Why Nations Fail: The Origins of Power, Prosperity and Poverty
Acemoglu, D., & Robinson, J. A. (2012). Why nations fail: The origins of power, prosperity, and poverty. The Crown Publishing Group. 544 pp. $17.64

مەۋلان تەڭرىقۇت
شېففلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى
(خىتاي تەتقىقاتى)
نېمە ئۈچۈن شىمالىي كورېيە دۇنيانىڭ ئەڭ كەمبەغەل دۆلىتى، لېكىن جەنۇبىي كورېيە دۇنيانىڭ ئەڭ باي دۆلەتلىرىنىڭ بىرى؟ نېمە ئۈچۈن ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان رايونلار، مەسىلەن، جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرى، ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان شمالىي ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە خۇڭكۇڭدەك تەرەققىي قىلمىدى؟ نېمە ئۈچۈن ھىندىستان ئىقتىسادى جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان دۆلەت، لېكىن پاكىستاننىڭ ئىقتىسادى ناچار؟ نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ ئىقتىسادى ماۋزېدۇڭ دەۋرىدە ئومۇميۈزلۈك خاراب بولدى ۋە شى جىنپىڭ چىققاندىن كېيىن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى؟
ئىقتىسادشۇناس ئادام سىمىت (18-ئەسىر) دەۋرىدىن تارتىپ كۈنىمىزگىچە ، «دۆلەتنى ئىقتىسادىي مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ئامىل نېمە؟ دېگەن سوئال سورىلىپ كەلمەكتە. گەرچە بۇنىڭ مۇكەممەل جاۋابىمۇ تېخى تولۇق تېپىلمىغان بولسىمۇ ھەرخىل نەزەرىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە. بۇ نەزەرىيەلەر كىلاسسىك ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ «كاپىتالنىڭ جۇغلىنىشى» نى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاچقۇچى دەپ ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن باشلانغان ، نىئو- كىلاسسىك ئىقتىسادشۇناسلار بولسا تېخنىكا ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئىچكى ئامىللارنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن نەزەرىيەلەر ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ نەزەرىيەگە ئاساسەن، دۆلەت ئىچىدە ئىنسانلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىلىم-پەن قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل سىجىل ئېشىشغا تۈرتكە بولىدۇ (Perkins et al. 2012, p.101- 103).
ئوخشاش مەسىلە ھەققىدە ماسساچۇستىس تېخنىكا ئىنستىتۇتى ئىقتىساد ئىلىمى پىروففىسورى دارون ئاجەمئوغلى (Daron Acemoğlu) ۋە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت ئىلمىي پىروففىسورى جېيمىس ئا.روبىنزون (James A. Robinson) ئون يىللىق ئۇزۇن ۋە كەڭ كۆلەملىك تەتقىقاتىدىن ئارقىلىق 2012-يىلى دۆلەتلەر نېمىشقا مەغلۇپ بولىدۇ- Why Nations Fail? ناملىق كىتابنى نەشر قىلدۇردى. ئاپتورلار كىتابتا ئىقتىسادتىكى مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەتنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىلنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئورگانلار (political and economic institutions) ئىكەنلىكىنى كەسكىن بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويغان. ئەگەر دۆلەتتە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئورگانلار سىغدۇرۇشچان بولسا دۆلەتلەرنىڭ روناق تاپىدىغانلىقىنى ، ئەگەر بۇ ئورگانلار ھوقۇق ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن شىلىۋېلىش ۋە ئىكسپالاتاتسىيە خاراكتېرلىك بولسا دۆلەتلەرنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
كىتاب 15 باپتىن تەركىب تاپقان بولۇپ تۆۋەندە قىسقىچە ھەر بۆلۈمدە قانداق ئىدىيەلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىغا قاراپ چىقايلى. 1-باب ئامېرىكىدىكى نوگالېس شەھىرى بىلەن مېكسىكادىكى نوگالېس شەھرىنىڭ تەرەققىيات ھالىتىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئىككى دۆلەتتىكى ئورگانلارنىڭ خاراكتېرىدىكى پەرقنىڭ نوپۇس ئوخشىشىپ كېتىدىغان بۇ ئىككى شەھەرنىڭ تەرەققىيات دەرىجىسىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن. بۇ پەرقنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئىسپانىيە ۋە ئىنگلىزلارنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئامېرىكىدىكى بويسۇندۇرۇش ۋە ھۆكۈمرانلىق تارىخىغا قاراپ چىققان . بۇ تارىخىي جەرياندىكى كۈتۈلمىگەن ھادسەلەرنىڭ ئىككى رايوندا ئىككى خىل سىياسىي مەنزىرىنى شەكىللەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى شۇنداقلا بۇ تەسىرىنىڭ نەچچە ئەسىردىن كېيىنمۇ ھەتتا ئامېرىكا ۋە مېكسىكادىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتتە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. (21-بەت) ئامېرىكانىڭ ساغلام قۇرۇمسال سۇپىسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، مېكسىكادىكى مۇستەملىكىچىلىك مىراسلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇستەبىت سىياسىتىنىڭ دۆلەتتىكى ھەر ساھەدىكى ئىگىلىك تىكلەش تەشەببۇسلىرى ۋە كارخانچىلىقنى چەكلەپ قويغانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق مال -مۈلۈك ھوقۇقىنى مۈلۈك ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، يېڭى ئىدىيەلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى تەسۋىرلىگەن (53-بەت). ئاپتورلار كورېيە ، نوگالېس ياكى شەرقىي ۋە غەربىي گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى پەرقىنى پەقەت سىياسىي ئورگانلارنىڭ خاراكتېرى، سۈپىتى ۋە ئىشلەش پىرىنسىپى بىلەنلا چۈشەندۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئاجەمئوغلى ۋە روبىنزون يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا، ھوقۇق بىر قانچە كىشىنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن سىياسىي جەھەتتىكى دىكتاتورىلىق ئىدېئال بولغان رايون ياكى دۆلەتنىمۇ ئىقتىسادى جەھەتتىن ئۈنۈمسىز رايونغا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى ۋە ئاخىرىدا دۆلەتنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2 -بابتا دۆلەتنىڭ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈۋالماي تۆۋەنگە بېرىشنىڭ باي دۆلەت بولۇش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئورگان ۋە ھاكىمىيەتنىڭ رولىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، جۇغراپىيە ، مەدەنىيەت ۋە نادانلىقنىڭ دۆلەتلەرنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشتىكى رولىنى مۇھىم دەپ قارىغان بەزى نەزەرىيەلەر ھەققىدە توختالغان ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى ئېشىش پەرقىنى چۈشەندۈرۈشتە بۇ نەزەرىيەلەرنىڭ ئاجىز كېلىپ قالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان (62-82 بەت).
3 -بابتا چاۋشيەن ۋە كورېيەدىكى سىياسىي ئورگانلارنىڭ تارىخى تەھلىل قىلىنغان ، ھەمدە كورېيەنىڭ چاۋشيەن بىلەن ئاسمان زېمىن پەرق قىلىدىغان ئىقتىسادى مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ كورېيەدىكى سىياسىي ئورگانلارنىڭ سىغدۇرۇشچان خاراكترى بىلەن چاۋشيەندىكى دىكتاتور تۈزۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى سۆزلىگەن. ئەمما ئاپتورلار بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دىكتاتور ئورگانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قىسقا مۇددەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا نۇقتىلىق بايلىق ئاقتۇرۇش ئارقىلىق گۈللىنىشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنىمۇ ئېتىراپ قىلغان، لېكىن بۇنىڭ جەمئىيەتكە بولغان پايدىسىنىڭ چەكلىك بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن (88-98 بەت). ئۇلار بۇ خىل سىياسىي ئورگانلارنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش رولىنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى، ئىچكى جەھەتتىكى جېدەل ۋە پۇت تىپىشىش نەتىجىسىدە ئاسانلا ۋەيران بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتورلار بۇنىڭغا سوۋېت ئىتتىپاقى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.
4-باب ئورگانلارنىڭ سىياسىي توقۇنۇش جەريانىدا قانداق ئۆزگىرىدىغانلىقى ۋە ئۆتمۈشنىڭ ھازىرنى قانداق شەكىللەندۈرىدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان. شۇنداقلا تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قانداق شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەسىلەن 1346 -يىلى خىتايدىن تارقالغاان بىر ۋابانىڭ ياۋروپادا غايەت زور كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ۋە نەتىجىدە پۈتۈن ياۋروپادا ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە شەرقىي ۋە غەربىي ياۋروپادا ئىككى خىل سىياسىي ۋە قۇرۇمسال ئۆزگىرىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان. (111-112 بەت ). مەسىلەن غايەت زور نوپۇسنىڭ قىرىلىپ كېتىشى غەربىي ياۋروپادا جەمئىيەتنىڭ دېھقانلارغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇرۇۋەتكەن ۋە نەتىجىدە دېھقانلارنىڭ ئەركىنلىككە ۋە تېخىمۇ ياخشى شارائىتقا ئىگە بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. دېھقانلار ھۆكۈمران تەبىقە بىلەن مۇرەسسەلىشىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان بىر قىسىم توختاملارنى ئىمزالىغان. بۇ ئۆزگىرىش ئەنگلىيە ۋە غەربىي ياۋروپادا مۇرەسسە ۋە كېلىششكە تايانغان سىغدۇرۇشچان سىياسىي قۇرۇلمىلارنىڭ شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. لېكىن شەرقىي ياۋروپادا بولسا ئىشلار دەل ئەكسىچە بولغان، يەنى يەر ئىگىلىرى بۇ ھالەتنى سۈيىئېستىمال قىلغان دېھقانلارنى ئۆزلىرىگە قۇل قىلىۋالغان، بۇنىڭ بىلەن ئىكسپالاتاتسىيەگە تايانغان سىياسىي تۈزۈلمە ۋە ئورگانلار شەكىللەنگەن. بۇنىڭ ئىككى رايوندا كۈچنىڭ ئوخشىمىغان گۇرۇپپىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىدەك ۋەزىيەتتىن شەكىللەنگەن.
5-باب ستالىن ، يېڭى تاش قوراللار ئىنقىلابى ۋە مايا شەھەر-دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاقلىقى ۋە بۇلار نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىنىڭ داۋام قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان. بۇلارنىڭ ئورتاقلىقىنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مەركەزىيەتچى، دۆلەت ھوقۇقىنىڭ ناھايىتى ئاز كىشىلەرنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ قالغانلىقى، زور كۆپچىلىك ئاممىنى شىلىۋېلىش ۋە ئېكسپالاتاتسيە قىلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ خىل ئورگانلار بىلەن باشقۇرۇلغان يۇقىرىدىكى ھاكىمىيەتلەردە قىسقا مەزگىللىك ئىقتىسادى گۈللىنىشنىڭ بولىدىغانلىقى لېكىن سىغدۇرۇشچانلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيتىدىن مەھرۇم، قاتمال ۋە قاتتىق قۇرۇلمىغا ئىگە بولغاچقا ئۇزۇن مەزگىللىك ۋە سىجىل ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ مەسىلىدە ھالقىلىق ئامىلىنىڭ ھوقۇقنى زىيادە مەركەزلەشتۈرۋېلىش ۋە باشقىلار بىلەن ، بولۇپمۇ تۆۋەن بىلەن ئورتاقلاشماسلىق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. مەسىلەن ستالىننىڭ ۋە سوۋېتنىڭ بەش يىللىق پىلانىدىكى تەدرىجىي تەرەققىياتى ھەققىدە توختىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ دىكتاتور ۋە ئېكسپالاتاتسىيەچى خاراكتېرىنىڭ ۋە بايلىقلارنىڭ نامۇۋاپىق تەقسىملىنىشىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ (141-147).
ئاپتورلار مانا بۇخىل ئوخشاشلىق ۋە تارىخ تەجرىبىنى ئاساس قىلىپ خىتاينىڭ ئىقتىسادىدىكى ئاجىز ھالقىلار ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن . خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئورگانلارنىڭ مەركەزىيەتچى ۋە سىياسىي تۈزۈلمىسىنىڭ مۇستەبىت بولغان بىر مودېلغا تايانغانلىقىنى، گەرچە خىتاي ئىقتىسادتا كۆرۈنەرلىك ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بۇ ئەندىزىسىنىڭ چېكىگە يەتكەندىن كېيىن توختاپ قالىدىغانلىقى ۋە مۇقىمسىزلىق خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات يۆلىنىشى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
كىتابتا يەنە بەزىلەرنىڭ خىتاينىڭ سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئورگانلار بىلەن ئەمەس ، بەلكى مۇستەبىتلىك ئاستىدا ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغان باشقا بىر ئىقتىساد مودېلىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئىسپاتلىدى، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما دارون ئاجەمئوغلى بۇ قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدىكى سىرنىڭ رادىكال ئىقتىسادى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق كوممۇنىزمنىڭ قاتمال ئىقتىسادى تۈزۈمدىن يىراقلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇش ۋە سودىغا ئىلھام بېرىدىغان ئورگانلارغا قاراپ تەرەققىي قىلغانلىقى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، گەرچە خىتاينىڭ سىياسىي ئورگانلىرى دىكتاتور ۋە ئېكسپلاتاتسىيەچى بولسىمۇ، ئىقتىسادى ئورگانلىرى بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەردىن ئۇزاقلاشقان. بۇ سەۋەبتىن خىتاي كېيىنكى 30 يىلدا ئىقتىسادى جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان. ئەمما خىتاي ئىقتىسادى ئورگانلىرىنىڭ «سىغدۇرۇشچان» ئالاھىدىلىككە قاراپ ئىسلاھ قىلىنىشى دىكتاتور سىياسىي ئورگانلار ئاستىدا ئېلىپ بېرىلماقتا ۋە بۇ ئەھۋال ئىشنى مۇرەككەپ ۋە قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ (478-بەت). كىتابتا خىتاينىڭ بۇ مودېلى سوۋېت ۋە كورېيە بىلەن سېلىشتۇرۇلغان بولۇپ، گەرچە خىتاي ئىقتىسادى ئورگانلىرىنىڭ سوۋىتنىڭكىدىن سىغدۇرۇشچان بولسىمۇ، يەنىلا كوممۇنىست پارتىيەنىڭ ئىقتىسادى سىياسەتتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن كورېيەگە ئوخشاش ئىشەنچلىك، سىستېمىلاشقان سىغدۇرۇشچان سەۋىيەگە يېتىشكە تېخى ئۇزاق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، ئەگەر خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى سىجىل ئاشۇرۇپ مېڭىش پىلانى بولسا يەنىمۇ چوڭقۇر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بولمىسا سوۋېت ئىتتىپاقىچە يولغا ئاسانلا كىرىپ قالىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان (477-بەت).
ئوخشاش تېما 6- بابتا ۋىنتسىيە ۋە قەدىمكى ئافېنا ھەققىدىكى بايانلاردا تىلغا ئېلىنغان. يەنى بۇ ئىككى شەھەر دۆلىتى سىغدۇرۇشچان ۋە ھوقۇق باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىلغان دەۋرلەردە گۈللىنىشنى باشتىن كەچۈرگەن. لېكىن مۇستەبىتلىككە ۋە ھوقۇق مەركەزىيەتچىلىكى باش كۆتۈرگەندە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھوقۇقنى قانۇنسىز ئىشلىتىشى ۋە بىر بىرى ئارىسىدا ئوتتۇرىسىدا تەسىر كۈچ تالىشىش رىقابىتى باش كۆتۈرۈلگەن ۋە دۆلەت ۋەيران بولغان (168-171 بەت). 7-بابتا بولسا ئەنگلىيەنىڭ گەرچە مۇتەئەسسىپ ۋە مەركەزىيەتچى سىياسىي سىستېمىسى قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ يەنىلا 1688-يىلىدىكى شەرەپلىك ئىنقىلابتىن كېيىن سىغدۇرۇشچان سىستېمىغا ئۆتۈش جەريانى بايان قىلىنغان ۋە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ھالەتكە كېلىشىنىڭ سانائەت ئىنقىلابىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان (197-214).
8-بابتا ئوسمان ئىمپېرىيەسى ھەققىدە توختالغان. پادىشاھنىڭ ھوقۇقىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزىيەتچى بولۇشى ۋە ئىمپېراتورلۇقتا سۇلتاننىڭ ھوقۇقىنى چەكلەپ تۇرىدىغان ئورگان ۋە مېخانىزمىنىڭ بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئورگانلارنىڭ قاتمال ۋە ئېكسپلاتاتسىيە خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكى بايان قىلغان. مانا بۇ خىل سىياسىي تۈزۈم دۆلەتتە يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچىنى بوغۇپ قويغان. يەنە بىر تەرەپتىن ئوسمان ئىمپېرىيەسى شۇ دەۋردە ياۋروپادا بارلىققا كېلىۋاتقان ئىدىيە ۋە پەن تېخنىكىدىكى يېڭىلىقلارنى ئەكىرىشكە ناھايىتى ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتقان چۈنكى بۇ تېخنىكلىق يېڭىلىقلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ھاكىمىيەتكە قارشى كۈچلەرنىڭ قولغا چۈشۈپ كېتىپ تەھدىت شەكىللەندۈرۈشىدىن ئەنسىرىگەن. كىتابتا بۇ خىل ئەنسىرەشنىڭ خىتاي، ئىسپانىيە، چاررۇسىيە ۋە ئاۋسترىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيەلىرىدىمۇ ئوخشاش يۈز بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان (230-236 بەت).
9-بابتا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ھەققىدە بولۇپ ئاساسەن يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان مەزمۇنلار ھەققىدە مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈلگەن. 10-بابتا فىرانسىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە سىياسىي ۋە ئىقتىسادى ئورگان ئىسلاھاتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇق تارقاقلاشتۇرۇلغان ۋە سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادى سىستېمىنى بەرپا قىلغانلىقى ھەققىدە توختالغان. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ دۆلەتلەردە سانائەتلىشىش تەرەققىي قىلىپ ئىقتىسادى گۈللىنىش مەيدانغا كەلگەن (316-بەت). ئەمما بەزى دۆلەتلەر دىكتاتورىلىق ۋە مونوپول قىلىش يولىنى تاللىغان ۋە بۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتىكى باراۋەرسىزلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك چېكىنىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
11-بابتا «پەزىلەت چەمبىرىكى The Virtue Circle » ، يەنى ئاكتىپ ئىنكاسلار ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچەيتىدىغان دىنامىكلار زەنجىرى مۇلاھىزە قىلىنغان. ئاپتورلار بۇ خىل «پەزىلەت چەمبىرەكى » نى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ئامىللار ھەققىدە توختالغان بولۇپ كۆپ خىل قاراشقا ۋەكىللىك قىلىدىغان سىياسىي ئورگانلار، ھېچقانداق ئورگان ۋە كۈچنىڭ بويۇنتۇرۇقىغا چۈشۈپ قالمىغان ئەدلىيە سىستېمىسى (قانۇن بويىچە باشقۇرۇش)، ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى قوبۇل قىلالايدىغان دەۋرىيلىك مېخانىزم قاتارلىقلار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئامىللار بىرلىكتە دۆلەتتە پەزىلەت چەمبىرىكى ھاسىل قىلىدىغانلىقى ۋە بۇ چەمبەرنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىنىپ تۇرۇشى ۋە بۇ ئارقىلىق كەمچىللىكلىرىنى تولۇقلاپ ئۆزگىرىش ، كىرىزىس ۋە يېڭىلىقلارغا ماسلىشىپ تۇرالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان (368-370). 12-باب بولسا دەل بۇ ئەھۋالنىڭ تەتۈرى بولغان «قاباھەت چەمبىرىكى -The Vicious Circle» ھەققىدە توختالغان ۋە يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارنىڭ تەتۈرى بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە بۇ خىل چەمبەردە ئېكسپلاتاتسىيە قىلغۇچى ۋە چەتكە قاققۇچى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ بىر بىرىنى قوللايدىغان ۋە بىر-بىرىگە تايىنىدىغان مەنپەئەت زەنجىرىنىڭ شەكىللىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن (380-بەت).
13- بابتا، كولومبىيەدىكى ئىقتىسادى مەغلۇبىيەتنى تەھلىل قىلغاندا دېموكراتىيەنىڭ بولۇشىلا دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دېمەكچى بولغىنى دېموكراتىيە بولغان بىلەن (تەبىئىي بۇ يەردىكى دېموكراتىيە شەكىل جەھەتتىكى ياكى قىسمەن دېموكراتىيەنى كۆرسىتىدۇ)، سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادى ۋە سىياسىي ئورگانلار بولمىغانلىقى ئۈچۈن كولومبىيە ئىقتىسادتا مەغلۇپ بولغان. 14- بابتا بوتسۋانانىڭ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ دۆلەتنىڭ ئورگانلىرىنى مەۋجۇت قەبىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىغدۇرۇشچان شەكىلدە قۇرۇپ چىققانلىقىنى، مانا بۇ سەۋەبتىن گەرچە يېڭى مۇستەقىل بولغاندا ناھايىتى كەمبەغەل بولسىمۇ كېيىن تىز تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان (447-450 بەت).
ئەڭ ئاخىرقى بابتا خىتاينىڭ ماۋدىن كېيىن ئىقتىسادى جەھەتتىن ئىسلاھات ئېلىپ بارغانلىقىنى بۇ ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورتقا تايانغان ئىقتىسادى سىستېما ياراتقانلىقىنى، ۋە مانا بۇ جەھەتتىن قورال – ياراق ۋە ئېغىر سانائەتكە تايانغان سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشىمايدىغان ئەندىزە شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ خىتاي ئىقتىسادى ئۈچۈن جانلىق ۋە كۆپ خىللاشقان ئىقتىسادى شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. خىتاي چەت ئەل پەن – تېخنىكىسىغا ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەرزان لېكىن سۈپەتسىز مال ئىشلەپچىقىرىش تاكتىكىسىغا تايىنىپ نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردىن تەرەققىياتتا ئېشىپ كەتكەن. ئاپتورلار خىتاينىڭ سىياسىي جەھەتتىن يەنىلا دىكتاتور ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ « مۇستەبىتچە ئېشىش – authoritarian growth » ئاتالغۇسىنى قوللانغان ۋە بۇنداق سىياسىي سىستېمىدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ چەكلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. ئەگەر ئۈنۈملۈك ئىسلاھات بولمىغاندا خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ سوۋېتنىڭكىگە ئوخشاش ھالەتكە كىرىپ قالىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. چۈنكى بۇنداق سىستېمىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭىلىق ۋە ئىجادچانلىق بولمايدۇ. خىتاي بۇنىڭ شەپىسىنى ھېس قىلىپ ئىسلاھاتنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتكەن لېكىن ئىسلاھاتنى قىلالىشى جەھەتتە يەنىلا گۇمان مەۋجۇت دەپ قارالغان. بۇ بابتا ئاپتورلار خىتاينىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى سېنارىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان. يەنى ئەڭ چوڭ ئېھتىمال شۇكى خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئىقتىسادىي گۇرۇھلار ھاكىمىيەتنى قاتتىق كونترول قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن (477،476 – 478 بەت )
بۇنىڭدىن سىرت بۇ بابتا يەنە بىر دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ چەت ئەل ياردىمى ۋە فوندلار بىلەن ئوڭشالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە چەت ئەل ياردەملىرىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن مىساللار كۆرسەتكەن. مەسىلەن ئافرىقىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە بېرىلگەن فوندلار شۇنداقلا ب د ت نىڭ ئافغانىستاندىكى پاناھلىنىش كامپلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇش تۈرىگە قەدەر مىليونلىغان دوللارنىڭ پارغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. ئاچقۇچلۇق ئامىلنىڭ يەنىلا سىغدۇرۇشچان ئورگانلار بەرپا قىلىش ۋە كىشىلەرنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە بازارنى ئەركىنلەشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن (493-بەت ).
يىغىپ ئېيتقاندا ئىقتىسادنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خاراكتېرىدە . يەنى دۆلەتنىڭ ھەم سىياسىي ھەم ئىقتىسادى ئورگانلىرى سىغدۇرۇشچان، قارشى پىكىر ۋە تەنقىدلەرگە ئوچۇق، نازارەتنى قوبۇل قىلىدىغان، كۈچنى تۆۋەن بىلەن \ باشقا ئورگانلار بىلەن ئورتاقلاشقان بولۇشى لازىم. مۇستەبىتلىك ياكى ساختا دېموكراتىيە ئىقتىسادنى ۋەيران قىلىدۇ ياكى قىسقا مەزگىللىكلا تەرەققىياتنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ. بۇ كىتاب 2012- يىلى يېزىلدى ۋە ئارىدىن 12 يىل ئۆتتى. دارون ئاجەمئوغلى بۇ يىل مانا بۇ كىتابى ۋە بۇ كىتابتىكى تېما ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى سەۋەبلىك نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. نوبېل مۇكاپاتى ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنىڭ تەستىقى ئەلۋەتتە. شۇنداقلا دارون ئاجەمئوغلىنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادى ھەققىدىكى ئانالىزلىرىنىڭ خاتا ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. كىتاب دەل خىتايدا ھاكىمىيەت خۇجىنتاۋدىن شى جىنپىڭغا يۆتكىلىۋاتقان مەزگىللەردە نەشردىن چىققان. شى تەختكە چىققاندىن بېرى گەرچە خىتاي نامراتلىقىنى تۈگىتىپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىغان، شۇنداقلا يىپەك يولى قۇرۇلۇشى، خىتاي چۈشى قاتارلىق غايەت زور ئىقتىسادى ۋە سىياسىي پروجېكىتلارنى يۈرگۈزگەن بولسىمۇ ئەمما خىتاينىڭ ئىقتىسادى يېقىنقى نەچچە يىلىدا 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. خىتاي ۋە چەت ئەلدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇنى 2019 -يىلدىكى ۋىرۇسنىڭ سەۋەبى شۇنداقلا نەچچە يىل ئۇدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىن كېيىن كېلىپ چىقىدىغان تەبىئىي ئەھۋال دەپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشماقتا. لېكىن خىتايدا ئىقتىسادنىڭ تۇرغۇن ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىغا ئۇزۇن بولغانلىقى ئاشكارىلاندى. يەنە كېلىپ بۇ تۇرغۇنلۇق دەل بۇ كىتابتا چۈشەندۈرۈلگەندەك سىياسىي جەھەتتىن دىكتاتورلاشقان مەزگىلدە يۈز بەردى.
شۇنداقتىمۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادى، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى ۋە كەلگۈسى سېنارىيەسى شۇنداقلا كىتابنىڭ ئەڭ چوڭ تېمىسى بولغان ئورگانلارنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىكەنلىكى كۆز قارىشى ھەققىدە مەسىلىنى باشقا تەرەپتىن ئويلايدىغان ئىككى كىشىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش ئەرزىيدۇ. بۇنىڭ بىرى خىتاينىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت مۇتەخەسسىسى ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى يەن شۆتۈڭ (阎学通)، يەنە بىرى بولسا ھىندى پۇشتىدىن بولغان سىنگاپورلۇق دىپلومات ۋە گىئوپولىتىكا مەسلىھەتچىسى كىشور ماھىبۇنانىي (Kishore Mahbubani) دۇر. يەن شۆتۇڭ خىتاينىڭ قەدىمكى رەھبەرلىك پەلسەپەسىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، «رەھبەرلىك كۈچى» نى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە يىمىرىلىشىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل دەپ قارىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە دۆلەتنىڭ ئورگانلىرى ۋە تۈزۈمى ئەمەس رەھبەرنىڭ قابىلىيىتى ، تاللىغان ئىستراتېگىيەلەرنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىقلىقى ، دەۋرگە ماسلىقى ۋە ئىلغارلىقى دۆلەتنىڭ كۈچىنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەن مىسال سۈپىتىدە ترامپ ھۆكۈمىتىنى تىلغا ئالىدۇ ۋە ئامېرىكىدا دۆلەت تۈزۈمى ۋە ئورگانلارنىڭ خاراكتېرى ئوخشاش ئەھۋالدا نېمە ئۈچۈن 2016 – 2020 يىلى ئارىلىقىدىكى ترامپ دەۋرىدە ئامېرىكا ھەم ئىقتىسادى ھەم يۇمشاق كۈچ ھەم ئىناۋەت جەھەتتە چېكىنىپ كېتىدۇ، دەپ سورايدۇ ۋە جاۋابىنى ترامپنىڭ لىدىرلىقىنىڭ لاياقەتسىزلىكى دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ.
كىشور ماھبۇبانى بولسا غەربنى خىتاينى چۈشىنىشتە پۈتۈنلەي خاتالاشتى دەپ قارايدۇ ۋە 1986- يىلىدىن باشلاپ The Economist قاتارلىق نوپۇزلۇق مېدىيالاردا خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ پات – يېقىندا گۇمران بولىدىغانلىقى ھەققىدە پەرەز ۋە تەتقىقاتلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ، لېكىن خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى ئىككى خانىلىق سۈرئەت بىلەن ئېشىپ دۇنياۋى مۆجىزە ياراتقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ يەنە ئامېرىكانىڭمۇ ناھايىتى كۈچلۈك ئاساسقا ئىگە دۆلەت ئىكەنلىكىنى ، لېكىن 4 مىڭ يىللىق دۆلەت تەجرىبىسىگە ئىگە بىر مەدەنىيەتنىڭ ۋارىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن باشقۇرۇش ۋە كىرىزىسلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە مول تەجرىبىگە ئىگە ئىكەنلىكى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ يەنە غەربلىكلەرنىڭ خىتاينى ئىسلاھات ئېلىپ بارمايدىغان قاتمال دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا خىتاينىڭ توختىماي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ يولىدا مېڭىپ قالماسلىق ئۈچۈن سوۋېتنى تا ھازىرغىچە تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا، دارون ئاجەمئوغلىنىڭ نەزەرىيەسى غايەت زور ئالقىشقا ئېرىشتى . ئۇ دۆلەت ئورگانلىرى سىغدۇرۇشچان ،دۆلەت ئىچى سىستېمىلار دېموكراتىك شۇنداقلا ھوقۇق مەركەزلەشمىگەن بولسا بەزى يىللاردا ئاز ئىقتىسادى ئېشىش بولسىمۇ لېكىن ئۇزۇن مەزگىلدە ئېنىق كۆرۈنەرلىك ئېشىش بولىدىغانلىقىنى ۋە چوڭ كىرىزىسلارنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ياۋروپا ئاجەمئوغلى تەسۋىرلىگەن سىستېمىغا ئىگە. لېكىن ھازىر ئىقتىسادى بەك ناچار بولسىمۇ نىسبەتەن تۇرغۇن ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. بۇ ئەھۋال ئاجەمئوغلىنىڭ نەزەرىيەسىنى سىنايدىغان بىر ئەھۋال بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ياۋروپا كەلگۈسى نەچچە يىل ئىچىدە چوڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادى كىرىزىسقا دۇچ كەلمەي بۇ تۇرغۇنلۇقتىن ئۆتۈپ كېتەلىسە ، ئۇنىڭ نەزەرىيەسى بەلكىم بۇ ساھەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق نەزەرىيەگە ئايلىنىشى مۇمكىن.
پايدىلانغان مەنبەلەر
Acemoglu, D., & Robinson, J. A. (2012). Why nations fail: The origins of power, prosperity, and poverty. The Crown Publishing Group.
Mahbubani, K. (2024, October 2). Has China collapsed? Kishore Mahbubani’s answer [Video]. Rise of Asia. https://www.youtube.com/watch?v=43LY9CVkgys&t=584s
The Foreign Correspondents’ Club, Hong Kong. (2024, September 3). Club lunch: Kishore Mahbubani’s take on the structural strengths and weaknesses of the US and China [Video]. YouTube. https://www.youtube.com/watch?v=OOeRWvVEIiQ&t=910s
阎学通. (2020). 大国领导力. 中信出版集团.
阎学通. (2021, June 7). 领导权和制度何者是基础?完整版 《大国领导力》 国际关系理论、道义现实主义、政治领导力、政治权力、政治制度、改革能力 [Video]. YouTube. https://www.youtube.com/watch?v=qMY-FpBfXw0&t=1867s
