شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كىين مەيدانغا كەلگەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن رايۇنلىشىش (regionalism) ئېقىمنىڭ تەسىرى بىلەن 2001-يىلى خىتاي ، روسىيە ، قازاقىستان ، قىرغىزىستان ، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ھەمكارلىق ۋە تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «يېڭى دېموكراتىك ، ئادىل ۋە باراۋەر خەلقئارالىق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەرتىپ» نى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ يەردىكى «رايۇنلىشىش» ۋە «يېڭى دېموكراتىيە» قاتارلىق ئۇقۇملار روشەن غەربنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى رەت قىلىش مەنىسىگە ئېگە بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرى غەربنىڭ سىياسىي تۈزۈم ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى بېسىم ۋە تەۋسىيەلىرىنى كوللىكتىپ شەكىلدە رەت قىلىشتىن ئىبارتتۇر. بۇ خىل رەت قىلىشتا خىتاي دىپلوماتىيەسىنىڭ ئاساسى بولغان «تېنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى» پىكىر ئىشلەپىقىرىش ۋە قالقان بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ بەش پىرىنسىپنىڭ ئىچىدىكى بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلاشماسلىق، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆز-ئارا مەنپەت يەتكۈزۈش پىرنىسپلىرى 1648- يىلىدىكى غەربنىڭ ۋېستفالىيە سىستېمىسىنىڭ پىرىنسىپلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، خىتاي ۋە خىتاي رەھبەرلىك قىلغان خەلقئارا تەشكىلاتلارغا پىكرىي ئۈستۈنلۈك ياكى باھانە يارىتىپ بېرەلەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرىت شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دەسلەپكى نىشانى يېڭى مۇستەققىل بولغان تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەقىللىق ياكى كىشىلىك ھوقۇق كۆرەشلىرىنى قوللاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، رايۇنغا ئىسلامىي جىھاد ئېقىمى ۋە كۈچلەرنىڭ كىرىشىنى چەكلەش، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى زېمىن ماجىراسىنى ھەل قىلىش شۇنداقلا خىتاي-روسىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.
يىللاردىن بۇيان ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كېڭەيدى ، تەسىر كۈچى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھالقىپ ئۆتۈپ، 2017-يىلى ھىندىستان بىلەن پاكىستان ، 2023-يىلى ئىران ، 2024-يىلى بېلورۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي سانى ئونغا يەتتى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يادرولۇق ئەزالىرىدىن باشقا ، كۈزەتكۈچى دۆلەت (موڭغۇلىيە ، ئافغانىستان) ۋە دىئالوگ شىرىكلەر (dialogue partnership) ئارقىلىق 3-دۇنيا ئەللىرى، يەنى يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى (Global South) ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاشنى مەخسەد قىلىپ كەلمەكتە. 2025-يىلغا قەدەر ، سەئۇدى ئەرەبىستان ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كۇۋەيت ، بەھرەين، تۈركىيە ، ئەرمېنىيە ، ئەزەربەيجان ، كامبودژا ، مىسىر ، سىرىلانكا ، بېرما ، مالدىۋى ۋە نېپال قاتارلىق 14 دىئالوگ شېرىكى بار. بۇ كېڭىيىش ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ تەخمىنەن% 80 نى ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ% 40-43 نى ، دۇنيا GDP سىنىڭ% 20-25 نى ئىگىلەللىگەن بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى جۇغراپىيە ۋە نوپۇس جەھەتتىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ رايونلۇق تەشكىلاتىغا ئايلاندۇرۇغان. ئىراننىڭ ئەزا بولۇشى بىلەن ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھازىر دۇنيادىكى نېفىت (% 20) ۋە تەبىئىي گاز (% 44) نىڭ زور بىر قىسمىنى كونترول قىلدىغان تەشكىلاتقا ئايلاندى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئېنىق مەقسىتى خىتاي ۋە روسىيەنىڭ «كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا» ئىستراتېگىيسىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولۇپ ، ئۆزىنى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى دۇنياۋى تەشكىلاتلار بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويىدۇ ۋە بۇ تەشكىلاتنى غەربنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا قارشى دۆلەتلەر ئۈچۈن تاللاش ۋە پۇرسەت قىلىپ سۇنىدۇ. ئىدىئولوگىيە، سىياسىي تۈزۈلمە ۋە قىممەت قاراش قاتارلىق جەھەتلەردە غەربكە قارشى بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ 2005-يىلى كۈزەتكۈچى دۆلەت بولۇش ئىلتىماسىنى رەت قىلغان. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دىمكراتىك دۆلەتلەر تەرىپىدىن «دىكتاتۇر دۆلەتلەر كۇلۇبى» دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى بۇ تەشكىلاتقا ئەزا ۋە ھەمكارلاشقۇچى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ سىياسىي تۈزۈمى دىكتاتۇرلۇق خاراكتىرىگە ئېگە شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇققا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. بۇ دۆلەتلەر بۇ ھالەتنى مەدەنىيەت ۋە تارىخى جەرياندىن تەبئىي شەكىللەنگەن پەرقلىق دۆلەتچىلىك ئىددىيسى دەپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە بۇنى بەزىدە چوڭ جەھەتتىن «ئاسىياچە قىممەت قاراش» دەپ ئاتايدۇ. بۇ خىل چۈشەندۈرۈش ئارقلىق غەربنىڭ تەرغىپ قىلىپ كېلىۋاتقان قىممەت قاراشلىرىنىڭ غەربكە ياخشى بولغان بىلەن باشقىلارغا ياخشى بولۇشىنىڭ ناتايىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا كىشىلىك ھوقۇق، دىمكراتىيە، كۆپخىللىق (diversity) ۋە پەرقلىق دۇنيا قاراش ۋە مەدەنىيەتلەرنى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپلىرى بار. ئەمما بۇلارنى پەرقلىق شەكىلدە ئىزاھلايدۇ. مەسىلەن كۆپخىللىقنى دۇنيادا بىرلا توغرا قاراش ياكى تۈزۈم يوق دەپ چۈشەنسە، پەرقلىق دۇنيا قاراشلارنى قوبۇل قېلىشنى باشقىلارنىڭ ئچىكى ئىشلىرىغا ئارلاشماسلىق دەپ ئىزاھلايدۇ. يەنى ھاكىمىيەتنىڭ مەنپەتىگە ماسلاشتۇرغان شەكىلدە ئېنىقلىما بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، غەربنىڭ پۈتۈن قىممەت قاراشلىرى پۈتۈن دۇنياغا ماس كەلمەيدۇ، شۇنداقلا مەدەنىيەت ۋە تارىخى تەرەققىيات سىياسىي كۈلتۈرنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەمما ئەڭ ئاددى بولغان ئىنساننىڭ بىخەتەر ياشاش ھوقۇقى، سۆز ۋە پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى، باشقىلار بىلەن باراۋەر مۇئامىلىگە ئۇچراش ھوقۇقى قاتارلىقلار مەدەنىيەت ۋە تارىختىن ھالىقىغان، بولمىسا بولمايدىغان ھەق ۋە ھوقۇقتىن ئىبارەتتۇر. لېكىن، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان باھانىلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇنچىلىك ھوقۇقلارنىمۇ چەيلەشتىن يانمايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ مۇستەبىتلىكىنى ئاقلايدۇ ۋە بۇ ۋەجىدىن بۇ تەشكىلاتنىڭ «دىكتاتۇر دۆلەتلەر كولۇبى» ئىكەنلىكى خاتا ئەمەس.
2025-يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى 31-ئاۋغۇستتىن 1-سېنتەبىرگىچە تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلمەكتە ۋە قاتناشقان دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سانى جەھەتتە، تەشكىلات تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يىغىلىشى بولۇپ قالدى. شى جىنپىڭ ساھىبخانلىق قىلغان بۇ باشلىقلار يىغىنىغا 20 دىن ئارتۇق دۇنيا رەھبىرى قەدەم تەشىرىپ قىلغان بولۇپ ، خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان دىپلوماتىك تەسىرىنى نامايان قىلغان. قاتناشقۇچىلار ئارسىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى (2018-يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق خىتاي زىيارىتى) ۋە تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتارلىقلارنىڭ بولۇشى بۇ قېتملىق يىغىننىڭ ئەھمىيتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن. يەنە ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى كاۋ كىم خورننىڭ ھىندونېزىيە ، مالايسىيا ۋە ۋيېتنام قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بەش دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىللە قاتنىشىشى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەلقئاراغا يۈزلەنگەنلىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرگەن. دىئالوگ شېرىكلەر ئارسىدا مالدىۋى ، ئەزەربەيجان ، ئەرمېنىيە ، مىسىر ، نېپال شۇنداقلا بېرمىنىڭ ھەربىي ۋەكىلىنىڭ قاتارلىقلارنىڭ قاتنىشىشى ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى دىپلوماتىك ئالاقىسىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ قېتىملىق يىغىن ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ئانالىزلار بۇنچە كۆپ تەرەپنىڭ قەدەم تەشىرىپ قىلىشىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان سىياسىي ئورنىنىڭ روشەن نامايەندىسى شۇنداقلا خىتاينىڭ دۇنياۋى لىدىرلىق ئورنىنىڭ ئىتراپ قىلىنىشى دەپ باھالىغان.
باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «شاڭخەي روھىنى داۋملاشتۇرۇش: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىلگىرلىمەكتە» بولۇپ ، خىتاينىڭ تاشقى سىياسەت پىرنسىپى بولغان تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرنىسپىنى نامايەن قىلغان ئۆز-ئارا ئىشىنىش ، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ، باراۋەرلىك ، كېڭىشىش ، كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى قوغلىشىش پرىنسىپلىرى تەكىتلەنگەن. يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى ئەنئەنىۋى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىشانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، بىخەتەرلىك ، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ، ئىقتىساد ، سودا ۋە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى قاتارلىق تېمىلار بولغان. باشقا كۈن تەرتىپلەردىن يەر شارى خاراكتېرلىك جىددىي زىددىيەتلەرمۇ ئورۇن ئالغان بولۇپ ئەردوغان قاتارلىق بىر قىسىم رەھبەرلەر غەززە ۋە ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىش ئارقىلىق يەر شارىنىڭ تىنچلىق ۋە ئادالەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشقا چاقىرىق قىلغان.

خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرەققىيات بانكىسىنى قايتىدىن تەشەببۇس قىلىشى يەنە بىر مۇھىم مۇزاكىرە نۇقتىسى بولۇپ ، بۇ تەكلىپ رۇسىيەنىڭ قارشى تۇرۇشى سەۋەبىدىن 2010-يىلدىن باشلاپ توختاپ قالغان ئىدى. ئەمما، روسىيەنىڭ 2022-يىلى ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى غەربنىڭ ئىمبارگولىرى روسىيەنىڭ مەيدانى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇمشاتقان. رۇسىيەنىڭ پوزىتىسيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى، بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى (BRI) ۋە ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى (EAEU) غا ئوخشاش تېخىمۇ كەڭ ئىقتىسادىي سۇپىلارنىڭ فونكىسيەلىرى بىلەن بىرلىككە كەلگەن بولۇپ ، بۇ شى جىنپىڭنىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك تەشەببۇسىلىرىدىن يەر شارى تەرەققىيات تەشەببۇسى (GDI) ، يەرشارى بىخەتەرلىك تەشەببۇسى (GSI) ۋە يەرشارى مەدەنىيەت تەشەببۇسى (GCI) قاتارلىقلار بىلەن ماسلىشىشچانلىققا ئېگە.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن 3-سىنتەبىردە خىتاي يەنە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەربىي پارات ئۆتكۈزىدىكەن ۋە بۇ مۇراسمىغا چاۋشيەن رەھبىرى كىم جوڭئۇنمۇ قاتنىشىدىكەن.
دۇنيا سىياسىي جەھەتتىن قالايمىقانچلىققا، بىخەتەرلىك جەھەتتىن رايۇنلۇق قوراللىق توقۇنۇشلارغا، ئىقتىسادى جەھەتتىن تۇرغۇنلىققا پېتىپ قالغان ھالەتتە تۇرماقتا. ترامپ رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتتىكى تۇترۇقسىزلىقى بۇ زىدىيەتلەرنىڭ ھەل بولۇشىغا بولغان ئىشەنچنىڭ تۆۋەنلىشىگە سەۋەب بولماقتا. بۇنداق سىياسىي مۇھىتتا ئوتتۇرا ۋە كىچىك دۆلەتلەر چوڭ دۆلەتلەردىن ئۈمىد كۈتمەكتە ۋە تەبئىي ھالدا خىتاي بىرنجى تاللاش بولۇپ كۆرۈنمەكتە. بۇ تەرەپتىن قارىغاندا 2025-يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى لىبرال خەلقئارا تەرتىپكە (LIO) قارشى دۇنياۋى خاراكتىرلىك سىياسىي تەسىر پەيدا قىلىدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەمەلىي كۈچى زور ياكى كىچىك بولسۇن، سىرتقى كۆرىنىش جەھەتتىن توختىماي كېڭىيىشى ئۇنىڭ زىممىسىگە كۈچ ۋە ئۈمىدنى يۈكلىمەكتە. باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا غەرب رەھبەرلىكىدىكى گ 7 ۋە ناتوغا ئوخشاش ياكى ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئېلىپ دۇنيا سىستىمىسىنى قايتىدىن تەرتىپلەش جەھەتتە كەم بولسا بولمايدىغان شۇنداقلا ئىجابى رول ئوينايدىغان خەلقئارالىق ئورگان دەپ قارالماقتا. مەسىلەن ئامېرىكانىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى كەسكىن ھەل قىلماسلىقى نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى، ھەتتا بەزى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن قوشۇپ خىتاينىڭ ئاغىزىغا قاراتماقتا. بۇ قېتىمقى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا ، خىتاي بىلەن روسىيە ئىسرائىلىيەنى بىۋاستە ئەيىپلىگەن بولسا، ئامېرىكانى قوش ئۆلچەم قوللاندى، دەپ ۋاسىتىلىك تەنقىد قىلغان شۇنداقلا بۇ مەسىلىنى تۇتقا قىلىپ بىر تەرەپلىمىلىك ۋە غەربنىڭ زومىگەرلىككە قارشى تۇردىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. شى جىنپىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا ، بۇنداق مۇھىم يىغىلىشقا ۋە بۇنداق مەسىللەرگە رىياسەتچىلىك قىلىش ئۇنىڭ (غەربكە قارشى دۆلەتلەر ئۈمىد قىلىپ كەلگەن ۋە تەشۋىق قىلىۋاتقان) « يېڭى دۇنيا تەرتىپى ئۈچۈن بىر پىلانى بار دۇنيا رەھبىرى» ئوبرازىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تېخىمۇ چوڭ تەسىر كۈچكە ئېگە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سەھنىسى ۋە بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى بىلەن بىرلىشىش ئارقىلىق خىتاي ۋە روسىيەنىڭ 3-دۇنيا ئەللىرىدىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەت ئۆزلىرى رەھبەرلىك قىلۋاتقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي تۈزۈمى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى خەلقئارا سەھنىدە پەيدىنپەي قوبۇل قىلدۇرۇشنى نىشان قىلماقتا. ئەمما بۇ جەھەتتە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھىندىستان، برازىلىيە ۋە جەنۇبىي ئافىرىقا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بولۇشى سەۋەبىدىن خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ غەربكە قارشى قورالى بولۇشتىن ھازىرچە ئۇزاق تۇرماقتا. شۇنداقتىمۇ، ترامپنىڭ سىياسەتتىكى ئۆزگىرشچانلىقى ھىندىستاننى مانا بۇ «دىكتاتۇرلار كولۇبى» غا ئىتترمەكتە.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەقىقەتەن كۈچلۈكمۇ؟

بىر خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ كۈچلۈك-ئاجىز بولۇشى بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش پىرىنسىپلىرىنى قانچىلىك دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقى، ئەزا دۆلەتلەرگە قانچىلىك پايدا ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقى، ئىچكى جەھەتتىكى بىرلىك شۇنداقلا تاشقى جەھەتتىكى ھەر خىل بېسىملارغا كوللىكتىپ شەكىلدە قانچىلك تاقابىل تۇرالايدىغانلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
بۇ جەھەتتىن قارىغاندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى
- غەربتىن نارازى دۆلەتلەر ئۈمىد قىلغان بىرلىككە كەلگەن يېڭى دۇنيا تەرتىپى بەرپا قىلىش مەسىلىسدە ئەزا دۆلەتلەر ئارسىدا بىرلىككە كەلگەن ۋىزىيون يوق. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەتى بىردەكلىككە ئېگە ئەمەس. تەھلىلچىلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى «ئىتتىپاقداشلار تەشكىلاتى ئەمەس» ۋە «گىئو-پولتىكىلىق ئورتاق مەنپەئەتى كەمچىل» دەپ قارايدۇ. ئەزا دۆلەتلەر نېمىگە قارشى تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا بىردەكلىگە ئېگە ئەمما بىرلىكتە نېمە قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە بىر-بىرىدىن ئوخشمايدىغان قارشقا ئېگە. مەسىلەن ، ئەڭ ئاددىيسى، خىتاي بىلەن روسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەنپەتى ئوخشىمايدۇ؛ خىتاينىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىقتىساد ، روسىيەنىڭ نىشانى بولسا گىئوپولىتكا ۋە بىخەتەرلىكنى ئاساس قىلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ مەخسىدى بولسا ئىككى دۆلەتنىڭ تەسىر كۈچىنى بىر-بىرىگە قارشى ئىشلتىش ئارقىلىق خالىغان بىرىگە بېقىندى بولۇپ قالماسلىق.
- ھىندىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىشى تولىمۇ قىززىقارلىق ھادىسىدۇر. ھىندىستاننىڭ ئەزا بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ھەققىدە رۇسىيەنىڭ خىتاينىڭ تەشكىلاتىتىكى تەسىر كۈچىنى چەكلەش ئۈچۈن ئەكىرگەنلىكى تىلغا ئېلىندۇ. چۈنكى خىتاي پاكىستاننى ئەكىرگەن ئىدى. ھىندىستان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خىتايغا قارشى « تۆت تەرەپلىك بىخەتەرلىك دىئالوگىنىڭ» (QUAD) ئەزاسى ۋە خىتاي بىلەن چېگرا توقۇنۇشى بار دۆلەت. يەنە كېلىپ روسىيە بىلەن بولغان سودا ۋە ھەربىي جەھەتتە كۈچلۈك ھەمكارلىقى بولسىمۇ ئوكرائىينا ئۇرۇشىدا چوڭ جەھەتتىن بىتەرەپلىك سىياسىتىنى ساقلاپ كەلدى . ھىندىستان يەنە تەشكىلاتنىڭ ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەيدىغان بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىدى شۇنداقلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇداپىئە باياناتىنى «پاكىستاننى قوللايدىغان بايانات» شەكىلدە ئىتراز بىلدۈرۈپ تەستىقلاشنى رەت قىلغان. يەنە كېلىپ ھىندىستان خىتاينىڭ تەيۋەن ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى تەشەببۇسىنى قوللىمايدۇ. بۇلار ھىندىستاننىڭ تەشكىلات ئىچىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تونۇشنىڭ يوقلىقىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە مەۋجۇتلۇقىنىڭ خىتاي ۋە روسىيەنىڭ تەشكىلات ئىچىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا خىرىس قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
- ئۇندىن باشقا ، تۈركىيە ، سەئۇدى ئەرەبىستان ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ، كۇۋەيت ، بەھرەين ۋە قاتار قاتارلىق دىئالوگ شېرىكلىرى دۆلەتلەر ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، خىتاي ۋە روسىيە بىلەن بولغان ئالاقىنىمۇ كۈچەيتىشكە قىزىقىدۇ. تۈركىيەنىڭ 2024-يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشتىكى ئۈمىدسىزلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بۇ ھەرگىز تولۇق يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىش ئەمەس ، بەلكى ئىتتىپاقنى كۆپخىللاشتۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق خەتەردىن ساقلىنىش ئىستراتېگىيىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەۋجۇت ئىتتىپاقدىشىنى تولۇق تاشلىماي تۇرۇپ باشقا تەشكىلات ۋە دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش ئىمكانىيتىگە يول ئېچىپ بېرىدۇ.
- بەزى مۇتەخەسىسلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «ئىش قىلماي گەپنى جىق قىلىدىغان» تەشكىلات دەپ قارايدۇ. ئەمەلىي نەتىجە جەھەتتە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىدىئولوگىيەلىك بىرلىشىش سەۋىيىسىنىڭ كۆپ ئارقىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ بىردىنبىر مۇۋاپىقىيتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەققىللىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق كۆرىشىنى باستۇرۇش بولغان.
- ئەڭ ئاخىرىدا بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەمەلىي فونكسىيسىنىڭ بولۇپمۇ بىخەتەرلىك جەھەتتە تولىمۇ ئاجىزلىقى ئىران-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشدا نامايەن بولدى. مەيلى تەشكىلات نامىدىن ياكى ئەزا دۆلەتلەردىن بولسۇن ئىرانغا كۈچلۈك ياردەم كەلمىدى. ھەتتا بۇ ھەقتە جىددى يىغىنمۇ چاقىرىلمىدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ ھەربىي ئۆزگىرىش ياكى قوزغلاڭلار بولغاندا رۇسىيە پەقەت رۇسىيە ئارمىيسى سالاھيىتى بىلەن كىرىپ ئىشنى تۈگىتىپ چىقىپ كېتىدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نامىدا ئەمەس. بۇ دىكتاتۇر دۆلەتلەر قۇرغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولۇپ ئەمەلىي فونكىسىيەسى يوق ياكى ئاز ۋە ياكى بىر خىل ئەمەس.
شۇنداقتىمۇ بۇ تەشكىلاتقا ئۈمىد بەخىش ئېتىپ كېلىۋاتقان ئامىللار بار. بۇنىڭ بىرى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىمۇ بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ھەممىگە ھەربىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن تەھدىد سېلىشىدۇر. بۇ غەربنىڭ كۈچىنى رۇسىيە ۋە خىتاي قارشىسدا زور دەرىجىدە ئازايتتى. ئەمما ئامېرىكا ھەممىگە بېسىم قىلىش ۋە بەزى كىرزسلارنى ھەل قىلىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ خوجىسىنىڭ يەنىلا ئۆزى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ھەممىنى ئىقتىسادى مەنپەتكە باغلىۋېلىشتەك سودىگەرچە سىياسىتى رۇسىيە ۋە خىتايغا ھەربىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكتە. ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى، ترامپنىڭ ئىقتسادىي جازاسىغا ئۇچرىغان 3-دۇنيا ئەللىرى (شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) شۇنداقلا تۈركىيەگە ئوخشايدىغان غەيرى غەرب ئوتتۇرا ھال كۈچكە ئېگە دۆلەتلەر خىتايغا قاراپ يېقىنلاشماقتا.
خۇلاسىلىگەندە ، 2025-يىللىق تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى بۇ تەشكىلاتنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان سىمۋوللۇق كۈچىنى نامايەن قىلدى ۋە تەشكىلاتنىڭ تېز ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارالىق مۇھىتتىكى ئىستراتېگىيىلىك مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. گەرچە تەشكىلات بىر نەچچە خىل ئەمەلىي فونكسىيسىدىن باشقا «گەپنى كۆپ، ئىشنى ئاز قىلىدىغان دىكتاتۇرلار كۇلۇبى» سۈپىتىدە خىزمەت قىلسىمۇ ، ئەمما تەشكىلاتنىڭ كەلگۈسى پىلانى ۋە ۋىزىيونى قۇرۇق گەپتىن ھالقىپ كىتىگلىك. ھازىر ئەمەلىي فونكىسىيەسى قانچىلىك بولىشىدىن قەتئىنەزەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى لىبرال خەلقئارا تەرتىپنىڭ مۇھىم رەقىبى. گەرچە ئەزا دۆلەتلەردە ئورتاق ۋىزىيونىڭ بولماسلىقى، ئوخشىمىغان مەنپەئەتلەرنى قوغلىشىشى قاتارلىق بىر قاتار ماسلاشماسلىق مەۋجۇت بولسىمۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشى ۋە غەربكە قارشى تۇرۇش مەيدانى ئۇنى خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان كۈچكە ئايلاندۇرماقتا. 3- دۇنيا ئەللىرى خىتاي ۋە روسىيەدىن غەربنىڭ دۇنيا تەرتىۋى ۋە قىممەت قاراشلىرىغا قارشى يېڭى دۇنيا تەرتىۋى كۈتمەكتە. مانا بۇ تەشكىلاتنى داۋاملىق ئالدىغا قاراپ مېڭىشقا ئىتترىپ تۇردىغان مۇھىم سىرتقى ئامىلدىن ئىبارەت. ھازىر گەرچە غەربىنىڭ كۈچى تەدرىجى ئاجىزلاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۈستۈنلىكىنى داۋام قىلدۇرماقتا. ئەمما بۇ داۋاملىق مۇنداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. غەرب ئەستايىدىل شەكىلدە ئۆزىگە كېلىۋاتقان تەنقىدىلەرنى ئويلاشقان ئاساستا ھازىرقى دۇنياغا يەنە نېمىلەرنى سۇنالايدىغانلىقى ۋە لىبرال خەلقئارا سىستېمىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئويلىنىشى لازىم. ئۇنداق بولمايدىكەن خىتاي دۇنيا تەرتىۋى دۇنياغا ھاكىم بولىدۇ.
پايدىلانغان مەنبەلەر
- Beyond Central Asia: the ever-expanding influence of the Shanghai Cooperation Organization, EuroHub4Sino Policy Paper, 21 February 2025
- What to expect at the upcoming SCO summit, The Strategist, 29 Aug 2025
- China’s high-profile SCO summit: Who’s attending and what’s on the agenda?, CNA, 30 Aug 2025
- Xi, Putin and Modi to meet in China – but don’t expect their Eurasian bloc summit to agree on anything important», The Conversation, August 27, 2025
- Various world leaders arrive in Beijing for the SCO Tianjin Summit, Africanews, August 31, 2025
- Erdoğan urges global efforts for peace as he visits China, Türkiye News, August 31 2025
- Shanghai Cooperation Organization summit challenges the US but its reach is murky, AP News, August 31, 2025
- Shanghai Cooperation Organization summit challenges the US but its reach is murky, AP News, August 31, 2025
- Shanghai Cooperation Organization summit could shed light on intentions of member states, The Independent, Sunday 31 August 2025
- China and Russia are using the Shanghai Cooperation Organization to push alternative global order, MERICS Comment, Jul 31, 2025
- Shanghai Cooperation Organization, Britannica, 2025
