كۈرشاد
(ئاپتورنىڭ بۇ يازمىدا ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشلىرى پەقەت ئۆزىگە ئائىت بولۇپ ،ئۆتۈكەن سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ كۆز قارىشى ياكى مەيدانىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى ناتايىن.)
سۈرىيەدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلۇپ، يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغان بىر يىل مابەينىدە رايوندا ۋە خەلقئارادا كۆپ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. لېكىن، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى — ئۇيغۇرلار يەنىلا گىراژدانلىقى يوق ھالەتتە، «چەتئەللىك جەڭچى» دېگەن قالپاقتا يېڭى سېستېمىغا تولۇق ئۆزلىشىپ بولالمىدى. چەتئەللىك مۇخبىرلار، تەتقىقاتچىلار ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەرنى زىيارەت قىلغان، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان سىرتقى دۇنيا بىلەن كۆپ ئالاقىسى بولمىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ھاياتلىرىدىن بەزى كارتىنلار دۇنيا مېدىياسىدا كۆرۈنگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كېلەچىكى ھەققىدىكى سوئاللارغا تېخىچە جاۋاب تېپىلغىنى يوق. سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىچىدىمۇ بۇ ھەقتە ئېنىق قاراش بار-يوقلىقىنى بىلمەيمىز.
سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە بىر رول ئوينىيالامدۇ؟ يېڭى ھۆكۈمەت دۆلەتلىشىش ۋە قايتىدىن روناق تېپىش يولىدا پۇرسەت ئىزدەۋاتقان، غەربنىڭ ئامبارگولىرىدىن قۇتۇلۇپ ئېغىر ئىقتىسادىي كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقان، خىتاينىڭ دىپلوماتىك ئىتراپ قىلىشى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشىغا ئىھتىياجى بولىۋاتقان ياكى بولىدىغان، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سۈرىيەلىكلەر يۇرتىغا تۈركۈم-تۈركۈملەپ قايتىۋاتقان ھازىرقى ۋەزىيەتتە، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار نېمە قىلىشى لازىم؟ خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارزۇسى بولغان، دۇنياغا ۋە رايونغا سۈرىيەدىكى چەتئەللىك جەڭچىلەرنى ياخشى «كونترول» قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىمتىيازلىق نوپۇزى يەنە قانچىلىك داۋاملىشىدۇ؟
پۈتۈن بۇ سوئاللارنىڭ ئېنىق بىر جاۋابى بولۇشى ناتايىن. توغرا جاۋابى بولۇشى تېخىمۇ ناتايىن. لېكىن بۇ سوئاللار سۈرىيەدىكى قېرىنداشلار جىددى ئويلىشى كېرەك بولغان ۋە ئېنىق ئىستراتېگىيە بىلەن يىراقنى كۆزلىگەن ئاساستا كونكرېت پىلان تۈزمىسە بولمايدىغان سوئاللاردۇر. شۇنىسى ئېنىقكى، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىنچى نىشانى، ھەممىدىن بۇرۇن سۈرىيەلىك ئۇيغۇر بولۇشتۇر. بۇ پەقەت ۋە پەقەت سۈرىيە گىراژدانلىقى بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. يېڭى ھۆكۈمەت تېخىمۇ سېستېمىلىق ھالەتكە ئۆتۈپ بولغاندا، تېخىمۇ توغرىسى رېلىسقا كىرىپ بولغاندا، بۇ ئىش تېخىمۇ تەسلىشىدۇ. قانداقلا ئىستراتېگىيە ياكى پىلان بولسۇن، ئەڭ ئاۋال ئۇيغۇرلارنىڭ گىراژدانسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى، خىتاينىڭ بىۋاستە تەھدىت سېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇلىشىنى تەلەپ قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ئىككىنچى مۇھىم مەسىلە بولسا، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار چەتئەل دۆلەتلىرىگە ياكى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرىنى تونۇتۇش ياكى ئېتىراپ قىلدۇرۇشتىن بۇرۇن، سۈرىيە خەلقىگە ئۆزلىرىنى، خىتايدىن نېمە ئۈچۈن ھىجرەت قىلغانلىقىنى ۋە يېڭى سۈرىيەنىڭ قۇرۇلۇشىدا قانداق بەدەل تۆلىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشى ۋە جەمئىيەتتىكى مەشرۇئىيىتىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.
ئۇيغۇرلار ياشىغان مەھەللىلەردىكى ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى تەگكەن سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق قارىشىدىن بەكرەك، ئۇيغۇرلارنى بىلمەيدىغان، ئاڭلاپ باقمىغان ياكى «بۇ چەتئەللىكلەرنىڭ بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە نېمە ئىشى بار؟» دەيدىغان سۈرىيەلىكلەر بىلەن ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىشى كېرەك. سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار پىرىزىدېنت شاراگە ھەر قانچە ئىشەنسىمۇ، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي كۈچى بولغان بىر دىئاسپورا بولۇش ئۈچۈن، خەلقنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشى ۋە شارا تەرىپىدىن ئالاھىدە مۇئامىلە كۆرۈشى، يەرلىك خەلقىنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
يۇقىرىقى ئىككى مەسىلە ھەل بولغاندىن كېيىن، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۇزۇن مەزگىلدە دۇنيادىكى بىردىنبىر ھەربىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي كۈچى بولغان دىئاسپورا بولۇش ئېھتىماللىقىغا ئىگە. مەسىلەن، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي كۈچى بار، لېكىن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچى يوق. شۇڭلاشقا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ئىچكى سىياسەت سەۋىيەسىدە قالماقتا، ھەتتا سىياسىي پارتىيەلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان سىياسىي كوزۇرغا ئايلىنىپ قالماقتا. بۇنىڭ بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىچكى ياكى تاشقى سىياسىتىدە مۇھىم رول ئوينىيالمايۋاتىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى بار، لېكىن ھەربىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي كۈچى يوق. ئەركىن ۋە بەھۇزۇر ھالدا ياشاۋاتقان، ھەتتا چوڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسىمۇ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ياكى تاشقى سىياسىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرى ئىنتايىن ئاز. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چەكلىك سىياسىي كۈچى بار دېيىش مۇمكىن. لېكىن، ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە ئىجتىمائىي كۈچى يوق. ئۆتكەن ئون يىلدا ئامېرىكىنىڭ خىتايغا يۈرگۈزگەن سىياسىتىدە ئۇيغۇرلار مۇھىم رول ئوينىدى. لېكىن، باشقا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەپلەردىكى كۈچى ئاجىز بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى سىياسىي داۋالغۇشتا ئەڭ چوڭ تەسىرگە ئۇچرىغان گۇرۇپپىلاردىن بىرى بولۇپ قالدى. «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى»نىڭ تاقىلىشى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا بېرىلگەن فونلارنىڭ كېسىلىشى قاتارلىق مىساللار بۇ ئاجىزلىقلارنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. لېكىن ئەگەر سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر پارچىسى بولغان ھالدا ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداپ قالالىسا ۋە تەرەققىي قىلالىسا، بەلكىم ئون يىلدىن كېيىن پەقەت سۈرىيەنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن رايوننىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق رول ئوينىيالايدىغان مۇھىم كۈچ بولالايدۇ.
بۇ ئېھتىماللىقتىن بىرىنچى بولۇپ خىتاي، ئىككىنچى بولۇپ سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئەنسىرەيدۇ. خىتاي بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن ئەنسىرىسە، سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر توسالغۇ بولۇپ داۋاملىشىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. بۇنداق شارائىت ئاستىدا، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئېھتىياتچانلىق بىلەن قەدەم ئېلىشى كېرەك.
خىتاي سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشرۇئىيەت قازىنىشىنى خالىمايدۇ. چۈنكى، «چەتئەللىك جەڭچى» قالپىقىدىكى «تېرورىست» ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەر قانداق يىغىن، ئىمزالىنىدىغان ھەر قانداق كېلىشىمدە، سۈرىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنى «كونترول» قىلىشى، خىتايغا بىۋاستە زىيان ئېلىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى شەرت قىلىنىشى مۇمكىن. خىتاي سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى پارچىلاش، ۋەتەندىكى ئائىلىلىرى ئارقىلىق كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇش، تىجارى مەنپەئەت سۇنۇش قاتارلىق تاكتىكىلار بىلەن كۈچلۈك دىئاسپورا بولۇپ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن، سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش چەتئەللىك جەڭچىلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، دۆلەتلىشىش جەريانىنى تاماملىيالمايدۇ. يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ كۈچنى قولغا ئالغانلىقىنى، سۈرىيە تېرىتورىيەسىدىكى «مەشرۇ زوراۋانلىقنى ئىشلىتەلەيدىغان بىردىنبىر كۈچ»نىڭ سۈرىيە دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالماي تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرنى ئېتىراپ قىلىشقا، مەبلەغ سالغۇچىلارنى بولسا كاپىتالىنى ئېلىپ كىرىشكە قايىل قىلالمايدۇ. شۇنداقلا دۆلەتتىكى يەككە كۈچنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرماي تۇرۇپ، سۈرىيەدىكى بىخەتەرلىك ۋە پاراۋانلىقنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش كۈچلۈك سىياسىي غايىسى بولغان ۋە خىتاينى دۈشمەن بىلگەن قوراللىق كۈچ، يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن يېقىن كەلگۈسىدە چوڭ باش ئاغرىقى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئېھتىماللىقى كۈچلۈك.
ئۇرۇشتا ساق قېلىش ئەلەم ۋە كۈچكە باغلىق بولسا، تىنچلىقتا روناق تېپىش قەلەم ۋە ئەقىلگە باغلىق. سۈرىيەلىك ئۇيغۇرلار ئون نەچچە يىل سوزۇلغان ئىچكى ئۇرۇشتا ھايات قالدى ۋە بۈگۈنگە كەلدى. ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا ئىسپاتلىدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى جەرياندا، ئەقلىنى ئىشلىتىپ روناق تېپىشى، توغرا ئىستراتېگىيە بىلەن كۈچلۈك سۈرىيە ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.
ۋە ئەلۋەتتە، يۇقىرىدا دېيىلگەن ھەر ئېھتىماللىق سۈرىيەدىكى ئىچكى قالايمىقانچىلىقنىڭ ئاخىرلىشىپ، قايتا ئۇرۇش باشلانمىغان ئەھۋالنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئەگەر سۈرىيە قايتىدىن قالايمىقانلاشسا، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار تېخىمۇ كۆپ ئېنىقسىزلىقلار ئىچىدە قېلىشى مۇمكىن…
چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەيران قېلىشى، ئالقىشلىشى ۋە خىتاي سىياسىتىگە قىزىققان مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولۇشى، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى غەلبە قىلغاندەك ھېسسىياتقا ئېلىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، خەلقئارالىق ۋەزىيەت ۋە سۈرىيە سىياسىتىنى چۈشىنىدىغان كۆزلەر ئۈچۈن ئېنىق بولغىنى — ئۇلار ئۈچۈن ھەقىقىي ئىمتىھاننىڭ ئەمدى باشلانغانلىقىدۇر. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ نىشانى، مەۋجۇت ئەمەلىي كۈچى، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە يۆنىلىشى ۋە خەلقئارانىڭ سىياسىي ئاتموسفېراسىنى چۆرىدىگەن ھالدا SWOT ئانالىزى ئېلىپ بېرىشى ۋە بۇ ئاساستا جىددى ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ چىقىشى لازىم.
