككى قۇرۇلمىنىڭ ماھىيىتى ئوخشىمىسىمۇ، ئۆزئارا يېقىنلىشىشقا بولغان كۈچلۈك ئىرادىسىنى نامايان قىلدى (245-بەت). خىتاي يەنە ئورتاق مەنپەئەتكە ئۇيغۇن تۈرلەر ئۈچۈن روسىيە بىلەن ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش سۇپىلىرىنى قۇرۇپ چىققان (161-بەت).
خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىگە سىڭىپ كىرىشى «ئاستا، لېكىن ئۈزلۈكسىز يۇقىرىغا ئۆرلەۋاتقان بىر جەريان» دۇر (201-بەت). بېيجىڭ تاشقى سىياسىتىدە «تەدرىجىي ئىلگىرىلەش ئۇسۇلى»نى قوللىنىپ، مۇناسىۋەت تورى ۋە تەسىر كۈچىنى قەدەممۇ-قەدەم مۇستەھكەملەيدۇ. بۇ ئۇسۇل خىتاينىڭ ئاشكارا ھالدا روسىيەگە جەڭ ئېلان قىلماي تۇرۇپ ئۆز تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن (169-بەت).
خىتاي دىپلوماتىيسىنىڭ نىگىزى بولغان ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق پرىنسىپى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كۆرىنەرلىك رول ئوينىغان.ئاپتۇرلار خىتاينىڭ ھەرقانداق ۋەزىيەتتە، ئارلىشىشتىن كۆرە، چەتتە تۇرۇپ، كىمنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدىغانلىقىنى كۆزىتىپ، ئاندىن غەلىبە قىلغۇچى بىلەن كېلىشىم تۈزىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان (268-، 478-بەتلەر). بۇ ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق پرىنسىپى رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن «ئەخلاقىي نەسىھەت قىلىدىغان غەرب»كە قارشى تۇرىدىغان بىر مۇھىم تاللاش سۈپىتىدە قارشى ئېلىنماقتا.
خۇلاسىلىغاندا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ئېھتىياجىنىڭ تۈرتكىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا «توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلىشى» رايونلۇق تەرتىپنى مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتىۋەتمەكتە. موسكۋا گەرچە يەنىلا مۇھىم بىر كۈچ بولسىمۇ، لېكىن غەرب بىلەن بولغان ئورتاق قارشىلىشىش سەۋەبىدىن، خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە ئاساسەن يول قويۇپ، ئۆز تەسىرىنىڭ تەدرىجىي ئاجىزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرماقتا. ئوتتۇرا ئاسىيادا «كۈچىيىۋاتقان خىتاي تىنچلىقى» (Pax Sinica) نىڭ شەكىللىنىشى (201-، 277-بەتلەر) پەقەت چوڭقۇر بىر گېئوسىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ سىگنالى بولۇپلا قالماي، يەنە خىتاينىڭ ئۆز تەسىرىنى يەر شارى مىقياسىدا قانداق كېڭەيتمەكچى بولغانلىقىنىڭ بىر مودېلىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
