
بۇ يازما مەۋلان تەڭرىقۇت (شېففىلد ھاللام ئۇنۋىرسىتىتى، ئەنگىلىيە) نىڭ 2026- يىلى 2-ئايدا « ئىسلام تەتقىقاتى ژۇرنىلى» نىڭ 55-سانىدا ئېلان قىلىنغان « “Yabani” ve “Ehlîleştirilmiş” Barbarlar: Hui Müslümanları Niçin Uygurlar Kadar Baskı Görmüyor?\ “Wild” and “Tamed” Barbarians: Why are Hui Muslims not Oppressed like the Uyghurs? » ناملىق ئىلمىي ماقالىسىنىڭ قىسقارتىلغان نۇسخىسىدۇر. ماقالە ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككىگە بۆلۈپ يوللىنىدۇ. بۇ بۆلۈم خۇيزۇلارغا مۇناۋسىۋەتلىك بولۇپ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۆلۈم بىر نەچچە كۈن كىين يوللىنىدۇ. ماقالىنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ ئۇلىنىشتىن https://doi.org/10.26570/isad.1669903 ئوقۇڭ.
بۇ ماقالە گەرچە ئوخشاش ئسىلام دىنىغا ئىتقاد قىلسىمۇ خۇيزۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش زۇلۇم ۋە بېسمغا ئۇچۇرمايدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىدۇ. ئاپتۇر خىتاينىڭ تارىخىي ۋە سىياسەت پەلسەپەسى نۇقتىسىدىن «ياۋايى» دەپ تۈرگە ئايرىغان خىتاي بولمىغان خەلقلەرگە بولغان قارىشىنى ۋە بۇ خەلقلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تارىخىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋىتىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، خۇيزۇلار ۋە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن پەرقلىق سىياسەتلەرنى تەھىلىل قىلغان. چىقارغان يەكۈنى بولسا 1) خىتاي ھاكىمىيەت چۈشەنچىسىنىڭ مەدەنىيەت كۆپ خىللىقىنى تەھدىت دەپ قارىشى 2) ئۇيغۇرلار ۋە خۇيزۇلارنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىگە ئاسمىلاتسىيە بولۇش، يەنى «كۆندۈرۈلۈش» دەرىجىسىدىكى پەرقلىرى 3) ۋە خىتاي بىلەن بولغان تارىخى مۇناسىۋىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى خىتاينىڭ بۇ ئىككى خەلققە پەرقلىق سىياسەت يۈرگۈزۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغا سەۋەبلەردۇر. ئاپتۇر يەنە گەرچە ئۇيغۇرلاردەك زۇلۇمغا ئۇچۇرمىسىمۇ، خۇيزۇلارنىڭ بېسىمغا ئۇچۇرمىغان دەپ قاراشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ماقالىدە ھەم تۇڭگان ھەم خۇيزۇ ئىسمى قوللىنىلدى. ھەر ئىككى ئىسىم ئوخشاش خەلقنى كۆرسىتىدۇ. ماقالىدىكى «تۈركلەر» دېگەن سۆز شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبىك قاتارلىق خەلقلەرنى، بەكرەك ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ماقالىدە خىتاي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ خىتاي بولمىغان خەلقلەرگە بولغان كۆز قارىشى ۋە سىياسىتىنى ئۇلارنىڭ سىياسەت پەلسەپە چۈشەنچىسى بىلەن ئىپادىلەش مەخسىدىدە ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلار ئۈچۈن «ۋەھشىي» ۋە «كۆندۈرۈلگەن» دېگەن سۈپەتلەر ئىشىلتىلدى. يەنى خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى دۇنيا قارىشىدا خىتاي بولمىغان پۈتۈن خەلق «ياۋايى» دۇر؛ بۇ ياۋايىلارنىڭ ئارسىدا خىتاي مەدەنىيتىگە ئاسمىلاتسىيە بولغانلار (ياكى قوبۇل قىلغانلار) «كۆندۈرۈلگەن» ياۋايىلار» دۇر، ئاسمىلاتسىيە بولمىغانلىرى (ياكى قوبۇل قىلمغانلىرى) «ۋەھشىي ياۋايىلار» دۇر.
مەيلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلار، ياكى شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەرنىڭ بولىۋاتقانلىقى ھەققىدە چەكلىك مەلۇماتقا ئىگە بولغان كىشىلەر ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە پائالىيەتچىللىرىدىن تولا سورايدىغان سۇئاللارنىڭ بىرى خۇيزۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئومۇميۈزلۈك بىر بېسىمغا دۇچ كەلمىگەنلىكى ياكى ئىككى مىللەتكە قاراتقان بېسىم سىياسەتلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن پەرقلىنىدىغانلىقىدۇر.
مۇۋجۇت تەتقىقاتلاردا خۇيزۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مەۋجۇتلۇق تەھدىتى دەپ قارالمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. گارسىيانىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خۇيزۇلارنىڭ سىياسىي جەھەتتىن تەشكىلسىز شۇنداقلا مۇستەققىل بولۇش نىشانىدىن خالىي بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار بېسىم ئاستىغا ئېلىنمايدۇ. ئۇيغۇرلار بولسا مۇستەقىللىق تەلىپى ۋە تەشكىللىك قارشىلىق كۆرسىتىشى سەۋەبىدىن تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىشكە دۇچ كەلمەكتە. ئېرنازاروۋ بولسا خۇيزۇلارنىڭ تارىختا خىتاي جەمئىيىتىگە ماسلىشىپ سىڭىپ كەتكەنلىكىنى، بولۇپمۇ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مۇھىم ئورۇنلاردا تۇرۇپ دىنىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئەركىنلىكلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. لېكىن خۇيزۇلارنىڭ ھەر بىر دەۋردە دۆلەت بىلەن ماسلىشىپ ئۆتكەنلىكىنى ئېيتىش قىين بولۇپ مەزكۇر تەتقىقاتنىڭ كېيىنكى قىسمىدا بايان قىلىنغىنىدەك، خۇيزۇلار مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قاتتىق مەدەنىيەت بېسىمىغا ۋە مىللىي كەمسىتىشكە دۇچ كەلگەن.
يەنە بەزى تەتقىقاتلار بولسا مەسىلىگە مەدەنىيەت كىملىكى نۇقتىسىدىن قارىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلاردىن مەدەنىيەت جەھەتتىن تېخىمۇ پەرقلىق، تۇڭگانلارنىڭ بولسا تېخىمۇ يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق بۇ تەتقىقاتلارنىڭ كۆپىنچىسى مەلۇم بىر قىسقا دەۋرگە مەركەزلىشىپ قالغان بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىللىك تارىخىي جەريانلارغا سەل قارىغان. مەسىلەن، گۆنۈل ۋە روگېنخور 1990-يىلىدىن كېيىنكى دەۋرنى تەتقىق قىلغان بولۇپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن ئىلگىرىكى سىياسەتلەر ۋە تەسىرلەر سىرتتا قالدۇرۇلغان. ھالبۇكى خىتاينىڭ بۇ پەرقلىق قارىشىنىڭ يىلتىزىنى ۋە تەرەققىياتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ تارىخىي نۇقتىدىن ئانالىز قىلىش تېخىمۇ مۇھىم. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاينىڭ مەدەنىيەتكە نېمە ئۈچۈن بۇنچە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە خۇيزۇ مەدەنىيىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئېغىر مەسىلە سۈپىتىدە قارالمىغانلىقىنى چۈشىنىش، مەسىلىنى چوڭقۇر تونۇش ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق زۆرۈرىيەتتۇر. بۇ سەۋەبتىن مەزكۇر ماقالە ، خىتاينىڭ ئوخشىمىغان مىللەتلەرگە بولغان قاراشلىرىنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشىنى ئانالىز قىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە خۇيزۇلارغا يۈرگۈزۈلگەن سىياسەتلەرنىڭ يىلتىزىنى تارىخىي مۇناسىۋەت ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن خىتايلىشىش دەرىجىسىدىكى پەرقلەر، خىتاينىڭ بىر گەۋدىلەشكەن مىللەت (يەنى جۇڭخۇا مىللىتى) بەرپا قىلىش قۇرلۇشى ۋە بۇ دائىرىدىكى تەھدىت قارىشى قاتارلىق ئامىللارنى ئاساس قىلىغان ھالدا ئانالىز قىلىدۇ.
خىتاينىڭ ئۆزىدىن باشقىلارغا بولغان دۇنيا قارىشىنىڭ تارىخىي ۋە پەلسەپىۋى مەنبەسى ھەمدە «ۋەھشىي» ۋە «بويسۇندۇرۇلغان» ياۋايىلار
خىتاي مەدەنىيىتى خۇاڭخى ۋە چاڭجىياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنلىرىدىكى جۇغراپىيەلىك رايوندا شەكىللەنگەن. خىتاي خەلقى تارىختا بۇ رايوننىڭ سىرتىدىكى خەلقلەر بىلەن — يەنى خىتايلارنىڭ تىلى بىلەن «تۆت ياۋايى» (四夷) دەپ ئاتىلىدىغان خىتاي بولمىغان گۇرۇپپىلار بىلەن — ئۈزلۈكسىز قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىدە بولۇپ كەلگەن. شاڭ ۋە جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ خەلقلەر خىتاي زېمىنىغا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغان؛ بۇ ئەھۋال خىتاي خەلقىنى بىر تەرەپتىن ئۆز مەدەنىيەت كىملىكىنى قوغداشقا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنى ئۇلاردىن ئۈستۈن كۆرىدىغان ئىككى تەرەپكە ئىتتىرگەن. خىتايلار مەدەنىيەت پەرقىنى ئاساس قىلغان قاتلاملىق بىر سىستېما بەرپا قىلغان بولۇپ بۇ سىستېمىدا خىتاي بولمىغانلار تۆۋەن، ياۋايى، ۋەھشىي دەپ بېكىتىلگەن ھەمدە يوشۇرۇن تەھدىت ئامىلى دەپ قارالغان.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ قاراش كۇڭزى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە كۆپ ئۇچرايدىغان شۇنداقلا خىتاي پەيلاسوپلىرىنىڭ تۆھپىسى بىلەن سىستېمىلىق بىر پىكىرگە ئايلانغان خىتاي مەركەزچىلىك ۋە مەدەنىيەت ئۈستۈنلۈك قارىشىغا ئايلانغان. لىجى (ئۆرپ-ئادەتلەر كىتابى) قاتلاملىق بەش رايون ھەققىدە توختالغان بولۇپ، بۇ مودېلغا ئاساسلانغاندا، مەدەنىيەت تەرەققىياتى خىتاي ئىمپېرىيە مەركىزىدىن يىراقلاشقانچە تۆۋەنلەيدۇ. «تۆت ياۋايىلار» بۇ مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يىراق ئەتراپ رايونلىرىدا ياشايدۇ. شىمالدىكى «ياۋايىلار» بېيدى (北狄)، شەرقتىكىلەر دۇڭيى (东夷)، جەنۇبتىكىلەر نەنمەن (南蛮) ۋە غەربتىكىلەر شىرۇڭ (西戎) دەپ ئاتالغان. بۇ ئىسىملار كەمسىتىش مەنىسىگە ئىگە بولۇپ، ئىشلىتىلگەن خىتايچە يان بۆلەكلەر ئادەتتە ھايۋانلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بۆلەكلەر. 夷«ئۆلۈك گەۋدە» ياكى «قۇل قىلىنغان دۈشمەن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرسە، 蛮بىر يىلاننى كۆرسىتىدۇ. 狄 ۋە 戎بولسا ئايرىم-ئايرىم ھالدا «ئوۋ ئىتلىق ئادەملەر» ۋە «ئۇرۇشقاق قەبىلىلەر» دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ. بەزى تارىخىي خاتىرىلەردە «تۆت ياۋايى»لار ياشايدىغان رايونلارغا ئورتاق شەكىلدە گۈيفاڭ (鬼方) يەنى «شەيتانلار ياكى ئالۋاستىلا دۆلىتى» دەپ ئاتالغان. بۇ خەلقلەر ئادەتتە تۆۋەن كۆرۈلۈپ بۆرىلەر ۋە چىلبۆرىلەر، ئادەم قىياپەتلىك ھايۋانلار ياكى ھايۋان خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئادەملەر دەپ سۈپەتلەنگەن. مەسىلەن، خىتاي كلاسسىك ئەسەرلىرىدىن تاغ-دەريالار تەزكىرىسى (山海经) شەنخەيجىڭ ۋە لاۋزىچە ئەسەرى خۇەينەنزى (淮南子) دە خىتاي بولمىغان كىشىلەر ئىنسان كاتىگورىيسىدىن چىقىرىلغان بولۇپ، پەس، ھايۋانغا ئوخشايدىغان، بىر كۆزلۈك، ئۈچ باشلىق، بىر قوللۇق، دۆت، ئەخمەق، ئۈچ كۆزلۈك رىۋايەتلەر كەبى قەبىلىلەر سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا، خىتايچە مەنبەلەردە بۇ خەلقلەرنىڭ ئىسىملىرى 1930-يىللارغىچە ھايۋانلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يان بۆلەكلەر بىلەن يېزىلغان.
بۇ قاراش خىتاي ۋە خىتاي بولمىغان خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي-سىياسىي تەرتىپنى شەكىللەندۈرگەن. شۇنداقلا كۇڭزىچىلىق تەرىپىدىن سىستېمىلاشتۇرۇلغان. كۇڭزىنىڭ «پادىشاھى بار ياۋايىلارمۇ پادىشاھسىز خىتاي جەمئىيىتىگە تەڭ بولالمايدۇ» (夷狄之有君,不如诸夏者亡也)دېگەن سۆزى خىتاينىڭ مەدەنىيەت مەركەزچىلىكىنى تەكىتلىسە؛ مېڭزىنىڭ «ياۋايىلارنىڭ خىتايغا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، ئەمما خىتاينىڭ ياۋايىلارغا ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىمىدىم» (吾闻用夏变夷者,未 闻变于夷者也) دېگەن سۆزى بىر تەرەپلىك بىر مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيە قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. خىتاي سۇلالىلىرى بىلەن «تۆت ياۋايى» دەپ ئاتالغان گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي كۈرەش ۋە بۇنىڭ بىلەن بىرگە تەرەققىي قىلغان مەدەنىيەت ئالاقىسى، خىتاي بولمىغانلارغا قارىتا ھەم ئۈستۈنلۈك ھەم تەھدىت تۇيغۇسىنى كۈچەيتكەن.
خىتايلار «ياۋايىلار»، يەنى خىتاي بولمىغانلارنىڭ خىتايغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى مەدەنىيەتنىڭ خاراب بولۇشى دەپ قارىغان؛ «دۆلەت ۋە جەمئىيەت ۋەيران بولسىمۇ، ياۋايىلارنىڭ خىتاينى باشقۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ» (宁可国破家亡,也不让夷狄统一中国) دېگەن قاراش بۇ چۈشەنچىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، كۇڭزىچىلىقنىڭ مۇھىم كلاسسىك ئەسىرى بولغان گۇڭياڭ تەزكىرىسى (公羊传)، خىتاي-ياۋايى مۇناسىۋىتىنى تەرتىپكە سالىدىغان ۋە كۇڭزىچە «بۈيۈك بىرلىك» (大一统) غايىسىنى ئاساس قىلغان بىر سىياسەت پەلسەپىسى بولغان «خۇا-يى تەرتىپى» (华夷秩序) يەنى «خىتاي-ياۋايى تەرتىپى» نى تەرەققىي قىلدۇرغان. بۇ قاراشقا ئاساسلانغاندا، خىتاي ياكى خۇا مەدەنىيىتى ئالىيجاناب ۋە ئۈستۈن، ياۋايى يەنى خىتاي بولمىغانلارنىڭ مەدەنىيىتى بولسا تۆۋەن، ماسلاشماس ۋە تەھدىت شەكىللەندۈرگۈچىدۇر؛ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتتە خىتاي «خوجايىن»، ياۋايىلار بولسا «خىزمەتكار»دۇر، بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭلاشقا «بۈيۈك بىرلىك» رامكىسىدا مەدەنىيەت جەھەتتىن بىرلىشىش پەقەت ياۋايىلارنىڭ خىتايغا ئاسمىلاتسىيە بولۇشى بىلەنلا مۇمكىن بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن «خىتاي ئارقىلىق ياۋايىلارنى ئۆزگەرتىش (用夏变 夷) «خىتاي-ياۋايى مۇداپىئەسى» (华夷之防) قاتارلىق پەلسەپىۋى ئۇقۇملار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىرىنچىسى خىتاي مەدەنىيەت قائىدىلىرىگە بويسۇنۇش ئارقىلىق «ياۋايىلارنى» ئۆزگەرتىپ خىتايدەك ياشاشنى مۇمكىن قىلسا، كېيىنكىسى بولسا خىتاي بولمىغانلارنى پىكىر ۋە سىياسەت جەھەتتىن قوبۇل قىلماسلىقنى قانۇنلاشتۇرغان.
مانا بۇ سىستېمىلىق پىكىر قىلىش ئۇسۇلى خىتاي مەدەنىيىتىنى قوغداش، داۋاملاشتۇرۇش ۋە خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە سىڭدۈرۈش، يەنى «ياۋايىلارنى» «بويسۇندۇرۇش» رامكىسىنى شەكىللەندۈرگەن. مەشھۇر خىتاي جەمئىيەتشۇناس ۋە زامانىۋى خىتاي مىللەت نەزەرىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان فېي شياۋتۇڭنىڭ قارىشىچە، خىتايلار بىلەن خىتاي بولمىغانلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ تەرتىپ، ھەتتا سىياسىي پارچىلىنىشلار ۋە «ياۋايىلار» خىتاينى بېسىۋالغان دەۋرلەردىمۇ ، تارىخ بويىچە خىتاينىڭ پۈتۈنلۈكىنى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ پىكىر شەكلى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۇھىم بىر سىياسەت پەلسەپىسىگە ئايلانغان. ھەتتا خىتاينى ھەربىي كۈچى بىلەن بويسۇندۇرغان «ياۋايى» سۇلالىلەرمۇ بۇ قاراش ۋە تەرتىپكە ئاساسەن ئۆزلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە خىتاي قىلىپ كۆرسىتىش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلغان. مەسىلەن، 13-ئەسىردە موڭغۇللار خىتاينى بېسىۋالغاندا، خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن خاۋ جىڭ (郝经) باشچىلىقىدىكى كۇڭزىچى مۇتەپەككۈرلەرگە «خىتاي» ۋە «ياۋايى» پەرقىنى قايتىدىن بېكىتتۈرگەن. خاۋ جىڭ ئېتنك تەۋەلىكىنىڭ ئورنىغا سىياسىي ۋە مەدەنىيەت قىممەت قاراشلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، كۇڭزىچى باشقۇرۇش پىرىنسىپلىرىنى قوبۇل قىلغان ھەر قانداق ھۆكۈمراننىڭ، كېلىپ چىقىشى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر خىتايغا ئوخشاش خىتاينى قانۇنلۇق باشقۇرالايدىغانلىقى ھەققىدە يېڭى تەپسىر بەرگەن. شۇنىڭغا ئوخشاش، 1636-يىلىدىن 1912-يىلىغىچە تەخمىنەن 300 يىل خىتاينى باشقۇرغان مانجۇ سۇلالىسىنىڭ ئىمپېراتورى يۇڭجېڭ، ئېتنىك كىملىكى سەۋەبىدىن خىتاي خەلقىنىڭ چوڭ بىر قوزغىلىڭىغا دۇچ كەلگەن. بۇنىڭغا جاۋابەن ئۇ مانجۇلارنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ پارچىلىنىش ھالىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، كۇڭزىنىڭ «بۈيۈك بىرلىك» پىرىنسىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى، شۇڭا بىر خىتاي ئىمپېراتورى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆزىنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولغان.
خۇلاسىلىگەندە، بۇ دۇنيا قارىشى خىتاي مەدەنىيىتىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن دەپ قارايدۇ. ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ۋە توپلۇقلار يوشۇرۇن تەھدىت دەپ قارىلىدۇ ھەمدە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر بۇ قاتلاملىق چۈشەنچە رامكىسىدا شەكىللەندۈرۈلىدۇ. بۇ پىكىر خىتاي بولمىغان خەلقلەرنىڭ «بۈيۈك بىرلىك» غايىسى بويىچە خىتاي مەدەنىيىتىگە سىڭدۈرۈلۈشىنى ۋە بىر خىل شەكىلدىكى جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. خىتاي تارىخىدىكى ھەر خىل مىساللاردا، خىتاي بولمىغان ئەمما خىتاي چىگرىسى ئىچىدە ياشايدىغان توپلۇقلار بۇ تەرتىپ دائىرىسىدە خىتايلاشتۇرۇش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن ۋە بۇ جەريان زور دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان؛ خىتايلىشىشقا باشلىغاندا بولسا بۇ بېسىملار ئازايغان ياكى پۈتۈنلەي يوقالغان.
خىتاي-تۇڭگان مۇناسىۋىتى: «ۋەھشىيلىك»تىن «كۆندۈرۈلگەن» گىچە بولغان جەريان
- ۋەھشىي «ياۋايى» سۈپىتى بىلەن تۇڭگانلار
خۇيزۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ئەرەب، پارس ۋە تۈركلەرنىڭ يىپەك يولى ئارقىلىق خىتايغا كۆچۈشكە باشلىغان VII ئەسىرگىچە تۇتىشىدۇ. دەسلەپتە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سودا مەركەزلىرىگە ئورۇنلاشقان بۇ كۆچمەنلەر، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ خىتاينىڭ تۈرلۈك رايونلىرىغا، خۇسۇسەن شەرقىي جەنۇبىي قىرغاق شەھەرلىرىگە ۋە غەربىي شىمالىي چېگرا رايونلىرىغا تارقالغان. تاڭ ۋە سۇڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئايرىم بىر خەلق بولۇپ شەكىللىنىش بىلەن بىرگە ئاستا-ئاستا خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشقا باشلىغان. خىتايلار بىلەن توي قىلغان، خىتاي تىلىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان. بىراق جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى (1127-1279) دەۋرىدە، خىتاي ئالىملىرى كۇڭزىچىلىقنى قايتىدىن شەرھلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلۇقلىقىنىڭ بىردىنبىر ئاساسى قىلىپ بېكىتكەن. نەتىجىدە، ئىسلامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا بارلىق رىقابەتچى پىكىرلەر خىتاي جەمئىيىتى ۋە مەدەنىيىتى ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارالغان. بۇ يېڭى كۇڭزىچىلىق مەدەنىيەت جەھەتتىكى ماسلىشىشچانلىق ۋە مۇقىملىققا زور ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاي دۆلىتىگە قارشى ئىسيانچى پوزىتسىيە تۇتقان تەقدىردە قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. بۇ ئەھۋال خۇيزۇلارنىڭ كەلگۈسىدە مەدەنىيەت ۋە ئېتىقاد جەھەتتىن خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە مۇرەسسە قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىدى.
موڭغۇللارنىڭ XIII ئەسىردە خىتاينى بويسۇندۇرۇشى خۇيزۇلارنىڭ تارىخىدىكى مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان. موڭغۇللار خىتايدا ئوخشىمىغان دىنلارغا قارىتا كەڭ قورساق پوزىتسىيە تۇتۇش بىلەن بىرگە، تەبىقىلىق جەمئىيەت تەرتىپىنى بەرپا قىلغان. بۇ تەبىقىلەرگە ئايرىشقا ئاساسلانغاندا، موڭغۇللار بىرىنچى قاتاردا تۇرغان بولسا، خۇيزۇلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرلار، ئوتتۇرا شەرق جۇغراپىيەسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن تۈرك، پارس ۋە ئەرەبلەر ئىككىنچى قاتاردا، شىمالىدىكى خىتايلار ئۈچىنچى قاتاردا، جەنۇبلۇق خىتايلار بولسا ئەڭ تۆۋەن قاتلامدا ئورۇن ئالغان. ئۇ دەۋردە تۇڭگانلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلار رەڭلىك كۆزلىرى بىلەن پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، «رەڭدار كۆزلۈكلەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سېمۇ (色目人) دەپ ئاتالغان. موڭغۇللار نوپۇسى كۆپ خىتاي جەمئىيىتىنىڭ كۈچىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، خۇيزۇ ۋە باشقا رەڭدار كۆزلۈك\ سېمۇ خەلقلىرىنى باشقۇرغۇچى تەبىقەنىڭ بىر قىسمى قىلغان. (مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى رەڭدار كۆزلۈكلەر تۇڭگانلاردىن باشقا ئۇيغۇرلارنى شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقتىن كەلگەن ئەرەب، پارس قاتارلىق ياۋرۇپا ئىرقىغا تەۋە بولغان كىشىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.)
موڭغۇل ھۆكۈمرانلىقى خىتاي سىياسەت پەلسەپەسىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش ياسىغان. ئۆزلىرىنى «ياۋايىلار»دىن ئۈستۈن كۆرىدىغان خىتايلار ئۈچۈن بۇ ئەھۋالنى قوبۇل قىلىش ناھايىتى قىيىن بولغان. موڭغۇللار بولسا كۇڭزىچى ئالىملارغا ۋە ئۇلارنىڭ تەلىماتلىرىغا ئانچە ئەھمىيەت بەرمىگەن. شۇ سەۋەبتىن موڭغۇل ھاكىمىيتىنىڭ قانۇنيلىقى چوڭ تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولغان، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەربىي كۈچى ئالدىدا خىتايلار ھېچقانداق چارە قىلالمىغان. شۇڭلاشقا كۇڭزىچى مۇتەپەككۇلار تەسىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە بىر مۇرەسسە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن «خىتاي-ياۋايى تەرتىۋى» گە يېڭىچە شەرھ ئېلىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك، كۇڭزىچى ئالىم خاۋ جىڭ قانۇنيلىقنى كۇڭزىچىلىق پرىنسىپلىرىغا باغلاپ، موڭغۇل سەلتەنىتىنىڭمۇ بىر خىتاي سۇلالىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ شەرھ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئاساس سالغان. 14- ئەسىرگە كەلگەندە، جۇ يۈەنجاڭنىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي خەلقى موڭغۇل سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىگەن. ئىمپېراتور جۇ يۈەنجاڭ، خاۋ جىڭ ئوتتۇرىغا قويغان شەرھنى پۈتۈنلەي رەت قىلغان ۋە خىتايلارنىڭ باشقۇرۇشىنىڭ تەبىئىي بىر تەرتىپ ئىكەنلىكىنى، «ياۋايىلار»نىڭ بولسا بويسۇنۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. موڭغۇللارنىڭ خىتاي خەلقىنى باشقۇرۇپ، بۇ تەبىئىي تەرتىپكە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ۋە ھېچقانداق بىر «ياۋايى»نىڭ خىتايلارنى باشقارماسلىقى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە قەيت قىلغان. يەنە بىر خىتاي ئالىمى فاڭ شياۋرۇ، «ياۋايىلار»نى خىتايلاردىن ئۈستۈن قىلىپ قويۇشنىڭ دۇنيانى بىر ھايۋانات قوتىنىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ خىل ئەھۋالنى ئىتلارنىڭ ياكى ئاتلارنىڭ ئادەملەرنىڭ ئۆيىنى ئىگىلىۋالغانلىقىغا ئوخشاتقان.
موڭغۇل ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە، خۇيزۇلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان رەڭدار كۆزلۈكلەرنىڭ\ سېمۇ خەلقىنىڭ باشقۇرغۇچى تەبىقىدە ئورۇن ئېلىشى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك سىياسەتكە دۇچ كەلگەن. جۇ يۈەنجاڭ ، تۇڭگانلار ۋە باشقا رەڭدار كۆزلۈكلەرنى چەتكە قېقىش، كەمسىتىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى «بۈيۈك مىڭ قانۇنى» رامكىسىدا قانۇنلاشتۇرغان ۋە تۆۋەندىكى سىياسەتلەرنى يولغا قويغان:
- تۇڭگانلار ۋە باشقا رەڭدار كۆزلۈكلەرنى تىلى، يېزىقى، ئىسىملىرى (ئىسلامىي ئىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، فامىلىسى ۋە كىيىم-كېچەكلىرى چەكلەنگەن
- ئۆز مىللىتى ئىچىدە توي قىلىش چەكلىنىپ، خىتايلار بىلەن نىكاھلىنىشقا مەجبۇرلانغان. بۇ چەكلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار سەكسەن قامچا ئۇرۇش ۋە قۇل قىلىنىش بىلەن جازالانغان.
- ھەرىكەت ئەركىنلىكى چەكلەنگەن، خان جەمەتى مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل ئاكادېمىيەسىدە (教坊) تۇڭگانلارغا چوشقا تېرىسىدىن تىكىلگەن ئاياغ كىيىشى مەجبۇرىي قىلىنغان، ئات مىنىشى چەكلەنگەن. كوچىدا ئۇچراپ قالغاندا ئادەتتىكى كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈشىگە رۇخسەت قىلىنغان.
بۇ سىياسەتلەر كەڭ كۆلەملىك مەدەنىيەت جەھەتتىن خىتايلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نۇرغۇن مۇسۇلمان ئىسىملىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يوقاپ كەتكەن ياكى خىتاي فامىلە سىستېمىسىغا ماسلاشتۇرۇلغان. خىتايلار بىلەن قىلىنغان نىكاھلار، خۇيزۇلارنىڭ ھەم فىزىكىلىق ھەم مەدەنىيەت جەھەتتىن خىتايلىشىشىغا سەۋەب بولغان. خىتاي مەدەنىيەت ئۆلچەملىرىگە ماسلاشقان خۇيزۇلار، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خىتاي تۇرمۇش شەكلىنى قوبۇل قىلغان. كېيىنچە دىنىي ئېتىقادلىرىنى داۋاملاشتۇرالىغان بولسىمۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاشكارە رەۋىشتە خىتايلىشىپ كەتكەن. نەتىجىدە تەخمىنەن 4 مىليون مۇسۇلماننىڭ خىتاي مەدەنىيىتىگە ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بۇ سىياسەتلەر، خۇيزۇ «ياۋايىلار»نىڭ خىتاي مەدەنىيىتىگە سىڭىشىپ «بۇيسۇندۇرۇلۇشى»، «ياۋايى ۋەھشىي» كىملىكىدىن چىقىشى، شۇڭلاشقا بىر تەھدىت سۈپىتىدە قارالماسلىقىدا مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان. بۇ ئېغىر سىڭىشىش جەريانلىرىدىن كېيىن بولسا، ئىسلام «خىتايلىشىپ كەتكەن» بىر شەكىلدە تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان ۋە خۇيزۇلارغا ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ياخشىراق مۇئامىلە قىلىنغان. كېيىنچە چوڭ مەسچىتلەر سېلىنغان،50 نەچچە مۇسۇلمان قوماندانلار مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان ۋە خۇيزۇ خەلقىدىن بولغان جېڭ خې (郑和) مىڭ سۇلالىسى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بېشىغا قويۇلغان. جېڭ خې ئېلىپ بارغان ھەيۋەتلىك دېڭىز سەپەرلىرى بىلەن دۇنيا تارىخىدا نام قالدۇرغان.
مانجۇ چىڭ سۇلالىسى (1644-1911) دەۋرىدە خۇيزۇلارنىڭ تۇرمۇش شەكلى مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. بۇ مەزگىلدە، ئىسلامنىڭ خىتايلىشىپ كەتكەن بىر شەرھى بولغان «خەن كىتاب» (خىتاي كىتاب) ئەنئەنىسى خۇيزۇ جەمئىيىتىدە تەسىر قوزغىغان. 17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ۋاڭ دەييۈ، ما جۇ ۋە ليۇ جى قاتارلىق تۇڭگان ئالىملىرى يېڭى كۇڭزىچىلىق تەپەككۇرى بىلەن ماس كېلىدىغان بىر ئىسلامىي شەرھ تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە خەن كىتاب ئەنئەنىسىنى بەرپا قىلغان.بۇ يېڭى ئىسلام شەرھى ئىسلامىي ئۇقۇملار بىلەن كۇڭزىچىلىق پەلسەپەسى ئوتتۇرىسىدا قۇرۇلمىلىق بىر ئالاقە ئورناتقان؛ ھەتتا كۇڭزىنىڭ بىر پەيغەمبەرسىمان شەخس سۈپىتىدە شەرھلىنىشىگە ئىمكانىيەت ياراتقان. خەن كىتاب ئەنئەنىسى، ئوخشىمىغان دىنىي ئەنئەنەلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەخلاقىي ۋە مېتافىزىكىلىق ئورتاقلىقلارنى چەتكە قاقمايدىغان، خىتاي مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ماس كېلىدىغان بىر ئىسلام چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئارقىدىن بولسا بۇ چۈشەنچىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغان ئىككى مەزھەپنىڭ تارقىلىشى خۇيزۇلارنىڭ كىملىك ئىزدەش جەريانىنى باشقا نۇقتىغا تارتقان. بۇ يېڭى ئىزدىنىش ئوتتۇرىغا چىققان مەزھەپ پەرقى ھەم ئىجتىمائىي توقۇنۇشلارغا، ھەم دۆلەت بىلەن بولغان جىددىيلىكلەرگە سەۋەب بولغان ۋە بەزى رايونلاردا شىددەتلىك قىرغىنچىلىقلار بىلەن نەتىجىلەنگەن.
1700-يىللاردا بولسا شەرقىي تۈركىستانلىق نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ داھىيسى ئاپاق غوجىنىڭ تەلىماتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرغان تۇڭگانلار ئارسىدا ئاساسلىنىپ سۇپىزىمنىڭ خۇپىيە تەرىقىتى بارلىققا كەلگەن، تەرىقەت 1723-يىلى يېڭى دىنى رەھبەر ما لەيچىنىڭ مەككىگە بېرىشى، يەمەن ۋە بۇخارا قاتارلىق ئىلىم مەركەزلىرىدە ئۇزۇن بىر مەزگىلنى ئۆتكۈزۈپ گەنسۇغا قايتىپ كېلىشى بىلەن يېڭى بىر قوزغىتىش كۈچىگە ئېرىشكەن. ما ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەلگەن يېڭى مەنبەلەر بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. نەتىجىدە 1740-يىلى كونا دىن چۈشەنچىسىگە ۋەكىللىك قىلغۇچىلار بىلەن ئارىسىدا توقۇنۇش چىققان، 1749-يىلى ما سوت مەھكىمىسىگە شىكايەت قىلىنغان. 1761-يىلى يەنە بىر شەيخ ما مىڭشىن مەككە ۋە يەمەندە ئون ئالتە يىللىق دىنىي تەلىمىنى تاماملىغاندىن كېيىن گەنسۇغا قايتىپ كەلگەن. ما مىڭشىن سوپى جاھرىيە تەرىقىتىنى قۇرۇپ، خۇيزۇ كىملىكىنىڭ تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە خىتايلىشىشنى رەت قىلغان.
بۇ ئىككى سوپى تەرىقىتى، بولۇپمۇ جاھرىيە، خۇيزۇلار ئارىسىدا ئىلگىرى مەۋجۇت بولغان ۋە خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ماسلىشىپ كەتكەن دىنىي قاراشلاردىن پەرقلىنەتتى. جاھرىيە تەرىقىتى بىر تەرەپتىن خۇيزۇخەلقىگە يېڭى بىر مەدەنىيەت كىملىكى سۇنسا،يەنە بىر تەرەپتىن خۇپىيە تەرىقىتى بىلەن چوڭقۇر ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك توقۇنۇشقا كىرگەن. مۇسۇلمان بولمىغان دۆلەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسىدە بولسا جاھرىيە تېخىمۇ قاتتىق ۋە جەڭگىۋار، خۇپىيەنىڭ بولسا يۇمشاق بولغان. دۆلەت بولسا رايونغا تېخى يېڭىلا كىرگەن بۇ تەرىقەتلەرنى تەھدىت دەپ قارىغان بولسىمۇ، خۇپىيە تەرىقىتىنىڭ پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن نىشاننى جاھرىيەگە قاراتقان.
تۇڭگانلار گەرچە خىتاي مەدەنىيىتىگە سىڭىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئىسلامىي تەلىماتلار تەلەپ قىلغان ئەمەلىي پەرقلەر سەۋەبىدىن خىتايلار بىلەن تولۇق ماسلىشالمىغان ئىدى. خىتاي زىيالىيلىرى ۋە خەلق ئارىسىدىكى ئومۇمىي قاراش، خۇيزۇلارنى ئومۇمەن ئىپتىدائىي، كۆچمەن ۋە چارۋىچى خەلق دەپ قاراشقا مايىل ئىدى. قاتتىق نىكاھ قائىدىلىرىنى ئەخلاققا زىت دەپ بىلەتتى؛ مەدەنىيەتلىرىنى بولسا كۇڭزىچە ئەخلاق ۋە مەدەنىيەت قىممەتلىرىدىن مەھرۇم دەپ قارايتتى. بۇ مەزگىلدە بولۇپمۇ جاھرىيە تەرىقىتىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى سوپى ئىسلامنىڭ يۈكسىلىشى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كۈچەيگەن بىر دۈشمەنلىككە يول ئاچقان. خىتاي بيۇروكراتلىرىنىڭ ۋە مىللىتارىستلىرىنىڭ دۆلەت سەۋىيەسىدە كۈچەيگەن بۇ تارىخي پەيتتە، يەرلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ خىتاي ۋە تۇڭگانلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلاردا تۇڭگانلارغا ئادالەتسىزلىك بىلەن، ھەتتا ئىرقچىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقى كۆرۈلمەكتە. مەسىلەن 1781-يىلى خىتايلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئادالەتسىز تەدبىرلەرگە قارشى 3000 غا يېقىن تۇڭگاننىڭ قوزغىلىشى نەتىجىسىدە ما مىڭشىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە قەتل قىلىنغان.
بۇ ۋەقە تۇڭگانلار بىلەن دۆلەت ۋە خىتاي خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، بۇ مەزگىلدە خىتاي قوماندانلارنىڭ تۇڭگانلارغا قارشى يۈرگۈزگەن كەمسىتىش ۋە ئىرقچىلىق سىياسەتلىرى ئۇرۇش جىنايەتلىرىگە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارغا يول ئاچقان. خىتاي قۇماندانلار تۇڭگانلار ھەققىدە يېزىلغان دوكلات ۋە بۇيرۇقلاردا، تۇڭگانلار ئۈچۈن ئىسيانچى، قاراقچى ۋە ئەخلاقسىز دېگەندەك كەمسىتىش سۆزلىرى قوللىنىلغان. ئىسىملىرى ھايۋانلار ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان خەتلەر بىلەن يېزىلغان. مەسىلەن «خۇيلارنى تىنچلاندۇرۇشنىڭ قىسقىچە خاتىرىسى» (平回纪略) دە تۇڭگانلار ئەخلاق ۋە پەزىلەتتىن مەھرۇم، زالىم ۋە ۋىجدانسىز دەپ تەسۋىرلەنگەن. شۇنداقلا بۇ «پەس» خەلقنىڭ خىتايدىن سۈرگۈن قىلىنىشى، مەسچىتلىرىنىڭ چېقىلىشى ۋە ئىبادەت قىلىشىغا يول قويۇلماسلىقى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنىڭ سىرتىدا، تۇڭگان بالىلىرىنىڭ خىتاي ئوقۇتقۇچىلار تەرىپىدىن تەربىيەلىنىشى مەجبۇرىي قىلىنىپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش كېرەكلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. تۇڭگانلارنىڭ قوراللىق ھالدا ئۈچ كىشىدىن ئارتۇق گۇرۇپپا بولۇپ يۈرۈشى چەكلەنگەن ۋە بۇ چەكلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار ئېغىر جازالارغا دۇچ كەلگەن.
دىققەتكە ئېلىنىشى كېرەك بولغان بىر نۇقتا بولسا، بۇ ۋاقىتتا چىڭ سۇلالىسى 1830-يىللاردىن كېيىن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى ۋە خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ خەلق قوزغىلاڭلىرىنىڭ بىرى بولغان تەيپىڭ تىيەنگو قوزغىلىڭى (1851-1864) بىلەن سىلكىنىشكە باشلىغان ئىدى. تەيپىڭ ئىسيانچىلىرى كونترول قىلغان رايونلارنىڭ تۇڭگانلار ئولتۇراق رايونلىرىغا يېقىن بولۇشى، تۇڭگانلارنىڭ بۇ قوزغىلاڭنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەشنى كۈچەيتكەن ۋە دۆلەتنىڭ تۇڭگانلارغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق سىياسەتلەرنى قوللىنىشىغا سەۋەب بولغان. مەسىلەن « تۇڭگانلارنى كۆرگەن يەردە يوقىتىڭلار» دەيدىغان ئۇقتۇرۇشلار ئېلان قىلىنغان. بۇ ئەھۋال، تۇڭگانلارنىڭ دۆلەت ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىشى ۋە پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىشىدەك خەتەرلىك بىر مۇھىت ياراتقان. بىراق ھۆكۈمەت بۇ ۋەقەلەر ھەققىدىكى تۇڭگانلارنىڭ شىكايەتلىرىنى نەزەرگە ئالمىغان؛ ئەكسىچە، «ھەق ياكى ناھەق ئىكەنلىكىگە قارىماي تۇڭگانلار بېسىقتۇرۇلۇشى كېرەك» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن. شەنشىدىكى خۇاجوۋدا، «ئەگەر بىر تۇڭگان بىر خىتاينى ئۆلتۈرسە، ئون تۇڭگان ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك، ئەمما بىر خىتاي ئون تۇڭگاننى ئۆلتۈرسە، پەقەت بىرلا كىشى ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك» دەيدىغان ئادالەتسىز ھۆكۈملەر ئىجرا قىلىنغان.
ئەھۋالنىڭ بۇ دەرىجىگە كەلگەنلىكىگە قارىماي، مانجۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ تۇڭگانلارغا ياكى ئىسلامغا قارىتا سىستېمىلىق بىر چەتكە قېقىش سىياسىتى بار دېيىش توغرا ئەمەس. مەسىلەن دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان مانجۇ گېنېراللىرى گەرچە تۇڭگانلارنى ئەدەپلەپ قويۇش مەسىلىسىدە خىتاي گېنېراللىرى بىلەن پىكىرداش بولسىمۇ، ئىسيانچىلار بىلەن گۇناھسىز خەلقنى پەرقلەندۈرۈش ۋە مۇسۇلمان-خىتاي ئۆچمەنلىكىگە ياكى تېخىمۇ چوڭ قوزغىلاڭلارغا يول ئاچىدىغان ھەركەتلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. مەسىلەن مانجۇ گېنېرالى دىڭ ئەن ئوردىغا يازغان دوكلاتىدا خىتاي گېنېرالى ليۇ سۇڭشەننىڭ ئايرىپ ئولتۇرماستىن ھەممىنى قىرغىن قىلىپ، تۇڭگانلارنىڭ تېخىمۇ قاتتىق ھۇجۇمغا ئۆتۈشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى بايان قىلغان بولسا، يەنە بىر مانجۇ قوماندانى مۇ تۇشەن بولسا خىتاي باش قوماندانى زۇ زۇڭتاڭنىڭ تۇڭگانلارنىڭ تىنچلىق تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى، خىتايلارنىڭ بارلىق تۇڭگانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئوردىنىڭ بۇيرۇقىغا زىت بولۇش بىلەن بىرگە ئىككى خەلق ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلىككە يول ئاچىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۇزۇن بىر مەكتۇپ يازغان. باش قوماندان زۇ زۇڭتاڭ بولسا تۇڭگانلارنىڭ ھىيلىگەر ئىكەنلىكىنى، تىنچلىق تەكلىپلىرىدە سەمىمىي ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.
دۆلەت بىلەن تۇڭگانلار ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەتلەر تۇڭگانلارنىڭ غەربىي شىمالدىكى شەنشى، نىڭشيا ۋە گەنسۇ ئۆلكىلىرىدە ھەمدە جەنۇبىي خىتايدىكى يۈننەن ئۆلكىسىدە ئىككى چوڭ قوزغىلاڭنىڭ باشلىشىغا سەۋەب بولغان. خۇسۇسەن يۈننەن رايونىدا، 1856-يىلى دۇ ۋېنشىيۇنىڭ رەھبەرلىكىدە چوڭ بىر قوزغىلاڭ باشلانغان ۋە شۇ يىلى دالى سۇلتانلىقى نامىدا بىر تۇڭگان دۆلىتى ئېلان قىلىنغان. دۇ ۋېنشىيۇ خىتايلار ۋە باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىمۇ ئۆز سېپىگە قوشۇش ئۈچۈن ئىسلامىي ۋە خىتاي تەسىرلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنى ھەم بىر كۇڭزىچى باش قوماندان ھەم بىر مۇسۇلمان سۇلتان سۈپىتىدە تونۇتقان.63 بىراق ئۇ ئۈمىد قىلغان بىرلىككە ئېرىشەلمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەربىي ۋە تېخنىكا جەھەتتىن مانجۇ قوشۇنىدىن ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن 1872-يىلى يوقىتىلغان ۋە تۇڭخەيدىكى سوپىلار قورغىنى چېقىپ تاشلانغان. باش قوماندان دۇ ۋېنشىيۇ، خۇي مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە تەسلىم بولغان بولسىمۇ، دۆلەت قوشۇنى 4000 ئەتراپىدا ئايال، بالا ۋە قېرىلارمۇ بولغان تەخمىنەن 150 مىڭ تۇڭگاننى ئۆلتۈرۈپ چوڭ بىر قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان. دۇ ۋېنشىيۇنىڭ بېشى، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ قۇلاقلىرى بىلەن تولدۇرۇلغان يىگىرمە تۆت سېۋەت بىلەن بېيجىڭغا ئەۋەتىلگەن. بىر زامانلار ئىسلامنىڭ مۇھىم بىر مەركىزى بولغان يۈننەن رايونى، بۇ قىرغىنچىلىقتىن كېيىن ئورنىنى تولدۇرغۇسىز يوقىتىشقا دۇچ كەلگەن. ئىسلامنىڭ ئۆلكىدىكى بىرىنچى دىن سۈپىتىدىكى ئورنى يوق بولغان ۋە ئۇنىڭدىن كىين ھىچبىر زامان بۇرۇنقى سەۋىيەسىگە يېتەلمىگەن.
گەرچە رەسمىي بىر مۇستەقىللىق ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، غەربىي شىمالدىكى تۇڭگانلار قوزغىلىڭى يۈننەن قوزغىلىڭىنى بېسىپ چۈشكەن. 1860-يىلى جاھرىيە تەرىقىتىنىڭ شەيخى ما خۇالوڭ (马化龙)، جىن جىباۋ بازىرىدا خۇيزۇ خەلقىنى خىتايلارنىڭ ھۇجۇملىرىدىن قوغداش مەقسىتىدە تەشكىللىگەن. ما خۇالوڭ بىر تەرەپتىن دۆلەتكە تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ قورال تاشلاشنى رەت قىلغان. مانجۇ ۋە خىتاي ئەسكەرلىرى، گېنېرال زۇ زۇڭتاڭنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا چوڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىقلارنى ئېلىپ بارغان. خۇيزۇلار رايونلىرى پۈتۈنلەي تۈزلەپ تاشلانغان. 1869-يىلى پەقەت بىرلا شەھەردە تەخمىنەن 30 مىڭ تۇڭگان قىرغىن قىلىنغان. بۇنىڭغا جاۋابەن، تۇڭگان قوشۇنىمۇ لىڭجوۋدا 100 مىڭدىن دىن ئارتۇق خىتاينى ئۆلتۈرگەن، مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان ۋە ئاياللىرىنى ئەسر ئالغان. شۇ ئاينىڭ ئىچىدە، خىتاي ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن بىر قورغاندا، ئەسكەر-پۇقرا دەپ ئايرىپ ئولتۇرماي پۈتۈن تۇڭگان خەلقى قىرغىن قىلىنغان. ئۇرۇش ئاخىرلاشقۇچە بۇ خىل قىرغىنچىلىقلار قايتا-قايتا تەكرارلانغان. ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان. دۆلەت ئۇرۇش ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي يۈك سەۋەبىدىن چەتئەل بانكىلىرىدىن قەرز ئېلىشقا مەجبۇر بولغان. بىراق ئاخىرىدا مانجۇ قوشۇنى غەلىبە قىلغان. 1871-يىلى تۇڭگانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قارشىلىق كۆرسىتىش بازىسى بولغان جىن جىباۋ مۇھاسىرىگە ئېلىنغاندا، ما خۇالوڭ خەلقىنىڭ ئەپۇ قىلىنىشى ئۈمىدىدە تەسلىم بولغان. بىراق بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، ما خۇالوڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 2000 قوللىغۇچىسى بىلەن بىرگە قەتل قىلىنغان. جىن جىباۋدا ياشايدىغان 10 مىڭدىن دىن ئارتۇق ئايال، بالا ۋە ياشانغان ئەرلەر بولسا مەجبۇرىي ھالدا باشقا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىنغان.
مۇشۇنچە قانلىق ئۇرۇشلار، ئېتنىك ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىكلەر يۈز بېرىۋاتقان بىر پەيتتە تەكىتلىنىشى كېرەك بولغان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى، خۇيزۇ جەمئىيىتىنىڭ تارقاق قۇرۇلمىسى سەۋەبىدىن مۇستەققىللىق چۈشەنچىسى ۋە ھەركىتىنىڭ چەكلىك قالغانلىقىدۇر. دەرۋەقە دۇ ۋېنشىيۇمۇ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك، ئەتراپىغا خىتايلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوخشىمىغان خەلقنى ئۆز سېپىگە تارتىشقا تىرىشقان ۋە ئۆزىنى بىر كۇڭزىچى مۇسۇلمان رەھبەر قىلىپ كۆرسەتكەن. شۇ سەۋەبتىن تۇڭگانلارنىڭ قوزغىلاڭلىرى ماركسىست تارىخشۇناسلىقتا بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى ئەمەس، بەلكى مانجۇ چىڭ سۇلالىسىگە ۋە فېئودالىزمغا قارشى بىر دېھقانلار قوزغىلىڭى دەپ باھالانغان. خۇيزۇلارنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى بولسا خىتاي ئېتنىك تەتقىقاتىدا ، خۇسۇسەن 20- ئەسىردە «دىنىي ئۈچۈن كۈرەش قىلغان، ئەمما دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس» (争教不争国) ، دەپ ئىپادىلەنگەن ۋە تۇڭگانلار «ئاڭلىق ياۋايىلار» دەپ قارالغان. مانا بۇ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە تۇڭگانلارغا قارىتىلغان ئېتنىك سىياسەتلەردىكى ئالاھىدىلىكنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ ئەڭ بېشىدا كېلەتتى.
2. «كۆندۈرۈلگەن ياۋايىلار»
غەرب بىلەن ئۇچۇرشۇش مانجۇ سۇلالىسىنى زامانىۋى تېخنىكىغا ماسلىشىشقا، شۇنداقلا يېڭى بىر مىللىي كىملىك ئىزدەشكە ئىتتىردى. ئېتنىك پارچىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە بىر مودېرىن ئۈست كىملىك يارىتىش ئېمپېرىيەنىڭ مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. داڭلىق ئىسلاھاتچى ۋە زامانىۋى خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ پىشىۋالىرىدىن بىرى بولغان لياڭ چىچاۋ (梁启超) بۇ مەسىلىگە ھەم كىلاسسىك خىتاي تەپەككۇر ئەنئەنىسى، ھەم ئىجتىمائىي دارۋىنچىلىق نۇقتىسىدىن قارىدى. لياڭ چىچاۋ دۇنيانى سېرىق، ئاق ۋە كۈلرەڭ ئىرقلار ئارىسىدا داۋاملىشىۋاتقان بىر كۈرەش دەپ قارىدى، ھەمدە سېرىق ئىرقنىڭ، بولۇپمۇ مانجۇلارنىڭ ئەقلىي جەھەتتىن بۇ رىقابەتكە لايىق ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىراق سېرىق ئىرقنىڭ نىجاتلىقى جۇڭگۇغا، جۇڭگۇنىڭ نىجاتلىقى بولسا ئۆزى مەدەنىيەت ۋە ئەقلىي جەھەتتىن ئۈستۈن دەپ قارايدىغان خىتايلارغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇنىڭ مودېرىن ئۈست كىملىك بەرپا قىلىش چۈشەنچىسى ئاساسەن ئىككى تۈپ پىكىر ئەتراپىدا شەكىللەنگەن: بىرىنچىسى، خىتاي مىللەتچىلىكىنى كۈچەيتىش؛ ئىككىنچىسى بولسا خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ زېمىنلىرى ئۈستىدىكى سىياسىي كونتروللۇقنى ساقلاپ قېلىش. لياڭ بۇرۇندىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ياۋايى-خىتاي ئايرىمىسىنى رەت قىلدى، ئەمما خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى تەرغىپ قىلغان. ھەممەيلەن ئۈچۈن ئورتاق بىر ئۈسىت كىملىكنىڭ كەمچىللىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، 1902-يىلى «جۇڭخۇا مىنزۇ» (中华民族) ، يەنى بۈيۈك خىتاي مىللىتى كىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
گەرچە لياڭ ئۆكتىچى ھەمدە قاراشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ تۇرىدىغان بىر مۇتەپەككۇر بولسىمۇ، ئۇنىڭ چىڭ سۇلالىسى ھاكىميتى ئاستىدا ياشايدىغان خەلقلەرگە بولغان قارىشى شۇ دەۋردىكى خىتاي مىللەتچى زىيالىيلىرىنىڭ مىللەت چۈشەنچىسىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كەڭ قورساق ۋە سىغدۇرۇشچان ئىدى. ئاشقۇن خىتاي مىللەتچىسى جاڭ تەييەن (章太炎) جۇڭخۇا كىملىكىنىڭ «ياۋايىلارنى» ئۆز ئىچىگە ئېلىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ياقلىغان بولسا، لياڭ بىر ئەجنەبىي ئالدىدا ئۆزىنى جۇڭگۇلۇق دەپ ھېس قىلغان ھەر قانداق كىشىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مانجۇ ۋە موڭغۇللارنىڭمۇ بۇ مىللەتنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ياقلىغان. خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ دەسلەپكى رەھبەرلىرىدىن لى داجاۋ ۋە چېن دۇشيۇمۇ 4-ماي ھەرىكىتى مەزگىلىدە جۇڭخۇا مىنزۇ ئۇقۇمىنى لياڭ سىزغان دائىرىدە قوللانغان، ھەمدە 1931-يىلىدىن كېيىن خىتاي دىئاسپوراسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا كۆپچىلىك خىتايلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان.
ئەنە شۇ يېڭى كىملىك مۇنازىرىلىرى رامكىسىدا، تۇڭگانلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشىمىغان مۇئامىلىگە ئۇچرىشىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسلىرى شەكىللەنگەن. جۇڭخۇا مىنزۇ ئۇقۇمى خىتاي مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، باشقا خەلقلەرنى ئۇزۇن مۇددەتتە بۇ مەدەنىيەتكە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى نىشانلىغان. زامانىۋى خىتاينىڭ قۇرغۇچى شەخسلىرىدىن بىرى بولغان سۈن جۇڭشەن 1920-يىللىرى قىلغان نۇتۇقلىرىدا بۇ خىل قاراشنى ئوچۇق ئاشكارىلىغان. 1920-يىلى «خىتايدىكى بارلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلارنى بىرلا خىتاي مىللىتى ئىچىدە بىرلەشتۈرۈشىمىز كېرەك» دېگەن بولسا، 1921-يىلى «مىللەتچىلىك ئۈستىدە كۆپ ئىشلىشىمىز كېرەك، شۇنداق بولغاندا مانجۇ، موڭغۇل، خۈي (回) ۋە تىبەت خەلقلىرى خىتاي خەلقىمىزگە ئاسسىمىلياتسىيە بولالايدۇ ۋە بۈيۈك بىر مىللەتچى دۆلەتكە ئايلىنالايمىز» دېگەن سۆزلەرنى قىلغان.
بۇ يەردە سۈن جۇڭشەننىڭ «خۈي 回» ئۇقۇمى ئىچىگە ئۇيغۇرلارنى كىرگۈزگەن-كىرگۈزمىگەنلىكى تالاش-تارتىشلىق مەسىلە بولۇپ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە « خۈي » كىملىكى ئادەتتە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مۇسۇلمانلارنى قاپلىغان بىر ئۈسىت كىملىك سۈپىتىدە قوللىنىلغان. بىراق زامانىۋى كىملىك بەرپا قىلىش جەريانىدا « خۈي » كىملىكىنىڭ ئېنىقلىمىسى مۇھىم بىر مۇنازىرە ساھەسىگە ئايلانغان. بۇ نۇقتىدىن، «خۈي» دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇر باشلىق تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىمۇ ياكى پەقەت خىتايچە سۆزلەيدىغان خۇيلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى مەسىلىسى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مۈجمەل قالغان.
سۈن جۇڭشەننىڭ مىللەتچى ۋە شوۋىنىستىك بايانلىرىغا قارىماي، ئۇ رەھبەرلىك قىلغان ياپونىيەدىكى ئىنقىلابىي ئىتتىپاق تەشكىلاتى ئىچىدە خۇيزۇ ئەزالىرىمۇ بار ئىدى. بۇ زىيالىيلار سۈن جۇڭشەننىڭ ئاسسىمىلاتسىيەچى قارىشىغا قارشى تۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرىنى خىتاي مىللىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشتى. ئۇلار دىنىي ۋە ئېتنىك كىملىكلىرىنى رەت قىلماستىن، بۇ كىملىكلەرنى مەدەنىيەت ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن قايتىدىن شەكىللەندۈرۈپ خىتاي كىملىكىگە سىڭدۈردى. ئۇلار ئىسلامنى بىر توسالغۇ ئەمەس، بەلكى كۆپ ئېتنىكلىق بىر خىتاي مىللىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى بىرلەشتۈرگۈچى ئامىل ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ خىل قاراش لياڭنىڭ مىللەت چۈشەنچىسى بىلەن تېخىمۇ بەكرەك ماس كېلەتتى. بۇ زامانىۋى كىملىك ئىزدىنىشلىرىگە قاتنىشىش ۋە ماسلىشىش ئۈچۈن، خۇيزۇ سەرخىللىرى ئىسلامىي تەپەككۇر ئىسلاھاتى ئېلىپ باردى ھەمدە ئىلىم-پەن، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سىياسىي ئاڭنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىسلامىي مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى. بۇ خىل بىرلىشىش ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ سېكۈلەر (دۇنياۋى) جەمئىيىتىگە ۋە مىللەت بەرپا قىلىش مۇساپىسىگە ئاكتىپ تۆھپە قوشقۇچىلار سۈپىتىدە قاتنىشىشىغا يول ئاچتى.
1930-40 يىللاردا، خىتاي زىيالىيلىرى ئاساسەن لياڭنىڭ پىكىرىگە ئەگەشكەن. چۈنكى لياڭ ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭخۇا مىنزۇ ئۇقۇمى ھەم خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى تەكىتلەيتتى، ھەم خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەتتى، شۇنداقلا باشقا خەلقلەرنى چەتكە قاقمايتتى. بۇ شۇ دەۋرنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولغان خىتاي مىللەتچىلىكىگىمۇ زىت ئەمەس ئىدى. ئەمەلىيەتتە جۇڭخۇا مىنزۇ ئىدىيەسى خىتاي مەدەنىيىتىنى مەركەز قىلغان، باشقا خەلقلەرنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خىتاي مەدەنىيىتىگە ئاسمىلاتسىيە بولىشىنى كۆزدە تۇتقان بىر مىللەت قۇرۇلۇشى ئەندىزىسىگە ۋەكىللىك قىلاتتى.
1939-يىلى خىتاي تارىخچى گۇ جيېگاڭ تەرەققىي قىلغان جۇڭخۇا مىنزۇ (خىتاي) ۋە تەرەققىي قىلمىغان جۇڭخۇا مىنزۇ (غەيرىي خىتاي) دېگەن ئىككى ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭچە، خىتاي بولمىغانلار ھازىرچە ئاسسىمىلياتسىيە بولمىغان بولسىمۇ، قاتناش قولايلىقلاشقاندا ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسى كۆپەيگەندە پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتەتتى. يەنە بىر خىتاي تارىخچى لەي شىرۇ بولسا خىتاي مىللىتىنىڭ جۇڭخۇا مىنزۇنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى (母体) ئىكەنلىكىنى ياقلىغان بولسا، 1942-يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ باياننامىسىدە خىتاي بولمىغان گۇرۇپپىلار جۇڭخۇا مىنزۇنىڭ «شاخلىرى» دەپ تەسۋىرلەنگەن.
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە ماۋ زېدۇڭنىڭ رەھبەرلىكىدە يېڭى ئېتنىك سىياسەت يولغا قويۇلدى ۋە خىتاي پۇقرالىرى ئەللىك ئالتە ئېتنىك گۇرۇپپىغا ئايرىلدى. بۇ تۈرگە ئايرىش سوۋېت ئېتنىك سىياسىتى بىلەن خىتايدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جۇڭخۇا مىنزۇ ئىدىيەسىنىڭ بىرىكمىسىنى ئەكس ئەتتۈرەتتى. خىتاي خەلقى ھەم كۆپ سانلىق گۇرۇپپىغا، ھەم تەرەققىي قىلغان ۋە باشلامچى بىر مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلاتتى، قالغان ئەللىك بەش ئاز سانلىق مىللەتنىڭ بولسا مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد جەھەتتە خىتاي خەلقىنىڭ سەۋىيەسىگە يېتىشى كۈتۈلەتتى. داڭلىق خىتايشۇناس جېمىس لەيبولد (James Leibold) ئېيتقاندەك، كۆپ خىللىق پەقەت مەلۇم بىر مەزگىلگىچە بەرداشلىق بەرگىلى بولىدىغان، ئەمما ئاخىرىدا چوقۇم بىخەتەرلىك دائىرىسىگە ئېلىنىشى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئۆزگەرتىلىشى كېرەك بولغان بىر ھادىسە ئىدى. خىتايچىلاشتۇرۇش ياكى خىتايلاشتۇرۇش دەپ ئاتىلىدىغان بۇ مەدەنىيەت ئۆزگەرتىش بەزىدە مەجبۇرىي، بەزىدە بولسا ئىقتىسادىي تەرەققىيات، شەھەرلىشىش ۋە رەسمىي ئورگانلارنىڭ تەربىيەلەشلىرى ئارقىلىق باسقۇچلانغان ھالدا ئېلىپ بېرىلدى. خۇددى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئوچۇق ئېيتىشتىن بىئەپ ھىس قىلمىغاندەق، خىتاي مىللىتى «باشقۇرغۇچى ئىرق»قا ۋەكىللىك قىلاتتى ۋە جۇڭخۇا ئائىلىسىنىڭ چوڭ ئاكىسى ئىدى. شۇڭا «كىچىك ئىنىلىرىغا» يېتەكچىلىك ۋە باشلامچىلىق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزگەرتىش ۋە ئاسمىلاتسىيە قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. يەنى مەدەنىيەت پەرقلىرى، خۇددى خىتاي سۇلالىلىرى دەۋرىدىكىگە ئوخشاش، بىر تەھدىت ئامىلى سۈپىتىدە قارالغان.
بۇ ئۆلچەملەر رامكىسىدا باھالىغاندا، خۇيزۇلارنىڭ ئىمپېرىيە دەۋرىدە تىل، كىيىم-كېچەك ۋە مەدەنىيەت ئادەتلىرى جەھەتتە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە خىتاي مەدەنىيىتىگە سىڭىپ كەتكەنلىكى، دۆلەت ۋە خىتاي خەلقى بىلەن پات-پات توقۇنۇشۇپ تۇرغان بولسىمۇ، مۇستەقىللىق ئىزدىنىشىگە كىرمىگەنلىكى ۋە بولۇپمۇ زامانىۋى دەۋردە مىللەت قۇرۇلۇشى مۇساپىسىگە قاتنىشىپ، دىنىي چۈشەنچىدە ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغاندا، خۇيزۇ خەلقىنىڭ ئەمدى بىر تەھدىت ئامىلى بولۇشتىن زور دەرىجىدە يىراقلاشقانلىقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى بەرپا قىلىش لىنىيەسىدە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ تۇڭگانلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ يۇمشاق سىياسەت يۈرگۈزۈشىگە سەۋەب بولغان.
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۇزۇن مۇددەتتە خىتاي بولمىغانلارنى خىتايچىلاشتۇرۇش نىشانىنى كۆزلىگەن بولسىمۇ، خۇيزۇلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىنىشى، ئاساسىي قانۇندا (قەغەز يۈزىدە بولسىمۇ) باراۋەرلىك كاپالىتى بېرىلىشى مۇھىم تەرەققىياتلارنى ئېلىپ كەلگەن. ئەمەلىيەتتىكى مەسىلىلەر تالاش-تارتىشلىق بولسىمۇ، خۇيزۇلار زىچ ياشايدىغان نىڭشييا رايونىغا 1958-يىلى ئاپتونوم سالاھىيەت بېرىلدى. بىراق بۇ مەزگىلدە نىڭشيا نوپۇسىنىڭ %64 ى خىتايلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال خۇيزۇلارنى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئازراق تەھدىت ئامىلىغا ئايلاندۇرغان. خۇيزۇلارنى پەرقلىق قىلىدىغان مۇسۇلمانلىق كىملىكى، بۇ دەۋردە خىتاي ھاكىميىتى تەرىپىدىن باشقىچە بىر شەكىلدە بىر تەرەپ قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى خۇيزۇلارنى دۆلەتنىڭ باشقۇرۇش سىستىمسىغا داخىل قىلىپ ، ئۇلارنى خىتاي مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەكىلى قىلىپ بېكىتكەن. تېخىمۇ مۇھىمى، خىتاي ھۆكۈمىتى دالى سۇلتانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى دۇ ۋېنشىيۇنى مىللىي قەھرىمان سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان. خۇيزۇلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش قوللانغان، بۇ دائىرىدە ئىسلام ۋە كۇڭزى پەلسەپىسىنىڭ بىرىكمىسى بولغان «خەن كىتاب»نىڭ قايتىدىن تونۇشتۇرۇلۇشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان. خىتاي «خەن كىتاب»نى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن خۇيزۇ دىنى ۋە ئەنئەنىسىنى تەستىقلىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن «ياخشى» ئىسلامنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا ئىدى.
خۇيزۇلارغا يەنە دۆلەت باشقۇرۇشتا، بولۇپمۇ دىنىي ۋە ئېتنىك خىزمەتلەر ساھەسىدە چوڭ روللار بېرىلگەن. خۇيزۇلار خىتاينىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىسلام ئورگىنى بولغان خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. بۇ ئەھۋال دۆلەتنىڭ ئۇلارغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ۋە ھەمكارلىق چۈشەنچىسىنىڭ بىر ئىپادىسى دەپ قارالسا بولىدۇ. «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي جەمئىيەت» دەپ تەسۋىرلەنگەن بۇ جەمئىيەت خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قوللاش، ئىسلامنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇش، دىنىي ۋە ئېتنىك بىرلىكنى كۈچەيتىش، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىرلىكىگە تۆھپە قوشۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. شۇنداقلا قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ زامانىۋى خىتاي جەمئىيىتىگە ئۇيغۇن تەپسىرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە جەمئىيەت ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىمۇ ئۈستىگە ئالىدۇ.
دۆلەت سىياسەتلىرى بىلەن ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلغان خۇيزۇلار خىتاينىڭ ئېتنىك نەزەرىيەسى ۋە بىرلىشىش سىياسەتلىرىگىمۇ زور تۆھپە قوشقان. نۇرغۇن تۇڭگان زىيالىيلىرى خىتاي ھۆكۈمتى ئۈچۈن جۇڭخۇا مىللىتى شەكىللەندۈرۈش يولىدىكى مۇھىم نەزەرىيەلەرنى تەرققىي قىلدۇرماقتا. يېقىنقى مەزگىللەردە، خۇيزۇلار ئەنئەنىۋى سودىگەر، مۇسۇلمان ۋە جۇڭگۇلۇق كىملىكلىرى بىلەن خىتاي بىلەن ئىسلام دۇنياسى، بولۇپمۇ ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردە ۋاسىتىچىلىك رول ئوينىماقتا ۋە بۇ تەرەپلىرى بىلەن خىتاي تەرىپىدىن «مەدەنىيەت ئەلچىسى» دەپ قارالماقتا. بۇ ۋاسىتىچىلىك رولى خىتاينىڭ نەزىرىدە «ياخشى مۇسۇلمان» ئوبرازىنىڭ يارىتىلىشىغا تۆھپە قوشۇش بىلەن بىرگە، خۇيزۇلار يەنە مۇسۇلمان دۆلەتلەردىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى ئارقىلىق خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشىنىمۇ قوللىماقتا.
شۇنداقتىمۇ خىتاينى خۇيزۇلارغا قاراتقان بېسىمىنى توختاتتى دېيىش توغرا ئەمەس. 2016-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا باشلانغان لاگېرلار بىلەن تەڭ قەدەمدە يولغا قويۇلغان ھەر خىل خىتايچىلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى مەلۇم دەرىجىدە خۇيزۇلارغىمۇ قوللىنىلدى. بۇ دائىرىدە، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى 2018-يىلى «ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇشقا قاراپ يۈزلىنىش بەش يىللىق پىلانى (2018-2022)» ناملىق بىر ھۆججەتنى ئېلان قىلدى. بۇ پىلان خۇيزۇلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تۇتاش خىتاي مىللىي كىملىكىگە ئاسمىلاتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلىغان. ئىسلامىي بەلگىلەر، بولۇپمۇ گۈمبەز ۋە مۇنارلار «يات» ۋە «خىتايچە بولمىغان» ئامىللار دەپ قارىلىپ، دۆلەت بىرلىكى ۋە سىياسىي كونتروللۇق نۇقتىسىدىن تەھدىت دەپ باھالانغان.
تەدبىرلەر نەتىجىسىدە نۇرغۇن مەسچىتلەر يا پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىندى ياكى ئەنئەنىۋى خىتاي بىناكارلىقىغا ئۇيغۇن ھالدا قايتىدىن لاھىيەلەندى. سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرلىرىگە ئاساسلانغان بىر تەتقىقاتقا قارىغاندا، 2018-يىلىدىن بۇيان ئىسلامىي بىناكارلىق ئۇسلۇبىدىكى 2312 مەسچىتنىڭ تەخمىنەن %75ى يا ئۆزگەرتىلگەن ياكى ۋەيران قىلىنغان. نىڭشيادا بۇ نىسبەت %90 گە، گەنسۇدا بولسا %80گە يەتكەن. شىمالىي خىتاينىڭ ئەڭ ھەيۋەتلىك مەسچىتلىرىدىن بىرى بولغان بېيجىڭدىكى دۇديەن مەسچىتىنىڭ كۆركەم گۈمبەز ۋە مۇنارلىرى ئېلىۋېتىلىپ، ئورنىغا خىتايچە ئۇسلۇپىتىكى ئۇچلۇق توم ۋە چاسا ئەگمە تورۇسلار قوشۇلغان. ئوخشاش ئۆزگەرتىشلەر يۈننەندىكى ناجيائىڭ مەسچىتىگە ۋە نىڭشيادىكى ۋېيجو جومە مەسچىتىگىمۇ قوللىنىلغان. بۇنىڭدىن سىرت ئىماملار، مەسچىت باشقۇرغۇچىلىرى ۋە ئۆكتىچىلەر تۇتقۇن قىلىنغان؛ نازارەت كۈچەيتىلگەن شۇنداقلا دىنىي ماتېرىياللارنىڭ بالىلارغا يەتكۈزۈلۈشى مەنئى قىلىنغان، ئون سەككىز ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ مەسچىكە كىرىشى چەكلەنگەن.
خۇلاسىلىگەندە، تۇڭگانلارغا ھىچقانداق زۇلۇم ۋە بېسىملارنىڭ بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرا ئەمەس. تارىخقا نەزەر سالغاندا، ئۇلار خىتايدىن پەرقلىق بولۇشنىڭ بەدىلىنى ئېغىر تۆلىگەن. ئۇزۇن ۋاقىت خىتاي خەلقى بىلەن بىرگە ياشىغان ھەمدە ھەم تەبىئىي يوللار بىلەن ھەم مەجبۇرىي ھالدا ئاسمىلاتسىيە قىلىنغان ياكى خىتاي مەدەنىيتىگە سىڭىدۈرۋىتىلگەن. بۇ تارىخىي مۇساپە تۇڭگانلارنىڭ ھەم ئىسلامىي ھەم خىتاي مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بىرىكمە كىملىك يېتىلدۈرۈشىگە يول ئاچقان. زامانىۋى دەۋردە خىتاي مىللەت قۇرۇلۇشى جەريانغا داخىل بولغان، ئۆزلىرىنى ھەمىشە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر پارچىسى دەپ تەرىپلىگەن. دۆلەت تەرىپىدىنمۇ ئۇلارغا مەلۇم ھوقۇقلار بېرىلگەن ۋە دۆلەتنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىغا ئېلىپ كىرىلگەن سىڭدۈرۈلگەن. خىتاينىڭ دۇنياغا ئېچىلىشى بىلەن خىتاي دۆلەت مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىغان. پۈتۈن بۇ مۇساپىدە خۇيلار «ۋەھشى ياۋايىلار»دىن «بويسۇندۇرۇلغان» ياكى «كۆندۈرۈلگەن» «ياۋايىلار»غا ئايلانغان ۋە خىتاي تەرىپىدىن «ئۈلگىلىك مۇسۇلمانلار» سۈپىتىدە خىتاي مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەكىلى قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ ئۆزگىرىش، ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر ۋە تارىخىي مۇساپىلەرنىڭ بىر نەتىجىسى بولۇپ ھېسابلىندۇ.
