سۈرىيە ھەققىدىكى ئالدىنقى يازمىمىزدا 2024- يىلى دېكابىردا بەششار ئەسەد ھاكىمىيەتتىن ئاغدۇرۇلغاندىن باشلاپ 2025- يىلى ئاۋغۇستقىچە بولغان ئارلىقتىكى سىياسىي تەرەققىياتلارنى تەھىلىل قىلغان ئىدۇق. قىززىققۇچىلار ئۆتۈكەن سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ تور بىېتىگە كىرىپ « يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى: كۆپ تەرەپ مەنپەئەتىنىڭ ئورتاق نۇقتىسىنى تېپىش يولىدىكى مۇۋەپپەقىيەت، كرىزىس ۋە چارىلەر» ناملىق يازمىغا كۆز يۈگۈرتسە بولىدۇ. بۇ يازمىدا يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئىچكى سىياسەت ۋە خەلقئارا دىپلوماتىيەدە دۇچ كەلگەن خىرىسلار ۋە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋاپىقىيەتلىرى تەھىلىل قىلىندۇ. پۈتۈن يازما بىر قەدەر ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككىگە بۆلۈپ يوللىنىدۇ. بۇ يازمىدا خىتاينىڭ يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسسىۋىتى ۋە سۈرىيەدىكى چەتئەللىك جەڭچىلەر مەسىلىسى تىلغا ئېلىندۇ. 2-يازمىدا سۈرىيەدىكى تالاش-تارتىشلىق پارلامېنت سايلىمى شۇنداقلا سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە، روسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ۋاقىت تەرتىپى بويىچە ئانالىز قىلىندۇ.
خىتاي ، يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇرلار
خىتاي ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىسى ئىدى ۋە بۇ قېتىمقى ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشى خىتاينى ئېنىقسىز بىر ۋەزىيەتكە ئىتتىرىپ قويدى. خىتاي ھازىر سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قارىتا ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتىن بەكرەك، بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى ئاساس قىلغان، كەلگۈسى خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە شەرتلىك «قوللاش» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويماقتا.خىتاي سۈرىيەنىڭ يېڭى رەھبەرلىكى بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك ئالاقە ئورنىتىشتىن ئىلگىرى ئۈچ ئايغا يېقىن كۈزەتتى. ئەھمەد شارا ھاكمىيتىنىڭ سۈرىيەدىكى ھوكۈمرانلىقى ئېنىق بولۇشقا باشلىغاندىن كىين،ئىتراپ قىلماسلىقىنىڭ ئورنىغا ئۆزى ئۇزۇندىن بۇيان بىۋاسىتە بىخەتەرلىك تەھدىتى دەپ قاراپ كەلگەن كۈچلەردىن شەكىللەنگەن ھاكىمىيەت بىلەن ئالاقە قىلىشقا مەجبۇر بولدى ۋە ئارلىق ساقلىغان ھالدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
يېڭى ئۆزگىرىشكە قارىتا خىتاي ئۆز ئىستراتېگىيەسىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ، سۈرىيە بىلەن قايتا ئالاقە ئورنىتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشنىڭ نىگىزى ئەھمەد شارا ھاكمىيتى بىلەن بىر سەپتە جەڭ قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتنىڭ يېڭى ئاپپاراتلىرىغا (يېڭىدىن قۇرۇلغان 84-دىۋىزىيەگە) قوشۇلۇشىغا بولغان كۈچلۈك ئەندىشىسىدۇر. ئانالىزچلارنىڭ قارىشىچە ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ئېغىر، ئۇزۇن مۇددەتلىك بىخەتەرلىك تەھدىتى دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنىڭ سۈرىيەنى كەلگۈسىدىكى ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن — مەيلى خىتاي ئىچىدە بولسۇن ياكى چەتئەلدىكى خىتاي پۇقرالىرى ۋە مەنپەئەتلىرىگە قارشى بولسۇن — بىر ھەرىكەت بازىسى قىلىۋېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
خىتاينىڭ سۈرىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتىدىكى مۇھىم نۇقتىلىرى چوڭ جەھەتتىن مۇقىملىق، بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي پۇرسەتلەر بولۇپ، ئچىكى ئۇرۇش پارتلىغاندىن باشلاپ مۇقۇملۇق بىرنجى ئورۇنغا ئۆتكەن. خىتاينىڭ 14 يىللىق ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئەسەدنى زور دەرىجىدە قوللىشىمۇ، سۈرىيەنى مەركەز قىلغان ئۇرۇشنىڭ خىتاي تەرەپكە يامراپ كىتىشىدىن ئەنسرەشنى مەركەز قىلغان ئىچكى بىخەتەرلىك قارىشىغا ئاساسلانغان. ئىقتسادى مۇناسىۋەتلەرنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كەلسە، ئەمەلىيەتتە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئاجىز بولۇپ، خىتاي 2010-يىلىدىن بۇيان سۈرىيەگە ھېچقانداق چوڭ مەبلەغ سالمىغان.
2024-يىلى دېكابىردا ئەسەدنىڭ تۇيۇقسىز يىقىلىشى بېيجىڭنى گاڭگىرىتىپ قويغان. گەرچە خىتاي يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن دىپلوماتىك ئالاقىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ سۈرىيەدە بىر قانچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچۇرىغان. بۇ ۋەقە خىتاينىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تايىنىدىغان ئىككى مۇھىم ھەمراھى — روسىيە ۋە ئىراننىڭ كۈچىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ بۇ ئىتتىپاقلارنىڭ كۈچى ۋە چىدامچانلىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى كۈچەيتكەن. يەنە بىر تەرەپتىن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بىخەتەرلىك ئەندىشىسى شەكىللەنگەن. ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت كۆڭۈلدىكىدەك ئىلگىرلىمەسلىكى ۋە نەتىجىدە خىتاينىڭ سۈرىيەدىكى ئىقتىسادى پائالىيتى ۋە سىياسى نوپۇزى ھىچبولمىغاندا قىسقا مەزگىللىك ئېنىقسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.
خىتاي بۇ ئامىللارنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئىھتىياتچانلىق بىلەن «سودا قىلىش» مەنتىقىسىدە دىپلوماتىيە ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ سۈرىيەنى ئۇيغۇرلاردىن خىتايغا كېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان خەتەرلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئالدىنى ئالىدىغان سىياسىي تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا زورلىماقتا. خىتاي بۇنىڭ ئۈچۈن باشتا ئەسەد دەۋرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئاتىغان ھەيئەت-تەھرىر-ئەلشامنى، يەنى ھازىرقى يېڭى ھۆكۈمەتنى ئوخشاش نام بىلەن ئاتاشنى توختاتقان. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى مۇھىم بىر دىپلوماتىك بۇرۇلۇش نۇقتىسى سۈپىتىدە، سۈرىيەنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن پرېزىدېنتى ئەھمەد شارا خىتاينىڭ دەمەشقتىكى باش ئەلچىسى شى خوڭۋېي بىلەن كۆرۈشكەن. خىتاي سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆزىنىڭ قىزىل سىزىقى دەپ قارايدىغان بولۇپ سۈرىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ تەھدىدنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئالاھىدە تەلەپ قىلغانلىقى بىلىنمەكتە.
ھازىرغىچە بولغان دىپلوماتىك ئالاقىلەرگە قارىغاندا،يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تەلەپلىرىگە بەك ئەمەل قىلىپ كەتمىگەن. بۇ ھەقتىكى ئانالىزلاردا كۆرسىتىلىشچە، ئۇيغۇرلار ئەسەدنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ۋە يېڭى ھۆكۈمەتمۇ ئۇلارنى ئەسەدتىن كېيىنكى سۈرىيەنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قوبۇل قىلدى. ئەسەدنى ئاغدۇرۇشقا ئاكتىپ قاتناشقان بۇ چەتئەللىك جەڭچىلەرنى، يەنى ئۇيغۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ، شارانىڭ ھازىرقى نازۇك ھاكىمىيەت ئىتتىپاقىنى پارچىلاپ قويۇش خەۋپىنى تۇغدۇرىدۇ. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ئامېرىكانىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانى يېڭى ھۆكۈمەتنى بىر بېسىمدىن خالاس قىلغان بولسا، خىتاينى تېخىمۇ قىين ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان . ترامپ ھۆكۈمىتى چەتئەللىك جەڭچىلەرنىڭ يېڭى سۈرىيە ئارمىيەسىگە قوشۇلۇشىنى قوللىغان ياكى ھىچبولمىغاندا سۈكۈتتە قوبۇل قىلغان. بۇ بەلكىم كەلگۈسىدە خىتاينىڭ سۈرىيەدىكى تەسىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن.
خىتتاي سۈرىيە مەسىلىسىدە گەرچە بىر قىسىم ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇناسىۋەتنى تەڭشەشتە يەنە بىر قىسىم ئۈستۈنلۈككە ئېگە. بۇلارنىڭ بىرى، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە يالغۇز ھەرىكەت قىلمايدىغانلىقىدۇر. خىتاي، پارس قولتۇقىدىكى ئەرەب ھەمكارلاشقۇچىلىرىغا — بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار ۋە مىسر قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ھەركەت قىلىدۇ. خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئىنتايىن يېقىن سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە گىئوپۇلىتكىلىق ئىتتىپاقداشلىقى بار. شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە قاتار قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سۈرىيەنىڭ يېڭى قۇرۇلىشىدا ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتە ئىنتايىن كۈچلۈك رولى بار. ترامپ بىلەن شارانى سەئۇدىيدا ئۇچراشتۇرغان دۆلەتلەر مانا بۇلاردىن ئىبارەت.
يەنە بىر تەرەپتىن سۈرىيە كەلگۈسىدە ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا كىرسە (ئىھتىماللىقى يۇقىرى)، بۇ ئىتىپاق بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسدا 2004-يىلىدىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئىستراتىگيەلىك ئىتتىپاقداشلىق مەۋجۇت. بۇ ھەقتە ئۆتۈكەن سىياسەت تەتقىقات مەركىزىمىزنىڭ تور بىتىگە كىرىپ « ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ خىتاي-ئامېرىكا رىقابىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تەسىرى» ناملىق يازمىغا قاراڭ. بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان خىتاي بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتە خىتاينىڭ تەلەپلىرى ھەققىدە چوڭ رول ئوينىشى مۇمكىن. خىتاي ئىتتىپاقداشلىققا ئاساسلانغان بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق سۈرىيە بىلەن چوڭ سۈركىلىش پەيدا قىلماستىن مۇناسىۋەتنى نۇرماللاشتۇرۇشى مۇمكىن.
يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ سۈرىيە ھەققىدىكى پوزىتسىيەسى ھەم ب د ت دا ھەم رايۇندا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خىتاي ئەمەلدارلىرى ب د ت دا سۈرىيە خەلقىنىڭ رەھبەر تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ سۈرىيەدە كۈچىيىشى خەتەرلىك دېگەن گەپنى تەكرارلاپ كەلمەكتە. خىتاي ب د ت ئەلچىسى فۇ سۇڭ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى سۈرىيەدىكى بۇ گۇرۇپپىلار ھەققىدە كۆپ قېتىم ئاشكارا ئاگاھلاندۇرۇغان. شۇنداقلا يېڭى سۈرىيە دائىرىلىرىگە قارىتىپ ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا يول قويۇشنىڭ «يولۋاسنى بېقىپ، ئۆزىگە بالا تېپىش» بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. فۇ سۇڭ يەنە، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جازالىرىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشقا ئۈندىگەن ۋە جازالارنىڭ چوقۇم يولغا قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئۆزىنىڭ دائىمىي ئەزالىق ئورنىدىن پايدىلىنىپ، سۈرىيەگە قويۇلغان ب د ت جازالىرىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىدە ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. سۈرىيەنىڭ ب د ت دىكى ئورنى ھەققىدىكى ھەر قانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىردەك ماقۇللىقى كېرەك. ئەمما خىتاي، ئىتىپاقدىشى روسىيە بىلەن بىرلىكتە، سۈرىيەدىكى تەسىر كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ھەر قانداق ئۆزگەرتىشنى ماقۇللىشى قىين. شۇڭا بۇ جەھەتتىن سۈرىيە خىتاينىڭ قوللىشىغا مۇھتاج.
يەنە بىر ئامىل بولسا ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدىكى چوڭقۇر ئېنىقسىزلىق ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان رايۇندىكى دۆلەتلەرگە بىخەتەرلىك تەھدىدى شەكىللەندۈرۈشىدۇر. خىتاي ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەدىن كىين ئوتتۇرا شەرقتە ئەڭ چوڭ تەسىر كۈچكە ئىگە دۆلەت. ناۋادا ئامرىكا سۈرىيە مەسىلىسدىن پىشىنى قېقىپ چىقىپ كەتسە سۈرىيە ۋە رايۇننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خىتاينىڭ ئارلىشىشىغا ئىھتىياج توغۇشىنىڭ ئىھتىماللىقى زور. بۇ خىتاي ئۈچۈن سۈرىيەدە تەسىر كۈچ ھاسىل قىلىدىغان ياخشى پۇرسەت بولۇپ قالىدۇ ۋە سۈرىيە بىلەن بولغان مۇناسۋەتتە ئەۋزەل ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ ئىقتىسادى كۈچى ھازىر يوقتەك قىلغان بىلەن كەلگۈسىدە زورىيشى ۋە بۇ ئارقىلىق سۈرىيەدە تەسىر كۈچكە ئېگە بولۇشى مۇمكىن. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلغان سۈرىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى تولىمۇ مۇرەككەپ مەسىلە بولۇپ بۇ چوڭ جەھەتتىن خىتاينىڭ ب د ت ۋە رايۇنلۇق تەسىر كۈچىدىن سىرت، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىگە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرسىدىكى رولى ۋە كۆز قارىشى قاتارلىق ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك.
چەتئەللىك جەڭچىلەرنىڭ ۋەتەنداشلىق مەسىلىسى
سۈرىيەدىكى يەنە بىر مەسىلە چەتئەللىك جەڭچىلەرنىڭ مەۋجۇدلىقى مەسىلىدۇر. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مىدىيالارغا كۆپ چىقمايدىغان ئەمما ھەممەيلەن قانداق ھەل قىلىندىغانلىقىنى يېقىندىن كۈزىتىپ كېلىۋاتقان مەسىلىدىن ئىبارەت. بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلە بۇلارنىڭ ئىدولوگىيەسىنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ ئىدولوگىيەسى بىلەن ماسلىشىش – ماسلاشماسلىقى، ۋە ئۇلارنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە قارىتا تەھدىد شەكىللەندۈرۈش – شەكىللەندۈرمەسلىك مەسىلىسىدۇر. ھازىرغىچە بىلىنگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ ئىنسانلار يېڭى سۈرىيەنىڭ ۋەتەندىشى بولۇشقا مەيلى بار.
رويترىسنىڭ 15-ئاۋغۇستتىكى خەۋەرىدە دېيىلىشىچە، سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا سىرتتىن قاتناشقان چەتئەللىك جەڭچىلەر ۋە باشقا كىشىلەر (مۇخبىر،ئىشچى ۋە باشقىلار دېگەندەك)، بەششار ئەسەدنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتا تۆھپىسى بولغانلىقى ئۈچۈن پۇقرالىققا ئېرىشىش ھوقۇقىمىز بار، دەپ قارايدىكەن.بۇلار ئەينى ۋاقىتتا ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلارغا قوشۇلغان بولۇپ، بەزىلىرى ھازىرقى ھۆكۈمەتكە، يەنى ھەيئەت- تەھىرىر-ئەلشام يەنى HTS غا قارشى ئۇرۇش قىلغان. يەنە بەزىلىرى بولسا جەڭگىۋار ۋە سادىق جەڭچىلەر سۈپىتىدە نام چىقارغان. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى توي قىلىپ، ئائىلە قۇرغان.
ئەھمەد شارا ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن بۇيان، چەتئەللىك جەڭچىلەرنىڭ تەقدىرى مۇھىم بىر مەسىلىگە ئايلانغان. چۈنكى بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى دۆلەتلىرى ئۇلارنى «ئەسەبىي» دەپ قاراپ قايتۇرۇۋېلىشنى خالىمغان؛ ياكى بەزىلىرى ئۆز ۋەتىنىگە قايتقان تەقدىردە ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمە جازاسىغا ياكى ھەتتا ئۆلۈمگە دۇچ كېلىشتىن ئەنسىرىگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، بىر قىسىم سۈرىيەلىكلەرمۇ ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئۇلار، بۇ چەتئەللىك جەڭچىلەرنى دىمكراتىك سۈرىيەدىن بەكرەك پان-ئىسلامىزم غايىسىگە سادىق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنى ئەسەبىي ئىدىيەگە ئىگە دەپ قارايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان، ۋە بۇ سەۋەبتىن ئەندىشە قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2012-يىلدىن بۇيان سۈرىيىدە ياشاۋاتقان، ئەسلى ئامېرىكىلىق كومېدىيە ئارتىسىدىن ئۇرۇش مۇخبىرىغا ئايلانغان بىلال ئابدۇكەرىم يېقىندا ئون نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن مىڭلىغان چەتئەللىككە ۋاكالىتەن سۈرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چەتئەللىكلەرنىڭ سۈرىيىدە ئولتۇراقلىشىشى، يەر-مۈلۈككە ئىگە بولۇشى ۋە ساياھەت قىلالىشى ئۈچۈن ئۇلارغا پۇقرالىق بېرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە رەسمىي ئىلتىماسنامە سۇنغان. ئىلتىماسنامىدە چەتئەللىكلەرنىڭ يېڭى ھاكىمىيەت بىلەن « نانلىرىنى ۋە قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى ئورتاقلاشقانلىقلىرى، ۋە سۈرىيىنىڭ ئەركىن، ئادالەتلىك كەلگۈسى ئۈچۈن بىرلىكتە كۆرەش قىلغانلىقى، ئەمما سالاھىيىنىڭ يەنىلا ئېنىقسىز ھالەتتە ئىكەنلىكى» تىلغا ئېلىنىپ، سۈرىيە رەھبەرلىكىدىن دانالىق، ئالدىنى كۆرەرلىك ۋە قېرىنداشلىق سالاھىيتى بىلەن ئۇلارغا تولۇق سۈرىيە پۇقرالىقى بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
2012-يىلدىن بۇيان سۈرىيىدە ياشاۋاتقان ئەنگلىيەلىك ياردەم خادىمى تەۋقىر شەرىف (شەرىف 2017-يىلى ئەلقائىدە بىلەن مۇناسىۋىتى بار بىر گۇرۇپپىغا چېتىشلىق دېگەن ئەيىبلەش بىلەن ئەنگلىيە پۇقرالىقىدىن مەھرۇم قىلىنغان، ئەمما ئۇ بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىغان) ، ماي ئېيىدا رويتېرسقا جەمئىيەتكە تۆھپە قوشقان چەتئەللىكلەرنىڭ پۇخرالىققا ئېرىشىشكە ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
2016- يىلدىن بۇيان سۈرىيەدىكى جىھادچى گۇرۇپپىلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان سۈرىيەلىك تەھلىلچى ئۇرۋا ئەججۇب بولسا، بۇ مەسىلىنىڭ «سۈرىيە جەمئىيىتىنىڭ كەڭ قاتلاملىرى بىلەن دىئالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى بۇ مەسىلە ھەققىدە جەمئىيەتتە يەنىلا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى» ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر جەڭچى، ئۆزىنىڭ نىشانىنىڭ ھازىر يېڭى سۈرىيىدە تۇرمۇش قۇرۇشقا ئۆزگەرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ: «مېنىڭ 4 ياشلىق بىر ئوغلۇم بار، پات يېقىندا مەكتەپكە كىرىشى كېرەك، مەن ئۇنىڭ كەلگۈسىنى جىھاد مەيدانلىرىدىن يىراقتا ئويلىشىم كېرەك» دەپ ئېيتقان.
سۈرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى، چەتئەللىكلەرگە پۇقرالىق بېرىش مەسىلىسىنى پرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ قارار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى رويترىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب قايتۇرمىغان.پرېزىدېنت ئەھمەد شارا ھاكىمىيەتكە چىققاندىن كېيىنكى ھەپتىلەردە چەتئەللىك جەڭچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىگە سۈرىيە پۇقرالىقى بېرىلىشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالغان، ئەمما ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئاشكارا خەۋەر بېرىلمىگەن.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
- What the fall of the Assad regime really means for China, Atlantic Council, December 18, 2024
- China’s first post-Assad Syria meeting, Field Dispatches, Feb 22, 2025
- China Struggles to Adjust to a Post-Assad Syria, Stimson Center, June 12, 2025
- Assessing China’s Shifting Posture on Syria, Middle East Council on Global Affairs, August 14, 2025
- Foreign Islamists petition Syrian state for citizenship, Reuters, Aug 15, 2025
- Syria says US-led coalition killed senior IS leader in northwest, Agence France-Presse, Aug 20, 2025
- Denmark high court rules Dane in IS was spy, not jihadist, Agence France-Presse, Sep 2, 2025
- Why China is hesitant to support Syria’s new government as al-Sharaa faces a crucial month, Chatham House – International Affairs Think Tank, September 3, 2025
- UN special envoy for Syria Geir Pedersen steps down after six years, AL-
