
ئىراننىڭ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلەشمە ھوجۇمىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. زامانىۋى ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ ئىلغار قوراللار ۋە تېخنىكلار ئىشلتىلگەن بۇ ئۇرۇشتا گەرچە ئىران ماددى جەھەتتىن غايەت زور زىيانغا ئۇچۇرغان، شۇنداقلا رەھبەرلىك قاتلىمى كەڭ-كۆلەمدە يوق قىلىنغان بولسىمۇ،ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە ئۈنۈملۈك قارشى تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاسان چېقىلىشقا بولمايدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئامېرىكا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە كۆرسەتتى. ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەدىكى شەھەر مەركەزلىرىگە ۋە پارس قولتۇقى رايونىدىكى ئامېرىكا ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە قارىتا ئېلىپ بارغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە درون ھوجۇملىرى ھەربىي ئانالىزچىلارنى ھەيران قالدۇردى. بۇ ھوجۇملاردا نامايان بولغان «دەل» لىك دەرىجىسى ئىراندا ئىلغار نىشان بېكىتىش سىستېمىسى، سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش (satellite navigation)، رادار سىستېمىسى ۋە ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش تېخنىكىلىرى (electronic warfare technologies) ۋە دەل ۋاقتىدىكى ئىستخبارات تورىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىراننىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسىسلەر، ئۇنىڭ يېقىنقى مەشغۇلات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى پەقەت دۆلەت ئىچىدىكى تېخنىكا ئىقتىدارىغىلا باغلاشقا بولمايدۇ، دەپ قارىماقتا. كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان پاكىتلار خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە ئىرانغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. بۇ يازمىدا خىتاي-ئىران ھەربىي ھەمكارلىق تارىخىغا ئازراق توختالغاندىن كېيىن ئەڭ ئاساسلىق قىلىپ خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمرا تېخنىكسىنىڭ ئىراننىڭ ھوجۇم ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتا قانداق مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئانالىز قىلىنىدۇ.
خىتاي بىلەن ئىران ئىدولوگىيە ۋە سىياسىي سېستىما جەھەتتىن بىر بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى دۆلەت بولۇپ ، ئىران شىئە ئسىلام ئىدولوگىيەسى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولسا، خىتاي ھەر قانداق ساماۋى دىننى رەت قىلىدىغان كوممونىست ئىدولوگىيەسى ئۈستىگە قۇرۇلغان. دەسلەپكى يىللاردا ھەر ئىككى دۆلەت بىر-بىرىنى رەقىب دەپ قارىغان. ئەمما تىزلا ئۆزئارا ئىقتىسادىي بېقىنىش، گېئوپولىتىكىلىق مەنپەئەتلەرنىڭ بىرلىككە كېلىشى، ۋە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە خىتاي سىياسەتلىرىگە بولغان ئورتاق ئەندىشىلەرنىڭ تەسىرىدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىىتى تىزلا تەرەققىي قىلدى. خىتاي بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتى ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئىشلەيدۇ. ئىران ئۈچۈن خىتاي ھەر دائىم قىين ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە ياردەم سورايدىغان بىر دۆلەت بولۇپ كەلمەكتە. ئىران خىتايدىن ب د ت دا دىپلوماتىك قوللاشقا، ئىقتىسادى جەھەتتىن چوڭ بازارغا ئېرىشكەندىن سىرىت، ھەربىي جەھەتتىن ئۆزىنىڭ مەشغۇلات ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدىغان ئىلغار تېخنىكا ۋە ئاخبارات تورىغا ئېرىشىدۇ . خىتاي ئۈچۈن ئىران بولسا ئېنىرگىيە ئىھتىياجى ۋە بىر بەلباغ بىر يولغا ئوخشاش دۇنياۋى چوڭ قۇرلۇشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدۇ. يەنە كېلىپ خىتاينىڭ پۈتۈن سۈنئىي مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىقىنى نەزەرگە ئالغاندا، شىئە مۇسۇلمانلارنىڭ لىدىرى بولغان ئىران بىلەنمۇ يېقىن ئۆتۈش خىتاينى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ دوستى قىلىپ كۆرسىتەلەيدۇ. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ ئچىكى سىياسىتى، يەنى ئىسلام ئىتىقادىغا ئېگە بولغان ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ باردىغان\ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئاسمىلاتسىيە قىلىش سىياسەتلىرىگە ئىسلام دۇنياسىنىڭ قارشى چىقماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن شۇنداق بولىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولماقتىمىز.
خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ تىز سۈرەئەتتە تەرەققىي قىلىشى ۋە بۇنىڭغا ئەگىشىپ گىئو-پولىتىكىلىق ئىشتىھاسىنىڭ يوغىنىشى بىلەن شى جىنپىڭ دەۋرىدىن كىين ئىران بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناۋسىۋەتلەردە چوڭ سەكرەش بولدى. 2021-يىلى ئىمزالانغان 25 يىللىق «خىتاي-ئىران ئەتراپلىق ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى» (China–Iran Comprehensive Strategic Partnership) كېلىشىمى بۇ ھەمكارلىقتىكى مۇھىم ئابىدە بولۇپ، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، بىخەتەرلىك ۋە تېخنىكا تەرەققىياتى ساھەلىرىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىق رامكىسىنى بەرپا قىلدى.
ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىن باشقا، بۇ مۇناسىۋەت تەدرىجىي ھەربىي ۋە تېخنىكا ساھەلىرىگە كېڭەيدى. ئۆتكەن ئون يىلدا خىتاي بىلەن ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سۈنئىي ھەمراھ ۋە بوشلۇق پىلانى (satellite and space initiatives)، ئىستىخبارات ھەمبەھرىلىشىش، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش ساھەلىرىدە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى. 2019-يىلىدىن باشلاپ ھىندى ئوكيان ۋە ئومان قولتۇقىدا ئېلىپ بېرىلغان خىتاي، ئىران ۋە رۇسىيە (China, Iran, and Russia) بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلىرى ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىش دەرىجىسىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
خىتاينىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئىران بىلەن ھەمكارلىشىش غەربنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى ئەمەلىي ئۇرۇش مۇھىتىدا كۆزىتىش ۋە باھالاش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. خىتاي ئىستراتېگىيەچىلىرى ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى، راداردىن يوشۇرۇنالايدىغان ئايروپىلانلار ۋە ئېنىق زەربە بېرىش ئىقتىدارىنىڭ ئۈنۈمى ھەققىدە مۇھىم ئاخباراتلارنى توپلىيالايدۇ. بۇ كۆزىتىشلەر تېخنىكا جەھەتتىن ئىلغار رەقىبلەر بىلەن بولىدىغان كەلگۈسىدىكى يوشۇرۇن توقۇنۇشلارغا تەييارلىق قىلىۋاتقان خىتاي ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.
خىتاي سۈنئىي ھەمراھى- ئىراننىڭ كۆزى
زامانىۋى ئۇرۇش كۆپرەك بوشلۇقنى ئاساس قىلغان ئاخبارات سىستېمىسىغا تايىنىدۇ. سۈنئىي ھەمراھلار يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تەسۋىرلەر، ئېلېكترونلۇق سىگنال ئاخباراتى (SIGINT)، رادار خەرىتىسى ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى دەل ۋاقتىدا ئىز قوغلاش بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن، زامانىۋى ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم. بۇ تېخنىكىلار زامانىۋى ئاخبارات، كۆزىتىش ۋە چارلاش (ISR) تورىنىڭ ئۇلىدۇر. ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان\درونلار ئىشلىتىلىدىغان ئۇرۇشلاردا، سۈنئىي ھەمراھ ئاخباراتى ئادەتتە «ئۆلتۈرۈش زەنجىرى»نىڭ (kill chain) بىرىنچى ھالقىسى بولۇپ، نىشاننى تېپىپ چىقىپ قوراللارنى ئۇنىڭغا توغرىلايدۇ.
ئىراننىڭ مىللىي بوشلۇق پىلانى ئاستا بولسىمۇ مۇقىم ئىلگىرىلىگەن بولۇپ، ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى (IRGC) تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان «نور» (Noor) تۈرىدىكى ھەربىي ۋە چارلاش سۈنئىي ھەمراھلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما، بۇ سۈنئىي ھەمراھلار جەڭ مەيدانىنى ئۈزلۈكسىز كۆزىتىشكە كېرەكلىك ئىلغار سېزىش تېخنىكىسى ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك قاپلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس. شۇڭلاشقا، ئىراننىڭ ئۆز ئۇل ئەسلىھەسى يېقىنقى ھۇجۇملاردىكىدەك يۇقىرى دەللىك دەرىجىسىنى تەمىنلىيەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا ئۇزۇن مەزگىلغىچە ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى GPS سىگنالىغا تايانغان بولۇپ، بۇ سىستېما ئامېرىكا تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ ۋە ئۇرۇش مەزگىلىدە ئاجىزلىتىلىشى ياكى توسۇۋېلىنىشى مۇمكىن.
شۇڭا ئىران خىتايدىن بۇ جەھەتتە تېخنكىغا ئېرشىشنى نىشان قىلىپ كەلگەن ۋە ئۇرۇشتىكى تەرەققىيات ۋە تەتقىقاتلار ئىراننىڭ خىتاينىڭ بېيدۇۋ (北斗) يول باشلاش سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسىغا (BeiDou Navigation Satellite System – BDS) مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. Financial Times گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراننىڭ ئەڭ كۈچلۈك ھەربىي كۈچى بولغان ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى خىتاينىڭ بىر سۈنئىي ھەمراھىنى سېتىۋالغان؛ ئىران دۆلەت تاراتقۇلىرى ئېلان قىلغان، زەربە بېرىش نەتىجىسىدە كۆيۈپ كۈل بولغان جەڭ مەيدانلىرى كۆرسىتىلگەن بەزى سۈرەتلەرنىڭ مەنبەسى دەل شۇ بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ «يەر شارى كۆزى (Earth Eye Co) شىركىتى TEE-01B سۈنئىي ھەمراھىنى ياساپ قويۇپ بەرگەن ۋە ئۇنى ئوربىتىدا ئىرانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. يەنە بىر خىتاي شىركىتى «ئېمپوسات (Emposat) مۇ ئىراننى سۈنئىي ھەمراھ سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە كونترول قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن. بۇلار ئۇرۇش جەريانىدا ئىراننىڭ ئامېرىكا بازىلىرىنى نىشانلىشىغا چوقۇم ياردەم بەرگەن بولۇشى كېرەك.
ئامېرىكىنىڭ GPS ۋە ياۋروپانىڭ Galileo سىستېمىسىغا ئوخشاش، بېيدۇۋ ئورۇن بېكىتىش ۋە يول باشلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بېيدۇنىڭ شىفىرلانغان (encrypted) ھەربىي سىگناللىرى ئىنتايىن ئېنىق ئورۇن مەلۇماتى بېرىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنىڭ دەللىك دەرىجىسىنى ئاشۇرىدۇ. ئىراننىڭ بېيدۇ (BeiDou) يول باشلاش سىستېمىسىغا ئېرىشىشى GPS دەخلى-تەرۈزى سەۋەبىدىن تۆۋەنلەپ كەتكەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ دەللىك دەرىجىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. بېيدۇۋنىڭ ھەربىي سىگنالى غەربنىڭ ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش دەخلى-تەرۈزىگە نىسبەتەن تېخىمۇ چىداملىق شۇنداقلا بېيدۇۋنىڭ ئالاھىدە قىسقا ئۇچۇر ئالاقە ئىقتىدارى بار بولۇپ، ئادەتتىكى ئالاقە تورى كاشىلا قىلغاندا شىفىرلىق مەلۇمات ئەۋەتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ نىشانغا تېگىش خاتالىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرىت، خىتاي ئالەم بوشلۇقى شىركەتلىرى ئىراننى ئۇچۇر ۋە ئىستخبارات مەلۇماتلىرى بىلەن تەمىنلىمەكتە. يېقىنقى ھەپتىلەردە خىتاي سۈنئىي ھەمراھ شىركەتلىرى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ھەققىدە پاكىتلار كۆپەيگەن. خىتاي ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھىغا (China Aerospace Science and Technology Corporation) قاراشلىق خىتاي سىۋېي (China Siwei) شىركىتىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھەربىي بازىلىرىنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەتلىرىنى تارتىۋالغانلىقى ئاشكارىلانغان سۈرەت سېتىش خاتىرىلىرىدىن مەلۇم بولغان.
بۇ خىتاي سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ رەقىبلىرىگە بىرىنچى قېتىم ياردەم بېرىشى ئەمەس. 2023-يىلى ئامېرىكا ئۇكرائىناغا دائىر سۈرەتلەرنى رۇسىيەنىڭ ۋاگنېر (Wagner Group) ياللانما قوشۇنىغا تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن چاڭگۇاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكا شىركىتىگە جازا يۈرگۈزگەن. بۇلتۇر ئاپرېلدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە چاڭگۇاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكا شىركىتىنىڭ يەمەندىكى ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرىگە ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرى ۋە قىزىل دېڭىزدىكى باشقا پاراخوتلارنى نىشانلاشقا ياردەم بېرىدىغان سۈرەتلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئېيتقان.
خىتاي سودا سۈنئىي ھەمراھ تىجارەتچىسى MizarVision ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى پاش قىلىدىغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تەسۋىرلەرنى سىستېمىلىق ئېلان قىلغان: مەسىلەن، ئوۋدا (Ovda) دىكى F-22 Raptors كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى، كرىت (Crete) ئارىلى ئەتراپىدىكى USS Gerald R. Ford ئاۋىياماتكا توپى، ئىئوردانىيە، قاتار ۋە بەھرەيندىكى پاترىيوت (Patriot) ۋە THAAD باشقۇرۇلىدىغان بومبا باتارېيەلىرى قاتارلىقلار. 500 دىن ئارتۇق جاسۇسلۇق (ISR) ۋە كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھىغا ئىگە خىتاينىڭ ھىندى ئوكيان ۋە پارس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى دەل ۋاقتىدا ئىز قوغلىشى تېھراننى مۇھىم ۋەزىيەت ئېڭى بىلەن تەمىنلىگەن.
ئىران ئۇرۇشىدا خىتاي تەسۋىرلىرىنىڭ كۆپىيىشى دۆلەتنىڭ تېز سۈرەتتە كېڭىيىۋاتقان سۈنئىي ھەمراھ توپىنىڭ نەتىجىسىدۇر. خىتاي پەقەت 2025-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا 120 دىن ئارتۇق يىراقتىن سېزىش (remote-sensing) سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەرگەن. بۇ تۈر رادار، رادىئو دولقۇنى ۋە كامېرا ئىشلىتىدىغان سۈنئىي ھەمراھلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئوربىتىدىكى سۈنئىي ھەمراھ ئومۇمىي سانى 640 تىن ئېشىپ، ئامېرىكىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن. خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ سۈنئىي ھەمراھ توپى بولغان «جىلىن-1» يۈزدىن ئارتۇق سۈنئىي ھەمراھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇنى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار «چاڭگۇاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكا شىركىتى» (CGST) باشقۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ پىلانى يەر شارىدىكى ھەر قانداق نۇقتىنى ھەر ئون مىنۇتتا بىر قېتىم سۈرەتكە ئېلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.
يەر شارىنى كۆزىتىش مۇسابىقىسىدە، خىتاي ۋە ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھلىرى بىر-بىرى بىلەن تەڭ مېڭىۋاتىدۇ. ئاخبارات شىركىتى TerraWatch Space نىڭ باشلىقى ئاراۋىند راۋىچاندىران (Aravind Ravichandran) دېيىشىچە، «جىلىن-1» سۈنئىي ھەمراھىنىڭ كۆپ قېتىم كۆزىتىش (cadence) سۈرئىتى ، يەنى بىر سۈنئىي ھەمراھنىڭ بىر رايوننى قايتا-قايتا زىيارەت قىلىش قېتىم سانى ، جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ ئوخشاش ئىشنى قىلىدىغان سۈنئىي ھەمراھلىرىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى كۆرۈلمەكتە، بۇ ئاساسلىقى ئۇنىڭ فىلوت كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىدىن بولغان. راۋىچاندىراننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي يەنە edge computing قا ئوخشاش «كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن» تېخنىكىلاردا غەرب بىلەن تەڭلەشكەن. خىتاينىڭ «جىلىن-1» ۋە «جۇخەي-1» دىن ئىبارەت ئىككى سىنغا ئالالايدىغان سودا سۈنئىي ھەمراھ توپى بار. ئامېرىكىدا بولسا بۇنداق شىركەتتىن بىلىنگىنىدىن بىرىلا بولۇپ ئۇ بولسىمۇ Planet شىركىتىدۇر.
ئاخىرىدا، ئىقتىسادشۇناس ژۇرنىلىنىڭ 19-ئاپىرىلدىكى خەۋەرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي سۈنئىي ھەمرا شىركەتلىرى ئامېرىكا تەرەپ كىشىلەرنىڭ بىلىشىنى خاھلاپ كەتمەيدىغان سۈرئەتلەرنى، يەنى ئىستراتىگىيلىك قوراللارنىڭ ئورنى شۇنداقلا ئىراننىڭ زەربىسىگە ئۇچۇرغان ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرى ۋە زىيانلىرىنى،ئاشكارىلاش ئارقىلىق ئامېرىكىنى مات قىلماقتا. ترامپ ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇرۇشتا تارتقان زىيانلىرىنىڭ ئامېرىكا خەلقى تەرىپىدىن بىلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا شىركەتلىرىگە چەكلىمە قويۇپ، ژۇرنالىستلار، تەتقىقاتچىلار ۋە پائالىيەتچىلەرنى ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئوچۇق مەنبەلىك ئاخبارات (open-source intelligence\OSINT) بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشقا باشلىغان. بۇنداق بىر پەيىتتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاي سۈنئىي ھەمراھلىرى تەرىپىدىن تارتىلغان ۋە خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئوتتۇرا شەرقنىڭ سۈرەتلىرى كەڭ تارقىلىپ يۈرمەكتە. يەنى مەسىلىگە يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ دىكتاتۇر ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان بىر دۆلەت، يەنى خىتاي دۇنياغا ئامېرىكا يوشۇرۇۋاتقان ھەقىقەتلەرنى كۆرسەتمەكتە. ئەلۋەتتە بۇنىڭ سەۋەبى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ قابىلىيەتسىزلىكى.
خىتاي رادار سىستېمىسى ۋە ھاۋا مۇداپىئە ياردىمى
خىتاينىڭ يەنە ئىلغار رادار تېخنىكىلىرى ئارقىلىق ئىراننىڭ ھاۋا مۇداپىئەسىگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بار. زامانىۋى رادار سىستېمىلىرى دۆلەتلەرنىڭ دۈشمەن ئايروپىلانلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى نىشانغا يەتمەستىن بۇرۇن بايقاش، ئىز قوغلاش ۋە ئېتىپ چۈشۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. تېھران خىتاي بىلەن رادار تېخنىكىسىدا ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بالدۇر ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسىنى ياخشىلاپ، ھەربىي ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قوغدىيالايدۇ.
YLC-8B راداردىن يوشۇرۇنغان ئايروپىلانلارغا قارشى رادارى ئامېرىكىنىڭ F-35 ۋە F-22 غا ئوخشاش ئىلغار ئايروپىلانلىرىنى تېپىشقا لايىھەلەنگەن. بۇ خىل رادارلار ئادەتتىكى رادارلار كۆرەلمەيدىغان سىگناللارنى تۇتالايدۇ. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىران كۆرۈنمەيدىغان ئايروپىلانلارنى تاپالايدىغان ۋە بۇ مەلۇماتلارنى ئىشلەتكەن.
بۇنىڭدىن باشقاخىتاي يەنە ئىراننى ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىمەكتە. ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش دۈشمەننىڭ ئالاقىسىنى، رادار سىستېمىسىنى ۋە يول باشلاش تېخنىكىسىنى كاشىلا قىلىش ياكى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. خىتاي ۋە ئىران ئىككىلىسى بۇ ساھەگە كۆپ مەبلەغ سالغان. خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى سىگنال ئاخباراتى ۋە تور مەشغۇلاتىدا ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئىران ئۆزىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا نىشانلاش ۋە چارلاش سىستېمىسىغا ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوشقان. خىتاينىڭ تېخنىكىلىق ياردىمى بىلەن، ئىران غەربنىڭ GPS دەخلى-تەرۈزىگە قارشى تۇرالايدۇ ۋە دۈشمەن رادارلىرىنى كاشىلا قىلالايدۇ. بۇ ئىران قوشۇنلىرىنىڭ قىستاڭچىلىق ۋە دەخلى-تەرۈز كۆپ بولغان ئېلېكترونلۇق مۇھىتتىمۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھەرىكىتىنى ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
12-ئاپرېل كۈنى، CNN خىتاينىڭ كەلگۈسى ھەپتىلەردە ئىراننى يېڭى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى CNN نىڭ ئېيتىشىچە، بۇلار مۈرىدىن ئېتىلىدىغان ئايروپىلانغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئىكەن. بۇلار گەرچە مۇساپىسى بىر قەدەر قىسقا سىستېمىلار بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا تىك ئۇچار ۋە تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچىدىغان جەڭ ئايروپىلانلارغا جىددىي خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن «ستىنگېر» (Stinger) بۇنىڭ ياخشى بىر مىسالى بولۇپ، ئۇنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئافغانىستاندىكى سوۋېت ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان دەپ قارىلىدۇ. CNN نىڭ مەنبەلىرى خىتاينىڭ ئەسلى مەنبەسىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قوراللارنى ئۈچىنچى دۆلەتلەر ئارقىلىق ئەۋەتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. خىتاي بۇ خەۋەرنى رەت قىلدى.
3-ئاپرېلدىكى تېلېگراف (Telegraph) گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاينىڭ ئىراننى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا يېقىلغۇسى ئۈچۈن خىمىيەۋى ماددىلار بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. خەۋەر قىلىنىشىچە، جازاغا ئۇچرىغان تۆت پاراخوت ئىران پورتلىرىدا، يەنە بىر پاراخوت دېڭىز قىرغىقىدا كۈتۈپ تۇرغان. ئۇلار خىتاينىڭ جۇخەي گاۋلەن پورتىدىن كەلگەن بولۇپ، سودىيوم پېركورات (sodium perchlorate) توشىغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ خىمىيەۋى ماددىنىڭ مىقدار يۈزلەرچە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا يېتىدىكەن. بۇ بەش پاراخوت ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازا تىزىملىكىدىكى «ئىران توشۇش لىنىيەسى گۇرۇھى»غا تەۋە ئىكەن.
ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ (Wall Street Journal) 2025-يىلىدىكى بىر دوكلاتىدىمۇ خىتاينىڭ مۇشۇنداق خىمىيەۋى ماددىلارنى يۆتكەۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان. مەزكۇر گېزىت تەخمىنەن 1000 توننا سودىيوم پېركورات قاچىلانغان ئىككى ئىران پاراخوتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ مىقدار ئىراننىڭ 260 دانە ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىغا يېتىدىكەن.
ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسدىكى ھەربىي ھەمكارلىق بۇلاردىنلا ئىبارەت ئەمەس. رويتېرس (Reuters) ئاگېنتلىقى فېۋرالنىڭ ئاخىرىدا ئىران بىلەن خىتاينىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن ئېتىش مۇساپىسى 290 كىلومېتىر كېلىدىغان CM-302 تىپلىق پاراخوتقا قارشى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سېتىش كېلىشىمىنى تاماملاش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. بۇلاردىن باشقا، خىتاينىڭ يەنە ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان پىلانى ۋە باشقا پروگراممىلىرىغا ياردەم بېرىپ، ئىراننىڭ زەربە بېرىش كۈچىنى ئاشۇرغانلىقى توغرىسىدىمۇ خەۋەرلەر بار.
ئىران ئۇرۇشى، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشلارغا ۋاسىتىلىك ئارىلىشىشىنىڭ يېڭى بىر ئەندىزىسىنى كۆرسىتىپ بەردى. گەرچە جەڭ مەيدانىدىكى ئاساسلىق ھەربىي كۈچ ئىران بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ تېخنىكا ۋە ئاخبارات ياردىمى تېھراننىڭ مەشغۇلات ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا. ئىلغار سۈنئىي ھەمراھ ئاخباراتى، بېيدۇۋ يول باشلاش سىستېمىسى، زامانىۋى رادار تېخنىكىسى ۋە ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش تەجرىبىسىگە ئېرىشىش، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان زەربىسىنى تېخىمۇ ئېنىق ئېلىپ بېرىشىغا، شۇنداقلا مۇرەككەپ ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى.
بۇ ھەمكارلىق ئۇرۇشتا غەلبىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن يەككە قورال-ياراقلارغا ئەمەس، بەلكى بىر گەۋدىلەشكەن تېخنىكا مۇھىتىغا (ئېكوسىستېمىسىغا) باغلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تېخنىكا شېرىكلىك مۇناسىۋىتى، بىر تەرەپ بىۋاسىتە ئۇرۇشقا قاتناشمىغان ئەھۋالدىمۇ ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتەلەيدۇ. بۇ بەلكىم بۇنىڭدىن كىين چوڭ دۆلەتلەرنى بىر بىرىگە قارشى بىۋاستە ئۇرۇشقا كىرمەسلىكىنىڭ ئىھتىماللىقىنى تېخىمۇ چوڭ قىلىۋىتىشى مۇمكىن.
