سۈرىيەدىكى كورد قوراللىق كۈچلىرى (SDF) 2014 – يىلىدىن بېرى ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى بولۇپمۇ دائىشقا قارشى ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ئىدى. ئامېرىكا بۇ جەرياندا كوردلارغا غايەت زور مەبلەغ سالدى ۋە نەتىجىدە سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالدا تەخمىنەن 100 مىڭ كىشىلىك خىل قورال بىلەن قوراللانغان ۋە ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇش تەجرىبىسىگە ئېگە بىر كۈچ شەكىللەندى. بۇ كۈچ ئەسەد ھاكىمىيتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئەھمەد شارا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. ئەمما ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلتۇر 11-ئايدىن بۇيان، بولۇپمۇ بۇ يىل 1-ئاينىڭياقى كوردلارغا تۇتقان سىياسىتىدە «زور بۇرۇلۇش» بولدى ۋە كۆرۈپ تۇرۋاتقىنىمىزدەك توم بارراكنىڭ تىۋىتر باياناتىدا ۋە كوردلار بىلەن سۈرىيە ھۆكۈمىتى ھازىر كەلگەن باسقۇچتا نامايان بولغاندەك ئامېرىكا كوردلاردىن ۋاز كەچتى ۋە ئەھمەد شارانى تاللىدى. بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. ئۇنداقتا بۇ ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق قارارمۇ؟ ۋە بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
ئامېرىكىنىڭ كوردلارنى قوللاشتىن توختىشى چوڭ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ترامپ ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان «ئامېرىكىنىڭ ئارتۇق يۈكلەرنى تاشلىۋىتىش، دۇنيانىڭ ساقچىلىقىنى قىلىشتىن توختاش، ئىتتىپاقداشلىرى ئۈچۈن بىكارغا قۇربانلىق بەرمەسلىك، ۋە ئۆيىگە قايىتىش، غەربىي يېرىم شارغا قايتىش….» قاتارلىق ھەرخىل شەكىلدە ئاتىغىلى بولىدىغان چوڭ ئىستراتىگىيسىنىڭ بىر پارچىسىدۇر. بۇنى ترامپ توختىماي دەپ يۈرىيدىغان «ئامېرىكانى قايتىن كۈچلۈك قىلىش » (MAGA) سىياسىتى دەپ قارشقىمۇ بولىدۇ. «ئىممانۇئېل كانت ۋە دونالد ترامپ» ناملىق يازمىمىزدا تىلغا ئالغاندەك، ئامېرىكا ھەممە يەردە دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا قول تىقىپ ئەمەلىي كۈچى يەتمەيدىغان دەرىجىدە كېڭىيىپ كەتكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. بۇنى ھەرگىز بۇ يىل ترامپ تونۇپ يەتكەن نەرسە ئەمەس بەلكى ئوبامانىڭ ئاخىرقى يىللىرى بۇنداق قاراش شەكىللىنىشكە باشلىغان. 2016- يىلى ترامپ كەلگەندىن باشلاپ ھەركەتكە ئۆتۈشكە باشلىدى ۋە بۇ قېتىم ترامپ قايتا سايلانغاندا كۆزگە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە كەسكىن شەكىلدە «دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈشكە » باشلىدى.
جون مېرشېيمېر ئېيتقاندەك، 2001- يىلى باشلانغان لىبرال دۇنيا تەرتىۋى تىكلەش ئىستراتىگىيسى ئامېرىكىغا پايدا ئېلىپ كەلمىدى. ئەكسىچە ئامېرىكىنىڭ كۈچىنىڭ خوراپ كېتىشى ۋە رەقىبلىرىنىڭ بولۇپمۇ خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ھەربىي ھەركەت ۋە سىياسىي ئۆزگىرشلەر پىلانلاش ۋە ئېلىپ بېرىش غەرب قىممەت قاراشلىرىنى يېيىش، ئېزىلگۈچى خەلقلەرگە ئەركىنلىك ۋە دىمكراتىيە ئېلىپ كېلىش قاتارلىق بىر قاتار ئىجابى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن بىلەن،ئامېرىكىنىڭ كۈچى، ئىقتىسادى ۋە زىھنىنىڭ خورىشىنى، ئىماژىنىڭ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بۇ قاراشلارنىڭ قانچلىك توغرا، قانچىلىك ناتوغرا ئىكەنلىكى ھەققىدە يەنە ئۇزۇن تالاش-تارتىش قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما ئامېرىكىدا ھەقىقەتەن موشۇنداق ئويلايدىغان سىياسەتچىلەر بار ۋە تىرامپ بۇلارنىڭ ئەڭ بېشىدا كېلىدىغانلىرىدىن بىرى. شۇڭا بۇ مەسىلىدە ئەڭ كەسكىن ۋە «يۈزسىزلەرچە» سىياسەت يۈرگۈزدى ۋە يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.
نۇرغۇن كىشىلەر ھازىر ئامېرىكىنىڭ كوردلاردىن يۈز ئۆرىگەنلىكىدىن ئىبارەت بىر مەسىلىگىلا مەركەزلىشىۋالغانلىقى ئۈچۈن بۇ قارارنى تۇيۇقسىز، ھەيران قالارلىق ۋە يۈزسىزلەرچە قارار دەپ قارايدۇ. ئەمما ئامېرىكىنىڭ 2016-يىلىدىن ھەتتا دائىشقا قارشى ئۇرۇش باشلانغان 2014-يىللاردىن بۇيانقى سىياسىتىگە قارايدىغان بولساق بۇ بەك ھەيران قالارلىق ئەمەس. مەسىلەن؛
- ئامېرىكا بۇرۇن بۇنداق ئۇرۇشلارغا باش بولۇپ كىرەتتى. ئەمما دائىشقا قارشى ئۇرۇشقا بىۋاستە ئەمەس بەلكى كوردلارنى قوراللاندۇرۇش ئارقىلىق داخىل بولدى. نەتىجىدە رۇسىيە، ئىران ۋە تۈركىيە بەكرەك ئاكتىپ بولدى.
- ئۇنىڭدىن كېيىن ئافغانستاندىن چېكىنىپ چىقتى. بۇمۇ ئوخشاش سىياسەتنىڭ بىر پارچىسى ۋە ھازىر ئافغانىستاننى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈش ئامېرىكىنىڭ ئەمەس بەلكى ئەڭ باشتا خىتاينىڭ ئۇنىڭدىن قالسا ئۆزبېكىستان قاتارلىق تۈرك دۆلەتلرى تەشكىلاتىنىڭ مەسىلىسى بولۇپ قالدى.
- ئوكرائىينادا نېمە بولىۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز كۆرۈپ كېلىۋاتىمىز. بايدىن ھۆكۈمىتى ۋاقتىدا قوللاش بولدى ۋە ترامپ كەلگەندىن كىين مەسىلىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى. ترامپ ئوكرائىيناغا ئوچۇق قىلىپ «زىمىنىڭدىن ۋاز كەچ ۋە ئۇرۇشنى توختات» دەۋاتىدۇ.
مانا بۇلارنى ئويلىغان ۋاقتىمىزدا كوردلاردىن ۋاز كىچىشنىڭ بەك ھەيران قالارلىق قارار ئەمەسلىكىنى بايقايمىز. ئامېرىكا كوردلارغا ھەقىقەتەن كۆپ مەبلەغ سالدى، ئەمما يەنە داۋاملىق قوللاش بىرىنچىدىن ئامېرىكىنىڭ «ئارتۇق يۈكلەرنى تاشلاپ غەربىي يېرىم شارغا قايتىش» ئىستراتىگىسىگە ماس كەلمەيدۇ، ئىككىنچىدىن، توم باراك دېگەندەك « دائىش يوقالدى، ۋە كوردلار بىلەن ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتى يوقالدى.» ئەگەر ئىسرائىلىيەنىڭ كوردلار ھەققىدە باشقا بىر پىلانى بولۇپ ئامېرىكىغا بېسىم قىلمىغان تەقدىردە ئامېرىكا كوردلار مەسىلىسىنى موشۇنداق «تاشلىۋىتىش» ئارقىلىق ھەل قىلىدۇ. كوردلار خالىسا سۈرىيەدە قېلىپ ۋەدە قىلىنغان ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بولۇپ ياشايدۇ، خالىسا ئىراققا قايتىپ بارزانىيغا ئەل بولىدۇ.
بەزى كىشىلەر،بولۇپمۇ كوردلارنى قوللىغۇچىلار بەلكىم «ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن كوردلارنى 10 نەچچە يىلدىن بېرى كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان سۈرىيەنىڭ شەرقىي – شىمالىدا مۇستەققىل ھاكىمىيەت ياكى ھەقىقىي ئاپتونۇم رايون قۇرۇشىغا ياردەم قىلمايدۇ؟» دەپ ئويلىشى ھەتتا كوردلارنىڭ 100 مىڭ ئەتراپىدىكى جەڭ تەجرىبىسى كۆرگەن جەڭچىلىرى ۋە خىل قوراللىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئامېرىكا ئارقىدا تۇرۇپ بەرسىلا ئۇلارنىڭ ئەھمەد شارانىڭ كۈچلىرى بىلەن ئۇرۇشالايدىغانلىقىنى سۆزلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇھەقتە يەنە مۇنداق بىر نەچچە تۈرلۈك مەسىلە بار؛
- شارا باشچىلىقدىكى يېڭى سۈرىيە ئارمىيسى ئۈچۈن ھەرقانداق ئۇرۇشقا كىرىش پايدىسىز بولسىمۇ ئۇلار ۋاقتى كەلسە كوردلار بىلەن ئۇرۇش قىلشىنى تاللىشىنىڭ ئھىتىماللىقى بەك يۇقىرى ۋە بۇنداق بولغاندا سۈرىيە يەنە قايتىدىن چوڭ ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قالىدۇ ۋە دائىش ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش تېرور تەشكىلاتلىرى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. شۇنداقلا رايۇندا يەنە ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ تەسىر كۈچى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.
- ئەڭ ھالقىلىق بولغىنى تۈركىيەنىڭ كوردلارنىڭ مۇستەققىل ۋە ئاپتونۇمىيە ھالىتىدە ئۆزى بىلەن قوشنا بولۇپ تۇرۇشىغا كەسكىن بىر شەكىلدە يول قويماسلىقىدۇر. ترامپ « سۈرىيەدە غەلبە قىلغان تەرەپ تۈركىيە»، « بۇ مەسىلىنى ئەردوغاندىن سوراڭلار» دېگەندەك تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى تەسىر كۈچى زور. قولىدا ئەھمەد شارانى ئىلغار قوراللار بىلەن قوللاش، بىۋاستە ئەسكەر چىقىرىش، ئىران ۋە ئىراق بىلەن بىرگە ھوجۇم قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل تاللاش بار. يەنە كېلىپ ئىران ۋە ئىراقمۇ كوردلارنىڭ مۇستەققىل بولىشىغا قارشى. بۇنداق ئەھۋالدا كوردلارنى داۋاملىق قوللاش ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن تۈركىيە، سۈرىيە، ئىران، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدا يېڭى بىر ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئۇرۇش ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كىتىدۇ ۋە ئاخىرىدا زىيان تارتىدىغان تەرەپ كوردلار بىلەن ئىسرائىلىيە بولىدۇ. شۇڭا بۇمۇ ئاقلانە ئىستراتىگىيە بولالمايدۇ.
- كوردلارنىڭ ئۆزى سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا قانۇنلۇق بىر كۈچ بولۇش- بولالماسلىق مەسىلىسى. ئىستاستىكلارغا ئاساسلانغاندا كوردلار گەرچە بۇ رايۇندا ئەڭ كۈچلۈك قوراللىق تەشكىلات بولسىمۇ ئەمما ئەڭ كۆپ ئېتنىك گۇرۇپ ئەمەس. ئەرەبلەر يەنىلا ئەڭ كۆپ خەلق بولۇپ بۇ ئاز ساندىكى گۇرۇپنىڭ كۆپ ساندىكى گۇرۇپنى ئىدارە قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە ھاكىمىيەت تۇراقسىز بولىدۇ، شۇنداقلا مىللى ئۆچمەنلىك كېلىپ چىقىدۇ. 10 نەچچە يىللىق ئۇرۇش ئاللىبۇرۇن بۇ مىللى ئاداۋەت ئۇرقىنى چېچىپ بولغاندەك كۆرۈنمەكتە. ئىقتىسادشۇناس (The Economist) ژۇرنىلىنىڭ كوردلار ھەققىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا كورد قوراللىق كۈچلىرىنىڭ دائىشقا قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى خەلقئارادا ئالقىشقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەرەبلەر مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان رايونلارنى باشقۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى سىياسىي جەھەتتە سىجىل بولمىغان. كوردلار تەرىپىدىن دائىشتىن ئازاد قىلىنغان، ئەمما سۈننىي قەبىلىلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان راققاغا ئوخشاش شەھەرلەر خەلق SDF نىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن نارازى بولغان. يېقىنقى يىللاردا كوردلارمۇ بارغانسېرى مۇستەبىتلىشىشكە باشلىغان بولۇپ، سۈرىيەنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى ئەھمەد شارانى قوللاش ياكى سۈرىيە ئىنقىلابىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىش قولغا ئېلىنىشقا سەۋەب بولغان ئىدى.
شۇڭا توم باراكنىڭ تىۋىتر باياناتى «قىپقىزىل يۈزسىزلىك» ۋە « ئاسىيلىق» بولسىمۇ ئامېرىكىنىڭ چوڭ سىياسىتى ۋە رايۇننىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتىگە ئاساسلانغاندا ئەڭ رىئالىست تاللاش بولۇشى مۇمكىن. كوردلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش ھەقىقەتەن باراۋەر ۋەتەنداش بولۇپ، سۈرىيەنىڭ سىياسىي سىستېمىسىغا قاتنىشىش ۋە كورد تىل يېزىقى ۋە مەدەنىيتىنى تەرەققىي قىلىدۇرۇش ھوقۇقىنى ئېلىپ كورد مىللي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا بۇ جەھەتتە سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئىزچىل سۆھبەتلىشىپ كوردلارنىڭ بۇ ھەقلىرىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇ سىياسەت شارا ھاكىمىيتى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.
يەنە بىر مۇھىم مەسىلە، كوردلارنىڭمۇ ئامېركىنىڭ بۇ قارارىدىن ھەيران قالغانلىقى ۋە غەزەپلەنگەنلىكىدۇر. مەسىلەن SDF قوماندانى مەزلۇم ئابدى ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرىكى ۋەدىلىرىدىن يانغانلىقىغا قاتتىق غەزەپلەنگەن. ئۇلارنىڭ غەزەپلىنىشى توغرا، ئەمما كورد سىياسەتچىلەر بەك ھەيران قالماسلىقى كېرەك، شۇنداقلا ھەيران قالمىغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ ئامېرىكىنىڭ كوردلارنى تۇنجى قېتىم تاشلىۋىتىشى ئەمەس، ھەم ترامپنىڭ ئۇلارنى تاشلىۋىتىش نىيتىنىڭ بارلىقى ئۇلار ئۈچۈن سىر ئەمەس.
ترامپ ئۆزىنىڭ تۇنجى پرېزىدېنتلىق دەۋرىدىلا SDF دىن ۋاز كېچىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئىككى قېتىم كۆرسەتكەن. 2018-يىلى دېكابىردا، دائىشنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئۇ سۈرىيەنىڭ شەرقىدە تۇرۇشلۇق 2000 دىن ئارتۇق ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈپ، SDF نى ئۆز تەقدىرىگە تاشلاپ قويماقچى بولغان، ئەمما شۇ چاغدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتون ئۇنى بۇ پىكرىدىن ياندۇرغان ئىدى.
2019-يىلى ئۆكتەبىردە، ترامپ يەنە بىر قېتىم 1000 ئەتراپىدا ئەسكەرنى چېكىندۈرۈشكە بۇيرۇق بەردى. بۇ دەل تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا كۈچلىرى تەرىپىدىن قوغدالمايدىغان تەل ئابياد ئەتراپىدىكى SDF نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان پەيتىگە توغرا كەلدى. شۇ چاغدا پېنتاگون (ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى) ترامپنى يەنە بىر قېتىم بۇ قارارىدىن ياندۇرغان؛ چۈنكى پېنتاگون SDF نى پۈتۈنلەي تاشلاپ قويۇشنىڭ رۇسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى بەشار ئەسەدنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇۋېتىشىدىن ئەنسىرەيتتى.
شۇنداقتىمۇ ترامپنىڭ سىياسىي خاھىشى ئۆزگەرمىگەن. ئۇ سۈرىيەدىكى قالغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىمۇ ئېلىپ كېتىشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. توم بارراكمۇ بۇنى تەكىتلەپ: «ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەربىي مەۋجۇتلۇقتا مەنپەئەتى يوق» دېدى. بۈگۈنكى ۋەزىيەت 2018 ۋە 2019-يىللىرىدىكىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىۋالغان ترامپقا نىسبەتەن، ئەمدى نە پېنتاگون، نە ئۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىلىرى ئىلگىرىكىدەك قارشى چىقالمايدىغان بولۇپ كۆرۈنمەكتە.
ئەسەد كەتتى، رۇسىيە گەرچە سۈرىيەدە يەنىلا بازىلىرىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما تەسىرى ئاجىزلىدى؛ بۇ بولسا SDF نى تاشلاپ قويۇشنىڭ ئامېرىكىنىڭ رىقابەتچىلىرىگە پايدا ئېلىپ كېلىشى ھەققىدىكى ئەنسىزلىكلەرنى ئازايتتى. ئاخىرىدا، ئەھمەد شارانىڭ سۈرىيەدە دائىشقا قارشى ۋاشىنگتوننىڭ ئاساسلىق شېرىكى بولۇش تەكلىپى، SDF بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىشتىن كۆپ جەلپكار تۈس ئالدى. چۈنكى شارا خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان دۆلەت رەھبىرى، SDF بولسا ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولغان تۈركىيە تەرىپىدىن «تېرورلۇق تەشكىلاتى» دەپ بېكىتىلگەن غەيرىي دۆلەت كۈچىدۇر.
ۋاشىنگتوننىڭ بەزى تەنقىدلەرگە دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى بار، چۈنكى ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىنى تاشلاپ قويۇش ياخشى ئىناۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ. بىراق، ترامپنىڭ بۇنداق ئويلىنىشلار بىلەن ئانچە كارى يوق.
سۈرىيە كوردلىرىنى تاشلىۋىتىش ھەرگىزمۇ تۇنجى ۋەقە ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ كوردلارغا قىلغان ئۇزۇن يىللىق تاشلىۋىتىش تارىخىنىڭ ئەڭ يېڭى بىر كۆرۈنۈشىدۇر. 1991-يىلى، ئىراق كوردلىرى (ۋە ئىراق شىئەلىرى) ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بوشنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن سادام ھۈسەيىنگە قارشى قوزغالغاندا، گەرچە كېيىنرەك غەربنىڭ قوغدىشى ئاستىدا بىر كورد ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان بولسىمۇ ۋاشىنگتون ئۇلار كۈتكەن ھەربىي ياردەمنى بەرمىدى. نەتىجىدە باغداد نۇرغۇن قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرغان. 2017- يىلى، ئەربىلنىڭ رەسمىي بولمىغان مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىدىن كېيىن باغداد ھۆكۈمىتى كەركۈكنى قايتۇرۇۋالغاندا، ترامپ ئىراق كورد ئىتتىپاقداشلىرىغا ھېچقانداق ياردەم بەرمىگەن.
يەنى مەسىلىنى يىغىنچاقلىغاندا، كوردلارنىڭ جۇغراپىيلىك ئورنى ئۇلار ئىنتىلىپ كېلىۋاتقان مۇستەققىل نىشانى ئالدىدىكى چوڭ توسالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. بۇنىڭدىن باشقا چوڭ دۆلەتلەر بولسۇن ۋە ياكى باشقا ھەر قانداق سىياسىي ھاكىمىيەت بولسۇن ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەتىنى 1- ئورۇنغا قويىدۇ. يۈز-ئابروي، دوستلۇق ، ۋەدە ۋە ئىتتىپاقداشلىق قاتارلىق ئۇقۇملار بۇ مەنپەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋاستىللىرىنىڭ ھەرخىل ئاتىلىشى خالاس. كوردلارنىڭ ئارزۇسى ئامېرىكانىڭ بۈيۈك ئىستراتىگيىسى ۋە تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك سىياسىتىگە ماس كەلمىدى. يەنە كېلىپ كوردلار خاتا ۋاقىتتا( 2026- يىلى ) خاتا يەردە (ئۆزى ئاز سانلىق بولغان سۈرىيەنىڭ شەرقىي – شىمالىدا) بولۇپ قالدى. كوردلارنىڭ ھازىر كۆرىۋاتقىنى بىر مىللەتنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنىڭ ئۆزىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ مەنپەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇرەككەپ ۋە زىل جەريان ئىكەنلىكىنى تولىمۇ يارقىن كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار سۈرىيە تولۇق بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن قانداق مەسىللەرگە دۇچ كېلىدۇ، ياخشى ئويلىنىشى كېرەك. گەرچە كوردلارنى بويسۇندۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقدىشى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا دۆلىتى ۋە رەھبىرىنىڭ غەلبىسى بولسىمۇ، ئىستراتىگىيە نوقتىسدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت ئۈچۈن مۇھىملىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ. خۇددى توم باراك « ئەمدى كوردلار بىلەن ئىتتىپاقلىىشىشىنىڭ ئەھمىيىتى قالمىدى» دېگەندەك، ئەھمەد شارا ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىملىقى بۇرۇنقىدەك بەك گەۋدىلىك بولۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى كوردلارغا ئوخشاش ھۆكۈمەتكە قارشى بىر كۈچ مەۋجۇت بولغاندا ئاندىن ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش بىر كۈچىكە ئىھتىياج بولىدۇ. پات – يېقىندا كوردلار تولۇق تەسلىم بولغاندا دۆلەتنىڭ دىققەت مەركىزى ئچىكى سىياسەتكە يۈزلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا شارا ئۇيغۇرلار ھەققىدە قانداق قارار ئالىدۇ؟ بەلكىم ياخشى قارار ئېلىشى مۇمكىن. ناۋادا باشقىچە قارار ئالسىچۇ؟ شۇڭا سۈرىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئېنىق بىر ئىستراتىگىيسى بولۇشى ۋە دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بۇ ئىستراتىگىيە ئەتراپىدا ھەل قىلىشى لازىم.
