
–كۈچلۈك بىلەن ئاجىز ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتە باراۋەرلىك بولمايدۇ.
ئۇكرائىينا ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا ئۈچ يېرىم يىل بولغان بولسىمۇ ،ئۇرۇشنىڭ قاچان ۋە قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقى يەنىلا ئېنىقسىز ھالەتتە تۇرماقتا. چۈنكى تەرەپلەرنىڭ جەڭ مەيدانى، دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، قورال-ياراق جەھەتلەردە كۈچى بىر-بىرىگە يېقىن. ئامېرىكانىڭ ئازراق قوشقۇنغا ئولتۇرۋالغىنىنى ھىسابقا ئالمىغاندا، رۇسىيە بۇ ئۇرۇشنى يەنىلا يالغۇز ئوكرائىينا بىلەنلا ئەمەس، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا بىلەن قىلىۋاتىدۇ. تەبئىي، رۇسىيەگىمۇ چاۋشىيەن ۋە ئىراندىن بىۋاستە، خىتاي ۋە ھىندىستاندىن بولسا ۋاستىلىق ياردەم (ئامېرىكانىڭ ئىمبارگۇسىغا بويسۇنمىغان ھالدا رۇسىيە بىلەن تىجارەتنى كېڭەيتىش) كېلىۋاتىدۇ. 2025-يىلى 6-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان يېقىنقى تەرەققىياتنى تەھلىل قىلغاندا ئامېرىكانىڭ مەيدانىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرىشى سەۋەبىدىن رۇسىيە بىر ئاز ئىلگىرلىدى، ئوكرائىينانىڭ ئىچكى قىسمىدا زېلېنىسكىيغا قارشى ئاۋازلار چىقىشقا باشلىدى ۋە ھازىرقى ئەڭ يېڭى خەۋەرگە قارىغاندا ترامپ بىلەن پۇتىن 15-ئاۋغۇست ئالياسكادا چۈشتىن كىين سائەت 3 تە، ئامېرىكانىڭ ھەربىي بازىسىدا ئوكرائىيناسىز ئوكرائىينا ئۇرۇشى سۆھبىتى ئېلىپ بارماقىچى. بۇ يازمىدا يېقىنقى ئىككى ئايدىكى ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئۆزگىرىشلەر،ترامپنىڭ تاشقى سىياستىنىڭ ئۇرۇشقا كۆرسەتكەن تەسىرى شۇنداقلا رۇسىيە ۋە ئوكرائىينا ئىككى تەرەپنىڭ كۈچلۈك ۋە ئاجىز تەرەپلىرى تەھىلىل قىلىندۇ.
6-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتە ترامپنىڭ « ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى 1-ئورۇندا» شۇئارى رامكىسى ئىچىدە ئوكرائيناغا قىلىۋاتقان ھەربىي ياردىمى تۇيۇقسىز توختىدى، ھەتتا يېرىم يولغا كېلىپ بولغان بەزى قورال-ياراقلارمۇ كەينىگە قايتىپ كەتكەن. بەشبۇرجەكلىك بىنا ياردەمنى توختىتىش سەۋەبىنى تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ ئاسىيادىكى يوشۇرۇن تەھدىد سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ ھەربىي زاپاس مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقى ئۈچۈن دەپ كۆرسەتكەن. ئوكرائىيناغا بولغان ھەربىي ياردەمنىڭ توختىشى بىلەن ئۇرۇشتا ئەڭ كېرەكلىك بولغان باشقۇرۇلدىغان بومبىلاردىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىلىرى، ھوجۇمچى راكىتا قاتارلىق قوراللار ئوكرائىيناغا بېرىلمىدى. بۇ ئۆزگىرىش ئىتتىپاقداش ياۋرۇپا بىلەن ئوكرائىيناغا چوڭ بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولدى، يەنى ئامېرىكىنىڭ ئۇلارغا داۋاملىق ياردەم قىلىدىغانلىقىنىڭ كاپالىتى يوق ئىدى. شۇنداقلا بۇ قارار يەنە رۇسىيە بىلەن سۆھبەتلىشىمىز دەۋاتقان مۇنداق بىر پەيتتە ئۇكرائىينانىڭ سۆھبەتتىكى ئورنىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، روسىيەگە يول قويۇشقا مەجبۇر بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرشقا يول ئوينىشى ئېنىق. بۇ باشقىلار تەرىپىدىن رۇسىيەگە قىلىنغان ياردەم دەپ قارالدى.
ئامېرىكانىڭ ياردىمىنىڭ توختىشى بىلەن 2025-يىلى 7-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ ، ئۇكرائىنا كۆپ تەرەپلەردە ئېغىر خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن. ئۇرۇش تېخمۇ كەسكىنلەشكەن بولۇپ، رۇسىيە قىسىملىرى ئەڭ مۇھىم ئىستراتىگىيلىك شەھەرلەردىن بىرى بولغان سۇمېيغا (Sumy) ئېغىر تەھدىد سالغان، يەنە بىر تەرەپتىن دونباستىكى جەڭ دەھشەتلىك تۈس ئالغان. ئۇكرائىينا روسىيەنىڭ رېكورت خاراكتىرلىك درون ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھوجۇملىرىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ ھەتتا بەزىدە بىر كېچىدە 500 قېتمدىن ئارتۇق بومباردىمان ئاستىدا قالدى. گەرچە ئوكرائىينا ئەمەلدارلىرى ئالدىنقى سەپنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئۇكرائىنانىڭ بەدىلى بەك ئېغىر بولۇپ كەتكەن.
ئۇرۇشتىكى تالاپەت ۋە ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسى ئوكرائىينا دۆلەت ئىچىدە، سىياسى جېدەل-ماجىرا، چىرىكلىشىش، تازىلاش ۋە باشتۇرۇش ھەركەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە زېلىنىسكىي ھۆكۈمىتىدە لاياقەتتىن بەكرەك ساداقەتكە تايىنىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىدىغان بىر يۈزلىنىشنىڭ بىشارەتلىرى كۆرىنىشكە باشلىغان. زېلىنسكىي ۋە ئاندرىي يېرماك رەھبەرلىكىدىكى پىرىزدىنت ئىشخانىسى دىمكراتىك شەكىلدە تەشكىللەنگەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش گۇرۇپىسى شۇنداقلا يەنە بىر قىسىم تەنقىدچىلەرنى رۇسىيە بىلەن ئالاقىسى بار دېگەندەك ناملار بىلەن تۇتقۇن قىلغان ۋە 22-ئىيۇل كۈنى 12144- نۇمۇرلۇق قانۇننى ئۆتكۈزۈپ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرمەكچى بولغان. ئەمما قانۇن دىمكراتچىلارنىڭ قارشى تۇرشىغا ۋە ئوكرائىينادا تۇنجى قېتىم زېلىنسىيگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشنىڭ يۈز بېرىشگە سەۋەب بولغان. ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە گ 7 دۆلەتلىرى رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلۋاتقان ئوكرائىينانىڭ رۇسىيەگە ئوخشاش دىكتاتۇرلۇققا يول ئاچىدىغان بۇ قارارىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. نەتىجىدە بۇ قانۇن 9 كۈندىن كىين ئەمەلدىن قالغان ۋە ياۋرۇپا ئىتىپاقى زېلىنسكىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
7-ئايدا تىرامپ يەنە ھىچكىمنى ھەيران قالدۇرمايدىغان بىر قارار چىقاردى. يەنى 7-ئىيۇل كۈنى ئوكرائىينانىڭ بەك ئېغىر زەربە يەپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ تۇيۇقسىز ئوكرائىينانى قورال بىلەن تەمىنلەشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋەتەنپەرۋەر ناملىق ھاۋا مۇداپىئە سىستىمىسى ۋە باشقا قوراللار بىلەن تەمىنلەشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭ بۇقارارى 3-ئىيۇل پۇتىن بىلەن قىلغان تىلىفۇن سۆھبىتىدىن كىين چىققان بولۇپ ترامپ قارارنىڭ سەۋەبىنى پۇتىندىن ناھايىتى ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ۋە ئوكرائىينانىڭ بەك زەربە يەپ كەتكەنلىكى شەكىلىدە ئىزاھلىغان. لېكىن بۇ قېتمىقى ياردەم بۇرۇنقىدىن ئازراق پەرقلىندىغان بولۇپ ئامېرىكا ئەمدى قورال – ياراق ئىئانە قىلمايدۇ، ئەكسىچە ياۋروپالىق ئىتتىپاقداشلار بۇ قوراللارنى ئوكرائىينا ئۈچۈن سېتىۋالىدۇ. ترامپ بۇنىڭدىن كىيىن پۇتىنغا 50 كۈن مۆھلەت بەردى ۋە 50 كۈن ئىچىدە تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىنمىسا رۇسىيە بىلەن سودا قىلىدىغان دۆلەتلەردىن% 100 لىك قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئالدىغانلىقى بىلەن تەھدىد سالدى.
بۇ قارار ئۇكرائىينانى يىنىڭ نەپەس ئالدۇردى. ئەمما ئىقتىسادىي جازا ئۈچۈن بېرىلگەن 50 كۈن مۆھلەت بەزى ئەندىشلەرنى پەيدا قىلدى. چۈنكى بۇ 50 كۈندە رۇسىيەنىڭ ھوجۇمنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى ئېنىق ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئوكرائىينالىقلار ئامېرىكادىن كېلىدىغان ھەربىي ياردەمنىڭ يېتەرلىكلىكى ۋە تىرامپنىڭ ئىزچىللىقىدىن گۇمان قىلىشىدۇ. چۈنكى ترامپ ئەتىسىلا بۇ قارارنى پۇتىندىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى ئۈچۈن چىقارغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بولسا ھىچقايسى تەرەپتە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا ئۇرۇشنىڭ خاراكتېرى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىشكە باشلىدى. كەڭ كۆلەملىك درون ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئالدىنقى سەپتىكى «ھالاكەت رايونى» كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كېڭەيدى. 15 كىلومىتىردىن 60 كىلومىتىر دائىرە ئىچىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئۇكرائىنانىڭ شېرش (Shersh) ۋە روسىيەنىڭ مولنىيا (Molniya) غا ئوخشاش ئوتتۇرا مۇساپىلىك درونلىرى، نەچچە كېلومىتىر يىراقلىقتىكى ئارقا سەپ تەمىنلەش زەنجىرى تەھدىدكە ئۇچرايدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن.
درونلار ئوكرائىينا ئۇرۇشىدا بۇرۇنقى جەڭ تاكىتكىلىرى ۋە نەزەرىيەلىرىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋەتتى. رۇسىيە 6-ئايدىن باشلاپ سىن يېتەكچى سىستېمىسى، سۈنئىي ئىدراك ۋە ياخشىلانغان ئېلېكترون ئۈسكۈنىلىرى سەپلەنگەن ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلگەن Geran-2 ۋە Geran-3 تىپلىق درونلارنى ئىشلىتىپ كەلگەن. بۇ درون 4000 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچالايدۇ ، نىشانغا چۈشكەندىكى سۈرئىتىنى 185 كىلومىتىردىن 600 كىلومىتىرغا يەتكۈزەلەيدۇ. 90 كىلوگىرامغىچە يۈك توشىيالايدىغان بولۇپ باھاسى 200 مىڭ دوللار.
بۇ خىل درونلار ئۇكرائيىنا مۇداپىئەسىگە ئېغىر قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلمەكتە. چۈنكى ئوكرائىينا تەرەپ 200 مىڭ دوللار ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئەرزان بولغان درونلارنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ئۈچۈن باللىستىك ۋە چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسۇشقا ئىشىلتىلىدىغان مىليون دوللارلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولماقتا. لېكىن ئۇرۇشتىكى بۇ جىددى ئەھۋال بەزى بۆسۈش خاراكترلىك نەتىجىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولماقتا. كەم دېگەندە تۆت ئۇكرائىينا شىركىتى ۋە گېرمانىيە شۇنداقلا ئېستونىيەدىكى بىردىن شىركەت رۇس درونلىرىغا قارشى ئەزران باھالىق درون تەتقىقاتى ئېلىپ بارماقتا. بۇ دورنلارنىڭ رۇسلارنىڭ Geran ناملىق درونلىرىنىڭ % 70 نى توسۇپ قالالايدىغانلىقى مەلۇم. زېلېنسكىي بۇلار بىلەن كەڭ كۆلەمدە توختام ئىمزالىغان بولۇپ، كۈنىگە 1000 دىن ئىشلەپچىقىرىشقا ئىھتىياجلىق ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن 6 مىليارد دوللار مەبلەغ زۆرۈر بولۇپ مەبلەغنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ھەركەتكە ئۆتكەن. مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، ھەر بىر دروننىڭ باھاسى 5000 دوللاردىن تۆۋەن بولۇشى، 300 كىلومىتىر سۈرئەت بىلەن 5000 مېتىر مۇساپىگە ئۇچالىشى كېرەك ئىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا ئەگەر روسىيە كۈنىگە 200 دىن كۆپ Geran ئىشلەپچىقىرالمىسا، ئۇكرائيىنا بۇ جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئېرىشىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇرۇش بىلەن تەڭ تەبئىي ھالدا دىپلوماتىيەمۇ ئېلىپ بېرىلماقتا. تۈركىيە ساھىبخانلىق قىلغان روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە سۆھبەتتە بەزى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈلدى . بولۇپمۇ 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا رۇسىيە ۋە ئوكرائىينا ئارىسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ چوڭ ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋۇجۇدقا چىقتى. ئەمما ئەڭ چوڭ دىپلوماتىك قەدەم 8-ئاۋغۇست ئېتىلدى. ترامپ ئىلگىرىكى جازا يۈرگۈزۈش تەھدىدلىرىنىڭ ئورنىغا، پۇتىن بىلەن 15-ئاۋغۇست ئالياسكادا سۆھبەت ئۆتكۈزدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ مۇتەخەسىسلەر تەرىپىدىن پۇتىننىڭ دىپلوماتىك غەلبىسى دەپ قارالماقتا. پۇتىن باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى ھاۋا ۋە دېڭىزدا چەكلىك دەرىجىدە ئۇرۇشنى توختاتتى، ئەمما قۇرۇقلۇقتىكى بومباردىمان قىلىش داۋاملاشماقتا.
ترامپ-پۇتىن ئۇچرىشىشى مۇجىمەللىك ۋە زىددىيەتلىك سىگىناللار بىلەن تولغان بولۇپ تىرامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرىنىڭ بىرى بولغان ستېۋ ۋىتكوف 6-ئاۋغۇست موسكۋادا تۇيۇقسىز زىيارەتتە بولۇپ ، روسىيەنى دۇنيا ئىقتىسادىغا قايتا ئەكىرىش ۋە جازانى بىكار قىلىش ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. پۇتىن بۇنىڭغا جاۋابەن ئەگەر ئۇكرائىينا دونېتسىك ۋە لۇھانسك ئۆلكىسىنىڭ چېگرالىرىدىن چېكىنسە، ئۇرۇشنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن بۇ شەرت يېڭى ئەمەس، شۇنداقلا ئۇكرائىنا ئىزچىل مۇرەسسەسىز رەت قىلىپ كېلىۋاتقان شەرت. چۈنكى بۇ رايۇنلارنىڭ كونتروللىقىنىڭ رۇسىيەگە ئۆتىشى رۇسىيەنىڭ ھەربىي ھەركەت ئارقىلىق يىتەلمىگەن مەخسەدكە يېتىشى بولۇپ ھىسابلىندۇ.
ترامپ-پۇتىن ئۇچرىشىشىغا زېلېنسكىينىڭ قاتناشمايدىغانلىقى ياۋروپا دۆلەتلىرىنى غەزەپلەندۈردى. گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېرز باشچىلىقىدىكى ياۋروپا رەھبەرلىرى 13-ئاۋغۇست زېلېنسكىي بىلەن ئېنترنىتتا باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ ترامپنى ئۆزلىرى بىلەن بىر تەرەپكە تارتىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ « ئۆتۈشكە بولمايدىغان قىزىل سىزىقى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار نىشان سۈپىتىدە ئۇرۇشنى توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئۇكرائيىنانىڭ ئۈستەلدە بولۇشى ۋە روسىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى كۈچلۈك بىخەتەرلىك كاپالىتى قاتارلىقلارنى تىلغا ئالغان.

يەنە بىر تەرەپتىن سۆھبەتكە ئاز قالغانسىرى ئالدىنقى سەپتە ئەھۋال تېخمۇ ناچارلاشماقتا. گەرچە ھەل قىلغۇچ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىتەرلىك دەرىجىدە قۇرۇقلۇق ئەسكىرى كۈچى بولمىسىمۇ، روسىيە قىسىملىرى زاپورىژا رايۇنىدىكى خام ئەشيا مەركىزىگە قاراپ ئىلگىرىلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئوكرائىينا ئىقتىسادىنىڭ تايانچ كۈچى بولغان دېھقانچىلىق ئىشلىرىمۇ روسىيەنىڭ درون ھۇجۇملىرى سەۋەبلىك تۈرلۈك قىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. 13-ئاۋغۇست كۈنى روسىيە ئارمىيىسى دونېتسىك رايونىنىڭ پوكروۋىسكىغا يېقىن ئۇكرائىنانىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئوكرائىينا ئالدىنقى سېپى ئۈچۈن مۇھىم بولغان تەمىنلەش لىنيىەسىنى ئۈزۈپ تاشلىغان. لېكىن ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى بۇ خىرىسلار شۇنداقلا ئۆزلىرىدىكى ئوق – دورىلارنىڭ كەمچىللىكىدىن ئاغرىنماي ئالدىنقى سەپتە مۇشەققەتلىك جەڭنى داۋام قىلماقتا. ئۇكرائىينا گېنراللىرى روسىيەنىڭ شەرتىلىرىگە ماقۇل دەپ «زىيانلىق تىنچلىق» ياكى ھەر قانداق شەكىلدىكى زېمىن بېرىشكە قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن سەپداشلىرىغا قىلنغان خىيانەت بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
گەرچە ئۇرۇشتا كۆپ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچۇرسىمۇ ئوكرائىينالىق ئەسكەرلەرنىڭ كەيپىياتىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ ئىكەنلىكى مەلۇم. ھەتتا ئۇرۇشقا ئاياللار كۆپلەپ قاتناشماقتا. ھازىر ھەربىيلىكتىكى ئۇكرائىينالىق ئاياللارنىڭ سانى تەخمىنەن 100 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ ، ھەربىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەخمىنەن %20 نى تەشكىل قىلىدىكەن. بۇ ئايال ئەسكەرلەر ئاساسلىق سىسترالىق ، شوپۇرلۇق ۋە درونلارنى كونترول قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە. ئۇرۇش قوراللىرىدىكى تېخنىكىلىق ئىلگىرىلەشلەر جەڭ مەيدانىدىكى ئەر-ئاياللارنىڭ ئەنئەنىۋى روللىرىنى ئۆزگەرتىۋاتقان بولۇپ، ئاياللار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئۇچقۇچىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئەرلەر بىلەن ئوخشاش نەتىجە يارىتالايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.
يەنە بىر تەرەپتىن ئۇكرائيىنا ئۇرۇشى رايۇنلۇق بەزى ئۆزگىرىشلەرگە سەۋەب بولماقتا. روسىيەنىڭ جەنۇبىي كاۋكازدىكى تەسىر كۈچىنىڭ ئاجىزلىغانلىقىنىڭ بىشارەتلىرى باش كۆتۈرمەكتە. ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە روسىيەنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئۆزلىرى ئارىسىدا بىۋاسىتە تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ باردى. ئەرمېنىيە روسىيەنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا يېقىنلاشماقتا ۋە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەركەت قىلماقتا. رۇسىيەمۇ قولىدىن كېلىدىغان بېسملارنى قىلىۋاتىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا ئەزەربەيجان ۋە ئەرمىنىيەنىڭ ترامپنىڭ يېنىغا بېرىپ 30 يىللىق سىياسىي زىدىيتىنى ھەل قىلىشى رۇسىيەگە ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا «سىنىڭ دەۋرىڭ ئاخىرلاشتى» دېگەن سىنگنالنى بەردى.
ئۇرۇشنىڭ بۇ خىل مۇرەككەپ ئەھۋالدىكى تەرەقىياتىدىن كىين ھازىرقى باسقۇچتا رۇسىيە ۋە ئوكرائىينا ئىككى تەرەپنىڭ كۈچلۈك ۋە ئاجىز تەرەپلىرى ھەققىدە توختىلىشقا توغرا كەلسە، قىسقىچە مۇنداق خۇلاسە چىقىرىلىشى مۇمكىن؛
رۇسىيەنىڭ كۈچلۈك تەرىپى
- روسىيە ھەربىي ھەركەتتە تەشەببۇسكارلىققا شۇنداقلا درون ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھوجۇملىرىدا ئۈستۈنلىككە ئېگە.
- ئالدىنقى سەپتە ئاستا بولسىمۇ ئىلگىرلەۋاتىدۇ.
- نەق پۇل بىلەن قىززىقتۇرۇش ئارقلىق ھەر ئايدا ئۇكرائىيناغا قارىغاندا 10-15 مىڭ ئارتۇق ئەسكەر قوبۇل قىلىدۇ.
- قارشى تەرەپتە ترامپ بولغانلىقى سەۋەبىدىن دىپلوماتىيە ئۈستىلىدە ئۈستۈنلۈككە ئېگە. چۈنكى ترامىپ رۇسىيەگە زىمىن بۆلۈپ بېرىش، ئۇكرائىينانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشىنى چەكلەش ۋە رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئىمبارگولارنى بىكار قىلىش قاتارلىق شەرتلەرنى قوبۇل قىلىش كېرەك، دەپ قارايدۇ.
ئاجىز تەرىپى
- رۇسىيەنىڭ ئىلگىرلىشى تولىمۇ ئاستا ۋە ناھايتى قىممەتكە توختىماقتا.
مۆلچەردىكى ئومۇمىي تالاپەتكە ئۇچۇرىغان رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 900 مىڭدىن 1 مىليون 300 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 190مىڭدىن 350 مىڭغىچە. شۇنداق بولسىمۇ كۈنىگە ئاران 15 كوۋادىرات كىلومىتىر زىمىن ئىشغال قىلالىغان بولۇپ بۇ دېمەك بىر ئەسكەرنىڭ ئۆلىمى بەدىلىگە بىر يىلدا پەقەت 0.038 كوۋادىرات كىلومىتىر زىمىنغا ئىگە بولغان.
- رۇسىيە ئۈچۈن ئۇرۇش چىقىمى ناھايىتى كۆپ بولىۋاتىدۇ ۋە رۇسىيەنىڭ ئىقتسادىنىڭ قاچانغىچە بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.
- ئۇرۇشنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى پۇتىن ئۇرۇش باشلىغان دەسلەپكى ۋاقتتىكى نىشانىدىن تولىمۇ يىراقتا.
- رۇسىيە بۇ ئۇرۇش سەۋەبلىك جەنۇبىي كاۋكاز، سۈرىيە ۋە ئوتترا شەرقتىكى تەسىر كۈچىدىن ئايرىلىپ قالماقتا.
ئوكرائىينانىڭ كۈچلۈك تەرىپى:
- ئوكرائىينا ئەسكەرلىرىنىڭ چىدامچانلىقى ۋە ھەرخىل ئۇرۇشلارغا تېز ماسلىشىشچانلىقى
- جەڭ قوراللىرى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈكلىكى، سۈنئىي ئەقىل بىلەن دروننى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلتىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقۇرىلىقى.
- ياۋرۇپانىڭ كۈچلۈك قوللىشى؛ ناتونىڭ تېخنىكا ۋە قورال ياردىمى
- ئوكرائىينا ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ كۈچلۈكلىكى
ئوكرائىينانىڭ ئاجىز تەرەپلىرى؛
- (گەرچە بەك ئېغىر بولمىسىمۇ) ئۇرۇشنىڭ ئوكرائىينا سىياسىتىنى ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن، لاياقەتتىن ساداقەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشى
- ئامېرىكا، ناتو ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى قاتارلىقلارنىڭ ياردىمىگە زىيادە تايىنىپ قېلىشى
- ئىتتىپاقداشلاردىن كېلىدىغان قورال ياراقلارنىڭ داۋاملىق تۈردە كېچىكىپ كېلىشى
- درون ھوجۇملىرى سەۋەبىدىن بىخەتەر دىھقانچىلىق قىلىشنىڭ قىينلىشىپ كېتىشى
ھىچبولمىسا ھازىرچە ئوكرائىينانىڭ ئامېرىكانىڭ ھەربىي ۋە دىپلوماتىك ياردىمىگە تايىنشتىن باشقا ئەقىلگە مۇۋاپىق باشقا چىقىش يولى قالمىغان بىر تارىخىي شارائىتتا ترامپ پۇتىن بىلەن بولىدىغان سۆھبەت ھەققىدە زىددىيەتلىك بايانات بېرىشنى داۋام قىلماقتا. 8-ئاينىڭ 11-كۈنى، ھىندىستانغا روسىيەنىڭ نېفىتىنى سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇكرائىينانىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى سۆھبەتتە زېمىنىنى بېرىشىكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ پۇتىننىڭ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن شۇنداقلا پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنى پەقەت بىر-بىرى بىلەن تونۇشۇش ۋە ئىشلارنىڭ قەيەردىن قەيەرگىچە ئىكەنلىكىنى كۆرۈش يىغىنى ئىكەنلىكىنى دېگەن. ئەگەر ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولمىسا ، يىغىندىن ئايرىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا بۇ قېتىم ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان روسىيەگە ئەڭ قاتتىق بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. بۇ زىدىيەتلىك باياناتلار ترامپنى پۇتىننىڭ نەزرىدە بەك قورقۇپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوق بىر ئامېرىكا لىدىرى ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويدى، دېيىش ھەرگىز خاتا بولمايدۇ.
بۇ ھادىسىلەر دۇنيا دۆلەتلىرىگە ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ نە قەدەر تەخمىن قىلغىلى بولمايدىغان ھالەتكە كىلىپ قالغانلىقى ھەققدىمۇ ئاگاھلاندۇرۇش سىنگىنالى بەرمەكتە. پۇتىن بىلەن بولىدىغان سۆھبەت ئەمەلىيەتتە ئىككەيلەننىڭ يەتتىنچى قېتىم بىۋاسىتە سۆزلىشىشى ھېسابلىنىدۇ. ترامپ ئۆزىنى كېلىشىم تۈزۈشكە ماھىر دەپ قارايدۇ ئەمما بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئۇنىڭ سودا- سېتىق خاراكتىرىگە ئىگە دىپلوماتىيە ئۇسلۇبىغا قارىتا ئەڭ چوڭ سىناق بولۇپ ھىسابلىندۇ. ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەر (15-ئاۋغۇسىت لوندون ۋاقتى ئەتىگەن 9) گە قارىغاندا ئامېرىكالىقلارنىڭ ترامپنىڭ پۇتىن بىلەن بولغان يىغىندا ئوكرائىينا ئۇرۇشى ئۈچۈن ئاقىلانە قارار چىقارالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ.
پېۋ تەتقىقات مەركىزىنىڭ (The Pew Research Center) تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە ،% 59 ئامېرىكىلىق ترامپنىڭ رۇسىيە توغرىسىدا قارار چىقىرىشىغا ئىشەنچى يوقلىقىنى ،% 40 كىشى ئۇنىڭ ئاقىلانە قارار چىقىرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تەكشۈرۈشكە قارىغاندا ،% 33 زىيارەت قىلىنغۇچى تىرامپنىڭ روسىيەنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ،% 6 زىيارەت قىلىنغۇچى بولسا ئۇكرائىنانى بەك قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى روسىيەگە كەلگەندە ترامپقا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئامېرىكىلىقلارنىڭ % 50 ى ئامېرىكىنى ئۇكرائيىنانى رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزىدىن ئۆزىنى قوغداشقا ياردەم بېرىش مەسئۇلىيىتى بار، دەپ قارايدىغان بولسا ،% 47 كىشى ئۇنداق ئەمەس دەپ قارايدىكەن. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدە ئامېرىكىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارايدىغانلارنىڭ نىسبىتى مارتتىن بۇيان %12 ئېشىپ ،% 23 تىن% 35 كە چىققان. دېموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ ئىچىدە % 66 كىشى ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائيىناغا ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى بار دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ترامپ ھەققىدىكى نىگاتىف قاراشلار پەقەت ترامپنىڭ بۇرۇنقى تاشقى سىياسەتلىرىگە قاراپ چىقىرىلغان ئالدىن ھۆكۈملەر. ئەگەر ترامپ بۇ قېتىم پۇتىنغا يۈرەكلىك قارشى تۇرالىسا ، بەلكىم ئۇ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كېلىشىمنى ھاسىل قىلىپ ، ياۋروپانىڭ 1945-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشى مۇمكىن. يەنە كېلىپ، بۇ يەردە كېلىشىم ھاسىل بولسا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە ئېلىپ بارغان ھوجۇملىرىنى توختىتىش ئۈچۈن تېخمۇ ماقۇل شارئىت يارىتىلىشى ۋە ترامپ ھەقىقي نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا لايىق پىرزدىنت بولۇپ چىقىشى مۇمكىن. ئالياسكادىكى سۆھبەتتە پۇتىنغا ئەلۋەتتە ئەينى ۋاقىتتا زېلىنسكىيغا مەشنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ قىلغان مۇئامىلىنى قىلمايدۇ. ئەمما پۇتىندىن تەپتارتىدىغان بىر كەيپىياتىقا ئىگە ترامپ ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟ ئوكرائىينا ۋە ياۋرۇپادىكى ئىتىپاقداشلىرىنىڭ مەنپەتىنى قانچىلىك قوغدايدۇ؟ ئىككى تەرەپ جىددى ۋە «چىرايلىق» شەكىلدە سۆھبەت ئۆتكۈزەمدۇ؟ ياكى بىر-بىرىگە تەھدىد سېلىشامدۇ؟ ھەممىدىن مۇھىمى ئوكرائىينانىڭ تەقدىرىنىڭ ئوكرائىيناسىز بەلگىلەنمەكچى بولۇشى قانچىلىك كۈچكە ئېگە بولىدۇ؟ بۇ ھەر قايسى تەرەپلەر ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئۇرۇشنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم.
پايدىلانغان مەنبەلەر
- Ukraine’s political infighting gets nasty, The Economist, Jul 6th 2025
- The War Room newsletter: Why America is denying Ukraine weapons, The Economist, Jul 7th 2025
- Trump embarrasses the Pentagon with a U-turn on Ukraine, The Economist, Jul 8th 2025
- Russia’s summer Ukraine offensive looks like its deadliest yet, The Economist, Jul 9th 2025
- Putin’s war in Ukraine may cost him control of the south Caucasus, The Economist, Jul 10th 2025
- Ukraine’s front-line farms battle Russians and weather, The Economist, Jul 13th 2025
- Fed up with Putin, Trump offers Ukraine arms and tariffs, The Economist, Jul 14th 2025
- Outrage in Ukraine as the government attacks anti-corruption watchdogs, The Economist, Jul 22nd 2025
- Volodymyr Zelensky has made a strategic blunder, The Economist, Jul 23rd 2025
- Russia and Ukraine must seek a proper framework for talks, The Economist, Jul 25th 2025
- Parliament restores independence to Ukraine’s corruption-fighters, The Economist, Jul 31st 2025
- Ever more Ukrainian women are joining the army, The Economist, Jul 31st 2025
- Kurt Volker and Nico Lange, How NATO’s European members can help Ukraine and help themselves, The Economist, Aug 1st 2025
- On Ukraine’s front lines the kill zone is getting deeper, The Economist, Aug 4th 2025
- Instead of sanctions, Donald Trump announces a summit with Russia, The Economist, Aug 9th 2025
- Nerves are fraying ahead of the Trump-Putin summit, The Economist, Aug 12th 2025
- What Putin wants from Trump in Alaska, The Economist, Aug 13th 2025
- How to win at foreign policy, The Economist, Aug 14th 2025
- Live updates: Trump and Putin set for Alaska summit in push to end war in Ukraine, NBCNWES, Aug 15th 2025
