بۇ يازمىدا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتنىڭ غەززە خەلقىگە يۈرگۈزگەن قىرغىنچلىق سىياسىتى ۋە بۇنىڭ ب د ت تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچلىق دەپ قارار چىقىرىلىشى، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ دۇنياۋى رىقابىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە ئەرەب ئەللىرىنىڭ جۈملىدىن پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسنى قوللىمايدىغانلىقى ئانالىز قىلىنىدۇ.
2023 – يىلى 7-ئۆكتەبىردە خاماسنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى پۇخرالارغا قىلغان ھۇجۇمى بىلەن پارتلىغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشى، ئوتتۇرا شەرقنىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، يەنە دۇنياۋى كۈچ-قۇرۇلمىسىدىكى تۈپ ئۆزگىرىشنى تېزلىتىۋاتقان بىر ئىستراتېگىيەلىك كرىزىسقا ئايلاندى. توقۇنۇشنىڭ غەززە ئاھالىسىگە بولغان تەسىرى ئاپەت خاراكتېرلىك بولۇپ، دۇنيا خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك ۋەيرانچىلىق، يۇرت-ماكانىدىن مەھرۇم قېلىش، بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلۈش ۋە دۇنياۋى چارىسىزلىك يۈز بەرمەكتە. نىتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ رادىكاللىقى، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سۈكۈتى ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ قولىدىن تەنقىدلەشتىن باشقا بىر نەرسىنىڭ كەلمەسلىكى ھەقىقەتنىڭ كۈچ ئالدىدىكى ئىلاجىسزلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
مىدىيالاردا كۆرىستىلىۋاتقان ئىستاستىكلارغا ئاساسلانغاندا، 2025-يىلى سېنتەبىرگە قەدەر، كەم دېگەندە 64،000 غەززەلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى پۇقرالاردىن ئبارەت. غەززە سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئىستاستىكسىغا قارىغاندا قازا قىلغانلارنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ مىليونلىغان ئادەم سەرگەردان بولغان. سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان رەسىملەرگە ئاساسلانغاندا، غەززەدىكى بىنالارنىڭ تەخمىنەن %60 ى زىيانغا ئۇچرىغان ياكى ۋەيران بولغان. بۇ ۋەيرانچىلىق ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە سىياسەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ كەڭ كۆلەملىك ئاچارچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 2025-يىلى 22-ئاۋغۇستتا (IPC) ئېلان قىلغان دوكلاتتا، غەززەنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا رەسمىي ئاچارچىلىق يۈز بەرگەنلىكى، يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ «ئوزۇقلۇقنىڭ ھەددىدىن زىيادە كەمچىل بولۇشى ۋە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىش» دەرىجىسىگە بېرىپ بولغانلىقى دەلىللەنگەن. غەززەدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تەكشۈرۈشتە، بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ %15 ىنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئىسرائىلىيەنىڭ مارتنىڭ بېشىدىن ماي ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا غەززەگە كىرىدىغان بارلىق ئاشلىق ياردىمىنى توسۇشى، بۇ ئەھۋالنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن. خەلقئارالىق قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئاشلىقنى (خاماسقا قارشى بولسىمۇ) قورال قىلىپ ئاچارچىلىق پەيدا قىلىشى ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى سىستېمىلىق ھالدا ۋەيران قىلىشى ئېتنىك تازىلاش جىنايىتى ھېسابلىنىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرى غەربلىك ئىتتىپاقداشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى كۆپچىلىك دۆلەت، ئورگان، شەخس ۋە ھاكىمىيەتلەرنىڭ قاتتىق نارازلىقىنى قوزغىغان بولۇپ ئىككى يىلدىن بېرى كۆرۈپ تۇرۋاتقىنىمىزدەك كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ۋە خەلقئارالىق يىغىنلار ئېچىلىپ ئىسرائىلىيە تەنقىتلەنمەكتە.
ئىسرائىلىيە دەسلەپتە مەخسىدىنى خاماسنى يوقىتىش دەپ ئېلان قىلغان. ئەمما كېيىنچە بۇ نىشان سىياسىي مەجبۇرىيەتلەر ۋە ئەسەبىي گىئوپولىتىك ئارزۇلار بىلەن گىرەلىشىپ كەتتى. باش مىنىستىر نېتانياھۇنىڭ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشى، ئاساسلىقى ئۇنىڭ پارلامېنتتىكى كۆپ سانلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ۋە غەززەنى مەڭگۈلۈك ئىشغال قىلىپ، كېيىنچە ئۇ يەرگە كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئوڭ قانات ئىتتىپاقداشلىرىنى رازى قىلىش ئېھتىياجىدىن كەلگەن. كابىنېتتىكى سموترىچقا ئوخشاش رادىكال كىشىلەر «بۈيۈك ئىسرائىلىيە» پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى كۆچمەنلەر رايونىنى كېڭەيتىشنى تەشەببۇس قىلماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن نېتانياھۇ ئىلگىرى خاماس تەھدىتىگە سەل قارىغانلىقى ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدە جاۋابكارلىققا تارتىلىشتىن ئەنسىرەيتى ۋە بۇ سەۋەبتىن خاماس ۋە خەلقنى بىر-بىرىدىن ئايرىمىغان بىر قاتار كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەركەت ئېلىپ باردى. ئەمما بۇ ئۇسۇل يەنىلا خاماسنى يوق قىلىشقا يەتمىگەن. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باش شىتاب باشلىقى، گېنېرال-لېيتېنانت ئېيال زامىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خاماسقا ھەل قىلغۇچ زەربە بېرىلگەن بولسىمۇ ئەمما كۈچىنى تامامەن يوق قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر قانچە يىل كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇرۇشنىڭ خاماسقا بولغان تەسىرى بىر ئاز مۇرەككەپ. ئىككى يىللىق ھۇجۇم خاماسنىڭ نۇرغۇن جەڭچىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، تەشكىلاتنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرغان بولسىمۇ، پەلەستىن قارشىلىق ھەرىكىتى يەنىلا مەغلۇپ بولماي، ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر خورىتىش ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ ھەرىكەت نەچچە يۈز كىلومېتىرلىق يەر ئاستى تونېللىرىغا يوشۇرۇنۇپ، پارتىزانچە ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق مەۋجۇدلىقىنى ساقلاپ كەلمەكتە. يەنى، ئىسرائىلىيەنىڭ خاماسنى يوقىتىش ئارقىلىق «مۇتلەق غەلىبە» قىلىشتەك يادرولۇق ھەربىي نىشانى ئەمەلگە ئاشمىدى. ئەمما ئىقتىسادشۇناس ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىدا دېيىلىشىچە، بۇ ئۇرۇش سەۋەبىدىن غەززە ئاھالىسى ئىچىدىن خاماسقا غەزەپلەنگەنلەر ۋە بۇ قورقۇنچلۇق كۈنلەرنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشىنى ئارزۇ قىلغانلار بار. بەزى سىياسىي پائالىيەتچىلەر خاماسنى ئىسرائىلىيە ئۈچۈن پەلەستىن خەلقىگە ھوجۇم قىلىش ۋە كىين بۇ دەرىجىدە قۇقۇنچلۇق ئاچارچىلىق پەيدا قىلىش ئۈچۈن باھانە بىلەن تەمىنلىدى دەپ ئەيىبلىمەكتە.
2025-يىلى 12-ئاۋغۇستتا، مىسىر، قاتار ۋە تۈركىيەنىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە قاھىرەدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىپ، خاماسنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ چېكىنىشى بەدىلىگە قورال-ياراقلىرىنى تاپشۇرۇشى، قوراللىق قىسىملىرىنى تارقىتىۋېتىشى ۋە ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى تەكلىپ قىلىندى. بۇنىڭغا قارىتا خاماس ئىچىدىكى بەزى كىشىلەر «ئادالەت ۋە تەرەققىيات» نامىدىكى بىر سىياسىي پارتىيەگە ئايلىنىپ، ئىككى دۆلەت پىلانىنى قوللاشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىراق، خاماسنىڭ قوراللىق قانىتى بولغان ئەلقاسسام بىرىگادىسى تەسلىم بولمايدىغانلىقىدا چىڭ تۇرماقتا. سۈرگۈندىكى خاماس رەھبەرلىرى بولسا، گەرچە جەڭدە يېڭىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارالىق قانۇنلۇق ئورنى ۋە ئەخلاقىي نوپۇزىنى خورىتىش ئارقىلىق، كەڭ مەنىدىكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىۋاتىمىز، دەپ قارىماقتا.
ئۇرۇش ئىسرائىلىيەنىڭ يالغۇز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. 2025-يىلى سېنتەبىردە، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى قاتاردىكى خاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى سۈرگۈندە ياشايدىغانلىقى سۆزلەنگەن بىر داچىنى بومباردىمان قىلدى. غەرب مۇتەخەسىسلىرى تەرىپىدىن بۇ ھەركەت «ئېغىر خاتالىق» دەپ ئاتالدى. بۇ ھۇجۇم غەززە ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش سۆھبىتىگە زەربە بېرىش، ئامېرىكىنىڭ پارس قولتۇقىدىكى مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزۈش ۋە «ئىبراھىم كېلىشىمى»گە بۇزغۇنچىلىق قىلىش خەۋپىنى تۇغدۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئىسرائىلىيە يەنە ئەنئەنۋى ئىتىپاقدىشى بولغان غەربنىڭمۇ بارغانسىرى ئاشكارا تەنقىدىگە دۇچ كەلمەكتە شۇنداقلا ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، كانادا ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىمەكتە. ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان ئامېرىكىدىمۇ خەلقنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللاش نىسبىتىدە تارىخىي تۆۋەنلەش كۆرۈلمەكتە. ئىسرائىلىيەلىكلەرگە ھېسداشلىق قىلىدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ نىسبىتى 25 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان بولۇپ 2025-يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا Economist ئېلىپ بارغان راي سىناشتا، %43 ئامېرىكىلىق ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دېموكراتلار پارتىيەسىدە، بولۇپمۇ 50 ياشتىن ئاشقانلار ئارىسىدا ئۈمىدسىزلىنىش كۈچەيگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە بولغان سەلبىي قارىشى ئۈچ يىلدا %23 ئاشقان. ياش جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكىلەرنىڭ قارىشىمۇ %50 سەلبىي، %48 ئىجابىي بولغان . بۇ سىياسىي ئۆزگىرىش پارلامېنتتىمۇ ئەكس ئەتكەن بولۇپ 2025-يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا، كېڭەش پالاتاسىدىكى 47 دېموكراتلار پارتىيەسى ئەزاسىنىڭ 24 ى ئىسرائىلىيەنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشقا بېلەت تاشلىغان. ھەتتا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ MAGA ھەرىكىتى ئىچىدىمۇ، ستېۋ بانون، تاكېر كارلسون ۋە مات گايتز قاتارلىق شەخسلەر تەرىپىدىن كۈتۈلمگەن قارشىلىقلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ھەتتا ترامپنىڭ ئەڭ سادىق قوللىغۇچىسى دەپ قارالغان تايلور گرېنمۇ «مەن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىغا پۇل تۆلەشنى خالىمايمەن» شەكلىدە ئىتراز بىلدۈرگەن ۋە «پەقەتلا ئامېرىكا» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسرائىلىيەگە ئاكىلىق قىلشقا تۇرغان.
دەرۋەقە، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنىڭ جازاسىنى ئالدى. 2025-يىلى 16-سېنتەبىردە ب د ت ئىسرائىلىيەنىڭ ھوجۇملىرىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ،«ئىسرائىلىيە غەززە رايونىدىكى پەلەستىنلىكلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتىدۇ» دەپ خۇلاسە چىقاردى. ناۋى پىللاي خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى بۇ كومىتېت، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى ۋە ئارمىيسىنىڭ 1948-يىلدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسى»دە بېكىتىلگەن بەش تۈرلۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنىڭ تۆتىنى سادىر قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىنىڭ باياناتلىرىدا غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنى «بىر گۇرۇپپا سۈپىتىدە، پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقىتىش» نىيىتىنىڭ ئېنىق ئىپادىلەنگەنلىكىنى كۆرسەتتى. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دوكلاتىدا يەنە ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن بولغان قورال-ياراغلارنى يۆتكەشنى توختىتىشقا چاقىرىلدى. ئىسرائىلىيە يەنە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى (ICC) ۋە خەلقئارا ئەدلىيە سوتى (ICJ) نىڭ ئەرزىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇ سوتلار نىتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گالانت ئۈستىدىن ئاچارچىلىق پەيدا قىلىش ۋە باشقا ئىنسانىيەتكە قارشى قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىقى ھەققىدە قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغان. بۇ مەسىلىدە ئىسرائىلىيە ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئۆزىنى جاۋابكارلىققا تارتالايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. بىراق، ئىسرائىلىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قانۇنچىلىرى بۇ خىل مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلمايۋاتقان بولۇپ باش تەپتىش ئىسرائىلىيە كابىنېتنىڭ 2 مىليون غەززەلىكنى كىچىككىنە بىر «ئىنسانپەرۋەرلىك شەھىرى»گە مەجبۇرىي كۆچۈرۈشتەك قىلمىشلىرىغا قارىتا سۈكۈت قىلماقتا.
ترامپ ھۆكۈمىتى بولسا ئىسرائىلىيەگە قارىتىلىغان تەنقىد، ب د ت دىكى قارار ۋە دۆلەت ئىچىدىكى نارازلىقلارغا تازا پىسەنىت قىلمايۋاتىدۇ ۋە ئىسرائىلىيەنى كۈچلۈك دەرىجىدە قوغداشنى داۋام قىلىش ئارقىلىق ئىسرائىلىيەنى تېخىمۇ ئېغىر بولغان ئاقىۋەتلەردىن قوغداپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىر ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىدىكى رەت قىلىش ھوقۇقى ئىسرائىلىيە ئۈچۈن پەلەستىننىڭ ب د ت غا تولۇق ئەزا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىردىنبىر كاپالەتتىن ئىبارەت. ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنى شەرتسىز قوللىشى خەلقئارادىكى ئورنى ۋە ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈكىگە بولۇپمۇ دۇنيانىڭ لىدىرلىق ئورنىغا ئېغىر زەربە بەرمەكتە . بۇ ھالەت خىتاي ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى پۇرسەت بولماقتا ۋە ئامېرىكىنىڭ سىياسىي مەغلۇبىيەتلىرى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئامېرىكىنىڭ دۇنياۋى رەھبەرلىك ئورنىغا جەڭ ئېلان قىلماقتا. خىتاي «ئىستراتېگىيەلىك سەۋرچانلىق»نى ئاساس قىلغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيە يۈرگۈزۋاتىدۇ ۋە ئىقتىسادىي ئېشىش ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى لىبېرال خەلقئارا سىستېمىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپىنى بەرپا قىلماقچى بولىۋاتىدۇ. خىتاي ئۆزىنى ئېنىق ھالدا پەلەستىن ۋە كەڭ ئەرەب دۇنياسى بىلەن بىر سەپتە كۆرسىتىش ئارقىلىق، رايوندا كۆرۈنەرلىك بەدەل تۆلىمەي ۋە دۈشمەن تاپماي تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ دۇنياۋى ئوبرازىنى، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئالدىدىكى ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، «يۇقىرى پايدا، تۆۋەن تەننەرخلىق رولچى»غا ئايلانماقتا.

خىتاي پەلەستىن مەسىلسىدە ئامېرىكىنى پەلەستىن خەلقنىڭ داۋاسىغا پاسسىپ ۋە توسقۇنلۇق قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولۇش شۇنداقلا زوراۋانلىق قىلغۇچى ئىسرائىلىيەنى «شەرتسىز قوللاش» بىلەن تەنقىد قىلماقتا ۋە بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئىناۋىتىنى خۇنۈكلەشتۈرمەكتە. خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى گېڭ شۇاڭ ب د ت دىكى بېلەت تاشلاشنىڭ نەتىجىسىدىن چوڭقۇر ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ مەسىلىنىڭ «ئامېرىكا تەرىپىدىن قايتا-قايتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى» ئوتتۇرىغا قويدى. گېڭ شۇاڭ ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيسنىڭ ئەخلاقىي ئاساسىنى سوراپ «غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن يەنە قانچىلىك بىگۇناھ جان قۇربان بولۇشى كېرەك؟» دەپ سوئال قويدى ۋە بۇ خىل ب د ت دىكى رەت قىلىش ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىشنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىنى ئەمەلىيەتتە پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خىتاينىڭ داڭلىق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسىسى، چىڭخۇا ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ پروففىسورى يەن شۆتۇڭ ئىسرائىلىيەلىك بىر ھەربىينى تېرورسىتلارنى باھانە قىلىپ بىگۇناھ ئاياللار ۋە باللارنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىپلىدى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ مۇستەققىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى چىقماي بەلكى قوللىشى كېرەكلىكىنى ۋە موشۇنداق بولغاندا بىرلىكتە تېرورسىتلارنى يوقىتالايدىغانلىقى ھەققىدە تەنقىد ۋە تەربىيە قىلدى. بۇ دىئالوگنى مەزمۇن قىلغان ۋىدىئو ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىتىلدى ۋە خىتاينىڭ پەلەستىن داۋاسىدىكى كۈچلۈك قوللىشى ۋە مەيدانىنى كۆرسەتكەن بولدى.
ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنى شەرتسىز قوللىشى ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك چېكىنىشىنى تېزلەتمەكتە. 2025-يىلى 16-ئىيۇلدا «ئوتتۇرا شەرق كۆزى» گېزىتىدە سامى ئەل-ئارىياننىڭ ئېلان قىلغان بىر ئوبزورىدا، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيە ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ خىتاينىڭ گۈللىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ھازىر خىتاينىڭ ئارىلىشىشىنى «ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە تېخىمۇ كۆپ تاللاش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ» دەپ قارىماقتا. پەلەستىنلىكلەر، بولۇپمۇ خاماس، خىتاينىڭ بۇ ئۇسۇلىدىن زور مەنپەئەت ئالىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇنى «يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىر يولى» دەپ قارىماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي ئەمەلدارلىرى يەمەننىڭ ھۇسىي قوراللىق گۇرۇپپىسى (خاماس ۋە ئىراننىڭ ئىتتىپاقدىشى) غا ئوخشاش دۆلەتسىز ئاكتيورلار بىلەن ئەركىن ئالاقە قىلىپ، قىزىل دېڭىزدىن توشۇغۇچى كېمىلەرنىڭ بىخەتەر ئۆتۈشىگە ئوخشاش مەنپەئەتلەر ئۈچۈن سۆھبەتلىشەلەيدۇ، ئەمما ئامېرىكا بۇنى قىلالمايدۇ چۈنكى ئامېرىكا «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئاتىغان گۇرۇپپىلار بىلەن بۇ شەكىلدە سۆھبەتلەشمەيدۇ.
خىتاي يەنە دىپلوماتىك كۈچىنى نامايان قىلىپ، پەلەستىننىڭ 14 گۇرۇپپىسىنى، جۈملىدىن رەقىبلەردىن بولغان بولغان فاتاھ ۋە خاماسنى ئىككى قېتىم بېيجىڭدا ئۇچرىشىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، 2024-يىلى 7-ئايدا «بېيجىڭ خىتابنامىسى»نى ئىمزالىدى. بۇ خىتابنامىدە تارقاق پەلەستىن گۇرۇپلىرى مىللىي بىرلىكنى ۋە پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلدى. گەرچە بۇ خىتابنامە ئاساسەن سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن خىتايغا چوڭ يۈز- ئابروي ئېلىپ كەلدى ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىللىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئارىلىشىشقا يول ئاچتى.

خىتاي پەلەستىننى ماۋزىدۇڭ دەۋرىدىن باشلاپ ئىستراتىگىيلىك قوللاپ كېلىۋاتقان بولۇپ بۇ ئەھۋال كۆپ بىلىنمسىمۇ ئەمما سىر ئەمەس. خىتاي ھەتتا پەلەستىننىڭ ھۆكۈمەت ۋە قوراللىق گۇرۇپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تەشكىلاتلىرىنى قورال ياراق تەمىنلەيدۇ ۋە (كەڭ كۆلەملىك ۋە ئىزچىل بولمىسمۇ) مەشىقلەندۈرۈىدۇ . بۇ قوللاش ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە. سەۋەبى بولسا مەيلى ماۋ دەرۋرى بولسۇن ياكى ھازىرقى شى جىنپىڭ دەۋرى بولسۇن غەربكە قارشى ئورتاق ئىدولوگىيلىك قارشىلىق ۋە گىئوپولىتىلىق جەھەتتىن ئامېرىكىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئوتتۇرا شەرقتىن سىقىپ چىقىرىشتىن ئىبارەت. خىتاينىڭ تىز سۈرەتتە قەد كۆتۈرۈشى بىلەن پەلەستىن مەسىلىسى خىتاينىڭ ئامېرىكىنى يىتىم قالدۇرۇش ۋە خىتايچە دۇنيا تەرتىۋى ئورنىتىشنىڭ مۇھىم بىر كوزۇرى بولۇپ قالدى. يەنى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ساپ مەنپەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ بىر قەدەر مۇستەھكەم. مەسىلەن پەلەستىن مەسىلىسى 2004-يىلى قۇرۇلغان خىتاي-ئەرەب ئەللىرى ئىتىپاقى ھەمكارلىق يىغىندا ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىندىغان مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە. خىتاي ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتىپاقى نىگىزلىك دۆلەت مەنپەتلىرى مەسىلىسدە ئىچىدىن بىرلىككە كېلىۋالغان بولۇپ خىتاي تەرەپ غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن ئەرەب دۆلەتلىرىگە قارىتىلغان دىمكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بېسىمى ۋە پەلەستىن مەسىلىسى جەھەتلەردە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ يېنىدا تۇرسا؛ ئەرەب ئەللىرى خىتايغا قارىتىلغان ئۇيغۇر مەسىلىسى، تىبەت، خۇڭكۇڭ ۋە تەيۋەن قاتارلىق تەرەپلەردىكى تەنقىدلەرگە خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ غەرب ئەللىرىنى «كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارلاشتى » دەپ ئەيىپلەش ئارقىلىق قارشى تۇرىدۇ. بىز بۇنى ب د ت نىڭ يىغنلىرىدا دائىم كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. پەلەستىن مەھمۇد ئابباس ھۆكۈمىتىمۇ بۇ سەۋەبتىن ئوچۇق ئاشكارا ھالدا بىر نەچچە قېتىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەتتا بۇنىڭغا قارىتا تۈركىيەنىڭ «ئىي پارتىيسى» مەھمۇد ئابباس تۈركىيەگە كەلگەندە ئىتراز بىلدۈردى.
بۇ مەسىلە ئەسلىدە خىتاي-ئەرەب ئەللىرى ئىتىپاقى ھەمكارلىق رامكىسى ئاستىدا ئاللىبۇرۇن بىكىتىلىپ بولغان بولۇپ، بىر جەھەتتىن ھەيران قالارلىق ئەمەس. ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى يىلدا بىر ئۆتكۈزلدىغان يىغىنى ۋە بىرلەشمە باياناتىغا دىققەت قىلىپ ماڭغان كىشى پەلەستىننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئالدىن بىلەلەيدۇ. ئەرەب ئەللىرى ۋە خىتاي ئوتتۇرسىدىكى ئىتتىپاق ئىككى تەرەپنىڭ ئىدولوگىيە،گىئوپولىتكا، دۆلەت تۈزۈلمىسى، ئىقتىسادىي تەرەپلەردىكى تۈپ دۆلەت مەنپەتىنى ئاساس قىلغان بولۇپ دۇنيادىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ئىتىپاقداشلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ سەۋەبتىن پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىن خەلقىگە ئوخشاش زۇلۇمنى كۆرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا كۈچى يەتمەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەرەب ئەللىرى ئىتىپاقىدىن چىكىنىپ چىقىشى لازىم، ياكى خىتاينىڭ قوللىشىدىن ۋاز كېچىشى لازىم. ئەمما خىتاينىڭ پەلەستىننى قوللىشى ئۇزۇن مەزگىللىك تارىخىي بىر جەريان شۇنداقلا خىتاينىڭ ھازىرقى خەلقئارالىق كۈچى ۋە ب د ت دىكى ئورنى پەلەستىن مەسىلىسى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ خاراكتىرلىك رول ئوينايدۇ. مۇسۇلمانلار، يەنى ئەرەب دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ پەلەستىن نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسدە خىتاينى قوللايدۇ، دەپ ئويلايدىغانلار مەسىلىنى مانا بۇ تەرەپتىن كۈزەتسە چۈشىنەلەيدۇ. يەنى رىئال خەلقئارا مۇناسىۋەتتە دىنىي قېرىنداشلىق ئەمەس، دۆلەت مەنپەتى ئۈستۈندۇر. بۇ جەھەتتىن قارىغاندا پەلەستىن ھۆكۈمىتىدىن ئاغىرىنىشمۇ توغرا بولماسلىقى مۇمكىن، توغرا بولغىنى ئۇلاردىن ئۈگىنىشتۇر.
خىتاي بۇ توقۇنۇشتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتىلغان تەنقىدلەردىن ساقلىنىدىغان «باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق» سىياسىتىنى ئامېرىكىنىڭ «ئارىلىشىش» سىياسىتى بىلەن سېلىشتۇرۇما ھاسىل قىلىپ، ئۆزىنى رايوندىكى ھۆكۈمەتلەر ئۈچۈن قىممەتلىك ئىتتىپاقداشقا ئايلاندۇرماقتا. خىتاينىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدىن ئىبارەت دۇنيادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر قوللايدىغان داۋاغا ساھىب چىقىشى ۋە ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى ئىزچىل ۋە قەتىئىي قوللىشى خىتاينىڭ «ئادالەتپەرۋەر» ۋە «تىنىچىلىقپەرۋەر» ئوبرازىنى كۈچەيتىپ ئامېرىكىنى ئەخلاق ۋە ئادالەت مەسىلىسىدە قىين ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا. مەسىلىنى ئۇزۇن مەزگىللىك ئويلىغاندا، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئامېرىكىنىڭ دۇنياۋى لىدىرلىق رولىنىڭ قانۇنىيلىقىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان دىمكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت پىرىنسىپلىرىنىڭ مەناسىنى يوقتىشىنى ۋە بۇنىڭ ئورنىغا خىتايچە ئۇسلۇبتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت قاراشلىرىنىڭ يېيىلىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
- The Economist, The Economist, America is falling out of love with Israel, September 18th 2025.
- Sami Al-Arian, Middle East Eye, America’s costly backing for Israel is enabling China’s unstoppable rise, 16 July 2025.
- Hindustan Times, Hindustan Times (YouTube), China Humiliates US For Blocking Gaza Resolution At UN; ‘How Many More Tragedies Will It Take?’, N/A (Date not specified in excerpts).
- Alisha Rahaman Sarkar, The Independent, Chinese scholar confronts Israeli diplomat over Gaza at Xiangshan forum, 19 September 2025.
- Erin Hale, Al Jazeera, For China, war in Gaza a chance to flex diplomatic muscle at little risk, 2 October 2024.
- The Economist, The Economist, Israel goes to the brink in Gaza city, September 16th 2025.
- OHCHR (UN Independent International Commission of Inquiry), OHCHR, Israel has committed genocide in the Gaza Strip, 16 September 2025.
- The Economist, The Economist, Israel on trial: can the country police its own war crimes?, August 7th 2025.
- The Economist, The Economist, Israel’s Qatarstrophic error, September 11th 2025.
- The Economist, The Economist, Palestine is unrecognisable on the ground, September 18th 2025.
- The Economist, The Economist, The evolution of famine in Gaza, in maps and charts, August 22nd 2025.
- The Economist, The Economist, The killing of journalists in Gaza, August 14th 2025.
- The Economist, The Economist, The world’s hardest makeover: Hamas, August 14th 2025.
- The Economist, The Economist, Why Israel must hold itself to account, August 9th 2025.
- The Economist, The Economist, Why did Israel strike Damascus?, July 16th 2025.
