
ئاپتور لى زۇڭۋۇ (李宗吾) ھەققىدە
لى زۇڭۋۇ 1879-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسى فۇشۈن ناھىيەسىيدە تۇغۇلۇپ 1943-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 64 يېشىدا ئۆلگەن. خىتايچە مەنبەلەردە ئۇ خىتاي يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان مۇتەپەككۇرى ۋە مائارىپچىسى دەپ ئاتالغان.لى زۇڭۋۇ 1903-يىلى سىچۈەندە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، تۇڭمېڭخۇي جەمئىيىتىگە قاتناشقان. ئۇ ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە سىچۈەن ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتىنىڭ مائارىپ نازارەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
لى زۇڭۋۇ تۇغۇلغاندا بۇ ئىسمى بىلەن ئاتالمىغان؛ ئۇ ياشلىقىدا شىكەي (世楷) دەپ ئاتالغان بولۇپ، لەقىمى زۇڭرۇ (宗儒) ئىدى. بۇ ئىسىم ئۇنىڭ دەسلەپتە ئۆزى ئۈچۈن رۇجىياچىلىقنى يەنى كۇڭزىچىلىقىنى ئۈلگە قىلىش نىيىتىنى بىلدۈرەتتى. بىراق، چېڭدۇدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، كۇڭزى تەلىماتىدا نۇرغۇن كەمچىلىكلەر بارلىقىنى تونۇپ يەتكەن. نەتىجىدە، ئۇ كۇڭزىغا قارىغۇلارچە ئەگىشىشنىڭ ئورنىغا، ئۆزىنى-ئۆزى ئۈلگە قىلىش (يەنى ئۆزىگە ئىشىنىش) ئەقىلگە مۇۋاپىق دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن ۋە ئىسمىنى «زۇڭۋۇ»(宗吾) يەنى« ئۆزىگە ئەگىشىش/ئۆزىنى ئۇستاز تۇتۇش» قا ئۆزگەرتكەن.شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ « قەدىمكىلەرنىڭ كىتابىنى ئوقۇغاندا چوقۇم گۇمان بىلەن قاراش، تارىخ ۋە جەمئىيەتكە مۇستەقىل ئىدىيەۋى روھ بىلەن نەزەر سېلىش» كېرەك دېگەن ئىدىيەگە كەلگەن. ئۇ «زۇڭۋۇ» دېگەن ئىسىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئىدىيە مۇستەقىللىقى بايرىقى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئىدىيەۋى مۇستەقىللىق ئۇنىڭ تارىخ ۋە جەمئىيەتكە تەرەپسىز، گۇمانىي ۋە تەنقىدىي نەزەردە قارىشىغا سەۋەب بولغان. مۇشۇ خىل تەپەككۇر ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇ «يىگىرمە تۆت تارىخ» ۋە سۇڭ، يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىسى ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى كەمچىلىكلەر ھەم زىددىيەتلەرنى بايقىغان.
ئۆزىگە بولغان قاراش ۋە ئۇسلۇب
لى زۇڭۋۇ ئۆزىنى پەقەت بىر يازغۇچىلا ئەمەس، بەلكى يېڭى بىر ئىدىيە تەرىقىتىنىڭ (家 school) ئاساسچىسى دەپ قاراپ، ئۆزىنى «قىلىن-قارا تەرىقىتىنىڭ پىرى»(厚黑教主) دەپ ئاتىغان. گەرچە ئۇ «قىلىن-قارا» (يۈز قېلىنلىق ۋە كۆڭلى قارىلىق) پرىنسىپلىرىنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، يېقىن بىر دوستى لى زۇڭۋۇنىڭ ئەمەلىيەتتە شەخسەن «نە يۈزى قېلىن، نە كۆڭلى قارا ئەمەسلىكىنى» تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ يېزىش ئۇسلۇبىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ياكى يۇمۇرىستىك رىتورىكا ئارقىلىق چوڭقۇر مەنىلەر ئىپادىلەنگەن. بەزى تەنقىدچىلەر ئۇنىڭغا «ساراڭ» دەپ باھا بەرگەن بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت تەنقىدچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئۆزىنى كونىراپ كەتكەن مۇتەسسىپ قاراشلارغا جەڭ ئېلان قىلغان تارىخىي شەخسلەرگە ئوخشاتقان. لى زۇڭۋۇ خىتاي مەدەنىيتىگە تۇتقان بۇ خىل پوزىتسىيەسى بىلەن « قېلىن ۋە قارىلىق تەلىماتى»黑厚学 ناملىق كىتابنى يېزىپ چىققان.
كىتابنىڭ مەزمۇنىدىن خۇلاسە
«قىلىن-قارا نەزەرىيەسى» تارىخ ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە تەنقىدى \ گۇمانىي نەزەردە قاراشنى ئاساس قىلغان ئەسەر بولۇپ خىتاي جەمئىيتىدە كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغان بىر پەلسەپە سىستېمىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ئاپتۇر كىتابتىكى بايقاشلىرىنى، يەنى «قىلىن-قارا نەزەرىيەسى» نى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەت، ئىنسان پىسخولوگىيەسى ۋە مىللىي ئىستراتېگىيەنى بەلگىلەيدىغان تۈپ مېخانىزم دەپ قارىغان.
قىلىن-قارا نەزەرىيەسىنىڭ جەۋھىرى ئاددىي بولۇپ خىتاينىڭ «يىگىرمە تۆت تارىخ » (二十四史) تىكى قەھرىمانلار ۋە بۈيۈك رەزىل شەخسلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت «قېلىنلىق» (厚) يەنى يۈزى قېلىن، نۇمۇسسىز بولۇش ۋە «قارىلىق» (黑) يەنى كۆڭلى قارا، رەھىمسىز بولۇشنى ئىگىلەشكە باغلىق دەپ قارىغان. بۇ يەردىكى ئىككى يادرولۇق ئۇقۇم «قارا» ۋە «قېلىن» بولۇپ، كونكىرىت مەناسى تۆۋەندىكىچە:
- قېلىنلىق (厚) : كىتابقا ئاساسەن قېلىنلىقنىڭ يادروسى نومۇسقا چىداش، ھاقارەتنى ئىچىگە يۇتىۋىتىش ۋە چىدامچان بولۇش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىچكى تىزگىنلەشنى تەلەپ قىلىدۇ، يەنى ئۆزىنىڭ ھېسسىيات ھالىتىنى بېسىۋېلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. قېلىنلىقتا چېكىگە يەتكەندە، خۇشاللىق، غەزەپ، قايغۇ ۋە شادلىقنىڭ ھېچقايسىسى يۈزگە چىقىرىلمايدۇ. بۇنداق قېلىنلىق ئارلاشقان چوڭقۇر سەۋرچانلىقنىڭ مەقسىتى — تاشقى كۈچلەر، ھاقارەتلەر ياكى ئىغۋاگەرچىلىكلەرنىڭ ئەجەللىك زەربە بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇ ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت يولىنى ساقلاپ قېلىشتۇر. شياڭ يۈ دەل مۇشۇنداق قېلىنلىق كەمچىل بولغانلىقى، ھاقارەتكە چىدىمىغانلىقى ئۈچۈن ليۇباڭغا مەغلۇپ بولغان.
لى زۇڭۋۇ قېلىنلىقنى ئىگىلەشنى ماھارەت جەھەتتىن ئۈچ روشەن دەرىجىگە ئايرىغان:
- دەسلەپكى باسقۇچ: يۈزى شەھەر سېپىلدەك قېلىن (厚如城墙) دەپ تەسۋىرلىنىدىغان بولۇپ، بىراق بۇ دەسلەپكى باسقۇچ يىتەرلىك بولمايدۇ ، چۈنكى سېپىلنى زەمبىرەك بىلەن ئۆرىۋەتكىلى بولىدۇ.
- ئوتتۇرا باسقۇچ: «قېلىن ھەم قاتتىق» (厚而硬) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ دەرىجىگە يەتكەن كىشى سىرتقى زەربىلەرگە قارىتا چوڭقۇر چىدامچانلىققا ئىگە بولىدۇ. ليۇ بېي بۇ باسقۇچنىڭ تارىخىي ئۈلگىسى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇ شۇقەدەر چىداملىق ئىدىكى، ھەتتا «تەڭداشسىز قارا» ساۋ ساۋمۇ ئۇنى يېڭەلمىگەن.
- ئالىي باسقۇچ: بۇ «شەكىلسىز قېلىنلىق» (厚而无形) بولۇپ ، بۇ سەۋىيەگە يەتكە كىشىنىڭ ماھارىتى شۇقەدەر كامالەتكە يەتكەن بولىدۇكى، ئۇ سىرتتىن قارىماققا ئادەتتىكى ئادەمدەك كۆرىنىدۇ. زامانداشلىرى ۋە كېيىنكى ئەۋلادلار ئۇنىڭدا قىلىن-قارا ئالامەتلىرى يوق دەپ قارايدۇ. بۇ ئالىي كامالەت قەدىمكى زاماندىكى خىتاينىڭ بۈيۈك ئەۋلىيا ۋە دانىشمەنلەرگە مەنسۇپتۇر. قېلىنلىقنىڭ پەلسەپەۋى ئاساسى كۇڭزى تەلىماتىنىڭ مۇھاپىزىكار ياكى پاسسىپ تەرىپى (儒家的消极面) بىلەن شۇنداقلا لاۋزىنىڭ «تىنچ ۋە ھەركەتسىز» (清静无为) ۋە سۇدەك يۇمشاق (柔弱) بولۇش پەلسەپەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
- قارىلىق (黑) : بۇ پىرىنسىپ رەھىمسىز بولۇش ۋە قىلچە ئىككىلەنمەستىن ھەرىكەت قىلىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ، بۇ باشقىلارغا رەھمسىز بولۇش بىلەن باراۋەر.قارىلىق كىشىدىن بولۇپمۇ سىياسىي ھەرىكەتلەردە ئەنئەنىۋى ئەخلاقنى چۆرۈپ تاشلاشنى، قاتىلغا ئوخشاش رەھىمسىز، كەسكىن ھەرىكەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىغا قارىماي، ھەتتا باشقىلارنى «بالا-چاقىلىرىنى سېتىشقا، جېنىدىن ئايرىلىپ ئائىلىسى ۋەيران بولۇشقا» (卖儿贴妇,亡身灭家) مەجبۇر قىلىش بەدىلىگە بولسىمۇ ھەرىكەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئەگەر ھوقۇق ياكى ئابروينى ساقلاپ قالىمەن دەيدىكەن، قارىلىقنى شۇ پېتى يالىڭاچ ھالدا قوللىنىشقا بولمايدۇ. رەھىمسىزلىك چوقۇم نىقابلىنىشى كېرەك: «رەھىمسىزلىك» نىڭ ئۈستىگە چوقۇم «بىر قەۋەت مېھرىبانلىق، ھەققانىيەت ۋە ئەخلاق» (仁义道德) يېپىنچىسى يېپىلىشى كېرەك.
قارىلىقنىڭ باسقۇچلىرى
- دەسلەپكى باسقۇچ :« يۈرىكى كۆمۈردەك قارا» (黑如煤炭) دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. ئەمما بۇ سەۋىيە يېتەرلىك ئەمەس، چۈنكى كۆمۈرنىڭ «رەڭگى كىشىنى بىزار قىلىدۇ » (颜色可憎) ۋە كىشىلەرنى ئۆزىدىن قاچۇرىدۇ.
- ئوتتۇرا باسقۇچ: بۇ باسقۇچ «قارا ھەم پارقىراق» (黑而亮) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك باسقۇچ بولۇپ، ساۋ ساۋ بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. گەرچە ئۇ قارا كۆڭۈللۈكى بىلەن نامى چىققان بولسىمۇ، ئۇنىڭ سىياسىي بايرىقى «پارقىراق ئىدى» ؛ يەنى ئۇ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلالايتى،ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قاراڭغۇ قىلمىشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سىياسىي كۈچكە ئايلاندۇردى.
- ئالىي باسقۇچ : بۇ «رەڭسىز قارا» (黑而无色) دەپ ئاتىلىدىغان باسقۇچ بولۇپ،سىرتتىن قارىغاندىكى رەڭسىز ھالىتى، ئەسلى ماھىيەتتىكى قارىلىقىنى يوشۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇ باسقۇچقا خىتاينىڭ قەدىمكى بۈيۈك ئەۋلىيا ۋە ئۇستازلارلىرى يەتكەن. قارىلىقنىڭ پەلسەپەۋى ئاساسى فاجىيا 法家 (قانۇنچىلار) تەلىماتىنىڭ مۇھاپىزىكار ياكى پاسسىپ تەرىپى (法家的消极面) بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
«قېلىن-قارا تەلىماتى» ئاپتور تەرىپىدىن ھاياتتىكى داۋالغۇشلار ئىچىدە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش ۋە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىر خىل دانىشمەنلىك دەپ تەسۋىرلەنگەن شۇنداقلا پۈتكۈل خىتاي تارىخىنى « قىلىن ۋە قارا، ۋەسسالام » (厚黑而已) شەكلىدە مۇشۇ ئىككى سۆز بىلەن يەككۈنلىگەن.
قېلىنلىق بىلەن قارىلىقنىڭ بىرلىكى
لى زۇڭۋۇ قېلىنلىق بىلەن قارىلىقنىڭ ئايرىم-ئايرىم نەرسە ئەمەسلىكىنى، بەلكى بىر پۈتۈن پرىنسىپنىڭ ئىككى تەرىپى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە ئايلىنالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قېلىنلىق — «دۇنيانىڭ ئاساسى ماھىيىتى» (天下之大本也) قارىلىق بولسا «دۇنيانىڭ چوڭ يولى» ( 天下之达道也) .
ئۇلار ماھىيەتتە « چىدامچانلىق/سەۋرچانلىق» (忍) پرىنسىپى ئارقىلىق بىرلىككە كېلىدۇ:
- قېلىنلىق — ئۆزىگە بولغان سەۋرچانلىق (忍于己): شەخسىي قىيىنچىلىق، نومۇس ۋە ھاقارەتكە چىداش.
- قارىلىق — باشقىلارغا بولغان قاتتىق قوللۇق (忍于人): رەھىمسىزلەرچە ھەرىكەت قوللىنىش.
قېلىن-قارا پرىنسىپلىرى كامالەتكە يەتكەندە، مۇنداق بىر ھالەت شەكىللىنىدۇ: « دۇنيا ئۇنىڭدىن ھېيقىدۇ، جىن-شەيتانلارمۇ ئۇنىڭدىن قورقىدۇ» (致厚黑,天地畏焉,鬼神惧焉). مانا بۇ سەۋىيەگە يەتكەندە ، قېلىن ۋە قارىلىق سىياسىي ۋە دۇنياۋى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ھەل قىلغۇچ ئاچقۇچىغا ئايلىنىدۇ.
فىزىكىدىكى پەلسەپەۋى ئاساس
لى زۇڭۋۇ «پىسخىكىلىق ئۆزگىرىشلەر فىزىكا قانۇنىيەتلىرىگە بويسۇنىدۇ» (心理依力学规律而变化) دېگەن ئاكسىئومىنى (ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەتنى) ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، بۇ ئەخلاقىي تەلىماتنى پۇختا ئاساسقا ئىگە قىلىشقا ئۇرۇنغان. قېلىنلىق ۋە قارىلىق ھادىسىلىرى پەقەت تارتىشىش ۋە ئىتتىرىشىش كۈچى ياكى مەركەزگە ئىنتىلىش ۋە مەركەزدىن قېچىش كۈچى قاتارلىق فىزىكا قانۇنىيەتلىرىگە ماس كېلىدىغان ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىشتۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، خۇددى بارلىق فىزىكىلىق ھادىسىلەر (مەسىلەن، سۇنىڭ ئېقىشى) فىزىكا قانۇنىيىتىگە بويسۇنغاندەك، ئىنسانلارنىڭ بارلىق ھەرىكىتىنىڭ مەنبەسى بولغان « شەخسىيەتچىلىك » (私) يەنى « تۇغما ئۆزىنى قوغداش تۇيغۇسى» مۇ (ئىنسانلاردىكى) قېلىنلىق ۋە قارىلىقنىڭ تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىدۇر. لى زۇڭۋۇ بۇ «شەخسىيەتچىلىك» كۈچنى ئالەملىك تارتىشىش كۈچىگە ئوخشاتقان.
خۇددى ئالەملىك تارتىشىش كۈچىنى يوقاتسا يەر شارى پارچىلىنىپ كەتكىنىدەك، «شەخسىيەت» تۇيغۇسىنى يوقىتىش ئىنسانىيەت ۋە دۇنيانىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىنسانىيەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئۆزى مۇشۇ كۈچكە باغلىق. بۇ «مەن» لىك كۈچى تۈپ ۋە مۇقەررەر بولغاچقا، ئەنئەنىۋى سۇڭ كۇڭزىچىلىرى » (理学家) نىڭ شەخسىيەتنى يوقىتىش » (去私) ئۇرۇنۇشلىرى خۇددى تارتىشىش كۈچىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغانغا ئوخشاش مەغلۇبىيەتكە مەھكۇم بولغان. ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى يەر شارىنىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغانغا ئوخشىتىلغان. بۇ شەخسىي، ئۆزىنى مەركەز قىلغان كۈچ ئىنسانلارنىڭ توقۇنۇشى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ مەنبەسى بولغاچقا، ئۇنى تۇغما ياخشى ياكى يامان دەپ تۈرگە ئايرىشقا بولمايدۇ. شۇڭا، قېلىنلىق ۋە قارىلىقنى چۈشىنىش ۋە قوللىنىش — ئەخلاقسىزلارچە ئېلىپ بېرىلغان تاللاش ئەمەس، بەلكى ئىنسان تەبىئىتىنى باشقۇرۇپ تۇرىدىغان تەبىئىي قانۇنىيەتنى ئېتىراپ قىلىشتۇر. قىلىن-قارا تاكتىكىسىنىڭ شەخسىي مەنپەئەت (私利) ياكى ئاممىۋى مەنپەئەت (公利) ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى ھەرىكەتنىڭ ئەخلاقىيلىقىنى بەلگىلەيدۇ، قورالنىڭ تەبىئىتىنى ئەمەس.
خىتاي تارىخىدىكى « قارا-قېلىن» لىقىنىڭ مىساللىرى
لى زۇڭۋۇ خىتاي تارىخىدىكى تارىخي شەخىسلەرنى ئۇلارنىڭ « قارا-قېلىن» پىرىنسىپلىرىنى قوللىنىش ماھارەتلىرىگە ئاساسەن ئانالىز قىلغان. چۈنكى ئۇنىڭ قارىشىچە، پۈتكۈل خىتاي تارىخى، بولۇپمۇ «يىگىرمە تۆت تارىخ» نى « يۈزى قېلىن، بىھايا بولۇش ۋە كۆڭلى قارا، رەھىمسىز بولۇش» قا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. قەھرىمانلار ۋە كاتتا رەزىلل شەخسلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان بۇ ئىككى خىل ماھارەتنى قانچىلىك دەرىجىدە ئىگىلىگەنلىكى بىلەن ئوڭ تاناسىپتۇر. داۋالغۇش ئىچىدىكى ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرى ۋە خەن سۇلالىسىنىڭ قۇرۇلۇشى لى زۇڭۋۇنى شۇنداق تىپىك مىساللار بىلەن تەمىنلىگەنكى، بۇ ئارقىلىق قېلىن-قارا پرىنسىپلىرىنى مۇكەممەل ئىجرا قىلىشنىڭ قانداق قىلىپ ئاخىرقى غەلىبىگە يېتەكلەيدىغانلىقى، ئەكسىچە ھەر قانداق بىر تەرەپتىكى يېتەرسىزلىكنىڭ قانداق قىلىپ مەغلۇبىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.
ساۋ ساۋ: قارىلىقنىڭ يۇقىرى پەللىسى
ساۋ ساۋ ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن قەھرىمان دەپ تەرىپلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى قارىلىقنى (心黑) پەۋقۇلئاددە دەرىجىدە ئىگىلىگەنلىكىدۇر. بۇ سۈپەت ئۇنىڭ رەھىمسىز پەلسەپىسى ۋە ھېچ ئىككىلەنمەستىن كىشىنى چۆچۈتىدىغان ۋەھشىيلىكلەرنى قىلالايدىغان ئىرادىسىدە نامايان بولىدۇ. ساۋ ساۋنىڭ ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان «مەن باشقىلارغا تۇزكورلۇق قىلسام قىلىمەنكى، باشقىلارنىڭ ماڭا تۇزكورلۇق قىلىشىغا يول قويمايمەن» (宁我负人,勿人负我) دېگەن سۆزى ئۇنىڭ قارا يۈرەكلىك ھايات پەلسەپىسىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.
تارىخى مەنبەلەردە ئۇنىڭ پەۋقۇلاددە رەھىمسىزلىكىگە ئائىت كونكرېت مىساللار بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئۆز يولىنى توسقان ياكى ئۆزىدە گۇمان قوزغىغان كىشىلەرنى، جۈملىدىن ئۆزىنى ئۇرۇشتىن قېچىپ ماڭغاندا كاتتا مىھمان قىلغان لۈ بوشېنى خاتا گۇمان بىلەن پۈتۈن ئائىلىسىنى قوشۇپ ئۆلتۈرۋەتكەن ۋە خاتالىقىنى بىلگەندىن كىين قىلچە پۇشايمان ھىس قىلمىغان. يەنە كۇڭ رۇڭ ۋە ياڭ شيۇلارنى ئۆلتۈرگەن. ئۇنىڭ قىلمىشلىرى ھەتتا ئۆزىنىڭ ئائىلىسى ۋە سىياسىي چەمبىرىكىگىچە كېڭەيگەن بولۇپ، دۇڭ چېڭ، فۇ ۋەن ۋە كېيىنچە خانىش بىلەن شاھزادىلەرنىمۇ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. بۇ قىلمىشلار شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ئۇنىڭ يۈرىكى شۇقەدەر ئەيمىنىشتىن خالىي ئىدىكى، قارىلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن. گەرچە ساۋ ساۋنىڭ ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭ چوڭقۇر رەھىمسىزلىكنى نامايان قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ قارىلىقنى «قىلىن-قارا» ماھارىتىنىڭ ئىككىنچى سەۋىيەسى — «قارا ھەم پارقىراق» (黑而亮) بولۇش سەۋىيەسىگە يىتەلىگەن. گەرچە ئۇ قارا نىيەتلىكى بىلەن نام چىقارغان بولسىمۇ ، قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن (پارقىراق تەرىپى). بۇ ئۇنىڭغا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ئىختىساسلىق دانىشمەن ۋە قەھرىمانلارنى ئۆز بايرىقى ئاستىغا جەلپ قىلىش ئىمكانىيىتىنى بەرگەن. ئۇنىڭ رەزىل ئادەم دېگەن نامى ساداقەتمەنلىكنى قوزغاش ۋە ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش ئىقتىدارى ئارقىلىق ئۆزگەرتىلىپ، خىتاينىڭ شىمالىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا يول ئاچقان.
ليۇ بېي: قېلىنلىقنىڭ چوققىسى
ساۋ ساۋنىڭ قارىلىقىغا سېلىشتۇرغاندا، ليۇ بېي يۈزى قېلىنلىق (脸厚) جەھەتتە ئالاھىدە بولۇپ، ئىزچىل تۈردە بىھايا بولۇش ۋە كىشىلەرنىڭ ھىس تۇيغۇلىرىنى سۈمۈرۈش تاكتىكىلىرىدا كامالەتكە يەتكەن. ئۇنىڭ قېلىنلىقى توختىماي كۈچلۈك ھامىيلارغا تايىنىش، باشقىلارنىڭ قول ئاستىدا تۇرۇشنى خالاپ قوبۇل قىلىش ، بۇنىڭدىن قىلچىمۇ نومۇس قىلماسلىقتا ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسى ئۈزلۈكسىز قېچىش ۋە باشقىلارغا يۆلىنىش بىلەن ئۆتكەن بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ساۋ ساۋ، لۈ بۇ، ليۇ بياۋ، سۈن چۈەن ۋە يۈەن شاۋلارغا يۆلەنگەن.
ليۇ بېينىڭ قېلىنلىقى تەرىپىدىن ھەرىكەتلەندۈرۈلگەن ئاساسلىق قورالى — ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەش ماھارىتى ئىدى. ئۇ يىغلاشقا بەكمۇ ئۇستا بولۇپ ، بۇ قورالنى ئىستراتېگىيەلىك ھالدا ئۆز سەركەردىلىرى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ ھېسداشلىقىنى ۋە چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى قوزغاش ئۈچۈن ئىشلەتكەن، شۇ ئارقىلىق مەغلۇبىيەتنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئايلاندۇرغان. بۇ تاكتىكا شۇقەدەر كەڭ قوللىنىلغانكى، كىشىلەر ئۇنىڭ ھاكېمىيىتىنىڭ ئۇلىنى «يىغلاپ تۇرۇپ قۇرۇپ چىققان» (江山是哭出来的) دەپ ئېيتىشقان. ئۇنىڭ قېلىنلىقتا كامالەتكە يىتىشى ھەتتا «تەڭداشسىز قارا نىيەت» ساۋ ساۋنىمۇ ليۇ بېينى يېڭىشتە پۈتۈنلەي ئامالسىز قالدۇرۇپ قويغان.
سۈن چۈەن: تاماملانمىغان بىرىكىش
ئۈچ پادىشاھلىقنىڭ ئۈچىنچى قەھرىمانى سۈن چۈەن ھەم قېلىنلىق ھەم قارىلىق سۈپەتلىرىگە ئىگە بولسىمۇ، ئاخىرىدا ھەر ئىككى تۈردە تولۇق كامالەتكە يېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن زىيان تارتقان. ئۇنىڭ مىجەزىدە ساۋ ساۋنى ئەسلىتىدىغان قارىلىق بار ئىدى، بۇ ئۇنىڭ جىڭجۇنى تۇيۇقسىز ئىگىلىۋېلىشى ۋە نەتىجىدە گۇەن يۈنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشىدا كۆرۈلىدۇ. بىراق،ئۇنىڭ نىيىتى يىتەرلىك دەرىجىدە قارا بولالمىغان (黑不到底). چۈنكى ئۇ دەرھال ليۇ بېي بىلەن تىنچلىق ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان، شۇڭا ئۇنىڭ قارىلىقى ساۋ ساۋنىڭكىدىن سەل تۆۋەنرەك بولۇپ قالغان.
شۇنىڭغا ئوخشاش، سۈن چۈەندە يەنە ليۇ بېيغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان قېلىنلىقمۇ بار. بولۇپمۇ ئۇ ساۋ ساۋنىڭ قول ئاستىدىكى بېقىندى بولۇشقا قوشۇلغاندا شۇنداق بولغان. يەنىلا، خۇددى قارىلىقىغا ئوخشاش، ئۇنىڭ قېلىنلىقىمۇ «ۋايىغا يىتەلمىگەن» (厚不到底) . چۈنكى ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ساۋ ساۋ ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىسىيان كۆتۈرگەن، بۇ ئۇنىڭ قېلىن مىجەزىنى ليۇ بېينىڭكىدىن سەل تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان. لى زۇڭۋۇ ئەينى ۋاقىتتىكى كېلىپ چىققان سىياسىي تەڭپۇڭلۇق ۋە جاھاننىڭ ئاخىرىدا ئۈچكە بۆلۈنۈشىنى (天下三分) مۇشۇ تاماملانمىغان كامالەتكە باغلايدۇ: سۈن چۈەن نە ئەڭ قېلىن، نە ئەڭ قارا؛لىيۇبېي قېلىنلىقتا كامالەتكە يەتكەن بىلەن قارانىيەت بولالمىغان؛ ساۋ ساۋ بولسا قارا نىيەتلىكتە ھەق دادىغا يەتكەن ئەمما قېلىنلىقتا كەم قالغان؛نەتىجىدە بۇلارنىڭ ھېچبىرى يەنە بىرىنى تەلتۈكۈس يېڭەلمىگەن.
سىما يى: قىلىن ۋە قارىلىقنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بېرىكىمى
جىن سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى سىما يى ساۋ ساۋ ۋە ليۇ بېيدىن كېيىن قىلىن-قارا نەزەرىيەسىنىڭ بۈيۈك نەتىجىلىرىنى يىغىنچاقلىغان شەخس دەپ قارالغان. ئۇ ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى ئىككى قۇرغۇچى شەخسنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرلەشتۈرۈپ، ئاخىرىدا دۆلەتنىڭ ئۆز جەمەتى ئاستىدا بىرلىككە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلغان.
سىما يىنىڭ قارىلىقنى ئىگىلىشى ئۇنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ساۋ جەمەتىگە قاراتقان ئالدامچىلىق ھەرىكەتلىرىدە كۆرۈلگەن. ئۇ تۇل قالغان خانىش ۋە يېتىم قالغان ياش ئىمپېراتورنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالداپ، ساۋ ساۋنىڭ قارا يۈرىكى بىلەن ھەرىكەت قىلغان. ئۇنىڭ قېلىنلىقى جۇگې لياڭغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي يۈرۈشىدە ئەڭ گەۋدىلىك ھالدا نامايان بولغان. جۇگې لياڭ سىما يىنىڭ قورقۇنچاقلىقىنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاياللارنىڭ كىيىمى ۋە بەلبېغىنى ئەۋەتىپ ئۇرۇش قىلىشقا قىستىغاندا، سىما يى ھاقارەتنى يۇتۇۋېتىپ، نومۇسقا چىداپ تۇرۇپ ئايال كىشىنىڭ كىيىمىنى كەيگەن ۋە ئۇرۇش قىلىشنى رەت قىلغان. لى زۇڭۋۇ بۇ خىل پەۋقۇلئاددە سەۋرچانلىقنى ھەتتا ليۇ بېينىڭكىدىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدىغان قېلىنلىق دەپ قارىغان. ھاقارەتكە چىداش (قېلىنلىق) ۋە ئاجىزلارنى ئالداش (قارىلىق) تىن ئىبارەت بۇ بىرىكمە ئۇنىڭ جۇگې لياڭنى مەغلۇپ قىلىشىغا ۋە سىما جەمەتىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئىمكانىيەت بەرگەن بولۇپ، بۇ ئەڭ ئاخىرقى سىياسىي نەتىجىنىڭ قىلىن-قارا پرىنسىپلىرىنى ئىزچىل قوللىنىش ئارقىلىق بەلگىلىنىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن.
شياڭ يۈ: قىلىن-قارا تەلىماتىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن مەغلۇپ بولغان قەھرىمان
كۈچلۈك ۋە رەھمسز چىن سۇلالسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان پالۋان شياڭ يۈ كىشنى قايىل قىلىدىغان جەڭگىۋارلىققا ۋە دۇنيانى زىلزىلىگە سالىدىغان جاسارەتكە (拔山盖世之雄) ئىگە شەخس بولسىمۇ، قىلىن-قارا پرىنسىپلىرىنى تۈپتىن چۈشىنەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ھالاك بولغان. ئاپتۇر لى زۇڭۋۇ ئۇنىڭ لىيۇباڭغا پاجىئەلىك يېڭىلىشىنىڭ سەۋەبىنى خەن شىننىڭ مەشھۇر باھاسى بىلەن ئىپادىلەيدۇ: ئۇنىڭدا «ئاياللارچە رەھىمدىللىك» (妇人之仁) ۋە «ھىسىياتچان قەھرىمانلىق» (匹夫之勇) بار.
«ئاياللارچە رەھىمدىللىك» ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە قارا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئۇ قىيالمىغان نۇرغۇن ئىشلار بار ئىدى. شىياڭيۈدىكى بۇ ھالاكەتلىك ئىككىلىنىش ھەممىدىن بەك خوڭمېن زىياپىتىدە نامايان بولغان بولۇپ، ئۇ ليۇ باڭنى تامامەن يوقىتىش پۇرسىتىنى قولغا چۈشۈرگەن بولسىمۇ ئۇنى قويۇپ بەرگەن. « ھىسىياتچان باتۇرلۇق» بولسا ئۇنىڭدىكى قېلىنلىقنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى ئۇنىڭدا ھاقارەتكە چىدايدىغان چىدامچانلىق كەمچىل ئىدى. شياڭ يۈنىڭ غۇرۇرى ئۇنىڭ ھاقارەتكە چىدىشىغا يول قويمىغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ يۈزىنىڭ يېتەرلىك قېلىن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ لىيۇباڭ بىلەن بولغان جەڭدىكى ئاخىرقى مەغلۇبىيىتىدە دەريادىن ئۆتۈپ قېچىشنى رەت قىلىدۇ. ئۇ يېڭىلگەن ھالەتتە ئۆز ۋەتەنداشلىرى ( جياڭدۇڭ خەلقى) بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە نومۇس قىلغان ۋە « ۋىجدانىم ئالدىدا خىجىلمەن» دەپ پەرياد قىلغان. بۇ خىل ئەنئەنىۋى شان-شەرەپ ۋە نومۇس قارىشىغا چىڭ ئېسىلىۋېلىش ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتىنى مۇقەررەرلەشتۈرگەن بولۇپ، ھەم قارىلىق ھەم قېلىنلىق كەمچىل بولغان قەھرىمانلارنىڭ چوقۇم يىقىلىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن.
ليۇ باڭ (خەن گاۋزۇ): قېلىن ۋە قارا تەلىماتىنىڭ پىشىۋاسى
شياڭ يۈگە روشەن سېلىشتۇرما بولغىنى — ليۇ باڭ (خەن گاۋزۇ) قىلىن-قارا تەلىماتىنىڭ ئالىي پىشىۋاسى دەپ مەدھىيىلەنگەن. لى زۇڭۋۇ ئۇنى «تەڭرى ئەۋەتكەن ئەۋلىيا» (天纵之圣) دەپ قارىغان. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى قېلىنلىق ۋە قارىلىقنى قىل سىغمايدىغان دەرىجىدە قوللانغانلىقىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭغا ئەنئەنىۋى ئەخلاقنى بۇزۇپ تاشلاش ، بارلىق ئەدەپ-ئەخلاق، نومۇس-ھايانى بىر چەتكە قايرىپ قويۇش ئىمكانىيىتىنى بەرگەن.
ليۇ باڭنىڭ قېلىنلىقى ئۇنىڭغا ھاقارەتنى قوبۇل قىلىش ۋە قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى بەرگەن. شياڭ يۈ ئۇنى بىرگە-بىر ئېلىشىشقا تەكلىپ قىلغاندا ليۇ باڭ ئاددىيلا كۈلۈپ تۇرۇپ رەت قىلغان. چۈنكى ئۇ ئەلەم ماھارىتىدە شىياڭ يۈنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيتى. شۇڭا ئۇ كۈچ بىلەن ئەمەس، ئەقىل بىلەن ئېلىشىشنى ئەۋزەل كۆرگەن. بۇ خىل ھاقارەتكە چىداش ئىقتىدارى ئۇنىڭ ئۇستازى جاڭ لياڭ تەرىپىدىن ئۆگىتىلگەن مۇھىم دەرس بولۇپ، جاڭ لياڭمۇ بۇ قېلىنلىقنى كۆۋرۈك ئۈستىدە بىرى بەرگەن كىتابتىن ئۆگەنگەن.
ئۇنىڭ قارىلىقى ئۆزىنىڭ زورىيىشىغا ياردەم قىلغان ۋە ۋەزىرلەرنىڭ گىپىگە كىرمەي خۇڭمىن زىياپىتىدە ئۇنى قويىۋەتكەن شىياڭ يۈگە ئاسىيلىق قىلىشتا؛ئۇنىڭ ئائىلە مۇناسىۋىتىدىكى رەھىمسىز قىلمىشلىرىدا؛ ۋە خەن سۇلالىسىنى قۇرغاندىن كىين ئۆزىنىڭ سەپداشلىرىنى رەھمىسىزلەرچە تازلىشىدا تولۇق نامايان بولغان. شياڭ يۈ تەھدىت سالغاندا، ليۇ باڭ ئۆز دادىسىنى قىيما-تاختا ئۈستىگە قويۇشقا يول قويغان، ھەتتا پىشۇرۇلغان گۆشىنى تەڭ يېيىش ھەققىدە چاقچاق قىلغان. ئۇ يەنە چۇ (شياڭ يۈنىڭ قوشۇنى) ئارمىيەسىنىڭ ھوجۇمىدا قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ قېچىپ ماڭغاندا يۈك-تاقنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئۆز بالىلىرى شياۋخۇي ۋە لۇ يۈەننى ھارۋىدىن ئىتتىرىپ چۈشۈرۈۋەتكەن. خەن سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا كىچىك كەنتتە نەچچە كىشى بىلەن قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە ئەگەشكەن سابىق سەبداشلىرىنى شۇنداقلا ئۇنىڭغا جان تىكىپ خىزمەت قىلىپ خىتاينى بىرلىككە كەلتۈرۈپ بەرگەن نۇرغۇن تۆھپىكار قۇرغۇچى شەخىسلەرنى سىستېمىلىق تازىلاپ، خەن شىن ۋە پېڭ يۈەلەرنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندا، ئۇنىڭ قارىلىقى سىياسىي جەھەتتە يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. ئۇ ئۆز قىلمىشىنى «قۇشلار تۈگىگەندە ئوقيالار يىغىۋېلىنىدۇ؛ توشقان ئۆلگەندە ئوۋ ئىتى پىشۇرۇپ يېيىلىدۇ» (鸟尽弓藏;兔死狗烹) دېگەن ماقال بىلەن ئاقلىغان.
بۇلاردىن سىرىت لى زۇڭۋۇ يەنە خىتاي تارىخدا ئۆتكەن باشقا نۇرغۇنلىغان تارىخى شەخىسلەرنىڭ مۇۋاپىقىيەت ۋە مەغلۇبىيتىنى مانا بۇ قارا ۋە قېلىنلىق تەلىماتىنىڭ پىرىنسىپلىرى ئاساسىدا ئانالىز قىلغان. قىززىققۇچىلار كىتابنىڭ ئۆزىنى تېپىپ ئوقۇپ باقسا بولىدۇ.
لى زۇڭۋۇنىڭ « قېلىن ۋە قارىلىق تەلىماتى» نى يېزىش سەۋەبى
« قېلىن ۋە قارىلىق تەلىماتى» نىڭ كېلىپ چىقىشى دەسلەپتە كىنايىلىك ئىلھامدىن باشلانغان بولسىمۇ، كېيىنچە ئوبيېكتىپ تارىخىي ھەقىقەتنى ئىزدەشكە ئايلىنىپ، ئاخىرىدا مۇكەممەل بىر پەلسەپە سىستېمىسىغا قاراپ تەرەققىي قىلغان. لى زۇڭۋۇ بۇ ئۇقۇمنى تۇنجى قېتىم خىتايدىكى ئەنئەنىۋى تارىخىي بايانلار بىلەن سىياسىي ۋەقەلەرنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنى ئويلىشىش جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ تارىخىي شەخسلەرنىڭ سىياسىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ، يەنى گۈللىنىش ۋە ھالاكىتىنىڭ رەسمىي تارىخچىلار ۋە دانىشمەنلەر تەشەببۇس قىلغان ئەخلاقىي نەسىھەتلەر بىلەن زىددىيەتلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن.
ئۇ خىتاي تارىخىنى تەكشۈرۈش، تەھىلىل ۋە تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق، تارىخىي قەھرىمانلار ۋە رەزىل كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى «سىرى» نى يەككۈنلىگەن. ئۇنىڭ يەكۈنىچە، بۇ سىر « يۈزى قېلىن ۋە كۆڭۈلى قارا» (脸厚心黑) بولۇشنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى ئىگىلەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. 1912-يىلى، ئۇ بۇ «ھېكىمەت» نى مەركەز قىلغان « قېلىن-قارا نەزەرىيەسى » ناملىق ئەسىرىنىڭ تۇنجى نۇسخسىنى يېزىپ چىققان. خىتاي خەلقىنىڭ تۇنجى نەشرىگە بولغان قىزغىن ئىنكاسى ئۇنى ھەيران قالدۇرغان ۋە لى زۇڭۋۇ خىتايلاردىكى بۇ ئەسەرگە بولغان قىززىقىشىنى پىسخولوگىيە بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋىتى بار دەپ قارىغان. بۇ تونۇش ئۇنىڭ يەنە 30 يىل داۋاملىشىدىغان ئىلمىي تەتقىقات سەپىرىگە ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولغان. 1936-يىلى، ئۇ يىللاردىن بۇيان بۇ تېما ھەققىدە يازغان يازمىلىرىنىڭ بىر قىسمىنى يېڭى كۆزقاراش ۋە پىكىرلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەدەبىي خاتىرە شەكلىدە قايتا رەتلەپ، چېڭدۇدىكى «خۇاشى گېزىتى» دە «قېلىن-قارا \ داپشاقنامە مۇھاكىمىلىرى» (厚黑丛话) ناملىق مەخسۇس سەھىپە ئېچىپ، قىسىملارغا بۆلۈپ ئېلان قىلغان، كېيىن ئوخشاش نامدا كىتاب بولۇپ بېسىپ چىقارغان. لى زۇڭۋۇ كىتابنىڭ مەزمۇنىنى پىسخولوگىيە، ئىقتىساد، سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت قاتارلىق ساھەلەرگىچە كېڭەيتكەن.
مىللىي بۇرچ ۋە تەنقىد
ئۇنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىشى ۋە ئۇزۇن يىل بۇ ئىدىيە ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولغان ئامىل بولسا خىتاي جەمئىيتىگە بولغان كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۇر ئۇسۇلى بىلەن فېئودال جەمئىيەتتىكى سىياسىي قاراڭغۇلۇق ۋە ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىكىنى چوڭقۇر پاش قىلغان ھەم قاتتىق تەنقىدلىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاي تارىخىنى چۈشىنىش ئۇسۇلىنى ماركىسىنىڭ تارىخنى چۈشىنىش ئۇسۇلى، يەنى تارىخى ماتېرىيالىزىم نەرەرىيەسى بىلەن سېلىشتۇرغان ۋە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
— ماركىس تارىخىي ماتېرىيالىزم قارىشىنى ئىجاد قىلغان؛ مەن بولسام «قارا-قېلىنلىق تارىخ قارىشى»نى ئىجاد قىلدىم.
ئەگەر بۇ قاراش بىلەن «يىگىرمە تۆت تارىخ» نى ئوقۇپ چىقساق، تارىختىكى مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەت، گۈللىنىش ۋە زاۋاللىقنىڭ سەۋەبلىرى خۇددى بەش قولدەك ئايدىڭ بولىدۇ؛ ئەگەر قىلىن-قارا تارىخ قارىشى بىلەن جەمئىيەتنى كۆزەتسەك، خۇددى قاراڭغۇلۇققا پانۇس تۇتقاندەك، تۈرلۈك غەلىتە ھادىسىلەر ۋە ئەبجەشلىكلەرنىڭ ئەسلى قىياپىتى تولۇق نامايان بولىدۇ… بىز يەنە قىلىن-قارا تارىخ قارىشىدىن پايدىلىنىپ، دارۋىننىڭ «كۈچلۈكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق رىقابىتى» توغرىسىدىكى قارىشىغا زەربە بېرىپ، ھەربىي كۈچكە قارىغۇلارچە ئىشىنىدىغانلارنى نەزەرىيەۋى مەۋقەسىدىن مەھرۇم قىلالايمىز.
ئاخىرىدا، ئۇ بۇ بىلىمنى ئىگىلەشنى خىتاينىڭ بىرلىككە كېلىشى ۋە سىرتقى تەھدىتلەرنى يېڭىشىنىڭ بىردىنبىر يولى دەپ قاراپ، «يۈزى قېلىن ۋە قارا نىيەت بولۇش ئارقىلىق ۋەتەننى قۇتقۇزۇش (厚黑救国) ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلغان.
كىتابنىڭ تەسىرى
كىتاب 1912-يىلى تۇنجى نەشر قىلىنىشى بىلەنلا زور تەسىر قوزغىغان. «قىلىن-قارا نەزەرىيەسى» تېزلا سىچۈەن ئۆلكىسى بويىچە تارقىلىپ، ئومۇملاشقان ئاتالغۇغا ئايلانغان. كىتابنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى شۇقەدەر كۈچلۈك بولغانكى، بۇ كىتاب ئىلىم ساھەسى تەرىپىدىن «خىتاي ئىدىيە تارىخىدىكى مۇھىم بىر ئابىدە» شۇنداقلا «خىتاي مەدەنىيەت ساھەسىدىكى بىر زور مۆجىزە» (中国文化界一大奇观) دەپ تەسۋىرلەنگەن. ئاپتور ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى بىر-بىرىدىن ئايرىلماس ھالغا كەلگەن بولۇپ، كىشىلەر «لى زۇڭۋۇ» بىلەن «قىلىن-قارا نەزەرىيەسى» نى خۇددى «ساكيامۇنى بىلەن بۇددىزم» نى ياكى «كۇڭزى بىلەن كۇڭزىچىلىق» نى باغلىغاندەك تەبىئىي ھالدا بىر-بىرىگە باغلايدىغان بولغان.
شۇ سەۋەبتىن، لى زۇڭۋۇ «خىتاي مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن 20 چوڭ ئاجايىپ تالانت ئىگىسى» نىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. لىن يۈتاڭ، لياڭ شىچيۇ، بو ياڭ، لى ئاۋ، نەن خۇەيجىن، جاڭ موسېڭ، لى شىفېڭ قاتارلىقلار لى زۇڭۋۇنىڭ ئىدىيەسىنى كۆپ تەرەپلىمىلىك تەتقىق قىلغان ۋە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن بولۇپ، ئۇلار لى زۇڭۋۇنى خىتاي مەدەنىيەت تارىخىدا، بولۇپمۇ ئىدىيە تارىخىدا مۇھىم تۆھپە قوشقان شەخس دەپ قارىغان.
بۇ كىتاب يەنە مىللىي خاراكتېردىكى ئىلغار بولمىغان تەرەپلەرنى تەنقىدلەشكە مەركەزلەشكەن «سېسىق خىتايلىقلار» (丑陋的中国人) قاتارلىق كېيىنكى تەنقىدىي ئەسەرلەرنىڭ مۇقەددىمىسى دەپ ئاتالغان. ئىدىيەۋى جەھەتتە، لى زۇڭۋۇ ئۆزىنىڭ يادرولۇق تەلىماتى بولغان «قىلىن-قارا تارىخ قارىشى» نى ئەنئەنىۋى ئەخلاق ۋە پەلسەپىگە قارشى قويغان. ئۇ ئۆز ئەسىرىنىڭ ۋاڭ ياڭمىڭنىڭ « ئىنسان تەبىئىتىنىڭ تۇغما ياخشىلىقى (致良知) نەزەرىيەسى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا قارشى پەلسەپەۋى كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ ئەگەر ۋاڭ ياڭمىڭ ئىنسان تەبىئىتىنىڭ تۇغما ياخشىلىقى توغرىسىدا توغرا سۆزلىگەن بولسا، «قىلىن-قارا نەزەرىيەسى» دۇنياۋى مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تۇغما قارىلىق (رەزىللىك) توغرىسىدا ئوخشاشلا توغرا ھۆكۈم چىقارغان دەپ قارىغان. كىتاب زور سودا مۇۋەپپەقىيىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، 1980-يىللاردا تەيۋەن، شياڭگاڭ ۋە ياپونىيەدە قاتارلىق جايلاردا قايتا-قايتا بېسىلىپ، ئەڭ كۆپ سېتىلغان كىتابلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ۋە ئۇنىڭ ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن.
