2025- يىلى 10-نويابىر ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن سۈرىيە پرېزىدېنتى ئەھمەد شەرانىڭ ئاقسارايدىكى ئۇچرىشىشى، كۈنىمىزدىكى رېئال سىياسىەتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، سۈرىيە 1946-يىلى مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم بىر دۆلەت باشلىقىنىڭ ئاقساراينى زىيارەت قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. بىر زامانلاردا «ئەبۇ مۇھەممەد جولانى» دەپ ئاتالغان سابىق جىھادچى قوماندان ۋە ئامېرىكا تەرىپىدىن تېررورچى دەپ بېكىتىلگەن بىر شەخس، ھازىر سۈرىيەنىڭ قانۇنلۇق رەھبىرى قاتارىدا ئامېرىكىدا ترامىپ تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىندى. بۇ يازمىدا ئامېرىكا-سۈرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ داۋالغۇشچان تارىخى، ئامېرىكا ۋە ھەيئەت- تەھرر-ئەلشامنىڭ بىر-بىرىگە بولغان كۆز قاراشلىرىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانى، ئۇلارنىڭ يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان ھەمكارلىقىنىڭ ماھىيىتى ئانالىز قىلىنىدۇ. ئاخىرىدا بىر جىھادچى تەشكىلات بىلەن ئامېرىكىنىڭ قانداق قىلىپ تىز سۈرئەتتە ھازىرقىدەك ئەمەلىيەتچان مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى تەھىلىل قىلىنىدۇ.
2024-يىلدىن بۇرۇنقى ئامېرىكا-سۈرىيە مۇناسىۋىتى
80 يىللىق ئامېرىكا-سۈرىيە مۇناسىۋىتى داۋالغۇش ۋە جىددىيلىك بىلەن ئۆتكەن بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، پرېزىدېنت شۈكرى قۇۋۋەتلى (Shukri Al-Quwatli) نىڭ ۋاشىنگتون بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقى 1948-يىلدىكى ئەرەب-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنى ئىزچىل قوللىشى سەۋەبىدىن تېزلا توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، بەئاس پارتىيسى (Ba’ath Party) ۋە كېيىنچە ھافىز ئەسەد ھۆكۈمرانلىقىدىكى سۈرىيە موسكۋا بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، سۈرىيە زىمىنىنى دۇنياۋى كۈچلەرنىڭ رىقابەت مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. گەرچە 1974-يىلى پرېزىدېنت رىچارد نىكسوننىڭ زىيارىتى ۋە 1990-يىللاردا بىل كلىنتون دەۋرىدىكى ئالاقىلەرگە ئوخشاش قىسمەن يۇمشاشلار بولغان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان تىنچلىق سۆھبەتلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان، ۋە بۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتمۇ قاتمال پېتى داۋام قىلىۋەرگەن. 1979-يىلى ئامېرىكا سۈرىيەنى تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزگەن.
11- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ جىددىيلەشكەن بولۇپ، 2003-يىلدىن باشلاپ ئامېرىكانىڭ سۈرىيەنى ئىراق ۋە لىۋاندىكى قوراللىق گۇرۇپپىلارنى قوللىدى دەپ ، بىرقاتار ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشى بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان. 2012-يىلى ئامېرىكا (روسىيە ۋە ئىراننىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان) بەششار ئەسەدكە قارشى ئۆكتىچى كۈچلەرنى قوللىغاندىن كېيىن بولسا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئۈزۈلگەن.
ھەيئەت تەھرىر ئەلشامنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۆزگىرىشى
ئەھمەد شەرانىڭ شەخسىي تارىخى سۈرىيەدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشنىڭ جانلىق نامايەندىسىدۇر. ئۇ ئىراقتا ئامېرىكىلىقلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەلقائىدە جەڭچىلىرىگە قوشۇلغان ۋە بۇ قېتملىق ئاقساراي زىيارىتىدىن تەخمىنەن 20 يىل بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە ياتقان. Times Originals گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر سابىق جەڭچى، شەرانىڭ 2005-يىلى ئىراققا بېرىشىدىكى دەسلەپكى سەۋەبنىڭ چوڭقۇر دىنىي ياكى سىياسىي ئىدېئولوگىيەدىن ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا ئىشغالىيىتىگە قارشى قەھرىمانلىق (Nakhwa) تۇيغۇسىدىن كەلگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتكەن. لېكىن، ئىراق ئارمىيەسىنىڭ ۋەھشىي باستۇرۇشى، سۈرىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ياكى ئىراق تۈرمىلىرىدىكى رەھىمسىزلىك بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇلارنىڭ زالىملىقتا ئامېرىكادىن تۆۋەن تۇرمايدىغانلىقىغا شاھىت بولغان.
2011- يىل ئەتراپىدا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئەبۇ مۇھەممەد جولانى نامىنى ئىشلەتكەن شەراغا ئەلقائىدە رەھبىرى باغدادى تەرىپىدىن ئەلقائىدىنىڭ سۈرىيەدىكى شۆبىسى «نۇسرەت فرونتى»نى قۇرۇش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان. بۇ گۇرۇپپا كېيىنچە ھەيئەت تەھرىر ئەلشامغا (HTS) ئايلانغان. شۇنىڭدىن كىين ئۇزۇن يىللارغىچە، ئامېرىكا شەرانى چوڭ تەھدىت دەپ قاراپ كەلگەن ۋە ئۇنى يەرشارى خاراكتېرلىك تېررورچى دەپ بېكىتىپ، ئۇنى تۇتۇشقا ياردەم بېرىدىغان ئۇچۇرلار ئۈچۈن 10 مىليون دوللار مۇكاپات ئېلان قىلغانىدى.
لېكىن، ھەيئەت تەھرىر ئەلشامنىڭ 2016-يىلى ئەلقائىدىدىن ئايرىلىشى بۇ قوراللىق گۇرۇپنىڭ كەلگۈسىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان. ئىسلام دۆلىتى (IS)\دائىش بىلەن شىددەتلىك جەڭلەرگە كىرگەن ۋە بۇ جەرياندا ئېغىر بەدەل تۆلىگەن. ئەنگىلىيە دۇرھام ئۇنۋىرسىتىتىدىن پروففىسور ۋىلىيام پلوۋرايت (William Plowright) نىڭ ئانالىز قىلىشىچە، سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىدلىبتىكى بازىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان ھەيئەت تەھرىر ئەلشام ئۆزىنىڭ ھاكىمىيتىنى قۇرۇپ چىقىش ۋە تېررورلۇقتىن يىراقلىشىش ئارقىلىق قانۇنلۇق ئورۇنغا ئېرىشىشكە تىرىشىپ كەلگەن. 2024-يىلى دېكابىردا بەششار ئەسەدنى ئاغدۇرۇپ، ئەسەد ئائىلىسىنىڭ 50 يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېين، شەرا «جولانى» دېگەن جىھادىچى ئىسمىنى تاشلاپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى ئىسمىنى ئىشلەتكەن. سۈرىيەدە ئەركىن بازار، سىغدۇرۇشچانلىق سىياسىي تۈزۈم ۋە كۆپ خىللاشقان جەمئىيەتنى تەشەببۇس قىلىپ، مۆتىدىل بىر ئوبراز يارىتىشقا تىرىشماقتا. ئەھماد شەرانىڭ ئۆزگىرىشى ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ئانالىزلاردا ئۇنىڭ ئامېرىكا ھەربىيلىرى بىلەن ۋاسكېتبول ئوينىشىمۇ ئۇنىڭ سىياسىي ۋەدىسى ۋە نىشانىنىڭ نامايەندىلىرىنىڭ بىرى دەپ قارالغان.
شەرانىڭ ئامېرىكىغا بولغان كۆز قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى
شەرانىڭ ئامېرىكىغا بولغان كۆز قارىشى ئىراقتىكى ئىشغالچى دۈشمەندىن، سۈرىيەدە ھاكىمىيتىنىڭ ھايات قېلىش ۋە سۈرىيەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھالقىلىق گىئوپولىتىكىلىق ئىتتىپاقداشقا قاراپ تەرەققىي قىلغان. ئۇنىڭ ھازىرقى كۆز قارىشى پۈتۈنلەي رىئالىست بولۇپ، نىشانىنى ئىچكى زىدىيەتلەرنى ۋە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان زدىيەتنى ھەل قىلغان ئاساستا يېڭى سۈرىيە دۆلىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشكە مەركەزلەشتۈرگەن. ئەھمەت شەرا «60 مىنۇت» پىروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەلقائىدە بىلەن بولغان ئۆتمۈشىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئەكسىچە «ئۆتمۈشنىڭ رايوننىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار»لىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئاران 17 ياكى 18 ياشتا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ كېيىنكى ھەرىكەتلىرىنىڭ – يەنى دائىشقا قارشى ئۇرۇش قىلىش، سۈرىيە خەلقىنى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇمىدىن ئازاد قىلىش، سەدنايا تۈرمىسىگە ئوخشاش دەھشەتلىك جايلاردىن مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش ۋە ئىران خەلق ئەسكەرلىرىنى تىزگىنلەشنىڭ – جازالىنىدىغان ئەمەس، بەلكى مۇكاپاتلىنىدىغان «ئالىيجاناب ھەرىكەتلەر» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەت، جۈملىدىن ئامېرىكىنىڭ دەسلەپتە ئۆزىگە خاتا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شەرا بۇ ھەقتە يەنە سىياسىي ئىلگىرىلەشنىڭ «ئۆتمۈشكە مەھبۇس بولۇپ قېلىش»نىڭ ئورنىغا، كەلگۈسىدىكى ئورتاق مەنپەئەتلەرگە مەركەزلىشىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
شەرا سۈرىيەنىڭ ئەمدى رايونلۇق كرىزىس ياكى مۇقىمسىزلىقنى ئېكسپورت قىلىدىغان مەيدان ئەمەس، بەلكى تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىزدەيدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك تەكىتلىمەكتە. ئۇ سۈرىيەنىڭ دۇنيا دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشنى ھەممە تەرەپنىڭ مەنپەئەتگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتى دەۋرىدە سۈرىيەنىڭ يېگانىلىنىشىدىن پۈتۈن دۇنيانىڭ زىيان تارتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ بىر نەچچە ھالقىلىق سەۋەبى بۇلۇپ، بۇلارنىڭ بىرى سۈرىيە ئىقتىسادنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىشتۇر. شەرا «قەيسەر قانۇنى» (the Caesar Act) نى مەڭگۈلۈك بىكار قىلىش ۋە خەلقئارالىق قايتا قۇرۇش مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ تەسىرىگە موھتاج. (بۇ مەبلەغنىڭ سوممىسى دۇنيا بانكىسىنىڭ مۆلچەرىچە 200 مىليارد دوللاردىن ئاشىدۇ.)
شەرا يەنە سۈرىيەنىڭ ئىسرائىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوشنا دۆلەتلەرگە تەھدىت سالىدىغان بازا بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ماسلاشقانلىقىدىن سىگنال بەردى. بۇ يېڭى پوزىتسىيە، يەنى ئىراننىڭ تەمىنات يوللىرىنى ئۈزۈش ۋە ھىزبۇللانى قوغلاپ چىقىرىش ئىسرائىلىيە ئۈچۈن قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە پايدىلىق بولدى. يەنە كېلىپ ئامېرىكا سۈرىيەنىڭ يېڭى قۇرۇلىشىدىكى پۈتۈن مەسىلىنىڭ تۈگۈنى بولۇپ، سۈرىيە يېڭى ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىچكى ۋە تاشقى بىخەتەرلىك مەسىلىسى بولغان كۈرتلەر ۋە ئىسرائىلىيەنى ئاخىرقى ھىسابتا ئامېرىكا تەرىپىدىن تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ كۆز قارىشىنىڭ دۈشمەندىن ئىتتىپاقداشقا ئۆزگىرىشى
ئامېرىكىنىڭ شەرا ۋە ھەيئەت تەھرىر ئەلشامغا قاراتقان سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىش ئامېرىكىنىڭمۇ رېئال سىياسىتىگە قاراپ كۈچلۈك بۇرۇلۇش قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. گەرچە ھەيئەت تەھرىر ئەلشام 2018-يىلى ئامېرىكا تەرىپىدىن رەسمىي تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، بۇ پوزىتسىيە نەچچە يىل بۇرۇنلا يۇمشاشقا باشلىغانىدى. 2015-يىلىلا، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى داۋىد پېترائۇس ئامېرىكىنىڭ دائىشقا قارشى كۈرەشتە ھەيئەت تەھرىر ئەلشامنىڭ ئىلگىرىكى گەۋدىسى بولغان نۇسرەت فرونتىنىڭ بەزى ئېلېمېنتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئويلىشىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2025- يىلغا كەلگەندە، ۋاشىنگتوننىڭ ھېسابى پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. ئانالىزچى ئالېكىس روسسى (Alex Rossi) نىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ھازىر شەرانى سۈرىيەنى بىر پۈتۈن ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنىڭ قايتىدىن ئىچكى ئۇرۇشقا پېتىپ قېلىشىنى توستىدىغان ئەڭ چوڭ كۈچ ۋە پۇرسەتكە ئىگە دەپ قارىماقتا. مەنبەلەر ئامېرىكىنىڭ شەرانى قۇچاقلاش ئارقىلىق، ئۇنىڭ «ئۆتمۈشىدىن قۇتۇلۇپ، ھەممە ئۈچۈن بىر رەھبەر بولۇپ چىقىپ، دۆلەتنى بىرلەشتۈرىدىغانلىقى»غا «تەۋەككۈل قىلىۋاتقانلىقى\ قىمار ئويناۋاتقان»نى كۆرسەتمەكتە. كۇيىنسى ئىنستىتۇتى (Quincy Institute) ئوتتۇرا شەرق پروگراممىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئادام ۋېينستېيىن (Adam Weinstein) شەرانىڭ شەخسىي تارىخىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ نورماللىشىش جەريانىنى «مەن كۆرۈپ باققان ئەڭ تېز… جەريان» دەپ ئاتىغان.
ترامپ ئامېرىكانىڭ بۇ سىياسىي بۇرۇلۇشنىڭ مەركىزىدە ئىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ترامپ 2025-يىلى مايدا سەئۇدى ئەرەبىستانىدا سۈرىيە رەھبىرى بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە ئۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ، ئۇنى «قەيسەر» ۋە «كېلىشكەن» دەپ تەسۋىرلىگەن. ترامپ ئۇنى «ناھايىتى كۈچلۈك رەھبەر» ۋە «ئىنتايىن جاپالىق يەردىن كەلگەن قەيسەر ئادەم» دەپ ئاتىدى. ترامپ شەرانىڭ ئەسەبىي ئۆتمۈشىنى «ھەممىمىزنىڭ بېشىدىن قىيىن كۈنلەر ئۆتكەن» دەپ ئاقلاپ، «ئەگەر سىزنىڭ قىيىن ئۆتمۈشىڭىز بولمىسا، سىزنىڭ پۇرسىتىڭىز بولمايتتى دەپ ئويلايمەن» دېگەن.
ئامېرىكانىڭ شەرا ۋە ھەيئەت تەھىرىر ئەلشامغا، تېخىمۇ توغرىسى يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە بولغان كۆز قاراش جەھەتتىكى ئۆزگىرىشى تېزلىكتە تۈزۈملەشتۈرۈلدى:
ئېمبارگودىن ۋاز كېچىش: ترامپ 2025-يىلى مايدا «يېڭىدىن قۇرۇلغان سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ‹بىر پۇرسەت بېرىش› ئۈچۈن» ئەسەد دەۋرىدىكى كۆپ قىسىم ئېمبارگولاردىن ۋاز كەچتى.
تىزىملىكتىن چىقىرىش: ئاقساراي ئۇچرىشىشىدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى شەرئانى «ئالاھىدە بېكىتىلگەن دۇنياۋى تېررورچىلار تىزىملىكى»دىن چىقاردى.
ب د ت ئېمبارگوسى: ۋاشىنگتوننىڭ تۈرتكىسىدە، ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشى شەرا ۋە ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەنەس خاتتابقا (ئۇمۇ سابىق ئەلقائىدە ئەزاسى ئىدى) قويۇلغان تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك ئېمبارگولارنى بىكار قىلدى.
ئامېرىكا بىلەن ھەيئەت تەھرىر ئەلشام / يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق
گەرچە ھەيئەت تەھرىرئەلشام ئەسەدكە قارشى كۈرەشتە دائىش بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىتتىپاقلاشقان بولسىمۇ، ئۇلار ئايرىلغاندىن بۇيان ئىزچىل ئىسلام دۆلىتىگە\دائىشقا قارشى ئۇرۇش قىلىپ كەلدى. ۋاشىنگتون يېقىن شەرق سىياسىتى تەتقىقات ئورنىدىكى ئېرىن زىلىن (Aaron Zelin) ، شەرانىڭ «ئۇزۇن يىللار دائىشقا قارشى ئۇرۇش قىلغانلىقى» نى ۋە «ئۇلارنى ئاساسەن يوقىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى»نى ئېيتقان.
يېقىنقى ئايلاردا، بۇ ھەمكارلىق كۈچەيگەن. رۇيتىرسىنىڭ خەۋەرىگە قارىغاندا، شەرانىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرى دائىشنىڭ بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان، بەزىدە بۇ ھەرىكەتلەر ئامېرىكىنىڭ قوللىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. بۇ مۇناسىۋەت 2025-يىلى 10-نويابىر سۈرىيەنىڭ دائىشنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان 89 دۆلەتلىك يەرشارىۋى ئىتتىپاققا 90-ئەزا بولۇپ قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا رەسمىيلەشكەن. رۇيتىرسىتىكى بۇ ھەقتىكى خەۋەردە، بۇ قەدەم شەرانىڭ ۋاشىنگتون بىلەن بولغان شېرىكلىكىنى مۇستەھكەملەپ، رادىكال تېرور تەشكىلاتلىرىغا قارشى تۇرۇش سالاھىيىتىنى كۈچەيتكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىن باشقا، ھەمكارلىق ئورتاق گىئو پولىتىكىلىق مەقسەدلەرگە، بولۇپمۇ ئىراننىڭ تەسىرىگە قارشى تۇرۇشقا كېڭەيدى. شەرا ھۆكۈمىتى ئىراننىڭ ھىزبۇللاغا ئوخشاش رايونلۇق ۋاكالەتچىلىرىگە تۇتىشىدىغان تەمىنات يولىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۈزۈپ تاشلىدى، بۇ ھەرىكەتلەر ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.
يېقىنقى ئايلاردا ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى سۈرىيە بىلەن دائىش مەسىلىسىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكىنىڭ تەسىرىنى ئاشۇرۇش ۋە روسىيە بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن سۈرىيە پايتەختىدە ھاۋا ئارمىيە بازىسى قۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق سۈرىيەدىكى مەۋجۇتلۇقىنى كېڭەيتىشنى ئويلاشقانلىقى خەۋەر قىلىندى. سۈرىيەلىك ئانالىزچى مالىك ئەل-ئابد بۇ ماسلىشىشنى «ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق» دەپ سۈپەتلەپ، شەرانىڭ بىر چوڭ دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بولسا «دەمەشق ئۈستىدىن ھەل قىلغۇچ تەسىرگە ئىگە بولىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.
2025-يىلى 10-نويابىردىكى ترامپ-شەرا ئۇچرىشىشى
ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشنىڭ ئۆزىلا ۋاشىنگتوننىڭ يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى ھەققىدىكى غايەت زور بۇرۇلۇشىنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك نامايەندىسى بولدى. ئامېرىكا بۇ قېتىم ئەھمەد شەرانى غەلىتە قارشى ئالغان. شەرا ئاق سارايدىكى نۇرمال مۇراسىم يولى بىلەن كىرمەي، ئۇنىڭ ئورنىغا كۆزگە چېلىقمايدىغان غەربىي ئىجرائىيە كوچىسى كىرىش ئېغىزى بىلەن كىرگەن. ئوۋال ئىشخانىسىدىكى (Oval Office) ئۇچرىشىش ئىككى سائەتكە يېقىن مەخپىي ئېلىپ بېرىلغان. يىغىنغا ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى J.D. Vance، دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ماركو روبىيو (Marco Rubio) ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خېگسز (Pete Hegseth) ۋە بىرلەشمە شىتاب باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى (Joint Chiefs of Staff) دەن كئېن (Dan Caine) قاتارلىق ترامپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتناشقان. تېخى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكانىڭ تېرور تىزىملىكىدىكى شەرا، ئەمدى بىر دۆلەتنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىلى ۋە ئامېرىكانىڭ ئەزىز مىھمىنى شەكىلدە كۈتىۋېلىنغان. بۇ ئەھمەد شەرانىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن رەسمىي ئىتراپ قىلىنغانلىقى شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ يېڭى شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشىدىكى ئاساسلىق نەتىجىلەر ۋە مۇزاكىرىلەر:
دائىشقا قارشى ئىتتىپاق: سۈرىيە ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى دائىشنى مەغلۇب قىلىش يەرشارى ئىتتىپاقىغا رەسمىي قوشۇلدى.
ئېمبارگودىن يېنىكلىتىش: ترامپ ھۆكۈمىتى قەيسەر قانۇنى ئېمبارگوسىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ توختىتىلىش ۋاقتىنى 180 كۈنگە ئۇزارتقان. مالىيە مىنىستىرلىكى بۇ توختىتىشنىڭ «سۈرىيەنىڭ ئىقتىسادىنى قايتا قۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەن.
دىپلوماتىك مۇناسىۋەت: ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن سۈرىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىنى قايتا ئېچىشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن.
ئىسرائىلىيە ۋە رايون بىخەتەرلىكى: سۆھبەت دائىش، ئىسرائىلىيە ۋە كۇردلار يېتەكچىلىكىدىكى قوراللىق كۈچلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشكەن. ترامپ ئۆزىنىڭ «ئىسرائىلىيە بىلەنمۇ سۈرىيە بىلەن كېلىشىش ھەققىدە ھەيدەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئەلچىسى توم باراك (Tom Barrack) چەكلىك بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئۈچۈن ۋاسىتىچىلىك قىلىشقا تېرىشىپ كەلمەكتە. شەرا سۆھبەت جەريانىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ئەسەد يىقىلغاندىن كېيىن ئىشغال قىلغان بارلىق زېمىنلاردىن چېكىنىشى كېرەكلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىككەيلەن غەيرىي رەسمىي بىر پەيتتە پاراڭلاشقاندا ترامپ شەرادىن «قانچە خوتۇنۇڭ بار؟» دەپ سورىغان . ترامپ يەنە سۈرىيە خەلقىنى ماختاپ، ئۇلارنىڭ تارىختا «دوختۇرلار، ئادۋوكاتلار، … ئۇلۇغ زىيالىيلار» نى يېتىشتۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتكەن.
شەرا يەنە ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئاكتىپ ئالاقە قىلغان. يەكشەنبە كۈنى، ئۇ ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە ئېمبارگونى بىكار قىلىشقا قارشى تۇرۇۋاتقان مۇھىم شەخس، جۇمھۇرىيەتچى پارلامېنت ئەزاسى ماست (Brian Mast) بىلەن كۆرۈشتى. ئافغانىستاندا ئىككى پۇتىدىن ئايرىلغان سابىق ئەسكەر ماست ، شەرانىڭ «ئۆتمۈشتىن قۇتۇلۇپ، ئۆز خەلقى ۋە دۆلىتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە بولۇش ۋە ئامېرىكىنىڭ ئۇلۇغ بىر ئىتتىپاقدىشى بولۇش» ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى ئېيتقان.
پراگماتىزىمنىڭ غەلىبىسى
ئامېرىكا بىلەن سابىق جىھادچى گۇرۇپپا ھەيئەت تەھرىر ئەلشام / يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاق، جانىجان دۆلەت مەنپەئەتلىرىنىڭ بىرلىشىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئىدېئولوگىيەلىك پەرق ۋە شەرانىڭ ئۆتمۈشىدىن ھالقىپ كەتكەن. ئىككى تەرەپنى مۇناسىۋەتنى نۇرماللاشتۇرۇش ۋە ئىتتىپاقلىشىشقا ئېلىپ بارغان ئامىللار بولسا ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئىھتىياجلىرى.
ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك زۆرۈرىيەتلىرى: ئاتلانتىك كېڭىشىنىڭ تەتقىقاتچىسى (Thomas Warrick) نىڭ ئېيتىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيەگە قاراتقان ئالدىنقى ئورۇندىكى نىشانلىرى ئۈچ تۈرلۈك : دائىشقا ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقى؛ ئىراننىڭ تەسىرىنى ئازايتىش؛ ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش. شەرانىڭ رەھبەرلىكى بۇ نىشانلارغا يېتىشنىڭ مەغلۇپ بولغان ئەسەد ھاكىمىيىتى قىلالمايدىغان تېز بىر يولىنى تەمىنلىگەن. شەرانى قوللاش ئارقىلىق، ئامېرىكا ئەمەلىيەتتە ئىراننىڭ ئەڭ كۈچلۈك رايونلۇق ئىتتىپاقدىشىنى يۈز ئۆرۈشكە قايىل قىلماقچى.
سۈرىيەنىڭ گىئو-پولىتىكىلىق ئېھتىياجى: شەرا ئۈچۈن، ۋاشىنگتوننىڭ قۇچاق ئېچىشى تىز، ھالقىلىق خەلقئارالىق قانۇنلۇق ئورۇنى بەردى. مانا بۇ بۇ قانۇنلۇق ئورۇن، يەنى دۇنياۋى ئىتىراپ قىلىنىش سۈرىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئەسلىگە كېلىش ، ئىچكى مۇقىملىق ۋە تاشقى بىخەتەرلىك ئۈچۈن زۆرۈر. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىش ئۇنىڭ مۆتىدىل بۇرۇلۇشىنى رەت قىلىدىغان ئىچكى جىھادچى رەقىبلىرىگە قارشى «كۈچلۈك بىر تەھدىت ۋاسىتىسى» بىلەن تەمىنلەيدۇ. دائىشقا قارشى ئىتتىپاققا قوشۇلۇش ئارقىلىق، شەرا رەقىبلىرىنى ئەگەر يېڭى دۆلەت بىلەن بىر سەپتە تۇرمىسا، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرالايدۇ.
لېكىن، يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك بۇرۇلۇش ئىچكى ۋە تاشقى خىرىسلار بىلەن تولغان.ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغان تەشۋىقات گۇرۇپپىسى، يەھۇدىي دۆلەت بىخەتەرلىكى تەتقىقات ئورنى (JINSA) قاتارلىق تەنقىدچىلەر ئاقساراينى شەراغا ئىشەنمەسلىككە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ دۇنياۋى جىھادىدىكى چوڭقۇر يىلتىزىنى تىلغا ئېلىپ، پارلامېنتنى «قەيسەر قانۇنىنى مەڭگۈلۈك بىكار قىلىشقا مەسىلىسىدە ئالدىرىماسلىققا دەۋەت قىلغان. دۇرھام ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا بىخەتەرلىك فاكۇلتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى ۋىلىيام پلوۋرايتمۇ بۇ ھەقتە ، ھەيئەت تەھرىر ئەلشامنىڭ پەقەت «ئۆزىنى مۆتىدىل قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن» لىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دۆلەت ئىچىدە، شەرانىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەزھەپ توقۇنۇشلىرى بىلەن ئېغىر سىناققا دۇچ كەلمەكتە. ھۆكۈمەت قوللىغان كۈچلەر بىلەن ئالەۋىي ۋە دۇرزىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پات-پات داۋام قىلىپ كەلمەكتە. شەرا بۇ قالايىقانچىلىقلارنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە ۋەدە بېرىپ، بارلىق پۇقرالارنى باراۋەر قوغدايدىغان قانۇن دۆلىتى قۇرۇشنى تەكىتلەپ، بۇ توقۇنۇشلارنىڭ ئەسەد ئائىلىسىنىڭ 60 يىللىق بۆلگۈنچىلىك ھۆكۈمرانلىقىدىن قالغان «جەمئىيەت قالايمىقانچىلىقلىرى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
كۈرد مەسىلىسى
ئامېرىكىنىڭ دەمەشق بىلەن ھەمكارلىشىشى شەرقىي شىمالدىكى كۇردلار يېتەكچىلىكىدىكى سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى (SDF) گە زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇلار تارىختا ۋاشىنگتوننىڭ دائىشقا قارشى تۇرۇشتىكى ئاساسلىق ئىتتىپاقدىشى بولۇپ كەلگەن. ئۇلار ھەر خىل سەۋەب ۋە مۇددىئالار بىلەن شەرا ھۆكۈمىتىگە گۇمان بىلەن قارايدۇ ۋە بىرلىشىشىنى كەينىگە سۈرۈپ كەلمەكتە. شەرانىڭ دۆلەتنى بىرلەشتۈرۈش پىلانى كۈرتلەرنىڭ فېدېراتسىيەلىك، مەركەزسىزلەشتۈرۈش ئارزۇسى بىلەن بىۋاسىتە توقۇنۇشىدۇ.
شەرا كۈرتلەرنى «سۈرىيەنىڭ ھەقىقىي بىر قىسمى» دەپ ئېتىراپ قىلىپ، شۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇلار بىلەن چەكلىك كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى، كۇردلارنىڭ ھوقۇقىنىڭ ئاساسىي قانۇندا كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما ئاخىرقى نىشاننىڭ كۈرت قوراللىق كۈچلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىگە كىرىشى ۋە مۇقىمسىزلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بارلىق قوراللارنىڭ دۆلەت كونتروللۇقىدا بولۇشى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئامېرىكا سۈرىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغاندەك قىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئامېرىكا كۈردلەرنى تاشلاپ قويامدۇ، ياكى سۈرىيەگە بېسىم قىلىپ ئاپتونۇمىيە ئېلىپ بېرەمدۇ؟ بۇنىڭغا بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ.
ئىسرائىلىيە بېسىمى
تاشقى جەھەتتە، ئىسرائىلىيە يەنىلا مۇرەككەپ بىر ئامىل. ئەسەد يىقىلغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى، جۈملىدىن پرېزىدېنت سارىيى رايونىنى ئىككى قېتىم بومباردىمان قىلدى. شەرا گەرچە سۈرىيە ئىنقىلابى ئىران خەلق ئەسكەرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش ئارقىلىق ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە پايدا ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ «ئالدىنقى ھاكىمىيەتنىڭ يىقىلىشىدىن قايغۇرغاندەك» قىلىپ، ھەربىي تاجاۋۇزىنى داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقىنى سۆزلىدى . ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ پرېزىدېنت سارىيىنى بومباردىمان قىلىش قاتارلىق تاجاۋۇزچىلىق تاكتىكىلىرىنىڭ «ئۇرۇش ئېلان قىلىش» قا باراۋەر ئىكەنلىكىنى ۋە تىنچلىقنى كاپالەتلەندۈرۈشكە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. باش مىنىستىر نېتانياھۇ بومباردىماننىڭ دۇرۇز ئاز سانلىقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، شەرا بۇنى سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئىشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «كېڭەيمىچىلىك ئارزۇسى»نىڭ بەلگىسى دەپ رەت قىلدى. بۇ جىددىيلىكلەرگە قارىماي، ئامېرىكا ۋاسىتىچىلىكىدىكى بىخەتەرلىك كېلىشىمى سۆھبىتى داۋاملىشىپ، نورماللىشىش يوللىرى ئىزدەنمەكتە.
خۇلاسە
ترامپ بىلەن شەرانىڭ ئۇچرىشىشى دۆلەت مەنپەتىگە مۇناسىۋەتلىك زۆرۈرىيەتتىن تۇغۇلغان پراگماتىست ھىساب-كىتابنىڭ يارقىن نامايەندىسدۇر ۋە زامانىۋى خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ماھىيتىنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. بىر زامانلاردىكى جىھاتچى كاتتىۋاش دىمكراتىيە ۋە سىغدۇرۇشچان دۆلەت سىستىمىسى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلغان زامانىۋى دۆلەت رەھبىرىگە ئايلاندى؛ ئامېرىكا بولسا بىر زامانلاردىكى ھەيئەت تەھىرر ئەلشامنى خەتەرلىك تېرور تەشكىلاتى دەپ قاراشتىن، ئۇنىڭ ھاكىميتىنىڭ دۇنيادا رەسمىي تۈردە قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ئاۋانگارتلىق رول ئويناشقا ئۆزگەردى . ئەھمەد شەرا ئۈچۈن، بۇ ئۇچرىشىش سىياسىي غەلىبە بولۇپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، قايتا قۇرۇش مەبلىغىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە جاھىل رەقىبلىرىنى يەرشارى ئىتتىپاقىنىڭ كۈچى بىلەن تەھدىت سېلىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مۇھىم خەلقئارالىق قوللاش بىلەن تەمىنلىدى.
بۇ مۇناسىۋەت زامانىۋى تاشقى سىياسەتتىكى ئۆزگىرىشچانلىق ۋە رېئاللىق سىياسەتنىڭ قايسى دەرىجىدە مۇمكىن ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ، دۆلەتلەر ئارىسدىكى ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىشنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك قارشىلىق ۋە تېررورچى دېگەندەك ھەر خىل ناملارغا ساھىب بولۇش ۋە شۇنداق دەپ بېكىتىشتىن ئۈستۈن تۇرالايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. شەرامۇ ئۆتمۈشتىكى دۇنيا سىستىمىسى قوبۇل قىلمايدىغان رادىكال ئىدىيەدىن خەلقئارا جەمىيەت قوبۇل قىلغان نۇرمال زامانىۋى دۆلەت ئىددىيسىگە ئۆتەلەيدىغان رەھبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تېرىشماقتا ۋە ئۇنىڭ بۇ ئۆزگىرىشى دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتىدىن پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشىغا تۈرتكە بولماقتا. چۈنكى باندىت بىلەن دۆلەت رەھبىرى ئوتتۇرسىدىكى پەرق كۆرەشتە غەلبە قىلىش ۋە دۇنياۋى دىپلوماتىيە قائىدىسى ۋە سىستىمىسغا بويسۇنۇشتا. باندىت دۆلەت قۇرغاندىن كىين يەنە باندىتلىق مەنتىقىسى بىلەن ھەركەت قىلسا يەنىلا باندىت پېتى قېلىۋىرىدۇ ۋە ئومۇملاشقان سىستېما تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلىدۇ ۋە ئەڭ ئاخىرىدا يوق قىلىنىدۇ. ھەيئەت تەھرىر ئەلشامنىڭ تارىخى مانا بۇ باندىت ۋە دۆلەت رەھبىرى مۇناسىۋىتىدۇر. بۇ خۇددى دۇنيا پۇتبۇل مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن دۇنيا پۇتبۇل فىدراتسىيسى بېكىتكەن قائىدە-نىزاملارغا بۇيسۇنۇشى شەرت ئىكەنلىكى بىلەن ئوخشايدۇ.
يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئىلاستىكىلىقى، سىغۇدۇرۇشچانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويالىشى بۇلارنىڭ دۆلەت قۇرۇشتا، بولۇپمۇ تاشقى سىياسەتتە نۇرمالدىن تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يەنە بىر تەرەپتىن يالغۇز سۈرىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭلا ئەمەس، تۈركىيە، سەئۇدى ئەربىستان قاتارلىق رايۇنلۇق چوڭ كۈچلەرنىڭ شۇنداقلا ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكادىن ئىبارەت خەلقئارالىق چوڭ كۈچلەرنىڭ ئورتاق مەنپەتلىرىنىڭ كېسىشىشى شۇنداقلا بىرلىكتە ھەركەت قىلىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. شۇنداقتىمۇ سۈرىيەنىڭ ئىچكى ۋەزىيتى يەنىلا ناھايىتى زىل، تاشقى جەھەتتىن ئىسرائىلىيە مەسىلىسى زور بىخەتەرلىك ئەندىشىسى پەيدا قىلماقتا. بۇنۇقتىدىن سۈرىيەنىڭ كەلگۈسى، شۇنداقلا يېڭى ئامېرىكا-سۈرىيە مۇناسىۋىتى، شەرانىڭ ئىچكى كىرزىسزلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلالىشى ۋە ئامېرىكىدىكى گۇمانلانغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ جىھادچى قومانداندىن دۆلەت ئەربابىغا ئايلىنىشىنىڭ ھەقىقىي ۋە ئۆزگەرمەس ئىكەنلىكىگە قايىل قىلالىشىغا باغلىق. ئوتتۇرا شەرق رايۇنىدا بولسا تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن دۆلەت مەنپەتلىرى مەسىلىسدە ھەممە تەرەپ قوبۇل قىلىدىغان كېلىشىم ھاسىل قىلالىشىغا باغلىق.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
- Al Jazeera Staff and News Agencies. (2025, November 10). Trump hosts Syria’s al-Sharaa at White House as US extends sanctions relief. Al Jazeera.
- Debusmann, B., Jr., & Berg, R. (2025, November 10). Syria to join US-led coalition to defeat IS group after Trump meeting. BBC News.
- Echols, C. (2025, November 10). Trump brings out the big guns for Syrian leader’s historic visit. Responsible Statecraft.
- Hume, T., Pietromarchi, V., & Uras, U. (2025, November 10). Updates: US waives sanctions on Syria after al-Sharaa meets with Trump. Al Jazeera.
- Jalabi, R., & Hauslohner, A. (2025, November 10). Syria’s President Ahmed al-Sharaa visits White House for historic Trump meeting. (Source Document).
- The Economist. (2025, November 11). Syria’s ex-jihadist president, now Donald Trump’s new bestie. The Economist.
- Petronella, F. (2025, November 11). Syria, a (former) jihadist in Washington: What to know about the Trump–Al-Sharaa meeting. ISPI.
- Plowright, W. (2025, November 12). How former jihadist Ahmed al-Sharaa ended up being welcomed to the White House. The Conversation.
- Rossi, A. (2025, November 12). From US enemy to ally? Why ex-jihadist Syrian president’s meeting with Trump is a big deal. Sky News.
- 60 Minutes. (n.d.). Syrian President Ahmed al-Sharaa’s full 60 Minutes interview in Arabic. YouTube.
- Brennan, M. (n.d.). Syrian President Ahmed al-Sharaa: The 60 Minutes interview . 60 Minutes.
- New York Post. (n.d.). Trump praises ‘strong’ Syrian president in historic Oval Office meeting. YouTube.
- The Economic Times. (n.d.). ‘How many wives…’: Trump asks Syrian Prez Al-Sharaa point-blank in White House; video goes viral . YouTube.
- Times Originals. (n.d.). Searching for Syria’s most mysterious leader . YouTube.
