18-ئاۋغۇست ترامپ بىلەن زېلېنسكىي ۋە كېيىر ستارمېر ، ئېممانۇئېل ماكرون ، فرېدرىخ مېرز ، مېلونى قاتارلىق ياۋروپانىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلىرىنىڭ يەتتە چوڭ رەھبىرىنىڭ ئاقسارايدىكى ئۇچرشىشى ئۈچ يىل داۋاملاشقان روسىيە-ئۇكرائىينا ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق پەيىتلىرىنىڭ بىرىدۇر. ياۋروپا رەھبەرلىرى ئاتايىن زېلىنىسكىيغا ھەمرا بولۇپ كەلگەن بولۇپ، سەۋەبى؛
- پۇتىن ۋە ترامپقا ئوكرائىينانىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ۋە ياۋروپانىڭ كەسكىن بىر شەكىلدە ئوكرائىينانىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش.
- ترامپنىڭ زېلېنسكىيغا بېسىم قىلىپ ئوكرائىينا ۋە ياۋروپاغا زىيانلىق بولغان بىر تەرەپلىمە كېلىشىم تۈزمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش.
- پۇتىنغىمۇ «ئوكرائىينا ئاسان لوقما ئەمەس» دېگەن سېگىنال بېرىش بولۇپ، چوڭ جەھەتتىن تىنىچلىق كېلىشىمى تۈزۈش ئۈچۈن ئىجابى رول ئوينايدۇ.
ئالدىنقى ھەپتە ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ ئالياسكادىكى ئۇچرشىشىنىڭ تەپسىلاتى ئېنىق بىلىنمىگەن بولسمۇ، يىپ ئۇچىلىرىغا قارىغاندا مۇنداق ئۈچ مەسىلە بار؛
- تىرامپ ئۇرۇش توختىتىش تەلىپىنىڭ ئورنىغا پۇتىننىڭ تېخىمۇ كەڭ بولغان «تىنچلىق كېلىشىمى» ۋىزىيونىنى قوبۇل قىلدى.
- ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئىمبارگو ئارقىلىق روسىيەگە تەھدىت سېلىشتىن ۋاز كەچتى. ئەمەلىيەتتە بۇ غەربنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوكرائىينا تەرەپنىڭ پۇتىن بىلەن بولغان سۆھبەتتىكى چوڭ بىر كوزۇرىنى يوق قىلدى.
- تىنچلىق شەرتلىرىنىڭ بىرى ئوكرائىينانىڭ ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇش توختىتىشى بىلەن بىرگە ئۇكرائىينانىڭ شەرقىدىكى دونېتسىكنىڭ ھازىر ئىشغال قىلىنمىغان قىسىملىرىنى قوشۇپ روسىيەگە بېرىش .
زىمىن مەسىلىدە تىرامپنىڭ روسىيە ئىشلىرى ئەمەلدارى ستىۋ ۋىتكوف ھەپتە ئاخىرىدا CNN قانىلىغا بەرگەن زىيارىتىدە «تۇپراق ئالماشتۇرۇش» مەسىلىسى توغرىسىدىكى ھەر قانداق قارارنىڭ ئۇكرائىينالىقلارغا باغلىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە يەنە روسىيەنىڭ ئۇكرائىينانىڭ بەش رايونىغا بولغان زېمىن تەلىپىنىڭ ئۇرۇشنىڭ «تۈگۈنى» ئىكەنلىكىنى، دونېتسىك مەسىلىسىدە مۇھىم بىر كۆرۈشۈشنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئۇكرائىينانىڭ بىر ئىستىخبارات خادىمىنڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا ئۇكرائىينانى زېمىنىدىن ۋاز كېچىش توغرىسىدا ئىنتايىن چوڭ بېسىم قىلماقتا.
بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇكرائىينا نېمىگە ئېرىشىدۇ؟ ۋىتكوفنىڭ دېيىشىچە،
- روسىيە ئوكرائىينانىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ناتونىڭ 5-ماددىسغا ئوخشاش بىركېلىشىم تۈزسە قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
- روسىيە رەسمىي «قانۇن تۇرغۇزۇش» شەكىلىدە ئۇكرائىيناغا ياكى ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتكە قايتا تاجاۋۇز قىلمايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.
- پۇتىن يەنە بىر قىسىم بېسىۋېلىنغان رايونلارنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ترامپ بىلەن زېلنسكىي ۋە ياۋروپا باشلىقلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان يىغىننىڭ مەخسىدى بولسا ئامېرىكىنىڭ مەيدانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە روسىيە بىلەن بولىدىغان سۆھبەت ھەققىدە ئامېرىكا، ئۇكرائىينا ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئىنكاسى ۋە جاۋابنى بىرلىككە كەلتۈرۈش. يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىللەر چوڭ جەھەتتىن تۆۋەندىكى بەش چوڭ نۇقتىغا مەركەزلەشكەن؛
- تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى
- روسىيەگە زىمىن بېرىش مەسىلىسى
- ئوكرائىينانىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى
- روسىيەگە قارىتىلغان ئىمبارگو
- تۈزىلىدىغان شەرتنامىلەرنىڭ ئىتراپ قىلىنىش- قىلىنماسلىق مەسىلىلىرى.
ئەمما تەرەپلەر ئارىسدا ، بولۇپمۇ روسىيەنىڭ بەك چوڭ تەلەپ قويۇشى ۋە ئامېرىكىنىڭ ۋەدىلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە ئوخشمىغان قاراشلار ۋە ئېنىقسىزلىقلار مەۋجۇت.
تېنچلىق سۆھبەتلىرى مەسىلىسىدە تىرامپنىڭ مەيدانىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى. چۈنكى ئۇ سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى سۈپىتىدە، باشتا دەپ كېلىۋاتقان روسىيەنىڭ دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلىشتىن ۋاز كېچىپ ، پۇتىن ئوتتۇرىغا قويغان «كەڭ كۆلەملىك تىنچلىق» قارىشىنىڭ چوقۇم بىۋاسىتە نىشان بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ «يا ھەممىسى ياكى ھېچبىرى» ئۇسۇلىنى ئۇكرائىينالىقلار «ئاسانلا دەسسەپ – چەيلىگىلى بولىدىغان شۇنداقلا سۆھبەتتە ئۈستۈنلۈك ئاسانلا روسىيە تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدىغان» ئۇسۇل دەپ قارىماقتا . زېلېنسكىي ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇكرائىينانىڭ مەيدانىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ ، كەڭ كۆلەملىك كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن باشتا چوقۇم تولۇق ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى كېرەكلىكىنى، ئۇكرائىينانىڭ ھەرگىزمۇ روسىيە بىلەن قورال كۈچىنىڭ بېسىمى ئاستىدا سۆھبەت باشلىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتاتتى. ئەمما تىرامپنىڭ پۇتىن بىلەن ئۇرۇش توختىماي تۇرۇپلا كۆرۈشۈشى بىلەن بۇ پوزىتسىيەدە تېزدىن ئۆزگىرىش بولغان.
تۇپراق بېرىش مەسىلىسى بولسا ناھايىتى تالاش-تارتىش قوزغاۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك، ئەگەر ئۇكرائىينا دونېتسىك ۋە لۇخانسك رايونىدىكى بارلىق تېررىتورىيەدىن ۋاز كەچسە ، روسىيە ئۇرۇشنى توختىتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بەدىلىگە سۇمېي ۋە خاركىۋ ئۆلكىلىرىدىكى ئىشغال قىلىنغان يەرلەردىن چېكىنىپ چىقىپ ، زاپورىجيا ۋە خېرسوندىكى ھوجۇملارنى توختىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى مەلۇم.
روسىيە ئىستەۋاتقان دونېتسىك ئۆلكىسى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم قەلئە بولۇپ، تۆت شەھەر ۋە بىر قانچە يېزىدىن تەشكىل تاپقان 50 كىلومېتىرلىق بىر مۇداپىئە لىنىيەسىدۇر. بۇ لىنىيە، 10 يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق قۇرۇپ چىققان ھەربىي ئۇل ئەسلىھە، خەندەك، ئىسكىلات، يوشۇرن بومبا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان مەيدانلار ۋە تانكا تۇزاقلىرى بىلەن مۇستەھكەملەنگەن. ھەربىي مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، روسىيەنىڭ بۇ مۇداپىئە لىنيەسىنى ئېلىش ئۈچۈن يەنە بىر قانچە يىل كېتىدۇ، شۇنداقلا روسىيەنى ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن غايەت زور بەدەل تۆلىتىدۇ. ئۇكرائىينا ئەمەلدارلىرى ۋە مۇتەخەسىسسلىرى بۇ رايۇننى روسىيەگە بېرىۋىتىشنىڭ ئۇكرائىينانىڭ ھەربىي ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋېتىپلا قالماي ، روسىيەنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن مۇھىم بازا بولىدىغانلىقى، دنىپروپېتروۋىسكىي ۋە خاركوۋ قاتارلىق شەھەرلەرگە تەھدىد سالىدىغانلىقى، نەتىجىدە (نۇرغۇن ئۇكرائىنالىقلارنىڭ نەزىرىدە) تەسلىم بولۇش بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.
دەھشەتلىك ئۇرۇش ئوكرائىينا خەلقى ئارسىدىمۇ روسىيەگە زىمىن بېرىش مەسىلىسدە باش ئېگىش ياكى ئاخىرغىچە ئۇرۇشۇش توغرىسىدا بەزى بۆلۈنۈشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئېلىپ بېرىلغان راي سىناش نەتىجىسىدە گەرچە زور كۆپچىلىك ئۇكرائىينالىقلار زىمىن بېرىشكە قارشى چىققان بولسىمۇ يەنە بىر تۈركۈم ئوكرائىينالىقلار بولسا، بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن روسىيە تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن كونترول قىلىنپ بولغان رايۇنىلاردىن ۋاز كېچىشكە مەيلى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. كىيېۋ خەلقئارا جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدىن ئانتون خرۇشېتسكىي بۇ خىل قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ ئۇمۇمىي نوپۇسنىڭ بەشتىن بىرىدىن سەل ئاز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بىخەتەرلىك كاپالىتى مەسىلىسى ھەققىدە مۇھىم مەسىلە بولسا ئۇكرائىينا ئۈچۈن ھەقىقەتەن ناتونىڭ 5-ماددىسىغا ئوخشاش بىخەتەرلىك كاپالىتى بېرىلىشىنىڭ قانچىلىك مۇمكىنلىكىدۇر. بۇ مەسىلە دەسلەپتە ۋىتكوف تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، قارىماققا پۇتىن ترامپ بىلەن كۆرۈشكەندە قوبۇل قىلىغانلىقىنىڭ خەۋىرى بار. لېكىن تىرامپ كېيىنچە ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە قانچىلىك مۇستەھكەم ئېكەنلىكى ھەققىدە ئۇنچە قىزغىن ئەمەسلىكىنىڭ بىشارىتىنى بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتىشنى ئويلاشمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ پوزىتسىيە ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلارنىڭ يادرو ئۇرۇش خەتىرى سەۋەبلىك ئۇزۇندىن بۇيان ئۇكرائىينا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ روسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى خالىمىغانلىقىدەك پوزىتسىيسى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە.
روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف بۇ كاپالەت مەسىلىسىدە، كېپىل دۆلەتلەر ئىچىدە خىتاينىڭمۇ بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، زېلېنسكىي بولسا مۇنداق ئىھىتىماللىقنى رەت قىلغان. ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى كەير ستارمېر ۋە فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا رەھبەرلىرى بولسا «پىدائىيلار بىرلەشمسى» شەكلىدە ئۇكرائىيناغا تىنچلىق ساقلاش قىسمى ئورۇنلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، ئەمما روسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت كۈچلىرىنىڭ ئۇكرائىيناغا ئورۇنلىشىش پىكىرىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلگەن. بۇنداق ئەھۋالدا ماكروننى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەر ئۇكرائىينانىڭ « قابىليەتلىك ئىكەنلىكى ئاللىقاچان ئىسپاتلانغان جەڭگىۋار قوشۇنىنىڭ روسىيەنىڭ يېڭى ھۇجۇمىغا ئەڭ ئىشەنچلىك دەرىجدە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.
روسىيەنىڭ ئىقتىسادىغا زور زەربە بېرىۋاتقان ئىمبارگونى يېنىكلىتىش بولسا روسىيەنىڭ تىنچلىق كېلىشمىدىكى ئالدىنقى شەرتى. ترامپنىڭ مەقسىتى روسىيە-ئوكرائىينا ئۇرۇشىنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇپ ، ئامېرىكا ۋە روسىيەنىڭ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن سايلام تەشۋىقاتىدىن بېرى كۈچەپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىر بولسا روسىيەنى «قاتتىق ۋەيران قىلىۋېتىدىغان» ئىمبارگو تەھدىتلىرىنى بىكار قىلدى. ئەمما ياۋروپا بۇ مەسىلىدە بىر ئاز ئەۋزەللىككە ئىگە. يەنى ياۋروپادا روسىيەنىڭ توڭلىتىلغان مۈلكى تەخمىنەن 200 مىليارد دوللاردىن 300 مىليارد دوللارغىچە بولۇپ بۇنى كېلىشىمدە كوزۇر قىلىپ ئىشلتىشى مۇمكىن. تۇپراق بېرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرتنامىلەرنى ئىتراپ قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇكرائىينانىڭ ئاساسىي قانۇنى بەلكىم ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن ۋە خەلق بۇنى رەت قىلىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالدا ياۋروپامۇ كۈچ بىلەن ئۆزگەرتىلگەن چېگرانى ئىتراپ قىلماسلىقى مۇمكىن.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك، ترامپنىڭ روسىيەگە دوستانە بولۇشى سەۋەبىدىن روسىيە بەزى جەھەتلەردە ئۈستۈنلىككە ئېگە بولىۋالغان. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن قارايدىغان بولساق بۇ ئۇچرششلارنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىمۇ بار.
- روسىيەنى ئۈستەلگە ئەپكېلىشكە ئۇل سېلىنىش بىلەن بىرگە ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ كەسكىن مەيدانى سەۋەبلىك ترامپ ئوكرائىينانى «سېتىۋەتمىدى.» ئەكسىچە بۇ قېتىم زېلىنسكىيغا دوستانە مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق بۇرۇنقى «خورلىغان» پوزىتسىيسىنىڭ ئورنىنى تولدۇرغان بولدى. يەنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نەزىرىدە ئەمدى ئوكرائىينا ترامپنىڭ تەھدىد سېلىشىغا ۋە كۆزگە ئىلماسلىقىغا ئۇچۇرىغان ئوكرائىينا ئەمەس.
- ياۋروپانىڭ ئىتتىپاقلىقى كۈچەيدى ۋە بۇ كۈچىيىش دۇنياغا نامايەن بولدى. ياۋروپانىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلىرى زېلېنسكىينى قوللىدى ۋە ئوكرائىينانىڭ زىمىن بېرىشگە قارشى تۇرۇشتىكى مەيدانىنى كۈچلۈك شەكىلدە تەكىتلىدى. بۇ پۇتىن ۋە ترامپقىمۇ بېرىلگەن بىر سېگىنال بولدى، يەنى «ئوكرائىينا يالغۇز ۋە ئاجىز ئەمەس.» بۇ ئۇچرىشش ياۋروپالىقلارنىڭ بۇ خىل قەتئىي ئىرادىسىنى كۆرسىتىشكە سەھنە ھازىرلاپ بەردى . بۇ خىل پوزىتسىينىڭ پۇتىننىڭ چوڭ تەلەپ قويۇشىغا قارشى غايەت زور بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئېنىق.
- ياۋروپانىڭ ئوكرائىينانى قەتئىي شەكىلدە قوللىشى، ترامپنىڭ سايلام مەزگىلىدىن ئوكرائىيناغا بولغان ياردەمنى توختاتقۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ياۋروپا ۋە ئوكرائىيناغا بولغان سوغۇق پوزىتسىيسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نەتىجىدە زېلىنسكىي بىلەن بولغان سۆھبەت كىشىلەر ئەنسىرىگەندەك ترامپ گەپ قىلىدىغان، زېلىنسكىي ئاڭلايدىغان شەكىلدە بولمىدى. ئەكسىچە ترامپنىڭ قارشىسىدا سەككىز رەھبەرنىڭ ئولتۇرۇشى بىلەن ئىككى تەرەپتە ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق شەكىللەندى. شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ\ ترامپنىڭ مەيدانى « روسىپەرەس» لىكتىن نېتراللىققا ئۆزگەردى. ھەتتا تەرەپلەر ئامېرىكانىڭ كەم ئۇچرايدىغان مېتاللار ۋە درون تېخنىكىسى ساھەلىرىدە ئوكرائىينانىڭ ھەمكارلىقىغا ئېھتىياجى بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

بەزى ئانالىزچىلار ترامپنىڭ روسىيەگە يېقىن ۋە ياكى نېترال پوزىتسىيە تۇتۇشى، ئوكرائىيناغا بىرىلدىغان قورال-ياراقلارنىمۇ ياۋروپانىڭ پۇل تۆلىشى شەرتى بىلەن بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىشى، ئوكرائىينانىڭ ناتوغا ئەزا بولىشىغا قارشى چىقىشى شۇنداقلا ئوكرائىينانىڭ كەلگۈسى بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە ناتونىڭ 5- ماددىسىغا ئوخشايدىغان كاپالەت بېرىش مەسىلىسىدە كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈرمەسلىكىنى ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرسىدىكى ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ ئاجىزلىشىپ غەربنىڭ دۈشمەنلىرىنى كۈچلەندۈردىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەمما بۇ يەردە ئىككى مەسىلە بار؛ بىرى، ترامپتىن كېيىن كېلىدىغان ئامېرىكا پىرزدېنتىنىڭ قانداق سىياسەت تۈزدىغانلىقى. بۇ ھەقتە ھېچكىم ئەمدى ئامېرىكا ترامپنىڭ سىزغان يولى بىلەن ماڭىدۇ دىيەلمەيدۇ. كېينكى پىرېزىدىنت يەنىلا ياۋرۇپاغا دوستانە سىياسەت يۈرگۈزۈشى مۇمكىن. يەنە بىرى بولسا يۇقىرىدىكى ئەندىشلەر ئىچىدە ئورۇنلۇق بولغىنى ئامېرىكانىڭ ناتونىڭ 5- ماددىسىغا ئوخشايدىغان كاپالەت بېرىش مەسىلىسىدە ئېنىق مەيداننى بىلدۈرمەسلىكىدۇر. قالغان مەسىللەر يا مەنتىقلىق (ئوكرائىينانىڭ ھازىرقى شارائىتتا ناتوغا كىرمەسلىكى)، ياكى شۇنداق بولۇشى كېرەك بولغان مەسىلىلەردۇر.
ياۋروپا بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە ئامېرىكىغا تايىنىپ قالغان ھالەتنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. بۇ ھەقتە ماكرون توختىماي دەپ كېلىۋاتقان «ياۋرپا ئارمىيسى» قۇرۇش پىكىرى ناھايتى ئورۇنلۇق. مەسىلىگە يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا، ياۋروپانىڭ ئامېرىكىغا ھەددىن زىيادە يۆلىنىۋېلىشى ئىككى تەرەپنىڭ ئارسىدىكى ھازىرقى سوغۇقچىلىقنىڭ سەۋەبىدۇر. ياۋروپادىن ئىبارەت پۈتۈن بىر قىتئەنىڭ بىخەتەرلىكتەك بىرىنجى مۇھىم مەسىلىدە ئامېرىكىغا تايىنىدىغان ھالەتكە كېلىپ قېلىشى ھەقىقەتەن كىشىنى چۇڭقۇر ئويلاندۇردىغان مەسىلە. بىخەتەرلىك قانداقسىگە باشقا بىر دۆلەتكە ھاۋالە قىلىنسۇن؟ بەلكىم روسىيەنىڭ تاجاۋۇزى ۋە ترامپنىڭ سوغۇق پوزىتسىيسى ياۋروپانىڭ قايتىدىن كۈچلۈك ھالەتكە كېلىشگە تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن. ئوكرائىينانىڭ ھەربىي جەھەتتىن نۇرمال بىر دۆلەتتىن روسىيەنىڭ تاجاۋۇزى ئېلىپ كەلگەن بېسىم سەۋەبىدىن ياۋرپانىڭلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ئەڭ تەجىرىبىلىك قوشۇنلىرىنىڭ بىرىگە، شۇنداقلا ئۇرۇش درونلىرى تېخنكىسى قاتارلىق بەزى ساھەلەردە دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يىتىشى بۇنىڭغا ئەڭ ياخشى مىسال بولالايدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا، ترامپنىڭ باشتا پۇتىن بىلەن كېيىن زېلىنسكىي ۋە ياۋروپا رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ ئوكرائىينا ئۇرۇشى ئۈچۈن ناھايتى پايدىلىق ئىكەنلىكىنى سۆزلەش بەك توغرا بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ئوكرائىينا ۋە ياۋروپا ئۈچۈن زىيانلىق، ئەكسىچە پۇتىن ئۈچۈن پايدىلىق بولدى دەپ قاراشمۇ بەك توغرا ئەمەس. باشتىكى يازمىمىزدا تىلغا ئالغاندەك، ئۇچرشىشلارنىڭ بولغىنى بولمىغىنىدىن ياخشى بولدى. گەرچە پۇتىن ئىشتىھاسىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئوكرائىينا ۋە ياۋروپانىڭ قەتئىي ئىتتىپاقداشلىقى پۇتىنغا «ئۇنداق ئاسان ئىش يوق» لىقىنى كۆرسەتكەن بولدى. ترامپمۇ باشتىكى سوغۇق ۋە كۆزگە ئىلمىغان پوزىتسىيسىدىن باراۋەر پوزىتسىيىگە ئۆزگەردى. ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ئۇچۇرۇشۇشلار پۇتىننى تاجاۋۇزچىلىقتىن چىكندۈرۈپ ئۈستەل ئۈستىگە ئېلىپ كېلەلەمدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى ناتايىن، چۈنكى بۇ ئامېرىكانىڭ روسىيەگە قانچىلىك بېسىم ئىشلىتەلىشى شۇنداقلا ئۈچ تەرەپنىڭ ئوكرائىينانىڭ تۇپراق مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلىش-كېلەلمەسلىكىگە باغلىق.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
- Ukraine looks abroad to boost its manpower, The Economist, Jun 19th 2025
- The Events of Ukraine in Perspective, Global Policy Journal, 12 August 2025
- Fear of a new Oval Office fiasco over Ukraine, The Economist, Aug 17th 2025
- Five dangerous fault lines divide Trump and Zelensky, The Economist, Aug 18th 2025
- High-Stakes Peace Talks With Ukraine, Council on Foreign Relations, August 18, 2025
- Major Takeaways From Trump’s Meeting With Zelenskyy and European Leaders, Council on Foreign Relations, August 18, 2025
- Putin’s “land swap” is really a grab for Ukraine’s fortress belt, The Economist, Aug 18th 2025
- The Only Plausible Path to End the War in Ukraine, Foreign Affairs, AUGUST 18, 2025
- The way forward for Ukraine after the Putin summit, Brookings, August 18, 2025
- Zelensky survives another episode of the Trump show, The Economist, Aug 18th 2025
- Broken Spirits: Confronting Addiction, Stigma, and the Path to Recovery in Ukraine, Global Policy Journal, 19 August 2025
- Trump Pledges Security for Ukraine, Council on Foreign Relations, August 19, 2025
- Security “guarantees” for Ukraine are dangerously hazy, The Economist, Aug 20th 2025
- Russia–Ukraine: peace looks more remote than ever, E-International Relations, 21st August 2025
- Trump wants a Nobel prize. Europe can exploit that to help Ukraine, The Economist, Aug 21st 2025
- Ukraine Security Talks, Council on Foreign Relations, August 21, 2025
- Who will America’s president listen to next on Ukraine, The Economist, Aug 21st 2025
- Beyond the Ukraine Summits: Five Realities after Three Years of War, Crisis Group, 22 AUGUST 2025
- The President’s Path to Peace in Ukraine, Council on Foreign Relations, August 22, 2025
