رەسىمنىڭ مەنبەسى: thequint
ئۆتۈكەن سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ «خىتاي-ئامېرىكا دۇنياۋى ھۆكۈمرانلىق رىقابىتى: ئامېرىكا قەيەردە كەتكۈزۈپ قويدى؟ ئىممانۇئېل كانت ۋە دونالد ترامپ» ناملىق ئانالىزىمىزدا جون مېرشېيمىر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ھۇجۇمچى رىئالىزم نەزەرىيەسى (Offensive Realism) ھەققىدە توختالغان ئىدۇق.
مەزكۇر نەزەرىيەنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى شۇكى، دۇنياۋى ھۆكۈمران بولماقچى بولغان دۆلەت چوقۇم بىرىنچى بولۇپ «رايونلۇق ھۆكۈمران» (regional hegemon) بولۇشى، ئۇنىڭدىن كېيىن دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدا «رايونلۇق ھۆكۈمران» كۈچنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە يول قويماسلىقى كېرەك. بۇ نەزەرىيەگە ئاساسەن ئامېرىكىنىڭ قانداق قىلىپ غەربىي يېرىم شارنىڭ ھۆكۈمرانى بولغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن يەنە قانداق قىلىپ دۇنياۋى ھۆكۈمران بولغانلىقى ھەققىدە توختالغان ئىدۇق. ئۇ يازمىدا يەنە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئارىلىشىش دائىرىسىنىڭ ھەددىن زىيادە كېڭىيىپ كەتكەنلىكىنى ۋە بۇ سەۋەبتىن دۇنياۋى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنىڭ تەدرىجىي تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدۇق. قىزىققۇچىلار تور بېتىمىزگە كىرىپ ئۇ يازمىنى كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.
ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بۇ ھەددىن زىيادە كېڭىيىپ كېتىشتىن تەدرىجىي ئارقىغا چېكىنمەكتە ۋە «ارتۇق يۈك»لەرنى تاشلىۋېتىپ «ئۆيى»گە قايتماقتا. ئامېرىكا بىر تەرەپتىن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مەسىلىلەردىن قولىنى تارتقان ياكى ئىتتىپاقداشلىرىغا تاشلاپ بەرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن باشقا يەرلەرگە، يەنى ئۆزىنىڭ ئۆيى ۋە ئارقا ھويلىسى بولغان غەربىي يېرىم شارغا (شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى) قول تىقىشقا باشلىدى. باشتا گىرىنلاندنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، كېيىن كانادانى ئامېرىكىنىڭ بىر ئىشتاتى قىلىش كېرەك دېدى، ئۇنىڭدىن كېيىن پاناما قانىلىدا ئامېرىكا مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. يېقىندىن بۇيان ۋېنېسۇئېلا بىلەن كىرىشىپ قالغان ئىدى ۋە 3-يانۋار تۇيۇقسىز ھەربىي ھۇجۇم قوزغاپ پرېزىدېنت نىكولاس مادۇرونى قولغا ئېلىپ دۆلەتنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. بۇلارنى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «ئامېرىكىنى قايتىدىن كۈچلۈك قىلىش» (MAGA) شۇئارىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
باشتا شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، ئامېرىكىنىڭ ۋېنېسۇئېلاغا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى خەلقئارالىق قانۇنغا خىلاپ. خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ھەرىكەتنىڭ ب د ت نىزامنامىسىنىڭ 2-ماددا 4-تارمىقىغا (دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ياكى سىياسىي مۇستەقىللىقىغا قارشى كۈچ ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىدۇ) خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ب د ت نى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئەمەلىيەتتە كېرەكسىز نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.
ئامېرىكا بولسا ئۆزىنى ئاساسلىق تۆۋەندىكى ئىككى تەرەپتىن ئاقلىماقتا:
- ئۆزىنى قوغداش: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتنى «ناركوتىك تېررورلۇق تەشكىلاتى»غا قارشى زۆرۈر بىر زەربە دەپ سۈپەتلىگەن بولۇپ، «ناركوتىك تېررورلۇق»نى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا نىسبەتەن جىددىي تەھدىت دەپ ئېلان قىلدى. لېكىن، قانۇنشۇناسلار ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇم بولۇشى كېرەكلىكىنى، ۋېنېسۇئېلانىڭ بۇ شەرتكە چۈشمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
- جىنايى ئىشلار باشقۇرۇش تەۋەلىكى: ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى مادۇرونى نيۇ-يورك جەنۇبىي رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدە ناركوتىك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش ۋە قورال-ياراق ساقلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىدى. ئەمما ئانالىزچىلار جىنايى ئىشلار ئەيىبنامىسىنى باھانە قىلىپ بىر دۆلەت رەھبىرىنى ھەربىي كۈچ بىلەن تۇتقۇن قىلىشنىڭ ئىجرا ھوقۇقىنى مىسلىسىز دەرىجىدە كېڭەيتىۋېتىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
لېكىن ھېچكىم بۇ ھەقتە ئامېرىكىنىڭ قىلغىنىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئاغزاكى بىلدۈرۈپ قويدىغان بىلەن ئەمەلىي بىر ئىش قىلالمىدى. بۇ تۇكىدىدېسنىڭ «پېلوپوننېس ئۇرۇشلىرى» ناملىق ئەسىرىدىكى ئافىنالىق گېنېرالنىڭ كىچىك ئارال دۆلىتى مىلوسقا «كۈچلۈكلەر خالىغىنىنى قىلىدۇ، ئاجىزلار بولسا تېگىشلىك ئازابنى تارتىدۇ» (The strong do what they can and the weak suffer what they must) دېگەن مەشھۇر سۆزىنى ئەسلىتىدۇ. يەنى ۋاقتى كەلگەندە قائىدە-نىزام ۋە بەلگىلىمىلەر كۈچنىڭ ئالدىدا ئىشلىمەيدۇ. ئامېرىكا تارىختىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەربىي ھەرىكەتلەردىن بىرىنى ئېلىپ بېرىپ، سەھەر سائەت 02:01 ئەتراپىدا (يەرلىك ۋاقىت) 150 تىن ئارتۇق ئايروپىلان بىلەن پرېزىدېنت نىكولاس مادۇرو ۋە بىرىنچى خانىم سىلىيا فلورېسنى قولغا ئېلىپ ئامېرىكىغا ئېلىپ كەتتى. شۇنداقلا بىر نەچچە نۇقتىلىق ھۇجۇم ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مۇھىم ھەربىي گازارمىلارنى ۋەيران قىلدى. ترامپ ۋېنېسۇئېلانى كىمنىڭ باشقۇرىدىغانلىقىنىمۇ ئامېرىكىنىڭ بەلگىلەيدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بەردى.
2-مونرو خىتابنامىسى؟
جون مېرشېيمىر ھۇجۇمچى رىئالىزم نەزەرىيەسىدە ئوتتۇرىغا قويغانغا ئوخشاش، ئامېرىكا 1823-يىلى ياۋروپادىكى ئىسپانىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەرگە سىگنال تەرىقىسىدە مونرو خىتابنامىسى (Monroe Doctrine)نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ غەربىي يېرىم شاردىكى ھەرقانداق سىياسىي ھەرىكىتىنى ئامېرىكىغا جەڭ ئېلان قىلغانلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا قارىتا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. يەنى ياۋروپانىڭ ئىمپېرىيالىست كۈچلىرىگە ئوچۇق قىلىپ «غەربىي يېرىم شارغا قەدەم باسماڭلار، بۇ يەر مېنىڭ» دېگەن ئىدى. ئامېرىكا بۇ ئارقىلىق ئارقا ھويلىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى ۋە بۇ يەردىن كېڭىيىپ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، بولۇپمۇ 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنى پارچىلىغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمدارىغا ئايلاندى.
ترامپ ئامېرىكىغا پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ بۇرۇنقىدەك كۈچى ۋە ئابرويىنىڭ قالمىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئامېرىكىنى قايتىدىن كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىغانلىقى (MAGA) ۋەدىسىنى بېرىپ تەختىنى داۋام قىلماقتا. جون مېرشېيمىرمۇ ئۆزىنىڭ «لىبېرال خام خىيال» دېگەن كىتابىدا شۇنداقلا خىتاي-ئامېرىكا ۋە رۇسىيە-ئامېرىكا رىقابىتى قاتارلىق دۇنياۋى ھۆكۈمرانلىق تالىشىش رىقابەتلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرىدە ئامېرىكىنىڭ كونا كۈچى ۋە شۆھرىتىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى، ھەتتا غەربىي يېرىم شاردا خىتاينىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ كەلمەكتە. بۇ نۇقتىدا ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن جون مېرشېيمىرنىڭ ئوخشاش ئويلىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
ترامپ كانادانى ئامېرىكىنىڭ بىر ئىشتاتى قىلىش كېرەك دېدى، گىرىنلاندنى سېتىۋېلىپ ئامېرىكىنىڭ زېمىنى قىلىش پىلانى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا بۇ قېتىم ۋېنېسۇئېلاغا ھۇجۇم قىلىپ مادۇرونى قولغا ئالدى. بۇلارغا ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرىگە بۇرۇنقىدەك بىۋاسىتە ئارىلىشىشنى زور دەرىجىدە ئازايتىشى، ئۇكرائىنادىكى يۈكنى تاشلىۋېتىشى قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قوشساق، ترامپنىڭ نىشانىنىڭ ئىشنى باشتىن باشلاش، يەنى غەربىي يېرىم شارغا قايتىدىن ھۆكۈمران بولۇش ئارقىلىق ئامېرىكىنى قايتىدىن كۈچلۈك قىلىش ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. يەنە كېلىپ ئامېرىكىنىڭ ۋېنېسۇئېلاغا ھۇجۇم قىلىشنى ھېچكىمگە مەسلىھەت سالماسلىقى ۋە ھۇجۇمدىن كېيىن قىلغانلىرى ھەققىدە ھېچقانداق جاۋابكارلىقى يوقتەك گەپ قىلىشى، بۇ ھەقتە (غەربىي يېرىم شاردا ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن نېمە كېرەك بولسا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە) ناھايىتى كەسكىن ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق دۆلەت ۋە خەلقئارالىق ئورگاننىڭ قانداق ئويلايدىغانلىقىغا پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ترامپ ۋە ماركو رۇبىئو كېيىنكى نىشاندا كۇبا، نىكاراگۇئا ۋە مېكسىكىنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقىنى كۆرسەتتى.
ئامېرىكا بۇ قېتىملىق ھەرىكەت ئارقىلىق ئۈچ دۆلەتكە سىگنال بەردى دەپ قاراشقا بولىدۇ:
- خىتاي: غەربىي يېرىم شارنىڭ ھۆكۈمرانى ئامېرىكا، خىتاينىڭ ئات چاپتۇرۇپ ئوينايدىغان ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى، شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ يەردىكى مەنپەئەتى ئامېرىكىنىڭ رۇخسىتىسىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ.
- رۇسىيە: ئاساسەن خىتايغا بېرىلگەن سىگنال بىلەن ئوخشاش. ھەمدە كۇباغا سىياسىي ۋە ئەسكىرىي جەھەتتىن ياردەم قىلغىنىنىڭ پايدىسى يوق.
- بىرازىلىيە: بۇ دۆلەت غەربىي يېرىم شاردىكى 2-كۈچلۈك دۆلەت ۋە ئامېرىكىغا پات-پات شىلتىڭ ئېتىپ قويىدىغان دۆلەت. شۇڭا خىتاي، رۇسىيە، ھىندىستان ۋە جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرگە قارشى بىرىكس (BRICS) ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ چىقتى. يوشۇرۇن كۈچى زور دۆلەت ۋە خىتاي بىلەن يېقىن ئىقتىسادىي ۋە گېئو-پولىتىكىلىق مەنپەئەتداشلىقى بار. ئامېرىكا بۇ قېتىملىق ھەرىكەت ئارقىلىق بىرازىلىيەگىمۇ «ئىش-ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىش» ئاگاھلاندۇرۇشىنى بەردى.
يەنە كېلىپ ئامېرىكىنىڭ 2025-يىللىق دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىدە «چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى» تەكىتلەنگەن بولۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى رۇسىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش تاشقى رىقابەتچىلەردىن توسۇلۇشى كېرەك بولغان مۇھىم تەسىر دائىرىسى دەپ قارالغان. بۇلار ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا قايتىدىن ھۆكۈمران بولۇشىنىڭ گېئو-پولىتىكىلىق ئىستراتېگىيەسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ۋېنېسۇئېلا تەبىئىي بايلىقى ئىنتايىن مول دۆلەت بولۇپ، بۇ جەھەتتىن ئامېرىكىنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنياۋى ھۆكۈمرانلىق رىقابىتى ئۈچۈن ھەم ئىقتىسادىي ھەم ئىستراتىگىيەلىك مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ۋېنېسۇئېلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت زاپىسىغا ئىگە بولۇپ، 300 مىليارد تۇڭدىن ئارتۇق ئىسپاتلانغان خام نېفىت زاپىسى بار. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا نېفىت شىركەتلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەرنى رېمونت قىلىپ، «دۆلەت ئۈچۈن پۇل تېپىشقا باشلايدىغانلىقىنى» ۋە ھەربىي ھەرىكەت چىقىمىنىڭ شۇ يول بىلەن «قايتۇرۇۋېلىنىدىغانلىقىنى» ئوچۇق ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا بۇ دۆلەت تەخمىنەن 200 تىرىليون كۇب فۇت تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكا بويىچە ئەڭ چوڭ ھېسابلىنىدۇ. يەنە كېلىپ ۋېنېسۇئېلانىڭ جەنۇبىدىكى گۇئايانا قالقىنى (Guayana Shield) ئالتۇن (تەخمىنەن 8000 دىن 10000 توننىغىچە بولغان ئالتۇن يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە دەپ مۆلچەرلەنمەكتە)، تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن رودىسى، كولتان (كۆك ئالتۇن)، نىكېل، مىس ۋە ئالماس قاتارلىق بىر قانچە مۇھىم كان بايلىقلىرىنىڭ دۇنياۋى مەنبەسىدۇر.
يىغىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ ۋېنېسۇئېلا ھەرىكىتى ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسىنى تازلاش ھەرىكىتى بولۇپ، بۇنى مۇتەخەسسىسلەر 1823-يىلىدىكى مونرو خىتابنامىسىگە سېلىشتۇرۇپ «دونرو خىتابنامىسى» («دونالد ترامپ»تىكى دون) دەپ ئاتىماقتا. بۇ رۇبىئو قاتارلىق ئوڭ قانات بۈركۈت سىياسەتچىلەرنىڭ پاتاگونىيەدىن گىرىنلاندقىچە پۈتۈن غەربىي يېرىم شارنى پۈتۈنلەي ئامېرىكىنىڭ تەسىر دائىرىسى ئاستىغا ئېلىش بۈيۈك ئىستراتىگىيەسىنىڭ 1-قەدىمى بولۇشى مۇمكىن.
خىتاي-ئامېرىكا ۋە ئامېرىكا-رۇسىيە رىقابىتىگە بولغان تەسىرى
ئامېرىكىغا ئۇزۇندىن بېرى قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋېنېسۇئېلانىڭ خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن، بولۇپمۇ خىتاي بىلەن ئىنتايىن يېقىن مۇناسىۋىتى بار. ھەتتا بۇ قېتىملىق ھەرىكەت مادۇرو خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشۈپ نەچچە سائەتتىن كېيىن يۈز بەرگەن. ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتايغا ئىقتىسادىي ۋە گېئو-پولىتىكىلىق جەھەتتىن ئېغىر زەربە بەردى. يەنە كېلىپ خىتايغا بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر زەربە ئامېرىكا كۇبا، نىكاراگۇئا، مېكسىكا ۋە بىرازىلىيەلەرنىمۇ تىز چۆكتۈرگەندە بېرىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى تەسىر كۈچى ئامېرىكىغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش ئۈچۈن ئەجەللىك رايون ئىدى. شۇڭا خىتاينى بۇ يەردىن سىقىپ چىقىرىش ئامېرىكا يۈرگۈزگەن ئەڭ توغرا ئىستراتىگىيە دەپ قاراشقا بولىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا گېلىغا تۇرۇپ قالغان قىلتىرىقلاردىن بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىۋەتتى.
ئەمما بۇ ھەرىكەت خىتايغا ۋە رۇسىيەگە «ئىلھام بېرىشى» ۋە «ئۈلگە بولۇپ بېرىشى» مۇمكىن. يەنى بۇ ئىككى دۆلەت تەيۋەن ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە تېخىمۇ جۈرئەتكار بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن. ھەتتا خىتايغا تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش بېسىمى ئېلىپ كېلىشىمۇ مۇمكىن. خىتاي ھازىر ئۆز خەلقى ۋە پۈتۈن دۇنياغا ناھايىتى تەرەققىي قىلىپ ئامېرىكىدىنمۇ قورقمايدىغان بولۇپ كەتكىنىنى پەش قىلماقتا. ئامېرىكا ھېچكىمدىن تەپ تارتماي بەھرامان ھالدا مۇستەقىل بىر دۆلەتگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغاپ ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئۇنداقتا خىتاي ئۆزىنىڭ زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەۋاتقان تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلالمىسا، بۇنىڭ نەرى ئامېرىكىدەك كۈچلۈك بولۇپ كەتكەن بولىدۇ؟ بۇ نۇقتىغا ھەم خىتايلار، ھەم خىتاي رەھبەرلىرى ھەمدە پۈتۈن دۇنيا دىققەت قىلىدۇ. رۇسىيەمۇ ئەمدى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا تېخىمۇ ئۆكتەم بولۇپ كېتىدۇ. يېڭىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىمايدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا رۇسىيەنىڭ تەلىپى، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا قانداق ۋە قانچىلىك ياردەم قىلىشىغا باغلىق.
ئاخىرىدا، ترامپنىڭ ئامېرىكا ۋە يېڭى دۇنيا ۋىزىيونى ھەققىدە بەزى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىش تېخىمۇ مۇھىم بولۇشى مۇمكىن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ترامپ گەرچە ئامېرىكىنى قايتىدىن كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى نىشان قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ۋىزىيونى بىر قۇتۇپلۇق دۇنيا ئەمەس، بەلكى كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا. بۇ ھەقتە رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بەزى مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقى ھەققىدە بەزى خەۋەر ۋە ئانالىزلار بار. يەنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ترامپقا «دۇنيا خىتاي ۋە ئامېرىكا ئۈچۈن يېتەرلىك» دېگەندەك، ترامپ دۇنيانى ئۈچ دۆلەت ئارىسىدا بۆلۈشۈشكە مېيىل بار دەپ قارالماقتا. بۇنداق بولغاندا، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ، تەيۋەن مەسىلىسىدە ئەسكەر چىقىرىپ قوغدىماسلىقى مۇمكىن ۋە شەرقىي ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىگە سۈكۈت قىلىشى مۇمكىن. رۇسىيەگە قارىتا بولسا ئۇكرائىنا ۋە بالتىق دۆلەتلىرى رايونىدىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا يول قويىدۇ… تەبىئىي، ترامپ مېدىيالارغا چىقىپ «مەن شۇنداق قارايمەن» دېمىدى، بۇ خەلقئارا مۇناسىۋەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئانالىزى. ترامپ ياكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بەلكىم پەقەت بىر مەزگىللا، يەنى ئۆزىنى ئوڭشاپ بۇرۇنقى كۈچىگە كېلىۋالغۇچە رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن دۇنيانى «بۆلۈشۈۋېلىشى» مۇمكىن.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
- Ali, M. (2025, November 25). Timeline: 26 years of fraught US-Venezuela relations. Al Jazeera
- Coatsworth, J. (2005, May 15). United States Interventions: What For? ReVista: The Harvard Review of Latin America
- Douhan, A. (2021, September 6). Report of the Special Rapporteur on the negative impact of unilateral coercive measures on the enjoyment of human rights, Alena Douhan, on her visit to the Bolivarian Republic of Venezuela. United Nations Human Rights Council (via UN Watch)
- DW News. (2026, January). How legal was the US’s action in Venezuela? [Video]. YouTube
- DW Türkçe. (2025, November). Trump dediğini yapacak mı? Maduro diken üstünde [Video]. YouTube
- Kampmark, B. (2026, January 4). The Don-roe Doctrine in action: Trump’s gangster intervention in Venezuela. Middle East Monitor
- McKelvie, G. (2026, January 3). Is there any legal justification for the US attack on Venezuela? The Guardian
- Rhoden-Paul, A., Moench, M., & BBC Verify. (2026, January 3). Who’s in charge of Venezuela and what happens next? BBC News
- The Independent. (2026, January 3). Why has Trump attacked Venezuela? What we know so far as Maduro captured. The Independent
- Von Mehren, A., & Kuusisto, M. (2025, November 6). Geopolitical Radar: Venezuela in Focus. Danske Bank
