
رەسىمنىڭ مەنبەسى: SCMP
گەرچە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ۋە غەززەگە قاراتقان ئىككى چوڭ ئۇرۇشى ۋاقىتلىق توختىغان ياكى «سۇسلاشقان» بولسىمۇ، بۇ توقۇنۇشلار ماھىيەتتە ئاخىرلاشقىنى يوق. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئىراننىڭ رايون خاراكتېرلىك ۋاكالەتچى قوراللىق تورى ۋە تەسىر دائىرىسىنى ۋەيران قىلدى ھەمدە سۈرىيەدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ غۇلىشىغا سەۋەب بولدى. بىراق، توقۇنۇش، ئىدارە قىلىش ۋە رايونلۇق ئىتتىپاقلىققا مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك مەسىلىلەر يەنىلا ھەل بولمىدى.
سۈرىيەنىڭ يېڭى رەھبىرى ئەھمەد شەرا ئىچكى مۇقىمسىزلىق يېڭى ھاكىمىيىتىگە زەربە بېرىشتىن بۇرۇن ئەھمىيەتلىك ئۆزگىرىش ياساش ئۈچۈن ۋاقىت بىلەن دوئىلغا چۈشمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەززە بۆلۈنگەن ۋە مەڭگۈلۈك لاگېرغا ئايلىنىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىغا دۇچ كەلمەكتە.ترامپ رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكىنىڭ رولى، يېڭى توقۇنۇش خەۋپى بىلەن رايون خاراكتېرلىك نورماللىشىش ۋەدىسى ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتا ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇش رولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەمما ئامېرىكانىڭ ئۆتكەن ئىككى يىللىق ئۇرۇشلاردا قەتئىي ھالدا ئىسرائىلىيە تەرەپتە تۇرۇشى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنى بىخەتەرلىك جەھەتتە ئامېرىكىغىلا تايىنىپ قېلىشتىن بارغانسېرى ئەنسىرەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ دۆلەتلەر كەلگۈسىدە خىتاينى مەركەز قىلغان باشقا يەرشارىۋى كۈچلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى كۈتۈلمىگەن خەۋپتىن قوغداش ئىستراتىگىيسىنى پائال ئىجرا قىلىدۇ.
ئامېرىكانىڭ دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى ۋە ياۋرۇپانىڭ ياردەملەرنى قىسقارتىپ بەكرەك ئۆزلىرىنىڭ ئىچىكى سىياسەتلىرىگە مەركەزلىشىشى بىلەن ئافرىقىدا خىتاي ئۈچۈن چوڭ پۇرسەت يارىتىلماقتا ۋە خىتاينىڭ بۇ ئىلگىرلىشى داۋام قىلىدۇ. ياپۇنىيە قاتارلىق باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىمۇ ئافىرىقىدىكى ئاكتىپ ئاكتىيورلارغا ئايلىندۇ.
ئىسرائىلىيە
2026- يىلىدا ، ئەگەر 2025-يىلى ترامپ تەرىپىدىن ئىران ۋە ھاماس بىلەن ئىمزالانغان ئىككى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە داۋاملىق ئەمەل قىلىنسا، ئىسرائىلىيە ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەركەزلىشىدۇ. بىراق،بۇنداق بىر ھالەتنىڭ شەكىللىنىشى ئېنىق ئەمەس.
ئىسرائىلىيە ئومۇمىي سايلامغا قاراپ ماڭماقتا ۋە ئۇزۇندىن بۇيان باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان نېتانياھۇ ئېغىر بېسىم ئاستىدا تۇرماقتا؛ چۈنكى ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئاشقۇن ئوڭچىللار ۋە دىندارلار ئىتتىپاقى راي سىناش نەتىجىلىرىدە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئارقىدا ئىكەنلىكى كۆرۈلمەكتە. ئەمما نېتانياھۇنىڭ قولىدا بىر كوزۇرى بار: ئۇ باش مىنىستىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ ئۆزىگە قارىتىلىغان تەنقىدىلەرنى رەت قىلىشنى ۋە بۇ ئارقىلىق خەلقىنى قايىل قىلىشقا ئۇرىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ نۇرغۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر، نېتانياھۇنى غەززە ئۇرۇشىنى قەستەن ئۇزارتتى ۋە تاكى ترامپ مەجبۇرلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىملىرىگە قارشى تۇردى ۋە بۇنى پەقەتلا سايلام ساندۇقىدىكى مەغلۇبىيەتتىن قېچىش ئۈچۈن قىلدى دەپ قارايدۇ.
نېتانياھۇ ھازىر ئامېرىكا تەرىپىدىن زورلانغان چوڭ بىر سىياسىي چىگىش (دىلەمما) ئىچىدە قالدى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆزىنى غەززە ۋە ئىران ئۇرۇشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغان، شۇنداقلا ئىسرائىلىيەنىڭ قايتا ئۇرۇش قىلىشىنى خالىمايدىغان ترامپنىڭ يېقىن ھەمكارلاشقۇچىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە مەجبۇر؛ يەنە بىر تەرەپتىن بولسا، ئىسرائىلىيە خەلقىگە ئۇرۇشنىڭ ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاش. ئەمما ئۇرۇشنى توختاتقانلىق ئۇ ۋەدە قىلغان «مۇكەممەل غەلىبە»گە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى تەن ئالغانلىق بىلەن باراۋەر.
شۇڭلاشقا، 2026-يىلى ئىسرائىلىيە جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقى، قۇتۇپلاشقان ئىككى گۇرۇپقا بۆلۈنگەن سايلام رىقابىتى بىلەن سىنىلىدىغان يىل بولۇشى مۇمكىن. نېتانياھۇنىڭ يېشى (76 ياش) نى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى سىياسىي جېڭى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئىسرائىلىيەلىكلەر ئۇنى ئالماشتۇرۇشنى قارار قىلسا، بۇ ئۇلارنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق تۇيغۇسىنى قايتا تىكلەشكە باشلايدىغان بىر يىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
رايون خاراكتېرلىك نۇقتىدىن ئالغاندا، ئىسرائىلىيە زىددىيەتلىك رول ئوينايدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن ترامپنىڭ رايوننى ئۆزگەرتىش تەسەۋۋۇرىنى قوللىسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن سايلامدا كىم ئۇتۇشىدىن قەتئىينەزەر پەلەستىنلىكلەرگە يول قويۇشنى خالىمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزى رايۇنلۇق «قاتماللىق» نىڭ سەۋەبچىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئىسرائىلىيە ياقتۇرۇلمايدىغان ھېگېمون \ ھۆكۈمران (Hegemon) بولۇپ قالىدۇ،ۋە بۇ ھالەت رايونلۇق بىرلىشىش ۋە ئىناقلىق ئارزۇسىنىڭ يەنىمۇ كەينىگە سۈرۈلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.
پەلەستىن ۋە غەززە
ئۆتكەن ئىككى يىللىق قانلىق ئۇرۇش ۋە ۋەيرانچىلىقلارغا قارىماي، خاماس يەنىلا غەززە رايونىدىكى ئەڭ كۈچلۈك تەرەپ بولۇپ قېلۋەردى. ئۇرۇش توختىغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرلاشقىنى يوق. خاماسنى يوقىتىش ئۈچۈن، ترامپ تىنچلىق پىلانىدا كۆرسىتىلگەندەك، ئەستايىدىل بىر تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى ئىشەنچلىك بىر قورالسىزلاندۇرۇش جەريانىنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.
غەززەنىڭ 2026-يىلدىكى مەنزىرىسى ئىنتايىن مۈجىمەل ۋە جۇغراپىيە جەھەتتىن پارچىلانغان ھالەتتە بولىدۇ. ئىسرائىلىيە ترامپ پىلانى بويىچە غەززەدىن قىسمەن چېكىنىشنى تاماملىغان ھامان، غەززەنى ئىككىگە بۆلۈشكە باشلىدى. ئىسرائىلىيە ئىنژېنېرلىرى يوغان سېرىق توسۇقلار ئارقىلىق يېڭى بىر «سېرىق سىزىق» سىزىپ چىقتى، بۇ كەلگۈسىدە بېتون تامغا ئايلىنىشى مۇمكىن.
بۇ بۆلۈنۈش، ئىسرائىلىيە ئىشغال كەڭرى رايونىنىڭ ئىچىدە ئەتراپى ئىسرائىلىيە ئېلىمىنتلىرى تەرىپىدىن قورشالغان كىچىك بىر «يېتىم رايون» نى شەكىللەندۈرىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ تولۇق چېكىنىشى خاماسنىڭ قورالسىزلىنىشى ۋە خەلقئارالىق مۇقىملىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ئۆتكۈزۈۋېلىشىغا باغلىق بولۇپ، ھەر ئىككىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئېنىق ئەمەس؛ بۇ بۆلۈنۈشنىڭ مۇددەتسىز شەكىلدە داۋاملىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
غەززەدە سىياسىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى ئىنتايىن ئېغىر:
- ئىچكى«يېتىم رايون» (غەربىي غەززە): بۇ رايون 2 مىليون غەززە مۇھاجىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇلار يەنىلا خاماسنىڭ كونتروللۇقىدا ۋە بارغانسېرى ئازىيىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ لاگېرلاردا ياشايدۇ. خاماس باشقۇرۇشىدىكى بۇ رايۇنغا قاتارنىڭ ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشى كۈتۈلمەكتە.
- ئەتراپ«يېتىم رايونى»(شەرقىي غەززە): ئىسرائىلىيە بۇ رايوننى «يېڭىلىنىش ئۈلگىسى» دەپ قارايدۇ ۋە رافاھتا تاموژنىسىز سودا رايونى ھەمدە يېڭى پورت قۇرۇشنى پىلانلىماقتا. غەربىي غەززە چىرىپ كېتىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسرائىلىيە بۇ رايونغا مەبلەغ سېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، مەبلەغنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىسلامچىلارغا قارشى ھەمراھى دەپ قارىلىدىغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەمىنلەيدۇ ۋە قۇرۇلۇشنى مىسىر شىركەتلىرى ئىجرا قىلىدۇ.
ھاكىمىيەتمۇ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ترامپنىڭ «تىنچلىق كېڭىشى» (Board of Peace) ئىسرائىلىيەنىڭ قايتا قۇرۇش جەريانىنى نازارەت قىلىشى مۇمكىن. پەلەستىن تەرەپتە، پەلەستىن ھاكىمىيىتى (PA) مەھمۇد ئابباس 2026-يىلى ئۆكتەبىردە سايلام ئۆتكۈزۈشكە ۋەدە بەردى. ئىسرائىلىيە پەلەستىننىڭ ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن رەھبىرى مارۋان بارغۇتى (Marwan Barghouti) نى قويۇپ بېرىپ، ئۇنى خاماس رايۇنىغا سۈرگۈن قىلىشى مۇمكىن. بارغۇتى سايلامدا خاماسنى يېڭەلەيدىغان بىردىنبىر شەخس دەپ قارالماقتا. بۇنداق بىر سايلام غەلىبىسى غەززە ۋە غەربىي قىرغاقتا ھاكىمىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىگە، قورالسىزلاندۇرۇشنىڭ باشلىنىشىغا ۋە قايتا قۇرۇشنىڭ ئاخىرى يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن. ھالـبۇكى، ھەتتا خاماس مەغلۇپ بولۇپ قايتا قۇرۇش باشلانغان تەقدىردىمۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاقنى تەدرىجىي يۇتۇۋېلىشى داۋاملىشىدۇ.
نۇرمال ۋەزىيەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىكى شەرتلەر خاماسنىڭ قورالسىزلىنىشى ، ئەرەب ئەللىرىنىڭ تىنچلىق ساقلاش قىسملىرى ئەۋەتىشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇشنىڭ ھەقىقىي تۈگىگەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى قاتارلىقلار ئامىللاردۇر. بۇ شەرتلەرنىڭ ئورۇنلىنىشى ناتايىن بولغاچقا، نۇرماللىشىشنىڭ ئاستا بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئەگەر شۇنداق بولسا، غەززىدىكى 2 مىليون ئاھالىنىڭ بەزىلىرى قېچىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن، بۇ ئىسرائىلىيە بىلەن مىسىر مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ ۋە ئىسرائىلىيەگە ئۇرۇشنى قايتا باشلاش ئۈچۈن باھانە بولۇپ بېرىشى مۇمكىن.
سۈرىيە
ئەسەد ھاكىمىيىتى يىقىلغاندىن كېيىن، يېڭى رەھبەر ئەھمەد شەرا دۆلەتنى نازۇك بىر ھالەتتە تىزگىنلەپ تۇرماقتا. شەرا دىپلوماتىيەدە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، ئۇنىڭ مانخاتتاندىكى قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشلىرى كونا ھاكىمىيەت قالدۇرۇپ كەتكەن ۋەيرانە خارابىلىقلار بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلدى. ئۇ ئامېرىكا گېنېراللىرى ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرى تەرىپىدىن سۈرىيەنىڭ«كەلگۈسى» سۈپىتىدە ئالقىشلاندى.
شەرا ئۆزىنىڭ سىياسىي مەبلىغىنىڭ كۆپ قىسمىنى خەلقئارا جازالارنى بىكار قىلىشقا تىكتى. ۋاشىنگتوندىكى قاتتىق قوللار پوزىتسىيەسىنى يۇمشاتقانلىقتىن، 2026-يىلىنىڭ بېشىدا ئۇنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. خەلقئارا بانكىلارنىڭ تەييار تۇرۇۋاتقانلىقى ۋە ئېكسپورت كېلىشىملىرىنىڭ تەييارلىنىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا. گەرچە سۈرىيەنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن تولۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشى رېئاللىققا ئۇيغۇن بولمىسىمۇ، بەزى ئىلگىرىلەشلەر بولۇشى مۇمكىن. سۈرىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆز زېمىنىغا بېسىپ كىرىشىنى چەكلەش ئۈچۈن «توقۇنۇشماسلىق كېلىشىمى» ئىمزالىشى مۇمكىن.
دىپلوماتىيە ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەتلەر زور بولسىمۇ ، خەلقئارا جەمئىيەت شەرادىن «قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش» تىن ئۆتۈپ ئەمەلىي ئۆزگىرىش ياساشنى كۈتىدۇ. 2024-يىلى دېكابىردا ئەسەد يىقىلىپ بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، سۈرىيەدە قايتىدىن قۇرۇلغان نەرسىلەر ئاز. گەرچە توك تەمىناتى ياخشىلىنىپ، مەخپىي ساقچىلار يوقالغان ۋە كەم دېگەندە 1 مىليون سۈرىيەلىك ئۆيىگە قايتقان بولسىمۇ، دۆلەت يەنىلا خارابە ھالەتتە بولۇپ، قايتا قۇرۇش ئىنتايىن ئاستا بولماقتا. دۆلەتنىڭ ئەھۋالى شەرانىڭ دىققىتىنى ئىچكى قىسىمغا بۇرۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
مۇقىمسىزلىق كۈچىيىۋاتقان بىر تەھدىت. مەزھەپ خاراكتېرلىك زوراۋانلىقلار، جۈملىدىن مارتتىكى ئالەۋىيلارغا ۋە ئىيۇلدىكى درۇزلارغا قىلىنغان ھۇجۇملار ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېڭى رەھبەرگە بولغان ئىشەنچىسىنى ۋەيران قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئادەم تۇتۇش ۋە ئۆلتۈرۈش جىنايەتلىرى جازاسىز قېلىپ، نۇرغۇن سۈرىيەلىكلەرنى يەنە بىر قېتىم ئۆيىدىن چىقىشتىن قورقىدىغان قىلىپ قويدى.
سۈرىيەنىڭ سىياسىي كەلگۈسىمۇ ئەندىشە قوزغىماقتا. يېڭى پارلامېنتنىڭ دېموكراتىيە ۋەدىللىرىگە قارىتا گۇمانلارنى قوزغىدى. ئەزالىرىنىڭ ئۈچتىن بىرى شەرا تەرىپىدىن بىۋاسىتە تاللانغان، قالغانلىرىمۇ ئۇ تاللىغان كومىتېتلار تەرىپىدىن «سايلانغان». سىياسىي پارتىيەلەر يەنىلا چەكلەنگەن بولغاچقا، تەنقىدچىلەر بۇ ئورگاننىڭ خۇددى ئەسەد دەۋرىدىكىگە ئوخشاشلا بىر «قورچاق» ئورگانغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ۋە شەرانىڭ يېڭى بىر دىكتاتورلۇق ( يەنى بىر ئادەم ھاكىمىيىتى) ئورنىتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئەگەر ئۇ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن خارابىلىققا ئايلانغان سۈرىيەگە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش ئېلىپ كەلمىسە، دەسلەپتە ئۇنى قوللىغانلار ئۇنىڭغا قارشى چىقىشى مۇمكىن.
ئىران ۋە قايتا توقۇنۇش خەۋپى
ئۆتكەن ئىككى يىللىق ئۇرۇشلار ئىراننىڭ رايونلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى سۇندۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك رول ئوينىدى، ئەمما نەتىجە ئۈزۈل-كېسىل ئەمەس. ئىران ھاكىمىيىتى ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ 12 كۈنلۈك بومباردىمانىدىن ئامان قالدى. گەرچە ئىيۇن ئېيىدىكى ئۇرۇشتا ئىراننىڭ يادرو ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پروگراممىلىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۇلارنى قايتا تىرىلدۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، خاماس (ئاجىزلىغان بولسىمۇ) ۋە لىۋاندىكى ھىزبۇللاھ قاتارلىق مۇھىم ۋاكالەتچىلەر يەنىلا مەۋجۇت.
2026- يىلى ئىران ئوتتۇرا شەرقتىكى «قاتماللىق»نىڭ ئاساسلىق مەنبەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. 86 ياشلىق ئايەتۇللاھ ئەلى خامەنېي يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىزدەك قىلىدۇ. ئۇ نەچچە ئون يىلنى ئىسرائىلىيە بىلەن «نە ئۇرۇش، نە تىنچلىق» ھالىتىدە تۇرۇش ۋە يادرو قورالى ياساشنىڭ گىرۋىكىدە تەڭپۇڭلۇق ساقلاش بىلەن ئۆتكۈزدى؛ ئەمما ئۇنىڭ تەڭپۇڭلۇق ئويۇنى مەغلۇپ بولدى. چوڭ ئۆزگىرىش بەلكىم ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان بىرى بىلەن ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن.
2026-يىلىدىكى نىگىزلىك مەسىلە: ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران يەنە بىر قېتىم توقۇنۇشامدۇ؟ دېگەندىن ئىبارەت. ئىران ئامېرىكا بىلەن كېلىشىم تۈزۈش ئارقىلىق ئۇرۇشتىن ساقلىنىپ قالالىشى مۇمكىن. لېكىن، خامەنېي ترامپ تەلەپ قىلغان يول قويۇشلارنى بەجا كەلتۈرۈشنى خالىمايدۇ، بولۇپمۇ گەرچە يادرو پروگراممىسىدىن (گەرچە ۋەيران بولغان بولسىمۇ) پۈتۈنلەي ۋاز كەچمەيدۇ.ئەگەر ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرۇش پارتلىسا، ئىسرائىلىيە بەلكىم ئىران ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئىران ئىسرائىلىيەنى ھاكىمىيەت ئۆزگەرتىشنى نىشان قىلدى دەپ قارىسا، پارس قولتۇقنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى قوشنىلىرىغا (ئەرەب ئەللىرىگە) ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن. بۇ ترامپ ئۈچۈن قىيىن بىر ۋەزىيەت يارىتىدۇ: ئۇ يا ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلىشى ياكى ئامېرىكىنىڭ ئەرەب ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مۇقىملىقىنى خەتەرگە ئىتتىرىشى كېرەك.
ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ نۇرماللىشىش تىرىشچانلىقلىرى ۋە بىخەتەرلىك قايغۇلىرى
ترامپنىڭ رايونغا بولغان ئۈمىدۋار تەسەۋۋۇرى ئىراننىڭ كېلىشىم تۈزۈشىنى، غەززىنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى ۋە «ئىبراھىم كېلىشىمى» (2020-يىلى ئىسرائىلىيە بىلەن تۆت ئەرەب دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن نورماللىشىش كېلىشىمى) نىڭ كېڭىيىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2026- يىلى، بۇ كېلىشىملەرنى كېڭەيتىشتە ھالقىلىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار يۈز بېرىدۇ. لىۋان، باھاردا سايلام بارلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ كېلىشىم ئىمزالىماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ئۇزۇندىن بۇيان چەكلەنگەن تىنچلىق شەرتنامىسى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن.
سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى مۇھەممەد بىن سالمان ھۆكۈمىتى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئېنىق بىر مەيداندا تۇرۇپ كەلدى: ئۇلار ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىكلەر بىلەن ھەقىقىي تىنچلىق مۇساپىسىگە قوشۇلمىغىچە، ئىسرائىلىيەنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. سەئۇدىلار ئىلگىرى ئىبراھىم كېلىشىمىگە قوشۇلۇش ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن رەسمىي مۇداپىئە كېلىشىمىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلغانىدى. ئەمما 2026-يىلى ئۇلار بۇ كېلىشىمىگە قوشۇلماي تۇرۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن مۇداپىئە كېلىشىمى تۈزۈشى مۇمكىن.
بۇ نورماللىشىش تىرىشچانلىقى ئەرەب رەھبەرلەر ئۈچۈن بىئاراملىققا تولغان بىر يىل بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇلار ئىراننىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ ۋە غەززىنى قايتا قۇرۇش ھەققىنى تۆلەش يۈكىنىڭ ئۆزلىرىگە چۈشۈپ قېلىشىدىن قورقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلار ترامپنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئائىت ھەر قانداق ئۇلتىماتۇملىرىدىن ساقلىنىشنى خالايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىستراتېگىيەسى ترامپقا خۇشامەت قىلىش ۋە پارا بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، باشقا دۇنياۋى چوڭ كۈچلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش بولىدۇ. چۈنكى ئۆتكەن ئىككى يىلدىكى ئەڭ بىۋاسىتە ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۆزگىرىشى بولسا ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللىشى سەۋەبىدىن، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ رايون مۇقىملىقى ئۈچۈن ئامېرىكىغا تايىنىشتىن بۇرۇنقى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىدۇر.
ئافرىقىنىڭ شەرققە يۈزلىنىشى
غەربنىڭ ئۆز ئىچىدىكى مەسىللەرگە يۈزلىنىشىنىڭ نەتىجىسىدە يەر شارى مىقياسىدا گېئو-پولىتىك بۇرۇلۇش يۈز بەرمەكتە. ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياردەملەرنى قىسقارتىشى ۋە ئامېرىكانىڭ «بىكىنمچىلىك» (Protectionism) سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ يەرشارىۋى ۋەزىيەت، 2026-يىلى نۇرغۇن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك ھالدا شەرققە قېيىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
ئامېرىكا «بىكىنمچىلىك» نى يولغا قويىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ئافىرىقىدىكى رولىنى قايتىدىن بەلگىلەش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈردى. خىتاي ئۆزىنى ئافرىقىلىقلارنىڭ مەنپەئەتىنىڭ يەرشارى سەھنىسىدىكى ئىشەنچلىك قوغدىغۇچىسى قىلىپ كۆرسەتمەكتە. ئامېرىكا تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرگەندە، خىتاي ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچە ئىمپورت تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىشقا ۋەدە بەردى. خىتاينىڭ ئافرىقىغا قىلغان ئېكسپورتى 2025-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا %26 ئېشىپ 141 مىليارد دوللارغا يەتتى، چۈنكى ئامېرىكىدا تاموژنا توسىقىغا ئۇچرىغان خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ ئەرزان تاۋارلىرى ئۈچۈن ئافرىقا ئوبدان خېرىدار بولدى.
خىتاي شىركەتلىرى ئاللىبۇرۇن نۇرغۇن ئافرىقا كەسىپلىرىنى ئۆزگەرتتى. مەسىلەن، ئافرىقىدا سېتىلىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفونلارنىڭ يېرىمىغا يېقىنى شىنجىندىكى خىتاي تىلىفۇن شىركىتى «Transsion» تەرىپىدىن ئىشلەنگەن. خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىلىرىنىڭ (كۈنتاختا) ئىمپورتى 2025-يىلى ئىيۇنغىچە %60 ئاشتى ۋە يەرلىك ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىغا قارىغاندا ئەرزان ۋە ئىشەنچلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىدى. خىتاي مىلياردېرلىرى قۇرغان «OPay» غا ئوخشاش پۇل-مۇئامىلە تېخنىكا شىركەتلىرى نىگېرىيەدە باشقا بانكا ئەپلىرى ئىشلىمەي قالغاندىمۇ نورمال ئىشلەپ تۇردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، غەرب مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشىمايدىغىنى، خىتاي كارخانىلىرى ئافرىقىنىڭ نامرات ئەمما نوپۇسى كۆپ بازارلىرىغا ماس كېلىدىغان تاۋارلارنى تەمىنلەيدۇ. ئەمما ئافرىقىدىكى Jumia مۇلازىمەت گوروھىنىڭ خوجايىنى فىرانسىس دۇفاي ئېيتقاندەك: «غەربتە ئىشلەپچىقىرىلغان، ئافرىقا ئىستېمالچىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى سېتىۋالالايدىغان ھېچقانداق نەرسە يوق.» نەتىجىدە، بەزى دۆلەتلەرنىڭ دەرسلىكىگە خىتاي تىلى كىرگۈزۈلمەكتە ۋە ياشلار ئوقۇش ۋە ئىشلەش ئۈچۈن بارغانسېرى خىتاي ۋە مالايسىياغا ئوخشاش دۆلەتلەرنى تاللىماقتا.
ئافرىقىدا تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇۋاتقان يالغۇز خىتايلا ئەمەس. ياپونىيە ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ ئىئانىچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي ئارىلىشىشنى تەلەپ قىلماقتا. پارس قولتۇق دۆلەتلىرى ياردەم ۋە بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتمەكتە، سىنگاپور شىركەتلىرى يېزا ئىگىلىكىنى ئۆزگەرتمەكتە. جەنۇبىي كورېيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئالقىشقا ئېرىشمەكتە . بۇ بۇرۇلۇشنىڭ ئارقىسىدا سىياسىي يېقىنلىقمۇ بار؛ ئافرىقىدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلار غەرب دېموكراتلىرىغا قارىغاندا ئاسىيادىكى «قەلىبداشلىرى» بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىق ھېس قىلماقتا. گەرچە خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى رامكىسدىكى ئىقتىسادى پائالىيەتلىرىدە يېڭى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ پۇرىقى بولسىمۇ، ئافرىقا ھازىرچە خىتايغا شۇنداقلا شەرققە يۈزلىنىشتىن پايدىغا ئېرىشمەكتە.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
Browne, G. (2025, November 12). Syria’s new leader needs to start delivering. The Economist. (Source Excerpt).
Carlstrom, G. (2025, November 12). The tensions between stasis and change in the Middle East will increase. The Economist. (Source Excerpt).
Ogunbiyi, O. (2025, November 12). As the West turns inward, Africa looks eastward to China. The Economist. (Source Excerpt).
Pelham, N. (2025, November 12). What now for the Palestinians? The Economist. (Source Excerpt).
Pfeffer, A. (2025, November 12). Israel’s focus will shift to domestic politics. The Economist. (Source Excerpt).
