خىتاي تارىخىدا دېھقانلار قوزغىلىڭى ئالاھىدە بىر تېمىدۇر. ئىستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي تارىخىدا چوڭ كۆلەملىك دېھقانلار قوزغىلىڭى 400 قېتىمدىن ئارتۇق يۈز بەرگەن. ئەگەر يەرلىك كىچىك ئىسيانلارنى قوشساق، قوزغىلاڭنىڭ سانى، دائىرىسى ۋە ھەجىمى كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. بىراق، رېئاللىق شۇكى، بۇ قوزغىلاڭلارنىڭ غەلىبە نىسبىتى (يەنى كونا سۇلالىنى ئاغدۇرۇپ، مۇقىم بىر يېڭى ھاكىمىيەت تىكلەش) %1 كىمۇ يەتمەيدۇ.
خىتاي تارىخىدىكى بۇ قىسمەتتىن ئادەتتىكى قوزغىلاڭچىلارلا ئەمەس نامى خىتاينى زىلزىلىگە سالغان قەھرىمانلارمۇ قېچىپ قۇتۇلالمىغان: مەسىلەن، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى دەۋرىدە ئىسيان كۆتۈرگەن خۇاڭ چاۋ (黄巢، 835 — 884) مىليون كىشىلىك زور قوشۇن باشلاپ چاڭئەنگە باستۇرۇپ كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاران 44 كۈن پادىشاھ بولالىدى. باھادىر شاھ ئاتالغان لى زىچېڭ (李自成، 1606—1645) يۈزلىگەن جەڭدە غەلىبە قىلدى. مىڭ سۇلالىسىنى ۋەيران قىلىپ بېيجىڭغا كىردى. لېكىن تېخى تەختتە ئولتۇرۇپ قۇيرۇقى ئىسسىماي تۇرۇپلا مانجۇ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن بېيجىڭدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى زالىم ئەمەلدارلار خەلقنى مەجبۇرلىغان زۇلۇمغا قارشى قوزغالغان ھەققانىيەت قوشۇنلىرى ئىدى، تۈمەنلىگەن خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن نېمە ئۈچۈن ئاخىرىدا «گۈلنىڭ ئېچىلىپلا سولۇشى» دەك تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى؟ بۇ قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىنىڭ يېتەرسىزلىكىمۇ ياكى تەڭرىنىڭ قىسمىتىمۇ؟ خىتايلار بۇ قوزغىلاڭلار ھەققىدە كۆپلىگەن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تۆۋەندە بەش تىپىك چوڭ قوزغىلاڭنىڭ گۈللىنىش ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىش جەريانى ئارقىلىق، بۇ مىڭ يىللىق تېپىشماقنىڭ جاۋابىنىڭ قانداق يەكۈنلىگەنلىكىگە قاراپ باقايلى.
بىرىنچى، چېن شېڭ – ۋۇ گۇاڭ قوزغىلىڭى (陈胜吴广起义)
مىلادىدىن بۇرۇنقى 209 – يىلى، سەددىچىن سېپىلى سوقۇشقا قۇل ئىشچى بولۇپ مەجبۇرىي ھاشارغا ماڭغان چېن شېڭ ۋە ۋۇگۇاڭلار يامغۇر يوللارنى بۇزىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن سەددىچىنغا ۋاقتىدا يېتىپ بارالمايدىغانلىقىنى بىلگەن. چىن سۇلالىسىنىڭ قانۇنى بويىچە كېچىكىپ بارغانلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىناتتى. شۇڭا بۇ ئىككەيلەن دازېشىياڭ كەنتىدە بىللە ماڭغان دېھقانلارنى تەشكىللەپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن.
چىن سۇلالىسىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيتىگە چىدىمىغان خىتاي خەلقى قوزغىلاڭغا بىردەك ئاۋاز قوشقان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى تېزلىكتە چېن ناھىيەسىنى (陈县) ئىشغال قىلىپ، قوشۇن سانى نەچچە تۈمەنگە يەتكەن، ھەمدە چېن شېڭنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، «جاڭچۇ» (张楚) ھاكىمىيىتىنى قۇرغان. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن، چىن سۇلالىسىگە قارشى تۇتاشقان بۇ يالقۇن ئاران ئالتە ئاي داۋاملىشىپلا ئۆچۈپ قالغان. چېن شېڭ پادىشاھ بولغاندىن كېيىن، ئۆزى ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان كىشىگە ئايلىنىپ قالغان؛ سارايدا ئەيىش-ئىشرەتكە بېرىلىپ يۇرتداشلىرىنى ئۆلتۈرگەن، قېرىنداشلىرىغا تىغ كۆتۈرگەن. قول ئاستىدىكىلەر بىر-بىرلەپ ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىپ، بىر شەھەرنى ئالسىلا ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلاپ، بىر تۇتاش بۇيرۇققا بويسۇنمىغان. ئاخىرىدا، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى بىر تۇتاش قوماندانلىق كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن، ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا جەڭ قىلىپ، بىر-بىرىگە ماسلاشمىغان؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە چىن سۇلالىسى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئالتە دۆلەتنىڭ قالدۇق كۈچلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇستەقىل بولۇۋالغاچقا، چېن شېڭ تېزلا يېتىم قالغان. چېن شېڭ ئۆزىنىڭ ھارۋىكىشى جۇاڭ جيا تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن، ۋۇ گۇاڭمۇ قول ئاستىدىكى تيەن زاڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن ھەيۋەتلىك دازېشىياڭ قوزغىلاڭى ئېچىنىشلىق ئاخىرلاشقان.
بۇ قوزغىلاڭنىڭ مەغلۇبىيىتى كېيىنكى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا تۇنجى ۋەسىيەت ۋە ئاگاھلاندۇرۇشنى قالدۇرغان، يەنى: مۇستەبىت زۇلۇمغا قارشى تۇرغۇچىلار، كۆپىنچە ئەھۋالدا غەلىبە قىلغان شۇ دەقىقىدە يېڭى بىر مۇستەبىت ھۆكۈمرانغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ھوقۇق دېگەن بۇ ئەينەك ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئەسلىي ئاچكۆزلۈكنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. بۇ خىل «تۆۋەنلىك تۇيغۇسىدىن كەلگەن زىيادە مەغرۇرلۇق» قوزغىلاڭ يادرو كۈچىنىڭ ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىككىنچى، سېرىق ياغلىقلىقلار قوزغىلاڭى (黄巾起义)
شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، خان جەمەتىنىڭ شىرەم تۇغقانلىرى (تاشقى تۇغقانلىرى) بىلەن ئاغۋاتلار (宦官) نۆۋەتلىشىپ ھوقۇق تالاشقان، تەبىئىي ئاپەت ئۈزۈلمىگەن، خەلق سەرگەردان بولۇپ تىرىكچىلىك قىلىشقا ئامالسىز قالغان. جاڭ جياۋ (张角) تەيپىڭ تەرىقىتى (太平道) دەپ ئاتالغان دىنىي تەرىقەتنى قۇرۇپ، كېسەل داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇش نامى بىلەن خەلق ئىچىدە مەخپىي تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. نەچچە يۈز مىڭلىغان مۇرىت توپلاپ، تەسىرى پۈتۈن خىتايغا تارقالغان. مىلادى 184 – يىلى، جاڭ جياۋ مىليونلىغان دېھقان بىلەن (بۇلار بېشىغا سېرىق لاتا چىگىۋالغان بولغاچقا سېرىق ياغلىقلىقلار قوزغىلىڭى دەپ ئاتالغان) بىرلا ۋاقىتتا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان، شەھەر – قەلئەلەر ئارقا – ئارقىدىن قولدىن كەتكەن، شەرقىي خەن سۇلالىسى تەۋرىنىپ قالغان. لېكىن، بۇ ھەيۋەتلىك قوزغىلاڭ ئاران توققۇز ئاي ئىچىدىلا ئاساسىي جەھەتتىن تىنجىتىلغان.
سېرىق ياغلىقلىقلارنىڭ ئادىمى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن كۆپىنچىسى مەشىق كۆرمىگەن ئادەتتىكى دېھقانلار ئىدى، قوراللىرى ئاددىي – ساددا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قايسى جايلاردىكى قوزغىلاڭچىلار ئۆز ئالدىغا جەڭ قىلغان، جاڭ جياۋ ئاكا – ئۇكا ئۈچەيلەن يادرو بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشقا ئامالسىز قالغان. بۇنىڭدىن باشقا، سېرىق ياغلىقلىقلار بارغانلا يېرىدە ھۆكۈمەت مەھكىمىلىرىنى كۆيدۈرۈپ، يەرلىك كۈچلۈك بايلارنىڭ مال – مۈلكىنى بۇلاپ – تالىغان، بۇ ئەھۋال ئاقسۆڭەك زىيالىيلار تەبىقىسىنىڭ (士族) مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە چېتىلغان. شەرقىي خەن ئوردىسى ئاجىز بولسىمۇ، لېكىن ھەر قايسى جايلاردىكى ئاقسۆڭەك بايلارنىڭ شەخسىي قوراللىق كۈچلىرىنى سەپەرۋەر قىلالىغۇدەك تەسىرى بار ئىدى. ساۋ ساۋ (曹操) يىڭچۈەن زىيالىيلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن «چىڭجوۋ قوشۇنى» نى قۇرغان، ليۇ بېي (刘备) جۇجۈن ناھىيەسىدىكى بايلارنىڭ ياردىمى بىلەن قوشۇن تارتىپ چىققان، سۈن جيەن (孙坚) مۇ جياڭخۇەي رايونىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ قوراللىق كۈچ تەشكىللەپ سېرىق ياغلىقلىقلارنى باستۇرغان. بۇ يەرلىك كۈچلەر خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ، سېرىق ياغلىقلىقلارنى ھەر تەرەپتىن قورشاۋغا ئالغان، ئاخىرىدا جاڭ جياۋ كېسەل بىلەن ئۆلگەن، جاڭ باۋ ۋە جاڭ لياڭلار جەڭدە ئۆلتۈرۈلگەن، مىليونلىغان سېرىق ياغلىقلىقلار قىرغىن قىلىنغان ياكى تارقىلىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.
مانا بۇ دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ يەنە بىر ئاگاھلاندۇرۇشى ئىدى: قاتتىق تەشكىلىي تۈزۈم ۋە بىر تۇتاش ئىستراتېگىيە بولمايدىكەن، پەقەت دىنىي چاقىرىق ۋە غەزەپكىلا تايىنىپ ئىشنى بىر باشقا چىقارغىلى بولمايدۇ. دىنى چاقىرىق ئادەملەرنى تېز توپلىيالايدۇ، ئەمما ئەسكەرنى سىستېمىلىق تەربىيەلىيەلمەيدۇ. سېرىق ياغلىقلىقلار قوشۇنى مىليوندىن ئاشقان بولسىمۇ، ماھىيەتتە ئاچ – يالىڭاچ دېھقانلار ئىدى. ئۇلار پىشىپ يېتىلگەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئالدىدا ئاسانلا يېڭىلدى.
بىرلا ۋاقىتتا بارلىق تەبىقىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىنغاندا ياكى ئۇلارنى چەتكە قاققاندا، جەزمەن ئۇلارنىڭ بىرلىشىپ زەربە بېرىشىگە ئۇچرايدۇ. دېھقانلار قوزغىلىڭى غەلىبە قىلىشنى ئويلىسا، ھەم كۈچنى بىر يەرگە يىغىدىغان تەشكىللىك ھەركەتكە ، ھەم دۈشمەننى پارچىلاشقا ماھىر بولۇشقا موھتاج، بارلىق ئاقسۆڭەك بايلارنى قارشى تەرەپكە ئىتتىرىشكە بولمايدۇ.
ئۈچىنچى، خۇاڭ چاۋ قوزغىلىڭى (黄巢起义)
تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، يەرلىك ھەربىي كۈچلەر مۇستەقىل بولۇۋالغان. تۇز ئەتكەسچىسى بولغان خۇاڭ چاۋ دېھقانلارنى باشلاپ ھۆكۈمەتكە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى مىليون دەپ تەرىپلىنىپ، شەندۇڭدىن تارتىپ گۇاڭدۇڭغىچە، ئاندىن گۇاڭدۇڭدىن يېنىپ، ئاخىرىدا چاڭئەنگە باستۇرۇپ كىرىپ، «بۈيۈك چى» (大齐) ھاكىمىيىتىنى قۇرغان. قوزغىلاڭچىلارنىڭ پۈتۈن خىتاينى ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلىش ئىستراتېگىيەسى دەسلەپتە تاڭ ئوردىسىنى ھەقىقەتەن ۋەھىمىگە سالغان، لېكىن ئېغىر نۇقسانلىرىنىمۇ ئاشكارىلاپ قويغان.
قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى باشتىن – ئاياق مۇقىم بازا قۇرالمىغان، ئوزۇق – تۈلۈكلىرىنى پۈتۈنلەي بۇلاڭ – تالاڭ قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلغان، بارغانلا يېرىنى كۆيدۈرۈپ – بۇلىغان. ئىشغال قىلغان يەرلەرنى باشقۇرۇشقا قىزىقمىغان، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن كارى بولمىغان. بىر شەھەرنى ئالسا، مال – مۈلۈك ۋە ئادەملەرنى ئېلىپ كەتكەن، كەينىدە قالدۇرۇپ قويغىنى بولسا پەقەت قاقاس ئېتىزلار ۋە نەپرەتكە تولغان خەلق بولغان.
تاڭ سۇلالىسى شاتو (沙陀) قەبىلىسىنىڭ باشلىقى لى كېيوڭنىڭ (李克用) ئاتلىق قوشۇنلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ ئۇلارغا زەربە بەرگەندە، خۇاڭ چاۋنىڭ قوشۇنى قىيىن ئەھۋالدا قالغان. چاڭئەن شەھىرىدە ئوزۇق – تۈلۈك تۈگىگەن، شەھەر سىرتىدا تىرەك بولىدىغان بازا بولمىغاچقا، ئەسكەرلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقى سۇسلىشىپ، قاچقۇنلار كۆپەيگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە قوزغىلاڭچىلار چاڭئەندە ئاقسۆڭەكلەرنى قىرغىن قىلىپ، قەسىرلەرنى كۆيدۈرگەنلىكتىن، ھېچكىم ئۇلارنى قوللاشنى خالىمىغان. ئاخىرىدا، خۇاڭ چاۋ قېچىش يولىدا يېڭىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئون يىل داۋاملاشقان بۇ قوزغىلاڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.
خۇاڭ چاۋ قوزغىلىڭىنىڭ مەغلۇبىيىتى كېيىنكىلەرگە مۇنداق ساۋاقنى قالدۇرۇپ كەتكەن: دېھقانلار قوزغىلىڭى پەقەتلا بۇزغۇنچى بولۇپ قالسا بولمايدۇ. فېئودال سۇلالىلەر قانچىلىك چىرىك بولمىسۇن، يەنىلا پىشقان باج ۋە مەمۇرىي سىستېمىغا ئىگە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بايلىقىنى سەپەرۋەر قىلالايدۇ؛ بازا بولمىسا، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانمىسا، قوشۇن قانچە چوڭ بولسىمۇ، يەنىلا «يىلتىزسىز قامغاق» تەك ئاجىز بولۇپ قالىدۇ.
تۆتىنچى، لى زىچېڭ قوزغىلىڭى (李自成起义)
مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا قۇرغاقچىلىق ۋە چىكەتكە ئاپىتى ئارقىمۇئارقا يۈز بەرگەن، ئوردا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە باجنى تېخىمۇ ئاشۇرغان، خەلق سەرگەردان بولۇپ كەتكەن. لى زىچېڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، «يەرنى تەڭ بۆلۈش، باجنى كەچۈرۈم قىلىش، بەش يىل باج ئالماسلىق» دېگەن شوئارلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېزلا مىليون كىشىنى توپلىغان. 1644 – يىلى، لى زىچېڭ قوشۇن باشلاپ بېيجىڭغا باستۇرۇپ كىرگەن، مىڭ پادىشاھى مېيشەن تېغىدا ئۆزىنى ئېسىپ ئۆلۈۋالغان ۋە شۇنىڭ بىلەن خىتايلارنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك خانىدانلىقلىرىدىن بىرى بولغان مىڭ سۇلالىسى تارىختىن سۈپۈرۈپ تاشلانغان.
لېكىن بېيجىڭغا كىرگەندىن كېيىن، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتكەن. سانغۇن ليۇ زوڭمين (刘宗敏) مىڭ سانغۇنى ۋۇ سەنگۇي (吴三桂) نىڭ ئامراق توقىلى چېن يۈەنيۈەننى (陈圆圆) تارتىۋالغان، يەنە مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى قىيناپ ئۇلاردىن پۇل – مال تەلەپ قىلغان. مىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە يەر ئىگىلىرى ئەسلىدە يېڭى ھاكىمىيەتكە بويسۇنماقچى بولغان، لېكىن رەھىمسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان. لى زىچېڭ بولسا ئەيش – ئىشرەتكە بېرىلىپ، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئەسكىلىكلىرىگە كۆز يۇمغان. ئىلگىرىكى يەر بۆلۈپ باجنى كەچۈرۈم قىلىش ۋەدىلىرىنى ئۇنۇتقان. نەتىجىدە خەلق يېڭى ھۆكۈمرانلارنىڭ كونا سۇلالىدىنمۇ رەزىل ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئەڭ يامان بولغىنى شۇكى، لى زىچېڭ ئاقسۆڭەك زىيالىيلار تەبىقىسىنى پۈتۈنلەي رەنجىتىپ قويغان ۋە ئۇلار لى زىچېڭدىن ئامال بار ئۇزاق تۇرغان.
مىڭ سۇلالىسىنىڭ سەددىچىننى ساقلاۋاتقان سانغۇنى ۋۇ سەنگۇي گەرچە باشتا ئۇلارغا تەسلىم بولۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ ئائىلىسىگە ۋە باشقا مىڭ ئاقسۆڭەڭ گېنېرال ۋە زىيالىلارغا قىلىنغان ۋەھشىيلىكلەرنى كۆرگەندىن كېيىن سەددىچىننىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ مانجۇ ئەسكەرلىرىنى خىتاينىڭ ئىچىگە باشلاپ كىرگەن. ئۇلار ئاقسۆڭەكلەر بىلەن بىرلىشىپ لى زىچېڭغا قىستاپ زەربە بەرگەن. خەلقنىڭ كۆڭلى ۋە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلغان قوزغىلاڭچىلار مانجۇ قوشۇنلىرى ۋە يەرلىك كۈچلەرنىڭ بىرلىشىپ زەربە بېرىشىدە مەغلۇپ بولۇپ چېكىنگەن، ئاخىرىدا لى زىچېڭ جيۇگوڭشەن تېغىدا ئۆلتۈرۈلگەن، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.
بۇ قوزغىلاڭنىڭ مەغلۇبىيتى شۇنى كۆرسەتتىكى: دېھقانلار قوزغىلىڭى بارلىق ھۆكۈمران تەبىقىنى يېتىم قالدۇرسا بولمايدۇ، ھەم خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى، ھەم بىرلىشىشكە بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى يېنىغا تارتىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. «جاھاننى ئېلىشتا ئەلەم ۋە جاسارەتكە، جاھاننى سوراشتا قەلەم ۋە سىستېمىغا تايىنىش كېرەك»، ۋەدىسىدىن يانغان ھاكىمىيەت كونا سۇلالىلەردىنمۇ تېز ھالاك بولىدۇ.
بەشىنچى، تەيپىڭ تيەنگو ھەرىكىتى (太平天国运动)
تەيپىڭ تيەنگو قوزغىلىڭى خىتاي دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى دەپ قارىلىدۇ. 1851 – يىلى، ئۆزىنى «تەڭرىنىڭ ئوغلى» دەپ ئاتىغان خۇڭ شيۇچۈەن (洪秀全) گۇاڭشىنىڭ جىنتيەن كەنتىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، تەيپىڭ تيەنگونى قۇرغان. ئۇ «يەر بىرلىكتە تېرىلىدۇ، ئاش بىرلىكتە يېيىلىدۇ، كىيىم بىرلىكتە كىيىلىدۇ، پۇل بىرلىكتە خەجلىنىدۇ» دېگەن غايىۋى تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۇرغۇنلىغان كەمبەغەللەرنى جەلب قىلغان. قوزغىلاڭچىلار شىمالغا باستۇرۇپ كىرىپ، نەنجىڭنى ئىشغال قىلغان ۋە پايتەخت قىلىپ، ئىسمىنى «تيەنجىڭ» (天京) گە ئۆزگەرتكەن، ئەڭ كۈچەيگەن مەزگىلدە ھەتتا چىڭ سۇلالىسى زېمىنىنىڭ يېرىمىنى كونترول قىلغان.
لېكىن، پايتەخت تىكلىگەندىن كېيىن، رەھبەرلەر تېزلا چىرىكلىشىپ كەتكەن. خۇڭ شيۇچۈەن خوتۇنلىرىنى كۆپەيتىپ، ھەشەمەتلىك سارايلارنى سېلىپ، ئەيش – ئىشرەتكە بېرىلگەن. شەرقىي پادىشاھ ئۇنۋانى بېرىلگەن ياڭ شيۇچىڭ (杨秀清) ئۆزىنى «خۇدانىڭ روھى قونغان» دەپ ئاتىغان، ھەتتا خۇڭ شيۇچۈەننى ئۆزىگە «تۈمەن مىڭ ياش» دەپ خىتاپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان، بۇنىڭ بىلەن 1856 – يىلىدىكى «تيەنجىڭ ۋەقەسى» كېلىپ چىققان. خۇڭ شيۇچۈەن مەخپىي بۇيرۇق بېرىپ، ۋېي چاڭخۇينى (韦昌辉) ياڭ شيۇچىڭنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغان، ۋېي چاڭخۇي پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ياڭ شيۇچىڭنىڭ 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى قىرغىن قىلغان. شى داكەي (石达开) خۇڭ شيۇچۈەننىڭ گۇمانخورلۇقىدىن نارازى بولۇپ، 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى باشلاپ قوزغىلاڭچىلاردىن ئايرىلغان.
بۇ ئىچكى ماجىرا تەيپىڭ تيەنگوغا ئەجەللىك زەربە بەرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر تۈزۈمى ئەسلا ئەمەلىيلەشمىگەن، خۇڭ شيۇچۈەن قاتارلىق رەھبەرلەر نۇرغۇن يەر ۋە مال – مۈلۈكنى ئىگىلىۋالغان، ئادەتتىكى ئەسكەرلەر بولسا مال – مۈلكىنىڭ ھەممىسىنى ئورتاق غەزىنىگە تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلانغان، دېھقانلار ئارزۇ قىلغان ئۆز يېرىگە ئېرىشىش ئىستىكى ئەسلا ئەمەلگە ئاشمىغان. غايىۋى ئارقا كۈچ ۋە ئىتتىپاقلىقتىن ئايرىلغان تەيپىڭ تيەنگو چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قورشاۋىدا بارا – بارا ئاجىزلىغان، 1864 – يىلى ئۇلارنىڭ پايتەختى تيەنجىڭ ئىشغال قىلىنغان ۋە تەيپىڭ تيەنگو ھەرىكىتى مەغلۇپ بولغان.
بۇ دېھقانلار ھەرىكىتى تۈزۈمنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ھوقۇقنىڭ جەزمەن چىرىكلىشىدىغانلىقىنى، ئورتاق تونۇشى بولمىغان كوللېكتىپنىڭ مۇقەررەر ئىچكى نىزا بىلەن تۈگىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. غايە قانچە گۈزەل بولسىمۇ، ئىنسان ئۆزىنىڭ شەخسىيىتىگە يېڭىلگەندە كۈچىنى يوقىتىدۇ. دۆلەت ئىدارە قىلىش تەجىرىبىسى بولمىغاندا زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى بولمايدۇ.
مىڭ يىللىق تېپىشماقنى سىرى: كۈچنىڭ يېتەرسىزلىكى ئەمەس ۋىزىيوننىڭ يېتەرسىزلىكى
چېن شېڭ – ۋۇ گۇاڭدىن تەيپىڭ تيەنگوغىچە بولغان بۇ بەش تىپىك قوزغىلاڭدىن شۇنى بايقىيالايمىزكى، بۇ قوزغىلاڭلاردا سۇلالىلەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋاللىقىغا يۈز تۇتۇشىغا ئوخشايدىغان بىر دەۋرىيلىك يوق، بەلكى دېھقانلار قوزغىلىڭى ئەزەلدىنلا قۇتۇلغىلى بولمايدىغان تۇغما يېتەرسىزلىكلەرگە ئىگە.
- ۋىزىيونىنىڭ تارلىقى: دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ يادرولۇق تەلىپى ئەزەلدىن «تۈزۈم ئۆزگەرتىش» ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى ئەزگەن زالىم خان – پادىشاھ ۋە پاراخور ئەمەلدارلارنى ئالماشتۇرۇش بولغان. بىلىمسىز ۋە نادانلىقى (يەنى دېھقان بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئىلىم ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولماسلىقى ياكى بولالماسلىقى) ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنىڭ تارلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر. شۇڭا ئۇلار يېڭى بىر سىستېمىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىغان، پەقەت كونا تۈزۈمنىڭ چىرىكلىكىنى تەكرارلىغان. ئۇلارنىڭ ئارزۇ قىلغىنى كونا قائىدىنى بۇزۇپ تاشلاش ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى يەر ئىگىسى ياكى پادىشاھ بولۇۋېلىشى بولغان. چېن شېڭنىڭ ئەسلىنى ئۇنتۇشى، خۇڭ شيۇچۈەننىڭ چىرىكلىشىشىنىڭ مەناسى مانا شۇ يەردە.
- تەشكىلىي ۋە تۈزۈم جەھەتتىكى قوش كەملىك. دېھقانلار چېچىلاڭغۇ شەخسلەر بولۇپ، ئادەتتە ئۆز ئالدىغا يەر تېرىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ. بىر تۇتاش ئورتاق ئاڭ شەكىللەندۈرەلمىگەن بۇ ئادەملەر بازا قۇرۇشنى، ئەمەلىيلىشەلەيدىغان تۈزۈم ئىشىلەپچىقىرىشنى بىلمەيدۇ، ئاخىرىدا پىشقان، دۆلەت باشقۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە فېئودال ئەمەلدارلار تەرىپىدىن يىقىتىلىدۇ.
- ئۈچىنچىدىن، رەقىبنى خاتا بېكىتىش ۋە ئىستراتېگىيەنى خاتا تۈزۈش؛ قوزغىلاڭچىلار تىغ ئۇچىنى زالىم ھۆكۈمەتتىن باشقا يەرلىك بايلار، ئاقسۆڭەكلەر، پۈتۈن ئەمەلدارلار قاتارلىق ئۆزىدىن بولمىغان پۈتۈن تەبىقىلەرگە قاراتقان. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۈمىدسىزلەنگەن خەلق ۋە دۈشمەنگە ئايلاندۇرۇلغان ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئارىسىدا قېپقالغان.
- قانۇن سىستېمىسى بەرپا قىلالماسلىق ۋە رەھبەرلىكىنى چەكلىيەلمەسلىكتىن كېلىپ چىققان ئىچكى ماجىرا قىسمىتى. رەھبەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئادەتتىكى كىشىلەر بولۇپ، دۆلەت سىستېمىسىنى چۈشەنمەيدۇ ۋە ھوقۇق تەڭپۇڭلۇقى مەشىقىنى كۆرمىگەن، شۇنداقلا قانۇننىڭ ھەقىقى ئەھمىيىتىنى بىلىپ يېتەلمەيدۇ. شۇڭا قوشۇن زورايغاندىن كېيىن ئاسانلا ھوقۇق تالىشىش قاپقىنىغا چۈشۈپ قالىدۇ، فېئودال سۇلالىلەردە ئىچكى ماجىرا بولسىمۇ، لېكىن خانلىق تۈزۈم ۋە ئورناپ كەتكەن مەمۇرىي سىستېمىنىڭ چەكلىمىسى بولغاچقا، پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ كەتمەيدۇ.
خىتاي مۇتەخەسىسلەر، خىتاي تارىخىدا يۈز بەرگەن 400 دىن ئارتۇق چوڭ دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى دېھقانلار سىنىپىنىڭ ئۆز چەكلىمىسىنى بۆسۈپ ئۆتەلمەسلىكىدىكىدىن كېلىپ چىققان شۇنداقلا قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان نەتىجە دەپ قارىغان. قوزغىلاڭلارنىڭ مەغلۇبىيىتى غەلىبىنىڭ پەقەت ئۇزاقنى كۆرەر ۋىزىيون، يېڭىچە ئىلغار ئىدىيە ۋە يېڭى سىياسىي سىستېما بارلىققا كەلگەندىلا ئاندىن قولغا كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
