رەسمىنىڭ مەنبەسى: SyriacPress
بۇ يازمىدا كورد قوراللىق كۈچلىرى بىلەن يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ھالەتكە كېلىش جەريانى قىسقىچە بايان قىلىنىدۇ، شۇنداقلا كوردلارغا سۇنۇلغان كېلىشىم ماددىلىرى ۋە كوردلارنىڭ سۈرىيەگە قوشۇلۇشقا قارشى تۇرۇش سەۋەبلىرى تەھىلىل قىلىندۇ.
2024- يىلى بەشار ئەسەد ھاكىمىيتى ئاغدۇرۇلغاندىن كىين يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەر ھاكىمىيەتنىڭ خەلقئارادا ئىتراپ قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلەت ئىچىدە ھەممە ئىتراپ قىلغان قانۇنىي نوپۇزىنى تىكلەش، بىخەتەرلىك جەھەتتە جەنۇپ تەرەپتە ئىسرائىلىيەنىڭ تەھدىدىنى نىترال ھالەتكە كەلتۈرۈش ۋە شىمال تەرەپتە كوردلار كونترو قىلىۋاتقان رايۇنلارنى ھاكىمىيەت ئاستىغا ئېلىش قاتارلىقلار ئىدى.
ئەھمەد شارا ھۆكۈمىتى تارىختا ئاز ئۈچرايدىغان سۈرئەت بىلەن بىر قاتار دىپلوماتىك غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈردى. قىسقىغىنا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە بېسىپ ئۆتكەن دىپلوماتىك مۇساپىسىگە قارىغاندا ھازىر دۇنيا بۇ ھاكىمىيەتنى قوبۇل قىلىپ بولدى.بىر چاغلاردا سۈرىيەنىڭ كەلگۈسىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىد ئۈزگەن رايونلۇق ۋە غەرب ھۆكۈمەتلىرى، ھازىر ئەسەدتىن كېيىنكى بۇ باسقۇچنىڭ مۇقىم ۋە ئىجادىي بىر يۆنىلىشكە بۇرۇلۇشىدىن ئۈمىد كۈتۈپ سۈرىيە بىلەن قايتىدىن ئالاقە باغلىماقتا. بۇ (توغرا-ياكى خاتا بولسۇن) كۆپىنچە كىشىلەر تەرىپىدىن ئوخشاش ئىدولوگىيەگە ئىگە دەپ قارالغان تالىبان ھاكىمىيتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا چوڭ بىر غەلبىدۇر. چۈنكى تالىبان تا ھازىرغىچە ئۆزىنى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە سىستېمىغا قوبۇل قىلدۇرالمايۋاتىدۇ. سۈرىيە يېڭى ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق مىللەت ۋە مەزھەپلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن سۈرىيەنى ھەممىنىڭ مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان دىمكراتىك بىر دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جەنۇپ تەرەپتە بولسا ئىسرائىلىيە بىلەن بىۋاستە توقۇنۇشتىن ساقلىنىش ئارقىلىق ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان زىدىيەتنى ئامال بار كىچىكلەتتى.
شىمالدىكى كوردلار بولسا ھەقىقەتەن ھەل قىلىش مۇرەككەپ بىر مەسىلە ئىدى. چۈنكى كوردلار ئامېرىكانىڭ رايۇندىكى ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقدىشى ئىدى، شۇنداقلا دائىشنى مەغلۇپ قىلىشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان. بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ سېكۇلەر تەشكىلات سىستىمىسى قوشۇلۇپ تۈركىيەدىن باشقا دۆلەت تەرىپىدىن زور قوللاشنى قولغا كەلتۈردى. نۇرغۇن كىشىلەر، بولۇپمۇ غەرىپلىكلەرنىڭ نەزەرىدە ئۇلار «ئەركىنلىك» جەڭچىلىرىدۇر. بولۇپمۇ كوردلارنىڭ ئاياللار باتالىيونى غەربتە كۈچلۈك ئىجابى ئىماژ ياراتقان بولۇپ ئاز بولمىغان غەربلىك ئاياللار بۇ باتالىيونغا پىدائىي ئەسكەر بولۇپ قاتناشقانلىقى مەلۇم. مەسىلەن ئەنگىلىيەدىن ئاننا ئىسىملىك فېمىنىست بىر قىز 2017- يىلى بۇ باتالىيونغا قاتناشقان ۋە كىين ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن. يەنە كېلىپ يىللاردىن بېرى ئامېرىكا قوللاپ كەلگەن بولغاچقا ھەم چوڭ ئارقا تىرەككە شۇنداقلا زامانىۋى ۋە خىل قورال-ياراققا ئېگە. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا يۇقىرىدىكى پۈتۈن مەسىللەر ئىچىدە ھەل قىلىش ئەڭ قىين بولغان مەسىلە مانا بۇ كوردلار مەسىلىسىدىن ئىبارەت.
ئەمما 2026- يىلى 1-ئايدىكى شارا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا ھوجۇم قىلىشى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ئەلچى توم بارراك ئېلان قىلغان ئۇزۇن تىۋىتىر (X) باياناتىدىن كېيىن،بۇ قىين مەسىلىنىڭمۇ ئۈستەل ئۈستىدە ھەل قىلىنغانلىقى، يەنى زاغرا نان تىلى بىلەن ئېيتساق كوردلارنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن «سېتىۋىتىلگەن» لىكى ئايان بولدى.
توم بارراك تىۋىتتردىكى باياناتىدا،بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە SDF نىڭ دائىشقا قارشى ئاساسى كۈچ بولۇشىدەك ئەسلىي مەقسىدىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى، كوردلار يېتەكچىلىكىدىكى كۈچلەرنى ئەمدى ئاساسلىق شېرىك سۈپىتىدە تايانچ قىلىشىنىڭ ھاجىتى قالمىغانلىقىنى، چۈنكى ئەھمەد شارا باشچىلىقىدىكى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەتلىرىنى ئۈستىگە ئالالايدىغانلىقىغا قادىر ۋە بۇنىڭغا مەيلى بارلىقىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق سۈرىيە مەسىلىسدە ئەھمەد شارا بىلەن ئورتاق تونۇشقا كەلگەنلىكىنىڭ سىگىنالىنى بەردى.
توم بارراكنىڭ بۇ سۆزلىرى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇزۇن يىللىق ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىرى بولغان كوردلار يېتەكچىلىكىدىكى «سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى » SDF گە تۇتقان سىياسىتىدە زور بۇرۇلۇش بولغانلىقىدىن بېشارەت بەردى. بۇ يەنە ۋاشىنگتوننىڭ سۈرىيە پرېزىدېنتى ئەھمەد -شاراغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ كوردلار بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى، نويابىردا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ISIS قا يەنى دائىشقا قارشى يەر شارى ئىتتىپاقىغا كىرىشكە قوشۇلغان سۈرىيە مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە تېگىشكەندەك قىلىدۇ.
سۈرىيە كوردلىرى ۋە سۈرىيە دىموكراتىك كۈچلىرى (SDF)
سۈرىيە كوردلىرى سۈرىيەنىڭ 23 مىليون (ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى) نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %10 نى تەشكىل قىلىدۇ ۋە ئوخشىمىغان سۈرىيە ھۆكۈمەتلىرى ئاستىدا ئۇزۇن مۇددەت چەتكە قېقىلىش ھەم زىيانكەشلىككە دۇچ كېلىپ كەلگەن. 2011-يىلى سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى پارتلىغاندا، كوردلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يېرىم ئاپتونوم رايون قۇرغان؛ كوردلار ئەڭ كۈچلەنگەن چاغدا بۇ ئاپتونوم رايون سۈرىيە زېمىنىنىڭ تۆتتىن بىرىنى، يەنى تەخمىنەن 19 مىڭ كۋادرات مىل كېلىدىغان دائىرىنى كونترول قىلىدىغان ھالەتكە كەلگەن.
2014- يىلى، ئىراق- شام ئىسلام دۆلىتى\ دائىش (ISIS) قا قارشى ئۇرۇش ئاساسلىقى ئىراققا مەركەزلەشكەن ئىدى، ئەمما بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى سۈرىيەدىكى پاناھگاھلىرىدا تولۇق يوقىتىلمىغۇچە، ئۇرۇشنىڭ ئۈزۈل-كېسىل ئاخىرلاشمايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئامېرىكىنىڭ سانى ئاز ئالاھىدە قىسىملىرى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىشنى خالايدىغان بىر شېرىككە جىددىي موھتاج ئىدى. دەل شۇ پەيتتە سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى (SDF) مەيدانغا چىقتى.
سۈرىيە دىموكراتىك كۈچلىرى 2015-يىلى ئاساسلىقى كوردلارنىڭ «خەلق مۇداپىئە بىرلىكلىرى» (YPG) تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، YPG ئامېرىكا تەرىپىدىنمۇ تېرورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىلگەن تۈركىيەنى مەركەز قىلغان «كوردىستان ئىشچىلار پارتىيىسى» (PKK) نىڭ سۈرىيەدىكى تارمىقى دەپ قارىلىدۇ، ئەمما SDF گە قارايدىغان 80-100 مىڭ ئەسكەرنىڭ ھەممىسى كورد ئەمەس،يەنى SDF كۆپ مىللەتلىك بىر ئەسكىرى تەشكىلاتتىن ئىبارەت. SDF ئامېرىكا كۈچلىرى بىلەن شېرىكلىشىپ، دائىشنى مەغلۇپ قىلىش جەريانىدا 11 مىڭدىن ئارتۇق جەڭچىسىدىن ئايرىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، دائىشنىڭ تەخمىنەن 9000 ئادىمى تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان تۈرمىلەرنى ۋە دائىشقا چېتىشلىق تۈمەنلىگەن پۇقرالار تۇرۇۋاتقان لاگېرلارنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ كېلىۋاتاتتى.
بەشار ئەسەد ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، SDF بىلەن ئەھمەد شارا ھۆكۈمىتى بۇ كورد قوراللىق كۈچلىرىنى يېڭى سۈرىيە دۆلىتىنىڭ بىر قىسىمى بولۇشنىڭ يول خەرىتىسىنى بېكىتىدىغان بىر كېلىشىمگە ئىمزا قويغان. 2025- يىلى 10-مارتتا بىر كېلىشىم تۈزۈلگەن ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتى SDF جەڭچىلىرىنى سۈرىيە ئارمىيەسىگە يەككە ھالدا چېچىۋېتىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى ئۈچ بىرلىك (unit) سۈپىتىدە بىرلەشتۈرۈشكە قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئايرىم بىر كۈچ سۈپىتىدە ساقلىنىپ قېلىشىغا ۋە تەشكىلات رەھبىرى مەزلۇم ئابدىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپە ئۆتۈشىگە ماقۇل بولغان.
2025-يىلى ئاپرېلدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغان بولسىمۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى جىددىيلىك يىل بويى داۋاملاشتى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ سۈرىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن ۋەزىيەت دائىم جىددىيلىشىپ تۇردى. 2025-يىلى ئۆكتەبىردە، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھالەب ئەتراپىدىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش باشلاندى. ئەمما ئامېرىكىنىڭ بىۋاسىتە ۋاسىتىچىلىكىدە ۋاقىتلىق كېلىشىم تۈزۈلدى. بۇ كېلىشىم 10-مارتتىكى بىرلىشىش پىلانىنى يولغا قويۇشتىكى تۈپ زىددىيەتلەرنى ھەل قىلالمىدى. 2026-يىلى يانۋارنىڭ بېشىدا سۆھبەت مەغلۇب بولدى.
ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى
4- يانۋار كۈنى، دەمەشىقتە SDF قوماندانى مەزلۇم ئابدى بىلەن سۈرىيە ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىن سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسەد ئەل-شايبانى تەرىپىدىن تۇيۇقسىز توختىتىلدى. گەرچە SDF سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەتىسىلا سۈرىيە بىخەتەرلىك كۈچلىرى ھالەبتىكى كورد مەھەللىلىرىگە ھەربىي ھەركەت قوزغىدى. ئامېرىكا يەھۇدىي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىنستىتۇتى (JINSA) بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، سۈرىيە ھۆكۈمىتى بۇ ھەركەتنى خەلقئارالىق دىپلوماتىك مۇۋاپىقىيەتلەردىن كېيىن ئېلىپ بارغان. يەنى بۇ ھوجۇم سۈرىيە-ئىسرائىلىيە سۆھبىتىدىن كېيىن يۈز بەردى، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ بېسىمنى كۈچەيكەن بىر پەيتكە توغرا كەلگەن. تۈركىيە ئەھمەد شارا ھۆكۈمىتىنى 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە SDF نى سۈرىيەگە قوشۇلۇشقا مەجبۇرلاشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، SDF بۇنىڭغا بەك پىسەنت قىلماي كەلگەن.
توقۇنۇشلار ۋە ئىنكاسلار
6- يانۋار كۈنى، سۈرىيە ھۆكۈمەت قوشۇنلىرى ئەشرەفىيە ۋە شەيخ مەقسۇد مەھەللىلىرىگە ھۇجۇم باشلىدى. بۇ مەھەللىلەردە 2011-يىلىدىن بېرى سۈرىيەنىڭ باشقا جايلىرىدىكى زوراۋانلىقتىن قاچقان ئاساسلىقى كوردلار، شۇنداقلا ئەرەبلەر ۋە دىنىي ئاز سانلىقلاردىن تەركىب تاپقان 200 مىڭغا يېقىن ئادەم ياشاپ كېلىۋاتاتتى. سۈرىيە ھۆكۈمىتى تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، ئولتۇراق رايونلارغا تانكىلارنى كىرگۈزدى. جەڭ شىددەتلەنگەچكە، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە 140 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرا سەرگەردان بولدى.
ھۇجۇم باشلىنىپ ئىككى كۈندىن كېيىن، يەنى 8-يانۋار كۈنى، تۈركىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەگەر تەلەپ قىلىنسا سۈرىيەنىڭ SDF گە قاراتقان ھەرىكەتلىرىنى «قوللاشقا» تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى ۋە بۇنى سۈرىيەنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» كۈرىشىگە ياردەم بېرىش دەپ سۈپەتلىدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان 9-يانۋار كۈنى«قوراللىق تەھدىت بولمىسا، SDF نىڭ سۆھبەت ئارقىلىق بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش پۇرسىتى يوق» دېدى .
ھالەبنىڭ كونتروللۇقىنى تاماملىغاندىن كېيىن، دەمەشىق ھەرىكەت دائىرىسىنى شەھەر سىرتىغا تېز سۈرئەتتە كېڭەيتتى. 13-يانۋار كۈنى، سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيسى فرات دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان، ھالەبنىڭ تەخمىنەن 50 كىلومېتىر شەرقىدىكى كوردلار كونتروللۇقىدىكى دەير خافېر ۋە مەسكانە بازارلىرىنى «يېپىق ھەربىي رايون» دەپ جاكارلىدى. دەمەشىق بارلىق قوراللىق گۇرۇپپىلارنى فراتنىڭ شەرق تەرىپىگە چېكىنىشكە بۇيرۇدى ۋە پۇقرالارغا تارقاقلىشىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، 14-يانۋار ئەتىگەن سائەت 9 دىن كەچ سائەت 5 كىچە ئاھالىلەرنىڭ چىقىپ كىتىشى ئۈچۈن «ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورى» ئاچتى.
ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇش ئىنتايىن زور كۆلەمدە بولدى. ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىدىكى لاتاقىيە ۋىلايىتىدىن قوشۇمچە كۈچلەر يېتىپ كەلدى، بۇ دەمەشىقنىڭ بۇ ھەرىكەت ئۈچۈن پۈتۈن مەملىكەتتىكى بايلىقلارنى سەپەرۋەر قىلىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بەردى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دەمەشىق تەرەپدارى كۈچلەر دەير خافېرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال راققا ۋە تابقا تەرەپكە قاراپ تۈركۈملەپ كۆچۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. SDF نىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈرىيە كۈچلىرى تابقا ئەتراپىدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان.
دەير خافېر ئەتراپىدىكى چەكلىك ھەرىكەت سۈپىتىدە باشلانغان بۇ ۋەقە تېزلا سۈرىيەنىڭ زېمىن خەرىتىسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋېتىدىغان تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمغا ئايلانغان. 16-يانۋار كۈنى، SDF كۈچلىرى دەير خافېر ۋە مەسكانەدىن چېكىنىدى. نەتىجىدە، 17-يانۋارغا كەلگەندە سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيسى بۇ ئىككى بازارنى كونتروللۇقىغا ئالدى، ئاندىن تېخىمۇ شەرقكە ئىلگىرىلەپ، تابقا شەھىرىنى ئىگەللەپ راققانىڭ غەربىي دەرۋازىسىغا 5 كىلومېتىرمۇ كەلمەيدىغان جايغا يېتىپ باردى. سۈرىيە نېفىت شىركىتى SDF كۈچلىرى چېكىنگەندىن كېيىن ئەل-رەساپا ۋە سەفيان نېفىتلىكلىرىنى كونتروللۇقىغا ئالغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ ھۇجۇملارنىڭ تېز سۈرئەتتە غەلىبە قىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى SDF تەركىبىدىكى ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشى بولغان. ئىقتىسادشۇناس (The Economist) ژۇرنىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا SDF سېپىدىكى مىڭلىغان ئەرەب ئەسكەرلىرى قوشۇندىن يېنىپ چىققان. بۇ يەردە دائىش تۇتقۇنلىرى تۇرۇۋاتقان تۈرمىلەر نازۇك ۋە خەتەرلىك مەسىلە بولۇپ قالغان. سۈرىيە ھۆكۈمەت تەرەپ SDF نى تۈرمىلەرنى سىياسىي كوزىر سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىگەن. سۈرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى SDF نىڭ سىياسىي تەھدىت سۈپىتىدە تۇتقۇنلارنى قەستەن قويۇپ بەرگەنلىكىنى ۋە بۇ ئەسلىھەلەرنى دەمەشىقنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق شتابى (CENTCOM) ئوچۇق بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيە ھۆكۈمەت قوشۇنلىرىنى ھەلەب بىلەن تابقا ئوتتۇرىسىدىكى «ھەر قانداق ھۇجۇم خاراكتېرلىك ھەرىكەتنى توختىتىشقا» چاقىرىق قىلغان. بۇ ئامېرىكىنىڭ ۋەزىيەتنىڭ ناچارلىشىشىپ كېتىشىدىن نەقەدەر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئاز ئۇچرايدىغان بىۋاسىتە بايانات ئىدى.
كوردلارغا سۇنۇلغان كېلىشىم
16- يانۋار كۈنى، سۈرىيە قوشۇنلىرى تېز ئىلگىرىلەۋاتقان بىر پەيتتە، ئەھمەد شارا كوردلارنى «سۈرىيە خەلقىنىڭ ئايرىلماس ۋە مۇھىم بىر قىسمى» دەپ جاكارلايدىغان ۋە كوردلارنىڭ ھوقۇقى ھەم بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ۋەدە بېرىدىغان بىر پەرمان چىقاردى. بۇ پەرماندا بىلەن ئەرەب تىلى بىلەن بىللە كورد تىلى دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتىلدى، ئاممىۋى مەكتەپلەردە كورد تىلىدا مائارىپ بېرىشكە رۇخسەت قىلىندى، نۇرغۇن كوردلارنى گراژدانلىقتىن مەھرۇم قالدۇرغان تالاش-تارتىشتىكى 1962-يىللىق نوپۇس تەكشۈرۈش تەدبىرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ھەمدە كوردلارنىڭ يېڭى يىلى بولغان نورۇز بايرىمى دۆلەتنىڭ مائاشلىق دەم ئېلىش بايرىمى دەپ جاكارلاندى. بۇ سۈرىيە 1946-يىلى مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان كوردلارنىڭ ھوقۇقىنىڭ تۇنجى قېتىم رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىندۇ. ئەمما كوردلارنىڭ نەزىرىدە گەرچە بۇ سۈرىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئېتىراپ قىلىش بولسىمۇ، ئۇلار ئىزدەۋاتقان ئاساسىي قانۇنلۇق كاپالەتكە سېلىشتۇرغاندا بۇ پەرمان يىتەرسىز شۇنداقلا تۇراقلىقلىققا ئىگە ئەمەس دەپ قارالدى.
ئىككى كۈندىن كېيىن، SDF ئۆز كونتروللىقىدىكى رايوننىڭ يېرىمىغا يېقىنىنى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە قولدىن بېرىپ قويغاندىن كېيىن، شارا بىلەن مەزلۇم ئابدى 14 ماددىلىق بىر سۈلھى كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى.
تەكلىپ قىلىنغان 14 ماددىلىق بىرلىشىش كېلىشىمىنىڭ بەزى مۇھىم ماددىلىرى
ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك بىرىكىشى:
5-ماددا: بارلىق SDF ئەسكەرلىرى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىك سۈزگۈچىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، يەككە ھالدا (كوللېكتىپ بىرلىك سۈپىتىدە ئەمەس) دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرىغا تولۇق چىچىۋىتىلىدۇ؛ ئۇلار ھەربىي ئۇنۋان ۋە مالىيە تەمىناتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.
6–ماددا: SDF ئەسەد رېجىمىنىڭ قالدۇقلىرىنى ئۆز سېپىگە قوشماسلىققا ۋە رايوندىكى سابىق رېجىم خادىملىرىنىڭ تىزىملىكىنى تەمىنلەشكە ۋەدە بېرىشى كېرەك.
سىياسىي ۋەكىللىك ۋە ئىدارە قىلىش:
10-ماددا:دۆلەتنىڭ مەركىزىي قۇرۇلمىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي، بىخەتەرلىك ۋە مەمۇرىي ئورۇنلارغا SDF رەھبەرلىكى كۆرسەتكەن نامزاتلار تىزىملىكىنى قوبۇل قىلىنىدۇ.
كوردلارنىڭ ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش:
11- ماددا : كوردلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە تىل ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان، تىزىملىككە ئېلىنمىغانلارنىڭ گراژدانلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان 2026-يىللىق 13-نومۇرلۇق پرېزىدېنت پەرمانى قوبۇل قىلىندۇ.
رايونلۇق بىخەتەرلىك مەجبۇرىيەتلىرى:
12- ماددا: دۆلەتنىڭ ئېگىلىك ھوقۇقى ۋە رايون مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، SDF سۈرىيەلىك بولمىغان بارلىق PKK رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرىنى سۈرىيە چېگراسىدىن چىقىرىپ تاشلاشقا ۋەدە بېرىشى كېرەك.
13- ماددا: سۈرىيە دۆلىتى خەلقئارالىق ئىتتىپاقنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى سۈپىتىدە، ئامېرىكا بىلەن ماسلاشقان ھالدا دائىشقا قارشى جەڭنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بېرىدۇ.
بۇ ماددىلارغا قارىغاندا بۇ كېلىشمىدە سۈرىيە ھۆكۈمىتى، كوردلار، تۈركىيە شۇنداقلا ئامېرىكا قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەتى بار.
ئەمما مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەمەلىيەتتە كورد قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تولۇق تەسلىم بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كېلىشىمدە راققا ۋە دەير ئەز-زور ۋىلايەتلىرىنىڭ مەمۇرىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن دەرھال سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى بەلگىلەنگەن. دائىش تۈرمىلىرى، نېفىتلىكلەر، سۇ ئېلېكتر توسمىلىرى ۋە چېگرا ئېغىزلىرىدەك ئىستراتېگىيەلىك بايلىقلار ۋە جايلار ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغان بولغان. كېلىشىمدە يەنە SDF نىڭ ئاخىرقى تايانچ نۇقتىلىرى بولغان ھاسەكە ۋە كوبانىنىڭ ئاستا-ئاستا دۆلەتكە قوشىۋىتىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بارلىق SDF ئەسكەرلىرى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرى سۈرىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرىغا يەككە ھالەتتە سىڭدۈرۈلىدىغان بولغان. يەنى بۇلار بىر تۇتاش كورد قىسىملىرىنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدىكى ئۇزۇن يىللىق تەلەپنىڭ رەت قىلىنغانلىقنى كۆرسىتىدۇ. سۈرىيەنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىسى ئىبراھىم ئولابى بولسا تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ « SDF تارقىتىۋېتىلىدۇ ، جەڭچىلەر بىخەتەرلىك سۈزگۈچىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، يەككە ھالدا دۆلەت ئارمىيسگە قوشۇۋىتىلىدۇ » دېدى. ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىسى ۋە سۈرىيە ئالاھىدە ئەلچىسى توم بارراك بۇ كېلىشىمنى «ئىككى بۈيۈك سۈرىيە رەھبىرى» ئوتتۇرىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر قەدەم دەپ ئالقىشلىدى. شۇ كۈنى كەچتە سۈرىيە قوشۇنلىرى بارلىق مەھەللىلەرگە ئورۇنلىشىش ئۈچۈن راققانىڭ مەركىزىگە كىردى. سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ بىر مۇتلەق غەلىبە ئىدى.
تۇيۇقسىز يىمىرىلىش
ئەمما سۆھبەتتىن 24 سائەت ئۆتمەي تۇرۇپلا، ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمى يىمىرىلدى. 19-يانۋار كۈنى، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇن فرونتلاردا جەڭ قايتا پارتلىدى.جەڭ جەريانىدا، ئەل-شاددادى تۈرمىسىدىن تەخمىنەن 200 نەپەر دائىش مەھبۇسى قېچىپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى. ئىككى تەرەپ يەنىلا بىر-بىرىنى ئەيىبلىدى: سۈرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى SDF نى سىياسىي تەھدىت سۈپىتىدە مەھبۇسلارنى قەستەن قويۇپ بەردى دەپ ئەيىبلىسە، SDF ھۆكۈمەت تەرەپدارى قەبىلە جەڭچىلىرىنىڭ بۇ تۈرمىنىڭ كونتروللۇقىنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىنى ئېيتتى. سۈرىيە قوشۇنلىرى قاچقانلارنىڭ 81 نى قايتا تۇتقانلىقىنى، باشقا مەھبۇسلارنىڭ تېخىچە قېچىپ يۈرگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.
سۈرىيە ھۆكۈمىتى ۋە كورد ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەل-ھول لاگېرىدىن تۇيۇقسىز چېكىنىش يەكشەنبە كۈنى ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىن بىر كۈن كېيىن يۈز بەرگەن. ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئەل-ھول لاگېرىنى كونترول قىلغان SDF، لاگېر ئەتراپىدىكى توقۇنۇشلار شىددەتلەشكەچكە، قوشۇنلىرىنى يېقىن ئەتراپتىكى رايونلارغا قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتقان.
ئەل-ھولدىكى لاگىرلاردا نۆۋەتتە 23 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سۈرىيەلىك ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 2000 گە يېقىن ئىراق گراژدانى ۋە 6000 ئەتراپىدا باشقا چەتئەل گراژدانلىرى بار. نۇرغۇن دۆلەتلەر بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى، قانۇنىي توسالغۇلار ۋە دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي قارشىلىقلارنى سەۋەب قىلىپ، لاگېردىكى ئاياللار ۋە بالىلار ئارىسىدىكى ئۆز گراژدانلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىشنى خالىمىغان.
19-يانۋار كەچتە مەزلۇم ئابدى بىلەن ئەھمەد شارا ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن ھېچقانداق نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان. كورد تەرەپنىڭ ۋەكىلىنىڭ دېيىشىچە، سۈرىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ شەرتلەرنى تېخىمۇ قاتتىق قىلىۋالغانلىقىنى ، SDF نىڭ «دەرھال ھاسەكە ۋە كوبانىنى بوشىتىشىنى، قورال تاشلىشىنى ۋە ئارمىيەگە يەككە ھالدا قوشۇلۇشىنى» قاتتىق تەلەپ قىلىپ تۇرۋالغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، SDF يېڭى شەرتلەرنى باھالاش ئۈچۈن ۋاقىت تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن رەت قىلىنغان؛ ئۇ بۇ تەلەپلەرنىڭ «كورد خەلقىنىڭ 13 يىللىق نەتىجىلىرىنى يوققا چىقىردىغانلىقىنى» تىلغا ئالغان. شۇ كۈنى كېيىنرەك، ئەھمەد شارا ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەن؛ ئىككى رەھبەر «كۈچلۈك ۋە بىرلىككە كەلگەن» سۈرىيەگە بولغان ئورتاق ئارزۇسىنى ئىپادىلىدىگەن ھەمدە سۈرىيە دۆلىتى ئىچىدە كوردلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. SDF بولسا «خەلقئارانىڭ سۈكۈت قىلىشى»نى سەۋەب كۆرسىتىپ، دائىش مەھبۇسلىرى تۇرۇۋاتقان ھاسەكەدىكى ئەل-خول لاگېرىنى قوغداۋاتقان بارلىق كۈچلىرىنى چېكىندۈرۈپ ئالدىنقى سەپتىكى جەڭ رايونلىرىغا يۆتكىگەنلىكىنى جاكارلىغان.
داۋاملىشىۋاتقان سۈركىلىشلەر
20-يانۋارغا كەلگەندە، سۈرىيە قوشۇنلىرى قەبىلە جەڭچىلىرىنىڭمۇ قوللىشى بىلەن SDF نىڭ ئاخىرقى تايانچ بازىسى بولغان ھاسەكەنىڭ شەھەر ئەتراپىغا يېتىپ بارغان. SDF بۇنىڭغا قارىتا كوبانى ۋە ھاسەكەنىڭ «گورىستانلىق»قا ئايلىنىدىغانلىقىنى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ۋە روجاۋا ھەم ياۋروپادىكى كورد ياشلىرىنى «قارشىلىق كۆرسىتىش سېپى» گە قوشۇلۇشقا چاقىرىق قىلغان.
سۈرىيە پرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى SDF كە ھاسەكە ۋىلايىتىنى دۆلەتكە ئەمەلىي قوشۇۋىتىش پىلانىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن تۆت كۈنلۈك مۆھلەت بەرگەنلىكىنى، يەنى ئاخىرقى ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغانلىقىنى جاكارلىدى. سۈرىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىقتىسادشۇناش (The Economist) ژۇرنىلىغا بەرگەن باياناتىدا ، ئەگەر كورد كۈچلىرى شۇ ۋاقىتقىچە تەسلىم بولمىسا، ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق، تېخىچە مۇستەھكەم قورغانلارغا ئىگە كورد بازىلىرىنى ئىشغال قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇشەققەتلىك بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.
توم بارراك كورد رەھبەرلىرىنى ئۆزى «ئەڭ بۈيۈك پۇرسەت» دەپ تەسۋىرلىگەن بۇ پۇرسەتنى تۇتۇپ قېلىشقا ئۈندەپ، كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقىنىڭ «تۈپتىن ئۆزگەرگەنلىكىنى» ۋە ئامېرىكا قوللىغان بۇ بىرلىشىشنىڭ كوردلار ئۈچۈن ئېتىراپ قىلىنغان بىر سۈرىيە دۆلىتى ئىچىدە مەڭگۈلۈك ھوقۇققا ئېرىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. توم بارراك يەنە بۆلىنىشىنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن تۇراقسىزلىقنى ياكى دائىشنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. 20-يانۋار يەرلىك ۋاقىت كەچ سائەت 8:00 دە يېڭى بىر ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمى ئېلان قىلىندى.
بارراك ئامېرىكىنىڭ بۇ كېلىشىمنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسرائىلىيەنىڭمۇ بۇنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە بىر قىسىم ئۇچۇرلار تارقالغان. رويتېرس ئاگېنتلىقى سۈرىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، پارىژدىكى سۆھبەتتە SDF كونتروللۇقىدىكى رايۇنلارنى قايتۇرۋېلىش پىلانى تىلغا ئېلىنغاندا ئىسرائىلىيەنىڭ ھېچقانداق ئېتىراز بىلدۈرمىگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. بىراق، ئۈچ تەرەپ يىغىنىغا تولۇق قاتناشقان ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى يېچىيېل لېيتېر (Yechiel Leiter) بۇنى كەسكىن رەت قىلىپ: «ئىسرائىلىيە ھېچقاچان سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيە كوردلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىغا يول قويمىدى. بۇ ھەقتىكى ھەر قانداق گەپ يالغان» دېگەن. دېمەك ئىسرائىلىيە كوردلار مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش قاراشتا ئەمەس ۋە سۈرىيەدىكى ۋەزىيەت دۆلەت مەنپەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان شەكىلدە تەرەققىي قىلسا كوردلارنى قوللىشى مۇمكىن.
ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ، تۆت كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتى توشقاندىن بىر قانچە سائەت كېيىن يەنە 15 كۈن ئۇزارتىلدى. ئەلجەزەرەنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۈرىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بۇ ئۇزارتىشنىڭ سەۋەبىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرى SDF كونترول قىلغان تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدىن دائىش مەھبۇسلىرىنى يۆتكەش ھەرىكىتىنى قوللاشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بەلكىم ھەقىقىي سەۋەبى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشىشى بىلەن كۇدلارغا كېلىشىم ماددىلىرىنى قايتىدىن ئويلىشىش ئۈچۈن يىتەرلىك ۋاقىت بېرىش ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ بەزى ماددىلىرىنى تۈزىتىش بولۇشى مۇمكىن. ھازىرغىچە بىلىنىگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا ئۇرۇش چىقىشنى خالىمايدۇ، شۇڭلاشقا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىشكە ھەيدەكچىلىك قىلماقتا.
بىرلىشىشنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلار
گەرچە سۈرىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا كوردلارنى تىز سۈرئەتتە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بىر تەركىۋى بولۇشقا قىستاۋاتقان بولسىمۇ كوردلار ئۈچۈن بۇ قارار ۋە تەرەققىياتلار كۈتۈلمىگەن ۋە قوبۇل قىلىش قىين بولۇپ كۆرۈنمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن ئىراندىكى تەرەققىيات ۋە ترامپنىڭ ئىران ھەققىدىكى باياناتلىرى بۇ مەسىلىگە تەسىر كۆر سەتمەكتە. ھازىرغىچە بىلىنىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا،ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسدىكى بۇ مۇرەككەپ ھالەتنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچىگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
- كوردلار ھازىرغىچە مۇستەققىل بولۇش ياكى يۈكسەك ئاپتونۇمىيە ئېلىش نىيتىدىن يانمىغان ۋە ئامېرىكىدىن يەنىلا ئۈمىدىنى ئۈزمىگەن. كوردلار ئامېرىكانى قايتىدىن قايىل قىلىپ ھىچبولمىسا مۇرەسسە ماددىلىرىنى ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئېلىشقا قەدەر ئۆزگەرتىشنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلىشۋاتقان بولۇشنى مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن ئىسرائىلىيە تەرەپ بىلەنمۇ كۆرۈشۈۋاتقان بولۇشى ۋە بۇ ئارقىلىق ھەم ئامېرىكىغا بېسىم قىلىۋاتقان ھەم ئۇرۇش قايتا باشلىنىپ قالسا ئىسرائىلىيەنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەركەت قىلۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
- ئىراندا يۈز بېرىش ئىھتىماللىقى بولغان ھەربىي ھەركەت ۋە بۇنىڭ تەسىرىدە كېلىپ چىقىدىغان رايۇنلۇق ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش. بۇ ئامېرىكا ياكى ئىسرائىلىيە ئىرانغا تويۇقىسز ھوجۇم قىلغاندا ئىراننىڭ رايۇندا ئېلىپ باردىغان كەڭ كۆلەملىك ئۆچ ئېلىش خاراكتىرلىك قايتۇرما ھوجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈندۇر. بۇنداق ئەھۋالدا ھەم سۈرىيە ھۆكۈمىتى ھەم كۇردلار ئىرانغا قارشى ئۇرۇشقا كىرىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ كوردلار ئىراندىكى كوردلار بىلەن يېقىنلىقى سەۋەبىدىن تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىشى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئامېرىكا ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ئىتتىپاقلىشىش قىممىتى بولغان كۈچكە ئايلىنىشى مۇمكىن. ئىران بىلەن ئۇرۇش بولۇپ قالسا كوردلار بىلەن ئەھمەد شارا ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلىشىشى ئامېرىكىغا ھەم پايدىسى يوق، ھەم سۈرىيە ۋە رايۇن ۋەزىيتىنى تېخىمۇ قالايمىقان قىلىۋىتىدۇ.
مەسىلىگە يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا كوردلار سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىشتىن ئەندىشە قىلىدىغان تەرەپلىرى بار بولۇپ بۇلار؛
- كوردلار شارا ھۆكۈمىتىنىڭ كوردلارنىڭ ھوقۇقى ھەققىدە چىقارغان پەرمانىغا ئىشەنمەيدۇ شۇنداقلا بۈگۈن بېرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ ئەتە ئۆزلىرىنى قوغدايدىغانلىقىغا قايىل ئەمەس. چۈنكى ئۇنداق ھەق ھوقۇق بۇرۇن كوردلارغا بېرىلىپ باقمىغان بولۇپ ھازىرقى ھاكىمىيەتنىڭ ئۇلارغا بۇ ھوقۇقلارنى بېرىدىغانلىقىغا كوردلارنىڭ ئىشەنمەيدىغانلىقى سۆزلەنمەكتە.
- بۇ ئىشەنمەسلىك ئەملىيەتتە كوردلار بىلەن شارا ھۆكۈمىتى ئوتتۇرسدىكى مۇناسىۋەتتىن كەلگەن بولۇپ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا ئەمەلىيەتتە ئۆچمەنلىك ئېغىر، يەنە كېلىپ بۇ ئۆچمەنلىك پەقەت ئۆتكەن بىر يىلنىڭ مەھسۇلى ئەمەس. 2013-يىلى، كورد كۈچلىرى «ئەل-نۇسرا»غا قارشى جەڭ قىلغان. ئۇ چاغدا «ئەبۇ مۇھەممەد ئەل-جۇلانى» دەپ ئاتالغان نۇسرا فرونتىنىڭ رەھبىرى دەل نۆۋەتتىكى پرېزىدېنت ئەھمەد شارانىڭ ئۆزىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا كوردلار ئىلگىرى توقۇنۇشقان ھەمزا دىۋىزىيىسى، سۇلتان مۇراد ۋە ئەل-ئامشات قاتارلىق گۇرۇپپىلار ئىلگىرى تۈركىيە قوللىغان «سۈرىيە مىللىي ئارمىيىسى»نىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ھازىر سۈرىيەنىڭ يېڭى ئارمىيىسىگە سىڭىپ كەتكەن .
- كوردلار سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە يىللاردىن بېرى كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان زىمىن، ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى، بايلىق، چېگرا ئېغىزلىرى قاتارلىق ھەل قىلغۇچ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە نەرسىلەرنى تاپشۇرۇپ بېرىش بەدىلىگە ئاساسىي قانۇنلۇق ئاپتونومىيە ياكى فېدېراتسىيە ئەمەس،بەلكى بىر قاتار سىياسى ۋە كۈلتۈرەل ھۇقۇقلارنىڭ بېرىلىشىنى تەڭسىز سودا دەپ قارايدۇ.
- يەنە بىر سەۋەب سۈرىيەنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى سىياسىي تۈزۈمى ھەققىدە كوردلارنىڭ گۇمانى قارىشى بولۇپ، كوردلار دىمكراتىك، كۈچ مەركەزگە مەركەزلەشمىگەن سىياسىي سىستېما ئىستەيدۇ. ھازىرقى سۈرىيە ھۆكۈمىتى دىمكراتىيەلىشىش جەھەتتە كۆپ ۋەدىلەرنى بەرگەن، شۇنداقلا بەزى ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ھوقۇقنىڭ مەركەزگە مەركەزلىشىش مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۇت. يەنە كېلىپ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا ئىدىئولوگىيە جەھەتتىن پەرق بولۇپ بۇ كورد قوراللىق كۈچلىرىنىڭ سېكۈلەر تەشكىلى سىستمىسىدا ۋە شارا ھاكىمىيتنىڭ جىھادچى ئۆتمۈشىدە ئەكىس ئېتىدۇ. يەنى كوردلار كىين دىنىي، ئىدىئولوگىيە ۋە ئېتنىك پەرقلەر سەۋەبىدىن چەتكە قېقىلىشقا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
كېيىنكى قەدەمدە نېمىلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن؟
ئىككى ھەپتىلىك مۆھلەتنىڭ ئاخىرلىشىشىغىمۇ ئاز قالدى ۋە كەلگۈسى بىر نەچچە كۈن سۈرىيەنىڭ كېيىنكى نەچچە يىللىق يۆنىلىشىنى بەلگىلەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. سۆھبەتنىڭ نەتىجىسگە ئاساسەن تۆۋەندىكى تۆت خىل نەتىجىنىڭ بىرى يۈز بېرىشى مۇمكىن:
- SDF تەسلىم بولىدۇ. سۈرىيە ھۆكۈمەت تەرەپ بۇنى «مىللىي بىرلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» دەپ تەشۋىق قىلىدۇ، ئەمما كوردلار بۇنى مەجبۇرىي بوي سۇندۇرۇش دەپ چۈشىنىدۇ.
- SDF سۈرىيەنىڭ كوردلار مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان رايونلىرى ئۈچۈن مەنىلىك بىر ئاپتونومىيە، جۈملىدىن ئىچكى بىخەتەرلىك ۋە ئىدارە قىلىش كاپالىتى تەلەپ قىلىدىغان تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ يول سۈرىيەنىڭ بىرلىكىنى رەت قىلمايدۇ، بەلكى ئۇنى قايتىدىن بەلگىلەيدۇ.
- سۆھبەتنىڭ نەتجىسىز ئاخىرلىشىش ۋە جەڭنىڭ قايتىدىن داۋاملىشىشىدۇر، بۇ ئەھۋالدا كوردلار ئەڭ ئاخىرقى جەڭگە مەجبۇرلىنىدۇ. بەزى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ھەر ئىككى تەرەپ بۇ ئىھتىماللىققا تەييارلىق قىلماقتا.
- ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىپ يۈز بېرىش ئىھتىماللىقى بولغان ئىران ئۇرۇشىغا تەييارلىق قىلىش.
بۇلارنىڭ ئارسىدا ئەگەر كېلىشم رەت قىلىنىپ ئىككى تەرەپ مەسىلىنى جەڭ مەيدانىدا ھەل قىلىشنى تاللاپ قالسا، سۈرىيەنىڭ قايتىدىن بىرلىككە كېلىشى قىينلىشىپ كېتىدۇ. ئەكسىچە، سۈرىيە يەنە بىر چوڭ ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قالىدۇ. بۇ پۇرسەتتە دائىش ۋە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان باشقا تېرور كۈچلىرى قايتىدىن باش كۆتۈرىدۇ ۋە سۈرىيە يەنە بىر نەچچە دۆلەتنىڭ ۋاكالەت ئۇرۇشى مەيدانغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
- The Economist. (2026, January 22). How the Kurds lost control of north-eastern Syria: Once America’s ally, a Kurdish-led militia is no longer considered useful
- The New York Times . Ward, E., Rubin, A. J., Goldbaum, C., & Schmitt, E. (2026, January 20). U.S. shifts away from Kurdish-led forces in fight against ISIS.
- Al Jazeera Staff. (2026, January 24). Syria extends ceasefire with SDF by 15 days. Al Jazeera
- Goudsouzian, T. (2026, January 21). After defeating ISIS, Syria’s Kurds are abandoned. Le Monde diplomatique
- Ozcan, G. (2026, January 21). Will Turkey allow Syria to rebuild? Jerusalem Strategic Tribune
- Ozcan, G. (2026, January 22). A Unified Syria or a return to civil war? Jewish Institute for National Security of America
- Ozcan, G., Brody, J., & Gabber, R. (2026, January 21). Syria’s Kurdish crisis: An overview of escalation. Jewish Institute for National Security of America
- Phillips, C. (2026, January 22). Trump’s betrayal of his Kurdish allies in Syria should have been no surprise. Middle East Eye
- Quillen, S. (2026, January 22). US envoy meets SDF commander, calls for Syria ceasefire to be upheld. Al Jazeera
