
يېقىننىڭياقى رۇسىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرسىدا ئىككى قېتىم چوڭ سۈركىلىش بولدى. 1-قېتىم 2024-يىلى 26-دىكابىر كۈنى ئەزەربەيجان يولۇچىلار ئايرۇپلانى رۇسىيە ھەربىي قىسمنىڭ سەۋەنلىكى بىلەن ئېتىپ تاشلاندى. گەرچە بوشلۇقتا پاچاقلىنىپ كەتمىگەن بولسىمۇ قازاقىستانغا جىددى قونۇش جەرياندا 38 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. 2-قېتىملىقى بولسا 2025-يىلى ئىيۇندا يۈز بەردى. رۇسىيەدە ياشاۋاتقان ئىككى ئەزەربەيجانلىق ئاكا-ئۇكا قاماقخانىدا رۇسىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى. ھەر ئىككى ۋەقەدە رۇسىيە ئەستايدىل بولمىدى، ھەتتا ئوچۇق ئاشكارا كەچۈرۈم سورىمىدى. بۇ ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقنىڭ ئوغىسىنى قايناتتى. بولۇپمۇ كىينكى ۋەقەدە ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى پوزىتسىيەسىنى قاتتىق قىلدى ۋە رۇسىيەنىڭ 7 مۇخبىرى ۋە 20 گە يېقىن پۇخراسىنى قولغا ئالدى.
كافكاز ۋە ئوتتۇرا-ئاسىيا (تۈركىستان) رايۇنى رۇسىيەنىڭ مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان ئارقا ھويلىسى ئىدى ۋە بۇ رايۇنغا باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى رۇسىيە ئۆزى ئۈچۈن تەھدىد دەپ قارايتى ۋە ھىلىھەممۇ شۇنداق قارايدۇ. بۇ سەۋەبتىن 2008- يىلى گروزىيەگە ئەسكەر چىقاردى. ئوكرائىينادىكى ئۇرۇشمۇ ئوخشاش سەۋەب تۈپەيلىدىن داۋام قىلماقتا. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولماقتا. رۇسىيەنىڭ ئوكرائىيناغا تاجاۋۇز قىلىشى، بۇ رايۇندىكى تۈرك دۆلەتلىرىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا، چۈنكى ئوخشاش ھەركەتنى بۇلارغا قوللانمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئەندىشە باشتىن تارتىپ مەۋجۇت ئىدى. شۇڭا بۇ دۆلەتلەر كۆپ تەرەپلىك تاشقى سىياسەت ئەندىزىنى قوللىنىپ رۇسىيەنىڭ چىشىغا تەگمىگەن ئاساستا ئامېرىكا، خىتاي، تۈركىيە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، ھىندىستان قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تەسىر كۈچىنى رايۇنغا باشلاپ كىرمەكتە. بۇ ھەقتە ئەڭ كۆرىنەرلىك دۆلەت ختتايدۇر. خىتاي پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسىيە بىلەن تەڭ دېگۈدەك تەسىر كۈچكە ئىگە بولۇپ بولدى. چۈنكى خىتاينىڭ بۇنداق تەسىرگە ئىگە بولۇشىنى تۈرك دۆلەتلىرى ئىستىدى، قوللىدى ۋە شارائىت ھازىرلاپ بەردى. ئەلۋەتتە بۇلار ئۈچۈن خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرسىدىلا ئويناش بىخەتەر ئەمەس. چۈنكى خىتاي بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە كەلگەندە بۇ دۆلەتلەرگە ياردەم قىلمايدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتە ئامېرىكا ۋە تۈركىيە ئەڭ ياخشى تاللاش. ئەمما ئامېرىكا ھازىرغىچە بۇ رايۇنغا بەك قىززىقىپ كەتمىدى. لېكىن تۈنۈگۈن يەنى 8-ئاۋغۇست (جۈمە) ترامپنىڭ ئەزەربەيجان پىرىزدىنتى ئىلھام ئالىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىر پاشىنيان بىلەن ئاق سارايدا تارىخي تىنچلىق كېلىشىمگە ئىمزا قويىشى ئامېرىكانىڭ رايۇنغا سىڭىپ كىرىشىنىڭ مۇھىم بىر قەدىمى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
ترامپ ئىككى دۆلەت رەھبىرى بىلەن بىللە ئېلىپ بارغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ «30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت» كۈرەش قىلىپ ، «ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن غايەت زور ئازاب-ئوقۇبەت» ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسەتتى. شۇنداقلا بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاقسارايغا كەلگەن باش مىنىستىر پاشىنيان ۋە پرېزىدېنت ئەلىيېۋنى «ئىككى يىراقنى كۆرەر ئادەم» دەپ تەرىپلىدى ۋە ئىككەيلەننىڭ ۋاشىنگىتونغا كېلىپ «ئىنتايىن مۇھىم ھۆججەت» كە ئىمزا قويغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ترامپ ئەزەربەيجان ۋە ئەرمىنىيە ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى، روسىيە ، ھەتتا «مۈگدەك جو بايدىن» قاتارلىقلارنىڭ نۇرغۇن ئۇرۇنۇپ باققانلىقىنى ئەمما ھەل قىلىش چارىسىنى تاپالمىغانلىقىنى ، ئەمما ئۆزىنىڭ بۇ كېلىشىم ئارقىلىق تىنچلىق ئورنىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
پرېزىدېنت ترامپ كېلىشمدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يادرولۇق ۋەدىلەرنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ « ئۇرۇشنى مەڭگۈلۈك توختىتىش ، سودا ، ساياھەت ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت قاناللىرىنى ئېچىش ۋە بىر-بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش» قاتارلىقلارنى نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ كەلگۈسى مۇناسىۋىتىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئىپادىلەپ «مېنىڭچە ئۇلار ناھايىتى ياخشى مۇناسىۋەت قۇرىدۇ… ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا مېنى چاقىرسا كىلىشتۈرۈپ قويىمەن» دېدى.
كىلىشىمدىكى تارىخي ئەھمىيەتكە ئېگە بولغان نۇقتىلارنى مۇنۇلار دەپ قاراشقا بولىدۇ:
- ئامېرىكا تەرىپىدىن ئەزەربەيجانغا 1992- يىلىدىن بېرى قويۇلغان قورال-ياراق ئىمبارگوسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى جاكارلاندى. ترامپ بۇنى «قالتىس چوڭ ئىش» دېدى.
- ئەزەربەيجاننى ئەرمىنىيە زىمىندىن كىسىپ ئۆتۈپ ناخچىۋانغا (جۇغراپىيلىك جەھەتتىن ئەرمىنىيەنىڭ ئارىدا بولۇش سەۋەبى بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئاساسي قۇرۇقلۇق زىمىندىن ئايرىلىپ تۇردىغان پارچىسى) تۇتاشتۇردىغان 99 يىللىق مۇددەتكە ئىگە قاتناش لىنىيەسىنىڭ ئېچىلدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئەرمىنىيە بۇ لىنىيەگە « ترامپچە خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە گۈللىنىشنىڭ يولى» دېگەن ئىسمنى تەۋسىيە قىلغان بولۇپ ترامپ بۇنى ئۆزىنىڭ تەلەپ قىلمىغانلىقىنى، ئەمما تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ( بۇ لىنىيە ئەسلى ئەزەربەيجاننىڭ تىنچلىق كېلىشىمىگە كېلىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرى ئىدى ۋە باشتا ئەرمىنىيە قوشۇلمىغان ئىدى. شۇڭا بۇ يولنىڭ قاچان ئېچىلدىغانلىقىغا قارىتا بىر نەرسە دېيىش قىين. )
- ئامېرىكا ھەر ئىككى دۆلەت بىلەن ئېنېرگىيە ، سودا، تېخنىكا، سۈنئىي ئەقىل ۋە تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

(ئەسكەرتىش: بۇ 2024-يىلىدىن بۇرۇنقى خەرىتە بولۇپ ھازىر قارا باغ ئەزەربەيجاننىڭ ئىگىدارلىقىدا)
ئىلھام ئالىيېۋ ترامپنىڭ ئۇنى ئاقسارايغا تەكلىپ قىلغىنىنى چوڭ شەرەپ دەپ قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە ئىككى تەرەپنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە يېڭى تارىخ يېزىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئالىيېۋ ئامېرىكانى «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ دۆلەت» دەپ ئاتىدى ۋە ئامېرىكا بىلەن «ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك يولى» نى باشلاشنىڭ ئەھمىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ، بۇنىڭ «بىر ياخشى پۇرسەت ، شۇنداقلا ئىنتايىن چوڭ مەسئۇلىيەت» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا مۇستەقىل بولغانلىقى ، ئەمما ئۇ كۈندىن باشلاپ ئىككى تەرەپنىڭ «پەقەت ئۇرۇش ، ئىشغالىيەت ۋە قان تۆكۈلۈش بىلەنلا ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئەزەربەيجان ۋە ئەرمىنىيە خەلقنىڭ ئۆز-ئارا يارىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئالىيېۋ ترامپنىڭ 33 يىلدىن بېرى ئەزەربەيجانغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلغانلىقىنى ماختىدى ۋە بۇ كۈننى ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ « پرېزىدېنت ترامپنى ئىپتىخارلىنىش ۋە مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن ئەسلەيدىغانلىقىنى» بىلدۈردى. ئۇ يەنە ترامپنى ماختاپ ئاسىيادا ، ئافرىقىدا ۋە ھازىر جەنۇبىي كاۋكازدىكى توقۇنۇشلاردەك «30 نەچچە يىلدىن بۇيان» ھەل قىلغىلى بولمايۋاتقان مەسىللەرنى «بىر نەچچە ئاي» ئىچىدىلا بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە ئەگەر ترامپ بولمىغان بولسا بەلكىم بۈگۈن ئەرمېنىيە ئەزەربەيجان ئايىغى چىقماس سۆھبەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇپ يۈرگەن بولاتتى، دېدى.
ئىلھام ئالىيېۋ ترامپنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشكە لايىق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى ھەتتا نوبېل كومىتېتىغا ئەرمىنىيە باش مىنىستىر پاشىنيان بىلەن بىرلىكتە مۇراجىئەت قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە ترامپ بىلەن پۇتىننى سېلىشتۇرغىنىنى ئىما قىلىپ ترامپنىڭ ئەرمىنىيە ئەزەربەيجان ئوتتۇرسدىكى بۇ غايەت زور نەتىجىنى ئالتە ئاي ئىچىدىلا قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئەمما رۇسىيە لىدىرلىقىدىكى ئاتالمىش « مىنسىك سۆھبىتى» نىڭ 30 يىلدىن بۇيان ھېچقانداق نەتىجە بەرمەي مەغلۇپ بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىلھام ئالىيېۋ تىرامپنى ۋە بۇ تارىخى شەرتنامىنى مەدھىيلەۋاتقاندا قىززىقارلىق بىر دىئالوگ يۈز بەردى. ترامپ ئالىيېۋدىن «نەچچە يىلىنىڭياقى پرېزىدىنتلىق قىلىۋاتسەن؟» دەپ سورىدى. ئالىيېۋ كىچك بىر توختىۋىتىپ «22 يىل بولدى» دېدى. ترامىپ بۇنىڭغا قارىتا «پاھ، ھەقىقەتەن كۈچلۈك ۋە ئەقىللىق لىدىر» دەپ ئىنكاس قايتۇردى.
ئەرمېنىيە باش مىنىستىر پاشىنيانمۇ ئوخشاش گەپلەرنى قىلىدى. ئۇ ئەزەربەيجان-ناخچىۋان يولىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكى پرىنسىپىغا ئاساسەن رايوندا قاتناش ئالاقىسىنى ئېچىش كېلىشىمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بۇ لىنىيەنىڭ ئامېرىكا-ئەرمېنىيە ئىككى تەرەپنىڭ « ترامپچە خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە گۈللىنىشنىڭ يولى» ئۈچۈن باسقان ئورتاق قەدىمى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ لىنىيەنىڭ پۈتكۈل رايوندىكى تۈگۈنلەرنى ئاچىدىغان، ئۇزۇن مۇددەتلىك پايدا ئېلىپ كېلىدىغان ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي پۇرسەت يارىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇمۇ ئوخشاشلا ترامپنى ماختىدى. تىنچلىق بەرپا قىلىشنىڭ يىراقنى كۆرەرلىك ، سىياسىي جاسارەت ۋە ئىرادىنى تەلەپ قىلدىغانلىقىنى تەكىتلەش ئارقىلىق ترامپنىڭ دۇنياۋى رەھبەرلىك قابلىيتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە ئىنجىلدىكى «تىنچلىقپەرۋەرلەر ئىنايەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر، چۈنكى ئۇلار تەڭرىنىڭ بالىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ» دېگەن جۈملىنى نەقىل كەلتۈردى. باش مىنىستىر پاشىنيان ئەزەربەيجان پرېزىدېنتى ئالىيېۋنىڭ گىپىنى قۇۋۋەتلەپ ترامپنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى چۈنكى تىرامپنىڭ ئۇنىڭغا لايىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ترامپ نوبىل مۇكاپاتى ھەققىدىكى سۆزلەرگە قارىتا ئۆزىنىڭ ھەرگىزمۇ بۇلارنى نوبىل مۇكاپاتى ئۈچۈن قىلمايۋاتقانلىقىنى، بەلكى قىلشقا ئىھتىياجلىق ئىشلار بولغاچقا قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ پىرېزىدېنتلىقىدىن بۇرۇنقى دۇنيانىڭ قالايمىقانچلىققا تولغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە ئالتە ئايدا ھىندىستان-پاكىستان، كونگو-رۇئاندا، سېربىيە-كوسسوۋو ۋە تايلاند-كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇشلارنى ھەل قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسىغا زەربە بېرىش ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرقتىكى چوڭ بىر خەتەرنى ھەل قىلغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ سەمىمىي ۋە ئەستايدىللىقلىقى ھەققىدە سورالغان سۇئاللارغا قارىتا ئۈچ لىدىر بىردەك سەمىمىي بولغانلىقلىرى ئۈچۈن بۇ يەرگە كېلىپ ئىمزا قويغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە ترامپنىڭ بۇنىڭغا گۇۋاچى بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ئەزەربەيجان بۇرۇن رۇسىيە بىلەن يېقىن بولسىمۇ ئەمما باشقا دۆلەتلەردەك بەك ۋاي دەپ كەتمەيدىغان دۆلەت. ئەمما ئەرمىنىيە بۇرۇن رۇسىيەگە يېقىن ئىدى ۋە رۇسىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن. ئەمما ئەڭ ئاخىرقى قارا باغ ئۇرۇشىدا تۈركىيە ۋە ئىسرائىلىيە ئەزەربەيجانغا ياردەم قىلدى ئەمما رۇسىيە ئەرمىنىيەگە ياردەم قىلمىدى. نەتىجىدە ئەزەربەيجان تارىخي غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ قېتملىق ئۈچ تەرەپلىك كېلىشمنىڭ كۆپ ماددىلىرى ئاشكارلانمىدى شۇنداقلا تەرەپلەرنىڭ قانچىلىك سەمىمىي ئىكەنلىكىنگە بىر نەرسە دىيىش تېخى بالدۇر. مەسىلەن ئەرمىنىيە، ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلىغاندىن بېرى ئەرمىنىيە مىللەتچىلىرىدىن پاشىنيانغا قاتتىق بېسىم كېلىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ ئىككى دۆلەتنى ئاتايىن ئاقسارايغا بېرىپ 30 يىللىق سىياسىي كىرزىسىنى ھەل قىلىشقا ئىتترگەن ئامىل رۇسىيەنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ بۇ ئىككى دۆلەتتىن سىقىپ چىقىرلىۋاتقانلىقىدۇر.
ترامپ بۇ مەسىلىدە ھەقىقەتەن ئەستايدىلمۇ، ياكى نوبىل مۇكاپاتى ئېلىش ئۈچۈن مۇنداقلا قىلىپ قويدىمۇ بۇنىڭغىمۇ بىر نەرسە دېيىش قىين. چۈنكى ترامپ تولا ئۆزگىرىپ تۇردىغان لىدىر. ئەمما شۇنىسى ئېنقىكى بۇ تىنچلىق سۆھبىتى ئەزەربەيجان ۋە ئەرمىنىيە تەرىپىدىن ئامېرىكىغا سۇنۇلغان بىر سوۋغات. ئەگەر ئامېرىكا خالىسا بۇ شەرتنامىنى مەركەز قىلىپ رايۇنغا سىڭىپ كىرىش ئارقىلىق رۇسىيەنى جەنۇپ تەرەپتىن قىسقاچقا ئالالايدۇ.
