ئالدىنقى خىتاي ھەققىدىكى يازما ئېلان قىلىنغاندىن كىين بەزىلەر ئايرىم ئالاقىلىشىپ يېزىلغانلارنىڭ تولۇق ئەمەسلىكى، بۇنداق بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقى ياكى ئەھۋال بۇنداق بولسا قانداق قىلىش كېرەكلىكى دېگەندەك بىر قاتار سوئاللارنى سورىدى. مەن ئۇلار بىلەن قىسقىچە قىلىپ بۇ خىل پەرەزلەرگە قانداق قاراش كېرەكلىكىنى ھەققىدىكى كۆز قارىشىمىنى ئورتاقلاشتىم.
«ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر سالىدىغان ئالاھىدە سانى 1986-يىلدىن بۇيان ھەر يىلى نويابىردا نەشر قىلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ 2025- يىلى 40- سانى ئېلان قىلىندى. بۇ سان، كېيىنكى يىلى دۇنيانى شەكىللەندۈرىدىغان يۈزلىنىشلەر، باش تېمىلار ۋە شەخسلەر ھەققىدە ئانالىز قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، كەلگۈسىنى توپتوغرا تەخمىن قىلىشنىڭ فورمىلاسى بولمىغاچقا، بەزىلىرى خاتا چىقىدۇ. مەنچە ژۇرنالنىڭ بۇ سانى ھەققىدە بىلىشكە تېگىشلىك بولغان ئەڭ مۇھىم مەسىلە، 1) بۇلارنى قارسىغا قىلىنغان پەرەز دەپ چۈشەنمەسىلىك، 2) چوقۇم موشۇلار دېگەندەك بولىدىكەن دەپ چۈشەنمەسلىك ، 3) بۇ پەرەزلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئۇچۇر، تەھىلىل، ئادەم، تېخنىكا، ئىقتىساد ۋە ئۇزۇن يىللىق ئەقىل ۋە تەجىرىبىنىڭ بىرىكىمى ئىكەنلىكىنى بىلىش، شۇڭلاشقا ئىلمىي ۋە پايدىلىنىش قىممىتى بارلىقىنى چۈشىنىش لازىم.
ژۇرنال ھەر قېتملىق سانىدا بۇلتۇرقى \ ئالدىنقى يىلدىكى «پەرەز» لىرىدە نېمىلەرنىڭ توغرا چىقمىغانلىقى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىدۇ. 2026- يىللىق سانىدا بولسا ئۆتكەن 40 يىل ھەققىدە خۇلاسە خاراكتىرىدە توختىلىپتۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەخمىنلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشغا پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن بۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ قوياي. تۆۋەندىكىسى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە دېگەنلىرى.
———
2026-يىلىغا نەزەر سېلىش ئالدىدا، ئۆتكەن 39 يىللىق سانلىرىمىزنى كۆزىتىش ئارقىلىق ئېرىشكەن بەزى نەتىجىلەرنى ئورتاقلاشماقچىمىز.
خاتالاشقان يەرلىرىمىز
شۇنداق، بىز نۇرغۇن ئىشلاردا خاتالاشتۇق. 2005-يىلى نەشر قىلىنغان 20-سانىمىزدا، تارىخشۇناس نايل فېرگۇسوننى (Niall Ferguson) بىزنىڭ ئاپتورلىرىمىزنىڭ پەرەزلىرىگە باھا بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق. ئۇ سىياسەت ۋە ئىقتىسادنىڭ داۋالغۇپ تۇرىدىغان تەبىئىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، «ئەگەر ئۇلار ھەمىشە توغرا پەرەز قىلغان بولسا، بۇ خۇددى ھەمىشە خاتا پەرەز قىلغاندەكلا كىشىنى بىئارام قىلدىغان بىر ئىش بولاتتى،» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ بىزنىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ يىمىرىلىشىنى ۋە يۇگوسلاۋىيەنىڭ پارچىلىنىشىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلمىگەنلىكىمىزنى تىلغا ئالدى. شۇنداقلا، بىزنىڭ 1990-يىللارنىڭ بېشىدا خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە ۋە شۇ ئون يىللىقنىڭ ئاخىرىدىكى ئىنتېرنېت دولقۇنىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىگە ھەددىدىن زىيادە ئۈمىدسىز قارىغانلىقىمىزنىمۇ سۆزلەپ ئۆتتى. بىز 1990-يىللاردا فىدېل كاستىرونىڭ ھاكىمىيەتتىن چۈشىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا پەرەز قىلدۇق (ئەمەلىيەتتە ئۇ 2008-يىلغىچە كۇبا پرېزىدېنتى بولۇپ تۇردى). كېيىنكى 20 يىللىقىمىزدا، بىز 2008-يىلدىكى يەرشارى پۇل-مۇئامىلە كرىزىسى، 2020-يىلدىكى كوۋىد يۇقۇمى (خىتايدىن تارقالغان ۋىرۇسنى دېمەكچى) ۋە 2022-يىلدىكى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى قاتارلىق چوڭ ۋەقەلەرنى ئالدىن پەرەز قىلالمىدۇق.
توغرا پەرەزلىرىمىز
بىراق، بىز نۇرغۇن ئىشلارنى توغرا پەرەز قىلدۇق. 1988-يىلىلا شەرقىي گېرمانىيەدە داۋالغۇش بولىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلدۇق ۋە بېرلىن تېمى 1989-يىلى ئۆرۈلدى؛ 1989-يىلى توني بلېيىرنى كەلگۈسىنىڭ پارلاق چولپان دەپ تونۇدۇق؛ 1998-يىلى جورج بۇشنى ئامېرىكىنىڭ كېيىنكى پرېزىدېنتى بولىدىغانلىقىنى توغرا پەرەز قىلدۇق. 2000-يىلى نەشر قىلىنغان 2001-يىللىق سانىمىزدا، «ياشاشقا ئەڭ ناچار دۆلەت قايسى؟» دېگەن سۇئال ھەققىدە ئافغانىستاننى كۆرسەتتۇق. چۈنكى ئۇ يەر ئاچارچىلىق، قۇرغاقچىلىق، كېسەللىك ۋە ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى، شۇنداقلا بىز ئامېرىكىنىڭ ئۇساما بىن لادىن ئىسىملىك تېررورچىغا پاناھلىق بەرگەنلىكى ئۈچۈن بۇ دۆلەتكە نەپرەت بىلەن قارايدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن ئىدۇق. تېخنىكا ساھەسىدە، 2004-يىلىلا كارمىرالىق تىلىفۇنلارنىڭ كۆپىنچە كىشىلەر ئۈچۈن رەقەملىك كامېرالارنىڭ ئورنىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتۇق؛ بىز قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ۋە سۈنئىي ئەقىل (AI) گە ئۇزۇندىن بۇيان ئىشەنچ بىلەن قاراپ كەلدۇق. 2019-يىلى نەشر قىلىنغان 2020-يىللىق سانىمىزدا، Openai ناملىق ئەينى ۋاقىتتا تېخى نامى چىقمىغان بىر يېڭى شىركەت ياسىغان GPT-2 ناملىق سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسى بىلەن «سۆھبەت» ئۆتكۈزدۇق. بۇ AI مودېلى پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك سايلامدا ئۇتتۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى توغرا پەرەز قىلدى . (مەن ئىسمىدە قالغان بۇلار توغرا پەرەز قىلغان بىر قانچە تېمىنى قوشۇپ قوياي. تەيۋەندە سەي يىڭۋىننىڭ سايلامدا غەلبە قىلىدىغانلىقىنى توغرا تاپقان. ترامپ بىلەن بايدىن ئەمەس بەلكى بىر ئايال كىشىنىڭ – كامالانىڭ ئىسمىنى دېمىگەن- سايلام رىقابىتىگە چۈشىدىغىنىنى توغرا پەرەز قىلغان. يۇقىرىدا 2020- يىلىدىكى ۋىرۇسنى توغرا تاپالمىدۇق دەپتۇ، ئەمما بۇ ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسدىكى رەسىملەرگە قاراپ تۈركىيەدىن بىرى كېلەر يىلى ۋابا بولۇشىنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئانالىز قىلغان. )
سۇيىقەست نەزەرىيەلىرى (كومپلو تېئورىيلىرى) ۋە بىزنىڭ ئىنكاسىمىز
بىزنىڭ پەرەزلىرىمىز مەيلى قانچىلىك توغرا ياكى خاتا بولسۇن، بەزى كىشىلەر بىزنى «ھەممىنى يوشۇرۇن بىلىدۇ» دەپ قارايدۇ. يىللاردىن بۇيان، تور دۇنياسىدىكى سۇيىقەست نەزەرىيەچىلىرى ژۇرنىلىمىزنىڭ مۇقاۋىسىغا ئىنچىكىلىك بىلەن قاراپ، ئۇ يەردىن يوشۇرۇن بەلگە، ئۇچۇر ۋە مەنىلەرنى ئىزدەپ كەلدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، «ئىللۇمىناتى» (Illuminati) ياكى دۇنيانى يوشۇرۇن كونترول قىلىدىغان باشقا بىر گۇرۇپپا، بىزدىن كېلەر يىلى نېمە بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى مۇقاۋىمىزغا پەقەت « ئىللۇمىناتىلار»لا ئوقۇيالايدىغان يىپ ئۇچى شەكلىدە يوشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن. ئەلۋەتتە، بۇ پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ — مۇقاۋىدىكى رەسىملەر بىلەن ژۇرنال ئىچىدىكى ماقالىلەر ئارىسىدا ئاددىي ۋە بىۋاسىتە مۇناسىۋەت بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەگەر بىز ھەقىقەتەنمۇ كېلەر يىلى نېمە بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن بولساق، نېمىشقا خاتالاشقان بولاتتۇق؟ سۇيىقەست نەزەرىيەچىلىرى بۇ ھەقتە يەنە «ھە، بۇ ئۆز ئىزىڭلارنى يوقىتىش ئۈچۈن قىلىنغان ھىيلە،» دەيدۇ. بۇ بىز ھەرگىز غەلىبە قىلالمايدىغان بىر مۇنازىرە بولغاچقا، بىز ئۇنىڭغا ئارىلىشىپ ئولتۇرمايمىز. لېكىن، سۇيىقەستچىلەرنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن، بەزىدە قەستەن بىر-ئىككى سىرلىق بەلگە ياكى دىققەتنى بۇرىۋېتىدىغان ئالدامچى ئىشارەتلەرنى مۇقاۋىمىزغا قوشۇپ قويىدىغىنىمىز راست.
تارىخقا نەزەر ۋە خۇلاسە
كەلگۈسىنى مۆلچەرلەيدىغان يىللىق ژۇرنال ئىدىيەسى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا، «ئىقتىسادشۇناس»تىكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارىغان ئىدى، پەقەت بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەك ئاز ساندىكى كىشىلەرلا دەسلەپكى بىر قانچە سانغا ماقالە يېزىشقا قوشۇلغان. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن خىزمەتداشلىرى بۇ ئىشقا ئىشەنچ قىلمىغان ۋە «بۇ پۈتۈنلەي مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ» دەپ پەرەز قىلىشقان ئىدى. ئەمما 40 يىللىق مۇساپىمىز ھېچ بولمىغاندا، ئۇلارنىڭ بۇ پەرىزىنىڭ قالتىس دەرىجىدە خاتا بولۇپ چىققانلىقى ئىسپاتلاندى.
