ئەنگىلىيەدىكى ئىقتىسادشۇناس (The Economist) ژۇرنىلىنى ھەر يىلى 11- ياكى 12- ئايلاردا دۇنيانىڭ كىينكى يىلىدىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئانالىز ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئانالىزلارنى پەرەز دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئەمما بۇ پەرەزلەر دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر، بۇ ھەقتە يېزىلغان ئىلىمي ماقالە، دوكلات، ئىستاستىكا ۋە خەۋەرلەرگە تايانغان بولۇپ «پەقەتلا پەرەز قىلىش» تىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن بولۇپ كۈچلۈك دەلىل ۋە ئۇچۇر ئاساسىغا ئېگە. ئوتتۇرىغا قويغان ئىلمىي پەرەزلەرنىڭ كۆپ قىسىمى چوڭ جەھەتتىن توغرا چىقىپ كېلۋاتىدۇ. مەن شەخسەن 2016-يىلىدىن بېرى ژۇرنالنىڭ بۇ ساننى ئوقۇپ كېلىۋاتقان بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ژۇرنالنىڭ بەزى مۇھىم قىسملىرىنى ئۇيغۇرلار بىلەن ئورتاقلىشىش دۇنيا ۋەزىيتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن پايدىلىق بولىدۇ، دەپ قارايمەن. ئەلۋەتتە ھەر قېتىملىق ئانالىزىلارنىڭ بەزىلىرى خاتامۇ چىقىدۇ ياكى قىسمەن توغرا چىقىدۇ. چۈنكى كەلگۈسى ھەققىدە ھىچكىم 100% توغرا ئانالىز ئېلىپ بارالمايدۇ. ئەمما ئىقتىسادشۇناس ژۇرنلىنىڭ بۇ سانى دۇنيانىڭ كەلگۈسى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ ئەڭ يېقىن سىياسىي كارتىنىسى سىزىپ بېرىدۇ. شۇڭا كىينكى بىر قانچە يازمىدا ژۇرنالنىڭ بۇ قېتىم يېڭى چىققان ئانالىزلىرى ئارسىدىن مۇھىم بولغانلىرىنى تاللاپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىقىتىگە سۇنىمىز.
«ئىقتىسادشۇناس» 1843-يىلى جېيمىس ۋىلسون (James Wilson) تەرىپىدىن قۇرۇلغان، باش شىتابى لوندونغا جايلاشقان نوپۇزلۇق ئەنگىلىيە ھەپتىلىك ژۇرنىلىدۇر. بۇ ژۇرنال ئاساسلىقى خەۋەر، خەلقئارا سىياسەت، سودا ۋە پەن-تېخنىكا ساھەلىرى ھەققىدىكى ئانالىزلىرى بىلەن دۇنياغا مەشھۇردۇر. مەزمۇنلىرى «خەۋەر قىلىش» (reporting) تىن بەكرەك ، سانلىق مەلۇماتقا تايانغان چوڭقۇر تەھلىل ۋە مۇلاھىزىلەرنى ئاساس قىلىدۇ. ژۇرنال باسما شەكىلدە ھەپتىلىك دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا تارقىتىلغاندىن سىرىت، رەقەملىك يەنى ئېلىكترونلۇق مۇشتەرى بولۇش ئىمكانىيتىمۇ سۇنىدۇ.
ژۇرنالنىڭ ھەر قېتىملىق «كەلگۈسىدىكى دۇنيا» (The World Ahead) ھەققىدىكى سانى نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلغان بولۇپ نۇرغۇن دۆلەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۆتۈكەن سىياسەت تەتقىقات مەركىزى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىقىتىگە سۇنۇپ بولالمايمىز. لېكىن مۇھىم بولغانلىرىنى تاللاپ سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز. ھەممىنى ئوقۇماقچى بولغانلار بۇ ژۇرنالنىڭ تور بېتىگە كېرىپ سېتىۋېلىپ ئوقۇسا بولىدۇ، ياكى سىز تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە ژۇرنال باسما ھەلەتتە سېتىلىدۇ. بۇ يازمىدا 2026- يىلىدىكى خىتاينىڭ ۋەزىيتى ھەققىدىكى ئانالىزلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىلىدۇ. يازمىدىكى مەزمۇنلار مەزكۇر ژۇرنالنىڭ «2026- يىلىدىكى دۇنيا» (The World Ahead 2026) نامالىق سانىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ئېلىندى.
2026-يىلى باشلانغاندا، ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ «بىكىنىۋېلىش» (Isolationism) ، يەنى دۇنيا بىلەن كارى بولماسلىق، سىياسىتىنىڭ قالايمىقانلاشتۇرغۇچى تەسىرى سەۋەبىدىن، خىتاي خەلقئارا سەھنىدە ئىنتايىن ئەۋزەل، ئەمما بىر قەدەر خەتەرلىك ئورۇنغا ئېگە بولىدۇ. 2025-يىلى خىتاي ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر يىل بولدى؛ ئىقتىساد ئېشىشنى ساقلاپ قالدى ۋە تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش تەشەببۇسلىرى جانلاندى. ئەمدىلىكتە شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى رەھبەرلىك قاتلىمى ھالقىلىق بىر تاللاشقا دۇچ كەلدى. خىتاي ھازىرغا قەدەر ترامپ دەۋرىگە ئۇستىلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادىنى قوغداپ، سودا بېسىملىرىغا ئۈنۈملۈك قايتۇرما زەربە بېرىپ كەلگەن بولسىمۇ، 2026-يىلى گېئو-پولىتىكىلىق ۋەزىيەتتە مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈشتەك كۈچلۈك بىر تەمەگە (قىزىقتۇرۇشقا) دۇچ كەلمەكتە. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك يۆنىلىشى 2026-يىلى مارتتا ئېلان قىلىنىدىغان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ 2030-يىلغىچە بولغان سىياسەتلىرىنى بەلگىلەيدىغان «15-بەش يىللىق پىلان» دا رەسمىي بېكىتىلىدۇ.
2026- يىلى خىتاي، ئامېرىكا قالدۇرۇپ كەتكەن بوشلۇقتىن پايدىلىنىش ئۈچۈن بىر قاتار تاكتىكىلارنى قوللىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە تېخنىكىلىق ئۈستۈنلۈكنى قوغلىشىشى ھەمدە خىتاينىڭ ئىچكى ئىقتىسادىي ئاجىزلىقلىرى بىلەن رايون ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش جەريانى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. 2026-يىلدا خىتاي ئاز ئۇچرايدىغان مىنىراللار (rare-earth minerals) ۋە مەڭگۈلۈك ماگنىت (Permanent magnet) ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئۈستۈنلۈكىنى ئىشلىتىپ رەقىبلىرىگە بېسىم قىلىش ئارقىلىق يەرشارىۋى كۈچنىڭ چوققىسىغا چىقىپ ئامېرىكانىڭ دۇنياۋى لىدىرلىق ئورنىغا جەڭ ئىلان قىلىدىغان دۆلەت كىملىكىنى تېخىمۇ رۇشەن شەكىللەندۈرىدۇ.
ترامپ باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ «تۇراقسىز ۋە قالايمىقان» تەبىئىتىگە سېلىشتۇرغاندا، خىتاي ئۆزىنى مۇقىم تەرەققىياتقا ۋەدە بەرگۈچى، ئىشەنچلىك كۈچ سۈپىتىدە دۇنياغا تونۇشتۇرىدۇ. خىتاي رەھبەرلىرى ترامپنىڭ ئىككىنچى قېتىم پرېزىدېنت بولۇشىدىن كەلگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، يەرشارىۋى «بايان ئۇرۇشى» (Narrative War) دا ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن «ئۇستىلىق ئويۇنى» ئوينىماقتا. خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەسى ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى بېسىپ «دۇنيا ساقچىسى» بولۇش ياكى بارلىق بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش ئەمەس؛ بەلكى ئۆزىنى ئىشەنچلىك ئىقتىسادىي شېرىك سۈپىتىدە كۆرسىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە غەربنىڭ «خەلقئارا قائىدە ئاساسىدىكى تەرتىپ»نى قوغداش نامىدا يۈرگۈزۈۋاتقان جازا، ھەربىي ئارىلىشىش ۋە مۇداپىئە خاراكتىرلىك ئىتتىپاقداشلىقىنى ئەيىبلەش ۋە ئورنىغا ئۆزىنىڭكىنى دەسسىتىشكە ئۇرۇنۇش ياكى بۇنىڭغا ئۇل سېلىشتۇر. خىتاينىڭ قارىشىچە، غەربنىڭ بۇ تەرتىپى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ لىبېرال قىممەت قارىشىنى يوشۇرۇشتىكى بىر ۋاسىتىسى.
خىتاي ئۇزۇن يىللىق ۋە باشقا مەدەنىيەتلەرگە ئوخشىمايدىغان مەدەنىيتىنى دۇنياۋى يۇمشاق كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ بىر ۋاستىسى بولالايدۇ، دەپ قاراپ كەلمەكتە. ئامېرىكىنىڭ چوڭلار كارتون فىلىمی «جەنۇبىي باغچە» (South Park) نىڭ 2025-يىلى سېنتەبىردىكى بىر بۆلۈمىدە خىتايدا لايىھەنگەن ، چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈۋالغان قونچاق «لابۇبۇ» پەيدا بولغان بولۇپ بۇ خىتاي مودا مەدەنىيىتى ئۈچۈن بىر غەلىبە دەپ قارالماقتا. چۈنكى بۇ، خىتاي ئىجادىيىتىنىڭ غەربنىڭ ئاساسىي ئېقىم ئېڭىغا قانچىلىك دەرىجىدە سىڭىپ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتايغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ دۇنياۋى دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىش ئىقتىدارى — يەنى «يۇمشاق كۈچى» — ئۇنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە ماس كەلمەيدىغان دەرىجىدە ئاجىز بولۇپ كەلدى. خىتاي رەھبەرلىرى 5000 يىلدىن ئارتۇق تارىخىي مىراسلىرى بىلەن ماختىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئامېرىكىلىقلار ۋە ياۋروپالىقلار يىپەك ۋە چايدىن باشقا، خىتاينىڭ بىرەر تېلېۋىزىيە تىياتىرى، كىنو ياكى ناخشا چولپىنىنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ.
بىراق، بۇ ئەھۋال ھازىر ئۆزگىرىشكە باشلىدى. خىتاينىڭ تولۇق قوللىشى ئاستىدا، خىتاينىڭ ئىجادىي بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە بىر ئىنقىلاب يۈز بەرمەكتە. بارغانسېرى كۆپلىگەن ماركىلار غەرب بازارلىرىغا كىرمەكتە. تېخىمۇ كۆپ خىتاي مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشمەكتە. لابۇبۇ پەقەت بۇنىڭ بىر مىسالى خالاس. ئۇنى ئىشلەپچىقارغان «Pop Mart» شىركىتىنىڭ پاي باھاسى ئۆتكەن بىر يىلدا %400 ئۆرلىگەن. باشقا نۇرغۇن ماركىلارمۇ يول ئاچماقتا. خىتاينىڭ سوغۇق ئىچىملىك ۋە ماروژنى زەنجىرسىمان دۇكىنى «مىشۆ» (Mixue) شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا دۇكانلىرىنى ئاچقاندىن كېيىن، ھازىر ئامېرىكىدا دۇكان ئېچىشنى باشلىدى. سۈت چاي ماركىسى «چاكى» (Chagee) مۇ شۇنداق قىلماقتا.
2024-يىلى «قارا ئەپسانە: ۋۇكۇڭ» (Black Myth: Wukong) ناملىق تور ئويۇنى پۈتۈن دۇنيادا غۇلغۇلا قوزغاپ، تارىختىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئويۇنلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. شۇنداقلا يەنە 2025-يىلى «نىجا 2» (Ne Zha 2) ناملىق كارتون فىلىم خىتاينىڭ بېلەت كىرىمى رېكورتىنى بۇزغان. گەرچە بۇ فىلىمنى ئىشلىگەن شىركەت پېرسوناژ تاۋارلىرىنى سېتىشتا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما غەربتە ئۇنچە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى قويۇلۇش قېتىم سانىنىڭ چەكلىك بولۇشى ۋە ۋەقەلىكنىڭ غەربلىكلەر چۈشىنىشكە قىينىلىدىغان خىتاي ئەپسانىلىرىگە مەركەزلىشىپ قېلىشىدۇر. شۇنداقتىمۇ، 2026-يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر ئۆز شەھەرلىرىدە ناتونۇش ئىسىمدىكى يېڭى ماركىلارنى كۆرۈشى مۇمكىن. ئۇ «Pop Mart»، «مىشۆ» ياكى «چاكى» بولۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ئالما (Apple)، كوكا-كولا (Coca-Cola) غا ئوخشاش غەربنىڭ ئەڭ بەلگە خاراكتېرلىك ماركىلىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېھتىياجنى قاندۇرۇشتا يەنىلا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
شېرىكلەرنى جەلپ قىلىش ۋە رەقىبلەرنى ئاجىزلىتىش
2026-يىلى خىتاينىڭ دىپلوماتىك ئۇتۇقلىرى ئاساسلىقى ترامپ ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسەتلىرى بوشلۇق ياراتقان ئۈچ ساھەدە كۆرۈلىدۇ:
يېشىل تېخنىكىدىكى\ مۇھىت ئاسىراش تىپىدىكى ئۈستۈنلۈك: ترامپنىڭ يېشىل تېخنىكا ياردەم پۇلىنى قىسقارتىشى ۋە تاشقاتما يېقىلغۇنىڭ\ ئەنئەنىۋى ئېنىرگىيەنىڭ ئورنىنى باسىدىغان ئېنېرگىيەلەرنى تەنقىد قىلىشى بىلەن، خىتاي بۇ ساھەدىكى ئاساسلىق تەمىنلىگۈچىگە ئايلانماقتا. خىتاي يېشىل تېخنىكىنى بىرلەشتۈرۈشكە كېرەكلىك بولغان ئەقلىي ئېلېكتىر تورى (Smart Grids) قۇرۇلۇشىدا ئاللىبۇرۇن مۇتەخەسسىسكە ئايلانغان بولۇپ، قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى، شامال تۇربىنىسى ۋە ئىلغار باتارېيەلەر بىلەن تەمىنلەشتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
ئافرىقىنى قولغا كەلتۈرۈش: خىتاي ئامېرىكىنىڭ 2025-يىلى قوللانغان جازا تەدبىرلىرىگە قارشى ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قىلدى. ترامپ جەنۇبىي ئافرىقىغا %30 تاموژنا بېجى قويۇشنى قارار قىلغاندا ، خىتاي ئەكسىچە ئافرىقىدىكى 53 دۆلەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا باجسىز كىرىش ئىمتىيازى بەردى. گەرچە ئافرىقا ھۆكۈمەتلىرى خىتايغا خام ئەشيا سېتىپ تەييار مەھسۇلات سېتىۋېلىشتەك تەڭپۇڭسىز سودا مۇناسىۋىتىدىن ئەندىشە قىلسىمۇ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋەدىلىرى ئامېرىكىنىڭ چېكىنىشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئافرىقىغا تېخىمۇ جەلپ قىلارلىق تۇيۇلماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، شى جىنپىڭ 2025-يىلى ئىيۇندا ئافرىقىدىن كىرگۈزۈلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ بېجىنى بىر تەرەپلىمە ئازايتىشنى ئېلان قىلدى.
ھىندىستاننى قىزىقتۇرۇش: ھىندىستان گەرچە تارىختىن بېرى خىتاي بىلەن زىدىيتى بولسىمۇ، شۇنداقلا ترامپنىڭ بىرىنچى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ھەم بايدېن ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ئامېرىكىغا يېقىنلاشقان بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە نېفىتىنى سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن ھىندىستانغا يېڭى جازا بېجى قويۇشى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە باش مىنىستىر نارېندرا مودى 2025-يىلى سېنتەبىردە شى جىنپىڭ ساھىبخانلىق قىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. لېكىن، خىتاي ئالىملىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، مودىنىڭ بۇ يېقىنلىشىشىنىڭ چېكى بار بولۇپ، ئۇنىڭ خىتايغا بېرىش سەپىرىدە ياپونىيەدە توختاپ ئۆتۈشى ۋە بېيجىڭدىكى ھەربىي پاراتقا قاتنىشىشنى رەت قىلىشى بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر.
ئىقتىسادىي ئىشەنچلىكلىك
خىتاي ترامپ ھاكىمىيىتىنىڭ ئېنىقسىزلىق ئىستراتىگىيەسىگە تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىنىۋالدى. 2025-يىلى ئۆكتەبىردىكى جەنۇبىي كورېيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ترامپ-شى ئۇچرىشىشىدا، خىتاي ئامېرىكىدىن پۇرچاق ۋە ئىلغار ئۆزەك سېتىۋېلىش ھەمدە ئامېرىكىغا ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللارنى سېتىش (بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن سودا) بەدىلىگە تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىشكە كېلىشتى. خىتاي ترامپنى ئامېرىكانىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشنىڭ ئالامىتى ۋە بۇنى تىزلەشتۈرگۈچى ئامىل دەپ قارايدۇ ۋە ئامېرىكىغا بولغان بېقىنىشنى ئازايتىشنى نىشان قىلىدۇ.
2026-يىلى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي دىپلوماتىيەسىدىكى ھالقىلىق ئىش — ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىشتۇر. بۇ يىغىن خىتاينىڭ يەرشارىۋى ئوبرازىنى ئۆزگەرتىپ، ئامېرىكىدىن كەلگەن سودا ئېنىقسىزلىقىغا سېلىشتۇرغاندا، خىتاينى «ئەڭ ئىشەنچلىك ئىقتىسادىي شېرىك» سۈپىتىدە تىكلەيدىغان پۇرسەت بولىدۇ. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بۇ 21 دۆلەتلىك تەشكىلاتقا خىتاي رەئىسلىك قىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق بېيجىڭ كۈنتەرتىپنى بەلگىلەپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى ئۆزىگە تېخىمۇ چىڭ باغلاشقا تىرىشىدۇ.
خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئارزۇلىرى تېخىمۇ كېڭىيىپ، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى، شۋېتسارىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە بىلەن يېڭى سودا كېلىشىملىرىنى تۈزۈشنى نىشان قىلماقتا.خىتاينىڭ 2026-يىلدىكى تېخىمۇ چوڭ ئارزۇسى بولسا — ئەسلىدە ئىقتىسادىي مەركەزنى خىتايدىن يىراقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى (TPP) گە ئەزا بولۇشتۇر. بۇ ھەمكارلىقىنى ئەينى ۋاقتىدا ئوباما خىتاينى چەكلەش ۋە ئامېرىكىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇرغان، ئەمما ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىينلا بۇ ھەمكارلىقتىن چىكىنىپ چىقىپ كەتتى. گەرچە ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە يېقىنقى يىللاردىكى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي بېسىمى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ بۇ ھەمكارلىققا ئەزا بولۇشىغا سوغۇق مۇئامىلىدە بولسىمۇ، يەرشارى سودا توسۇقلىرىنىڭ كۆپىيىشى ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى بوشىتىشى مۇمكىن.
سودىدىن باشقا، شى جىنپىڭ «ئاجىزلىشىۋاتقان غەرب قائىدە-تۈزۈملىرى » نىڭ ئورنىغا خىتاي باشچىلىقىدىكى يېڭى يەرشارىۋى قائىدە-تۈزۈملەرنى تۇرغۇزۇش تەمەسىدە بولىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئالامەتلىرى پۇل-مۇئامىلە، سۈنئىي ئەقىل (AI)، كىلىمات ۋە ئالەم بوشلۇقى قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى قائىدىلەرنى تۈزۈشنى مەقسەت قىلغان «يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى» نىڭ يولغا قويۇلۇشىدا كۆرۈلمەكتە. بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان نادىر مېتاللار ئۈچۈن دۇنياۋى مەجبۇرىي ئىجازەتنامە تۈزۈمىنى يولغا قويۇش تەكلىپىمۇ بار.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر نۇقتا بولسا، خىتاينىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سەنئىتىدىكى ماھىرلىقى كىشىنى ئاسانلا قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ. ھالبۇكى، شى جىنپىڭ دەۋرىدە تەكەببۇرلۇق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان نۇرغۇن خاتالىقلار يۈز بەردى. مەسىلەن، خىتاينىڭ ئىغۋاگەرچى خاراكتېرىدىكى ‹بۆرە دىپلوماتىيەسى» (wolf warrior diplomacy) ئەكسىچە ئۈنۈم بەردى. ئۇنىڭ «ئورتاق بېيىش» نامىدا كاپىتالىزمغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى كارخانىچىلارنى ۋەيران قىلدى. «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىمۇ ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن داۋاملاشتى. بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ نېمە ئۈچۈن يۈز بېرىدىغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، پەرەز شۇكى، مۇستەبىت تۈزۈم ئاستىدا يۈرىكى ئالدىرىغان ئەمەلدارلار شى نىڭ خاتا ياكى مۈجمەل ئىدىيەلىرىگە قارشى پىكىر بېرەلمەيدۇ؛ ئەكسىچە، ئۇلار بۇ سىياسەتلەرنى ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرۇپ ئىجرا قىلىدۇ.
15–بەش يىللىق پىلان ۋە ئىقتىسادىي قارشىلىقلار
2026-يىلى مارتتا ئېلان قىلىنىدىغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 15-بەش يىللىق پىلانى ھۆكۈمەتنىڭ 2030-يىلغىچە بولغان سىياسىتىنى بەلگىلەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. گەرچە ئىقتىساد 2025-يىلى تەخمىنەن %5 ئاشقان ، ئاقساپ قېلىش ئېھتىمالى يوق دەپ قارالسىمۇ، 2026-يىلى پۇل پاخاللىقىنىڭ ھەددىدىن زىيادە تۆۋەنلىشى (deflation)، ئۆي-مۈلۈك كرىزىسى ۋە ئىستېمالنىڭ ئاجىزلىشىشىغا دۇچ كەلگەچكە، ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىشى مۇمكىن.
15-بەش يىللىق پىلاننىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى چەتئەلنىڭ بولۇپمۇ غەرب، ياپۇنىيە، كورىيە ۋە تەيۋەننىڭ تېخنىكىلىق «بويۇنتۇرۇقى» نى بۇزۇپ تاشلاش بولىدۇ. خىتاي يەنىلا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، ئاۋىياتسىيە ماتورلىرى ۋە سانائەت ماشىنا ئادەملىرى قاتارلىق ھالقىلىق زاپچاسلاردا چەتئەل تېخنىكىسىغا تايىنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ يىللاردىن بۇيانقى ئىلغار ئۆزەك ئېكسپورت چەكلىمىسى بۇ ئاجىزلىقنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈردى. بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، پىلاندا تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش كۈچەيتىلىپ، سانائەت تەتقىقات خىراجىتى، ئۇنىۋېرسىتېت ئىلىم-پەن فوندى ۋە سۈنئىي ئەقىلنى مائارىپقا بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە يۇقىرى نىشانلار بەلگىلىنىشى مۇمكىن. 2025-يىلى يەرلىك ئۆزەك شىركەتلىرى ۋە AI كارخانىلىرىنىڭ گۈللىنىشى بۇ ھەرىكەتنىڭ دەسلەپكى ئۇتۇقلىرىنى نامايان قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي سودىسىنىڭ يۈەن (دوللار ئەمەس) بىلەن ھېسابلىنىدىغان نىسبىتى 2025-يىلى %30 كە يېتىپ دۇنياۋى تەسىر خاراكتىرلىك نەتىجە ياراتقان، نېفىت زاپىسىمۇ رېكورت يارىتىپ 1 مىليارد 200 مىليون تۇڭغا يەتكەن.
2026-يىلدىكى چوڭ ئىقتىسادىي مەسىلە پارچە سېتىش مىقدارىنىڭ مۇقىملىقىدۇر. 2025-يىلى خىتاي ماشىنا ۋە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» سىياسىتىنى كېڭەيتىپ، ياسىمىچىلىق ۋە ئىستېمالنى تەڭلا جانلاندۇرۇشقا ئۇرۇندى. ئائىلىلەر يانفون، توڭلاتقۇ ۋە ھەتتا «ئەقلىي» ھاجەتخانا قاتارلىق يېڭى ئىستېمال بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن 2000 يۈەن (280 دوللار) غىچە ياردەم پۇلى ئالدى، بۇ سېتىلىش مىقدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.
خىتاينىڭ ئەنسىرەيدىغان يېرى شۇكى، بۇ ئىستىمالنىڭ كۆپىنچىسى 2026-يىلى قىلىنىدىغان ئىستېمالنىڭ ئالدىن ئىشلىتىلىشى بولۇپ، نەتىجىدە ئىستېمال «قايتۇرما زەربە» (Payback) گە ئۇچراپ، پارچە سېتىش مىقدارى ياردەم پۇلى بېرىلىشتىن بۇرۇنقى سەۋىيەدىنمۇ تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن. ئەگەر ئىچكى ئىستېمال ئاجىزلىسا، خىتاي شىركەتلىرى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن چەتئەل بازارلىرىغا يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ يەرشارى سودا جىددىيلىكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان ۋە يۇقىرى تاموژنا بېجى زىيان يەتكۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ئۆز ماللىرى ئۈچۈن يېڭى بازارلارنى تېپىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ھۆكۈمەتنىڭ قوشۇمچە مالىيە قوزغىتىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئېكسپورت زەربىسىنى يېنىكلىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. شۇڭا سودا ئۇرۇشى خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئېشىش نىشانغا زەربە بېرەلىشى ناتايىن.
سودا ئىقتىدارى ۋە ئۆي-مۈلۈك بازىرى
خىتايدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئېكسپورت دولقۇنى غەربتە قورۇقچىلىق ۋەھىمىسىنى قوزغىشى مۇمكىن. 2025-يىلىنىڭ دەسلەپكى توققۇز ئېيىدا خىتاينىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا قىلىنغان ئېكسپورت %11 ئاشقان. 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، گېرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا قىزىل رەقىمى 100 مىليارد دوللارغا يېقىنلاشقان. بۇنىڭغا ئەگىشىپ خىتاي شىركەتلىرى تېز كېڭەيمەكتە. خىتاينىڭ ماشىنا ساھەسىدىكى ئاۋانگارت ماركىسى BYD ، 2026-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ياۋروپادا 2000 سېتىش دۇكىنى ئېچىشنى پىلانلىماقتا.
2021-يىلدىن بېرى كېسەل ھالەتتە كېتىپ بارغان خىتاي ئۆي-مۈلۈك بازىرى، ھۆكۈمەتنىڭ كەسكىن قۇتقۇزۇش ئۈمىدى ئەمەلگە ئاشمىغاچقا، بازار كۈچلىرىنىڭ ئاستا تەڭشىلىشىگە تايىنىدۇ. بۇ ھەقتە مۇقىملىشىشنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان: كىرىمنىڭ ئېشىشى ۋە باھانىڭ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ، خىتايدىكى ئۆيلەر ئەرزانلىغان. 2021-يىلى ئوتتۇرىچە ئائىلە كىرىمىنىڭ 7.6 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان تىپىك 100 كۋادرات مېتىرلىق ئۆي، 2025-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە 6.3 ھەسسىگە چۈشكەن. مۇتەخەسسىسلەر ئىجارىدە تۇرۇشتىن زېرىككەن ياكى چوڭراق ئۆي ئېلىشنى كۈتۈپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، بازارنىڭ 2026-يىلى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ ئاندىن جانلىنىشىنى مۆلچەرلىمەكتە.
تېخنىكىلىق ئۈستۈنلۈك: سۈنئىي ئەقىل+ (AI+) تەشەببۇسى
خىتاي رەھبەرلىكى تېخنىكىنى ئىمپېرىيەلەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىشىشىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل دەپ قارايدۇ ۋە سانائەت ئىنقىلابىدىكى تېخنىكا ئۆزگىرىشىدە ئارقىدا قالغان «يۈز يىللىق خارلىق» (1850-يىللاردىن 1949-يىلغىچە) دەۋرىنى ئېسىدىن چىقارمايدۇ. 2026-يىلى ئامېرىكا سۈنئىي ئەقىل سىياسىتىنى «ئادەتتىكى سۈنئىي ئەقىل» (AGI) مۇسابىقىسىگە مەركەزلەشتۈرگەن بىر پەيتتە، خىتاي پەرقلىق بىر مۇسابىقىنى، يەنى مەۋجۇت سۈنئىي ئەقىل مودېللىرىنى سانائەت ۋە ئىستېمالچىلارغا تېز سۈرئەتتە ئومۇملاشتۇرۇشنى قوغلىشىدۇ.
سۈنئىي ئەقىل ئىستراتېگىيەسى 15-بەش يىللىق پىلاندا رەسمىيلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، كەلگۈسى ئون يىلدا ئۈچ باسقۇچتا يولغا قويۇلىدۇ:
1-باسقۇچ (2027-يىلغىچە): تەتقىقات، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش، ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى، سەھىيە ۋە مائارىپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت ۋە تېخنىكا ئېكسپورتى قاتارلىق ئالتە مۇھىم ساھەدە سۈنئىي ئەقىلنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىش.
2-باسقۇچ (2030-يىلغىچە): سۈنئىي ئەقىلنىڭ توك ياكى ئىنتېرنېتتەك كەڭ تارقىلىشى ۋە ئۆزگەرتىش كۈچىگە ئىگە بولۇشى، ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلىنىشى.
3-باسقۇچ (2035-يىلغىچە): خىتاينىڭ «ئەقلىي ئىقتىدارلىق جەمئىيەت» كە ئايلىنىشى؛ خۇددى ئىنتېرنېتقا ئوخشاش، سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتى ۋە مەدەنىيىتىنى قايتا شەكىللەندۈرۈشى.
2026-يىلدىكى مۇھىم ۋەزىپە «سۈنئىي ئەقىل+» (AI+) دەپ ئاتالغان بولۇپ، ماشىنا ئەقلىي ئىقتىدارىنى پۈتۈن ئىقتىسادقا تارقىتىش ۋە مەۋجۇت خىزمەت جەريانلىرىغا سۈنئىي ئەقىل قوشۇشنى مەركەز قىلىدۇ. بۇ 2010-يىللاردىكى «ئىنتېرنېت+» ھەرىكىتىنىڭ تېز سۈرئىتىگە تەقلىد قىلىنغان.
بۇ ئىستراتېگىيە خىتاينىڭ تەبىئىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرىدۇ: خىتايدا قوللىنىشچان پروگراممىلارنى كېڭەيتىشكە ماس كېلىدىغان چوڭ رەقەملىك ئىقتىساد ۋە تېخنىكىغا قىزىقىدىغان نوپۇس بار. ئىستاستىكا قىلىنىشىچە ، خىتايلار باشقا ھەرقانداق دۆلەتتىكى خەلقلەرگە قارىغاندا سۈنئىي ئەقىل ئىشلىتىشكە تېخىمۇ ھاياجان بىلەن قىززىقىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامېرىكىنىڭ ئىلغار AI ئۆزەكلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىشى، خىتاي تەجرىبىخانىلىرىنى كىچىكرەك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك مودېللارنى ياساشقا مەجبۇر قىلغان بولۇپ بۇ مودېللارنىڭ تەننەرخى ئەرزان ۋە ئېنېرگىيە سەرپىياتى تۆۋەن ئىكەن.
مۇھىت مەسىلىسى ۋە نوپۇس كرىزىسى
15-بەش يىللىق پىلان يەنە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭقۇر ئىچكى خىرىسىغا، يەنى مۇھىت ۋە شىددەت بىلەن ئازىيىۋاتقان تۇغۇت نىسبىتىگە تاقابىل تۇرشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مۇھىت جەھەتتە، خىتاي كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە. خىتاي بۇجەھەتتە ئۆزى پىلان قىلغاندىنمۇ تىز تەرەققىي قىلماقتا. مەسىلەن خىتاي 2020-يىلى بەلگىلەنگەن 2030-يىلغىچە 1200 گىگاۋات شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى ئورنىتىش نىشانى ئالتە يىل بۇرۇن، يەنى 2024-يىلى ئەمەلگە ئاشۇرغان. خىتاي بۇ يۈزلىنىشنى ساقلاش ئۈچۈن، ئاساسلىق پاكىز ئېنېرگىيە تۈرلىرى ۋە خىتاينىڭ ئېلېكتىر تورىغا زور مەبلەغ سالىدىكەن.
خىتاينىڭ پىلاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەڭ قىيىن خىرىس — دۆلەتنىڭ نوپۇس جەھەتتىكى ھاڭغا غۇلىشىدۇر. خىتاينىڭ ئومۇمىي نوپۇسى ئۇدا ئۈچ يىل ئازايغان. ھازىر ھەر بىر ئايالغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە تۇغۇت سانى 1.1 گە چۈشۈپ قالدى، بۇ مۇقىم نوپۇس ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان 2.1 لىك نىسبەتتىن خېلىلا تۆۋەن.
خىتاي تاراتقۇلىرى 15-بەش يىللىق پىلان خىتاينى «ھەقىقىي ئائىلىگە ماس جەمئىيەت» كە ئايلاندۇرالايدىغانلىقىغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارىماقتا. مۇمكىن بولغان ئىستراتېگىيەلەر ياردەم پۇلىنى كۆپەيتىش (خىتايلار ھازىر ئۈچ ياشتىن تۆۋەن ھەر بىر بالا ئۈچۈن يىلىغا 3600 يۈەن ياكى 500 دوللار ئالىدىكەن) ۋە يەسلى ئورۇنلىرىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رەھبەرلەر 2030-يىلى پىلان ئاخىرلاشقاندا نوپۇس «بەك ئازىيىپ كەتمىسە»، شۇنى مۇۋەپپەقىيەت دەپ ھېسابلىشى مۇمكىن.
.
رايون خاراكتىرلىك جىددىيلىك
خىتاينىڭ دۆلەت كۈچىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىغۋاگەرچى پوزىتسىيەگە ئۆتۈشى تەيۋەنگە قارىتا ھەددىدىن ئاشقان بىخەتەرلىك خەۋپىنى پەيدا قىلىدۇ. ئامېرىكا ئىستىخباراتىنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسگە كومپارتىيەنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلىدىغان 2027-يىلىغىچە تەيۋەنگە بېسىپ كىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاشنى بۇيرۇغان.
2026-يىلى ئۈچۈن ئەڭ ئېھتىماللىقى يۇقىرى سىنارىيە — كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش ئەمەس، بەلكى تەيۋەنگە قارىتا 2022-يىلىدىن بېرى قوللىنىپ كېلىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي بېسىمنى « كانايدىن بۇغۇش» شەكلىدە تەدرىجىي ئاشۇرۇش.
2025-يىلى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى تەيۋەن بوغۇزىدا ھەقىقىي ئوق ئىشلىتىپ مانىۋىر ئۆتكۈزدى ۋە تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوتتۇرسىدىكى غەيرى رەسمي چىگرا سىزىقىدىن ھالقىغان ئايروپىلان ۋە پاراخوتلارنىڭ سانى رېكورت ياراتتى. بۇ بىر «يېڭى نورماللىق» ۋەزىيتىنى شەكىللەندۈردى، يەنى خىتاي مانىۋىردىن ھەقىقىي قامال قىلىشقا ئىلگىرىكىگە قارىغاندا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆتەلەيدۇ.
2026-يىلى يۈز بېرىش ئىچتىماللىقى بولغان پاراكەندىچىلىك سېلىش تاكتىكىلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
تەيۋەن ئارىلى ئۈستىگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە سىرتتىكى ئاراللارغا ھاۋارايى شارلىرىنى ئەۋەتىش.
خىتاينىڭ ئاۋىياماتكا گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئارال ئەتراپى ۋە شەرقىدىكى ھەرىكىتىنى كۆپەيتىىش، ۋە بۇ ئارقىلىق خەلقى ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلىش ۋە تەيۋەن ھاۋا ئارمىيەسىنى ھالسىرىتىش.
تەيۋەننىڭ ئالاقە سىستېمىسىنى يوشۇرۇن قالايمىقانلاشتۇرۇش (2023-يىلدىن بېرى سۇ ئاستى كابېللىرى 11 قېتىم سىرلىق ھالدا بۇزۇلۇپ قالغان )
شى جىنپىڭنىڭ بەزى مەسلىھەتچىلىرى 2026-يىلىنىڭ تەيۋەنگە قارىتا ئىغۋاگەرچىلىك تۈسىنى ئالغان «كۈلرەڭ رايون ھەرىكىتى » (Grey-zone campaign) ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پەيت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن. ھازىر تەيۋەنلىكلەر خىتاي بىلەن بولغان مەسىلىدە قۇتۇپلىشىشقا باشلىغان، ترامپ بولسا تەيۋەننى مۇداپىئە قىلىش ئىشلىرىغا بەك پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى تەھدىتىنى نەچچە يىل بېىشدىن ئۆتكۈزدى ۋە ئۇنچە چوڭ تەھدىد ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى. يەنە كېلىپ خىتاي يەنە تەخمىنەن 70 دۆلەتنىڭ «بارلىق» ۋاسىتىلەر بىلەن تەيۋەننى خىتاي بىلەن بىرلىككە كېلىشنى قوللايدىغانلىقىنى دەۋا قىلماقتا.
جەنۇبىي ۋە شەرقىي دېڭىزدىكى خەتەرلىك ئويۇن
خىتاينىڭ خەتەرلىك ئويۇنى باشقا دېڭىز چېگرالىرىدىمۇ داۋاملىشىشى مۇمكىن. جەنۇبىي دېڭىزدىكى خەۋپ 2025-يىلى ئاۋغۇستتا خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىنىڭ سىكاربورو ئارىلى (Scarborough Shoal) ئەتراپىدا فىلىپپىن پاراخوتى بىلەن بولغان تىركىشىش جەريانىدا خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىشىدە روشەن نامايان بولدى. 2026-يىلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى (ASEAN) غا رەئىسلىك قىلىدىغان فىلىپپىن، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خىتايغا دىپلوماتىك بېسىم ئىشلىتىپ، جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكەت قائىدىسىگە قوشۇلۇشقا دەۋەت قىلىشنى پىلانلىماقتا. فىلىپپىن يەنە ئامېرىكىدىن تېخىمۇ كۆپ ياردەم تەلەپ قىلىش ئارقىلىق توسۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشى مۇمكىن
تېخىمۇ شىمالدا، شەرقىي دېڭىزدىكى ياپونىيە كونتروللۇقىدىكى سېنكاكۇ ئاراللىرى ئەتراپىدا كرىزىس پارتلىشى مۇمكىن. 2025-يىلى خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى بۇ ئاراللارنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە 92 سائەت تۇرۇپ رېكورت ياراتتى. مۇتەخەسسىسلەر 2026-يىلى خىتاينىڭ مەڭگۈلۈك دېڭىز ئارمىيەسى بازىسى قۇرۇشى ياكى بايلىق ئېچىشنى كېڭەيتىشىدىن (2025-يىلى قۇرغان ئىككى يېڭى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سۇپىسىغا قوشۇمچە قىلىپ) ئەندىشە قىلماقتا. خىتاينىڭ قوشنىلىرىنىڭ دەرھال ئەنسىرەيدىغىنى تۇيۇقسىز پارتلىغان زوراۋانلىق ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنى كېڭەيتىشى ۋە تەيۋەن ئىقتىسادىنى بوغۇشى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاستا، مۇقىم «تەدرىجىي ھۆكۈمرانلىق» جەريانىدۇر
خۇلاسە
2026-يىلدا خىتاي يۇقىرى تېخنىكىدا تەرەققىي قىلىشقا زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ترامپ ھۆكۈمىتى ياراتقان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردە قالايمىقانلىشىۋاتقان دۇنياۋى ۋەزىيەتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ھەرىكەت قىلىشقا تىرىشىدۇ. خىتايدا ئىقتىساد ئاستىلىسىمۇ، مۇقىملىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىمايدۇ. گېئو-پولىتىكا جەھەتتە، خىتاي ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ « دۇنيا ئىشلىرىدىن قولىنى تارتىش » سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان داۋالغۇشلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى ئامېرىكىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكىلى بولىدىغان ئىشەنچلىك ئىقتىسادىي كۈچ ئىكەنلىكىنى مۇستەھكەملەشكە مەركەزلىشىدۇ ۋە ترامپنى بۇ جەھەتتە ئالتۇن پۇرسەت دەپ بىلىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ھەددىدىن ئېشىش ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىش خەۋپى زور. ئەگەر خىتاي تاجاۋۇزچىلىق نىيتىنى كۈچەيتىپ ھەددىدىن ئاشسا، دۇنيا بازارلىرىنى ئارتۇقچە ئېكسپورت بىلەن بېسىۋېلىشقا باشلىسا، تەيۋەن بىلەن توقۇنۇشنى ھەرقانداق شەكىلدە ھەددىدىن ئاشۇرۋەتسە، ياكى خىتاي بازارغا سېلىپ كېلىۋاتقان ئەمما دىمكراتىك ئەللەردىكى ھۆكۈمەت ۋە خەلىقلەر قايىل بولمايدىغان خىتايچە يېڭى دۇنياۋى قائىدە- پىرىنسىپلارنى مەجبۇرلاش خاراكتىرىدە تاڭسا،قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىنى يوققا چىقىرىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ.
ئەمما خىتاي تاجاۋۇزچىلىق بىلەن ھەددىدىن ئېشىش تەمەسىگە قارشى تۇرالىسا، 2026-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى تەرتىپ ئۆز-ئۆزىنى ۋەيران قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي تېخنىكا-سانائەت ئۈستۈنلۈكى ۋە «ئۇنىۋېرسال بىخەتەرلىك» بىلەن تەمىنلەيدىغان «رېئالىست» (Realist) خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىش نىشانىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەپ، ئۆزىنىڭ مۇھىم ۋە ئەۋزەل دۆلەت ئىكەنلىكىنى مۇستەھكەملىگەن ھالدا يىلنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. يەنى خىتاي ترامپ ھۆكۈمىتى ياراتقان تەھدىدكار خەلقئارا مۇھىتتا تىنچلىقپەرەر، مەسئۇلىيەتچان، دۇنيا ئىقتىسادى ئۈچۈن مۇھىم تەمىنلىگۈچى دۆلەتلىك رولىنى ئويناش ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ دۇنياۋى لىدىرلىق ئورنىغا زور دەرىجىدە خىرىس شەكىللەندۈرۈپ دۇنيا دۆلەتلىرىگە ئۆزىنى 2- تاللاش قىلىپ سۇنۇشتا زور ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
- Connelly, A. (2025, November 12). Trust us, not America, China tells Asia. The Economist
- Cox, S. (2025, November 12). The Chinese economy will slow in the year ahead. The Economist
- Crossley, G. (2025, November 12). China’s next five-year plan will be green, fertile and high-tech. The Economist
- Duncan, C. (2025, November 12). China will run a different AI race in the coming year. The Economist
- Foulis, P. (2025, November 12). The World Ahead: China in 2026. The Economist
- Joshi, S. (2025, November 12). There are many ways, short of actual invasion, that China can harass Taiwan. The Economist
- Rennie, D. (2025, November 12). American isolationism is a golden opportunity for China. The Economist
