گەرچە بىر قاتار كېلىشىملەر ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ 2025-يىلى 30-ئۆكتەبىر كورىيەنىڭ پۇسان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان سودا كېلىشىمى، داۋالغۇشقا تولغان كەسكىن ئىقتىسادىي توقۇنۇش دەۋرىدىكى ۋاقىتلىق بىر توختاش ياكى دەم ئېلىش ھېسابلىنىدۇ. «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلى تەرىپىدىن بۇ كېلىشىم «ئاخىرلىشىش ئەمەس، بەلكى توختاش» ۋە «چوڭ كېلىشىم ئەمەس، كاتتا بازار» دەپ تەسۋىرلەنگەن.
بۇ يازمىدا ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، سۆھبەتنى زۆرۈر قىلغان سەۋەبلەر، كۇئالالۇمپۇردا كېلىشىمى، پۇساندا ئېلان قىلىنغان سودا كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىلىرى؛ ھەمدە ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزگىرىۋاتقان كۈچ تەڭپۇڭلۇقى تەھىلىل قىلىندۇ شۇنداقلا قايسى تەرەپنىڭ قايسى جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئېرىشكەنلىكىنى مۇلاھىزە قىلىدۇ.
ئارقا كۆرۈنۈش
خىتاي ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى «چىقماس كوچىغا كىرىپ قالغان » ئىككى تەرەپلىك كېلىشىم ۋە ئۆزئارا گۇمان بىلەن خاراكتېرلەنگەن بولۇپ سودا ئۇرۇشى 2018-يىلى ترامپ تەرىپىدىن باشلىتلغان. گەرچە ئىككى تەرەپ 2020-يىلى «بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى» نى ئىمزالىغان بولسىمۇ، بۇ كېلىشىم تېزلا مەغلۇپ بولۇپ، خىتاي كېيىنكى ئىككى يىلدا كەم دېگەندە 200 مىليارد دوللارلىق قوشۇمچە ئامېرىكا تاۋارلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىنى سېتىۋېلىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغان.
ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسسىنت ( Scott Bessent ) ۋە خىتاي مۇئاۋىن زۇڭلىسى خې لىفېڭ رەھبەرلىكىدىكى سۆھبەت 2025-يىلى مايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئىككى دۆلەت بىر بىرىگە دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن تەھدىد سېلىشقان. «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە، بۇ سۆھبەتچىلەر گەرچە شى ۋە ترمپنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، كەسپىي مۇناسىۋەتنىڭ كەمچىللىكى ۋە قارشى تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشىش تەجرىبىسىنىڭ نىسبەتەن ئازلىقى سەۋەبىدىن بىر قىسىم توسالغۇلارغا دۇچ كەلگەن. بۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىم ئالاقە قانىلىمۇ ناچار بولۇپ ترامپنىڭ بىرىنچى ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە جارېد كۇشنېر بىلەن خىتاينىڭ سابىق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەي ئوتتۇرىسىدىكى «كۇشنېر قانىلى» غا ئوخشىمايدىغىنى, 2025-يىلى ئىشەنچلىك مەخپىي ئالاقە يوللىرىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى بىلىنمەكتە.
2025-يىلى 9-ئۆكتەبىر، خىتاي سودا مىنىستىرلىكى (MOFCOM) ئېكسپورت كونتروللۇقىنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بۇنىڭغا ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراق ئېلېمېنتلىرىغا يېڭى ئىجازەتنامە تەلەپ قىلىش ۋە خىتاينىڭ زاپچاسلىرى ھەم تېخنىكىلىرى بىلەن ياسالغان چەتئەل مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن ئىجازەتنامە تەلەپ قىلىش ماددىلىرىنى كىرگۈزدى. ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراق ئېلېمېنتلىرى توكلۇق ماشىنىدىن تارتىپ كۈرەشچى ئايروپىلانغىچە بولغان كۆپ خىل يۇقىرى تېخىنكىلىق مەھسۇلاتلاردا ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم مىنېرال ماددىلاردۇر. بۇنىڭغا جاۋابەن ترامپ 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ خىتاي تاۋارلىرىغا قوشۇمچە %100 تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان. ئامېرىكىنىڭ 2025- يىلىنىڭ بېشىدا فېنتانىل خىمىيەلىك خام ئەشيالىرى مەنبەلىرى ھەققىدە خىتاينى جازالاش ئۈچۈن قويغان تاموژنا بېجى، خىتاي پاراخوتلىرىدىن پورت ھەققى ئېلىشى، ھەمدە خىتاينىڭ 5-ئايدا ئامېرىكا پۇرچىقىنى سېتىۋېلىشنى توختىتىپ، 2026-يىللىق ئارىلىق سايلامدىن ئىلگىرى ترامپنىڭ پارتىيەسىگە سىياسىي بېسىم پەيدا قىلىشى قاتارلىقلار ئامىللار جىددىيلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.
مۇستەققىل ئانالىزلار ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە سودا جەھەتتە خىرىس قىلغان بىلەن، بۇ تىركىشىشىنىڭ ئاقىۋىتى ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ياخشى ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ بىلەنلا قالماي دۇنيا ئىقتىسادىغا ناچار تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى سۆزلەپ كەلمەكتە. «مۇھاپىزەتچى گېزىتى» (Guardian) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئانالىزچىلار توقۇنۇشنىڭ بەدىلى ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن بەك ئېغىر بولۇپ مانا بۇ ئىككى دۆلەتنى ئۈنۈمىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىر نەرسە دىيىش قىيىن بولسىمۇ يەنىلا ئۇچرىششقا زورلىغان ئامىل بولۇپ قالغان.
كۇئالالۇمپۇر كېلىشىمى: ئورتاق تونۇشنى شەكىللەندۈرۈش
پۇساندا ئېلان قىلنغان كېلىشىمنىڭ ئاساسى مالايسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن تەييارلىق سۆھبەتلىرىدە (كۇئالالۇمپۇر كېلىشىمى) سېلىنغان بولۇپ ئامېرىكا ۋەكىلى سىكوت ۋە خىتاي تەرەپتىن خې لىفېڭ قاتناشقان بۇ سۆھبەت 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ئاخىرلاشقان. شى جىنپىڭنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتىلغاندا، بۇ يەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئىككى تەرەپنىڭ ئاساسلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىغا يول ئاچقان.
سودا كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
- تاموژنا بېجىنى تەڭشەش ۋە توختىتىش
فېنتانىل بېجىنى تۆۋەنلىتىش: ئامېرىكا خىتاينىڭ فېنتانىل خىمىيەلىك ماددىلىرىنى تىزگىنلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن قويغان جازا خاراكتېرلىك باجنى يېرىمىغا (20% تىن 10% گە ) چۈشۈرۈشكە قوشۇلغان. بۇ خىتاينىڭ خىمىيەلىك خام ئەشيا ئېقىمىنى «قاتتىق تىرىشىپ توختىتىش» ۋەدىسىگە ئاساسلانغان.
ئامېرىكا %24 لىك «ئۆچ ئېلىش خاراكتىرلىك باج » لارنى بىر يىللىق توختاتقان. ئامېرىكا يەنە خىتاي تاۋارلىرىغا %100 باج قويۇش تەھدىتىنى توختىتىشقا قوشۇلغان. ئامېرىكىنىڭ خىتاي تاۋارلىرىغا قويغان 57% باجنى %47 گە چۈشۈرگەن.
- ئېكسپورت كونتروللۇقى ۋە ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراق ئېلېمېنتلىرى
بۇ سۆھبەتتىكى دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان ئەڭ ھالقىلىق ساھەلەرنىڭ بىرى دەل ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراق مەسىلىسى ئىدى. 2025-يىلى ئاپرېلدا، خىتاي يەتتە خىل ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراق ئېلېمېنتى (REEs) نىڭ ئېكسپورتىنى چەكلىگەن. ھازىر خىتاي ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراقنى قېزىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك كونترول قىلىدۇ. خىتاينىڭ سىرتىدىكى ئەسلىدىنلا ئاز بولغان بۇ ئىلىمنىتلارنىڭ زاپاس مىقدارى ئازىيىپ كەتكەچ، ئامېرىكا شىركەتلىرى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ توختاپ قېلىش خەۋپىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغان.
خىتاي تەرەپ 2025-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاساسەن بارلىق ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراق ئېلېمېنتلىرى، مۇناسىۋەتلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىلىرى ۋە لىتىيلىق ئىئون باتارېيەلىرى ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىجازەت تۈزۈمىنى يولغا قويدى. بۇ زور بىر بۇرۇلۇش بولۇپ، چۈنكى بۇ قائىدىلەر چېگرادىن ھالقىغان ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. يەنى فرانسىيەدىكى بىر ساتقۇچى ختايدا ئىشلەنگەن ماگنىتنى گېرمانىيەدىكى بىر ئىشلەپچىقارغۇچىغا قايتا ساتماقچى بولسا، خىتاي سودا مىنىستىرلىكى (MOFCOM) دىن ئىجازەت ئېلىشى كېرەك ئىدى. بۇ ھەرىكەت – خىتاينىڭ ھازىرغىچە قوللانغان ئەڭ ئۈنۈملۈك قورالى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراقنى پىششىقلاپ ئىشلەشتىكى مونوپول ئورنىنى (بازارنىڭ %90 ىنى كونترول قىلىدۇ) ئىشلىتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. راند تەتقىقات مەركىزىدىكى گېرارد دىپپو (Gerard DiPippo) ختاينىڭ بۇ كونتروللۇقنى ئامېرىكا قوللانغان ھەر قانداق تەدبىردىن نەچچە ھەسسە بۇزغۇنچىلىق خاراكتىرىگە ئېگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
خىتاينىڭ بۇ قېتمقى سۆھبەتتە 2025 – يىلى 8-نويابىردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىغان ھالقىلىق ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراق ئېكسپورتىغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنى بىر يىل كېچىكتۈرۈشكە قوشۇلغان. بۇنىڭغا قارىتا ترامپ بۇ مەسىلىنىڭ «ھەل بولغانلىقى»نى ئېيتىپ: «بارلىق ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراق مەسىلىسى ھەل قىلىندى… ئۇ توسالغۇ ھازىر يوق، ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراقتا ھېچقانداق توسالغۇ قالمىدى» دېگەن. لېكىن، بۇ كېلىشىم پەقەت 2025-يىلى 9-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى كونتروللۇقلارنىلا توختاتقان بولۇپ، 2025-يىلى ئاپرېلدىكى يەتتە خىل ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراق ئېلېمېنتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىلگىرىكى كونتروللۇقلار كۈچگە ئىگە بولۇپ، يەنىلا ئېكسپورت ئىجازەتنامىسى تەلەپ قىلىدۇ.
- يېزا ئىگىلىك سودىسى
يېزا ئىگىلىك سودىسى، بولۇپمۇ پۇرچاق، ترامپ ئۈچۈن ئالدىنقى ئورۇندىكى مۇھىم مەسىلە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئامېرىكىلىق دېھقانلار، يەنى ترامپنىڭ ئەڭ مۇھىم قوللىغۇچى گۇرۇپپلىرىنىڭ بىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ترامپ خىتاينىڭ زور مىقداردا پۇرچاق، قوناق ۋە باشقا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى قايتا سېتىۋېلىشقا باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاقساراينىڭ بىلدۈرۈشىچە خىتاي 2025-يىلى نويابىر ۋە دېكابىردا كەم دېگەندە 12 مىليون توننا ئامېرىكا پۇرچىقىنى، 2026-يىلدىن 2028-يىلغىچە ھەر يىلى كەم دېگەندە 25 مىليون توننا سېتىۋېلىشقا قوشۇلغان. ئەمما كېلىشىمنىڭ بۇ قىسمى تېخى خىتاي تەرەپ تەرىپىدىن دەلىللەنمىگەن. خىتاي سودا مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا پەقەت ئىككى تەرەپنىڭ «يېزا ئىگىلىك سودىسىنى كېڭەيتىدىغانلىقى»لا تىلغا ئېلىنغان.
- پورت ھەققى ۋە شىركەتلەر مەسىلىلىرى
ئامېرىكا 2025-يىلى 14-ئۆكتەبىر كۈچكە ئىگە بولغان 301-ماددىغا ئاساسەن خىتاي پاراخوتلىرىدىن يېڭى پورت ھەققى ئېلىشنى توختىتىشقا قوشۇلغان. خىتاي بۇنىڭغا جاۋابەن ئامېرىكا پاراخوتلىرىغا قارىتىلغان مۇناسىپ قارشى تەدبىرلىرىنى توختاتقان.
تىك توك (TikTok) مەسىلىدە خىتاي سودا مىنىستىرلىكى ئامېرىكىنىڭ بۇ شىركەتنى ئامېرىكا ئېگىدارلىقدىكى شىركەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قسىتاش مەسىلىسىگە قارىتا، مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مەھسۇلاتلار مەسلىسىدە ترامپ خىتاي بىلەن Nvidia شىركىتىدىن ئۆزەك سېتىۋېلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، ئەمما ئەڭ ئىلغار بولغان Blackwell سۈنئىي ئەقىل ئۆزەكلىرىنىڭ بۇنىڭغا كىرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن Nvidia ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتە «كېلىشتۈرگۈچى» رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان.
- گىئوپولىتىك تېمىلار ۋە كەلگۈسىدىكى ئۇچرىشىشلار
ترامپ كېلەر يىلى ئاپرېلدا خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. شى نى ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىغا، بەلكىم فلورىدا ياكى ۋاشىنگتونغا زىيارەتكە تەكلىپ قىلغان. ترامپ يەنە ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ «ئىنتايىن كۈچلۈك تىلغا ئېلىنغانلىقى» نى ۋە ئىككى رەھبەرنىڭ تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېيتقان.تەيۋەن مەسىلىسى ئۇچرىشىشتا تىلغا ئېلىنمىغان. ترامپ ئايروپىلانىدا مۇخبىرلارغا بۇ مەسىلە ئەمەلىيەتتە مۇزاكىرە قىلىنمىدى، دېگەن. بۇ مەسىلىنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقى، ترامپنىڭ سودا كېلىشىمى ئۈچۈن تەيۋەنگە بەرگەن ۋەدىسىنى قۇربان قىلىشىنى خالىمىغانلىقى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن.
پۇسان ئۇچرىشىشىنى كۆزەتكۈچىلەر قايسى رەھبەرنىڭ «ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكى» ھەققىدە قىزغىن مۇنازىرە قىلىشقان، گەرچە سودا كېلىشىمى ھەر ئىككىسى ئۈچۈن زۆرۈر بولسىمۇ، نۇرغۇن ئانالىزچىلار ترامپنىڭ 2019-يىلى شى بىلەن ئاخىرقى قېتىم يۈزمۇ-يۈز كۆرۈشكەندىن بۇيان كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆزگەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەلجەزىرەنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بۇ ئۇچرىشىشقا «خېلىلا كۈچلۈك سۆھبەتلىشىش سالاھىيتى» بىلەن كىرگەن.
خىتاينىڭ ئەۋزەللىكى
خىتاينىڭ كۈچەيگەن سۆھبەتلىشىش ئورنى ئاساسلىقى ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى ئامېرىكىنىڭ بېسىمىغا قارشى مۇستەھكەملەشتىكى مۇۋەپپەقىيىتى ۋە ھالقىلىق دۇنياۋى تەمىنلەش زەنجىرىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن كۈچلۈك قورالغا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىغا تايانغان. بۇلار:
1. ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراق ئېلېمېنتلىرىدىكى ھۆكۈمرانلىق: Teneo شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن رەئىسى گەبىرىل ۋىلداۋ (Gabriel Wildau)«ئەلجەزىرە»گە بەرگەن باياناتىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراق ئېلېمېنتلىرىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشى ھەل قىلغۇچ پىشاڭ بولغان. خىتاي ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراق قېزىشنىڭ تەخمىنەن %70 ىنى، ئايرىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ %90 ىنى كونترول قىلىدۇ. ئېكسپورتنى توختىتىش بىلەن تەھدىت سېلىش ئارقىلىق، خىتاي بۇ ھالقىلىق مىنېرال ماددىلارغا تايىنىدىغان دۇنياۋى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئۈزۈلۈپ قېلىش خەۋپىنى پەيدا قىلغان ۋە قىلماقتا.

2. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتدىكى ئىستراتىگىيلىك يۆتكىلىش ۋە سىياسىي بېسىم: خىتاي ئاساسلىق تەمىنلەش مەنبەسىنى بىرازىلىيە ۋە ئارگېنتىنا قاتارلىق دۆلەتلەرگە يۆتكەش ئارقىلىق، ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا، بولۇپمۇ پۇرچاققا بولغان تايىنىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئازايتقان. 2025-يىلى مايدا خىتاي ئامېرىكا پۇرچىقىنى سېتىۋېلىشنى توختاتقاندا، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي شىتاتلىرىدىكى دېھقانلارغا ئېغىر زەربە بولغان. بۇ رايۇندىكى دىھقانلار ترامپ ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك رولى بار كىشىلەردىن ئىبارەت. ئاتلانتىك كېڭىشى يەرشارى خىتاي مەركىزى (Atlantic Council’s Global China Hub) نىڭ تەتقىقاتچىسى دېكستىر روبېرتىس (Roberts Dexter ) ، خىتاينىڭ «ترامپنىڭ ھەقىقەتەن ئېرىشمەكچى بولغان بەزى نەرسىلىرى بارلىقىنى (پۇرچاق كېلىشىمىگە ئوخشاش) چۈشەنگەنلىكى»نى ۋە سودىلىشىش ئارقىلىق «ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە» ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاينىڭ «بۇ ئىشنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ئوينىغانلىقى»نى خۇلاسىلىگەن.
3. ئىقتىسادىي تىرەنلىك: خىتاي ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى بېسىمىغا ئامېرىكا پەرەز قىلغاندىن ياخشىراق بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى نامايان قىلغان. خىتاي ئېكسپورت مەنزىلىنى ئامېرىكىدىن باشقا بازارلارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك يۆتكىگەن؛ 2025-يىلى سېنتەبىرگىچە بولغان بىر يىلدا، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قىلىنغان ئېكسپورت %27 تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئومۇمىي تاۋار ئېكسپورتى يەنىلا %8 دىن ئارتۇق ئاشقان. بېيجىڭدىكى خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى چوڭياڭ پۇل-مۇئامىلە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ۋېن، سودا ئۇرۇشىنى «ھازىر مەغلۇپ بولدى دېيىشكە بولىدىغانلىقى»نى ئېيتىپ، «خىتاينىڭ كۈچى ئامېرىكىنى ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر قىلدى… ئىككى دۆلەت ھەقىقىي تۈردە باراۋەرلىك دەۋرىگە كىردى» دېگەن.
بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي 2013-يىلى يولغا قويۇلغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى خىتاي ماللىرى ئۈچۈن باشقا بازارلارنى ئېچىش يولىدا قولاي بازار مەنبەسى، سىياسىي ئاتموسفىرا ۋە تىرانسپورت كۈچى بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ قۇرلۇش ئارقىلىق خىتاي جەنۇب دۆلەتلىرى (Global South) بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتتى. «بىر بەلباغ، بىر يول» نى مەركەز قىلغان سودا 2024-ۋە 2025-يىللىرى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچىيىپ، 2025-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 123 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ رېكورت ياراتقان. بۇ كېڭىيىش خىتاينىڭ ئېكسپورتىنى ئامېرىكىدىن باشقا جايلارغا تىز سۈرئەتتە يۆتكىشىگە ياردەم بەرگەن. خىتاي ماللىرىنىڭ ئامېرىكىغا توشۇلۇش نىسبىتى 2018-يىلىنىڭ ئالدىنقى توققۇز ئېيىدىكى %20 كە يېقىن سەۋىيەدىن 2025-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە %12 دىن تۆۋەن ھالەتكە چۈشكەن.
ئامېرىكىنىڭ قارشى ئەۋزەللىكى ۋە چەكلىمىلىرى
ئامېرىكا يەنىلا، بولۇپمۇ ئىلغار تېخنىكا ساھەسىدە، مۇھىم كوزۇرلارغا ئېگە بولسىمۇ ، ئۇنىڭ كۈچى تاموژنا بېجىنىڭ دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان سەلبى تەسىرى تەرىپىدىن چەكلىنىپ تۇرماقتا.
ئامېرىكا ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە ئۆزەك لايىھىلەش يۇمشاق دېتاللىرى قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلاردا ھالقىلىق ئەۋزەللىككە ئىگە. بۇ ساھەدىكى ئەڭ مۇھىم دەپ قارىلىدىغان ئۈچ چوڭ شىركەت – Cadence ، Synopsys ۋە Siemens نىڭ ھەممىسى ئامېرىكىدا بولۇپ، خىتاي بازىرىنىڭ %82 ىنى ئىگىلەيدۇ. گەرچە خىتاي ترامپنىڭ سودىگەرچە سىياسەت ئۇسۇلىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان بولسىمۇ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا ترامپ «ئوندىن ئون ئىككى» نومۇر بېرەلەيدىغان كۆزگە كۆرۈنەرلىك غەلىبىلەرگە ئېرىشكەن. مەسىلەن، خىتايغا پۇرچاق سېتىۋېلىش ۋە فېنتانىل بېجىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلار.
جورجتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دېننىس ۋىلدىر (Dennis Wilder) بۇ مەسىلىدە دەرھال غەلىبە قىلغۇچىنى ئېلان قىلىشقا قارشى تۇرۇپ، بۇ توقۇنۇشنى «دۇنيادىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ئوتتۇرىسىدىكى ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكىس مۇسابىقىسى» دەپ قارىغان. ئۇ بۇ رىقابەتنىڭ ھەرىكەتچان ئىكەنلىكىنى، ھازىر ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىلىق كونتروللۇقتا ئەۋزەللىكى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراققا ئوخشاش باشقا ساھەلەرنى قورالغا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۇ كېلىشىمىنىڭ تەسىرى
پۇسان كېلىشىمى ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا ۋاقىتلىق مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى چوڭقۇر قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىدى. ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇش، بولۇپمۇ تاموژنا بېجىنى توختىتىش ۋە تۆۋەنلىتىش، ھەمدە ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراق ئېكسپورت كونتروللۇقىنى كېچىكتۈرۈش ئارقىلىق كارخانىلارغا ۋاقىتلىق نەپەس ئېلىش پۇرسىتى بەرگەن. مەسىلەن دۇنيا بازىرى ترامپ-شى ئۇچرىشىشىدىن كېيىنكى بىر نەچچە سائەت ئىچىدە كۆرۈنەرلىك ياخشى ئىنكاس بىلدۈرگەن.
كېلىشىم سودا خاراكتېرلىك ۋە قىسقا مەزگىللىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشكەن. تەنقىدچىلەر بۇ كېلىشىمنىڭ پۇرچاق ۋە TikTok قا ئوخشاش يېقىن كەلگۈسىدىكى، سودا خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە بەك كۆپ، خىتاينىڭ سانائەت سىياسىتى ۋە ئىلغار ياسىمىچىلىقتا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھەمدە تېخنىكىلىق ئۆزىگە تايىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسى قاتارلىق تۈپ مەسىلىلەرگە بەك ئاز ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كېلىشىم ماددىلىرى ئېنىق ۋاقىتلىق بولۇپ، بىر يىلدىن كېيىن قايتا كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ.
كېلىشىم ھەققىدىكى خەۋەرلەر بىردەك ھالدا بۇ كېلىشىمنىڭ ئاخىرلىشىش ئەمەس، بەلكى توختاش ئىكەنلىكىنى، يەر شارىدىكى ئەڭ مۇھىم مۇناسىۋەتنىڭ (ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى) «داۋاملىق قۇم ئۈستىگە قۇرۇلغان» ھالەتتە قالىدىغانلىقىدەك خۇلاسىگە كەلگەن. چۈنكى خىتايغا قارىتا يەنىلا زور مىقداردىكى تاموژنا بېجى داۋام قىلىدۇ ۋە ترامىپ ياكى كىينكى ئامېرىكا پىرزدېنتى بۇنى قورال قىلىپ ئىشلتىدۇ. خىتايمۇ ئوخشاش؛ تامامەن ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيسىگە قارايدۇ ۋە شى شۇنداقلا بىر قانچە كومىنىست لىدىر خالغان ۋاقىتتا ھەرقانداق قارارنى ئالىدۇ.
يەنە كېلىپ خىتاي ئۈچۈن بۇ كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشى بەك مۇھىم ئەمەس. چۈنكى ئىجرا قىلىش مەسىلىسىدە خىتاي يەنە ئامېرىكانىڭ خىتايغا بولغان ئىقتىسادى ۋە سىياسىي مەيدانىغا قارايدۇ. مەسىلەن 2020-يىلى «بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى» دە خىتاينىڭ ئىككى يىل ئىچىدە كەم دېگەندە 200 مىليارد دوللارلىق قوشۇمچە ئامېرىكا تاۋارلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىنى سېتىۋېلىشى بەلگىلەنگەن. لېكىن، خىتاي ۋىرۇسنى باھانە قىلىپ بۇ مىقدار مال سېتۋالمىغان ۋە 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ۋەدىسىنىڭ يېرىمىىغىمۇ ئەمەل قىلمىغان. شۇڭا 2025-يىلى ئۆكتەبىردە، ئامېرىكا سودا ۋەكىللىكى ئىشخانىسى (USTR) خىتاينىڭ كېلىشىمگە ئەمەل قىلماسلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئاقساراينىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىم خىتاي ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراق ۋە باشقا ھالقىلىق ماتېرىياللار ئۈچۈن ئومۇمىي ئېكسپورت ئىجازەتنامىسى بېرىشكە ۋە زور كۆلەمدە ئامېرىكا پۇرچىقىنى سېتىۋېلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغان. لېكىن، ئىجازەتنامىنىڭ قانچىلىك تېز بېرىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ قوللىنىش دائىرىسىنىڭ قانچىلىك كەڭ بولىدىغانلىقى قاتارلىق نۇرغۇن تەپسىلاتلار تېخىچە دەلىللەنمىدى. گەرچە خىتاي2025-يىلى مارتتىن بۇيان يولغا قويغان ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى ۋە باشقا تەدبىرلەرنى توختىتىدىغانلىقىنى سۆزلىگەن بولسىمۇ، تاموژنا بېجىدىن كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەرنى توختىتىش قاتارلىقلار ئېنىق دەلىللەنمىگەن. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىنىڭ ۋەدىلىرى، يەنى فېنتانىلغا مۇناسىۋەتلىك تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش، 301-ماددىغا ئاساسەن باجدىن كەچۈرۈم قىلىشنى ئۇزارتىش، ۋە پورت ھەققىنى توختىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇچرىشىشتىن كېيىن خىتاي سودا مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن بولۇپ، بۇ تەدبىرلەر 2025-يىلى 10-نويابىردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئەمما خىتاينىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ دەپ قارالغان تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ھەرىكەتلەرنى قانچىلىك دەرىجىدە تولۇق ئىجرا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە زور دەرىجىدە ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت.
پۇساندا نامايان بولغان كۈچ تەڭپۇڭلۇقى
بۇ ئۇچرىشىش ترامپ 2018-يىلى سودا ئۇرۇشىنى باشلىغاندىن بۇيانقى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىدا زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى. شى 2019-يىلغا سېلىشتۇرغاندا «تېخىمۇ كۈچلۈك سۆھبەتلىشىش ئورنى» بىلەن يىغىنغا كىرگەن. ئاتلانتىك كېڭىشىدىكى Dexter Roberts خىتاينىڭ «ئورنىنى ھەقىقەتەن يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ بولسا ئورنىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى» ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاينىڭ ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراق ئېلېمېنتلىرىنى پىشاڭ قىلىپ ئىشلىتىشى بۇ ھەقتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى دەپ قارالماقتا.
خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىيات جەريانىنى كۆزەتكەندە، خىتاينىڭ ئىقتىسادى، پەن – تېخنىكا، ھەربىي سانائەت ۋە گىئو-پولىتىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ئامېرىكا بىلەن بولغان پەرقنى كۈنسىرى كىچىكلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ 2013-يىلدىن بۇيانقى سۆز-ھەرىكەتلىرىنى تەھلىل قىلغاندا، ئۇنىڭ ئاھاڭىنىڭ ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچەيگەنلىكىنى بايقاشقا بولىدۇ. ھاكىمىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، شى «ئۈمىد» دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، «پىكىر» ئاڭلاشقا ۋە «مۇزاكىرە» ئۆتكۈزۈشكە بەكرەك قىزىقاتتى. 2025-يىلغا كەلگەندە، ئۇ ئۆزىنى ئەڭ يۇقىرىدىكى بىر رەھبەردەك سۆزلەيدىغان بولغان، شۇنداقلا «قۇدرەتلىك دۆلەت» دېگەن سۆزنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىدىغان بولغان (2013-يىلىدىكى %7 دىن 2025-يىلى %23 كە ئۆرلىگەن) ھەمدە «مەسىلىلەر»نى ھەل قىلىشقا ئەمەس، بەلكى «قوغداش» ۋە «باشقۇرۇش»قا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغان بولغان. بۇ ئىشەنچ رۇسىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەن. 2023-يىلى شى موسكۋادا پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە، شى ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئاجىزلىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارە قىلىپ، «100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۆزگىرىش» نى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا سۆز قىلغان. شى جىنىپىڭ خىتاي ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھەققىدە يەنە كۆپ قېتىم يەرشارىنىڭ ئىككى دۆلەت ئۈچۈن يىتەرلىك دەرىجىدە چوڭ ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن تەڭ كۈچكە دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىما قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
پۇسان ئۇچرىشىشى ھازىرچە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇشتىن كۆرە يول قويۇشتىن تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئەمما ئۆزئارا ئىشەنمەسلىك بىلەن خاراكتىرلەنگەن خىتاي – ئامېرىكا رىقابىتى داۋاملاشقانسرى چوڭ بىر زىدىيەتنىڭ چىقىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ زىدىيەتنىڭ قانداق بولۇشى ئامېرىكانىڭ خىتايغا قايسى خىل ئۇسۇل بىلەن زەربە بېرىدىغانلىقى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا قارىتا قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خىتاي ئالدىراپ ئامېرىكا بىلەن بىۋاستە توقۇنۇشنى تاللىمايدۇ. چۈنكى خىتايلارنىڭ ئۆزلىرى ئېيتقاندەك خىتاينىڭ ئامېرىكىغا ھەربىي جەھەتتىن تەڭ كەلگۈدەك ھالەتكە كېلىشىگە ھازىرقى سۈرئەت بىلەن يەنە 30 يىل ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ. ئەمما خىتاينىڭ مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى ئۇنىچە ئاجىز ئەمەس. شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم بولغىنى خىتاي ئىقتىسادى ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىن ئامېرىكىغا قارىغاندا ئەۋزەللىككە ئېگە. خىتاينى سودا جەھەتتىن چەكلەش ئىنتايىن قىين بولۇپ خىتاي ئاللىبۇرۇن ئامېرىكا بىلەن تىجارەت ھەجىمىنى كىچكلىتىش جەھەتتە بىر قارارغا كېلىپ بولۇغلۇق ۋە بۇ سەۋەبتىن 2018-يىلىدىن 2025- يىلغىچە بولغان ئارلىقتا ئامېرىكىغا بولغان ئىكسىپورتنى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئازايتقان. بۇنىڭدىن سىرت خىتاي يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار ۋە كېلىماتنىڭ ئىسىسىپ كېتىشىگە قارشى تەدبىرلەر قاتارىدا قوللىنىلدىغان مەھسۇلاتلار (مەسىلەن كۈنتاختا solar panel) قاتارلىق ھازىرقى پۈتۈن دۇنيا ئىھتىياجلىق بولغان، شۇنداقلا مۇھىم دەپ قارالغان ساھەلەرنى زور دەرىجىدە كونترول قىلىۋالدى. مەسىلەن ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئىشلتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كۇنتاختا مەسىلىسىدە دۇنيا دۆلەتلىرى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپ خىتاي كۈنتاختىلىرىنى بايقۇت قىلامدۇ، ياكى زۆرۈر ئىھتىياج دەپ قاراپ ئېلىۋىرەمدۇ؟ بۇ بىر نەرسە دىيىش قيىن مەسىلە.
يەنە بىر تەرەپتىن 2018- يىلى باشلىغان سودا ئۇرۇشى خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك قارشىلىق كۆرسىتەلەيدىغانلىنى كۆرسەتتى. خىتاي بىر تەرەپتىن دۆلەت ئىچىدە پەن – تېخنىكىغا ھەسسىلەپ مەبلەغ سالسا، يەنە بىر تەرەپتىن تاۋار ئېكسپورتىنى ئامېرىكادىن باشقا دۆلەتلەرگە، بولۇپمۇ يەر شارىنىڭ جەنۇبىغا يۆتكەۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ ئاساسىي مەخسىدىنىڭ ئامېرىكا بىلەن «چوڭ كېلىشىم» تۈزۈش ئەمەس، بەلكى توقۇنۇشنى باشقۇرۇش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قېتىملىق ئۇچۇرشۇشتا خىتاي ترامپنىڭ سودىگەرچە دىپلوماتىيە ئۇسۇلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگەنگەنلىكىنى كۆرسەتكەن. پۇرچاق سېتىۋېلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە فېنتانىل بېجىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ترامپ ئۈچۈن مۇھىم بولغان مەسىللەردە يول قويۇش ئارقىلىق ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشىنى ۋاقىتلىق توختاتقان. لوندون SOAS خىتاي تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى سىتىۋ (Tsang Steve) ، خىتاينىڭ بۇ كېلىشىمنى «ياخشى نەتىجە» دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە ترامپنىڭ پىلانلانغان ئاپرېل زىيارىتىدىن پايدىلىنىپ «ئۆز مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيدىغانلىقى»نى ئېيتقان.
بۇنىڭدىن سىرىت، ترامپ بۇ قېتىم تەختكە چىققاندىن كىين پۈتۈنلەي پراگماتىست سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. يەنى ئامېرىكانىڭ دۆلەت كۈچىنى ئۆزىنىڭ ئىتىتپاقداشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا دۆلەتلىرىگە قورال قىلىپ ئىشلەتمەكتە. بۇ بىر تەرەپتىن قارىماققا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكغا ئوچۇق باش ئىگىشى، ئىتراپ قىلىشى ۋە ترامپ ئۈچۈن مەدھىيلەر ئوقۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، بۇ باش ئىگىشلەرنىڭ ئارقىسدا ئامېرىكانىڭ پراگماتىسىت سىياسەتلىرى قارشىسىدا ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەتىنى ساقلاپ قېلىش ئارزۇسىنىڭ ياتقانلىقى ئاشكارىدۇر. مەسىلەن دۆلەت مۇداپىئە ژۇرنىلىنىڭ بۇ قېتملىق پۇسان يىغىنى ھەققىدىكى ئانالىزىدا، بۇ قېتملىق يىغىن ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ چوڭقۇر تايىنىشچانلىقىنى كۆرسەتكەن شۇنداقلا ياپونىيە ۋە كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ، ئازراق باج كەچۈرۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، غايەت زور مەبلەغ سېلىش ۋەدىلىرى ۋە بازارغا كىرىش يوللىرىنى ئېچىۋېتىش قاتارلىق بىر تەرەپلىمە كېلىشىملەرنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان. بوسان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور روبېرت كېللى (Robert E. Kelly) ، ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ تاشلىۋېتىشىدىن بەكرەك قورقىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن بىخەتەرلىك كۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە ترامپنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. لېكىن ئامېرىكىنىڭ دۇنياۋى ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە دىمكراتىيەنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ۋاقتىلىق ئىقتىسادى مەنپەت ۋە ھەربىي كۈچتىن بەكرەك ئىدىئولوگىيە ۋە قىممەت قاراشقا تايانغان ۋە بۇ ئىتتىپاقداشلىقىنى ئىقتىسادى ۋە ھەربىي ھەمكارلىق بىلەن مۇستەھكىملىگەن ئىستراتىگىيە بەكرەك مۇھىم.
يىغىپ ئېيتقاندا، پۇساندىكى تىجارەتنى مەركەز قىلغان ئىككى تەرەپلىك كېلىشىم قىسقا مۇددەتلىك، ئەمەل قىلىندىغانلىقىنىڭ كاپالىتى يوق ۋە مەلۇم دائىرىگىلا مەركەزلەشكەن بولۇپ، گەرچە دۇنيا ئىقتىسادىنى بەلگىلىك دەرىجىدە نەپەس ئالدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسدىكى سودا جېڭى ھەل بولغىنى يوق. بۇ پەقەت ئۇرۇشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ قىلىچلىرىنى ۋاقىتلىق قىنىغا سېلىپ، كېينىكى جەڭگە تەييارلىق قىلغىنىغا ئوخشايدۇ. ئەمما شۇ نەرسە ئېنىق بولدىكى، ھەر ئىككى دۆلەت دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنىڭ بىر-بىرىگە ئىھىتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىشقان شۇنداقلا خىتاينىڭ سودا جېڭىدىكى ئورنى بارغانسىرى كۈچىيىپ ماڭغان، ۋە ياكى بەزى مۇتەخەسىسىلەرنىڭ قارىشىدەك خىتاي ئىقتىسادى تالاپەتكە ئۇچراپ ئامېرىكىغا يول قويىدىغان ھالەتكە كېلىپ قالمىغان.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
- Donald Trump and Xi Jinping: both weaker than they think, N/A, The Economist, October 15, 2025
- Why America and China can’t escape their toxic cycle of trade talks, N/A, The Economist, October 20, 2025
- China is using America’s own trade weapons to beat it, N/A, The Economist, October 23, 2025
- Xi May Have Miscalculated on Rare Earths, Alasdair Phillips-Robins, Foreign Policy, October 24, 2025
- Xi Jinping is at his boldest and brashest, N/A, The Economist, October 26, 2025
- China is backing Russia’s war to keep America distracted, says Kaja Kallas, N/A, The Economist, October 28, 2025
- What the Trump-Xi meeting can and can’t solve, N/A, The Economist, October 28, 2025
- America and China have only holstered their trade weapons, N/A, The Economist, October 30, 2025
- Donald Trump and Xi Jinping agree to a trade truce, N/A, The Economist, October 30, 2025
- Five key takeaways from Donald Trump’s meeting with Xi Jinping, Helen Davidson, The Guardian, October 30, 2025
- President Xi Jinping Meets with U.S. President Donald J. Trump in Busan, N/A, Ministry of Foreign Affairs of the People’s Republic of China, October 30, 2025
- WATCH: Donald Trump and Xi Jinping discuss US-China relations in historic meeting, N/A, Sky News Australia (YouTube channel), October 30, 2025
- In Trump-Xi summit, a shifting power dynamic on display, John Power, Al Jazeera, October 31, 2025
- The One Thing Donald Trump’s Asia Trip Proved, Robert E. Kelly, National Security Journal, October 31, 2025
- China’s Belt and Road Initiative is booming, N/A, The Economist, November 2, 2025
- US and China Reach Trade Concessions Following Trump-Xi Meeting: Outcomes and Implications, Arendse Huld and Qian Zhou, China Briefing, November 4, 2025
