خىتاينىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ئۇسۇلى ۋە مەنتىقىسى خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخى كەچمىشى ۋە باشقۇرۇش تەجىرىبىسىنىڭ بېرىكىمدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 8-ئەسىرلەردىن مىلادىيدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىرلەرگىچە بولغان ئارلىقتا شەكىللەنگەن خىلمۇ-خىل سىياسەت پەلسەپەلىرى، خىتاينىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ئەنئەنىسى ئۈچۈن پىكىرىي ئاساس ۋە سىياسىي رامكا تەمىنلەپ بەرگەن. بۇ سىياسەت پەلسەپەلىرىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ كىين تۆت چوڭ پەلسەپىگە يغىنچاقلانغان. بۇلار كۇڭزچىلىق پەلسەپىسى (儒家)، موزىچى پەلسەپە (墨家)، لاۋزىچىلىق پەلسەپەسى \ تەرىقەتچى پەلسەپە (道家) ۋە قانۇنچىلىق پەلسەپەسى (法家) دىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ ھەر بىرى دۆلەتنى قانداق باشقۇرۇش كېرەك دېگەن مەسىلە ھەققىدە چۇڭقۇر ئىزدەنگەن ۋە بىر قاتار تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. كۆرىنىشتە كۆپىنچە خىتاي پادىشاھلىرى ۋە سىياسەتچىلىرى كۇڭزىچە ئۇسلۇبتا دۆلەتنى ئىدارە قىلغان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، قالغان سىياسەت پەلسەپەلىرى ھىچبىر زامان بىر چەتكە ئىتتىرىپ قويۇلمىغان، ئەكسىچە زامان، ماكان، شارائىتقا قاراپ مەنپەتىگە ئۇيغۇن كەلگىنىنى تاللاپ ئىشلەتكەن. مەسىلەن، دۆلەت قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى ھەر قايسى كۈچلەر ئوتتۇرسىدىكى قانلىق كۆرەشلەر مەزگىلىدە قانۇنشۇناسلىق، دۆلەت قۇرۇلغاندا بولسا كۇڭىزىچىلىق ئاساسىي باشقۇرۇش پىرىنسىپى بولغان. خىتاي خەلقى بولسا ئۇرۇش يىللىرىدا لاۋزىنىڭ پىرىنسىپى بويىچە ياشىغان.
خىتاي مەدەنىيتى باشقا مەدەنىيەتلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇردىغان بولۇپ، ئەڭ روشەن ئىپادىلىرىنىڭ بىرى رىئالىست ۋە سېكۈلەرلىكىدۇر. يەنى خىتاينىڭ پۈتۈن مەدەنىيەت پەلسەپە سىتىمىسى تەڭرى ھەققىدە غەرب ۋە ئىسلام مەدەنىيتىدەك چۇڭقۇر ئىزدىنىش ئېلىپ بارمىغان. ھەتتا كۇڭىزىچىلار روھلارنىڭ بارلىقىغا ئىشەنسىمۇ دىن ھەققىدە كۆپ باش قاتۇرۇشنى بىھۇدە ئىش دەپ قارىغان. قانۇنچىلار بولسا دىن ۋە تەڭرى ھەققىدە ھىچنىمە دەپ باقمىغان. خىتايلارنىڭ پۈتۈن پەلسەپە سىسىتىمىسى ۋە دۇنيا قارىشى تەبئەت ۋە ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە ئىنسانلار بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرسدىكى مۇناسىۋەتنى چۆرىدىگەن ۋە بۇ ئاساستا شەكىللەنگەن. بولۇپمۇ ئىنسانلار بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرسدىكى مۇناسىۋەت ئىنتايىن چۇڭقۇر ئىزدىنىلگەن بولۇپ، خىتاي مۇتەخەسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتايلارنى چۈشىنىش ۋە ئۇلار بىلەن ھەپىلىشىپ بىر باشقا چىقىشىنىڭ قىينلىقىنىڭ سەۋەبى مانا بۇنىڭدىن ئىبارەت.
لاۋزىچلىق، داۋچىلىق ياكى تەرىقەتچىلىك خىتاي پەلسەپەلىرى ئىچىدە تەڭرى ھەققىدە بەك چۇڭقۇر بولمىسىمۇ بىر ئاز تەپسىلىي توختالغىنى ۋە مىتافىزىكىلىق دۇنيا قارشىنى ئۆزىنىڭ پەلسەپىسىگە بىرلەشتۈرگىنىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا، لاۋزىچلىق يەنە خىتاي خەلقىنىڭ ياشاش پەلسەپىسىگە ئىنتايىن چۇڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. خىتاي پەلسەپەلىرى رىئالىست تەبىئىتى سەۋەبىدىن غەربنىڭ پەلسەپەلىرىگە قارىغاندا چۈشىنىش ئاسان. ئەمما لاۋزى پەلسەپىسى خىتاي پەلسەپەلىرى ئىچىدە ئەڭ سىرلىق، چۈشىنىش قىين ۋە ئەڭ چۇڭقۇر بولغىنىدۇر.
بۇ يازمىدا خىتايچە 道家، ئىنگىلىزچە Taoism دەپ ئاتالغان بۇ سىياسەت پەلسەپەسى «تەرىقەتنامە»، تەرىقەتچى پەلسەپە شۇنداقلا لاۋزىچىلىق دەپ ئېلىندۇ. قايسى قوللىنىلغان بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئوقۇرمەن كۆزدە تۇتۇلغان نەرسىنى 道家 دەپ چۈشەنسە بولىدۇ.
لاۋزى سىياسەت پەلسەپىسىنىڭ ئاساسلىرى داۋ (道) ، تەبىئەت (自然)، ھىچ ئىش قىلماسلىق \ ھەركەت قىلماسلىق (无为) ۋە ھەركەتسىزلىك ئىچىدە ھەركەت قىلىش (为无为) تۇر.
داۋ (道) — بارلىق مەۋجۇداتقا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئالەمشۇمۇل قانۇنىيەت بولۇپ، ئۇ ھەم بارلىق شەيئىلەرنىڭ مەنبەسى، ھەم ئىنسانلارنىڭ ئالەم ۋە تەبىئەت بىلەن ئىناق ياشىشى ئۈچۈن تۇتۇشقا تېگىشلىك يولىدۇر. بۇ «يول» ياكى «داۋ» ئىنسانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ئۇيغۇن ھالدا ھايات كەچۈرۈشىدىكى «يېگانە» يولنى كۆرسىتىدۇ.«داۋ» ئەزەلدىن مۇجىمەل،غۇۋا، تۇتۇق، تۈرگە ئايرىش تەس ئۇقۇم دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇ تەبىئىي، مۇستەقىل مەۋجۇدىيەت بولۇپ، «ئاسمان ئاستىدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئانىسى» (天下之母) ۋە بارلىق شەيئىلەرنىڭ يىلتىزىدۇر (تەرىقەتنامە ، 25-باب).
داۋچىلىق سىياسەت پەلسەپىسى دائىم پاسسىپ چېكىنىش تەلىماتى دەپ خاتا چۈشىنىلىپ كېلىنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇكەممەل ۋە ئەمەلىيەتچان بىر ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسى بولغان «داۋدېجىڭ ياكى تەرىقەتچىلىك» بىلەن ماۋاڭدۈيدىن تېپىلغان ئەمەلىي قوللانما خاراكتېرلىك خۇاڭ-لاۋ (黄老) يازمىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلغاندا، ئۇ ئەڭ يۇقىرى مۇقىملىنى نىشان قىلغان، ئۇزۇن داۋاملىشىشنى تەرغىپ قىلغان ھەمدە ئىچكى-تاشقى قالايمىقانچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن «غايىۋى دۆلەت» ئەندىزىسىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ پەلسەپىدىكى غايىۋى دۆلەت ، مۇكەممەل باشقۇرۇلىدىغان، ئۆز-ئۆزىنى قامدايدىغان، سىرىت بىلەن ئالاقىسى بولمىغان ئاددى ئادەملەردىن تەركىب تاپقان سىياسىي گەۋدىدىن ئىبارەت. بۇ دۆلەتنىڭ قۇرۇلمىسى بىر قانچە بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان، گىرەلىشىپ كەتكەن پرىنسىپلارغا تايانغان بولۇپ ئىستراتېگىيىلىك نىشانى — «ھېچ ئىش قىلماي تۇرۇپ ئىدارە قىلىش» (无为) تۇر. ئاساسلىق ئىجرا قىلىش ۋاسىتىسى بولسا «ھىچ ئىش قىلماسلىق ئۈچۈن بىر ئىش قىلىش ياكى ھەركەتسىزلىك ئىچىدە ھەركەت قىلىش» (为无为) بولۇپ، بۇ ھەركەت قىلىش «خەلقنى نادان قالدۇرۇش » (愚民) ، سىرتقى دۇنيادىن ئايرىۋىتىش، «يۇمشاق\ئاجىز باشقۇرۇش» قاتارلىقلاردۇر. بۇ تاكىتىكا ۋە ئىستراتىگىيەلەرنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئىشلتىگەن سىياسىي گەۋدە بولسا بۇ پەلسەپىنىڭ غايىۋى دۆلىتى بولۇپ،مانا بۇ ئاخىرقى نىشاندىن ئىبارەت.
لاۋزىنىڭ قارىشىچە، ئىنسانىلارنىڭ ئاكتىپ شەكىلدە جەمىئيەتنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن قول تىقىشى (有为) «داۋ» ۋە تەبىئىي تەرتىپكە تۈپتىن قارشىدۇر. ئىنساننىڭ ھوقۇق-شۆھرەتكە بولغان ئىنتىلىشى، بىلىمى ۋە نەپسى جەمئىيەتنى ئاددىي-ساددىلىقتىن شۇنداقلا داۋدىن يىراقلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئەمەس، بەلكى تارىخىي چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، تەرىقەتنامە (道德经) دە مۇكەممەل قانۇن-بەلگىلىمىلەرنىڭ كۆپىيىشى ئەمەلىيەتتە قالايمىقانچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىقنى كۈچەيتىدۇ دەپ قارىلىدۇ: «دۇنيادا چەكلىمىلەر قانچە كۆپ بولسا، خەلق شۇنچە نامراتلىشىدۇ. خەلقنىڭ ئۆتكۈر قوراللىرى قانچە كۆپ بولسا، دۆلەت شۇنچە قايمۇقىدۇ. خەلقنىڭ ھۈنەر-سەنئىتى قانچە يۇقىرى بولسا، غەلىتە ئىشلار شۇنچە كۆپ يۈز بېرىدۇ. قانۇن-پەرمانلار قانچە ئاشكارا بولسا، بۇلاڭچى-ئوغرىلار شۇنچە كۆپىيىدۇ» (تەرىقەتنامە ، 57-باب)
بۇنىڭدىن باشقا، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئىنسانلار ئارسىدىكى پەرقلىشىش ۋە ئەخلاقىي چىرىكلىكنى پەيدا قىلىدۇ. داۋنىڭ يوقىلىشى پەزىلەت (德)، ئىنسانپەرۋەرلىك (仁)، ھەققانىيەت (义) نىڭ يوقۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە بۇ ھالەت كۇڭزىچلار ئۇلۇغلاپ كۆتۈرۈپ چىققان قائىدە-تەرتىپ ۋە مۇراسىم (礼) نىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشغا تۈرتكە بولىدۇ. قائىدە-تەرتىپ ۋە مۇراسىمنىڭ بارلىققا كېلىشى «ساداقەت ۋە سەمىمىيەتنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە قالايمىقانچىلىقنىڭ باشلىنىشى» دەپ قارىلىدۇ (تەرىقەتنامە ، 38-باب). لاۋزى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى كوڭزىچىلارنى ئىچى بىلەن تېشى بىر ئەمەس، سەممىيەتسىز، ئالدامچى ئوغرىلار دەپ قارايدۇ ۋە كۇڭزى كۈچلۈك تەرغىپ قىلغان «تەربىيلەش» نى پۈتۈن قالايمىقانچىلىقنىڭ مەنبەسى دەپ قارايدۇ. بۇ ئىككىسى ئوتتۇرسدىكى تالاش تارتىش تولىمۇ قىززىقارلىق ۋە مۇھىم بىر تېما بولۇپ تېمىدىن چەتنەپ كەتمەسلىك ئۈچۈن بۇ يازمىدا توختالمايمىز. كىين ئايرىم بىر تېما قىلىپ يوللىنىلىشى مۇمكىن.
ھىچنىمە قىلماي ئىدارە قىلىش (无为)
ئىنسانلار جەمئىيتىنى تەبئەتنىڭ ئەسلى يولىغا يەنى تەرىقەت يولى ۋە ياكى «داۋ» غا قايتۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمدارنىڭ تۈپ يېتەكچى پىرنسىپى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيتىگە تەقلىد قىلىشتۇر(تەرىقەتنامە ، 25-باب)، ۋە بۇ «ھىچنىمە قىلماي ئىدارە قىلىش» (无为) تۇر. بۇ ئەمەلىيەتتە تەبىئەتنىڭ قانۇنىيتىگە بويسۇنۇش، ئىنساننىڭ ئىجادىيتى بولغان سىياسەت، قانۇن ۋە كۆز قاراشلار بىلەن جەمئىيەتنى تۈزەشتىن ئۇزاق تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
مانا بۇ ھالەتتە سىياسىي سىستېما شۇ قەدەر راۋان ئىشلەيدۇكى، ھۆكۈمدارنىڭ دائىملىق، ئاشكارا ئارىلىشىشىنىڭ ھاجىتى قالمىغان بولىدۇ. لېكىن بۇ پاسسىپلىق ئەمەس، بەلكى ئۈنۈملۈك ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى، يەنى » ھەرىكەتسىزلىككە يېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش» (为无为) تۇر («تەرىقەتنامە »، 3-، 63-باب). بۇ ھالەتكە يېتىش ئۈچۈن دۆلەت ۋە جەمئىيەتنى توغرا قۇرۇلمىغا سېلىش مەقسىتىدە دەسلەپكى باسقۇچتا غايەت زور، مەقسەتلىك ۋە ھەتتا كۈچلۈك ھەرىكەت (有为) تەلەپ قىلىنىدۇ. دانىشمەن ھۆكۈمران «ھىچنىمە قىلماي ئىدارە قىلىش» ئۈچۈن شارائىت يارىتىش يولىدا دائىم كۈچلۈك، قەستەن ۋە مەقسەتلىك ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك. ھۆكۈمران دۆلەتنى قالايمىقان قىلىدىغان مەنبەلەرنى، يەنى تالاش-تارتىشىش، ئىستەك، ئىنتىلىش ۋە ھەددىدىن زىيادە بىلىمنى يوقىتىش لازىم.
بۇ مەنبەلەر يوقىتىلغاندىن كېيىن، دۆلەت ئەڭ ئاز ئارىلىشىش بىلەن ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلالايدۇ ۋە «ھېچ ئىش قىلمىسىمۇ، قىلىنمىغان ئىش قالمايدۇ» (无为而无不为) دېگەن غايىۋى ھالەتكە يېتىدۇ («تەرىقەتنامە »، 48-باب). شۇڭا، «ھىچنىمە قىلماسلىق» — ھەر قانداق زۆرۈر ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيىلىك ئاخىرقى نىشاندۇر.
بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ كونكىرىت يوللىرى خەلقنى نادانلاشتۇرش (愚民)،ئەقىل-پاراسەتتىن ۋاز كېچىپ، قابىلىيەتلىكلەرنى رەت قىلىش (绝圣弃智) بىلىملىكلەرنى ھۆرمەتلىمەسلىك (不尚贤)، ماددى نەپىسنى يوق قىلىش، ئۇچۇرنى كونترول قىلىش، ئىشىكنى تاقاش (سىرتقى دۇنيادىن ئايرىش) قاتارلىقلاردۇر. چۈنكى بۇ پەلسەپەدە جاھىللىق ۋە نادانلىق ئەڭ يۈكسەك پەزىلەت \ ئەردەمدۇر.
لاۋزىغا نىسبەتەن ئىنسانلاردىكى نەپس (欲) ، ۋە بىلىم (智) قالايمىقانچىلىقنىڭ ۋە ئىجتىمائىي داۋالغۇشنىڭ يىلتىزىدۇر، شۇڭا دانىشمەن ھۆكۈمدار ئۇلارنى يوقىتىشى كېرەك. مانا شۇنداق بولغاندىلا ھۆكۈمدار ھىچنىمە قىلماي دۆلەتنى باشقۇرالايدۇ (无为而治). بۇ قىيىن ۋە مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بولۇپ — خەلقنى پاسسىپ ۋە ساددا ھالەتتە تۇتۇش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئاكتىپ، ھەركەتچان، ھادسىلەرگە قىززىقىدىغان، تەۋەككۈلچى شۇنداقلا جۇرئەتكار ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلىش ئىستراتېگىيەسىدۇر.
تەرىقەتنامىدە بايان قىلىنغىنىدەك، دانىشمەن ھۆكۈمدار خەلقنىڭ قەلبىنى بوشىتىدۇ، قورسىقىنى تويغۇزىدۇ، ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، سۆڭىكىنى كۈچەيتىدۇ. ھەمىشە خەلقنى نادان ۋە ئىستەكسىز تۇتىدۇ. شۇنداقلا ئەقىللىقلارنىڭ ھەرىكەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشىدۇ (تەرىقەتنامە، 3-باب). بۇ ھەرىكەت خەلقنىڭ بوۋاقلاردەك ئاددىي ۋە ساددا قېلىشىغا (圣人皆孩之) كاپالەتلىك قىلىدۇ (تەرىقەتنامە ، 49-باب) مانا بۇنداق قىلغاندا ھىچ ئىش قىلماي تۇرۇپ باشقۇرغىلى بولىدىغان جەمئىيەت شەكىللىندۇ. بۇ ھەقتە لاۋزى مۇنداق دەيدۇ: « ھىچ ئىش قىلماسلىق پىرنسىپى بىلەن ئىدارە قىلغاندا، ئىدارە قىلغىلى بولمايدىغان ھېچ نەرسە قالمايدۇ» (تەرىقەتنامە ، 3-باب).
ئستەك، شۆھرەت ۋە رىقابەت جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىنى بۇزىدىغان ئامىللار بولغاچقا بۇلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن قابىلىيەتلىك ۋە دانىشمەن كىشلەرنى ھۆرمەتلىمەسلىك (不赏贤) كېرەك (تەرىقەتنامە ، 3-باب) . بۇنداق بولمىغاندا كىشىلەر ئارسىدا بولۇپمۇ دانىشمەنلەر ئارسىدا رىقابەت كېلەپ چىقىدۇ ۋە بۇ قالايمىقانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن تەرىقەتنامىدە ئەقلى ۋە ئىلمىي پائالىيەتلەرنى يوقىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ: «دانىشمەنلىكنى تاشلا، ئەقىل-پاراسەتتىن ۋاز كەچ، خەلق يۈز ھەسسە مەنپەئەتلىندۇ» (تەرىقەتنامە ، 19-باب).
ماددىي بايلىق ۋە مەنپەئەتكە ئىنتىلىش (有欲) مۇ قالايمىقانچىلىقنىڭ ئىقتىسادىي ۋە پسىخىك يىلتىزى ۋە ئوغرىلىق ۋە تالاش-تارتىشنىڭ سەۋەبكارى دەپ قارىلىدۇ. نەپسىنى يوقىتىشنىڭ ئىستراتېگىيەسى — ئۇنى قوزغايدىغان ماددى ئامىللار ۋە سەۋەبلەرنى يوقىتىشتۇر («تەرىقەتنامە »، 19-، 44-باب)
جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك نادان ھالەتكە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ھۆكۈمران خەلققە كېلىدىغان ئۇچۇر ئېقىمىنى چەكلەپ، مەجازىي مەنىدە «ئۇلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ، ئىشىكىنى تاقىشى» (塞其兑,闭其门) كېرەك. لاۋزىچلارنىڭ كۆز قارىشىدا، بۇ تاشقى تەسىرلەر ۋە بۇزغۇنچى ئىدىيەلەرنىڭ خەلقنى قايمۇقتۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىمدۇر («تەرىقەتنامە »، 52-باب). چۈنكى، ھۆكۈمران جەمئىيەتنى تىنچ ھالىتىدە ساقلاش ئۈچۈن، بارلىق «ئۆزگىرىش» (变) ۋە تەسىرلىشىش ئامىللىرىنى يوقىتىشى كېرەك (تەرىقەتنامە ، 64-باب). بۇ سىياسەت ئىنسانلارنى ئۆزلىرىنىڭ «بىئولوگىيىلىك» تەبىئىتىگە قايتۇرۇپ، زىددىيەتكە سەۋەب بولىدىغان مۇرەككەپ ئىجتىمائىي ئالاقىلەرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدۇ. بۇ، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ھۆكۈمرانلىقنىڭ رادىكال بىر شەكلىدۇر: يەنى «ئىشلار يۈز بېرىشتىن بۇرۇن بىر تەرەپ قىل، قالايمىقانچىلىق شەكىللىنىشتىن بۇرۇن تەرتىپكە سال» (为之于未有,治之于未乱) (تەرىقەتنامە ، 64-باب).
ئاجىز ياكى يۇمشاق ھۆكۈمرانلىق (弱用之术)
يۇمشاق ھۆكۈمرانلىق تەرىقەت پەلسەپەسىنىڭ سىياسىي ۋە پەلسەپىۋى ھىيلە-مىكىرلىرىنىڭ مەركىزىي پرىنسىپىدۇر. تەرىقەتنامە ئاجىزلىق ياكى يۇمشاقلىق ھەققىدە كۆپ سۆزلەيدۇ. بۇ ئىدىيە يۇمشاق، ئىگىلىشچان ۋە ئاجىز نەرسىلەرنىڭ ماھىيەتتە ھاياتلىق ئۈچۈن ئىنتايىن قوللىنشچان تاكتىكا ئىكەنلىكى ۋە ئاخىرىدا قاتتىق، كۈچلۈك نەرسىلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
شۇڭلاشقا، ھۆكۈمراندىن يۇمشاقلىق (柔) ۋە ئاجىزلىق (弱) پرىنسىپىنى ئىگىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى قاتتىقلىق ۋە كۈچلۈكلۈك ئۆلۈم ۋە چىرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك: «ئىنسان تۇغۇلغاندا يۇمشاق ۋە ئاجىزدۇر، ئۆلگىنىدە قاتتىق بولىدۇ… شۇڭا، قاتتىقلىق ۋە كۈچلۈكلۈك ئۆلۈمنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر؛ يۇمشاقلىق ۋە ئاجىزلىق ھاياتلىقنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر» (تەرىقەتنامە ، 76-باب). ئۇنىڭ مەركىزىي ھېكمىتى: «يۇمشاق ۋە ئاجىز قاتتىق ۋە كۈچلۈكنى يېڭىدۇ» (柔弱胜刚强) دېگەندىن ئىبارەت (تەرىقەتنامە ، 36-باب). ئاجىزلىقنىڭ كۈچى سۇ بىلەن مىسال قىلىنىدۇ، ئۇ «دۇنيادىكى ئەڭ يۇمشاق نەرسە» بولسىمۇ، ئەڭ قاتتىق نەرسىنى (بۇ يەردە تاشنى دېمەكچى بولغان بولۇشى مۇمكىن) يېڭەلەيدۇ (تەرىقەتنامە ، 43-باب؛ 78-باب). لېكىن بۇ ئاجىز بولۇش ئۈچۈن ئاجىز بولۇش ئەمەس، بەلكى يۇمشاقلىق ۋە ئاجىزلىقنى مەقسەتلىك ئىشلىتىشتۇر. تەرىقەتنامە ھەقىقىي، ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان كۈچنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ۋە قاتتىقلىقتا ئەمەس، بەلكى ئىلاستىكىلىق ، سەۋرچانلىق ۋە نازۇكلۇقتا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ھۆكۈمران ئۈچۈن بۇ، ئىستراتېگىيىلىك پاسسىپلىق (静观)،كەمتەرلىك ۋە تالاشماسلىق (不争) ۋە ھەقىقىي كۈچىنى يوشۇرۇش (深藏不露) تىن ئىبارەت بىر يۈرۈش سىياسىي تاكتىكىلارنى قوللىنىشنى كۆرسىتىدۇ.
ئىستراتېگىيىلىك پاسسىپلىق – ئاجىز كۆرىنىش، ھېساب-كىتابلىق كۆزىتىش ۋە تىنچلىق ئىستراتېگىيەسىنى تەلەپ قىلىدۇ. دانىشمەن ھۆكۈمدار ھەركەت ۋە ئۆزگىرىشكە مەپتۇن بولۇشتىن ساقلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «تىنچ كۆزىتىش» پوزىتسىيەسىنى قوللىنىشى كېرەك («تەرىقەتنامە »، 16-باب). ھۆكۈمران تەمكىنلىكنى ساقلاش ئارقىلىق مۇۋاپىق پۇرسەتنى كۈتىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق قالايمىقان ئەھۋاللار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ («تەرىقەتنامە »، 26-باب)
لاۋزىچى سىياسەت پەلسەپەسىدە ، كۈچ كەمتەرلىك ۋە تالاشماسلىق (بۇ ئۇرۇشماسلىقىنمۇ كۆرسىتىدۇ) ئارقىلىق ساقلىنىدۇ. بۇلار ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ. خەلقنىڭ ئۈستىدە بولماقچى بولغان ھۆكۈمران ئۆزىنى ئۇلارنىڭ ئاستىدىكىدەك سۆزلىشى كېرەك («تەرىقەتنامە »، 66-باب). بىۋاسىتە توقۇنۇشتىن ساقلىنىش ۋە كەمتەر بولۇش ئارقىلىق، ھۆكۈمراننىڭ ھوقۇقى رىقابەتسىز ۋە تەڭداشسىز ھالەتكە كېلىدۇ. تالاشماسلىق كۈرەش قىلىشنىڭ ئىنكارى ئەمەس، بەلكى مۇكەممەل بىر رىقابەت شەكلىدۇر. يەنى «تالاشماسلىقنى تالىشىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىش» (以不争为争) تۇر. دانىشمەن ھۆكۈمدار تالاشماسلىق سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقى ئۈچۈن، «دۇنيادا ھېچكىم ئۇنىڭ بىلەن تالىشالمايدۇ.» (以其不争故天下莫能与之争) («تەرىقەتنامە »، 66-باب)
دانىشمەن ھۆكۈمران ئۇرۇشقا تولىمۇ ئىھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇشى لازىم ۋە ئىمكانقەدەر ئۇرۇشماسلىقى لازىم. لاۋزى ئۇرۇشنىڭ ئاپەتلىرىدىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئۇ «چوڭ قوشۇننىڭ ئارقىسىدىن چوقۇم ئاچارچىلىق يىلى كېلىدۇ» (تەرىقەتنامە ، 30-باب) دەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، غايىۋى ھۆكۈمدار «داۋ» نىڭ پىرىنسىپلىرى بىلەن ھەركەت قىلىدۇ ۋە دۇنيانى كۈچ بىلەن بويسۇندۇرمايدۇ (تەرىقەتنامە، 30-باب).
يۇمشاق ۋە ئاجىزلىق ئىستراتېگىيەسىنىڭ يەنە بىر مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى — ھەقىقىي كۈچ ۋە ھوقۇقنى يوشۇرۇپ، ئۆز قابىلىيىتى ۋە ھەقىقىي نىيىتىنى ئاشكارىلىماسلىقتۇر. تەرىقەتنامە ھۆكۈمرانغا كۈچنى ئىچىدە ساقلاش ، كەمتەرلىكنى بولسا يۈزىدە كۆرسىتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ھۆكۈمران «دۆلەتنىڭ ئەڭ ئۆتكۈر قوراللىرىنى باشقىلارغا كۆرسىتىشكە بولمايدىغانلىقى» (国之利器不可以示人) نى چۈشىنىشى كېرەك («تەرىقەتنامە »، 36-، 70-باب).
«ھىچ ئىش قىلماي ئىدارە قىلىش» نىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھۈنىرى — قارشى كۈچنى قەستەن چېكىگە ئىتتىرىشتۇر. دانىشمەن ھۆكۈمدار رەقىب كۈچنىڭ «غەلىبە» قىلىشىغا يول قويۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئاخىرقى ھالاكىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ: «ئۇنى كىچىكلەتمەكچى بولساڭ، ئاۋۋال كېڭەيتىشىڭ كېرەك. ئۇنى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولساڭ، ئاۋۋال كۈچەيتىشىڭ كېرەك. ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولساڭ، ئاۋۋال تىكلىشىڭ كېرەك. ئۇنىڭدىن بىر نەرسە ئالماقچى بولساڭ، ئاۋۋال بېرىشىڭ كېرەك. بۇ يوشۇرۇن دانالىق دېيىلىدۇ» (تەرىقەتنامە ، 36-باب). بۇ ھىيلە-نەيرەڭ، ھۆكۈمراننىڭ قارىماققا ھەرىكەتسىزدەك كۆرۈنسىمۇ، ھەمىشە كونتروللۇقنى قولىدا تۇتۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ھۆكۈمداردىن جەمىيەت تەرتىۋىگە ئالاقىدار ئىشلاردا ئىمكانقەدەر ئەڭ ئاز ئارىلىشىش بىلەن ئىدارە قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ (تەرىقەتنامە ، 29-باب) ۋە كۆپ باج ئالماسلىق شۇنداقلا جازانى ئېغىرلاشتۇرماسلىق تەۋسىيە قىلىندۇ. خەلقنىڭ ئاچ قېلىشىنى، ئۇلارنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ باج ۋە ئاشلىقىنى ھەددىدىن زىيادە توپلىۋالغانلىقىدىن دەپ قارايدۇ (تەرىقەتنامە ، 75-باب) ۋە خەلقنى ئۆلۈم بىلەن قورقۇتۇشنىڭ ئۈنۈمسىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ (تەرىقەتنامە ، 74-باب).
غايىۋى دۆلەت
لاۋزى ياكى « تەرىقەتنامە» نىڭ سىياسىي تەلىماتى «كىچىك دۆلەت، ئاز پۇقرا» (小国寡民) دىن تەشكىل تاپقان سىياسىي سېستىمىدۇر (تەرىقەتنامە ، 80-باب) ۋە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەكىلدە ئىدارە قىلىنغان بۇ كىچىك سىياسىي سىستېما بۇ پەلسەپە ئوتتۇرىغا قويغان غايىۋى دۆلەتتۇر، شۇنداقلا بۇ دۆلەت «ھىچ ئىش قىلماي باشقۇرش» ئۈچۈن ئەڭ مۇكەممەل مۇھىتتۇر. چۈنكى بۇ غايىۋى دۆلەت مەدەنىيەت، تېخنىكا ۋە كەڭ كۆلەملىك ئىجتىمائىي ئالاقە، رىقابەت، ئىنسانىي ئىستەك ۋە شۆھرەتنى — يەنى ئىنسانلار ئارسىدىكى ئاكتىپ بولۇشنى قوزغايدىغان ئامىللارنى (有为) — سىستېمىلىق رەت قىلىدۇ.
بۇ غايىۋى دۆلەتتە، كىشىلەرنىڭ ئىلغار قوراللىرى (قورال-ياراغ، كېمە-ھارۋا) بولسىمۇ، ئۇنى ئىشلەتمەسلىكنى تاللايدۇ. ئۇلار ئىپتىدائىي تۇرمۇشتىن رازى بولۇپ، ئىجتىمائىي ھاياتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدۇ. تەرىقەتنامەنىڭ 80-بابىدا بۇ غايىۋى دۆلەت مۇنداق تەسۋىرلەنگەن:
–خەلقنىڭ ساناققا ئىشلىتىشكە بولىدىغان قوراللىرى بولسىمۇ، ئۇنى ئىشلەتمىسۇن؛ خەلق ئۆلۈمنى قەدىرلەيدىغان بولسۇن،شۇنداقلا يىراقلارغا سەپەر قىلمىسۇن. گەرچە كېمە-ھارۋىلىرى بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئولتۇرمىسۇن. گەرچە ساۋۇت-قوراللىرى بولسىمۇ، ئۇنى نامايان قىلمىسۇن. خەلق ئارغامچا تۈگۈپ خاتىرە قالدۇرۇدىغان بولسۇن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يېمەكلىكىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان، ئۆزلىرىنىڭ كىيىمىنى قەدىرلەيدىغان، ئۆز ماكانىدا خاتىرجەم ئولتۇرىدىغان، شۇنداقلا ئۆرپ-ئادىتىدىن خۇشاللىنىدىغان بولسۇن. قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرسىمۇ، توخۇ ۋە ئىتلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرسىمۇ، قېرىپ ئۆلگۈچە بىر-بىرى بىلەن بېرىش-كېلىش قىلمايدىغان بولسۇن» (لاۋزى، 80-باب).
بۇ يېگانە-يالغۇزلۇقنىڭ سەۋەبى — مەدەنىيەت، بىلىم ۋە تەرەقىياتنى يوق قىلىش ئارقىلىق تالىشىش ۋە قالايمىقانچىلىقنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى يوقىتىشتۇر. ھۆكۈمدار خەلقنى يەرلىك دائىرىدە، ساۋاتسىز (خاتىرە ئۈچۈن ئارغامچا تۈگۈش) ۋە ئاددىيلىقتىن رازى ھالەتتە تۇتۇش ئارقىلىق، ئۇلارنى رىقابەت ۋە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدىغان مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىن، شۇنداقلا بىلىم، ئىستەك ۋە غايىنى يېتىلدۈرۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. ئاندىن بۇ دۆلەتنىڭ خەلقى خۇشال،باشقۇرۇشى ئاسان، سىياسىي ۋەزىيتى مۇقىم ۋە ئۆمىرى ئۇزۇن بولىدۇ.
لاۋزىنىڭ بۇ خىل سىياسەت پەلسەپەسىنى تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ نىيتىنىڭ يامان ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەتتا لاۋزى ئوتتۇرىغا قويغان جاھىللىقنىڭ بىزنىڭ چۈشىنىشىمىزدىكى جاھىللىقتىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. لېكىن نىمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر خىتاي تارىخىدا ھىچبىر ھۆكۈمدار لاۋزى ئوتتۇرىغا قويغان غايىۋى دۆلەتنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلمىغان. ئەمما يۇقىرىدا سۆزلەنگەن بۇ دۆلەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تاكتىكىلارنى كەڭ كۆلەمدە قوللانغان. مەسىلەن خەلقنى نادان قالدۇرۇش، ساياھەتنى چەكلەش، ئىچىگە بىكىنۋېلىش، بىلىملىك كىشىلەرنى شارائىتقا قارىتا ئىشلتىش ۋە يوق قىلىش، ئاجىز كۆرىنىش، يالغان كۆرىنىش دېگەندەك. شۇنداقلا تەرىقەتنامىدە سۆزلەنگەن تاكتىكىلار قانۇنىچىلار تەرىپىدىن خەلقنى مۇستەبىتلىك بىلەن باشقۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلغان ۋە شاڭ ياڭ ۋە خەن فېي تەرىپىدىن سىستىملىك باشقۇرۇش پەلسەپىسى ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن.
يەنە بىر تەرەپتىن لاۋزىنىڭ ئىدىيەلىرى خىتاينىڭ ھەربىي ئىستراتىگىيسىگە چۇڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. مەسىلەن سۈنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرىدىكى نۇرغۇن ئىدىيەلەر لاۋزىنىڭ پەلسەپىسى بىلەن بىردەكلىككە ئېگە. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى سىمايى مۇ تەرىقەت ئېقىمىغا تەۋە ھەربىي ئىستراتىگىيەچىدۇر ۋە ئۇ دەۋردىكى جۇيۈ، جۇگېلىياڭ، پاڭتۇڭ شۇنداقلا ساۋ ساۋ قاتارلىق بارلىق ھەربىي ئىستراتىگىيچىلەردىن ئۈستۈن ئىستراتىگىيە سەۋىيەگە ئىگە. بۇ سەۋەبتىن باشتا شۇ ۋە ۋۇ بەگلىكلىرىنى يېڭىپ، ئۇنىڭدىن كىين ساۋ ساۋ جەمەتىدىن ھوقۇقنى تارتۋېلىپ جىن سۇلالىسىنى قۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا 1907- يىلىدىن 1928- يىلىغىچە ۋەتەننى ۋالىي بولۇپ باشقۇرغان ياڭ زىڭشىنىڭمۇ ۋەتەننى لاۋزىنىڭ سىياسەت پەلسەپەسى بىلەن ئىدارە قىلغانلىقى سۆزلىندۇ. بۇ ھەقتە «شىنجاڭ تارىخى ماتېرىياللىرى» قاراڭ. ياڭ ئىنتايىن ئاجىز ھەربىي كۈچ بىلەن ۋەتەننى ئاشۇ يىللاردىكى خىتايدىكى (چىڭ سۇلالسىنىڭ يىقىلىشى، خىتاينىڭ ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئىچكى ئۇرۇشقا پېتىپ قېلىشى، مۇڭغۇلىيەنىڭ مۇستەققىل بولۇشى)، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى (جەدىتچىلىك ھەركىتى) ھەتتا دۇنيادىكى (1-دۇنيا ئۇرۇشى ۋە رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى) چوڭ سىياسىي ۋە ئىدىئولوگىيلىك ھەركەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىپ كىتىشتىن ساقلاپ قالالىغان.
ئاخىرىدا خىتاينىڭ دۆلەت باشقۇرۇش پەلسەپەسى پەقەتلا تەرىقەت پەلسەپەسى ئەمەس. باشتا دەپ ئۆتكەندەك كوڭىزىچىلىق، قانۇنچىلىق ھەتتا غەربتىن كىرگەن باشقا ئېقىملارنىڭ خىتاينىڭ ئەمەلىي شارائىتىغا تەدبىقىلىنىشى ۋە ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى سىياسەت پەلسەپىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈشىدىن كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە كوڭزىچىلىق يەنىلا مۇھىم ئۇرۇندا بولۇپ، ئەسىلى كۇڭىزى پەلسەپەسى، تەرەقىياتى، ئۆزگىرىشى ۋە باشقا باشقۇرۇش پەلسەپەلىرىنى ئىچىگە ئېلىپ بىر پۈتۈن سىستېما بولۇپ شەكىللىنىشى ئۇزۇن بىر تېمادۇر. كىين ۋاقىت چىققاندا ئايرىم توختىلىشىمىز مۇمكىن.
پايدىلانغان مەنبەلەر :
- 老子 道德 经 注 /( 魏 ) 王 弱 注 , ( 北京 :中华书局 ,2011)
- 刘泽华, 中国政治思想史:先秦卷, (北京:中国人民大学出版社, 2014)
