source of the image: Henry Wong , TRIBUNE
يېقىنقى 20 يىل مابەينىدە، ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقاتىدىكى ئەڭ مۇھىم تېما بولۇپ كەلمەكتە. ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتى تارىخىي جەرياندا مۇنداق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتتى: 1960-يىللاردا خىتاينى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى بىر ئىتتىپاقداش دەپ قاراشتىن، 1990-يىللاردا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق ئۇنى دېموكراتىك دۆلەتكە ئۆزگەرتىش نىشانىغا، 2008-يىلدىكى ئىقتىسادىي كرىزىستىن كېيىن ئۇنى كۈچلۈك بىر رىقابەتچىگە، 2016-يىلىدىن بۇيان بولسا، ئەگەر كونترول قىلىنمىسا ئامېرىكىنىڭ لىدېرلىق ئورنىغا تەھدىت سالىدىغان «سىستېما خاراكتېرلىك رەقىب» دەپ بېكىتىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدى. تىرامپ ئىككىنچى قېتىم سايلانغان 2024-يىلىدىن بۇيان بولسا، خىتاينى توسۇپ قېلىش مۇمكىنمۇ-ئەمەسمۇ؟ دېگەن مەسىلە مۇنازىرە قىلىنماقتا ۋە ئامېرىكا خىتاي بىلەن دۇنيانى تەڭ سوراشقا (تەڭ ھوقۇق تالىشىشقا) تەييارلىق قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا.
خىتاينىڭ ئامېرىكا سىياسىتىمۇ مۇشۇنىڭغا ماس ھالدا ئۆزگىرىپ كەلدى: 1960 يىللىرى سۆۋىتكە قارشى «يىراقتىكى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ يېقىندىكىگە ھوجۇم قىلىش» (远交近攻) تاكتىكىسىنى ، 1980-يىلىدىن 2008- يىلىغىچە « كۈچنى يوشۇرۇپ، پۇرسەت كۈتۈش » (韬光养晦) سىياسىتىنى، 2016-17 -يىلىغىچە « تىنچ باش كۆتۈرۈش» (和平崛起) سىياسىتىنى قوللاندى. 2017- يىلىدىن بۇيان بولسا «خىتايچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى» (中国式大国外交) رامكىسى ئاستىدا «خەلقئارا مۇناسىۋەتىنى دىمكراتىيەلەشتۈرۈش» (国际关系民主化)، «ئاكتىپلىق بىلەن خەلقئارالىق بۇرۇچ ۋە ۋەزىپلەرنى ئۈستىگە ئېلىش» (积极履行国际责任和义务) شەكىلىدە ئۆزگىرىپ ماڭدى ۋە ئامېرىكا بىلەن ئوچۇق- ئاشكارا ئېتىشىدىغان «بۆرە دىپلوماتىيسى» (战狼外交) دە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.
جون مېرشېيمېر ۋە ھۇجۇمچى رېئالىزىم نەزەرىيەسى ۋە ئامېرىكانىڭ دۇنياۋى ھۆكۈمران بولۇش يولى
خىتاي-ئامېرىكا رىقابىتى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسسىسلەر ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن چىقىش قىلىپ تەھلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىلىق داڭلىق پىروفېسسور جون مېرشېيمېر (John Mearsheimer) ئوتتۇرىغا قويغان «قۇرۇلمىلىق رېئالىزم» (Structural Realism)، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا «ھۇجۇمچى رېئالىزم» (Offensive Realism) نەزەرىيەسى چوڭ كۈچلەرنىڭ دۇنياۋى ھۆكۈمرانلىق تالىشىشىنى چۈشەندۈرۈشتە كۈچلۈك ئىلمىي ئاساسقا ئىگە.
مەزكۇر نەزەرىيەنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى شۇكى، خەلقئارا سىستېما «ئانارخىيەلىك» (anarchic)، يەنى مەركىزىي ھۆكۈمەتسىزلىك خاراكتېرىگە ئىگە. دۇنيادا بارلىق دۆلەتلەر بويسۇنىدىغان بىر «دۇنيا ساقچىسى» ياكى ئالىي باشقۇرۇش ئورگىنى يوق بولۇپ، ماھىيەتتە «جاڭگال قانۇنى» ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. دۆلەتلەر خەتەرگە يولۇققاندا ياردەمگە چاقىرىدىغان «خەلقئارالىق جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى» بولمىغاچقا، خەلقئارا سىستېما ھەر بىر دۆلەت ئۆز بىخەتەرلىكىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدىغان «ئۆزىگە تايىنىش سىستېمىسى» (self-help system) دۇر. ئەمما، بۇ ھالەت دائىم قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىدۇ دېگەنلىك ئەمەس؛ چۈنكى چوڭ كۈچ ياكى كۈچلەر بەلگىلىگەن پىرىنسىپلاردىن شەكىللەنگەن تەرتىپلىك بىر سىستېما پەيدا بولىدۇ، باشقا دۆلەتلەر بولسا پايدا-زىيان ھېساباتى قىلىپ، مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن چوڭ كۈچلەرنىڭ باشقۇرۇشىنى ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىدۇ.
مېرشېيمېرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل سىستېما ئىچىدە دۆلەتلەرنىڭ بىرىنچى نىشانى — مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتۇر. باشقا دۆلەتلەرنىڭ نىيىتىنى بىلىش تەس بولغانلىقى ۋە ھەربىي كۈچنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقى سەۋەبلىك، بىر دۆلەت ئۈچۈن ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ ئەڭ ئەقىللىق يولى — ئىمكانقەدەر قۇدرەت تېپىشتۇر. قۇدرەت تېپىشنىڭ ئاخىرقى نىشانى دۇنياۋى ھۆكۈمران بولۇشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ كاپالىتى «رايونلۇق ھۆكۈمران» (regional hegemon) بولۇش، يەنى ئۆز رايونىدىكى بىردىنبىر چوڭ كۈچكە ئايلىنىش ۋە دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدا ئۆزىگە تەڭ كېلىدىغان رىقابەتچىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە يول قويماسلىقتۇر.
«ھۇجۇمچى رېئالىزم» نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا 1783-يىلىدىن باشلاپ رايون خاراكتېرلىك دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇشقا تىرىشىپ كەلگەن ۋە بۇ جەرياندا تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكەن:
- قۇرۇقلۇق كېڭەيمىچىلىكى: ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئاتلانتىك ئوكياندىن تىنچ ئوكيانغىچە بولغان پۈتكۈل قۇرۇقلۇققا كېڭەيگەن.
- شىمالىي بىخەتەرلىك: سىياسىي ۋە ھەربىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن 1812-يىلى كاناداغا تاجاۋۇز قىلغان.
- جەنۇبىي تەھدىتنى يوقىتىش: 1846- يىلى مېكسىكىغا ھۇجۇم قىلىپ، 1848-يىلى شەرتنامە ئىمزالاش ئارقىلىق مېكسىكىنى ئاجىزلاشتۇرغان.
- ئۆزىگە تەڭ كېلىدىغان رايونلۇق رىقابەتچىلەرنى يوقاتقاندىن كېيىن، ياۋروپادىكى چوڭ دۆلەتلەرنى غەربىي يېرىم شاردىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 1823-يىلى مونرو خىتابنامىسى (Monroe Doctrine) نى ئىلان قىلغان. بۇ خىتابنامەبويىچە، ياۋروپا كۈچلىرىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىگە قىلغان ھەر قانداق سىياسىي ياكى ھەربىي مۇداخىلىسى بىۋاسىتە تەھدىت دەپ قارالغان.
- رايون زومىگەرلىكىنىڭ بېكىتىلىشى: 1898- يىلى ئىسپانىيەنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىسپان تەسىر كۈچىنى غەربىي يېرىم شاردىن قوغلاپ چىقارغان ۋە ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك مۇتلەق ئورنىنى تىكلىگەن.
مۇشۇ يوسۇن بىلەن ئامېرىكا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا غەربىي يېرىم شاردا مۇتلەق زومىگەرلىك ئورنىغا ئېرىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرنىڭ رايونلۇق رىقابەتچىگە ئايلىنىشىنى توسۇشقا كۈچ چىقاردى. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيەنىڭ ياۋروپاغا ھۆكۈمران بولۇشىنى توسۇپ قالدى. بۇ جەرياندا دۇنيانىڭ ئەسلىدىكى ھۆكۈمرانى ئەنگلىيە ئاجىزلاپ كەتتى ۋە ئامېرىكا دۇنيانىڭ يېڭى «ھاكىمبەگ»ىگە ئايلاندى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا (1945-1991) ئامېرىكا توغرا ئىستراتىگىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۇنياغا ھاكىم بولۇشىنى توسۇپ قالدى ۋە ئاخىرىدا ئۇنى پارچىلىدى.
مەسىلىنىڭ يىلتىزى: «ئەمەتنىڭ دوپپىسىنى مەمەتكە كەيدۈرۈش» ۋە ھەددىدىن زىيادە كېڭىيىش
ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى غەرب دۇنياسىدا مىسلىسىز ھاياجان پەيدا قىلدى. غەربلىك ئاكادېمىكلار، سىياسەتچىلەر ۋە پەيلاسوپلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ غەلىبىنى «لىبېرال دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ كۆمۈنىزم ئۈستىدىن قازانغان قەتئىي غەلىبىسى» دەپ خۇلاسىلىدى. مۇشۇنداق بىر ھاياجان ئىچىدە، فىرانسىس فۇكۇياما 1992-يىلى «تارىخنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ئاخىرقى ئىنسان» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى يازدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، لىبېرال دېموكراتىك تۈزۈم تارىختىكى بارلىق سىياسىي سىستېمىلاردىن ئۈستۈن بولۇپ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن نۇقتىسىغا ۋەكىللىك قىلاتتى؛ شۇنداقلا بۇ تۈزۈمنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان غەربلىكلەر «ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشكەن ئىنسانلار» ئىدى. بۇ پىكىر شۇ دەۋردە زور ئالقىشقا ئېرىشتى، ھەتتا بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قاراش «جاھىللىق» دەپ ئەيىبلەندى.
1996-يىلى فۇكۇيامانىڭ ئۇستازى سامۇئېل خانتىڭتون ئۇنىڭ كۆز قارىشىغا قارشى «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلدۇردى. بۇ كىتاب غەرب دۇنياسىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيادا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. خانتىڭتوننىڭ قارىشىچە، سوۋېت كوممۇنىزمىنىڭ يىمىرىلىشى ئىنسانىيەتنىڭ «تارىخىي ئاخىرلىشىش» نۇقتىسىغا يەتكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيتتى. چۈنكى توقۇنۇش ئەمدى مەدەنىيەتلەر ئاساسىدا داۋام قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا غەرب مەدەنىيىتىگە قارشى ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە خىتاي كۇڭزى مەدەنىيىتى ئەڭ كۈچلۈك ئىككى رەقىب سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ھەتتا بۇ ئىككىسى بىرلىشىپ غەربكە جەڭ ئېلان قىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان غەربلىك مۇتەخەسسىسلەر ئۇنى مەسىلىنى ھەددىدىن زىيادە ئاددىيلاشتۇرۇۋەتكەنلىك ۋە قىسمەن پاكىتلار بىلەن ئومۇمىيلىقنى ئىزاھلاش خاتالىقى ئۆتكۈزگەنلىك بىلەن تەنقىد قىلدى. لېكىن، بۇ مۇنازىرىلەرنىڭ ھورى يانماي تۇرۇپ، 2001-يىلى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» يۈز بەردى. بۇ ۋەقە ئامېرىكا تارىخىدا ئۆز زېمىنىدا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ پاجىئە دەپ قارالدى.
ئامېرىكا ئۆزىگە كېلىدىغان تەھدىتلەرنىڭ ھەقىقەتەن ئوتتۇرا شەرق ۋە خىتايدىن كېلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. بۇنىڭغا قارىتا خىتاي ۋە ئىسلام دۇنياسىغا قارىتا ئىككى خىل ئىستراتىگىيە قوللاندى، ئەمما بۇ ئىككى ئىستراتىگىيەنىڭ ئاساسى «دېموكراتىيە-تىنچلىق نەزەرىيەسى»گە تايانغان ئىدى. بۇ نەزەرىيە دەسلەپتە ياۋروپا ئاقارتىش ھەرىكىتى دەۋرىدىكى مۇتەپەككۇر ئىممانۇئېل كانت تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي ئىدىيەسى شۇكى: دېموكراتىك دۆلەتلەردە خەلقنىڭ ئىرادىسى مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ دۆلەتلەر تىنچلىقپەرۋەر بولىدۇ؛ چۈنكى خەلق ئۇرۇشنى خالىمايدۇ، ئەكسىچە باياشات ھايات، گۈللەنگەن سودا ۋە ئىناق جەمئىيەت ئىستەيدۇ. كېيىنچە لىبېرال خەلقئارا مۇناسىۋەت نەزەرىيەچىلىرى بۇ قاراشنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «دېموكراتىك دۆلەتلەر بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلمايدۇ ياكى باشقىلارغا قارىغاندا ئۇرۇشقا ئاز مايىل بولىدۇ» دەپ يەكۈنلىدى. بۇ نەزەرىيەنىڭ كۈچلۈك ئاساسى بار ئىدى؛ ياۋروپانىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دېموكراتىيەلىشىش جەريانى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇنىڭ تىپىك ئىسپاتى بولالايدۇ. يەنە كېلىپ غەرب مەدەنىيىتىگە تەۋە بولمىغان ياپونىيە، كورىيە، سىنگاپور ۋە تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەردىكى دېموكراتىيەلىشىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوتتۇرىغا چىققان گۈللىنىش ۋە تىنچلىقپەرۋەرلىك يەنە بىر كۈچلۈك پاكىت ئىدى.
ئوتتۇرا شەرقكە دېموكراتىيە ئېكسپورتى: قورال كۈچى ئارقىلىق
ئامېرىكا ئىسلام دۇنياسىغا دېموكراتىك تۈزۈم ۋە لىبېرال قىممەت قاراشلارنى ئېكسپورت قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. بۇ سىياسەتنىڭ مەزمۇنى ئاساسلىقى «دېكتاتۇر» دەپ قارالغان ھاكىمىيەتلەرنى ئالماشتۇرۇش ۋە غەربچە مەدەنىيەت ئامىللىرىنى زورلاشتىن ئىبارەت ئىدى. ئەمما بۇ ئىستراتىگىيە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئەجەللىك خاتالىقىغا ئايلاندى. 2001-يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان 24 يىل مابەينىدە، ئامېرىكا ئىنتايىن كۆپ مەبلەغ، ئەسكىرىي كۈچ، ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلدى. ئوتتۇرا شەرقتە ھاكىمىيەتلەر يىقىلدى، نۇرغۇن قان تۆكۈلدى؛ لېكىن دېموكراتىيە ۋە تىنچلىق ئورنىتىلمىدى. ئەكسىچە بىر-بىرىدىن رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا ۋە تېخىمۇ چوڭ قالايمىقانچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولدى. ئامېرىكا ۋە غەرب بولسا بۇلارنىڭ بەدىلىگە ئۆزلىرىگە قاراتقان غايەت زور ئۆچمەنلىككە ئېرىشتى. نەتىجىدە، ئوتتۇرا شەرقكە نە دېموكراتىيە، نە تىنچلىق كەلمىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، «دېموكراتىيە ئېكسپورت قىلىش» ئىستراتىگىيەسى ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ لىبېرال دۇنيا قارىشىغا بولغان سادىقلىقىغا قارىتا گۇمان پەيدا قىلدى. ئەگەر ئىراق، لىۋىيە، مىسىر، سۈرىيە، تۇنىس ۋە ئالجىرىيە ھۆكۈمەتلىرى «دېكتاتۇر» بولسا، ئۇنداقتا ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئاسىيادا چاۋشيەن ۋە بىرما قاتارلىق دۆلەتلەر دېموكراتىكمۇ؟ نېمىشقا بۇلارغا دېموكراتىيە ۋە لىبېرال قىممەت قاراشلار ئېكسپورت قىلىنمايدۇ؟ ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇشلارنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى نېمە؟ «دېكتاتۇر بولسىمۇ، ئامېرىكا بىلەن مەنپەئەت توقۇنۇشى بولمىسا رادارنىڭ سىرتىدا قالامدۇ؟» دېگەن سوئاللارنىڭ ئورتاق بىر جاۋابى يوق.
ئۇنىڭدىن باشقا، لىبېرال قىممەت قاراشلار ئوتتۇرا شەرق خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بىلەن ماسلىشامدۇ؟ غەربتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تەجرىبىلەر دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىمۇ چوقۇم غەلىبە قىلامدۇ؟ ئامېرىكىنىڭ چارەك ئەسىرلىك ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشلىرى شۇنى كۆرسەتتىكى، ھەر بىر مەدەنىيەتنىڭ تارىخىي تەجرىبىسى ئوخشاش بولمايدۇ؛ بىرىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئۇسۇل يەنە بىرىگە ماس كەلمەسلىكى ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن ئۇزۇن ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. يىغىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتە بەزى شەكىلۋازلىقلارنى ئۆزگەرتىپ، كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا دېموكراتىيە ۋە لىبېرال قىممەت قاراشلارنىڭ ئۇرۇقىنى چاچقان بولسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىلا بىخلىنىپ مېۋە بەرمىدى. ھەممىدىن يامىنى، ئامېرىكىنىڭ تۆلىگەن بەدىلى ئىنتايىن ئېغىر بولدى. بۇ بەدەلنى ماددىي جەھەتتىن ھېسابلىغىلى بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ ئەجەللىك بەدەل ئامېرىكا كۈچىنىڭ خورىشى ۋە دۇنياۋى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنىڭ تۆۋەنلىشى بولدى.
تارىخقا نەزەر سالساق، كۈچلۈك ئىمپېرىيەلەر رەقىبلىرىنىڭ زىيادە كۈچىيىپ كەتكەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى كېڭەيمىچىلىك دائىرىسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچ دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن يىمىرىلگەن. مەسىلەن، رىم ئىمپېرىيەسى گېرمان قەبىلىلىرىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا دېڭىز، شىمالىي ئافرىقا ۋە ياۋروپانىڭ شىمالىغا قاراپ ھەددىدىن زىيادە كېڭىيىپ كەتكەنلىكىدىن يىمىرىلگەن. موڭغۇل ئىمپېرىيەسىمۇ غەربتە شەرقىي ياۋروپا ۋە ئەرەب چۆللىرىگە، جەنۇبتا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ ئورمانلىقلىرىغا بارغاندا تۆتكە بۆلۈنۈپ كەتكەن ۋە مەركىزىي خانلىقنىڭ كونتروللۇقى ئاجىزلىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيەمۇ رۇسلارنىڭ تۇيۇقسىز كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇرۇش سېپىنىڭ زىيادە ئۇزىرىپ كېتىشى سەۋەبىدىن مەغلۇپ بولغان. ئەنگلىيە ئىمپېرىيەسىمۇ ئاجىزلىغان كۈچىنىڭ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغان مۇستەملىكە زېمىنلىرىنى باشقۇرۇشقا يەتمەسلىكى سەۋەبىدىن يىمىرىلگەن. ئىسپانىيە ئىمپېرىيەسى ۋە ناپالېئون فىرانسىيەسى قاتارلىق نۇرغۇن مىساللارمۇ مۇشۇنداق ئوخشاش قانۇنىيەتنى دەلىللەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئامېرىكا ھازىر ھالقىلىق نوقتىدا تۇرماقتا.
خىتايغا دېموكراتىيە ئېكسپورتى: مەبلەغ سېلىش ئىستراتېگىيەسى
ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيەسى قورال كۈچى ئارقىلىق دېموكراتىيە ۋە لىبېرال قىممەت قاراشلارنى يېيىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، خىتايغا قاراتقان ئىستراتېگىيەسى مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق دېموكراتىيە ۋە لىبېرال قىممەت قاراشلارنى ئېكسپورت قىلىش بولدى. بۇ سىياسەت لىبېرال خەلقئارا مۇناسىۋەت نەزەرىيەسىدىكى «دېموكراتىك تىنچلىق نەزەرىيەسى»نىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ مەنتىقىسى مۇنداق: ئىقتىساد تەرەققىي قىلسا، ئوتتۇرا سىنىپ پەيدا بولىدۇ؛ ئوتتۇرا سىنىپ ھەم پۇل تاپقان، ھەم ئاڭلىق كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار تەبىئىي ھالدا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك تەلەپ قىلىدۇ. بۇ قۇتۇپتىكىلەرنىڭ سانى كۆپەيگەنسىرى، تۈزۈم ئۆزگەرتىش تەلىپى كۈچىيىپ، ھۆكۈمەتكە بېسىم ھاسىل قىلىدۇ؛ ھۆكۈمەت بولسا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولىدۇ. نەتىجىدە، خىتاينىڭ تۈزۈمى دېموكراتىيەلىشىدۇ. «دېموكراتىك دۆلەتلەر ئۇرۇشقا ئاز مايىل بولىدۇ ياكى ئىككى دېموكراتىك دۆلەتنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ» دەپ قارىلىدۇ. بۇ نەزەرىيە غەرب جەمئىيىتىگە نىسبەتەن توغرا بولۇپ، غەربتە دېموكراتىيەلىشىش جەريانى ھەقىقەتەن يۇقىرىقىدەك باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكەن. ئامېرىكا بۇ ئەندىزىنى خىتايدا سىناپ كۆردى ۋە ئۆز بېشىغا بالا تېرىدى.
ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىغا ۋە نۆۋەتتىكى يۆنىلىشىگە نەزەر سالساق، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي، ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئىدېئولوگىيەلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ماھىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىش مۇمكىن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە داۋالغۇشلارغا تولغان بىر مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. 1969-يىلىدىكى چېگرا توقۇنۇشى بىلەن چوققىغا يەتكەن خىتاي-سوۋېت مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشىگە قەدەر، ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ بىر-بىرىگە ئىدېئولوگىيەلىك دۈشمەن سۈپىتىدە قاراپ كەلدى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ھالقىلىق بۇرۇلۇش نۇقتىسى 1970-يىللاردىكى دىپلوماتىك يېقىنلىشىش (جۈملىدىن پرېزىدېنت نىكسوننىڭ زىيارىتى) بىلەن باشلاندى. ئامېرىكا ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، ئىككى كوممۇنىست دۆلەتكە ئوخشىمىغان ئىستراتېگىيە قوللاندى: سوۋېت ئىتتىپاقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا تېگىشلىك «مەۋجۇتلۇق تەھدىتى» دەپ قارىسا، خىتاينى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ لىبېراللىققا ۋە دېموكراتىيەگە ئۆتۈش ئېھتىماللىقى بولغان دۆلەت دەپ قارىدى. مۇشۇ پەرەزگە ئاساسەن، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى 1980-يىللاردىن باشلاپ خىتايغا زور مىقداردا مەبلەغ سېلىشنى يېڭى بىر ئىستراتېگىيە سۈپىتىدە يولغا قويدى.
ئامېرىكا تەخمىنەن ئوتتۇز يىل ۋاقتىنى خىتاينى ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان خەلقئارالىق سىستېمىغا ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن سەرپ قىلدى؛ بۇ جەرياندا خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا (WTO) كىرىشىنى ئاكتىپ قوللىدى ھەمدە خىتايغا غايەت زور بىۋاسىتە مەبلەغ سالدى ۋە تېخنىكا ئېكسپورت قىلدى. 2000-يىللاردىن ئىلگىرى، خىتاي دېڭ شياۋپىڭنىڭ «كۈچنى يوشۇرۇپ، پۇرسەت كۈتۈش» (韬光养晦) سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۇنياۋى ھۆكۈمرانلىق قۇرۇلمىسىنى قوللاپ كەلدى ياكى ئۇنىڭغا قارشى چىقمىدى. كېيىنرەك، خۇ جىنتاۋنىڭ «تېنچ قەد كۆتۈرۈش» شوئارى ئاستىدا، گەرچە ئىدېئولوگىيەلىك سۈركىلىشلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، ئىككى دۆلەت 2012-يىلىغىچە ئاساسەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلىدى. نەتىجىدە، خىتاي 2010-يىلى ئىقتىسادىي جەھەتتىن (GDP) ياپونىيەدىن، 2014-يىلى سېتىۋېلىش كۈچى تەڭپۇڭلۇقى (PPP) بويىچە ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتتى. 2018-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي يىللىق ئوتتۇرىچە ئىقتىسادىي ئېشىشىنى %9.5 لىك سۈرئەتتە ساقلاپ كەلدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق سودا ئالاقىسى ئۇلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىر-بىرىگە چەمبەرچاس باغلاپ قويدى.
خىتاي ئىقتىسادى مۆجىزە كەبى تەرەققىي قىلدى. 2018-يىلى خىتايدىكى ئوتتۇرا سىنىپنىڭ سانى 707 مىليونغا يېتىپ، دۇنيادا بىرىنچى ئورۇنغا چىقتى. بىراق ۋەزىيەت كۈتۈلگىنىدەك بولمىدى. بۇ ئوتتۇرا سىنىپ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن دېموكراتىك ئىسلاھات تەلەپ قىلالمىدى؛ ئىقتىسادىي مۇۋەپپەقىيەتلەرمۇ خىتايغا دېموكراتىيە ۋە لىبېرال قىممەت قاراشلارنى ئېلىپ كەلمىدى. ئەكسىچە، خىتاي غەربنىڭ مەبلىغى ۋە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ قولغا كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي كۈچى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ سىياسىي كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. دېموكراتىيەدىن تېخىمۇ يىراقلىشىپ، مۇستەبىت تۈزۈمى تېخىمۇ قۇدرەت تاپتى، شۇنداقلا غەربنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا رەت قىلدى. خىتاي ئەمدى ئامېرىكىنىڭ، بولۇپمۇ شەرق ئاسىيادىكى ئۈستۈنلۈكىگە يول قويمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلەپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنياۋى ھاكىمبەگلىك ئورنىغا جەڭ ئېلان قىلماقتا. ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ ئۆتۈپ، خىتاي رەھبەرلىرى نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئەندىزىسىنىڭ غەربنىڭ لىبېرال مودېلىدىن ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى، شۇڭا دۇنياغا دېموكراتىيە ۋە لىبېرال قىممەت قاراشلارنىڭ ئورنىغا، خىتايچە سىياسىي سىستېما ۋە قىممەت قاراشلارنى بىر تاللاش سۈپىتىدە سۇنماقتا.
يىغىپ ئېيتقاندا، غەربكە ماس كەلگەن بۇ نەزەرىيە خىتايغا كەلگەندە ئىشلىمىدى. جون مېرشېيمېر ئامېرىكىنىڭ بۇ سىياسىتىنى «لىبېرال خام خىيال» دەپ ئاتىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك خاتالىقىنى ئۆتكۈزدى. ئامېرىكا ئەمەلىيەتتە خىتاينى ئۆز قولى بىلەن ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقتى؛ ئەمدىلىكتە بولسا، خىتاي ئامېرىكىنىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ رەقىبىگە ئايلاندى.
ھارغىن ئامېرىكا VS كۈچىگە تولغان خىتاي
ئامېرىكا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيانىڭ ساقچىسى بولۇش رولىنى ئۆتەپ كەلدى. ياۋروپانى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قايتا قۇرۇپ چىقتى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى بىۋاسىتە ئۈستىگە ئالدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك، ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزۇنغا سوزۇلغان، ئىنتايىن قىممەتكە چۈشكەن، ئالغان پايدىسىنى ئېنىق بىر نەرسە دېگىلى بولمايدىغان، ئەمما ئامېرىكىنىڭ دۇنياۋى كۈچى ۋە ئىناۋىتىنى خوراتقان توقۇنۇشلارغا كىردى. ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يىللىق مۇداپىئە چىقىمى 997 مىليارد دوللار بولۇپ، بۇ دۇنيادىكى پۈتۈن دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي مۇداپىئە چىقىمىنىڭ 40% نى ئىگىلەيدۇ. يەنە كېلىپ، دۇنيانىڭ 80 دىن ئارتۇق دۆلىتىدە 750 ئەتراپىدا ھەربىي بازىسى بار بولۇپ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىغا غايەت زور يۈك بولۇپ كەلمەكتە.
ئامېرىكىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كېڭىيىپ كەتكەنلىكى ۋە بۇنىڭ خىتايغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ئوباما دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا تونۇپ يېتىلگەن بولسىمۇ، تىرامپ ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كەسكىن قارارلارنى ئالدى. تىرامپ ئامېرىكىنىڭ كۆتۈرەلمەس يۈكلىرىنى تاشلاپ، ئۆز قىتئەسىگە قايتىش ۋە مۇداپىئە مەسئۇلىيىتىنى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن تەڭ كۆتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى قوللاندى. ئەمما، تىرامپنىڭ سىياسەتلىرىگە نەزەر سالساق، «توغرا ئىستراتىگىيەنىڭ خاتا كىشى تەرىپىدىن خاتا ئىجرا قىلىنىشى»دەك بىر يەكۈن كېلىپ چىقىدۇ. تىرامپنى ئامېرىكا ۋە دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ ھەييار ۋە نۇمۇس قىلمايدىغان پىرىزېدېنت دەپ قاراش مۇمكىن. ئۇنىڭدا لىدېرلارغا خاس سۆز قىلىش ماھارىتى ۋە دۆلەت رەھبىرىگە لايىق ئەخلاقنىڭ بولماسلىقى ئەجەللىك بىر كەمچىلىكتۇر. ئارىستوتېلنىڭ «دېموكراتىيە — پۈتۈن ناچار سىستېمىلار ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى» دېگەن سۆزى، دەل تىرامپتەك بىر كىشىنىڭ ئامېرىكىغا رەھبەر بولۇپ سايلىنىشى بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. تىرامپ جىددىي سورۇنلاردا نۇرغۇن كېرەكسىز، يالغان ۋە مۇبالىغە قىلىنغان گەپلەرنى قىلىدۇ؛ خالىسا بىرىنى يوق سۈپەتلەر بىلەن ماختايدۇ، خالىسا ئاساسسىز ئەيىبلەيدۇ. ئۇ ئۆز ئاچكۆزلۈكىنى پەدازلىماي دۇنياغا ئاشكارىلاپ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئۆزىنىڭ «لۈكچەك سىياسىتى» ئۈچۈن قورال قىلىپ ئىشلەتمەكتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزمەكتە.
تىرامپقا سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ رەقىبلىرىدىن پۇتىن ۋە شى جىنپىڭ تېخىمۇ ئەستايىدىل ۋە ئىشەنگىلى بولىدىغان تەسىر بېرىدۇ. شۇڭا خىتايلار تىرامپنىڭ ئامېرىكىغا پىرىزېدېنت بولۇشىنى «تەڭرىنىڭ خىتايغا قىلغان مەرھەمىتى» دەپ قارايدۇ. چۈنكى تىرامپنى ئىقتىسادىي مەنپەئەت بىلەن تېز بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ھەممىدىن مۇھىمى خىتاينىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى بولغان ئامېرىكا ۋە غەربنى تىرامپ ئۆز قولى بىلەن ئاجىزلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.
بىر دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋال تېپىشىدا غەربلىكلەر دۆلەت رەھبىرى ئەمەس، بەلكى دۆلەت تۈزۈمى مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ قارايدۇ. خىتايلار بولسا مەسىلىگە مۇنداق قارىمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قارىشىدا، دۆلەت لىدېرى تۈزۈمدىن مۇھىم. بۇ ھەقتە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت مۇتەخەسسىسى يەن شۆتۇڭ مەخسۇس بىر كىتاب يازغان بولۇپ، ئۇ بىر چوڭ كۈچنىڭ يۈكسىلىشى ياكى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشىدىكى تۈپ تۈرتكىلىك ئامىلنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
يەن شۆتۇڭنىڭ پىكرىچە، دۆلەتلەر يۈكسىلىدۇ، يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ ۋە ئاخىرىدا زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ يىمىرىلىدۇ. تۈزۈمنىڭ ئۆزىلا بۇ جەرياننى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، چۈنكى بىر دۆلەت ئەڭ گۈللەنگەن چوققىسىدىمۇ ۋە ۋەيران بولۇش ئالدىدىمۇ ئوخشاش بىر تۈزۈم ئاستىدا تۇرغان بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئەنگلىيە ئىمپېرىيەسى، ناتسىست گېرمانىيەسى، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز تۈزۈملىرىدە تۈپ ئۆزگىرىش بولمىغان ئەھۋالدا يۈكسىلىش، مۇقىملىق ۋە زاۋاللىق مەزگىللىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. ئەگەر تۈزۈم مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاساسلىق ئامىلى بولغان بولسا، ئوخشاش بىر تۈزۈمنىڭ ھەم دۆلەتنى چوققىغا چىقىرىشى، ھەم ئۇنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشىغا سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن بولمايتتى. شۇڭلاشقا، بۇ جەرياندىكى ئۆزگىرىشچان ئامىل — رەھبەرنىڭ قابىلىيىتى ۋە ئۇلار قوللانغان ئىستراتېگىيەدىن ئىبارەتتۇر.
يەن شۆتۇڭ 2017- يىلى تىرامپ ھۆكۈمىتى تەختكە چىققان دەسلەپكى ئالتە ئاي ئىچىدە، ئامېرىكىنىڭ يۇمشاق كۈچى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىناۋىتىنىڭ (strategic credibility) زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمى ئۆزگەرمىگەن، بىردىنبىر ئۆزگەرگەن نەرسە پەقەت «رەھبەرلىك»تۇر. يەن شۆتۇڭ يەنە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە «ئىستراتېگىيەلىك ئىناۋەت»نىڭ، يەنى باشقا دۆلەتلەر ئىشىنەلەيدىغان، ۋەدىسىدە تۇرىدىغان بىر سىياسىي گەۋدە بولۇشنىڭ ئەڭ ئەقەللىي «تۆۋەن قاتلاملىق ئەخلاق» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. تىرامپنىڭ خەلقئارالىق ۋەدىلىرىدە تۇرماسلىقى ۋە دائىم يالغان سۆزلىشى (كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، تىرامپ يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2000 قېتىم يالغان سۆزلەيدىكەن) ئامېرىكىنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك ئىناۋىتى»گە زور زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئىناۋەت تىكلەش ئىنتايىن ئۇزۇن ۋە قىيىن بىر مۇساپە، بىراق ئۇنى ۋەيران قىلىش بەكلا ئاسان. تىرامپ ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئېتىبارىغا تۆت يىل ئىچىدە زور زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن رەھبەرلەرنىڭ بۇ ئىناۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.
يەن شۆتۇڭنىڭ نەزەرىيەسىنى پۈتۈنلەي توغرا ياكى خاتا دېگىلى بولمايدۇ. تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنى ھەددىدىن زىيادە كېڭىيىپ كەتكەن ھالەتتىن يىغىنچاق ھالەتكە ئېلىپ كېلىش ئىستراتىگىيسىنىمۇ خاتا دېيەلمەيمىز. چۈنكى بۇ ئامېرىكىنىڭ كۈچىنىڭ يەنىمۇ خوراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ بەلكىم بۇ ئەڭ ھالقىلىق پەيتتە ئېلىنغان توغرا قارار بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما بۇ ئىستراتېگىيەنى ئېلىپ بېرىش جەريانىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ۋە تىرامپنىڭ ئامېرىكىغا ھەمدە غەرب نەچچە يۈز يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ تىكلىگەن لىبېرال خەلقئارا سىستېمىغا زىيان سېلىۋاتقانلىقى مۇقەررەر.
ئىقتىسادشۇناس (The Economist) ژۇرنىلىنىڭ ئەڭ يېڭى ئانالىز ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تىرامپ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچى سىياسەتلىرى ۋە ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلىرىنى ياتلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق، ئۆزى سەزمىگەن ھالدا خىتاينىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولماقتا. تىرامپنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى «ئىلىم-پەنگە ھۇجۇم قىلىش» سىياسىتى تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ مىلياردلىغان مەبلىغىنىڭ كېسىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇنىڭ چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارغا بولغان دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسى ئىقتىساسلىقلارنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىنى (brain drain) تېزلەتمەكتە. نەتىجىدە، نۇرغۇنلىغان تالانتلىق ئالىملار ئامېرىكىدىن كېتىشكە ياكى ئامېرىكىنى تاللىماسلىققا مەجبۇر بولغان، بۇ ئەھۋال بىۋاسىتە خىتاينىڭ ئىقتىساسلىقلار ئامبىرىنى بېيىتتى.
تىرامپ يەنە خەلقئارالىق ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ خىتايغا قارىتا «سودا قورشاۋى» شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئورنىغا، ئۆزىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتى ئارقىلىق ئىتتىپاقداشلىرىنىمۇ خىتاي تەرەپكە ئىتتىرگەن. بۇنىڭ بىلەن خىتايغا قارشى بىرلىكسەپ قۇرۇش پۇرسىتىنى قولدىن بەرگەن. تىرامپ بۇنىڭدىن سىرت ئامېرىكا دۇنياۋى ئىتتىپاقداشلىرىنى باغلاپ تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال قىممەت قاراشلارغا سەل قاراش ئارقىلىق، ئامېرىكىنى خۇددى رىقابەتچىلىرىگە ئوخشاش تار مىللەتچىلىك تۈسىنى ئالغان بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماقتا. بۇ بۇرۇلۇش ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى بولغان يەر شارى خاراكتېرلىك تەسىر كۈچى ۋە ئەخلاقىي نوپۇزىنى سۇسلاشتۇرماقتا. تىرامپنىڭ «پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان» ۋە «سودىلاشقۇچى» خاراكتېرى بولسا ئىتتىپاقداشلار ئارىسىدا تۇراقسىزلىق ياراتقان. بۇ ئەھۋال نۇرغۇن دۆلەتلەرنى «تىرامپ تەرىپىدىن تاشلىنىپ قېلىش»تىن ئەنسىرەپ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرۇشقا ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇداپىئەلىنىش يولىنى تاللاشقا مەجبۇر قىلماقتا.
دۆلەت كۈچى ھەرۋاقىت شۇ دۆلەتنىڭ ئۆز تەرەققىياتى بىلەنلا ئۆلچەنمەيدۇ؛ بەلكى رەقىبىنىڭ قانچىلىك ئاجىزلىغانلىقىمۇ بۇ كۈچ سېلىشتۇرمىسىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. ئامېرىكىنىڭ 1945-يىلىدىن، بولۇپمۇ 1991-يىلىدىن بۇيانقى سىرتقا كېڭىيىش نىسبىتى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچىدىن ئېشىپ كەتتى. ئۆتكەن 20-30 يىلغا نەزەر سالساق، ئامېرىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ (ھەربىي، ئىقتىسادىي، پەن-تېخنىكا ۋە دىپلوماتىيە) ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز. 2000-يىللاردىكى ھەيۋەتلىك ئامېرىكا بىلەن 2025-يىلىدىكى چارچىغان، چارىسىز ۋە زىددىيەتلەر ئىچىدە قالغان ئامېرىكىنى سېلىشتۇرۇش، مەسىلىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئامېرىكا دېموكراتىيە ۋە لىبېرال قىممەت قاراشلارنى ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن مىلياردلىغان دوللار مەبلەغ سېلىپ، يۈز مىڭلىغان ئەسكىرىنى قانلىق ئۇرۇشلارغا يۆتكەپ، ئاخىرىدا ئۆزىگە يېڭى دۈشمەنلەرنى تېپىۋالدى. ئامېرىكا مۇشۇنداق ھېرىپ چارچىغان بىر ۋاقىتتا، خىتاي پۈتۈن كۈچىنى دۆلەت ئىچىنى تەرتىپكە سېلىشقا، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي قۇدرىتىنى ئاشۇرۇشقا ھەمدە ئۆز دىپلوماتىيە تورىنى كېڭەيتىشكە سەرپ قىلدى. خىتاي ھەتتا ئامېرىكا دۈشمەن قىلغانلارنى (رۇسىيە ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى) ئۆزىگە يېقىن دوست قىلىۋالدى. ئوخشاش ئۇسۇلدا، 2000-يىللاردىكى «ساختا ماللار ۋە ئەرزان ئەمەك كۈچى ماكانى» دەپ قارىلىدىغان خىتاي بىلەن، 2025-يىلىدىكى «دۇنيانىڭ زاۋۇتى»، رەقەملىك دۇنيانىڭ باشلامچىسى ۋە ئامېرىكىنىڭ تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك رەقىبىگە ئايلانغان خىتاينى سېلىشتۇرۇش، كۈچ سېلىشتۇرمىسىدىكى بۇرۇلۇشنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
خىتاينىڭ دۇنيا سانائەت قوشۇمچە قىممىتىدىكى ئۈلۈشى نۆۋەتتە 30% تىن ئېشىپ كەتتى. بۇ ئەھۋال خىتايغا يەر شارى تەمىنات زەنجىرىنى خالىغان ۋاقىتتا پالەچ قىلىپ قويۇش ئىقتىدارىنى بەردى. بولۇپمۇ «يېشىل تېخنىكا» ساھەسىدە مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تىكلىگەن بولۇپ، دۇنيادىكى قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرى، شامال توربىنىلىرى ۋە ئېلېكترلىك ماشىنىلارغا كېرەكلىك خام ئەشيا ۋە زاپچاسلارنىڭ 60% تىن 80% كىچە بولغان قىسمىنى خىتاي تەمىنلىمەكتە. خىتاي يەر شارى بويىچە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئۆتتى؛ ئۇ 74 مۇھىم ئىلمىي ساھەنىڭ 66 سىدە تەتقىقات جەھەتتىن دۇنيانىڭ ئالدىدا كېتىۋاتىدۇ. خىتاي بۇ ئۈستۈنلۈكتىن پەقەت بايلىق يارىتىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بىر «كۈچ مەنبەسى» سۈپىتىدە پايدىلىنىش نىيىتىنى ئاشكارىلىدى. مەسىلەن، ئاز ئۇچرايدىغان مىنېراللارنىڭ ئېكسپورتىنى چەكلەش ئارقىلىق، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئېھتىياجىنى سىياسىي قورالغا ئايلاندۇردى.
ئانالىزنىڭ بۇ نۇقتىسىغا كەلگەندە شۇنى تەكىتلەش زۆرۈر: ھازىرقى ئەھۋالنىڭ بۇنداق شەكىللىنىشى خىتاينىڭ غەلىبە قىلىشى ياكى ئامېرىكانىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ؛ ھەتتا خىتاينىڭ ئامېرىكادىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ كۆرسەتمەيدۇ. ئەكسىچە، بۇ پەقەت ھازىرقى رېئاللىقنىڭ ھەقىقىي، پەردازلانمىغان ھالىتىدۇر. ئامېرىكا يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ، بولۇپمۇ ھەربىي جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە. ئەمما ئۇنىڭ ئومۇمىي (ئۇنىۋېرسال) كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى، تەسىر دائىرىسىنىڭ خوراپ كېتىشى ۋە ترامپ مەزگىلىدە بىر كىرىزىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغانلىقىمۇ بىر ھەقىقەتتۇر. شۇنداقلا بۇ مەزگىلدە خىتاينىڭ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئامېرىكانى قوغلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. ترامپنىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى جون بولتوننىڭ قارىشىچە، ترامپ تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن ئامېرىكا «رېلىسقا قايتىپ چۈشۈشى» مۇمكىن. پروفېسسور مېرشايمېر بولسا ترامپنىڭ دىققەتنى خەلقئارالىق ئىشلارنىڭ ئورنىغا دۆلەت ئىچىگە قاراتقانلىقىنى چوڭ جەھەتتىن توغرا دەپ قارايدۇ. بەلكىم ترامپتىن كېيىنكى پىرېزىدېنت ئامېرىكانىڭ «ئارتۇق يۈكنى تاشلىۋېتىش» ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ توغرا شەكىلدە يولغا قويۇپ، شۇ ئارقىلىق خىتاينى ئۈنۈملۈك چەكلىيەلەيدىغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، خىتاينىڭ كۈچىيىشى، رۇسىيەنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشى دۇنيانىڭ بۇرۇنقىدەك پۈتۈنلەي ئامېرىكاغا تەۋە بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ئەكسىچە، ئامېرىكا يەنىلا 1-نۇمۇرلۇق كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ قالسىمۇ، خىتاي، رۇسىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ھىندىستان ۋە ياپونىيە قاتارلىق كۈچلەرنىڭمۇ زور تەسىرگە ئىگە بولغان كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيانىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا.
پايدىلدنغان ماتېرىياللار:
«`html
- The Economist. (2018, March 1). How the West got China wrong
- 阎学通. (2020). 大国领导力. 中信出版集团
- Tanrikut, M. (2024). Assessing China’s Hegemonic Ambitions Amidst the Eastward Shift of Global Power: An Analysis of Offensive Realism and Economic Growth. Asya Studies, 8(30), 337-360. https://doi.org/10.31455/asya.1568472
- Asia Society. (2024). The United States, China, and the Future of the Global Order [Video]. YouTube
- Rachel Blevins. (2025, November 18). Russia DOMINATES on the Battlefield + China’s RISE Challenges the US | Prof. John Mearsheimer [Video]. YouTube
- The Economist. (2025, November 18). China and Japan are in a vicious game of chicken over Taiwan
- The Economist. (2025, November 27). America’s oldest ally in Asia is drawing closer to China
- The Economist. (2025, December 11). Hedging against Trump, Canada reconsiders ties with China
- The Economist. (2025, December 18). China proved its strengths in 2025—and Donald Trump helped
- China Daily. (n.d.). Mearsheimer on China-US: The US can no longer stop China’s rise [Video]. YouTube
- GEO POLITICS. (n.d.). How China Rewrote the Global System — And Why America Can’t Stop It [Video]. YouTube
- Pascal Coppens. (n.d.). What the West gets wrong about China! Four main misconceptions about China [Video]. YouTube
- World Knowledge Forum. (n.d.). The Future of the Global Geoeconomic Order | John Mearsheimer, Robin Niblett and Henry Haggard [Video]. YouTube
«`
