
ئاپتۇرى: كۆك ئاسمان
(ئاپتورنىڭ بۇ يازمىدا ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشلىرى پەقەت ئۆزىگە ئائىت بولۇپ ،ئۆتۈكەن سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ كۆز قارىشى ياكى مەيدانىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى ناتايىن.)
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70-يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، كومپارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئاق تاشلىق ھۆججەت ئېلان قىلدى. ئۆتكەن ئون يىلدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى«ئۇيغۇرلۇقنى تۈپ يىلتىزىتىن قۇرۇتۇش» ئەندىزىسى ۋە كەڭ كۆلەملىك قىرغىن ھەقىقەتەن مسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئۈنىمىنى كۆرسەتتى. بۇ سىياسەتلەر پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مەۋجۇدىيىتى ئۈچۈن ئېغىر كىرزىس يارىتىپلا قالماي، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئۇيغۇرنىڭ ئېڭىغا كومپارتىيەنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇلارنى كۈزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ھەر قانداق ۋەھشىيلىكنى قىلىشتىن يانمايدىغانلىقىنى سىڭدۈرىۋەتتى. ئاز ساندىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولغان ئۇيغۇلار ئۈچۈن بۇ خىتايغا قارشى تىك تۇرۇشنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرسىمۇ، مۇتلەق كۆپ سانلىق، خىتاينىڭ باستۇرۇشى ئاستىدا ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ مەنپەئەتى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن پەرقلىق يول تېپىش يولىدا كومپارتىيەگە ئاكتىپ ياكى پاسسىپ ماسلىشىشچانلىق ھالىتىگە ئۆتتى.
خەلقئارالىق ۋەزىيەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكىدىكى ترامپ ھۆكىمىتى خىتاي ئۈچۈن ئالتۇن پۇرسەت يارىتىپ بەردى. يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان ترامپ- شى مۇناسىۋىتىدە كىشىلىك ھوقۇق ياكى ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈكنىڭ قىلچىلىك ئەھمىيىتى يوق. بۇ ئىككى لىدېر ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئىقتىسادىي مەنپەئەت ۋە گېئوپىلىتىك ھېگامونىيا. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن ھېلىمۇ كۆرىشىۋاتقانلىقىغا ياكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئارىلاپ تىلغا ئالغانلىقىغا بەك ھاياجانلىنىپ كەتمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ غەززىدە قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيەنى ھىمايە قىلىشى، خەلقئارالىق مەھكىمە سوتچىلىرىغا ئامبارگو يۈرگۈزىشى ۋە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان لىبىرال دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارغا ئوچۇق ھۇجۇم قىلىشى، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى مەشرۇئىيتى (قانۇنيىلىقى) ۋە ئەخلاقىي ئۈستۈنلىكىگە ئېغىر زەربە بەرمەكتە. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا ، «غەززىدە قىرغىنچىلىق يوق، شىنجاڭدا بار» دەيدىغان ئامېرىكا سىياسەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانچىلىك پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقى شۇنداقلا بۇ خىل پوزىتسىيەنىڭ خىتاينىڭ خەلقئارادىكى «گۈزەل شىنجاڭ» تەشۋىقاتىغا پايدىلىق بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى ئوبدانراق ئويلىنشقا تېگىشلىك بىر مەسىلىدۇر.
شەرقىي تۈركىستاندا بولسا ئەھۋالدا ياخشىلىنىش بولغىنى يوق. خىتاينىڭ «نورماللاشتۇرۇش» سىياسىتى، ماھىيەتتە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ بىر پارچىسى قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھېلىمۇ ھەم مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر قاماقخانىلاردا ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم. مىليونلىغان ئۇيغۇر بولسا مەجبۇرى ئەمگەك سېستىمىسدا قۇللاشتۇرۇلماقتا. ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان يېڭى بىر ئەۋلادنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئوقۇش يېزىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەرپلەرنى تەلەپپۇز قىلىشتىمۇ قىينىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ساۋاتلىق ۋە ئۇقۇمۇشلۇق ئۇيغۇرلار قىرغىن جەريانىدا ئۆلتۈرۈلدى، تۈرمىگە سولاندى ياكى خىتاي تەشۋىقاتى قىلىدىغان شاتۇتلارغا ئايلاندۇرۇلدى. شەرقىي تۈركىستاندا بىر ئۇيغۇر تۇغۇلسا قۇلىقىغا ئەزان توۋلانمايدۇ. ئىككى ئۇيغۇر توي قىلسا نىكاھ ئوقۇيدىغان ئىمام تاپالمايدۇ. بىر ئۇيغۇر ئۆلسە مېيىت نامىزى ئوقۇلماي كۆمۈلىدۇ. بىر قانچە يىلغا قالماي خىتايلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ تارىخى تېخىمۇ كۆپ بۇرمۇلىنىدۇ. ئۇيغۇرلۇق بۈگۈن ياشىيالمىسا، ئەتىگە يېتىشەلمىسە، كەلگۈسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.
ئۇنداقتا، ئۈمىد دىئاسپورامۇ؟ دېئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى، «ھېچنېمە ئۆزگەرمەيدىكەن، ھېچ بولمىسا مەن ھاياتىمنى ياشاي» دەپ تىرىكچىلىك كويىغا چۈشكەن بولسا، يەنە بىر قىسمى، خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ قايسىدۇر نامايىشتا چۈشۈپ قالغان رەسىمىنىڭ ئىزدېرىكىنى قىلىۋاتقان، ئەتىۋار چەتئەل پۇقرالىقى سالاھىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە بېرىش ئارزۇسىدا تىپچەكلەۋاتقان بولىشى مۇمكىن. يەنە بىر قىسمى بولسا، قاتتىق بوراندىن ساق قۇتۇلغانلىقىغا شۈكرى قىلىپ، ئائىلىسىنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن شۈك تۇرۇشقا داۋام قىلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن. قايسىلا تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر بولسۇن، ئازراق ۋىجدانى بولغان ھەر نەپەر ئۇيغۇر بولۇپ ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىگىنىدە، بۈگۈنكى كۈندە بىر ئۇيغۇر بولۇشنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھېس قىلالايدۇ ۋە ئۇيغۇرلۇق مەشئىلىنى ئەتىگە ئۇلاشتۇرۇش ئۈچۈن دىئاسپورانىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك جەۋھەر ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. چۈنكى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ھەرگىز بوش قويمايدىغانلىقىنى ئۆتكەن ئون يىل مابەينىدە تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق دەپ قارايمەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدە قۇرغان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدىكى چېرىكلىك، بەدقىلىقلىق ۋە ئىستىراتىگىيىسىزلىك كۆپ سانلىق ئوقۇرمەنگە ئايان بولسا كېرەك. شۇڭلاشقا بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق. لېكىن، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ زور يوقۇتۇشتىن بىرى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئاۋازىنىڭ ئۆچۈرىلىشى. بۇ ئەلۋەتتە ترامپ ھۆكىمىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ئۈچۈن قوش قوللاپ سۇنغان ئەڭ ھالقىلىق چوڭ؟ ياكى مۇھىم؟ ھەدىيەلىرنىڭ بىرى. ئاخباراتچىلىق ساھەسىدىكى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئىنتايىن قىيىن. بولۇپمۇ، خىتاينىڭ تەشۋىقات ئۈچۈن يۈز مىليونلاپ دوللار خەجلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇر ئىگەللەش سۇپىسىنىڭ بولماسلىقى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك، دېئاسپورادىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان نۇرغۇن مەبلەغ كېسىلدى ياكى كېسىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا، بولۇپمۇ خەلقئارالىق سەھنىلەردە ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار بۇرۇنقىدەك ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارالماسلىقى مۇمكىن.
بۇ يەرگىچە ئوقۇپ كەلگەن ھەر ئوقۇرمەن بەلكىم قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ياكى غەزەپلەنگەن بولىشى مۇمكىن. ھەقىچان ئېكران تۇتقان قولى تىترەپ، ئۇنداقتا نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ مەن نېمە قىلالايمەن دەپ ئويلاۋاتقان بولىشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولسا ۋە بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان بولسىڭىز، مۇبارەك بولسۇن. ۋىجدانىڭىز پۈتۈن ۋە ئۇيغۇرلىقىڭىز يوقىمىغان ئىنسانلاردىن بىرى ئىكەنسىز.
دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم مەجبۇرىيىتى، سىياسىي جەھەتتىن پاسسىپ ياكى پائال بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىشى، دېئاسپورادا شەكىللىنىۋاتقان ئانا تىل مەكتەپ ياكى باشقا ئىجتىمائىي دولقۇنلارغا كۈچ بېرىشى كېرەك. بۇنىڭ ئەڭ ئەقەللىي باشلىنىش نۇقتىسى، ئۇيغۇر مەتبۇئاتچىلىقىنى قوغداپ قېلىش ۋە ئۇيغۇر تىلىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان كىتاب ۋە ژۇرناللارنى سېتىۋېلىش ئەلۋەتتە. بۇنىڭ سىرتىدا، بەدەل تەلەپ قىلىدىغان لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەڭ ئېغىز زەربە بېرەلەيدىغان مەسئۇلىيىتى بولسا – خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىماسلىق ۋە زۇلۇمنى نورماللاشتۇرماسلىق. خىتاينىڭ باستۇرۇشىنى قوبۇل قىلىش، ماسلىشىش ۋە تەھدىتىگە بويۇن ئېگىش ۋەتەندىكى بىر ئۇيغۇ ئۈچۈن ھاياتتا قېلىشنىڭ بىردىنبىر يولى بولىشى مۇمكىن. لېكىن، ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئاكتىپلىرى نۆۋەتتە ئىنتايىن مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرىۋاتىمىز. ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇتۇش ۋە دۇنياغا چۈشەندۈرۈش باسقۇچى ئاخىرلىش ئالدىدا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزلەرچە ھۆججەت، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنسانلىققا قارشى جىنايىتىنى ۋە قىرغىنچىلىقىنى ئىسپاتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ بەردى. بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق -ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولىشى ئۈچۈن چارە ئىزدەش ۋە خىتاي تەشۋىقاتىغا قارشى تۇرۇش تېخىمۇ مۇھىم. بۇ جەرياندىكى مۇھىم مەسىللەرنىڭ بىرى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يالغۇز ئامېرىكىنلا مەركەز قىلغان ھالەتتىن ئۆزگەرتىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ قوللىشى ۋە كۆڭۈل بۆلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ خەلقئارالاشتۇرۇش ۋە دۇنيادىكى باشقا ئېزىلگەن خەلقلەرنىڭ مەسىلىسى بىلەن بىللە شەكىللىنىۋاتقان ۋەزىيەتتىكى كۈنتەرتىپلەرنىڭ بىرى ھالىتىگە ئېلىپ كېلىشكە تىرىشىش، ئەلۋەتتە. شۇنى بىلىش كېرەككى ئۇيغۇر مەسىلىسى مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ مونوپوللىقىدىكى مەسىلىسى بولۇپ قېلىشتىن ۋە شۇ دۆلەتنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن بىر ۋاستە بولۇپ قېلىشتىن قۇتۇلۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ھالىقىغان ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىسى بولۇشى كېرەك.
ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتى ئىنتايىن تۇراقسىز. دۇنيانىڭ قايسى يۆلىنىشكە كېتىپ بارغانلىقىنى مۆلچەرلەش تولىمۇ قىيىن. تۇمانلىق يولدا ماشىنا ھەيداۋاتقان بىرى، ئەگەر يولنى كۆرەلمەيۋاتقان بولسا، ئاستىلاشنى ۋە ھەتتا يول بويىدا توختاشنى بىلىشى كېرەك. بىر ئىنسان ئەگەر دۇنيانىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىغا چىقىشنى نىيەت قىلغان بولسا، ئالدى بىلەن مەھەللىسىدىكى دۆڭلىكتىن ئۆتۈپ بېقىشى كېرەك. توختاش ۋە كېيىنكى قەدەم ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش ھەرگىزمۇ ئاجىزلىق ئەمەس. ئەكسىنچە، كۈچلۈكلۈكنىڭ ئالامىتى. تاشتىن تاشقا ئۇرۇلۇپ ئاققان ئېرىقتىكى سۇنىڭ تېرەنلىكى بولمايدۇ. دېڭىزنىڭ جىمجىتلىقى، شامال كەلگىنىدە دولقۇنلاپ داۋانلاردىن ئېشىشى ئۈچۈن توسالغۇ ئەمەس.
دەرۋەقە، ئۇيغۇرنىڭ ئازادلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن، بىر ئىش قىلىش مۇھىم. لېكىن، توغرا ئىش قىلىش تېخىمۇ مۇھىم. دىئاسپورا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىقتىدارلىق يېڭى بىر تۈركۈم ياشلارنى تەربىيىلىشى، تەشكىلاتلارنى ئىسلاھ قىلىشى ۋە ئۇمۇمىي ئىستىراتىگىيە ئۈستىدە ئويلىنىشى كېرەك. بۇ جەرياندا قول ئىلكىدە بار بايلىرىمىزنىڭ قۇرئان كۇرسلىرىغا ياردەم قىلىشتىن ئۆتۈپ باشقا تەرەپلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلىشىگە ئېھتىياجىمىز بار.
يېڭى دۇنيا ۋەزىيىتىدە كونا تاكتىكىلار ئاقماسلىقى مۇمكىن. دۇنيانىڭ دىققىتى غەززىگە مەركەزلىشىۋاتقان بۇ پەيىتتە، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى زورۇققىنىدا توختاشنى ياكى ئاستىلاشنى بىلىشى كېرەك. شۇنداقلا دوپپىسىنى ئالدىغا قويۇپ، ئۆتكەن ساۋاقلارنى يەكۈنلىشى ۋە سېسىغان ئالمىلارنى سېپىدىن تازىلىشى كېرەك.
شەرقىي تۈركىستاندىكى مەۋجۇدىيەت كىرزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى، خىتاي بويسۇندۇرالمىغان ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھىدا ساقلىنىدۇ. ئۇيغۇر دېئاسپوراسىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولسا شەخسىي مەنپەئەتىدىن كېچەلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمىلىدە روياپقا چىقىدۇ. بۇ ئىككى تۈركۈم ئۇيغۇرنىڭ نىيىتى بىر بولغىنىدا، تەڭرىتاغدا ئەركىنلىك شوئارى ياڭرىيالايدۇ.
تەتقىقات مەركىزىمىز ئۆزىمىزگە ئائىت بولغان يازمىلاردىن سرىت باشقا تەتقىقاتچىلارنىڭ يازمىلىرىنىمۇ ئوبىكتىپ، ئىلمىي، تەرەپسىز شۇنداقلا ھاياجاندىن خالىي (تۈركچە ھاماسەت) بولۇش شەرتى ئاستىدا ئېلان قىلىدۇ. بۇ ھەقتە فەيسبۇك ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
