يازمىنىڭ بۇ بۆلىمىدە مۇھەممەد رىزا شاھنىڭ «ئاق ئىنقىلاب» ى ، ئىنقىلابنىڭ مۇۋاپىقىيتى ۋە كەمچىللىكى؛ بۇ ئىنقىلابقا بولغان قارشىلىقلار ۋە ئىراندا شاھ تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن تارىختكى ئەڭ كاتتا مۇراسىم ئانالىز قىلىنىدۇ.
غەربكە ئېغىش ۋە شاھنىڭ ئاق ئىنقىلابى (1953–1978)
موساددېق تەختتىن چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن،ئامېرىكا ئىراننىڭ ئىقتىسادى ئۈچۈن 45 مىلىيۇن دوللار ئىقتىسادى ياردەم قىلدى. 1953- يىلى ئەنگىلىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتمۇ ياخشىلاندى. مۇھەممەد رىزا شاھ پەھلەۋى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تەھدىدى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى قارشى كۈچلەردىن ئەنسىرەپ ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكىغا يېقىن تۇرۇش ئىستراتىگىيسىنى يولغا قويدى. نىفىتىنىڭ پايدىسىنى 50 % دىن بۆلىشدىغان بولدى.
1955- يىلى ئۆكتەبىردە، ئىران «باغداد ئەھدىنامىسى»گە ئەزا بولدى. مەزكۇر ئىتتىپاق ئىراق، تۈركىيە ۋە پاكىستاندىن ئىبارەت «شىمالىي بەلۋاغ» دۆلەتلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان بولۇپ، ئەنگلىيە ئۇنىڭغا تولۇق ئەزا، ئامېرىكا بولسا قوللىغۇچى سۈپىتىدە قاتناشقان ئىدى. 1959-يىلى مارتتا، ئىران ئامېرىكا بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈمىدىدە شاھ 1956-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلغان بولسىمۇ، سوۋېتنىڭ تەشۋىقات ھۇجۇملىرى ۋە ئىراننىڭ غەرب بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقى سەۋەبىدىن ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى ئىسىنالمىدى. 1957- يىلى ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ۋە ئىسرائىلىيە موسادنىڭ ياردىمى بىلەن مەخپى ساقچى تەشكىلاتى بولغان «ئىستىخبارات ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتى» (SAVAK) نى قۇرۇپ چىقتى. كېيىنكى 25 يىلدا ئۇ ساۋاك ساقچى تەشكىلاتى ئارقىلىق ئۆكتىچىلەرنى باستۇردى.
شاھ ئەنگىلىيە بىلەن بولغان نىفىت كىرزىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادى زىيان، ئىران خەلقنىڭ ئىدولوگىيە جەھەتتىكى ئىككى قۇتۇپلىشىشى قاتارلىق رىئاللىق بىلەن دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنى دىمكراتىيەلەشتۈرۈش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىشنىڭ باش قېتىنچىلىقىدا قېلىۋاتاتتى. ئۇ ئىچكى سىياسەتتە قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزشنى تاللىدى. سايلام ۋە مەجلىس مەۋجۇت بولسىمۇ قاتتىق كونترول ئاستىدا تۇتۇلدى. مىللەتچى فرونتنى چەكلىدى، باشقا پارتىيلەرنى باستۇردى. مەتبۇئاتلارنى چەكلىدى. باش ۋەزىرلىككە بولسا پەقەت ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى ئىجرا قىلىدىغان باش ۋەزىرلارنى ئارقا-ئارقىدىن ۋەزىپىگە قويدى. ئىككى پارتىيلىك تۈزۈمنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ئىككى ئەمەلدارنى ۋەزىپىلەندۈردى، ئەمما بىر پارتيىنىڭ شاھقا سادىق كىشلەردىن بولۇشىنى تەلەپ قىلدى. شۇڭلاشقا بۇ پارتىيىلەر تېخىمۇ كەڭ سىياسىي ۋەكىللىككە بولغان تەلەپلەرنى قاندۇرالمىدى. 1960-يىلدىكى مەجلىس سايلىمىدا، ئومۇميۈزلۈك كۆز بويامچىلىق ئەيىبلەشلىرىنى بېسىقتۇرغىلى بولمىدى، نەتىجىدە شاھ سايلامنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولدى. خەلق نازارى بولغان بولسىمۇ شاھنىڭ قاتتىق كونترول قىلىشى سەۋەبلىك چوڭ ئىش چىقمىدى.
دۆلەت ئىچى ۋەزىيتىگە قارىتا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جون ف. كېننېدى شاھنى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ھەققىدە بېسىم قىلىدى. دۆلەت ئىچىدىكى ئۆزگىرىش تەلىپىنىمۇ كۆزدە تۇتقان شاھ 1963 – يىلى چوڭ بىر ئىسلاھاتقا ئاتلاندى. مەتبۇئات ئۈستىدىكى چەكلىمىلەرنى بوشاتتى، مىللىي فرونت ۋە باشقا سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە يول قويدى ھەمدە بىر تۈركۈم سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئېلىشقا بۇيرۇق بەردى. يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىپ بۇرۇنقى باي يەر ئېگىلىرىنىڭ يەرلىرى دىھقانلارغا بۆلۈپ بەردى.
شاھ يەر تەقسىماتى پىلانى ئارقىلىق يېزا ۋە شەھەرلەردە قولغا كەلتۈرگەن ئابرۇيىغا تايىنىپ، 1963-يىلى يانۋاردا ئالتە ماددىلىق تەدبىرنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويدى. يەر ئىسلاھاتىدىن باشقا، بۇ تەدبىرلەر خۇسۇسىي ساھەدىكى سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ پايدىدىن بەھرىمەن بولۇشى، ئورمان ۋە ئوتلاقلارنى دۆلەتلەشتۈرۈش، يەر ئىسلاھاتىنى مالىيە جەھەتتىن قوللاش ئۈچۈن دۆلەت زاۋۇتلىرىنى سېتىش، ئىشچىلار ۋە دېھقانلارنىڭ نازارەتچىلىك كېڭەشلىرىدە تېخىمۇ كۆپ ۋەكىللىككە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن سايلام قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەمدە ياشلارنىڭ يېزىلاردا ئوقۇش-يېزىش ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەش ئارقىلىق ھەربىي مەجبۇرىيىتىنى ئۆتەيدىغان «ساۋات چىقىرىش قوشۇنى»نى قۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. شاھ يەنە فېۋرال ئېيىدا ئاياللارغىمۇ سايلام ھوقۇقى بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.شاھ بۇ بىرىكمە ئىسلاھاتلارنى ئۆزىنىڭ «ئاق ئىنقىلابى» دەپ ئاتىدى. ئومۇمىي ئاۋاز نەتىجىسى ھېسابلانغاندا، ھۆكۈمەت بۇ پىلاننىڭ %99 يۇقىرى ئاۋاز بىلەن قوللانغانلىقىنى جاكارلىدى
ئاق ئىنقىلاب 1958-يىلىدىن 1963-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سىستىملاشتۇرۇلغان ۋە مۇھەممەد رىزا شاھ پەھلەۋى تەرىپىدىن 1978-يىلىغىچە يۈزگۈزۈلگەن ، «يۇقىرىدىن تۆۋەنگە» قاراپ ئېلىپ بېرىلغان ئىنقىلاب بولۇپ «قىزىل» (كوممۇنىستىك ياكى قانلىق) ئىنقىلابقا قارىمۇ-قارشى ھالدا، قان تۆكۈلمەيدىغان ۋە زوراۋانلىقتىن خالىي بولۇش مەقسەت قىلىنغانلىقى ئۈچۈن «ئاق» دەپ ئاتالغان.
ئىنقلاپ بىر قەدەر ئۈزۈل-كېسىل بولغان بولۇپ دۆلەت مىقياسىدا يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىپ يەرلەر بۇرۇنقى باي فىئودال تەبىقىدىن ئىجارىكەش دېھقانلارغا قايتا تەقسىم قىلىپ بېرىلىشى بىلەن ئەنئەنىۋى زېمىن ئىگىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچى ئۈنۈملۈك ھالدا تارتىۋېلىندى. يەر ئىسلاھاتى قوش بىسلىق خەنجەر رولىنى ئوينىدى؛بىر تەرەپتىن يىزىلاردا خەلق شاھتىن قاتتىق مەمنۇن بولغان بولسا، شاھنى كۈچلۈك بىر ئىتتىپاقداشتىن ئايرىپ قويدى.
بۇ دەۋردە مائارىپ ساھەسىدە زور تەرققىيات كۆرۈلدى؛ 1960-يىللارغا كەلگەندە، دۆلەت ئىچىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇغۇچىلار سانى 17 مىڭغا، چەتئەلدە ئوقۇيدىغانلار 15 مىڭغا يەتتى. ئىرانلىقلارنىڭ ساۋاتلىق بولۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتىرىلدى. زور تۈركۈمدىكى كەسپىي خادىملار، تېخنىكلار ۋە باشقۇرغۇچىلار قاتلىمى يېتىشىپ چىقتى. رادىئو قوبۇللىغۇچلارنىڭ سانى ئون ھەسسە كۆپىيىپ بىر مىليونغا يەتتى، تېلېۋىزور تېز سۈرئەتتە ئومۇملاشتى؛ 1962-يىلىغا كەلگەندە تېلېۋىزور كۆرۈرمەنلىرىنىڭ سانى 670 مىڭغا يەتتى.

شاھنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىشى بىلەن «ئاياللارنىڭ ئازادلىقى » شۇئارى ئاستىدا ئاياللار سايلامىغا قاتنىشىش ھوقۇقى بېرىلدى ھەتتا سايلامغا قاتناشتى. شاھ ئىران ئاياللىرىنى ئېنىق قىلىپ «ئەركىن ئاياللار» دەپ ئاتىدى، بۇ ئۇ تەسەۋۋۇر قىلغان «بۈيۈك مەدەنىيەت» ئۈچۈن (تىرىلدۈرمەكچى بولغان قەدىمكى پارس مەدەنىيىتىنى دېمەكچى) مۇھىم بولغان، ئىجتىمائىي ۋە ماددىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم تەركبى قىسىمى ئىدى. سانائەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن نوپۇسنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئېقىشى مەيدانغا كەلدى ۋە نەتىجىدە ئاياللارنىڭ «ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش» «مەسئۇلىيىتى» دە ئۆزگىرىش بولۇپ شەھەرلەرگە ئىشلىگىلى بېرىشقا باشلىدى. مائارىپ ساھەسى ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى. چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان 15،000 ئىرانلىق ئوقۇغۇچى ئارسىدا زور تۈركۈمدە ئاياللار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كەسپىي ساھەلەردە، تېخنىك بىلىمىرى، دىنىي ئىلىملەر ۋە باشقۇرۇش كەسپلىرىدە ئوقۇدى ۋە بۇ ساھەلەردە ئىشقا كىردى. ئىران ئاياللىرى ئارىسىدا يۈرۈش-تۇرۇش ۋە كېيىم-كىچەك كىيىش جەھەتلەردە غەرب ئۆرنەك ئېلىندى ھەتتا غەربنىڭ گۈزەللىك قارىشى ئىران ئاياللىرى ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە تارقالدى.

كۈتكەندەك شاھنىڭ ئىسلاھاتىغا ئەڭ چوڭ قارشىلىق دىنىي گۇرۇپلاردىن كەلدى. مۇھافىزىكار دىنىي زاتلار ئاق ئىنقىلابنى، بولۇپمۇ «يەر ئىسلاھاتى» ۋە «ئاياللارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى» ۋە ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق بېرىشنى ئىسلامغا زىت دەپ جاكارلىدى ۋە رەت قىلدى. ئۆزلىرىمۇ چوڭ يەر ئىگىلىرى بولغان موللا- شەيىخلەر ئىسلام قانۇنىدا شەخسىي مۈلۈك دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك، دېگەن گەپنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ، چوڭ زېمىنلارنىڭ ئىجارىكەش دېھقانلارغا مەجبۇرىي تەقسىملەپ بېرىلىشىنى دىنىي قانۇن پىرىنسىپلىرىغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش دەپ دەۋا قىلدى. ئۇلار يەنە بۇ ئىسلاھاتلارنى پارلامېنت (مەجلىس) تارقىتىۋېتىلگەن بىر مەزگىلدە پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەنلا يولغا قويۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق قانۇنسىز دەپ ئىلاپ قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئاياللار ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئامىللار يەنى ، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى دىنىي زاتلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ئەڭ چوڭ پارتلاش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولغان. ئۇلار بۇ ئىسلاھاتلارنىڭ ھۆكۈمەت ۋە پادىشاھلىق ھوقۇقىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشىگە يول ئاچىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيتى.
شاھ بۇلارغا قارشى موللىلارنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا «قارا رېئاكسىيە» دەپ ئاتاپ، ئۇلارنى تەرەققىياتقا توسالغۇ بولۇۋاتقان «ئوتتۇرا ئەسىر» نىڭ «فېئودال» كۈچلىرى سۈپىتىدە تەسۋىرلىدى. بۇ خىل قاراش دىنىي كۈچلەرنىڭ تېخىمۇ قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مەملىكەتتىكى شىئە مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا يېتەكلەش قابىلىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىراننىڭ دىنىي لىدىرلىرى دۆلەتتە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىدى. «ئاق ئىنقىلاب»تا تەسىر كۈچى چەكلەنگەن دىنىي تەبىقە ۋە باشقا رادىكال دىنىي كۈچلەر ئۆز دەۋرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن دىنىي ئالىمى ۋە شاھنىڭ ئەشەددىي رىقابەتچىسى بولغان رۇھۇللاھ مۇساۋى خومېينىغا يۆلەندى. خومېينى شۇ چاغدا ئاللىقاچان ئىران شىئە جەمئىيىتىدىكى ئەڭ يۇقىرى دىنىي ئۇنۋان — «ئايەتۇللاھ»لىق مەرتىۋىسىگە ئىگە ئىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن شاھ قوزغىغان زامانىۋى ئىنقىلابنىڭ كەسكىنلىكى ۋە تىز سۈرئەتتە ئېلىپ بېرلىشى بىر تۈركۈم ئىرانلىقلار ئارسىدا نارازلىق قوزغغىغىنى ھەقىقەت ئىدى ۋە بۇلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق شىكايىتى ئىسلاھاتنىڭ «ئىران مەدەنىيتىدىن يىراقلاپ كېتىشى» ئىدى. بۇ يەردە «ئىران مەدەنىيتى» ھەققىدە شاھ ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن قارشى چىققۇچى مۇھافىزىكارلار ئارسىدا پەرق بار ئىدى. شاھقا نىسبتەن «ئىران مەدەنىيتى» قەدىمكى پارس ئېمپېرىيەسىنىڭ مەدەنىيتى ئىدى؛ قارشى تەرەپ دەۋاتقان «ئىران مەدەنىيتى» بولسا ئىران – ئىسلام مەدەنىيتى ئىدى. شۇڭا ئۇلار بۇ ئىسلاھاتنى تەرەققىيات يولىدىكى سەمىمىي بىر تىرىشچانلىق دەپ ئەمەس، بەلكى ئىسلام پىرىنسىپلىرىغا ۋە ئىراننىڭ مۇستەقىللىقىغا قىلىنغان بىۋاسىتە ھۇجۇم دەپ قارىغان.
1963-يىلى ئىيۇن ئېيىدا، ئايەتۇللاھ خۇمەينى ئىراننىڭ قۇم شەھرىدە ھاكىمىيەتكە قارشى قاتتىق نۇتۇقلارنى سۆزلىگەندىن ئۇنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى يەر ئىسلاھاتى ۋە ئاياللار ئەركىنلىكى ۋە غەربلىشىش بولۇپ، ئۇ ۋە باشقا دىنىي زاتلار بۇلارنى ئەنئەنىۋى ئىسلام ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىغا قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق دەپ ئاتىدى. خومېينىنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن مىڭلىغان نامايىشچىلار كوچىلارغا سەلدەك ئاقتى. دۆلەت ئىچىدە شىددەتلىك ئۈچ كۈن توپىلاڭ يۈز بەردى. شاھ دۆلەت ئارمىيىسى ۋە يوشۇرۇن ساقچى تەشكىلاتى (SAWAK) نى ئىشقا سېلىپ بۇ توپىلاڭلارنى رەھىمسىزلەرچە باستۇردى،.. شاھ شۇ دەقىقىدە ھۆكۈمەت ئۆز رىقابەتچىلىرى ئۈستىدىن تامامەن غەلىبە قىلغاندەك كۆرۈندى. خومېينى 1964-يىلى قولغا ئېلىندى. شاھ خومېينىنى خەلقنىڭ نەزەرىدە «شېھىت»قا ئايلاندۇرۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، ئۇنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش ئورنىغا سۈرگۈن قىلدى؛ ئۇ 1979 -يىلى ئىرانغا قايتىپ كەلگۈچە بولغان ئارلىقتا تۈركىيە، ئىراق ۋە فرانسىيەدە سۈرگۈندە ياشىدى.
مۇھەممەد رىزا شاھ خومېينى ئۈستىدىن قازانغان غەلىبىنى ئۆزىنىڭ ئاشۇ مۇھافىزىكار موللىلار بىلەن بولغان كۈرىشىنىڭ يۇقىرى پەللىسى دەپ قارىدى. بۇنىڭدىن كىين شاھ پەيدىنپەي دىكتاتۇرلىشىشقا قاراپ ماڭدى. ئۇ ئىرانلىقلار ئۈچۈن ساقلىنىپ قالغان ئازغىنە ۋەكىللىك ھۆكۈمەت ئۇنسۇرلىرىنىمۇ چۆرۈپ تاشلاپ، ئاخىرى 1971-يىلى بىر پارتىيەلىك دۆلەت تۈزۈمىنى تىكلىدى. بۇ مۇستەبىتلىك بارغانسىرى تايانچ بازىسى تارىيىپ، ئۆز پىكىرىنى بايان قىلىدىغان مۇنبەرلەردىن مەھرۇم قالغان مۆتىدىل ۋە سېكۇلار ئۆكتىچىلەرنى بارا-بارا رادىكاللىشىشقا باشلىدى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى دىنىي لاگېرغا قوشۇلۇشنى تاللىدى. شىئە دىنىي زاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئېنىق قاتلاملىق تۈزۈمى ئارقىلىق، بۇ كىشىلەرنى ۋە «بازارىلار» دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى سودىگەرلەرنى بىر تۇغ ئاستىغا جەم قىلىپ، زور بىر ئۆكتىچى كۈچ شەكىللەندۈردى.
شاھ دىكتاتۇر بولسىمۇ ئىراننىڭ ئىقتىسادى 1963- يىلىدىن 1973- يىلغىچە يىلدا 11% سۈرەت بىلەن ئىشىپ ماڭدى. بۇنىڭ سەۋەبى كەڭ كۆلەمدە نىفىت ئىشلەپچىقىرىش ۋە «ئاق ئىنقىلاب» نىڭ ئىجابى تەرەپتىكى تەسىرلىرى ئىدى. 1953-يىلى 34 مىليون دوللار بولغان نېفىت كىرىمى 1975-يىلىغا كەلگەندە 19 مىليارد دوللارغا يەتتى. ئىران دۇنيانىڭ 21- چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىسىگە ئايلاندى. بىر نەچچە يىلدا شاھنىڭ قولىدا قانداق ئىشلتىشنى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە پۇل پەيدا بولدى. شاھ بۇ پۇللارنى بۇ مەبلەغلەر پولات-تۆمۈر، نېفىت خىمىيە، ماشىنا سايمانلىرى قاتارلىق كۆپ خىل سانائەت ساھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلەتتى.
تېھران يەنە پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئومۇمەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلدى. ئىران سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا قولتۇق ئەللىرى بىلەن چېگرا بېكىتىش كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى؛ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىق ۋە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىنىشنى باشلىدى ھەمدە يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان ئەمىرلىكلەرنى پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئارقىلىق تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىق ئورنىتىشقا رىغبەتلەندۈردى.
شاھ ئىراننىڭ پارس قولتۇقىدىكى رولىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، نېفىت كىرىمىدىن پايدىلىنىپ ئىران قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنى كېڭەيتتى. شاھ ئەنگلىيە ئارمىيىسى رايوندىن چېكىنگەندىن كېيىنكى پارس قولتۇقى رايۇنىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئىراننىڭ يېتەكچى رول ئويناشقا مەيلى بارلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇنىڭ بۇ پوزىتسىيسى ئامېرىكا پرېزىدېنتى رىچارد نىكسوننىڭ بۇ رايونغا تۇتقان ئۈمىدۋار پوزىتسىيىسى بىلەن تولۇق ماس كەلدى. 1969-يىلى ئېلان قىلىنغان «نىكسون خىتابنامىسى»دا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ رايون بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. نىكسون 1972-يىلى ئىرانغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر قارارنى چىقىرىپ، شاھنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇداپىئەسى ئۈچۈن زۆرۈر دەپ قارىغان مىقداردا ئامېرىكا قورال-ياراق ئامبىرىدىكى ھەر قانداق ئادەتتىكى (conventional) قورالنى سېتىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلدى. شاھ ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشىنى ۋە باشقا ھەربىي پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىشى ئۈچۈن ئىران تۇپرىقىدا ئىككى تىڭشاش نۇقتىسى (listening posts) قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا-ئىران ھەربىي ھەمكارلىقى تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامغا يەتتى. 1970-يىللارغا كەلگەندە ئىران ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ قورال -ياراق خېرىدارى بولۇپ قالدى. ھەممىدىن بەك دىققەت تارتىدىغىنى ئىران ئامېرىكادىن F-14 Tomcat تىپلىق ئۇرۇش ئايرۇپلانىغا ئېگە بولغان بولۇپ، ئۇ دەۋردە بۇ ئايرۇپلان ئامېرىكا ۋە ئىراندىن باشقا دۆلەتنىڭ قولىدا يوق ئىدى. ئىران بۇ ۋاقىتتا رايۇنلۇق چوڭ كۈچكە ئايلانغان ئىدى.
دۇنيانىڭ ئەڭ ھەشەمەتلىك مۇراسىمى
مۇھەممەد رىزا شاھ غەربلىشىش تەرەپدارى بولۇپلا قالماي يەنە ئىراننىڭ شانلىق ئۆتمۈشىگە، بولۇپمۇ پارس ئېمپېرىيسىگە رۇمانتىزىملىق تۇيغۇسى بىلەن قارايتى ۋە پەخىرلنەتتى. بۇ شانلىق تارىخىنى تىرىلدۈرۈشنى ئىراننىڭ تېخىمۇ زامانىۋىيلىشىشىغا ۋە تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق دەپ قارايتى. ئۇ ئۆزىنى پارس ئېمپىرىيەسىنىڭ ۋارىسى دەپ قارايتى ۋە 1967- يىلى ئۆزىنى ئىمپراتور دەپ ئاتىدى ۋە يېڭى كالىندار ئېلان قىلدى. 9171-يىلى، تەختتە ئولتۇرغىنىغا 30 يىل بولغان مۇھەممەد رىزا شاھ، پارس ئىمپېرىيىسىنىڭ قەدىمكى پايتەختى پېرسېپولىستا ئىران ئىمپېرىيىسىنىڭ 2500 يىللىق تەنتەنىسىنى ئۆتكۈزۈدى. ئۇنىڭ مەقسىتى ئىراننىڭ قەدىمكى شانلىق تارىخىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشلا ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە بولغان زور تەسەۋۋۇرىنى دۇنياغا نامايان قىلىش ئىدى. ئىران بۇ مۇراسىمغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 60 تىن ئارتۇق پادىشاھ جەمەتى ئەزالىرىنى ۋە دۆلەت باشلىقلىرىنى تەكلىپ قىلدى.
1971- يىلىدىكى پېرسېپولىسنىڭ تەرەققىياتى ناچار بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەردە 160 گىكتار يەرنى قاپلىغان غايەت زور بىر «چىدىر شەھەرچىسى» قۇرۇلدى. تەشكىللىگۈچىلەر باغچىنىڭ مەركىزىدىكى فونتاننىڭ ئەتراپىغا، يۇلتۇز شەكلىدە تىزىلغان 50 ھەشەمەتلىك چىدىر ئورۇنلاشتۇردى، بۇ چىدىرلار فرانسىيەدىن ئېلىپ كېلىنگەن دەرەخلەر (باغچا بىزەشكە ئىشلتىلىدىغان دەرەخلەر) ۋە گۈل-گىياھلار بىلەن بېزەلدى. مۇھىتنى تېخىمۇ جەلپكار قىلىش ئۈچۈن ياۋروپادىن 50 مىڭ ناخشىچى قۇش ئېلىپ كېلىندى. بۇ قۇشلارنى تىنچ جايغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، رايوندىكى بارلىق يىلان ۋە زىيانلىق ھاشاراتلار پۈتۈنلەي تازىلاندى.
يەنە دۇنياغا داڭلىق مېھمانخانىچى ماكس بىلۇئېت (Max Blouet) نىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەر گۇرۇپ 600 مېھماندىن تەركىب تاپقان 5 گۇرۇپپا مىھمانغا كۆپ تۈردىكى تائاملار بىلەن ئالتە سائەتتىن داۋاملاشقان داغدۇغىلىق زىياپەتلەر بېرىلدى؛ تاماقلار مەخسۇس «Spode» شىركىتىگە زاكاز قىلىنغان 10 مىڭ تال تەخسىدە تارتىلدى. مېھمانلار ئارىسىدا ئەنگلىيەنىڭ ئېدىنبۇرگ كىنەزى، موناكو مەلىكىسى گرېيس ۋە ئېفىيوپىيە ئىمپېراتورى خايلې سېلاسسىي قاتارلىق ئەزىز مېھمانلار بار ئىدى؛ ئۇلار 250 دانە قىزىل رەڭلىك «مېرسىدىس-بېنىز 600» تىپلىق ماشىنىلار بىلەن توشۇلدى.

مۇراسىم كاتتا تەنتەنە بىلەن ئۆتكۈزۈلدى. ئېچىلىش مۇراسىمى شاھ ۋە ئۇنىڭ خانىمى شاھبانۇنىڭ پاسارگادادىكى پارس ئىمپراتورى بۈيۈك كىرۇس مەقبەرىسىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈشى بىلەن باشلاندى. ئاندىن، تارىخىي لىباسلار كىيگەن 1724 ئەسكەردىن تەشكىللەنگەن غايەت زور ھەربىي پاراد ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىراننىڭ ئۆتمۈشتىكى ئىمپېرىيەلىرى نامايان قىلىندى. كېچىدە مەشھۇر كومپوزىتور ياننىس شېناكىس (Iannis Xenakis) تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «پېرسېپولىس پولىتوپى» ناملىق قىلىم كۆرسىتىلدى. تېھراندىكى يېپىلىش مۇراسىمىدا شاھ ئۆزىنىڭ دادىسى رىزا شاھ پەھلىۋىنىڭ مەقبەرىسىدە ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈردى.

بۇ زىياپەتنىڭ ئومۇمىي چىقىمىنى ھېسابلاش قىيىن بولسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئوردىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، بۇنىڭغا شۇ ۋاقىتنىڭ پۇلى بىلەن 17 مىليون دوللار سەرپ قىلىنغان. بۇ مۇراسىم تا ھازىرغىچە شاھ دەۋردىكى ئىسراپچىلىق دەپ تەنقىد قىلىنماقتا. ئەمما بۇ ھەقتە، شاھنىڭ خانىمى فاراھ پەھلىۋى ئىنقىلابتىن يىللار كېيىن ئۆكۈنۈش بىلەن شۇنى تىلغا ئالغان؛ خەلقئارالىق تاراتقۇلار بۇ تەنتەنىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە سېلىنغان مىڭلىغان مەكتەپ ۋە يوللارغا سەل قاراپ، پەقەت ھەشەمەتچىلىكنىلا خەۋەر قىلغان. شاھمۇ مۇراسىمنىڭ زور چىقىمى ھەققىدە سوئال سورالغاندا، ئۇ: «مەن ئەجىبا دۆلەت باشلىقلىرىنى نان بىلەن كۈتىۋېلىشىم كېرىكمىدى ؟» شەكلىدە جاۋاب بەرگەن.
ئەمما مەسىلە شۇكى، گەرچە ئىران ئىقتىسادى تىز تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، بۇ تەرەققىياتتىن ھەممە كىشى بەھرىمان بولالمىغان. ئەلۋەتتە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بايلىقىنى ھەممىگە تەڭ تەخسىملەپ بولغىلىمۇ بولمايدۇ، شۇنداقلا شاھ بۇ ئىقتىسادلارنى ئۇل مۇئەسسە، يول، قۇرلۇش، مەكتەپ ۋە ھەربىي سانائەتكە ئىشلەتكەن ئىدى. شۇڭا شۇ مەزگىلدە ئىران نوپۇسىنىڭ %54 تى نامراتلىق چېكىدىن تۆۋەن تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتاتتى؛ بولۇپمۇ جەنۇبتىكى تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى پۇقرالار پاكىز سۇدەك ئەڭ ئەقەللىي ئېھتىياجلارغا ئېرىشەلمەيتتى. 2016-يىلى BBC تەرىپىدىن ئىشلەنگەن خەلقنىڭ نارازىلىقى تەسۋىرلەنگەن بىر ھۆججەتلىك فىلىمدە بىر ئايال ئۆزىنىڭ ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇسىنىڭ بىر تال كىيم تىكىش ماشىنىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولۇپ، بۇ شاھنىڭ بايلىقنى تەخسىملەش مەسىلىسىدە خەلق تۇرمۇشىنى 2-پىلانغا ئىتترىپ قويغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
داۋامى بار…..
پايدىلانغان مەنبەلەر
- Abrahamian, E. (2013). The coup: 1953, the CIA, and the roots of modern U.S.-Iranian relations. The New Press
- Abrahamian, Ervand. 2009. «Mass Protests in the Islamic Revolution, 1977–79.» in Civil Resistance and Power Politics: The Experience of Non-violent Action from Gandhi to the Present, edited by A. Roberts and T. G. Ash. Oxford: Oxford University Press
- Afkhami, Gholam-Reza (2009). The Life and Times of the Shah. University of California Press
- Amanat, Abbas, (2017). Iran: A Modern History. Yale University Press
- Ansari, A. M. (2001). The Myth of the White Revolution: Mohammad Reza Shah, “Modernization” and the Consolidation of Power. Middle Eastern Studies, 37(3), 1–24. http://www.jstor.org/stable/4284172
- Ansari, A. M. (2007). Modern Iran: The Pahlavis and after. Pearson Longman
- Bonakdarian, M. (2006). Britain and the Iranian Constitutional Revolution of 1906–1911: Foreign policy, imperialism, and dissent. Syracuse University Press
- Curtis, G. E., & Hooglund, E. (Eds.). (2008). Iran: A country study (5th ed.). Library of Congress
- Dunn, J. P. (2023). Iranian Revolution. EBSCO Knowledge Advantage. https://www.ebsco.com/research-starters/history/iranian-revolution
- Elhan, N., & Karaoğlu, O. (2022). Uluslararası Dostluk Çerçevesinde Türkiye-İran İlişkileri: Mustafa Kemal Atatürk ve Rıza Şah Pehlevi. İran Çalışmaları Dergisi, 6(2), 203-226. https://doi.org/10.33201/iranian.1179401
- Filseth, T. (2022, January 1). How America’s F-14 Tomcats saved Iran from destruction. The National Interest. https://nationalinterest.org/blog/reboot/how-americas-f-14-tomcats-saved-iran-destruction-198710
- Katouzian, H. (2009). The Persians: Ancient, mediaeval and modern Iran. Yale University Press
- Kinzer, S. (2003). All the Shah’s men: An American coup and the roots of Middle East terror. John Wiley & Sons
- Milani, A. (2011). The Shah. Palgrave Macmillan
- Yergin, D. (2008). The Prize: The epic quest for oil, money & power. Free Press
- Sciolino, E. (2005). Persian mirrors: The elusive face of Iran. Free Press
- Zhou, J. The party that toppled a dynasty and changed the Middle East forever. Young Diplomats Society, https://www.theyoungdiplomats.com/post/the-party-that-toppled-a-dynasty-and-changed-the-middle-east-forever
- Mohammed Nuruzzaman, (2019). The Iranian Revolution at 40: Shifting Grounds, Continuing Resilience, E-International Relations, https://www.e-ir.info/2019/03/14/the-iranian-revolution-at-40-shifting-grounds-continuing-resilience/
