2024-يىلى دېكابىردا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تۇيۇقسىز يىقىلىشى ئوتتۇرا شەرقنىڭ سىياسىي خەرىتىسىدە چۇڭقۇر بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ، بولۇپمۇ روسىيەنىڭ يادرولۇق ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىگە زور خىرىس ئېلىپ كەلدى. ھەربىي كۈچى، غايەت زور قۇرۇقلۇق زىمىنى ۋە دۇنياۋى لىدىر دۆلەت بولۇش ئىستىكىگە ئېگە رۇسىيە ئۈچۈن سۈرىيەدىن چىقىرىپ تاشلىنىشى بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىر كۈچىنى ئاجىزلىتىپ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ئىران بىلەن بولغان قولاي گىئوپولىتىكىلىق ھەمكارلىقىنى كىسىپ تاشلايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيەنىڭ قارا دېڭىزنىڭ بىر قىسمىغا قاپسىلىپ قالغان دېڭىز ئارمىيسى ئۈچۈن سۈرىيەدىكى دېڭىز پورتلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئۇنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى مەۋجۇدىيتىنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ تەسىر دائىرسىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۋىتىدۇ. يەنە كېلىپ رۇسىيە سۆۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن باشلاپلا ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىران ۋە بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئېگە بولۇپ سۈرىيە بۇ جەھەتتە مۇھىم ساھىبخان دۆلەت بولۇپ كەلگەن. بۇ يازمىدا ئەسەدكە قارشى غەلبە قىلغان يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئەسەدنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى رۇسىيە ئوتتۇرسدىكى تىز تەرەققىي قىلغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت تەھىلىل قىلىنىدۇ.
رىئال سىياسەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا روسىيەنىڭ كونا ۋە يېڭى -سۈرىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىدېئولوگىيەلىك بىردەكلىك ياكى ئىتتىپاقداشلىق ساداقىتىدىن ئەمەس، بەلكى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى، بىخەتەرلىك ۋە گىئوپولىتىكىلىق ئېھتىياج تەرىپىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى رېئال سىياسەتنىڭ تىپىك ئۆرنىكىدۇر. موسكۋا ئۆزىنىڭ ھالقىلىق ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىسىنى ساقلاپ قېلىشقا، دەمەشق بولسا بۇ ئىھتىياجدىن پايدىلىنىپ، پارچىلانغان دۆلەتتە ئىچكى ۋە تاشقى مۇقىملىق، قايتا قۇرۇش، ئىگىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش شۇنداقلا ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سۈرىيە ۋە رايۇندىكى كۈچىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا تېرىشماقتا.
روسىيەنىڭ ئەمەلىيەتچىل بۇرۇلۇشى
ئەھمەد شارا رەھبەرلىكىدىكى كۈچلەرنىڭ بەششار ئەسەدنى تېزلىكتە ئاغدۇرۇشى، ئەسەدنىڭ ئاساسلىق ھىمايىچىسى بولغان روسىيەنى ھالقىلىق بىخەتەرلىك ئىككىلىنىشىگە دۇچار قىلدى: ئوتتۇرا دېڭىزدىكى تايانچ نۇقتىسىدىن ۋاز كېچىشمۇ ياكى ئىلگىرى ئۆزى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئاتىغان دۈشمىنى بىلەن دەرھال ئالاقە ئورنىتىشمۇ؟ رۇسىيە ۋەزىيەتنى كۈزەتكەندىن كىين، گىئوپولىتىكىلىق مەنپەتىنى چىقىش قىلىپ، ئاغدۇرۇلغان ئىتتىپاقدىشىغا بولغان دوستلۇقنى ۋە يېڭى ھاكىمىيەتكە بولغان نەچچە يىللىق دۈشمەنلىكنى بىر چەتكە قويۇپ قويدى.
روسىيە دەسلەپتە ئەسەد ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە پاناھلىق بېرىش ئارقىلىق ھەم ئىتتىپاقدىشىنى قوغداپ قالدى ھەم ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى ساقلاپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەسەدنى سۈرىيەنىڭ كەلگۈسى پىلانىدىن چىقىرىپ تاشلاپ، يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمى بىلەن ئالاقىلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى دەرھال بىلدۈردى. چۈنكى روسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى يادرولۇق دۆلەت مەنپەئەتى — تارتۇس دېڭىز ئارمىيە بازىسى ۋە ھمېيمىم ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ساقلاپ قېلىشقا باغلىق. بۇ بازىلار روسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تەسىر كۈچىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ تەسىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشى ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئوتتۇرا شەرق مۇتەخەسسىسى ئوللى رۇخوماكى (Olli Ruohomaki) پۇتىننىڭ بۇ قارارىنى قولىدىن تامامەن چىقىپ كېتىۋاتقان نەرسىنى تۇتۇپ قېلىش ۋە سۈرىيەنى« ئوتتۇرا دېڭىزدىكى لەڭگەر » قىلىپ ساقلاپ قېلىشقا بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىش دەپ تەسۋىرلىگەن.
يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى مەسىلىگە رۇسىيەدىنمۇ رېئالسىت پوزىتسىيە بىلەن يېقىنلاشتى. گەرچە نەچچە يىل بىرى بىر بىرى بىلەن قانلىق جەڭ قىلىشقان بولسىمۇ، روسىيەنىڭ سۈرىيە ئۈچۈن مۇھىملىقىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە دەمەشقنىڭ روسىيەنى سۈرىيەدىن چىقىرىۋېتىشكە ئالدىرىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار سۈرىيەنىڭ ھەربىي قورال-ياراقلىرىنىڭ پۈتۈنلەي روسىيەدىن كەلگەنلىكىنى شۇنداقلا دۆلەتنىڭ نۇرغۇن ئېلېكتر ئىستانسىسلىرىنى رۇس ئېنژىنىرلارنىڭ باشقۇرغانلىقىدەك رىئاللىقنى قوبۇل قىلدى. ئەمما ھەر قانداق مۇناسىۋەتنىڭ چوقۇم ئىككى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا ئاساسلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. بۇ دەسلەپكى ئالاقىلەر يېڭى بىر دىپلوماتىيە رامكىسىنى، يەنى بۇرۇنقى ئاكا-ئۇكا ۋە ئىدولوگىيەلىك ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى ئالغان، پەقەتلا ئىككى تەرەپنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە ئاساسلانغان ساپ مەنپەئەت ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلدى.
دەسلەپكى سودىلىشىش
ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ مۇئاۋىنى مىخائىل بوگدانوۋ دەمەشقنى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ھەربىي بازىلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا ئاساس يارىتىشنى مەقسەت قىلغان تۇنجى قېتىملىق سۆھبەتنى باشلىغان. سۈرىيە رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىدىن پايدىلىنىپ ئەسەدنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى ۋە روسىيەنىڭ سابىق ھاكىمىيەتنى قوللاش جەريانىدا كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەيرانچىلىقى ئۈچۈن تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلغان. 2025-يىلى 29-يانۋار رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىر سۈرىيە مەنبەسىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە،ئەھمەد شارا رۇسىيەنىڭ بازىلىرىنىڭ داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشىنىڭ موسكۋانىڭ بۇرۇنقى ھاكىمىيەتنىڭ ئادەملىرىنى قايتۇرۇپ بىرىش، تۆلەم، قايتا قۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كونكرېت تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق شەرت قىلغان.
موسكۋا كونا ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان،ئەمما سىياسىي ئالاقىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەمەلىيەتچىل قەدەملەرنى باسقان. پرېزىدېنت پۇتىن 12-فېۋرال شارا بىلەن تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە تېلېفوندا سۆھبەتلىشىپ، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ «بىرلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى»نى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇندىن باشقا، رۇسىيە «ئەسەد دەۋرىدە ئىمزالانغان كېلىشىملەرنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈش»كە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ موسكۋانىڭ ئۆز ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ كونا قانۇنىي ئاساسىنىڭ كۈچتىن قالغانلىقىنى ۋە يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قايتا كېڭىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
2025-يىلى 3-ئايغا كەلگەندە، دۆلەت ئىچى مۇقىملىقى يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى تاشقى كۈچلەرگە تايىنىشقا مەجبۇرلىغان ھالقىلىق ئامىلغا ئايلاندى. ئالەۋىيلەرگە (كىين دۇرزىيلەرگە) قارىتىلغان مەزھەپلىك ھوجۇمىدىن كېيىن، يېڭى ھۆكۈمەت دۆلەت ئىچىدىكى كونتروللۇقنى مۇستەھكەملەش ۋە خەلقئارالىق قانۇنىيلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن غايەت زور بېسىمغا دۇچ كەلدى. ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزى ۋە تەھدىتى، شەرقىي شىمالدىكى كۇردلارنىڭ ئاپتونومىيە مەسىلىسى قاتارلىق دۆلەت ئىچى ۋە رايون خاراكتېرلىك خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا رايۇندىكى چوڭ دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلدى. بۇ نۇقىتىدىن قارىغاندا رۇسىيە بىلەن ئەپلىشىش ، ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىشقا قارىغاندا بەكرەك مەتنقىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى.
سۈرىيە: ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىش ۋە دىپلوماتىيەنى يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىش
سۈرىيە ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن يەنىلا ئىنتايىن نازۇك دەۋىرنى باشتىن كەچۈرۋاتقان بولۇپ، ھەممىنى قۇچاقلايدىغان بىر ھاكىمىيەت سىستىمىسى بەرپا قىلىش ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ بولۇپمۇ رايۇنلۇق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىنى ھىچبولمىغاندا سۈرىيەنى قالايمىقان قىلشقا قول تىقماسلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش مەسلىنىڭ نىگىزى بولۇپ ھىسابلىناتتى. ئەمما تاشقى سىياسەتتە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەتىنى ئويلاشقان ۋە دىپلوماتىيەسىنى بۇنىڭغا ماسلاشقان شەكىلدە ئېلىپ بېرىشى لازىم. بۇ باسقۇچتا، سۈرىيە كۆپ تەرەپلىك تەڭپۇڭ دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيەسىنى قوللاندى. يەنى، ھېچقانداق بىر چوڭ دۆلەتكە تايىنىۋالماي، كۆپلىگەن چوڭ دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىش ئارقىلىق دۆلەت مەنپەئەتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتكە ئېگە قىلىش.
دەمەشق كونا تەرتىپتىن ئۈزۈل-كېسىل ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن موسكۋا ۋە رىيادتىكى باش ئەلچىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، مۇناسىۋەتنى يېڭىباشتىن باشلىدى. بۇ ئۆزگىرىش سۈرىيەنىڭ بۇرۇنقى دۈشمەنلىرى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئالاقە قىلىشىغا شارائىت ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شارا غەرب دۆلەتلىرى بىلەنمۇ ئالاقە قىلدى. 2025-يىلى مايدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن رىيادتا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ بىلەن كۆرۈشتى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. بۇ ئۇنىڭ ئىبراھىم كېلىشىمىگە قوشۇلۇش ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ئوچۇق پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. (ئەمما ئىسرائىلىيەنىڭ كىين سۈرىيەنى توختىماي بومباردىمان قىلىشى ۋە غەززەگە قارىتا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەركەتلىرىدىن كىين، بۇ قىلمىشلارنى توختاتمىغان ئەھۋالدا ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتنى نۇرماللاشتۇرمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن. ئەھمەد شارا بۇ گەپلەرنى سىنتەبىردىكى ب د ت يىغىنى جەريانىدا دېگەن. )
رۇسىيە بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ گەرچە رۇسىيە 2025-يىلى ئاپرېلدا ئەسەدنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سۈرىيە رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇشتەك ئورنى، سۈرىيەنىڭ قورال-ياراغ تەمىناتى ۋە ئاشلىق-ئېنېرگىيە كېلىشىملىرىدىكى كۈچلۈك رولىنى ئىتراپ قىلدى. ساپ دۆلەت مەنپەتىگە تايانغان ھەمكارلىق بارغانسىرى تەرەققىي قىلدى. سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسئەد ئەل-شىبانى 2025-يىلى ئىيۇلدا موسكۋادا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئالېكساندىر نوۋاك باشچىلىقىدىكى روسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى 2025-يىلى 9-سېنتەبىردە دەمەشقتا زىيارەتتە بولدى. زىيارەتتە ئېنېرگىيە، ئىقتىساد ۋە مۇداپىئە ساھەلىرىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتشكە قوشۇلدى. بۇ تەرەققىيات، روسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى بۇرۇنقى نۇپۇزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولسا، سۈرىيەنىڭ رۇسىيەدىن كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان يوشۇرۇن تەھدىدنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە باشقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ سۈرىيەدىكى كۈچىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ياردىمى بولاتتى.
ئەھمەد شارا رۇسىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ مۇقىملىقى، بىرلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللىغانلىقىنى ئالاھىدە ماختاپ، موسكۋانىڭ ھالقىلىق تاشقى كۈچ ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. 2025-يىلى 2-ئۆكتەبىر، سۈرىيە باش شتاب باشلىقى گېنېرال-مايور ئەلى ئەل-نەئسان باشچىلىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك سۈرىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەكىللەر ئۆمىكى موسكۋانى زىيارەت قىلغان ۋە ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى پرېزىدېنت ئەھمەد شارانىڭ 2025-يىلى 15-ئۆكتەبىر موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە-ئەرەب باشلىقلار يىغىنىغا سۈرىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە باش بولۇپ قاتنىشىشى بولدى. بۇ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ رۇسىيە بىلەن تۇنجى قېتىم ئەڭ چوڭ باشلىقلار سەۋىيسىدە ئۇچۇرشىشى بولۇپ سۈرىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ گىئوپولىتىكىلىق رەھبەرلىك رولىنى ئىتراپ قىلغانلىقى ۋە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
موسكۋا باشلىقلار يىغىنى
رۇسىيە سۈرىيە ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنى قىزغىن كۈتىۋالغان. سۈرىيە پرېزىدېنتىنىڭ ماشىنا ئەترىتىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن لېنىنسكىي كوچىسى ۋە كرېمىل قىرغىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان موسكۋادىكى بىر قانچە چوڭ يول ۋە كوچىلارنى تاقىغان. سۈرىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە پرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپى ماھىر شارامۇ (ئەھمەد شارانىڭ ئىنىسى) بولۇپ، مۇسكۇۋا تايمىسنىڭ خەۋىرىدە ، ئۇ رۇسىيە-سۈرىيە قوش دۆلەت تەۋەلىكىدىكى رۇس كارخانىچى تاتيانا زاكىروۋا بىلەن توي قىلغانلىقى، بىر نەچچە يىل رۇسىيەنىڭ ۋورونېژ شەرھىرىدە ئوقۇغانلىقى ۋە ئىشلىگەنلىكى سەۋەبىدىن، رۇسىيە بىلەن كۈچلۈك رىشتىسى بار، دەپ تەسۋىرلەنگەن.
كرېمىل سارىيىدىكى ئۇچۇرشىشتا پۇتىن رۇسىيە-سۈرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ 80 يىل ئىلگىرى، يەنى 1944-يىلى ئورنىتىلغان ئۇزۇن ۋە مەزمۇت تارىخىنى تەكىتلىدى. ئۇ موسكۋانىڭ سۈرىيەگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ ھەمىشە دوستانە بولغانلىقىنى ۋە پەقەت سۈرىيە خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ رۇسىيەنىڭ ئۆزگىرىشچان سىياسىي ۋەزىيىتى ياكى ئالاھىدە مەنپەئەتلىرىگە باغلانمىغانلىقىنى قەيت قىلغان. پۇتىن سۈرىيەدىكى يېقىنقى پارلامېنت سايلىمىنى «زور مۇۋەپپەقىيەت» دەپ ئېتىراپ قىلغان. ئۇ، سۈرىيەنىڭ ھازىر قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، بۇ سايلامنىڭ جەمئىيەتنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە ۋە سۈرىيەدىكى بارلىق سىياسىي كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پۇتىننىڭ بۇ بايانلىرى مۇھىم بولۇپ، يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە خەلقئارا سەھنىدە مۇھىم سىياسىي قانۇنىيلىق ئاتا قىلدۇ.
ئەھمەد شارا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسدا ئۇزۇن تارىخىي مۇناسىۋەت ۋە ئورتاق مەنپەئەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىپ، كونا ئۆتمۈشنى ھىسابلاشماسلىق نىيىتىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن. ئۇ پۇتىنغا: «بىز بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ماھىيىتىنى يېڭىچە شەكىلدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە بېكىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز» دېگەن شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ سۈرىيە زېمىنىنىڭ بىرلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ماختىغان.
ئۇچۇرشىشىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى كۈنتەرتىپتىكى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرى: ھمېيمىم ھاۋا ئارمىيە بازىسى ۋە تارتۇس دېڭىز ئارمىيە بازىسىنىڭ كەلگۈسى بولغانلىقى مەلۇم. بۇ بازىلار رۇسىيە ئۈچۈن، شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزغا كىرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك دەرۋازا، ئافرىقىدىكى ھەرىكەتلەر ئۈچۈن تەمىنات ۋە توختاش مەركىزى، ھەمدە ئوتتۇرا شەرقتىكى بىردىنبىر دائىملىق ھەربىي تايانچ نۇقتىسى بولۇپ، بۇ بازىلارنى ساقلاپ قېلىش رۇسىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى بىلەن بىۋاستە مۇناۋسىۋەتلىك. بۇ مەسىلە ھەققىدە شارا سۈرىيەنىڭ «رۇسىيە بىلەن ئىمزالانغان بارلىق كېلىشىملەرگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى» ۋە ئىلگىرىكى بارلىق كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن .بىراق، بۇ ئەمەل قىلىشتا سۈرىيەنىڭ بەزى تەلەپلىرى بولۇپ بۇلار ئىگىلىك ھوقۇق ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت. ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىككى تەرەپ رۇسىيە كۈچلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى مەۋجۇتلۇقىنى باشقۇرىدىغان يېڭى بىر قانۇنىي رامكا قۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلغان.
ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ئۇچۇرشۇش ھەققىدىكى بىر خەۋىرىدە، سۈرىيە يەنە بازىلاردىن پايدىلىنىپ، تاشقى تەھدىتلەرگە قارشى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن. سۈرىيە تەرەپ رۇسىيەنىڭ كاپالەتچى رول ئوينىشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى توسۇشى ئۈچۈن، ئەسكەرلىرىنى سۈرىيەنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان چېگراسىغا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەكلىپ قىلغان. بۇ رۇسىيەنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ بىخەتەرلىك خەۋپىنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان بىر ھەرىكەتتىن ئىبارەت. سۈرىيە ئەمەلدارلىرى يەنە رۇسىيەدىن سۈرىيە ئارمىيەسىنى قايتا قۇرۇش ۋە قورال-ياراق ياردىمى بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
رۇسىيە سۈرىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىشىگە قاتنىشىشقا قىززىقدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئىقتىساد، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى، نېفىت-گاز ساھەلىرىنى ئېچىش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. گەرچە تەپسىلاتلار تېخى بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ، دەسلەپكى ئالامەتلەر موسكۋانىڭ رۇسىيە شىركەتلىرىنىڭ ھالقىلىق قايتا قۇرۇش ساھەلىرىدىن پاي ئېلىشى شەرتى بىلەن سۈرىيەنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىشقا مايىل ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
بەششار ئەسەد مەسىلىسى
سۈرىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى ھەمكارلىقى سېپى ئۆزىدىن رىئال سىياسەتكە ئاساسلانغان بولسىمۇ، بەششار ئەسەد مەسىلىسى موسكۋانىڭ رىئالىست بۇرۇلۇشىنىڭ چېكى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئامىل بولۇپ قالغان. سۈرىيە ئالدىنقى ئايدا ئەسەد ئۈستىدىن سىرتتىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغان. ئەمما رۇسىيە بۇ مەسىلىدە قەتئىي مەيداندا تۇرغان. كرېمىل باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەققىدە سۇئال سورالغاندا، ئاشكارا ھالدا: «بىزنىڭ بۇ يەردە ئەسەد توغرىسىدا دوكلات قىلىدىغان ھېچنېمىمىز يوق » دەپ جاۋاب بەرگەن. رۇسىيەنىڭ ئىراقتىكى باش ئەلچىسى ئېلبرۇس كۇتراشېۋ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن موسكۋانىڭ ھەرقانداق ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەسەدكە 2024-يىلى كەلگۈسى خەتەردىن قوغدىنىشى ئۈچۈن رۇسىيە تەرىپىدىن «ئىنسانپەرۋەرلىك پاناھلىقى» بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇنىڭ سىياسىي ياكى ئاخبارات پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلەيدىكەن. شۇنداقلا ئۇنىڭ باشقا دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. ئەھمەد شارا بىلەن پۇتىن كۆرۈشۈۋاتقان پەيتتە، ئەسەدنىڭ موسكۋادا شەھەر ئايلىنىۋاتقانلىقى ۋە ئۆيىدە تور ئويۇنلىرى ئويناپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ تارقالغان.
خۇلاسە
يىغىپ ئېيتقاندا، يېڭى سۈرىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ بۈگۈنكى باسقۇچقا كېلىشى مۇمكىن بولمايدىغان تەرەقىيات بولمسىمۇ ئەمما بۇنچە تىز تەرەققىي قىلىشىنى ھىچكىم ئويلىمغان ئىدى. يەنە بىر نۇقتىدىن بۇنى سۈرىيەنىڭ نۇرمالدىن تىز سۈرەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان دىپلوماتىك مۇۋاپىقىيەتلىرىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، بىر مەزگىل بىر بىرگە جان دۈشمەن بولغان بۇ ئىككى رەقىپنى بىر-بىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە ئىتراپ قىلىدىغان ھالەتكە ئېلىپ كەلگەن ئامىل زۆرۈرىيەتتىن تۇغۇلغان بىر-بىرىگە تايىنىشچانلىقتۇر.
روسىيە ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنىڭ بىر دىكتاتورنىڭ سىياسىي ھاياتىدا ئەمەس، بەلكى ھەربىي بازىلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك مەۋجۇتلىقىدا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئىدېئولوگىيەلىك باھانىلەردىن تېزلا ۋاز كېچىپ، ئۆزى «تېررورچى» دەپ قارىغان گۇرۇپ بىلەن ئالاقە ئورناتتى. ئۇنىڭ يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى ئىتراپ قىلىشى، شۇنداقلا ئۇلارغا بىخەتەرلىك، مالىيە، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە باشقا بىر قاتار قايتا قۇرۇش ياردەملىرى بېرشكە (ھىچبولمىسا ھازىرچە قەغەز ئۈستىدە) قوشۇلغانلىقى، رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا دېڭىزدىكى تەسىر كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىدۇر. رۇسىيە تۈركچە ماقال تەمسىل بىلەن ئېيتقاندا «Zararın neresinden dönsen kar» دېگەن مەنتىقە بىلەن ھەركەت قىلدى.
يېڭى سۈرىيەنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىكى خەتەرلىك ئۆتكۈنچى باسقۇچتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتىۋېلىش ۋە ئىچكى موقۇملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، سۈرىيەنى خەلقئارا سىستېمانىڭ ھەممە ئىتراپ قىلغان نۇرمال ئەزا دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. يېڭى ھۆكۈمەت روسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى جىددىي ئېھتىياجىدىن پايدىلىنىپ، ھاكىمىيەتنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك قوللاشلارغا ئېرىشىشنى نىشان قىلماقتا. موسكۋا بىلەن دەمەشق ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى مۇناسىۋەت، ئەسەدتىن كېينكى گېئوپولىتىكىلىق رېئاللىق ئۈستىگە قۇرۇلغان دۆلەت مەنپەتى سودىسدىن ئىبارەت. چۈنكى بۇرۇنقى «ئاداۋەت» ئۈچۈن بىر-بىرىگە رەقىپ بولۇشنىڭ ھىچبىرىگە پايدىسى يوق. ئەكسىچە، رۇسىيە مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا سۈرىيەدىكى بۇرۇنقى تەسىر كۈچىگە قايتا ئېرىشەلىسە، بۇ سۈرىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ، مەلۇم بىر دۆلەتكە ھەددىن زىيادە تايىنىپ قېلىشنىڭ خەتىرىدىن ساقلايدۇ. شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ شىمالدىكى كۈرد قوراللىق كۈچلىرىنى قوللاش ئارقىلىق سۈرىيەنى قالايمىقان قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن باشتا تىلغا ئېلىنغاندەك، ئىسرائىلىيەنىڭ كەلگۈسى ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رۇسىيە ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك دۆلەت. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇسكىۋادا ئۇچۇرىشىشى زور ئەھمىيەتكە ئېگە بولۇپ، بۇ ئەسەد ھاكىمىيتىنىڭ 1-نۇمۇرلۇق قوللىغۇچىسى رۇسىيەنىڭ ئەھمەد شارا ھاكىميتىنى رەسمىي ئىتراپ قىلىشى ۋە باشقا ساھەدىكى ھەمكارلىقلارغا قارىتا ئېتىلغان مۇھىم قەدەم بولۇپ ھىسابلىندۇ.
شۇنداقتىمۇ بۇ ئۇچۇرشۇش ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە قىلغان «ۋەدىلىرى» نىڭ ھەممىسىنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكى، شۇنداقلا تىز ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيە مەسىلىسىدە ئامېرىكا، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ رايۇنلۇق ئىستراتىگىيلىك مەنپەتلىرىنى زىيانغا ئۇچراتمىغان ئەھۋالدا ھەركەت قىلىشى كېرەك. شارا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يىلىنىڭياقى ئېلىپ بارغان دىپلوماتىك مۇۋاپىقىيەتلىرىگە قارىغاندا، ئەتراپتىكى چوڭ دۆلەتلەر بىلەن مەسلىھەت بىلەن ھەركەت قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا بۇ چوڭ دۆلەتلەر شارا ھاكىميتىنىڭ سۈرىيەدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ ئىھتىماللىقى ناھايىتى كۈچلۈك. ئەھمەد شارانىڭ ب د ت دا سۈرىيە ۋەكىللىك قىلىپ نوتۇق سۆزلىشى ۋە بۇ يىغىندا ياۋرۇپا دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىشى، بۇ دىپلوماتىك مۇۋاپىقىيەتلەرنىڭ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ راسيونال ۋە رىئالىست بولۇشنى تاللىشىغا قوشۇلۇپ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان كوللىكتىپ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقىنىڭ مىۋىسى ئىكەنلىكىنىڭ بىشارىتىدۇر. يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتنىڭ بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىچكى سىياسەت ۋە تاشقى دىپلوماتىيەدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى قوراللىق تەشكىلات (مەيلى، تېرورچى، مەيلى جىھادچى ۋە ئەركىنلىك جەڭچىلىرى بولسۇن) سالاھىيىتى بىلەن ھەركەت قىلىش بىلەن دۆلەت سۈپىتىدە ھەركەت قىلىش ئوتتۇرسدىكى پەرقنى بىلگەنلىكى ۋە بۈگۈنكى خەلقئارا سىستىمىنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ مەنتقىنى چۈشىنىش بىلەن چۈشەنمەسلىك ئوتتۇرسىدا ئاسمان-زىمىن پەرق بار.
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
- Syria’s De Facto Leader Wants To Maintain ‘Respectful’ Ties With Iran, Russia, Radio Free Europe Radio Liberty, December 30, 2024
- Syria’s new government demands Russia extradite Bashar al-Assad, i24news, January 29, 2025
- Russia, Seeking to Salvage Military Bases, Goes Hat in Hand to Syria, The New York Times, February 2, 2025
- Russia’s Putin holds phone call with Syria’s Sharaa, Reuters, February 12, 2025
- New Syrian leader Sharaa says killings of Alawites threaten unity, vows justice, Reuters, March 10, 2025
- Damascus recalls ambassadors from Moscow and Riyadh amid diplomatic shakeup, The Jerusalem Post, April 8, 2025
- Syria’s New President Has Russian Family Ties – Reports, The Moscow Times, April 8, 2025
- Syria’s Jihadist-Turned-President Seeks New Allies, The New York Times, April 23, 2025
- Power Struggles in Syria after the Assad Regime: Mapping the Competing Interests, Alma Research, May 7, 2025
- President Ahmad al-Shara receives the Russian Deputy Prime Prime Minister in Damascus to enhance strategic cooperation, Tesaa World, September 9, 2025
- The Russian-Arab Summit 2025 Syria Announces Its Participation Led by Ahmad al-Shara, Tesaa World, September 10, 2025
- Syrian defense delegation visits Moscow for high-level talks, Hürriyet Daily News, October 2, 2025
- President Ahmad al-Shara‹ visits Moscow tomorrow and participates in the Arab-Russian summit, Tesaa World, October 14, 2025
- Putin to meet with Syria’s interim president Ahmad al-Sharaa in Moscow, APA, October 15, 2025
- Several roads closed in Moscow due to Ahmed al-Shara’s visit-VIDEO, APA, October 15, 2025
- Syria’s Sharaa pledges to strengthen historic ties with Russia, Yeni Şafak, October 15, 2025
- Putin hails Syrian election as success in Moscow meeting with Sharaa, Yeni Şafak, October 15, 2025
- Putin praises Syrian election during Sharaa’s Moscow visit, Yeni Şafak, October 15, 2025
- Putin says Syria’s recent parliamentary vote will bolster ties between ‘all political forces’, Middle East Monitor, October 15, 2025
- Syria’s president Sharaa tells Putin he will respect all past deals with Moscow, ABC News, October 15, 2025
- Syria’s Sharaa, in first Russia visit, says he’ll respect all past deals with Moscow, The Times of Israel, October 15, 2025
- Syria seeks to strengthen, restore ties with Russia President Sharaa, Middle East Monitor, October 15, 2025
- Syria’s Al Shara and Russia’s Putin reset relations with Moscow meeting, The National News, October 15, 2025
- Official Sharjah will ask Russia to extradite Assad, Vijesti, October 15, 2025
- Shara is in Moscow! She met with Russian leader Putin, Haberler, October 15, 2025
- Putin Welcomes the New Syrian Leader While Still Harboring the Old One, The New York Times, October 15, 2025
- Syria And Russia Forge New Alliance In Moscow Talks, Evrim Ağacı, October 15, 2025
- Al-Shara‹ on an official visit to Russia to discuss bilateral relations and regional developments, Tesaa World, October 15, 2025
- Syria’s president promises ‘reset’ in first meeting with Vladimir Putin, Financial Times, October 15, 2025
- Şara, while meeting with Putin, look at what Assad did, Haberler, October 15, 2025
- From Assad to al-Sharaa — Putin’s ›desperate attempt‹ to retain foothold in the Middle East, The Kyiv Independent, October 16, 2025
- Exiled Syrian Leader Bashar al-Assad Spends His Days Gaming in Moscow, Barlaman Today, October 16, 2025
- Kremlin says ›nothing to report‹ on Assad after Putin-Sharaa talks, Yeni Şafak, October 16, 2025
- Al-Sharaa’s Moscow visit marks a new era of balanced diplomacy for Syria, Middle East Monitor, October 16, 2025
- Russia pledges to develop Syrian oil fields in expanded cooperation, Yeni Şafak, October 16, 2025
- Putin Receives Syria’s al-Sharaa in First Meeting Since Assad’s Ouster, The Diplomatic Insight, October 17, 2025
- Russia Al-Assad’s stay in Moscow is humanitarian, not political, Shafaq News, October 17, 2025
- Syria Pushes Putin to Send Troops Back to Israel Border as Bases Hang in Balance, United24Media, October 17, 2025
- Iliya Kusa Is Russia returning to Syria, Odessa Journal, October 17, 2025
