
ئىسرائىلىيەنىڭ كىشلەر دىققەت قىلىپ كەتمەيدىغان لېكىن تولىمۇ يېقىن بىر ئىتتىپاقدىشى بار، ئۇ بولسىمۇ ئەزەربەيجان. دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئەزەربەيجانلىقلارمۇ ئاساسەن ئىسرائىلىيەنى يامان كۆرمەيدۇ. غەززەدىكى دەھشەتلىك ئۇرۇش غەرب دۆلەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قايتىدىن قاراپ چىقىشقا سەۋەب بولىۋاتىدۇ. ئەمما مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان ئەزەربەيجاندا ئۇنداق بىر بىشارەت يوق. چۈنكى بۇ دۆلەت ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم ئىتتىپاقداشلىرىدىن بىرى. لېكىن قانداق بولۇپ بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلىقى بۇ دەرىجىگە يەتتى؟
1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پاچىلانغاندا، ئىسرائىلىيە رايۇندا يېڭى دوست تېپىش پۇرسىتىنى بايقىدى. سېكۈلەر ھۆكۈمەت سىستىمىسى، مول تەبىئىي بايلىقلىرى ۋە كاسپىي دېڭىزىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنى بىلەن ئەزەربەيجان ئىسرائىلىيەنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك شىرىكى بولالايدىغانلىقى ئايان بولدى.
يەنە بىر تەرەپتىن ئەزەربەيجان ناھايىتى تېزلا ئىسرائىلىيەنىڭ دۈشمىنى ئىرانغا قارشى ئىستراتىگىيلىك شىرىككە ئايلاندى. دەسلەپتە ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى تىجارەت بىلەن باشلانغان بولسىمۇ ، بۇ مۇناسىۋەت تىزلا چوڭقۇرلىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلدى. ئەڭ مۇھىم سەۋەب بولسا ئىسرائىلىيەنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى. ئىسرائىلىيە% 96 نېفتنى سىرتتىن ئىمپورت قىلىدۇ. گەرچە سانلىق مەلۇماتلار ھەر دائىم ئوچۇق ئاشكارا بولمىسىمۇ، ئەمما كۆرگىلى بولىدىغان سانلىق مەلۇماتلار ئەزەربەيجاننىڭ 2016-يىلدىن باشلاپ ئىسرائىلىيەنى نېفىت بىلەن تەمىنلەيدىغان ئالدىنقى ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلانغان. بۇ نىفىتلەر خەرىتىدە كۆرسىتىلگەندەك، نىفىت تۇربا يولى ئارقىلىق ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدىن چىقىپ، گىروزىيەنىڭ تىبلىس، ۋە تۈركىيەنىڭ جەيھان رايۇنلىرىدىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا دېڭىزغا كېلىدۇ ۋە بۇ يەردىن پاراخۇتلارغا قاچىلىنىپ ئىسرائىلىيەگە يىتىپ بارىدۇ.

ئەمما غەززەدىكى ئۇرۇش بۇ تىجارەت يولىنى مۇرەككەپلەشتۈردى. تۈركىيە غەززەدىكى ئىشغال سەۋەبلىك ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان بارلىق سودىنى رەسمىي چەكلىدى. بۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك 2025-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ، ئەزەربەيجان تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرى ئىسرائىلىيەگە نېفىت ئېكسپورتىنى كۆرسەتمەيدىغان بولغان. ئەمما نىفىت توشۇش توختىمىغان.

بۇ ھەرگىزمۇ بىر تەرەپلىك مۇناسىۋەت ئەمەس؛ ئەزەربەيجان نېفىت بىلەن تەمىنلەيدۇ ، ئىسرائىلىيە بولسا ئەزەربەيجاننى دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار قورال-ياراقلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 20 يىلدىن بېرى، ئەزەربەيجان ئىسرائىلىيەدىن قورال ياراق سېتىۋالىدىغان ئۈچىنچى چوڭ دۆلەت بولۇپ كەلمەكتە. ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتىگىيلىك ھەمكارلىقى ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە ئارسىدىكى ناگورنو-قاراباغ ئۇرۇشىدا سىناقتىن ئۆتكەن ۋە مۇھىم رول ئوينىغان. 2016-يىلدىن 2023-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىسرائىلىيە ئەزەربەيجان قوراللىرىنىڭ % 66 نى تەمىنلەپ كەلگەن بولۇپ بۇلار ئۇرۇشتا ھالىقىلىق رول ئوينىغان يەر يۈزىدىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، راكېتامىيوت ۋە نەچچە يۈز كامىكازې درونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەلۋەتتە تۈركىيەمۇ بۇ ئۇرۇشتا بايراقدار -2 ناملىق درونلىرى بىلەن ھالىقىلىق رول ئوينىدى.
بۇنىڭدىن سىرت ئىككى تەرەپ دوستلۇقى تېخىمۇ كەڭ گىئو-پولىتىكلىق پايدىغا قاراپ تەرەققىي قىلغان ۋە قىلماقتا. ئەزەربەيجان ئىسرائىلىيە ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىسرائىلىيە بولسا ئىقتىسادىي تەسىرىنى ئەزەربەيجاندىن ھالقىپ ئۆتۈپ، خام ئەشيا مول بولغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا رايونلىرىغا كېڭەيتىشنى نىشان قىلماقتا. ھەر ئىككسى ئەتراپىدا دوستانە بولمىغان دۆلەتلەر بولغان جۇغراپىيەگە جايلاشقان ۋە بۇمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىگە ئىشەنچلىك دوست بولىشىنىڭ بىر سەۋەبى بولۇپ قالغان. مەسىلەن ئەزەربەيجان شىمالدا ۋە جەنۇپتا روسىيە ۋە ئىراندىن ئىبارەت ئىككى رەقىب چوڭ دۆلەتنىڭ قىسقىچى ئارىسىدا. شۇڭا ئىسرائىلىيە ئەزەربەيجان ئۈچۈن رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ رەقىبلىرى بولغان ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنڭ تەسىر كۈچىنى رايۇنغا باشلاپ كىرىشتە مۇھىم تونۇشتۇرغۇچىلىق رولىنى ئوينايدۇ.
بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسدىكى مۇناسىۋەت دۆلەت مەنپەتنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇردىغانلىقىنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىلىرىنىڭ بىرىدۇر. يەنە بىر تەرەپتىن ئەزەربەيجان تۈركىيە بىلەنمۇ ئىنتايىن يېقىن بولۇپلا قالماي، خىتاي ۋە رۇسىيە شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپادىن ئىبارەت بىر-بىرىگە رەقىپ كۈچلەر بىلەنمۇ يېقىن ئۆتىدۇ. بۇ 1991- يىلى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە 2008-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكانىڭ مۇتلەق ھېگېمونياسىنىڭ ئاجىزلىششقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىدىن ئىبارەت خەلقئارالىق سىياسىي مۇھىت كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆپ تەرەپلىك تاشقى سىياسەت (multi-vector foreign policy) ئەندىزىسىنىڭمۇ تىپىك مىسالىدۇر. ئەزەربەيجان ۋە قازاقىستان بۇ خىل تاشقى سىياسەتنى ئەڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئېلىپ ماڭغان دۆلەتلەرنىڭ ئۆرنىكى بولۇپ كىين بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختىلىمىز.
