
تەتقىقات مەركىزىمىز 2025-يىلى 8-ئايدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلان قىلغان ماقالە ۋە يازمىلارنى (كۆپىنچىسىنى) توپلام قىلىپ چىقاردۇق. مەزمۇنىدا تور بېتىمىزدە ئېلان قىلىنغان نۇسخىسى بىلەن ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. پەقەت ماقالىلەرنىڭ تەرتىپىدە ئۆزگىرىش بار. ماقالىلەرنىڭ تىزىلىشى يېقىندىن يىراققا بولۇپ، ئەڭ باشتا ئەڭ يېقىن تارىختىكى، يەنى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى ماقالىلەر بېرىلدى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز. ئاندىن خىتاي سىياسەت پەلسەپىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان يازمىلار بىر يەرگە توپلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئۆتۈكەن سىياسەت تەتقىقات مەركىزىمىزنىڭ تور بېتىدە «تەكلىپ-پىكىر» كۆزنىكى ئېچىلدى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ماقالىلەرنىڭ سۈپىتى، يېزىلىشى ۋە ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەك بولغان تېمىلار ھەققىدە ئويلىغانلىرى، شۇنداقلا باشقا ھەرقانداق سەلبىي ۋە ئىجابىي تەكلىپ-پىكىرلىرى بولسا بىز بىلەن ئورتاقلىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
ماقالىلەر توپلىمىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ:
