
بۇ يازمىدا ئىراننىڭ 20-ئەسىردىن كۈنىمىزگىچە بولغان سىياسىي تارىخى قىسقىچە بايان قىلىندۇ. بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بىر قانچە بۆلۈمگە بۆلۈپ يوللىنىدۇ.
ئىراننىڭ سىياسىي تارىخى زامانىۋىيلىشىش ئىسلاھاتلىرى، مۇستەبىتلىك، مىللەتچىلىك، غەربلىشىش، ئىقتىسادى ۋە ھەربىي جەھەتتە گۈللىنىش، دىنىي تەبىقىينىڭ قارشىلىقى، دىكتاتۇرلۇق ، دىنىي ھاكىمىيەت قاتارلىق بىر قاتار ۋەقە ۋە جەريانلارنىڭ مۇرەككەپ بىرىكمىسىدىن تەركىب تاپقان. پۈتۈن جەرياندىكى خەلقنىڭ سىياسىي ئاكتىپلىقى ۋە سىياسىي تۈزۈمنىڭ « ئۇ ئۇچتىن – بۇ ئۇچقا» كېلىپ كېتىپ تۇرۇشى نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئىران تىپىك «ئىنقىلابلار دۆلىتى» دۇر. زامانىۋىيلىشىش تەرەپدارلىرى بىلەن دىنىي كۈچلەر پۈتۈن بۇ تارىخ ۋە جەرياندىكى ئىككى چوڭ كۈچ بولۇپ بۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى بولغان خەلق ئاخىرىدا ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىلار بولغان.
بۇنىڭدىن باشقا، خۇددى 2-دۇنيا ئۇرشىدا سۆۋىت ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاينىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشتە مۇھىم رول ئوينىغانغا ئوخشاش، ھەر دەۋىردىكى دۇنياۋى چوڭ كۈچلەر بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك تەسىرى ئاستىدىكى دۆلەت ۋە رايۇنلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىراننىڭ بۇ دەۋردىكى پۈتۈن تارىخى مۇساپىسىدە ئەنگىلىيە، سۆۋىت ئىتتىپاقى، ۋە ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە مۇھىم رول ئوينىغان.
نىفىت : ھەم نىممەت ھەم لەنەت
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دېڭىز ئارمىيە ئىستراتېگىيىسىدە زور بۇرۇلۇش يۈز بەردى. خان جەمەتى دېڭىز دېڭىز ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى نېفىتنىڭ «يېڭى كۆمۈر» ئىكەنلىكىنى، يەنى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سۈرئىتى ۋە مۇساپىسى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. ئەنگلىيەنىڭ ئۆزىدە كۆمۈر مول بولسىمۇ، نېفىت جەھەتتە باشقا دۆلەتلەرگە بېقىنماي ئامال يوقتى. بۇ ئەھۋال لوندوننى مۇستەقىل ئېنېرگىيە مەنبەسى ئىزدەشكە مەجبۇر قىلدى. بۇ مەنپەئەتلەرنى قوغداش ئۈچۈن، ئەنگلىيە پارس قولتۇقىدىكى ھەربىي ۋە دىپلوماتىك تەسىرىنى كېڭەيتىپ، يەرلىك شەيخلەر ئۈستىدىكى «ھامىيلىق» ئورنىدىن پايدىلىنىپ، كۇۋەيتنى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ بەسرە ۋىلايىتىدىن ئايرىپ چىقتى ۋە نېفىتلىك رايونلاردا ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىسى تىكلىدى.
1901-يىلى ئەنگلىيەلىك كانچىلىق ئىشلىرى زەردارى ۋىليام نوكىس دارسى ئىراننىڭ قاجار سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى بىلەن مەخسۇس نىفىت مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى. ئەينى ۋاقىتتا مۇزەففەرۇددىن شاھ يېتەكچىلىكىدىكى ئىران ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىق گىردابىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۆز بايلىقىنى ئېچىشقا تېخنىكا جەھەتتىن ئىقتىدارى يەتمەيتتى. شۇنداقلا ئىرانلىقلار نىفىتنىڭ قىممىتىنى تازا چۈشىنىپ كەتمەيتى. شۇ سەۋەبتىن، ئىككى تەرەپ ئىران يىللىق ساپ پايدىنىڭ پەقەت %16 كىلا ئېرىشىدىغان، ئەنگلىيە شىركىتى بولسا %84 گە ئېگە بولىدىغان «تەڭسىز» بىر كېلىشىم ئىمزالىدى. تېخىمۇ مۇھىمى، ئەنگلىيە تەرەپ «ساپ پايدا» ئۇقۇمىنى ئۆز مەنپەئەتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ بېكىتكەچكە، ئىران تەرەپنىڭ ئەمەلىي كىرىمى ئىنتايىن تۆۋەن بولدى. بۇ تەڭپۇڭسىز تەقسىمات كېيىنكى ئىران ئەۋلادلىرى ئۈچۈن مىللىي خورلۇقنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىپ قالدى.
نەچچە يىللىق مەغلۇبىيەتتىن كېيىن، 1908-يىلى جورج رېينولدس ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى مەسجىد سۇلايماندا غايەت زور نېفىت قۇدۇقىنى بايقىدى. بۇ بايقاش «ئانگىلو-پارس نېفىت شىركىتى» (APOC) نىڭ دۇنياغا كېلىشىگە سەۋەب بولدى. بۇ شىركەت تېزلا ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ ئىش بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورگىنىغا ۋە ئەنگلىيە خەزىنىسىنىڭ زور بايلىق مەنبەسىگە ئايلاندى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى يېقىنلاشقاندا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى شىركەتنىڭ كۆپ قىسىم پاي ھوقۇقىنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى ئەمەلىيەتتە ئەنگلىيە دۆلىتىنىڭ بىر تارمىقىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.
چوڭ كۈچلەرنىڭ كۆلەڭگىسىدىكى ئىراننىڭ تۇنجى دىمكراتىيە تەجرىبىسى
چاررۇسىيە ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق چوڭ ئىمپېرىيەلەر دۇنياۋى پىلان تۈزۈۋاتقان مەزگىلدە، ئىراندا 1906-يىلى «ئاساسىي قانۇن ئىنقىلابى» (Constitutional Revolution) دەپ ئاتالغان دېموكراتىك ھەرىكەت باشلاندى. بۇ ھەرىكەتنىڭ مىللەتچىلىك،دىمكراتىيە ۋە ئىگىلىك ھوقۇق پۇرىقى كۈچلۈك بولۇپ چاررۇسىيەنىڭ قوللىشىدىكى شاھنى مەجلىس (پارلامېنت) قۇرۇشقا مەجبۇرلىدى. دەسلەپتە، ئەنگلىيە دېموكراتىيە تەرەپدارلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى زۆرۈر بولغان ياردەملەر بىلەن تەمىنلىدى
1906– يىلى ئىرانلىق سودىگەرلەر، ئوقۇغۇچىلار ۋە لىبېرال دىنىي زاتلاردىن تەركىب تاپقان 14 مىڭغا يېقىن نامايىشچى ئەنگلىيەنىڭ تېھراندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ باغچىسىنى پاناھجاي قىلدى. ئەنگلىيەنىڭ بۇنىڭغا يول قويۇشى ئىنقىلابچىلارنى شاھ قوشۇنلىرىنىڭ باستۇرۇشىدىن ساقلاپ قالدى ۋە ئۇلارنىڭ پارلامېنت (مەجلىس) قۇرۇش تەلىپىنى سىستېمىلىق ئوتتۇرىغا قويۇشىغا پۇرسەت ياراتتى. ئەنگلىيە بۇ ئارقىلىق قاجار سۇلالىسىنىڭ مۇتلەق پادىشاھلىق تۈزۈمىنى قوللاۋاتقان چاررۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تەسىرىنى چەكلەشنى كۆزلىگەن ئىدى. بۇ باسقۇچتا «دېموكراتىيە» ئەنگلىيە ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ قورچىقىنى ئاجىزلىتىشتىكى بىر ۋاسىتە ئىدى.
لېكىن ياۋرۇپادا گىرمانىيەنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋەزىيەتنى تەتۈرىگە بۇرىدى؛ بىر-بىرىگە ئەڭ كۈچلۈك رەقىپ بولۇپ كېلىۋاتقان چاررۇسىيە ۋە ئەنگىلىيە ئاسىيادىكى رىقابەتنى توختىتىپ، ئۆزئارا كېلىشىش قارارىغا كەلدى. 1907 – يىلى ئەنگلىيە-رۇسىيە شەرتنامىسىنىڭ ئىمزىلاندى ۋە ئىراندىكى ئىنقىلابنىڭ ۋەزىيتىدىمۇ تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى.
ئەنگلىيە بىلەن رۇسىيە ئىتتىپاقداش بولغاندىن كېيىن، ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانى رۇسىيەنى ئاجىزلىتىشتىن، يېڭى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلايدىغان «تېنچ ئىران»نى تىكلەشكە ئۆزگەردى. بۇنداق ئەھۋالدا لوندون موسكۇۋانى تىزگىنلەش ئۈچۈن ئاساسىي قانۇن تەرەپدارلىرىغا موھتاج بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.ئەكسىچە، ئۇلار ئېگىلىك ھوقۇققا ئېگە ۋە مىللەتچىلىك ئىدىيىسىدىكى يېڭى مەجلىسنى ئۆزلىرىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇقىملىقىغا ۋە 1908-يىلى بايقالغان نېفىت مەنپەئەتلىرىگە تەھدىت دەپ قاراشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئەنگىلىيە ۋە چاررۇسىيە ئېمپىرىيەسى ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ پىكىرىنى ئالمايلا، دۆلەتنى ئۆزئارا «مەنپەئەت دائىرىسى»گە بۆلۈۋالدى. شىمالىي قىسمى (تېھراننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) رۇسىيەگە، جەنۇبىي قىسمى ئەنگلىيەگە تەۋە بولدى.دېموكراتىيە تەرەپدارى بولغان پارلامېنت كۈچلۈك مىللەتچىلىك روھىغا ئىگە بولۇپ، ئەنگلىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ «مەنپەئەت دائىرىسى»نى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە ئىنقىلابچىلاردىن سوۋۇشقا باشلىدى.
ئىنقىلاب بۇ باسقۇچقا كەلگەندە باشتا ئىنقىلابنى قوللاپ كېلىۋاتقان شەيخ فەزلۇللاھ نۇرى باشچىلىقىدا بىر تۈركۈم مۇھافىزىكار\ كونسېرۋاتىف دىنىي زاتلار ئىنقىلابقا قارشى ئاكتىپلىشىشقا باشلىدى ۋە ئاساسىي قانۇن ۋە پارلامىنتقا قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان پادىشاھنى قوللىدى.چۈنكى يېڭىدىن قۇرۇلغان مەجلىس (پارلامېنت) بېلگىيە ۋە فرانسىيە ئەندىزىسىگە تايىنىپ ئاساسىي قانۇن تۈزۈشكە باشلاۋاتاتتى. بۇ ئەھۋالنى نۇرى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى «ئىنسانلار تەرىپىدىن چىقىرىلغان» قانۇنلارنى ئىسلامنىڭ «ئاللاھ تەقدىم قىلغان» قانۇنلىرىغا بىۋاسىتە خىرىس قىلشى دەپ قارىدى.فەزلۇللاھ نۇرى پارلامىنىت ۋە ئاساسىي قانۇننىڭ شەرىئەتكە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛
- ئاساسىي قانۇن دىنىي ئېتىقادىنىڭ نېمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر بارلىق پۇقرالارنىڭ باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلاتتى. نۇرى بولسا بۇنى «كۇفرىلىق» دەپ ئەيىبلەپ، شەرىئەتنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن غەيرىي مۇسۇلمانلار نى ئېنىق پەرقلەندۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
- ئۇ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى پەقەت ئاللاھقىلا مەنسۇپ دەپ قارىدى. شۇڭلاشقا، بىر تۈركۈم سىياسىيونلارنىڭ پارلامېنتتا ئولتۇرۇپ قانۇنلار ئۈستىدە ئاۋاز بېرىشىنى « ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش» دەپ باھالىدى.
- ئۇ ئەركىن مەتبۇئاتنىڭ سېكۈلەرلەر ۋە «مۇرتەد» دەپ قارالغان ئېقىملارنىڭ ئىسلامنى تەنقىد قىلىشىغا يول ئېچىپ بېرىشىدىن ئەنسىرىدى.
نۇرى پارلامېنتنى غەربنىڭ «كۇفرىلىق» مەھسۇلاتى دەپ ئەيىپلىشى ۋە پارلامېنتنىڭ قانۇنىيلىقىنى ئىنكار قىلىشى ئەنگلىيەلىكلەرنى دېموكراتىك ھەرىكەتكە پىسەنت قىلماسلىق ئۈچۈن دىپلوماتىك باھانە بىلەن تەمىنلىدى. ئەنگلىيە دىپلوماتلىرى نۇرىنىڭ سۆزلىرىنى تەكرارلاپ، «ئىران تېخى دېموكراتىيەگە تەييار ئەمەس، دۆلەتنىڭ دىنىي خاراكتېرى كونا تۈزۈمنى تەلەپ قىلىدۇ» دەپ جار سېلىشقا باشلىدى. ئەمەلىيەتتە نىشان ھەرگىزمۇ دىمكراتىيەنى قوغداش ئەمەس بەلكى ئەنگىلىيەنىڭ ئىراندىكى مەنپەتىنى كاپالەتكە ئېگە قىلىش ئىدى. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا نۇرى باشچىلىقدىكى پارلامىنت ۋە ئاساسىي قانۇنغا قارشى مۇتئەسسىپ گوروھنى قوللاش مەنتىقلىق ئىدى. چۈنكى تېھراندىكى ئەنگلىيە ئاخبارات ئورگانلىرى نۇرىنىڭ ھەركىتىنىڭ ئىران خەلقىنى پارچىلايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى. پارچىلانغان ئىراننى باشقۇرۇش بىرلىككە كەلگەن، دېموكراتىك ئىراننى باشقۇرۇشتىن كۆپ ئاسان ئىدى.
ئەنگىلىيەنىڭ بۇ سەۋەبتىن باشتىكى مەيدانىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ پارلامىنىت ۋە ئاساسىي قانۇن قوغدىغۇچىلىرىغا ئورا كولاشقا باشلىدى. ئاساسىي قانۇن تەرەپدارلىرى تېھراننى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن قوراللىق كۈرەش باشلىغاندا، ئەنگلىيە ئەمەلدارلىرى پەردە ئارقىسىدا ھەرىكەت قىلىپ نۇرى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى سېكۇلەرلەرنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قوغداپ قالدى.ئەنگلىيە يەنە نۇرىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا قارشى كىتابچىلىرىنىڭ تارقىلىشىغا ۋە ئۇنىڭ «شاھ ئابدۇلئەزىم» مازارلىقىدىكى قارشىلىق بازىسىنىڭ توسالغۇسىز پائالىيەت قىلىشىغا كۆز يۇمدى.نۇرىغا بىۋاسىتە «پارا» بېرىلگەنلىكى ھەققىدە تالاش-تارتىشلار بولسىمۇ، لېكىن نۇرىنىڭ ھەرىكىتىنى مالىيە جەھەتتىن قوللىغان نۇرغۇن باي يەر ئىگىلىرى ۋە مۇھافزىكار سودىگەرلەر دەل ئەنگلىيە تايىنىدىغان يەرلىك ئىقتىسادنىڭ تۈۋرۈكلىرى ۋە جەنۇبتىكى نېفىتلىكلەرنىڭ قوغدىغۇچىلىرى ئىدى.
1908- يىلى شاھ رۇسىيە قوماندانلىقىدىكى «پارس كوزاك بىرىگادىسى»دىن پايدىلىنىپ پارلامېنتنى بومباردىمان قىلپ سىياسىي ئۆزگىرىش قىلدى. ئەنگلىيە بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرمىدى. ئەكسىچە، سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىنكى ۋەزىيەتنى جىمىقتۇرۇشقا ياردەملەشتى. 1911-يىلى رۇسىيە مەجلىسنى تارقىتىۋېتىش ھەققىدە ئۇلتىماتۇم بەردى، ئەنگلىيە بۇ ئۇلتىماتۇمنى ئاكتىپ قوللىدى. ئەنگلىيەنىڭ قوللىشى بىلەن رۇسىيە ئىراننىڭ شىمالىغا تاجاۋۇز قىلىپ مەجلىسنى ئەمەلدىن قالدۇردى ۋە ئىراننىڭ تۇنجى دېموكراتىيە سىنىقىنى ۋەيران قىلدى.
رىزا شاھ پەھلىۋى: زامانىۋىيلىشىش ۋە مۇستەبىتلىك
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى قالايمىقانچىلىقتىن كېيىن، رىزا خان 1921-يىلى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە يېتەكچىلىك قىلدى ۋە 1925-يىلى پەھلىۋى سۇلالىسىنى قۇردى. گەرچە دىنىي كۈچلەرنىڭ تەسىرى بىلەن جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلالمىغان بولسىمۇ، ئۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيتىدىن ئۆرنەك ئالدى ۋە ئاتاتۈرككە ئوخشاش ، ئىراننى «غەربلىشىش» ئارقىلىق زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرىشتى. رىزا خاننىڭ يېڭى تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ زامانىۋىيلىشىش جەريانى ۋە ئاتا-تۈرككە چۇڭقۇر ھۆرمىتى بولۇپ كۆپ ئالاقە قىلىپ تۇراتتى. ئاتا تۈركمۇ رىزا خاننىڭ ئىسلاھات پىلانلىرىغا ئىجابى قارايتى. رىزا خان ۋە ئاتا تۈرك بەزى مەكتۇپلاردا بىر بىرىگە «قېرىندىشىم» دەپ خىتاب قىلىشاتتى. 1934- يىلى 10-ئىيۇندا رىزا خان تۈركىيەگە زىيارەتكە كەلدى ۋە زىيارىتىنى بىر ئاي داۋاملاشتۇردى. ئۇ مەركىزىي ھاكىمىيەتنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئىراننى تاشقى كۈچلەرنىڭ بويۇنتۇرقىدىن خالىي، زامانىۋى دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ مەركەزگە مەركەزلەشكەن مىللىي ئارمىيە، مائارىپ سىستېمىسى ۋە مەركەزلەشكەن بيۇروكراتلىق قۇرۇلما بەرپا قىلىشقا تىرىشتى. سېكۈلەر ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقتى ۋە دىنىي كۈچلەرنىڭ رولىنى ئاجىزلىتىشنى مەقسەد قىلغان بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى.

رىزا شاھ ۋە ئاتا تۈرك
ئىراننىڭ سىياسىي بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ھەربىي كۈچنى ئىشقا سېلىپ ئاپتونۇمىيە ھوقۇقىغا ئىگە يەرلىك كۈچلەرنى يوق قىلدى. ئۇنىڭ دەۋرىدە دۆلەت ھالقىغان تۆمۈر يوللار ياسالدى ۋە 1935-يىلى دۆلەت نامى «پارس» تىن «ئىران»غا ئۆزگەرتىلدى. 1935- يىلى تىھراندا تۇنجى ياۋرۇپا ئۇسلۇبىدىكى ئۇنۋىرسىتىت سالدۇردى. ئاياللارنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن مەكتەپلەرنى ئاچتى ۋە ئۇلارنى زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈردى. 1936- يىلىغا كەلگەندە ھىجابنى چەكلىدى.
گەرچە ئۇنىڭ مەقسىدى ئىراننىڭ مۇستەقىللىقى، زامانىۋىيلىشىشى ۋە گۈللىنىشى بولسىمۇ ئۇ سىياسەتلەرنى مۇستەبىت ئۇسۇللار بىلەن ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ ھەربىيلىرى زوراۋان بولۇپ، كۈچى قانۇن تەرىپىدىن چەكلەنمىگەن، شۇنداقلا رىزا خان پارلامىنتنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋالغان، قارشى كۆز قاراشتىكىلەرنى باستۇرغان، مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى چەكلىگەن ۋە بىر قانچە دىنىي لىدىرلارنى ھەتتا ئۆزىنىڭ يېقىن بىئوكراتلىرىنى قولغا ئالغان ياكى سۈرگۈن قىلغان.
تاشقى سىياسەتتە ئەنگىلىيە بىلەن بولغان سودىنىڭ ئادىل ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ 1932- يىلى ئانگىلو-پارس نېفىت شىركىتى بىلەن 1909 دىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان كېلىشىمنى بىكار قىلىپ ئەنگىلىيەنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغان. سۆۋىت ئىتىپاقىنىڭمۇ ئىقتىسادى ئىمتىيازلىرىنى بىكار قىلىش ئارقىلىق ئوغىسىنى قايناتقان. تېخىمۇ يامان بولغىنى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىراندىكى تەسىر دائىرسىگە قارشى گىرمانىيەنى ئىرانغا باشلاپ كىرگەن ۋە 2- دۇنيا ئۇرۇشى باشلىندىغان 1939- يىللىرىغا كەلگەندە گىرمانىيە ئىراننىڭ ئەڭ سودا ھەمراھى بولۇپ قالغان. ئىچىكى جەھەتتىن خەلىققە بولغان مۇستەبىتلىكى ۋە تاشقى جەھەتتىن ئەنگىلىيە ۋە سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇش رىزا خانغا چوڭ باش ئاغىرىقى ئېلىپ كەلدى.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى سىياسى سودا
2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىران ئۆز بىتەرەپلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ،ئەنگىلىيەنىڭ گىرمانىيەنىڭ تەسىر كۈچىنى تازلاپ چىقىرىش تەلىپىنىڭ بەجا كەلتۈرۈلمەسلىكى ئەنگىلىيەنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى. شۇنداقلا ئىراننىڭ جۇغراپىيلىك ئورنىنىڭ ئەنگىلىيە ۋە سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بىر بىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ راۋان بولۇشى ئۈچۈن ھالقىلىق بولۇشى ۋە ئامېرىكا ياردەم بويۇملىرىنىڭ سوۋېت فرونتىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىستراتىگىيلىك زۆرۈرىيىتى سەۋەبىدىن سۆۋىت ۋە ئەنگىلىيە ئىراننىڭ بىتەرەپلىكىنى تونۇمىدى ۋە بىرلىكتە 1941-يىلى ئاۋغۇستتا ئىرانغا بېسىپ كىردى. ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر رىزا خاننى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇرلاپ ئۇنىڭ ياش ئوغلى مۇھەممەد رىزا شاھ پەھلىۋىنى تەختكە ئولتۇرغۇزدى. رىزا خان بولسا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھانسىبورگ شەھرىگە سۈرگۈن قىلىندى ۋە 1944- يىلى شۇ يەردە ۋاپات بولدى. 1943- يىلى ئىران گىرمانىيەگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىدى بۇنىڭ بەدىلىگە چىرچىل، سىتالىن، ۋە روزۋىلىت قاتارلىق ئۈچ كاتتىۋاش 11-ئايدىكى تىھران يىغىندا ئىراننىڭ زىمىن پۈتۈنلىكىنى ئىتراپ قىلدى ۋە (پىلاندىكى ) بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزالىقىنى ئىتراپ قىلدى.
ئۇرۇشتىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىران ۋە ئەزەربەيجانىدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشنى رەت قىلىپ، قورچاق سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەرنى قۇرۇشقا ئۇرۇندى. بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى خەلقئارالىق كىرىزىسىگە ئايلاندى. ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك دىپلوماتىك بېسىمى ۋە يادرو كۈچى بىلەن تەھدىت سېلىشى نەتىجىسىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى ۋە ئىراننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ساقلاپ قېلىندى.
نېفىتنى دۆلەتلەشتۈرۈش ۋە «ئاژاكىس ھەرىكىتى»
1951- يىلى ئىراندا يەنە دېموكراتىيە چۇقانلىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى ۋە مۇھەممەد موساددېق باشچىلىقىدىكى «مىللىي فرونت» ئارقىلىق قايتىدىن باش كۆتۈردى. مەجلىستىكى مىللەتچى كۈچلەر ئانگىلو-ئىران نىفىت شىركىتى تەسىتە ماقۇل بولغان پايدىنى 50% دىن تەقىسملەش تەكلىۋىنىمۇ رەت قىلىپ نېفىت سانائىتىنى دۆلەتلەشتۈرۈش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى ۋە كونا ئىمتىياز كېلىشىملىرىنى «مۇستەملىكىچىلىك ئوغرىلىقى» دەپ ئەيىبلىدى. شاھ مەجلىسىنىڭ بېسىمى ۋە ئىرانلىقلارنىڭ نامايىشلىرى سەۋەبلىك ئەنگىلىيەنىڭ دېگەن يېرىگە كېلەلمىدى. ئەكسىچە، مەجلىس ۋە خەلقنىڭ بېسىمى بىلەن موساددېقنى باش مېنىسىتر قىلىپ تەينىلەشكە مەجبۇر بولدى.ئەنگلىيە بۇنىڭغا جاۋابەن دېڭىز مۇھاسىرىسىنى يولغا قويۇپ، ئىراندىن نىفىت تېخنىكلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى، ئىرانغا خەلقئارالىق ئىمبارگو يۈرگۈزدى، ئەنگىلىيەدىكى پۇللىرىنى توڭلاتتى. ئىران ئىقتىسادى قاتتىق زەربىگە ئۇچۇردى. موساددېق ئەنگىلىيەنىڭ ئىراندىكى ئەلچىخانىسىنى تاقىدى. موساددېقنىڭدۆلەتتىكى تەسىر كۈچى كۈنسىرى ئېشىشقا باشلىدى.
ئەنگلىيە يەنە بىر تەرەپتىن موساددېقنى سۆۋىت كومىنىستلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارايتى ۋە ئەسلىدە ئىران مىللەتچىلىلىرىگە ھىسداشلىقى بار ئامېرىكىنى «موساددېقنىڭ كوممۇنىزمغا مايىللىقى بار» دەپ قايىل قىلدى. پرېزىدېنت ئەيزىنخوۋېر 1953-يىلى «مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) «نى ئشىقا سېلىپ شاھ ۋە باش قۇماندان فازۇللاھ زاھىدى بىلەن «ئاژاكىس ھەرىكىتى» نامىدا مەخپى پىلان تۈزدى.
شاھ زاھىدىنى باش مىنىستر قىلىپ تەينىلىگەنلىكىنى ئىلان قىلغاندا مۇساددېق ۋەزىپىسدىن ئىستىپا بېرىشىنى رەت قىلدى ۋە شاھنىڭ ۋەكىلىنى قولغا ئالدى. شاھ بۇنى سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ ئىسيان كۆتۈرگەنلىك دەپ جاكارلىدى. دەسلەپتە «ئاژاكىس ھەرىكىتى»مەغلۇپ بولغاندەك قىلغان بىلەن كېيىن خەلق قوزغىتىلدى ۋە شاھنىڭ قوغدىغۇچىللىرى غەلبە قىلىپ موساددېق قولغا ئېلىنىپ 3 يىل كېسىلدى، ئۇنىڭدىن كىين 1967- يىلى ۋاپات بولغىچە ئۆيىدە نەزەربەند قىلىنىدى.
داۋامى بار……..
پايدىلانغان مەنبەلەر:
- Abrahamian, E. (2013). The coup: 1953, the CIA, and the roots of modern U.S.-Iranian relations. The New Press
- Abrahamian, Ervand. 2009. «Mass Protests in the Islamic Revolution, 1977–79.» in Civil Resistance and Power Politics: The Experience of Non-violent Action from Gandhi to the Present, edited by A. Roberts and T. G. Ash. Oxford: Oxford University Press
- Afkhami, Gholam-Reza (2009). The Life and Times of the Shah. University of California Press
- Amanat, Abbas, (2017). Iran: A Modern History. Yale University Press
- Ansari, A. M. (2001). The Myth of the White Revolution: Mohammad Reza Shah, “Modernization” and the Consolidation of Power. Middle Eastern Studies, 37(3), 1–24. http://www.jstor.org/stable/4284172
- Ansari, A. M. (2007). Modern Iran: The Pahlavis and after. Pearson Longman
- Bonakdarian, M. (2006). Britain and the Iranian Constitutional Revolution of 1906–1911: Foreign policy, imperialism, and dissent. Syracuse University Press
- Curtis, G. E., & Hooglund, E. (Eds.). (2008). Iran: A country study (5th ed.). Library of Congress
- Dunn, J. P. (2023). Iranian Revolution. EBSCO Knowledge Advantage. https://www.ebsco.com/research-starters/history/iranian-revolution
- Elhan, N., & Karaoğlu, O. (2022). Uluslararası Dostluk Çerçevesinde Türkiye-İran İlişkileri: Mustafa Kemal Atatürk ve Rıza Şah Pehlevi. İran Çalışmaları Dergisi, 6(2), 203-226. https://doi.org/10.33201/iranian.1179401
- Katouzian, H. (2009). The Persians: Ancient, mediaeval and modern Iran. Yale University Press
- Kinzer, S. (2003). All the Shah’s men: An American coup and the roots of Middle East terror. John Wiley & Sons
- Milani, A. (2011). The Shah. Palgrave Macmillan
- Yergin, D. (2008). The Prize: The epic quest for oil, money & power. Free Press
- Zhou, J. The party that toppled a dynasty and changed the Middle East forever. Young Diplomats Society, https://www.theyoungdiplomats.com/post/the-party-that-toppled-a-dynasty-and-changed-the-middle-east-forever
