يازمىنىڭ بېشىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئۆتۈكەن سىياسەت تەتقىقات مەركىزى تور بېتىگە ياكى فېيسبۇك سەھىپىسىگە كىرىڭ. ئىران سىياسىي تارىخىنىڭ بۇ قىسىمىدا ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئسىلام ئىنقىلابىنىڭ خاراكتىرى شۇنداقلا ئىران-ئىراق ئۇرۇشى ۋە بۇ ئۇرۇشنىڭ ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى بايان قىلىنىدۇ.
ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيتىنىڭ بارلىققا كېلىشى
شاھنىڭ ھاكىمىيتى ۋە ئىسلاھاتىغا قارشى ئۆكتىچى كۈچلەر 1970-يىللارنىڭ بېشىدا ئىران نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كەلگەندە تېخىمۇ قۇدرەت تاپتى. بىرىنچىدىن، ھۆكۈمەت ئۈنۈمسىز ۋە چىرىك بولۇپ، شاھنىڭ يېقىنلىرى نېفىت ئېكسپورتىدىن كەلگەن غايەت زور بايلىقتىن ھۇزۇرلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئادەتتىكى ئىرانلىقلار نېفىت دوللىرىنىڭ كەينىدىنلا كەلگەن پۇل پاخاللىقىدىن ئازاب چىكىۋاتاتتى. ئىككىنچىدىن، ئىران مىللەتچىلىرى 1970-يىلىغا كەلگەندە مەملىكەت ئىچىدە ئەللىك مىڭدىن ئارتۇق ھەربىي خادىم ۋە خەلق مەسلىھەتچىسى تۇرغۇزغان ئامېرىكىنىڭ ئالاھىدە ئورنىغا بولغان نارازىلىقىنى كۈچەيتتى. ئاخىرىدا، چەتئەللىكلەرنىڭ كۆپلەپ مەۋجۇت بولۇشى ۋە يۇقىرى قاتلامنىڭ ھەددىدىن زىيادە باياشاتلىقى ئارقىلىق سىڭىپ كىرگەن غەرب مەدەنىيىتى ۋە ئىدىيىلىرى مۇھافىزىكار مۇسۇلمانلارنى قاتتىق بىئارام قىلدى. ئۇلار غەربچە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئىسلامنى چىرىتكۈچى ئامىل دەپ قارىدى.
«ئاق ئىنقلاپ» بىلەن باشلانغان غەربلىشىش ۋە زامانىۋىيلىشىش گەرچە شاھ ۋە بىر قىسىم ئىران خەلقىنى مەمنۇن قىلغان بولسىمۇ دىنىي تەبىقىنى ئاساس قىلغان يەنە بىر قىسىم ئىرانلىقلار بۇنىڭدىن شىكايەت قىلاتتى. يەنە بىر مەسىلە بولسا شاھنىڭ ئىنقىلابىي زىيادە ئۈزۈل-كىسىل ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ئەسلى شاھنىڭ ھاكىمىيتىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكلىرى بولغان يەر ئېگىلىرى ۋە يەرلىك كۈچلەر شاھ تەرىپىدىن ئىسلاھات دولقۇنىدا ھوقۇقى ۋە بايلىقىنىڭ تارتىۋېلىنىشى بىلەن ئەمدى خومېينى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. شاھنىڭ ھەشەمەت تۇرمۇشى ۋە مۇستەبىتلىكى نارازىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى ۋە ئۆكىتچىلەرنىڭ رىئاللىق ۋە سۈيقەسىت نەزەرىيەلىرىنى (كومپلو تىئورىيلىرى) ئايرىپ ئولتۇرماي شاھنىڭ ھاكىمىيتىگە قارشى چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئۇلار زامانىۋىلىشىش جەريانىنى «مەدەنىيەت يىمىرىلىشى»نى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ، دەپ قارىدى شۇنداقلا «زامانىۋىلىشىش» دېگەن ئۇقۇم «غەربلىشىش» ۋە «تاشقى تەسىرنىڭ سىڭىپ كىرىشى» دەپ تەبىر بېرىپ جەمئىيەتتە ئۆچمەنلىك قوزغىدى .دىنىي تەبىقە يەنە 1953-يىلىدىكى CIA نىڭ «ئاژاكىس ھەركىتى» نى تىلغا ئېلىپ شاھنى پىلانلانغان سىياسىي ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىنلا تەختتە ئولتۇرغان دەپ ھوجۇم قىلدى. بۇ ئارقىلىق «ئاق ئىنقىلاب» نى بىر مىللىي ھەرىكەت ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا ئىمپېرىيالىزمىنىڭ بىر قورالى، غەربنىڭ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تېڭىلغان يات پروگرامما ۋە ئەنئەنىۋى زېمىن ئىگىلىرىنىڭ كۈچىنى سۇندۇرۇش مەقسىدىدە ئامېرىكىلىقلار تەرىپىدىن شاھقا مەجبۇرىي تېڭىلغان ئىسلاھات دەپ ئاتىدى.
غەرب تەسىرىنىڭ كۈچىيىشى كۆپ ساندىكى شىئە موللىلارنىڭ ھاكىمىيەتكە قارشى بىرلىككە كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. تەشكىللەش قابىلىيىتى يۇقىرى بولغان بۇ زاتلار «بازارى» دەپ ئتىلىدىغان سودىگەر ئىتتىپاقداشلىرىدىن ماددىي مەنبە، ئىشسىز قالغان ئاۋامدىن جەڭچى، ئايەتۇللاھ خومېينىدىن بولسا رەھبەرلىك كۈچىگە ئېرىشتى. سۈرگۈندە ياشىسىمۇ، خومېينى ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن ئىراندىكى مۇرت ۋە شەيىخلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ھەرگىز ئۈزمىدى؛ تۈركىيە ۋە ئىراقتىكى نەجەف شەھىرىدە تۇرغان مەزگىلىدە، ئۇ شەخسىي مەكتۇپ ئەۋەتىش شۇنداقلا خۇتبە سۆزلىرىنى ئەرزان باھالىق لېنتىلارغا ئېلىپ ئىرانغا يوشۇرۇن كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئارقىلىق كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بۇ قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلدى . خومېينى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىيلىقىنىڭ ئاللاھتىن كېلىدىغانلىقىنى ۋە جەمئىيەت جەزمەن تۈپتىن ئىسلاملىشىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن موللىلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقنى كونترول قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
1970-يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئىران ئىقتىسادى چېكىنىپ، شاھنىڭ سالامەتلىكى ناچارلاشقان بىر پەيتتە، ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەت تېخىمۇ كۈچەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى جىممى كارتېر ئىلگىرىكى سىياسەتلەردىن ۋاز كېچىپ، شاھ ھۆكۈمىتىدىن ئىراندا كىشىلىك ھوقۇق ۋە پۇقرالار ئەركىنلىكىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلدى.
قارشى كۈچلەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى نارازىلىقى، باي-كەمبەغەللىك پەرقنىڭ چوڭىيىشى ، 1978-يىلىدىكى ئىران نىفىت كىرزىسىدىن كېلىپ چىققان پۇل پاخاللىقى ،چىرىكلىك ۋە مۇستەبىتلىك شاھ ھاكىمىيىتىنى ئاجىزلاشتۇردى. 1978-يىلى ۋەزىيەت تېخىمۇ جىددىيلەشتى. شاھتىن نازارى بولغان كومىنىستلار، سوتسىيالىستلار، مۇھافىزىكار مىللەتچىلەر ۋە ئىسلامچىلار شاھقا قارشى بىرلىكسەپ ھاسىل قىلدى. بىر رادىكال ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى ئاباداندىكى «رېكىس كىنوخانىسى» غا ئوت قويىۋەتتى ۋە نەتىجىدە 400 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ ۋەقە خەلق ئارسىغا شاھنىڭ ئۆكتىچىلەرگە داغ سۈركەش ۋە باستۇرۇشنى قانۇنىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەخپىي ساقچى تەشكىلاتىغا قىلدۇرغان ئىشى، دەپ تارقىتىلدى. شاھ بۇ قېتىم ئۆكتىچىلەرنى پەسەيتىش ئۈچۈن بىر قىسم دىنىي لىدىرلارنى قويۇپ بەردى، ئېمېرىيە كالىندارىنى بىكار قىلىدى، قىمارخانىلارنى تاقىدى. ئەمما بۇلار ئۆكتىچىلەرنى پەيلىدىن ياندۇرالمىدى. سىنتەبىردە نامايىش تېخىمۇ رادىكال تۈس ئالدى ۋە شاھنىڭ ئەسكەرلىرى ئۇلارغا ئوق چىقىرىپ 87 كىشىنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
بۇ ۋاقىتتا خومېينى ئىراقتىن فرانسىيەگە سۈرگۈن قىلىنغان بولۇپ، پارىژنىڭ سىرتىدىكى نوفىل لې شاتو (Neauphle-le- Château) رايونىدا ئۆز شتابىنى قۇردى. ئۇنىڭ فرانسىيەگە كېلىشى خومېينى ۋە ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ دۇنيا مەتبۇئاتلىرى ۋە تاراتقۇلىرىنىڭ دىققەت مەركىزىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ يېڭى پۇرسەت ئىران ئىچىدىكى ياردەمچىلىرى بىلەن تېلېفون ئالاقىسى ئورنىتىشنى تېخىمۇ قولايلىق ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئۆكتىچىلەر ھەرىكىتىنىڭ تېخىمۇ سىستېمىلىق ماسلىشىشىغا شارائىت ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراننىڭ سىياسىي ۋە دىنىي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇنى زىيارەت قىلىپ، بىۋاسىتە مەسلىھەتلىشىشىگە يول ئاچتى. «مىللىي فرونت» رەھبىرى سانجابى 1978-يىلى نويابىرنىڭ بېشىدا خومېينى بىلەن كۆرۈشۈپ خومېينىنىڭ شاھنى تەختتىن چۈشۈرۈش ۋە «دېموكراتىك ھەم ئىسلامىي» بىر ھۆكۈمەت تىكلەش تەلىپىگە رەسمىي سادىقلىقىنى بىلدۈردى.
سېنتەبىر ئېيىدىن باشلاپ، نېفىت سانائىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاممىۋى ساھەدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر چوڭ كۆلەمدە ئىش تاشلاپ سىياسىي تۈزۈمنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى. يەنە كېلىپ 1978- يىلى يازدا كەلگەندە، دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم تاشقى پېرۋۇت مەنبەسى بولغان نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى %80 تۆۋەنلەپ كەتكەن ئىدى. دېمەك ھۆكۈمەت ئىقتىسادى جەھەتتىنمۇ جان تالاشماقتا ئىدى. شاھ 5-نويابىردا پۈتكۈل خەلققە خىتاب قىلىپ، «خەلق ئىنقىلابى» نىڭ بەرمەكچى بولغان سېگىنالىنى چۈشەنگەنلىكىنى ئىتراپ قىلدى، ئۆتمۈشتىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىشكە ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ۋەدە بەردى. جەمئىيەتتىكى نارازىلىق كەيپىياتىنى پەسەيتىش مەقسىتىدە 132 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەر ۋە ئەمەلدارنى قولغا ئالدى؛ يەنە خومېينىنىڭ سەپدىشى ئايەتۇللاھ ھۈسەيىن ئەلى مۇنتەزىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1000 دىن ئارتۇق سىياسىي مەھبۇسنى قويۇپ بەردى .
بىراق، خومېينى شاھنىڭ ۋەدىلىرىنى «ئەرزىمەس» دەپ رەت قىلدى ۋە نامايىشلارنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىردى. ئىش تاشلاشلار قايتا ئەۋج ئېلىپ، ھۆكۈمەتنى پۈتۈنلەي پالەچ قىلىپ قويدق. نامايىشچىلار بىلەن ھەربىيلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار كۈندىلىك ئادەتكە ئايلاندى. 1978-يىلى 9- ۋە 10-دېكابىر كۈنلىرى تېھران ۋە باشقا ۋىلايەتلەردە نەچچە يۈز مىڭلىغان كىشى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلدى. شاھ ئۆكتىچى خەلققە كۈچ ئىشلىتىپ مەغلۇپ بولغاندىن پەھلىۋى خاندانلىقىنى قوغداپ قېلىشنى ئەۋزەل كۆردى ۋە 1979-يىلى 16-يانۋاردا ئۆز ئوغلىنى تەختكە چىقىرىپ ئىراننى مەڭگۈلۈك تەرك ئەتتى.
شاھ بىلەن قارشى كۈچلەر ئوتتۇرسدىكى ئاندا-ساندا شىددەتلىك جەڭلەر بىر ئاي داۋاملاشقان بولسىمۇ، فېۋرالدا خومېينى سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەندە شاھ تەرەپدارلىرىنىڭ ئۈمىدى ئۈزۈل-كېسىل يوقالدى. ئۇ كۈنسىرى سانى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئۆكتىچى ئىرانلىقلار تەرىپىدىن «قۇتقازغۇچى» سۈپىتىدە قارشى ئېلىندى. خومېينى فرانسىيەدىن بىر ئايروپلاننى كىرالاپ ئائىلىسى ۋە يېقىن ئادەملىرىدىن باشقا 100 دىن كۆپ خەلقئارالىق مۇخبىرنى ئۆزى بىلەن بىللە ئىرانغا ئېلىپ كەلدى. نىيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى «خەلق خۇشاللىقىدىن نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالدى» دەپ خەۋەر ئىشلىدى. خومېينىنىڭ قول ئاستىدىكىلەر ئاللىقاچان پايتەخت تېھراننى ۋە كۆپلىگەن چوڭ شەھەرلەرنى كونترول قىلىۋالغان بولۇپ، ئۆز ھوقۇقىنى تېز سۈرئەتتە يېزىلارغا كېڭەيتىۋاتاتتى. خومېينى تەرەپدارلىرى قوراللىق كۈچلەر ۋە ھۆكۈمەت ئىچىدىكى شاھنىڭ ئەمەلدارلىرىنى تازىلاپ، يۈزلىگەن ئادەمنى قەتلى قىلدى ۋە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى تۈرمىگە تاشلىدى.
ئەمدى ئىنقىلاب يېڭى بىر شەكىل ئالدى، دىنىي كۈچلەر بىر ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشقا كىرىشتى. بۇ نىشان خومېينىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ بارلىق تەرەپلىرىدە دىنىي ھۆكۈمرانلىقنى تىكلەش ئارزۇسى بىلەن ماس كېلەتتى. بۇ جەريان خومېينىنى ئۆمۈرلۈك «ئالىي رەھبەر» قىلىپ بېكىتكەن يېڭى ئاساسىي قانۇن بىلەن باشلاندى. ئۇ ئەمدى بارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى تەيىنلەش ۋە مەجلىسنىڭ (پارلامېنتنىڭ) ھەر قانداق قارارنى رەت قىلالايدىغان «نىگەرانلىق كېڭىشى» ئەزالىرىنىڭ يېرىمىنى تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كونا تۈزۈمنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئىسلام جۇمھۇرىيىتى تىكلەندى. شاھنىڭ ۋاقىتىدا مەجبۇرى چەكلەنگەن ھىجاب ئەمدى خومېينى تەرىپىدىن كىيىش مەجبۇرىي قىلىندى. بەلگىلىك دىنىي تېمىنىڭ سىرتىدىكى سىياسىي مۇنازىرىلەرگە يول قويۇلمىدى، ئىرانلىقلار غەرب مەدەنىيىتىدىن يىراق تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى، ھەتتا بۇنىڭغا مەجبۇرلانىدى. يەنى ئىراندا پۈتۈن جەريان تەتۈرىگە ياندۇرۇلدى.
گەرچە كۆپ ساندىكى ئىرانلىقلار پادىشاھلىقنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى قارشى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما پادىشاھلىقنىڭ ئورنىغا دىنىي ھاكىمىيەتنىڭ كېلىشىگە قارشى چىققۇچىلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. 1979-1980-يىللىرى ئارىلىقىدا، بۇ قارشىلىق ئىنقىلابنىڭ ئۆز ئىچىگە قاراپ بۇرۇلۇشى بىلەن سىياسىي ئىچكى نىزا ۋە زوراۋانلىقنىڭ مەنبەسىگە ئايلاندى. بىر يىل ئىلگىرىكى شاھنى ئاغدۇرۇش تىرىشچانلىقىدەكلا شىددەتلىك بولغان بۇ كۈرەش، مەركىزىي ھوقۇقنى ئاجىزلىتىپ، نۇرغۇن رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ گۈللىنىشىگە شارائىت ياراتتى. سولچىل سېكۇلەرلەر بۇلارنىڭ ئارىسىدا بولۇپ، ئۇلار موللىلارغا قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېلىپ باردى، بۇ 1980-يىلى مىڭدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ خاراكتىرى
خومېينى يېتەكچىلىكىدىكى ئىسلام ئىنقىلابى ئىنقىلاب تارىختىكى باشقا لىبېرال ياكى سولچىل ئىنقىلابلاردىن تۈپتىن پەرقلىنەتتى. مەسىلەن، 1789-يىلىدىكى فرانسىيە ئىنقىلابى ياۋروپا «ئاقارتىش دەۋرى»نىڭ ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە قېرىنداشلىق ئىدىيىلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدى. رۇسىيە ۋە خىتاي ئىنقىلابلىرى بولسا ماركسىزملىق سېكۈلەر روھ ئاستىدا، زۇلۇم قىلغۇچى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سىستېمىلاردىن ئازاد بولۇشنى نىشان قىلغان ئىدى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئىران ئىنقىلابى مەيلى مەزمۇنىدا بولسۇن ياكى شەكلىدە بولسۇن، پۈتۈنلەي ئىسلامىي بىر دىنىي ئىنقىلاب ئىدى.
بۇ ئىنقىلاب شىئە مەزھىپىدىكى «جاپا-مۇشەققەتكە چىداش»، «شاھادەت» پىرىنسىپلىرى ۋە سېكۈلەر پەھلىۋى سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئارقىلىق ئىراننىڭ ئىسلامىي كىملىكى، نورمىلىرى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى قوغداش غايىسى ئەتراپىدا شەكىللەندى. ئايەتۇللاھ خومېينى «نە شەرق، نە غەرب، پەقەت ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» دېگەن شۇئار ئارقىلىق ئىرانلىقلارنى قوزغىدى. ئاممىنىڭ دىنىي ھېسسىياتىغا خىتاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سەپەرۋەر قىلدى.
بۇ ئىنقىلاب ئوتتۇرا شەرق رايوندا 1- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن شەكىللەنگەن سېكۈلەر سىياسىي يۈزلىنىشلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كەسكىن يوسۇندا ئۈزدى. 1923-يىلى ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ پارچىلىنىشى ھەمدە ياۋروپاچە سېكۈلەرلىك، ئۇلۇس دۆلەت ئۇقۇملىرىنىڭ رايونغا كىرىشى ئوتتۇرا شەرقنىڭ سىياسىي تەرتىپىنى قايتىدىن بەلگىلىگەن ئىدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئاتاتۈركنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوتتۇرا شەرقتىن ئۇزاقلىشىپ سېكۈلەر زامانىۋىلىشىشىنى قوغلىشىش ئارقىلىق سىياسىي سىستېما ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ياۋروپانى ئۈلگە قىلغان ئىدى. ئاتاتۈركنىڭ يولىنى تۇتقان ئىران شاھىمۇ ئىرانغا بەلگىلىك دەرىجىدە غەربلىشىش، سېكۈلەرلىشىش ۋە زامانىۋىيلىشىشنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. خومېينىنىڭ ئىسلام ئىنقىلابى بولسا رايون سىياسىتىدىكى بۇ سېكۈلەر يۈزلىنىشنى رەت قىلدى ۋە سىياسەت ھەمدە ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئىسلامىي ئېتىقادقا ئاساسلانغان بىر سىستېمىنى قەتئىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.
خومېينىنىڭ نەزىرىدە، غەربنىڭ تەپەككۇردىكى بىلىم يارىتىش ۋە جەمئىيەتنى ياخشىلاشنىڭ بىردىنبىر يولى سۈپىتىدە پەقەت ئىلمىي ئەقىلگە تايىنىش خاتا ئىدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، سىياسىي تۈزۈم يەنى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە يېتەكلەشتە ئىلاھىي ۋەھىيلەرنىڭ مۇھىملىقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ ھەمدە ئىقتىسادىي ئادالەت، ئىجتىمائىي ماسلىشىشچانلىق ۋە سىياسىي مۇرەسسە ئۈچۈن ئەخلاقىي ئويلىنىشنى ئاساس قىلىشى كېرەك ئىدى.
خومېينىنىڭ ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ مەركىزىدە «مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك ۋە ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» دېگەن شوئار ياتاتتى. ئۇ چۈشەندۈرگەن «مۇستەقىللىق» ئۇقۇمى ئىككى مۇھىم نۇقتىدىن تەركىب تاپىدۇ: 1) غەرب لىبېرالىزمىنىڭ ۋە شەرق سوتسىيالىزمىنىڭ (خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ دېمەكچى) ئىدېئولوگىيەلىك ئۈستۈنلىكىنى رەت قىلىش. 2) دۆلەت ئىچى باشقۇرۇش ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن لايىھەلەشتە ئىسلامىي ئىدېئولوگىيەلىك قائىدىلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئارقىلىق، ئىران ۋە مۇسۇلمان دۇنياسى ئىچىدىكى غەربنىڭ تەسىرىنى يوقىتىش.
پەۋقۇلاددە تارىخى دەۋىردە، يەنى 1970-80- يىللاردىكى ئىران ۋە دۇنيا سىياسىي ئاتموسفراسىدا، ئىمپېرىيالىستىك ھۆكۈمرانلىقتىن ئازاد بولۇش، دۆلەت ئىچى ۋە تاشقى ئىشلاردا مۇستەقىل بولۇش،غەرب ۋە شەرقنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى رەت قىلىش، ئىسلامىي بولۇش، شۇنداقلا ھەقىقەتنى تېپىشتا ۋەھىينى ئەقىلدىن ئۈستۈن تۇتۇش….. قاتارلىق ئىدىيەلەر ئىراندا كۆپ سانلىق كشىلەر ئۈچۈن جەلپكار ئىدى. يەنە كېلىپ خومېينى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بۇ ئىسلام جۇمھۇرىيتىنى شەخسنىڭ مال- مۆلىكىگە ئايلاندۇرۇپ قويماستىن، بىر قاتار تېرىشچانلىقلار ئارقلىق بىر سىياسىي سىستېمىغا ئايلاندۇردى. بۇ بەلكىم ئىران شىئە موللىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي مۇۋاپىقىيتى بولۇشى مۇمكىن. گەرچە ھوقۇق ئىراننىڭ قۇم شەھرىدىن چىققان دىنىي سەرخىللارنىڭ قولىدا بولسىمۇ شۇنداقلا ئىران خەلقىنىڭ بىر قىسىمىنىڭ مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلسىمۇ «دىنىي داھىي» نىڭ بىر جەمەتنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماسلىقى ۋە شەكىل جەھەتتىن بولسىمۇ سايلام ۋە مەجلىسىنىڭ بولۇشى بۇ جۇمھۇرىيەتنى شەخسىلەشكەن ھاكىمىيەت ئەمەس بەلكى ئۆز مىخانىزىمى بار سىياسىي سىستېمىغا ئايلاندۇرغان ئىدى.
ئەمما ھاكىمىيەتنىڭ ھەم «ئىسلامىي» ھەم « جۇمھۇرىيەت» خاراكتىرىگە ئېگە بولۇشى بىر قاراشقا ياخشى بىر سىياسىي بېرىكىشتەك كۆرۈنگىنى بىلەن، خەلقنى قايمۇقۇردىغان، دۆلەتنى بولسا مەسىلىنى ئۆزى خالىغان تەرەپكە ئىزاھلاش ئارقىلىق باستۇرۇش دائىرسىنى كېڭەيتىشكە زىمىن ھازىرلاپ بەرگەن. بولۇپمۇ ئىراننىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ يىلتىزى ئۇنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى «تېئوكراسىيە» (دىنىي ھاكىمىيەت) بىلەن «دېموكراتىيە»نىڭ پارادوكىس خاراكتېرلىك بىرىكىشىدە ياتىدۇ.
ئاساسىي قانۇندا گەرچە پىكىر ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى ۋە باراۋەرلىك تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسى «ئىسلام پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن بولۇش» دېگەن شەرت بىلەن چەكلەنگەن. تەھلىل نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ سۆزلەر سۇيىئىستېمال قىلىنىشقا ئوچۇق قويۇلغان بولۇپ، بۇ خىل «تۇزاق ماددىلار» دائىم ھۆكۈمەتنىڭ ئۆكتىچىلەرنى «ئىسلام ئەقىدىلىرىگە خىلاپ» ياكى «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت» دەپ باستۇرۇشى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى جىمىقتۇرۇشى ئۈچۈن قانۇنىي نىقاب بولۇپ خىزمەت قىلماقتا. 1989-يىلى مارتتا، خۇمەينىنىڭ ۋارىسى ئايەتۇللاھ مۇنتەزىرى ئىران ئىسلام ھاكىميتىنى مەتبۇئات چەكلىمىسى، سىياسىي مەھبۇسلارغا تۇتۇلغان پوزىتسىيە ۋە تۈرمە شارائىتى قاتارلىق جەھەتلەردە «شاھ دەۋرىدىكىدىنمۇ ناچار» دەپ ئاشكارا تەنقىد قىلدى. ئۇ يەنە خۇمەينىنى ئەركىن مۇنازىرىنى بوغۇپ تاشلاش ۋە جامائەت پىكرىدىن يىراقلىشىپ كېتىش بىلەن ئەيىبلىدى. بۇنىڭغا قارشى خۇمەينى ئۇنى رەھبەرلىك رولىغا ماس كەلمەيدۇ دەپ ۋارىسىلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىدى. بۇ ئەملىيەتتە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ دىمكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق جۇمھۇرىيەتكە ئائىت پىرىنسىپلارنىڭ پەقەت ھاكمىيەتكە ماس كېلىدىغان تەرىپىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئەمما ۋاقتى كەلگەندە ھەرخىل ئېنىقلىما بېرىش ئارقلىق بۇلارنى چەيلەپ ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىران ئىسلام ئىنقىلابى ھۆرلۈك ۋە باراۋەرلىك شۇئارى بىلەن باشلىنىپ ئاخىرىدا، بولۇپمۇ كېيىنكى دەۋىرلەردە شاھتىنمۇ مۇستەبىت بىر ھاكىمىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى. مەسىلەن 1989-يىلى مايدا خۇمەينى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش يىغىنىنىڭ چاقىرىدى. يىغىن 1979-يىلدىكى ئاساسىي قانۇنغا بىر يۈرۈش چوڭ تۈزىتىشلەرنى كىرگۈزدى؛ بۇنىڭ مەقسىتى ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش، رەھبەرنىڭ ھوقۇقىنى ئاشۇرۇش ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئۈستىدىكى دىنىي زاتلارنىڭ كونتروللۇقىنى مۇستەھكەملەش ئىدى.
يەنە كېلىپ ئىدولوگىيە ئۈستىگە قۇرۇلغان تاشقى سىياسىتى ئىران ئىقتىسادىغا قاتتىق زەربە بەردى. بۇ سەۋەبتىن ئىران ئىقتىسادى جەھەتتىن جەھەتتىنمۇ شاھنىڭ دەۋرىدىكى ھالەتكە ھەرگىز يىتەلمىدى. ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش يولىدىكى دىكتاتۇرلۇق كۈنسىرى كۈچىيىپ ماڭدى ۋە نەتىجىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى نۇرمال ھادىسىگە ئايلىنىپ قالدى ۋە ئىران يىلدا ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 1000 ئەتراپىدا كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغان بىر دۆلەتكە ئايلاندى.
ئىران-ئىراق ئۇرۇشى ۋە ئىسلام جۇمھۇرىيتىنىڭ ئۇلىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى
يېڭىلا قۇرۇلغان ئىران ئ.ىسلام جۇمھۇرىيتى ھەم شىئە ئەقدىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان ھەمدە ئىسلامىي بىر سىستىما دەپ تەشۋىق قىلىنغانلىقتىن رايۇنلۇق كۈچلەر ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۇنياۋى كۈچلەرنىڭ قاتتىق دىقىتىنى تارتتى. يەنە كېلىپ خۇمېينى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان جىھادى ھاكىمىيەت دەپ جاكارلىشى ۋە بۇ ئىنقىلابنى رايۇنغا ئېكسپورت قىلماقچى بولۇشى ئىراق باشچىلىقىدىكى سۈنئىي مۇسۇلمان ھاكىمىيەتلەرنىڭ سەزگۈرلىكىنى قوزغىدى. نەتىجىدە ئىران ۋە ئىراق ئارىسىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر ئۇرۇش مەيدانغا كەلدى. بۇ ئۇرۇشنىڭ جەريانىنى ۋە ئىرانغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر ئاز ئارقىغا قايتايلى.
1979- يىلى 22-ئۆكتەبىر، ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغان شاھ داۋالىنىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەتتى. ئىنقىلابچىلار شاھنىڭ بۇ زىيارەتتىن پايدىلىنىپ، ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۇرۇنۇشى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىدىن ئەنسىرىدى. (شاھ بولسا پانامادا پاناھلانغان ئىدى، ئەمما قايتۇرۇپ بېرىلىشتىن ئەنسىرەپ، 1980-يىلى مارتتا تۇيۇقسىز مىسىرغا كەتتى ۋە تۆت ئايدىن كېيىن ئۇ يەردە ۋاپات بولدى.) 1-نويابىر، ئىسلام جۇمھۇرىيتىنىڭ تۇنجى باش مېنىستىرى مەھدى بارزگان ئالجىرىيەدە مۇستەقىللىق بايرىمى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقاندا، پىرېزىدېنت كارتېرنىڭ مىللىي بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى زبىگنيېۋ بژېزىنكى بىلەن كۆرۈشتى. شۇ كۈنى تېھراندا يۈز مىڭلىغان كىشى شاھنى قايتۇرۇپ كېلىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلدى، مەتبۇئاتلار بولسا بارزگاننى ئامېرىكىنىڭ مۇھىم بىر ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئۈچۈن ئەيىبلىدى.
1979-يىلى 4-نويابىردا ئۆزلىرىنى «ئىمام يولىدىكى ئوقۇغۇچىلار» دەپ ئاتىغان بىر تۈركۈم خومېينى تەرەپدارى ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى ئىشغال قىلىپ، 60 تىن كۆپ دىپلوماتىيە خادىمىنى تۇتقۇن قىلدى ۋە شاھنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. 1980-يىلى ئاپرېلدا، ئامېرىكا ئىراننىڭ شەرقىدىكى تاباس يېقىنلىرىغا ئايروپىلان ۋە ئەسكەر چۈشۈرۈپ گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قۇتقۇزۇشقا ئۇرۇندى، ئەمما مەغلۇپ بولدى. 1981-يىلى سېنتەبىردە،ئىران ھۆكۈمىتى غەربىي گېرمانىيەدە ئامېرىكا ۋەكىللىرى بىلەن يوشۇرۇن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. نەتىجىدە گۆرۈگە ئېلىنغان دىپلوماتلار 444 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن 1981-يىلى 20-يانۋار، رونالد رېگان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى سۈپىتىدە قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن پەيتتە قويۇپ بېرىلدى. بۇنىڭ بەدىلىگە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن توڭلىتىپ قويۇلغان 11 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ئىران مەبلىغىنى قويۇپ بەردى. ئامېرىكا يەنە ئىراننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلاشمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ سودىلىشىشنى خومېينى قوللىغۇچىلىرىغا ئامېرىكىدەك دۇنياۋى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچنى باش ئەگدۈردۇق، دەپ تەشۋىقات قىلدى. بۇ تەشۋىقات ئىراندىكى دىنى تەبىقە، مىللەتچى ۋە باشقا «ئىگىلىك ھوقۇق تەرەپدارلىرى» نىڭ قىزغىن ئالىقىشىغا ئېرىشتى.
خومېينى بۇنىڭدىن كىينلا رادىكال سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ ئىنقىلابتىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى دۆلەتتىن تازلاشقا كىرىشتى. جەمىيەتتىكى تازلاشتا بولسا سېكۇلەر مىللەتچىلەر، كومىنىزىمچىلار ۋە سوتسىيالىستلارنىمۇ ئۆز ئىچگە ئالغان سولچى پارتىزانلار ۋە مۆتىدىل دىنىي لىدىرلار تازلاشنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئىدى. تاشقى سىياسەتتە ئىسرائىلىيەنى قانۇنسىز دۆلەت دەپ ئېلان قىلدى ۋە پەلەستىنگە ياردەم قىلىشنى مۇقەددەس بۇرۇچ دەپ جاكارلىدى. ئۇ يەنە پارس قولتۇقىدىكى ئەرەب خەلقىنى ئامېرىكا قوللىغان «قورچاق رېجىملار»غا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىدى ئەمما بۇ چاقىرىق بەك پىسەنتكە ئېلىنمىدى. چۈنكى سۈننىي ئەرەبلەر خومېينىنىڭ ئىنقىلابىنى بىر شىئە ئىنقىلابى دەپ قارىدى. شىئەلىكتىكى ئاخىرقى ئىمام (ئىمام مەھدى) قايتىپ كەلگۈچە سىياسىي جەھەتتە سۈكۈت قىلىش ئەنئەنىۋى قارىشىغا سېلىشتۇرغاندا، خومېينىنىڭ «ۋىلايىتى فىقىھ» تەلىماتى شىئە دىنىي ئالىملىرىنىڭ ئىمام مەھدىغا ھەقىقىي ۋەكىللىك قىلالايدىغانلىقىنى ۋە ئۇ قايتىپ كەلگۈچە كۈندىلىك سىياسىي-مەمۇرىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ خىل دىنىي ئىزاھات سۈننىي ئەرەبلەر ئۈچۈن جەلپكار ئەمەس ئىدى. چۈنكى سۈننىي جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي تەرتىپى تارىختىن بىرى خەلىپىلەر تەرىپىدىن، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بولسا پادىشاھلار، شەيخلەر، ئەمىرلەر ۋە تۈرلۈك دىكتاتورلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ كەلگەن ئىدى.
ئەمما خومېينىنىڭ «ۋىلايىتى فىقىھ» تەلىماتى ۋە ئىراندا بۇ تەلىمات ئاساسىغا قۇرۇلغان بىر ئىسلام جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرۇلۇشى شىئەلەر ياشايدىغان (ئاز ياكى كۆپ بولسۇن) ئەرەب دۆلەتلىرىنى قاتتىق ئەنسىرەتتى. ئۇلار ئىراقنى بۇ «شىئە تەھدىدى» گە قارشى بىر مۇداپىئە قورغىنى سۈپىتىدە قوللاندى.
ئىراق پىرېزىدېنتى سادام ھۈسەيىن خۇمەينى رېجىمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ۋە ئىراندا تېخىمۇ دوستانە بىر ھۆكۈمەت قۇرۇشنى نىيىتى بىلەن 1980-يىلى 22-سېنتەبىر قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن ئىرانغا كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. يېڭى ئىسلام جۇمھۇرىتىنى بۆشىكىدە ئوجۇقتۇرلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. ئەمما قىززىقارلىق بولغىنى بۇ ئۇرۇش ئەمەلىيەتتە بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۇلىنى چىڭىتتى ۋە قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى. خومېينى ئىراققا قارشى جىھاد ئېلان قىلدى. ھەتتا 12-16 ياش ئارسىدىكى مىڭلىغان ياشلارنىڭ قولىغا تەيۋەندىن (بەزى مەنبەلەردە خىتايدىن) سېتىۋالغان (مەنبەلەردە 500 مىڭ ئەتراپىدا دېيىلگەن) پىلاستىك ئاچقۇچنى «جەننەتنىڭ ئاچقۇچى» دەپ تۇتقۇزۇدى ۋە ئالدىنقى سەپكە جەڭگە ۋە مىنا تازلاشقا ئەۋەتتى. بۇ ياشلار شىھىد بولغاندا «جەننەتنىڭ ئاچقۇچى» بىلەن جەننەتنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچاتتى ۋە ھەتتا ئائىلىسىنىمۇ ئۆزى بىلەن ئېلىپ جەننەتتە ياشايتى.
بۇ جىھاد چاقىرىقلىرىغا قوشۇلۇپ شاھ دەۋرىدىن قېپقالغان زامانىۋى قوراللار ئىراق بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. مەسىلەن شاھتىن F-14 كۆرەشچى ئايروپىلاندىن 79 ى قېپقالغان بولۇپ ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى ئالتە ئېيىدا ئاز دېگەندە 50 ئايروپىلان ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇلدى ۋە ھاۋا ئۇرشىدا ئىراقنى مەغلۇپ قىلدى. ئىران بولسا پەقەت بىرلا ئايروپىلان زىيان تارتتى. 1982-يىلى ئەتىياز ۋە ياز ئايلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر يۈرۈش ھۇجۇملار نەتىجىسىدە، ئىران ئىراق كۈچلىرىنى ئىران زېمىنىدىن تولۇق قوغلاپ چىقاردى. يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى بەزىلەر چېگرادىن ئۆتۈپ ئىراققا كىرىشنى ۋە سادام ھۈسەيىن ئاغدۇرۇلغۇچە ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى؛ يەنە بەزىلەر ھەربىي ھەرىكەتنى ئىران چېگرىسىدا توختىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىراققا كىرىش تەرەپدارلىرى غەلىبە قىلىپ، ئۇرۇشنى يەنە بەش يىل ئۇزارتتى. ئىران كۈچلىرى 1983-يىلدىكى ھۇجۇملاردا ئىراق زېمىنىنىڭ بىر قىسمىنى ئىگىلىدى، 1985-يىلى ئىستراتېگىيەلىك بەسرە-باغداد تاشيولىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا ئاز قالدى. 1987-يىلى يانۋاردا، ئىران ئۆزىنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ياخشى تەييارلانغان «كەربالا 5» ھەرىكىتى ئارقىلىق پورت شەھىرى بەسرەگە ئېغىر تەھدىت سالدى. بىراق، ئىرانلىقلار مۇتلەق غەلىبىگە ئېرىشەلمىدى. سادام ھۈسەيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە فرانسىيەدىن سېتىۋالغان ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ئۆچ ئېلىش خاراكترلىك قايتۇرما ھوجۇمغا ئۆتتى. ئىراننىڭ نېفىت ئەسلىھەلىرىنى بومباردىمان قىلدى ھەمدە ئىران شەھەرلىرىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە بومبا ھۇجۇمى باشلىدى. ئۇ يەنە ئىران قوشۇنلىرىغا قارشى زەھەرلىك گاز ئىشلەتتى.
ئىراننىڭ 1987-يىلى يانۋاردىكى ھۇجۇمى خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە شۇنداقلا يەنە ئامېرىكىدىن سېتىۋالغان قوراللار بىلەن مۇمكىن بولغان ئىدى. رېگان ھۆكۈمىتى 1985-1986-يىللىرى نىكاراگۇئادىكى كوممۇنىزمغا قارشى كۈچلەرنى پۇل بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ئىرانغا 2000 دىن ئارتۇق تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ زاپچاسلىرىنى ساتقان. ئىران باشتا سۆزلەپ ئۆتكەن « گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى ئالماشتۇرۇش» كېلىشىمى بىلەن ئىران ۋە ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدا ئالاقە ئورناتقان ۋە بۇ قوراللارنىڭ ئىرانغا سېتىپ بېرىلىشى ئەمەلىيەتتە بۇ ئالاقىنىڭ مەھسۇلى ئىدى. ئىران يەنە لىۋاندا گۆرۈگە ئېلىنغان ئۈچ ئامېرىكىلىقنى قويۇپ نەردى. بىراق، 1986-يىلى نويابىردا لىۋاننىڭ بىر ھەپتىلىك گېزىتىدە ئاشكارىلانغان بۇ مەخپىي كېلىشىم، ئىران ۋە ئامېرىكىدا زور تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى ۋە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن بولمىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئىراننىڭ ئىراق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىنىڭ ئەرەب ئىتتىپاقداشلىرىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىدىن ئەنسىرىگەن رېگان ھۆكۈمىتى يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، سادام ھۈسەيىنگە ئاخبارات، ئىقتىسادىي ياردەم، بەزى قوراللار ۋە دىپلوماتىك جەھەتتىن مەدەت بېرىشكە باشلىدى. 1987-يىلى ئىيۇلدا، ئامېرىكىنىڭ زور بىر تۈركۈم ئۇرۇش پاراخوتلىرى ۋە ئاۋىئاماتكىلىرىنىڭ يېتىپ كېلىشى، شۇنداقلا ئىران خەلقئارا قورال بازىرىدىن دېگۈدەك چەكلىنىپ قالغان بىر پەيتتە سادام ھۈسەيىننىڭ قوراللىنىش ئىقتىدارى، ئۇرۇش ۋەزىيتىنى ئىرانغا قارشى ھالەتكە ئۆزگەرتىۋەتتى. 1988-يىلى ئاپرېل بىلەن ئىيۇل ئارىسىدا، ئامېرىكىنىڭ مەخپىي ياردىمى بىلەن، ئىراق كۈچلىرى ئىران قوشۇنلىرىنى ئىراق زېمىنىدىن قوغلاپ چىقاردى ۋە ئىران زېمىنىنىڭ بىر قىسمىنى ئىگەللىۋالدى. 1988-يىلى 18-ئىيۇلدا، ئىران ئاخىرى ب د ت نىڭ ھازىرقى ئورۇندا ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلغان 598-نومۇرلۇق قارارنامىسىنى قوبۇل قىلدى. خۇمەينى بۇ قارارنى «مەن ئۈچۈن زەھەر ئىچكەندىنمۇ ئۆلۈمچى (ئاچچىق)» دەپ تەسۋىرلىدى.
تەخمىنەن بىر مىليون ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ۋە سەككىز يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ئۇرۇش، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىكى تۇتقۇن كىرىزىسى بىلەن بىرلىشىپ، ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە بولغان قوللاشنى ئاشۇردى؛ بۇ قوللاش بولسا خومېينىنىڭ ئۆز رېجىمىنى مۇستەھكەملىشىگە ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئۆكتىچىلەرنى يوقىتىشىغا ياكى سۈكۈتكە مەجبۇرلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقان 1988- يىلىدا بولسا ئىران ھەم خومېينىنىڭ ئىدولوگىيەسى بىلەن قوراللانغان ھەم ئۇرۇشتىن پىشىپ چىققان كۈچلۈك ئىنقىلابى بىر ھەربىي قوشۇنغا ئېگە بولدى. بۇ قوشۇن ئەلۋەتتە كەلگۈسىدە خومېينى ۋە ئىز باسارلىرىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلاتتى. ئىران يەنە ئىسلام ئىنقىلابنى چېگرا سىرتىغا يېيىپ لىۋاندىكى شىئە سىياسىي ۋە ھەربىي تەشكىلات بولغان «ھىزبۇللاھ»نى يېتىشتۈرۈپ چىقىتى؛ بۇ تەشكىلات ئىسرائىلىيەگە تاقابىل تۇرۇش شۇئارى بىلەن تەرەققىي قىلدى ۋە كېڭەيدى.
پايدىلانغان مەنبەلەر
- Abrahamian, E. (2013). The coup: 1953, the CIA, and the roots of modern U.S.-Iranian relations. The New Press
- Abrahamian, Ervand. 2009. «Mass Protests in the Islamic Revolution, 1977–79.» in Civil Resistance and Power Politics: The Experience of Non-violent Action from Gandhi to the Present, edited by A. Roberts and T. G. Ash. Oxford: Oxford University Press
- Afkhami, Gholam-Reza (2009). The Life and Times of the Shah. University of California Press
- Amanat, Abbas, (2017). Iran: A Modern History. Yale University Press
- Ansari, A. M. (2001). The Myth of the White Revolution: Mohammad Reza Shah, “Modernization” and the Consolidation of Power. Middle Eastern Studies, 37(3), 1–24. http://www.jstor.org/stable/4284172
- Ansari, A. M. (2007). Modern Iran: The Pahlavis and after. Pearson Longman
- Bonakdarian, M. (2006). Britain and the Iranian Constitutional Revolution of 1906–1911: Foreign policy, imperialism, and dissent. Syracuse University Press
- Curtis, G. E., & Hooglund, E. (Eds.). (2008). Iran: A country study (5th ed.). Library of Congress
- Dunn, J. P. (2023). Iranian Revolution. EBSCO Knowledge Advantage. https://www.ebsco.com/research-starters/history/iranian-revolution
- Elhan, N., & Karaoğlu, O. (2022). Uluslararası Dostluk Çerçevesinde Türkiye-İran İlişkileri: Mustafa Kemal Atatürk ve Rıza Şah Pehlevi. İran Çalışmaları Dergisi, 6(2), 203-226. https://doi.org/10.33201/iranian.1179401
- Filseth, T. (2022, January 1). How America’s F-14 Tomcats saved Iran from destruction. The National Interest. https://nationalinterest.org/blog/reboot/how-americas-f-14-tomcats-saved-iran-destruction-198710
- Katouzian, H. (2009). The Persians: Ancient, mediaeval and modern Iran. Yale University Press
- Kinzer, S. (2003). All the Shah’s men: An American coup and the roots of Middle East terror. John Wiley & Sons
- Milani, A. (2011). The Shah. Palgrave Macmillan
- Yergin, D. (2008). The Prize: The epic quest for oil, money & power. Free Press
- Sciolino, E. (2005). Persian mirrors: The elusive face of Iran. Free Press
- Zhou, J. The party that toppled a dynasty and changed the Middle East forever. Young Diplomats Society, https://www.theyoungdiplomats.com/post/the-party-that-toppled-a-dynasty-and-changed-the-middle-east-forever
- Mohammed Nuruzzaman, (2019). The Iranian Revolution at 40: Shifting Grounds, Continuing Resilience, E-International Relations, https://www.e-ir.info/2019/03/14/the-iranian-revolution-at-40-shifting-grounds-continuing-resilience/
