
تېخى يېڭىلا ئاياغلاشقان يەنى 2025-يىلى 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 80-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىندا ئەڭ كۆپ تىلغا ئىلىنغان مەسىللەر پەلەستىن مەسىلىسى، ئوكرئىينا-رۇسىيە ئۇرۇشى ۋە كىلماتنىڭ ئىسسىپ كىتىشى قاتارلىق مەسىللەر بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا كىشلەر تازا دىققەت قىلىپ كەتمىگەن بەزى مەسىللەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇلاردىن بىرى خىتاينىڭ ئاتايىن خېلى كۆپ ۋاقىت ئايرىپ ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتى ئۈچۈن گەپ قىلىشى بولۇپ، بۇ يازمىدا خىتاي ۋە يېڭى تالىبان ھۆكۈمىتى مۇناسىۋىتى قىسقىچە تەھىلىل قىلىندۇ.
خىتاي بىلەن ئافغانىستاننىڭ مۇناسىۋىتى، بولۇپمۇ 2021-يىلى ئاۋغۇستتا تالىبان ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيان، خىتاينىڭ رايونلۇق بىخەتەرلىك ئىستراتىگىيسى، تەبئىي بايلىقلارغا ئېرىشىش ئىستىكى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرلۇشى دائىرىسىدىكى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش تۈرلىرى شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزى بازارغا سېلىپ كېلىۋاتقان خىتايچە دۇنيا تەرتىۋى قۇرۇش قاتارلىق ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن مەنپەئەتلىرى تۈرتكىسىدە شەكىللەنگەن پىراگماتىست (ئەمەلىيەتچىللىك) دىپلوماتىيە ئەندىزىسى بىلەن داۋام قىلماقتا. ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى كىچىك دائىرلىك تىجارەت، ھەمكارلىق شۇنداقلا خەۋپسىزلىك ئەندىشسى بىلەن خاراكىترلەنگەن تۆۋەن خەتەرلىك دىپلوماتىك ئارلىشىشتىن رايۇنلۇق ئىستراتىگىيەلىك ماسلىشىشچانلىققا قاراپ تەرەققىي قىلدى ۋە 2025-يىلى 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 80-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىندا خىتاينىڭ ئافغانستاننى ب د ت غا ئەزا قىلشقا ۋەزخالىق قىلىش باياناتى بىلەن يۇقىرى پەللىگە چىقتى.
خىتاينىڭ ئافغانىستان شۇنداقلا تالىبان بىلەن بولغان ئالاقىسى 2021-يىلدىكى ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشىدىن بۇرۇنلا باشلانغان بولۇپ، سودىنى كېڭەيتىش ۋە ئافغانىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك جۇغراپىيەلىك ئورنىدىن پايدىلىنىشنى مەركەز قىلغانىدى. 2020-يىلغا كەلگەندە، خىتتاي پاكىستاندىن قالسىلا ئافغانىستان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىككىنچى چوڭ ئېكسپورت بازىرى ۋە ئافغانىستاننىڭ مۇھىم ئىمپورت مەنبەسىگە ئايلانغانىدى. بۇ مۇناسىۋەت كونكرېت ئىقتىسادىي كارىدورلار، بولۇپمۇ 2018-يىلى ئېچىلغان قارىغاي ئۇرۇقى ھاۋا ترانسپورت كارىدورى ئارقىلىق كۈچىيىشكە باشلىغان. بۇ كارىدور ئافغانىستانلىق يەرلىك كىشىلەر ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك كىرىم ياراتقان بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئافغانىستانغا بولغان قىزىقىشىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىۋاتاتتى.
خىتايغا نىسبەتەن سىياىسي جەھەتتىن مۇقىم ئافغانىستان زور مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي يىللاردىن بېرى دەپ كېلىۋاتقان جىھادى كۈچلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا سېڭىپ كىرىشى ياكى ھۇجۇم قىلىش ئەندىشسىنىڭ يوقىشى ياكى زور دەرىجىدە ئازىيىشى، سودىنىڭ ئېشىشى، جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن قوشنا بولۇش ۋە مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرى بار بولۇپ، بۇلار خىتاينىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك رايونلۇق ۋە يەرشارىۋى چوڭ ئىستراتىگىيلىك نىشانلىرى ئۈچۈن ئىجابى رول ئوينايدۇ. ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن، ئافغانىستان خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىشى ئۈچۈن قوشنىسى پاكىستان بىلەن بىرلىكتە قىسقا بىر يول بىلەن تەمىنلەيدۇ. خىتاي كۆپ تەرەپلىك رامكىلار ئارقىلىق رايونلۇق ئۆزئارا تۇتىشىشىنى ئىزچىل قوغلىشىپ، خىتاي-ئافغانىستان بىرلەشمە ئىقتىساد ۋە سودا كومىتېتى (JCET) غا ئوخشاش مېخانىزملارنى قۇردى. بېيجىڭ يەنە 2016-يىلىدىن باشلاپ ئافغانىستاننى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولۇپ، 2019-يىلى 62 مىليارد دوللارلىق خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى (CPEC) نى ئافغانىستانغا ئۇزارتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بەزى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تالىبان ھوقۇقنى تېخى قولىغا ئالمىغان ۋاقىتلاردىلا خىتاي دائىرىلىرى تالىباننى ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسىدىكى ھۆكۈمرانى بولىدۇ دەپ تەخمىن قىلىشقان، شۇڭلاشقا بۇ ھاكىمىيەت بىلەن ئارىلىشىشنى مۇقەررەر دەپ قارىغان. شۇ سەۋەبتىن، خىتاي ھەر خىل ئەھۋاللارغا قارىتا ئالدىن تەدبىر قوللىنىش مەقسىتىدە، تالىبان ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشتىن بۇرۇنلا بۇ گۇرۇپپا بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا ئاساس سالغان. بۇ دائىرىدە، 2021-يىلى 6-ئايدا تالىباننى خەلقئارالىق سىياسىي ئېقىمغا كىرگۈزۈشكە چاقىرغان، شۇ يىلى 7-ئايدا ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرغان ھەمدە ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشىدىن تەخمىنەن ئىككى ھەپتە بۇرۇن بېيجىڭدا تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋالغان. ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي، تالىبان خىتتاينى ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇشتىكى «ئەڭ مۇھىم ھەمراھ» دەپ جاكارلىغان.
2021-يىلى 8-ئايدىكى ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، خىتاي كابۇلدىكى ئەلچىخانىسىنى ساقلاپ قالغان ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولدى ۋە تېزلىكتە 200 مىليون يۈەنلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشكە ۋەدە بەردى. خىتاي يەنە تالىبان ھۆكۈمىتىگە يېڭى باش ئەلچى تەيىنلىگەن تۇنجى دۆلەت ۋە تالىبان تەيىنلىگەن باش ئەلچىنى قوبۇل قىلغان تۇنجى دۆلەت بولدى. شى جىنپىڭ باشقا 41 دۆلەتنىڭ باش ئەلچىسى بىلەن بىرلىكتە تالىباننى قوبۇل قىلغان بولۇپ بۇ خىتاي تەرەپتىن تالىبان ھاكىمىيتىنى يۇقىرى دەرىجىدىكى ئەمەلىي ئېتىراپ قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
ئىككى تەرەپنىڭ بۇ خىل ئەمەلىيەتچىل دىپلوماتىيسى تىزلا چوڭ تىپتىكى مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىگە ئايلاندى. 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، تالىبان ھۆكۈمىتى بىر خىتاي شىركىتى بىلەن ئامۇ دەريا ئويمانلىقىدا نېفىت قېزىش ۋە سارىپۇل ئۆلكىسىدە نېفىت زاپىسى قۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم بىر كېلىشىم ئىمزالىدى. بۇ خىتاي ئەلچىسى ۋاڭ يۈ تەرىپىدىن «مۇھىم بىر تۈر» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشىدىن بۇيانقى ئافغانىستاندىكى تۇنجى ۋە بىردىنبىر چەتئەل مەبلىغى ھېسابلىناتتى. 25 يىللىق بۇ توختام بويىچە، خىتتاي تەرەپ يىلىغا 150 مىليون دوللار، ئۈچ يىلدا 540 مىليون دوللارغا يەتكۈزۈپ مەبلەغ سېلىشقا ۋەدە بەردى. كېلىشىمدە نېفىتنىڭ چوقۇم ئافغانىستان ئىچىدە پىششىقلاپ ئىشلىنىشى ۋە خام نېفىت ھالىتىدە چەتئەلگە توشۇلماسلىقى شەرت قىلىنغانىدى.
گەرچە باشلىنىشى ياخشى بولغان بولسىمۇ، بۇ مۇناسىۋەت ئىچكى خىرىسلار ۋە خىتاينىڭ «چوڭ دو تىكىش» تىن ئىزچىل باش تارتىشى بىلەن خاراكتېرلەندى. 2024-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزئارا ئالاقە كۆپەيگەن بولسىمۇ، 2025-يىلىنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا بۇشاپ كەتتى. خىتاينىڭ CPEC نى كېڭەيتىش، خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان-ئافغانىستان كارىدورى ۋە شىمال-جەنۇب ئافغانىستان تۆمۈر يولى قاتارلىق چوڭ تۇتاشتۇرۇش قۇرلۇشلىرى ئاساسىي ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ چەكلىكلىكى، ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىلىرى، تالىبان ئىچىدىكى بۆلۈنۈشلەر ۋە قوراللىق تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ داۋاملىق تەھدىتى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلدى. بولۇپمۇ CPEC نىڭ يولغا قويۇلۇشى تالىباننى رەسمىي ئېتىراپ قىلماي تۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش تەس بولغاچقا، ئاجىز ياكى تۇرغۇن ھالەتتە قالدى.
2025 -يىلغا كەلگەندە، تالىبان ھۆكۈمىتى نەزەر دائىرسىنى بىر ئاز كېڭەيتتى. خىتتاينى «ئەڭ مۇھىم ھەمراھ» دېيىشتىن «ئەڭ مۇھىم ھەمراھلارنىڭ بىرى» دېيىشكە ئۆزگەرتىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى ھەمكارلاشقۇچىلارنى ئاكتىپلىق بىلەن قىزىقتۇرۇشقا باشلىدى. تالىباننىڭ بۇ تەڭپۇڭ تاشقى سىياسىتى بىلەن ئىران ۋە ھىندىستان قاتارلىق رىقابەتچىلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، خىتاينىڭ تەسىر كۈچىگە بېقىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى.
خىتاينىڭ بىۋاسىتە مەبلىغىنىڭ چەكلىمىلىرى ۋە خەۋپ-خەتىرى 2025-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئامۇ دەريا نېفىت كېلىشىمىنىڭ بەربات بولۇشى بىلەن ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنى گەۋدىلەندۈردى. 2025-يىلى 6-ئايدا، تالىبان توختامنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا نېفىت ۋە گاز شىركىتى» نى ۋەدە قىلىنغان مەبلەغنى يەتكۈزمەسلىك، ئىجارە ھەققىنى تۆلىمەسلىك ۋە گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشنى تاماملىماسلىق ئارقىلىق كېلىشىمگە كۆپ قېتىم خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىدى.
بۇنىڭغا قارىتا، بىرلەشمە كارخانا بولغان «ئافغان-خىتتاي نېفىت ۋە گاز چەكلىك شىركىتى» نىڭ بەزى خىتاي خىزمەتچىلىرى تالىباننىڭ ھەرىكىتىنى باندىتلىق، قاراقچىلىق قىلىش ۋە بوزەك قىلىشقا ئوخشاتتى. خىتاي مەنبەلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تالىبان قورال كۈچى بىلەن بىرلەشمە كارخانىنى مەجبۇرىي ئۆتكۈزۈۋالغان، ئون نەچچە خىتاي خىزمەتچىنىڭ پاسپورتىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۇلارنى كابۇلدىكى ئىشخانىلارغا سولاپ قويۇپ، شىركەتتىن توختامنى ئۆزلۈكىدىن بىكار قىلىشنى، بارلىق ئۈسكۈنىلەرنى قالدۇرۇشنى ۋە كابۇلدىكى مىليونلىغان دوللار ساقلانغان بانكا ھېساباتىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. بىر خىتتاي مەنبەسى ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا، خىتايلارنىڭ تالىباننى خەلقئارا قانۇن ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدۇ دەپ خاتا ئىشەنگەنلىكىنى، ئافغان تەرەپنىڭ تەپەككۇرىدا «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش» دېگەن ئۇقۇمنىڭ يوقلۇقىنى يەكۈنلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتتاينىڭ ئافغانىستانغا بۇنچە كۆڭۈل بۆلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى بۇ دۆلەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغانلىقىدۇر. خىتتاي مەنبەلىرى نېفىت كېلىشىمىنى ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن باغلانغان خەۋپسىزلىك لوگىكىسى بىلەن بىۋاسىتە باغلاپ ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقى خىتتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن پايدىلىق دېگەن قاراشقا كەلگەن. مەسىلەن تالىبانغا قويۇلغان ئەڭ ئېنىق خەۋپسىزلىك تەلىپى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى (ETIM) نىڭ تەھدىتىنى ھەل قىلىش ئىدى.
خىتتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ 2025-يىلى 8-ئايدىكى كابۇل زىيارىتىدە، ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلەۋى ئەمىرخان مۇتتەقىگە خىتتاينىڭ سىياسىي ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ، ئەمما ئافغانىستاننىڭ قوراللىق گۇرۇپپىلارغا زەربە بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ۋاڭ ئافغانىستاننىڭ ETIM گە زەربە بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەۋپسىزلىك مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشىنىڭ ئىككى تەرەپلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى. ۋاڭ يىنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن، گۆرۈگە ئېلىنغانلار كرىزىسىدا ئىلگىرلەش بولغان بولۇپ تالىبان توققۇز نەپەر تۇتۇپ قېلىنغان خىتاي پۇقراسىنىڭ پاسپورتىنى قايتۇرۇپ بەرگەن، سەككىز نەپىرى خىتايغا قايتقان، ئەمما تالاش-تارتىش ھەل بولغۇچە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن كەم دېگەندە ئۈچ خىتاي پۇخراسى كابۇلدا قالدۇرۇلغان.

خىتاي-تالىبان مۇناسىۋتىنىڭ ئەڭ يارقىن نوقتىسى 2025-يىلى 17- سېنتەبىردە نيۇ-يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 80-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى نۇتقى ۋە 26- سىنتەبىردىكى خىتاي، ئىران، رۇسىيە ۋە پاكىستاننىڭ تۆت تەرەپ يىغىنىنىدا گەۋدىلەندى. خىتتاي ۋەكىلى گىڭ شۇاڭ ب د ت خەۋپسىزلىك يىغىنىدىكى نوتۇقىدا تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى:
1. ئافغانسىتان بىلەن ئالاقە ۋە دىئالوگنى ساقلاش: ئاكتىپ ئالاقە ۋە ئۈزلۈكسىز ئارىلىشىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، مەسىلەن ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ، موسكۋا فورماتى ۋە خىتاي-ئافغانىستان-پاكىستان ئۈچ تەرەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دىئالوگى قاتارلىق رايونلۇق مېخانىزملارنىڭ ئىجابىي رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بۇ نۇقتىدا، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن پۇقرالىرىنىڭ تۇتۇپ قېلىنغانلىقىنى باھانە قىلىپ، 1988-يىلدىكى جازا تۈزۈمى بويىچە ئافغانىستان يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سەپەر چەكلىمىسىدىن كەچۈرۈم قىلىش ئىلتىماسىنى توسقانلىقى كەسكىن تەنقىد قىلىندى. خىتاي ئامېرىكانى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ جازا ۋاسىتىسىنى كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىپ ئامېرىكا دۆلەت مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلدۇرۇش، ئافغانىستاننىڭ نورمال ئالاقىسىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇش ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاش بىلەن ئەيىبلىدى. خىتتاي ئامېرىكانى دەرھال بۇ قىلمىشىنى ئۆزگەرتىشكە ۋە سەپەر چەكلىمىسىدىن كەچۈرۈم قىلىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كېچىكتۈرمەي ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىردى.
2. ياردەمنى كېڭەيتىش ۋە ئافغانىستاننىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش: گىڭ شۇاڭ ، 23 مىليون ئافغاننىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە، 9.5 مىليون كىشىنىڭ بولسا ئېغىر يېمەكلىك يېتىشمەسلىككە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، يېقىنقى يەر تەۋرەشلەرنىڭ بۇنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى ۋە خىتاينىڭ يېقىندا 50 مىليون يۈەنلىك يەر تەۋرەش جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك بۇيۇملىرىنى ئىئانە قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ئەنئەنىۋى ئىئانە بەرگۈچى دۆلەتلەرنى ياردەم مەبلىغىنى ئاشۇرۇشقا ۋە «مەلۇم بىر دۆلەت» نى تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا، ياردەمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، بىر تەرەپلىمە جازالارنى توختىتىشقا ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى سىياسىيلاشتۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىردى.
3. ئىجابىي يېتەكلەشنى كۈچەيتىش ۋە ئافغان خەلقىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا تۈرتكە بولۇش: خىتاي ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئافغانلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. خىتتاي ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى مۆتىدىل ۋە سىغدۇرۇشچان ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇشقا ئالاھىدە چاقىردى. يەنە ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاياللارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئىشلىشىنى چەكلىگەنلىكى مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، ھۆكۈمەتنى ب د ت ئافغانىستان ياردەم ئۆمىكى (UNAMA) بىلەن دوستانە كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، بۇ مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشقا ۋە ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمىتىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئۈندىدى.
4. تەرەققىيات توسالغۇلىرىنى تۈگىتىش ۋە ئافغانىستاننىڭ ئۆزى تاللىغان سىياسىي تەرەققىيات يولىنى قوللاش: خىتاي ئافغانىستاننىڭ دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ۋە رايونلۇق ھەمكارلىققا قوشۇلۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەڭ مۇھىمى، خىتاي مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ئافغانىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ چەت ئەلدىكى مۈلكىنى شەرتسىز قايتۇرۇپ بېرىشى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى ئېچىش ئۈچۈن پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى قايتا قۇرۇشنى قوللىشى كېرەكلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.
5. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ئافغانىستان ھەمدە رايوننىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش: خىتاي ئافغانىستاندا تېررور تەھدىتىنىڭ گەۋدىلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ، دائش خوراسان (ISIL Horusan) ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى (ETIM) ۋە پاكىستان تالىبان ھەرىكىتى (The Tehrik-i-Taliban Pakistan-TTP) قاتارلىق گۇرۇپپىلارنىڭ يەنىلا ئاكتىپ ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ۋە باشقا دۆلەتتىكى تېررورچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. خىتاي ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى كۈچەيتىشكە ۋە ئافغانىستان زېمىنىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىردى. خىتاي يەنە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا قوش ئۆلچەم قوللىنىشقا قارشى تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنى ئافغانىستان مەسىلىسىدە ئوبيېكتىپ، تەرەپسىز، ئەقلىي ۋە ئەمەلىيەتچىل پوزىتسىيە تۇتۇشقا ۋە بۇ دۆلەتنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە قوشۇلۇشىغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى. خىتاينىڭ تېخى دۇنيادىكى دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنمىغان ۋە ب د ت نىڭ ئەزاسى بولالمىغان ئافغانىستان ئۈچۈن 80- قېتىملىق ب د ت يىغىنىدا سۆز قىلىشى خىتاي ۋە ئافغانىستاننىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى دىپلوماتىك مۇناسۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ دوستانە ۋە بىر-بىرىنى قوللاش خاراكترلىك بولىدىغانلىقىنىڭ سېگىنالىنى بەردى.
بۇ باياناتتىن بىر ھەپتە كېيىن، 26-سېنتەبىردە خىتاي، ئىران، پاكىستان ۋە روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسى بويىچە تۆتىنچى قېتىملىق تۆت تەرەپ يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. تۆت دۆلەت ئاخىرقى باياناتىدا ئافغانىستاننى مۇستەقىل ، بىرلىككە كەلگەن ۋە مۇقىم دۆلەت سۈپىتىدە قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە رايونلۇق ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ ، ئافغانىستاننىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك مۇقىملىقىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.تۆت دۆلەت ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدە ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار بىر تەرەپلىمە جازانى بىكار قىلىشقا ، توڭلىتىلغان ئافغانىستان مال-مۈلۈكلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى ھەمدە ئافغانىستان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى چەتئەل ھەربىي بازىلىرىنى قايتا قۇرۇش تەشەببۇسلىرىغا قارشى تۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئافغانىستاندا ھەركەت قىلىۋاتقان دائىش، ئەلقائىدا، «بازا» تەشكىلاتى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى (ETIM) ، پاكىستان تالىبان ھەرىكىتى (TTP) ۋە Jaish al-Adl ۋە باشقا تېرورلۇق گۇرۇپپىلىرىغا بولغان چوڭقۇر ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ ، تۆت دۆلەت ئافغانىستان دائىرىلىرىنى دەلىل-ئىسپات ۋە ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قوللىنىپ ، تېرورلۇق تورىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مىلىتانلارنى قوبۇل قىلىش ، مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ۋە چەتئەللىك مىلىتانلارنىڭ ئارلىشىشىنى توسۇشقا چاقىردى.
بۇنىڭدىن سىرىت تۆت تەرەپ مىنىستىرلار ئافغانىستاندا بارلىق مىللىي ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كەڭ دائىرىلىك ۋە سىغدۇرۇشچان سىياسىي قۇرۇلما ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئاياللار ۋە قىزلارنىڭ ئوقۇش ھوقۇقى ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ، ساياھەت ۋە ئاممىۋى تۇرمۇشقا قاتنىشىش ھوقۇقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇساپىرلارنىڭ بىخەتەر ۋە ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن قايتىپ كېلىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
28-سىنتەبىردە ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مەۋلاۋى بىلال كەرىمى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باش دېرىكتورى ليۇ جىنسوڭ بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئىككى تەرەپلىك سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، كونسۇل مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش ۋە ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان باشقا بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.ليۇ جىنسوڭ خىتاينىڭ ئافغانىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ، دوستانە ۋە تىنچ مۇناسىۋەتكە يۇقىرى باھا بەردى .باش ئەلچى كەرىمى يىغىن جەريانىدا يەنە خىتاينىڭ يېقىندا ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىدىن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
خىتاينىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسىنىڭ بىرى، ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ قىممەت قارىشى، ھاكىمىيەت سىستىمىسى ۋە دۇنيا تەرتىۋىگە جەڭ ئېلان قىلغۇچى دۆلەت سۈپىتى بىلەن ئافغانىستاننىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىشى شۇنداقلا ب د ت دەك چوڭ خەلقئارالىق يىغىنلاردا ئافغانىستان ھەققىدە گەپ قىلىشى ئافغانىستاننىڭ دۇنيا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنىشى ۋە ب د ت دا بىر كىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. خىتاي بۇ خىل قوللاش ئارقىلىق ئافغانىستاندىن ئۆزىگە كېلىش ئىھتىماللىقى بولغان بىخەتەرلىك تەھدىدىنى ئافغانىستاننىڭ ئۆزىنىڭ قولى بىلەن كونترول قىلالايدۇ. خىتاي گەرچە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ دىنىي كىملىك ۋە پائالىيەتلىرىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە چەكلىگەن، ھەتتا ئۇلارنى قورقۇتۇپ «ئاللاھ»، «ناماز»، «جەننەت» … قاتارلىق ئىسلامىي تېرىمىنلارنى ئىشلەتمەيدىغان نۇقتىغا ئەكىلىۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما شەرىئەت سىستېمىسى بىلەن ئىدارە قىلىندىغانلىقىنى جاكارلىغان ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتالايدۇ،ھەتتا ب د ت دا تالىبان ھاكىمىيتى تاللىغان ھاكىمىيەت يولىنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ. شۇنداق، ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللاردىن بېرى تاللاپ كەلگەن دىنىي ئىتىقادى،كىملىكى ۋە مەدەنىيتىگە ھۆرمەت قىلمايدۇ، ئەمما باشقا دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تاللىغان يولىغا ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە سەپەرۋەرلىككە چاقىرالايدۇ.
بۇ خىتاينىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياستىدىكى بىر زىتلىق يەنى پارادوكستۇر. بۇ زىتلىق خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئۇل تېشى بولغان «تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى» نىڭ «باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىلشلىرىغا ئارلاشماسلىق ۋە ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش» پىرىنسىپىدۇر. خىتاينىڭ بۇ پىرىنسىپلىرى ئىنتايىن قوللىنشچان ۋە ھەرخىل ئىزاھلاشقا ئوچۇق بولۇپ خىتاي ئۆزىنىڭ مەنپەتىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىشلتىدۇ. باشقا دۆلەتلەر، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئېغىر بولغان،چىرىك، رادىكال ۋە دىكتاتۇر دۆلەتلەر ئۈچۈن بۇ خىل دىپلوماتىيە ناھايىتى جەلپكار كېلىدۇ. خىتاينىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ھەربىي كۈچىنىڭ ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان سەۋىيەگە كېلىشى خىتاينىڭ بۇ خىل تاشقى سىياسەت ئەندىزىسىگە ماسلىشىشنىڭ يەنە بىر ئارتۇق پايدىلىق تەرىپىنى سۇنىدۇ. چۈنكى خىتايغا ئەگەشكەن دۆلەتلەر خىتايدىن يۇقارقى ساھەلەردە پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ. مانا بۇنىڭدىن شەكىللەنگەن مەنپەت بۇ دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە سۈكۈت قىلدۇرىدۇ ھەتتا خىتتاي تەلەپ قىلسا قوللاشنى تاللايدۇ.
خىتاينىڭ ئافغانىستان سىياسىتىمۇ بۇ خىل رامكىدا تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئىھتىماللىقى يۇقىرى. چۈنكى ھازىر خىتاي ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇش ۋە دۇنيا سىستىمىسغا ئەكىرىش ئۈچۈن ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان دۆلەت. خىتاي بۇنىڭدىن كىين ئافغانسىتاننى ب د ت غا ئەزا قىلغاندىن كىين شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا قىلىشى ۋە بۇ ئارقىلىق قوشنا دۆلەتلەردىن كېلىدىغان پۈتۈن خەتەرلەرنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە چۈشۈرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ۋە غەربنى قەدەممۇ قەدەم سېقىپ چىقىرىپ (ئەگەر قىلالىسا) ئۆزى بازارغا سېلىپ كېلىۋاتقان خىتايچە قىممەت قاراش، ھاكىمىيەت مودىلى، ئىقتىسادى سىستىمىسى ۋە دىپلوماتىيە ئۇسلۇبىنى يەر شارىلاشتۇرۇشى مۇمكىن.
پايدىلانغان مەنبەلەر؛
- CRSS (Center for Research & Security Studies), China-Afghanistan Relations: Opportunities and Challenges, 01 Jan, 2023
- South Asian Voices, China’s Shifting Landscape in Afghanistan, 27 May, 2025
- Al Jazeera, China FM in Afghanistan, offers to deepen cooperation with Taliban rulers, 20 Aug, 2025
- NPR, Contract breach or banditry? Inside the collapse of the Taliban’s oil deal with China, 29 Aug, 2025
- WANA (West Asia News Agency), China, Iran, Pakistan, and Russia Call for Stability and Inclusive Governance in Afghanistan, 26 Sep, 2025
- Hindustan Times, China’s Five-Point Message To The West On Afghanistan, Has This Advice For Taliban On Terror, 26 Sep, 2025
- DAWN.COM, Taliban govt welcomes Russia, China, Iran and Pakistan’s stance against foreign military bases in Afghanistan, 28 Sep, 2025
- The Kabul Times, Afghan, Chinese Official Discuss Bilateral Economic Cooperation, 03 Oct, 2025
