
پۇتىن ئالياسكادا ئايروپىلاندىن چۈشۈپ قىزىل گىلەمگە قەدەم قويغان دەقىقىدىن باشلاپ ئۇنىڭ ترامپ بىلەن بولىدىغان ئۇچۇرشىشى مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى. ترامپ پۇتىنىغا ھەم دوستانە مۇئامىلە قىلىشنى، ھەم ئامېرىكانىڭ كۈچىنى كۆرسەتمەكچى ۋە بۇ ئارقىلىق پۇتىنغا ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھىس قىلدۇرماقچى بولغاندەك قىلاتتى. ئۇ بىرەر مىنۇت بۇرۇن ئايرۇپلاندىن چۈشۈپ پۇتىننى چاۋاك بىلەن قارشى ئالدى. ئىككەيلەن قەدىناسلارچە كۆرۈشىۋاتقاندا ئاسماندىن ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ يادرو بازىسىنى ۋەيران قىلغان B-2 تىپلىق كۆرۈنمەس بومباردىمانجى ئايرۇپلانى بىلەن F-35 ۋە F-22 ئۇرۇش ئايرۇپلانلىرى ئۇچۇپ ئۆتتى. بۇ پۇتىنغا بېرىلگەن سىنگال ئەلۋەتتە. F-22 دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار كۆرەشچى ئايرۇپلانى ھەم بۇنى باشقا دۆلەتلەرگە ساتمايدۇ؛ B-2 تىپلىق ئايرۇپلاندىن بولسا دۇنيادا پەقەت ئامېرىكىدىلا 21 سى بار. چۈنكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇنداق ئايروپلان ياسىغۇدەل تېخنىكىسى يوق. شۇنداقلا بۇ ئايرۇپلان ئەينى ۋاقىتتا سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يادرو بازىللىرىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن ياسالغان. بۇ قېتىم سۆۋىتنىڭ ھەيۋىسىنى قايتا قۇرۇپ چىقماقچى بولغان پۇتنىغا بۇنى كۆرسەتتى. ئەمما سۆھبەتتىن بۇرۇنقى ۋە كېينكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ قېتىم بېرىلگەن سىگىنال قوپال ۋە دۈشمەنلەرچە سىگىنال ئەمەس. پۇتىن بىلەن ترامپ رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇچراشتى. ئەمما ئوخشىمايدىغان يېرى غەربنىڭ نەزىرىدىكى قانخور پۇتىن ئامېرىكانىڭ ئەزىز مىھمىنى سۈپىتىدە كۈتىۋېلىندى.
يىغىن ئالياسكا ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 11 دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە باشلىنىپ چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە ئاخىرلاشتى. ئىككى رەھبەرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە باشلانغان. پۇتىن باشتا گەپ باشلاپ ترامپنىڭ ئالياسكادەك ئىككى دۆلەتكە جۇغراپىيلىك جەھەتتىن يېقىن (پەقەت 4 كىلومىتىر) رايۇننى ئۇچۇرشۇش مەيدانى قىلىپ تاللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. شۇنداقلا ئالياسكانىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىككى دۆلەتنىڭ فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشتكى ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ نامايان بولغان رايۇن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ تۆت يىلدىن بۇيان رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا باشلىقلار يىغىنىنىڭ بولمىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا» چۈشۈپ قالغانلىقىنى شۇنداقلا ۋەزىيەتنى ئوڭشاپ قارشىلىشىشتىن دىئالوگقا ئۆتۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئوكرائىينا ئۇرۇشى ھەققىدە رۇسلارنىڭ ئوكرائىينالىقلار بىلەن قېرىنداش خەلق ئىكەنلىكىنى، ئۇرۇشنى توختىتىش مەسىلىسىدە ئۇزاق مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن روسىيەنىڭ بارلىق قانۇنلۇق ئەندىشىلىرىنى ئويلىشىش ئاساسىدا بۇ توقۇنۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ ھەممىسىنى يىلتىزىدىن يوقىتىش ، بۇنىڭ بىلەن ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ بىخەتەرلىك تەڭپۇڭلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە ترامپ بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ترامپنىڭ ئوكرائىينا ئۇرۇشىنى ھەل قىلىش يولىدىكى سەمىمىيتى ۋە تېرىشچانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. يەنە ترامپنى «روسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي مەنپەئەتى بارلىقىنى چۈشىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئۆز دۆلىتىنىڭ گۈللىنىشىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان» رەھبەر دېگەن. ئۇرۇشنىڭ يامانلىشىشپ كەتكەنلىكىگە بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى ئىما قىلغان پۇتىن، ئەگەر ترامپ ھاكىمىيەتتە بولغان بولسا ئۇرۇشنىڭ بۇ ھالغا كېلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان شۇنداقلا ئوكرائىينانىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىدە ترامپقا قوشۇلدىغانلىقىنى بايان قىلغان. پۇتىن ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ «ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلغان، ياخشى نىيەتكە ئېگە ئىجابىي كەيپىيات» تا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسدىكى مەبلەغ سېلىش ، سودا ھەمكارلىقى ، رەقەملىشىش ، يۇقىرى تېخنىكا ، ئالەم چارلاش ۋە شىمالىي قۇتۇپ ھەمكارلىقى قاتارلىق غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى تونۇپ يىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ترامپمۇ يىغىننىڭ ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك بولغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ پۇتىن بىلەن قالتىس ياخشى مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تىلغا ئالغان. ئىككى تەرەپنىڭ نۇرغۇن جەھەتلەردە بىرلىككە كەلگەنلىكىنى ئەمما بىرلىككە كېلەلمىگەن مەسىللەرنىڭمۇ بارلىقىنى ۋە قايسى مەسىللەردە بىرلىككە كېلەلمىگە نلىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ پۇتنىغا يىغىنغا كەلگەنلىكى ئۈچۈن چۇڭقۇر تەشەككۈر ئېيتىپ، پۇتىننىڭ قالتىس رەھبەر ئىكەنلىكىنى ماختىدى. ترامپ ئۇزۇنغا قالماي كۆرشۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پۇتىن بۇنىڭغا بىۋاستە ئىنگىلىز تىلىدا كۈلۈپ تۇرۇپ « كىينكى قېتىملىقى مۇسكىۋادا بولسۇن،» دېدى. ترامپ يەنە يىغىن ھەققىدە زېلېنسكى، ياۋروپا ۋە ناتو رەھبەرلىرىگە ئۇچۇر بېرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
The Economist نىڭ ئۇچۇرشۇش ھەقىقىدىكى خەۋەرىگە قارىغاندا ترامپ تىلغا ئالغان « بىرلىككە كەلگەن نۇرغۇن ، نۇرغۇن نۇقتىلار» ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى توختىتىش ھەققىدە ئەمەس ئىكەن. بۇ خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپا رەھبەرلىرى ئۈچۈن خوش خەۋەر. چۈنكى ئۇلار تىرامپنىڭ پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا بولغان تەلىپىگە بوي سۇنۇشىدىن ئەنسىرەيتى. ئەمما بۇ قېتىم ترامپ ئوكرائىيانىڭ تۇپراق بېرىش مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان. يەنە رۇسىيە، ئوكرائىينا ۋە ئامېرىكا لىدىرلىرىنىڭ ئۈچ تەرەپلىك ئۇچۇرشىشىنىڭ ئېنىق ۋاقتى تېخى يوق. شۇنداقلا پۇتىن بۇرۇن تىلغا ئالغان يادرو قوراللىرىنى كونترول قىلىش كېلىشىمى ھەققىدىمۇ گەپ بولۇنمىغان.دېمەك پۇتىن بىلەن ترامپ بۇ ھەقتە بىرلىككە كېلەلمىگەن. بۇ خەۋەر كۆپرەك ترامپنىڭ ۋە ئۇچۇرشىشنىڭ سەلبى تەرەپلىرى ھەققىدە توختالغان بولۇپ ترامپنىڭ باشقا ئاخبارات ۋاستىللىرىگە بەرگەن باياناتلىرى بىلەن زىت تەرەپلىرى بار.
ئۇچۇرشىشتىن كىين ئىككى رەھبەر ھېچقانداق سوئالغا جاۋاب بەرمىدى. چۈنكى سۇئال-جاۋاب بولغاندا سۆھبەتنىڭ كەيپىياتىغا ناچار تەسىر يەتكۈزدىغانلىقى ئېنىق. مەسىلەن ترامپ بۇرۇن ئەگەر روسىيە توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرمىسا «ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەت» كە دۇچار بولىدىغانلىقىنى سۆزلىگەن ئىدى. بۈگۈن بۇ ھەقتە سۇئال سورىسا نېمە دەيدۇ؟ يەنە تېخى كۆرۈشۈشتىن بىر نەچچە سائەت بۇرۇن ترامپ «فوكىس خەۋەر» «ئەگەر مەن مەلۇم دەرىجىدە ئۇرۇش توختىتىشنى قولغا كەلتۈرەلمىسەم مەمنۇن بولمايمەن» دېگەن. بۇ ھەقتىكى سۇئالغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىدۇ؟ پۇتىندىن«نېمىشقا ئوكرائىيناغا تاجاۋۇز قىلدىڭىز؟ قاچان بىگۇناھ ئوكرائىينالىقلارنى ئۆلتۈرۈشنى توختىتىسىز؟» دەپ سورىسىچۇ. شۇڭا ھەر ئىككى تەرەپ مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرمەسلىك ھەققىدە باشتىلا كېلىشىپ بولغان گەپ.
ترامپ فوكىس خەۋەرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «ئەمدى توپ ئۇكرائىينانىڭ مەيدانىدا» دېگەن. ئۇ «ھازىر ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پرېزىدېنت زېلېنسكىينىڭ ئىشى ، ياۋروپا دۆلەتلىرىگىمۇ دەيمەن، ئۇلارمۇ ئازراق ئارىلىشىشى كېرەك» دېگەن. ترامپ يەنە ياۋرۇپانىڭ زېلېنسكىي، پۇتىن ۋە ئۆزى ئوتتۇرىسىدا بىر يىغىن ئورۇنلاشتۇرماقچى ئىكەنلىكىنى ۋە تەرەپلەرنىڭ ئوكرائىينا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش نىسبىتىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.
بىر كۈندىن كېيىن چىققان خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، پۇتىن جۈمە كۈنى ئالياسكادا ترامپقا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇكرائىينانىڭ روسىيە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن دونېتسىك ۋە لۇھانسكتىن ئىبارەت ئىككى رايونىدىن چېكىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. شەنبە كۈنى زېلېنىسكى ياۋروپا رەھبەرلىرى ھەمرالىقىدا ترامپ بىلەن سىنلىق كۆرۈشكەن. زېلېنسكىي دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا تىرامپ بىلەن كۆرۈشىدىغان بولغان.
ئۇچۇرشۇشنى ھىچقانداق مەسىلە ھەل بولمىدى، ياكى پۇتىن غەلبە قىلدى دەپ تەنقىد قىلىۋاتقانلار كۆپ. ئەمما شۇنى ئېيتىش كېرەككى ئۇچرىشىشنىڭ بولغىنى ھىچ بولمىغىندىن ياخشى بولدى. ئەڭ بولمىغاندا مونۇ ئىككى جەھەتتىن ئىلگىرلەش بولدى دەپ قاراشقا بولىدۇ؛
- ترامپ بىلەن پۇتىن بىر-بىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلغان شەكىلدە يۈز تۇرانە كۆرۈشتى. بۇنىڭ بىلەن بۇنىڭدىن كېينكى كۆرۈشۈشلەر ئاسان بولىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ كۆرۈشۈپ تۇرۇشى ئوكرائىينا ئۇرۇشى ۋە باشقا چوڭ مەسىللەر ئۈچۈن مۇھىم.
- يۈزمۇ-يۈز ھالدا رۇسىيەنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقى ھەققىدە سۆھبەتلىشىش مەسىلىنى ھەل قىلشتا مۇھىم. چۈنكى بۇ مەسىلە بۇرۇن سۆزلىشىلمىگەن.
بۇنداق بىر ئۇچۇرشۇش بايدىن ھۆكۈمىتى بىلەن بولمايتى. چۈنكى بايدىن پۇتىننى ئوچۇق ئاشكارا تەنقىد قىلاتتى ۋە ئۇرۇشتىكى پوزىتسىيەسى كەسكىن ئىدى. بۇ ھەرگىزمۇ بايدىن خاتا ترامپ توغرا دېگەن گەپ ئەمەس. دەل ئەكسىچە ترامپنىڭ رۇسىيە سىياسىتى پۇتننىڭ ئەزۋەيلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولماقتا. ئەمما ئۇرۇش توختىشى كېرەك. ھازىرقى ھالەتتە بۇ ئۇرۇشتا ھىچكىم يىڭەلمەيدۇ. رۇسىيە كۈچلۈك كۆرۈنگىنى بىلەن ياۋرۇپا ھەقىقەتەن ئوكرائىينانىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ بەرسە ئۇرۇش يەنە نەچچە يىل داۋام قىلىدۇ. ياۋرۇپا ئۈچۈنمۇ ئۇرۇشنى ئوكرائىينا زىمىندىن چىقارماسلىق « پايدىسىز تاللاشلارنىڭ ئىچىدىكى پايدىلىقراق بولغىنى» دۇر.
شۇڭا ئۇرۇشنى سۆھبەت ئارقىلىق توختىتىش ئەڭ ئاقىلانە تاللاش. بۇنىڭ ئۈچۈن رۇسىيە ياكى پۇتىن گىپىنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت ۋە شەخس ئامېرىكا ۋە ترامپتۇر. ئەگەر سۆھبەتكە رۇسىيە، ئوكرائىينا ۋە ياۋرۇپا ئۇچ تەرەپ قوشۇلسا ھەممە تەرەپ يېڭىپ چىقىدىغان سىنارىيەلەر مەۋجۇت. بەلكىم بىر سىنارىيە قىرىمنى رۇسىيەگە بېرىپ دونېتسىك ۋە لوھانسك قاتارلىق رۇسىيە 2022 -يىلىدىن باشلاپ ئىشغال قىلىۋالغان جايلارنى قايتۇرۋېلىش بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بۇنداق بولسا بۇ ھەتتا ئوكرائىينا ئۈچۈنمۇ «غەلبە» بولۇشى مۇمكىن. لېكىن رۇسىيەنىڭ بۇنى قوبۇل قىلىشى تەس. ئەمما ئامېرىكا بىلەن ياۋرۇپانىڭ رۇسىيەگە بېسىم قىلالايدىغان تىجارەت ۋە دىپلوماتىيە كوزۇرلىرى بار. لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن تەرەپلەر باشتا سۆھبەتكە ماقۇل دېيىشى كېرەك.
ئوكرائىينا باشتىن ئاخىرى «قىرىمنى ھەرگىز رۇسىيەگە بەرمەيمىز» دەپ كېلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە شۇنداق دېيىشى كېرەك. «بېرىمىز» دېسە بولامتى؟ چۈنكى ئۆز خەلقى ۋە دۇنياغا رۇسىيەدىن قورقمايدىغان قەتئىي ئىرادىسى بارلىقىنى كۆرسىتىش لازىم. شۇڭا شۇنداق دەيدۇ. ئەمما ئەملىيەتتە رۇسىيە قىرىمنى ھەرگىز قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. قىرىم رۇسىيەنىڭ ئالدىنى توسۇپ تۇرغان سېپىلغا ئوخشايدۇ شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ دۇنياۋى كۈچ بولۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى دېڭىزغا ئېچىلالمايدىغان دۆلەت باشقا كۈچلۈك رەقىبلىرى بىلەن ئېلىشالمايدۇ. شۇڭا قىرىمنى ئىشغال قىلىش رۇسىيەنىڭ ئۇزۇن يىللىق پىلانى ئىدى ۋە ھازىر بۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى. رۇسىيە ئۈچۈن قىرىم مەسىلىسى مۇنازىرە قىلىدىغان مەسىلە ئەمەس. بۇنى ھەممە تەرەپ بىلىدۇ. شۇنداقلا دىققەت قىلىدىغان بولساق ھازىر قىرىم خەۋەرلەردە ئۇنچە كۆپ تىلغا ئېلىنمايدۇ. ئەكسىچە ئوكرائىينانىڭ شەرقتىكى زىمىنلىرى كۆپ تىلغا ئېلىندۇ. بۇ بەلكىم ئوكرائىينا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بۇ زىمىندىن ۋاز كېچىشكە تەييارلىق قىلىپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. چۈنكى ئامېرىكىمۇ قاتناشقان چوڭ كۆلەملىك بىر ئۇرۇش بولمىسا قىرىمنى قايتۇرۋېلىشقا ئوكرائىينا ۋە ياۋرۇپانىڭ ھازىرچە كۈچى يەتمەيدۇ.
بەلكىم رۇسىيە تېخىمۇ چوڭ نەرسە ئىستىشى مۇمكىن ھەم بۇنىڭ ئىھتىماللىقى يۇقىرى. يازمىمىزنىڭ تېمىسى بۇ بولمىغاچقا ئىچكىرلەپ كىرمەيمىز. لېكىن بۇ ئۇرۇشنىڭ ھېچبىر تەرەپكە پايدىسى بولمىغىنى ئېنىق ۋە قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىش ئاقلانىلىك ئەمەس. شۇڭا ئۈستەل يۈزىدە ھەل قىلىش كېرەك ۋە ترامپ بىلەن پۇتىن بۇنىڭ ئاساسىنى ھازىرلىدى. ترامپنىڭ «بىز بىرلىككە كېلەلمىگەن مەسىللەر بار» دېگىنى ئەملىيەتتە ترامپنىڭ پۇتىنغا يول قويمىغانلىقى ياكى باشقىچە يول كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجسىدۇر. ئەگەر ئوكرائىينا مەسىلىسى ترامپنىڭ بۇ قېتىملىق داستىخان سېلىشى بىلەن ھەل بولسا ئامېرىكانىڭ يەر شارىۋى ئىستراتىگىيەسى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارتلىىشى مۇمكىن. چۈنكى ئامېرىكانىڭ ئەسلى رەقىبى تنچ ئوكياندىكى خىتاي. ئەمما ئوكرائىينا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇشلار تۈپەيلىدىن ئۇ تەرەپكە يىتەرلىك قاراپ بولالمايۋاتىدۇ. ھازىر ئوتتۇرا شەرقتىمۇ تۈركىيە، سۈرىيە، ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەنمۇ ئۇچۇرشىشلار بولىۋاتىدۇ. بۇلار ھەل بولسا دۇنيادا يېڭىدىن رۇسىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكادىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كۈچنىڭ تىركىشىش ۋەزىيتى بارلىققا كېلىدۇ. خىتايلار بۇ خىل ئىھتىماللىقىنى دەۋاتقىلى 10 يىل ئەتراپىدا بولدى. ئۇلار بۇنى « يېڭى ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرى» دەيدۇ. مانا بۇ يېڭى ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە رۇسىيەنىڭ مەيدانى (بىر تەرەپتە تۇرۇش ياكى بىر چەتتە تۇرۇش ۋە ياكى نىترال ھالەتتە رىقابەتلىشىش) ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ۋاقىتتا ترامپنىڭ ئالياسكادا سالغان داستىخىنىنىڭ ۋە كېينكى ھەيدەكچىلىكنىڭ يۈز خاترىسى بولۇشى مۇمكىن.
پايدىلانغان مەنبەلەر
- Donald Trump’s gift to Vladimir Putin, The Rconomist, 16th August
- Trump and Putin’s full news conference following Alaska summit, Sky News YouTube, 16th August
- No deal, and no answers, after brief Trump-Putin talks on Ukraine in Alaska, Gurdian, 16th August
- Key takeaways from the Trump-Putin summit, Matthew Lee, The Associated Press, 16th August
- The world in brief, The Economist, 17th August
