
بۇ يازما مەۋلان تەڭرىقۇت (شېففىلد ھاللام ئۇنۋىرسىتىتى، ئەنگىلىيە) نىڭ 2026- يىلى 2-ئايدا « ئىسلام تەتقىقاتى ژۇرنىلى» نىڭ 55-سانىدا ئېلان قىلىنغان « “Yabani” ve “Ehlîleştirilmiş” Barbarlar: Hui Müslümanları Niçin Uygurlar Kadar Baskı Görmüyor?\ “Wild” and “Tamed” Barbarians: Why are Hui Muslims not Oppressed like the Uyghurs? » ناملىق ئىلمىي ماقالىسىنىڭ قىسقارتىلغان نۇسخىسىدۇر. ماقالە ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككىگە بۆلۈپ يوللىنىدۇ. بۇ بۆلۈم ئۇيغۇرلارغا مۇناۋسىۋەتلىك بولۇپ تۇڭگانلار\خۇيزۇلار ھەققىدىكى بۆلۈم بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى يوللانغان. ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئۆتۈكەن سىياسەت تەتقىقات مەركىزىمىزنىڭ تور بېتىگە قەدەم تەشىرىپ قىلىڭ. ماقالىنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ ئۇلىنىشتىن https://doi.org/10.26570/isad.1669903 ئوقۇڭ.
بۇ ماقالە گەرچە ئوخشاش ئسىلام دىنىغا ئىتقاد قىلسىمۇ خۇيزۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش زۇلۇم ۋە بېسمغا ئۇچۇرمايدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىدۇ. ئاپتۇر خىتاينىڭ تارىخىي ۋە سىياسەت پەلسەپەسى نۇقتىسىدىن «ياۋايى» دەپ تۈرگە ئايرىغان خىتاي بولمىغان خەلقلەرگە بولغان قارىشىنى ۋە بۇ خەلقلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تارىخىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋىتىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، خۇيزۇلار ۋە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن پەرقلىق سىياسەتلەرنى تەھىلىل قىلغان. چىقارغان يەكۈنى بولسا 1) خىتاي ھاكىمىيەت چۈشەنچىسىنىڭ مەدەنىيەت كۆپ خىللىقىنى تەھدىت دەپ قارىشى 2) ئۇيغۇرلار ۋە خۇيزۇلارنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىگە ئاسمىلاتسىيە بولۇش، يەنى «كۆندۈرۈلۈش» دەرىجىسىدىكى پەرقلىرى 3) ۋە خىتاي بىلەن بولغان تارىخى مۇناسىۋىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى خىتاينىڭ بۇ ئىككى خەلققە پەرقلىق سىياسەت يۈرگۈزۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغا سەۋەبلەردۇر. ئاپتۇر يەنە گەرچە ئۇيغۇرلاردەك زۇلۇمغا ئۇچۇرمىسىمۇ، خۇيزۇلارنىڭ بېسىمغا ئۇچۇرمىغان دەپ قاراشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ماقالىدە ھەم تۇڭگان ھەم خۇيزۇ ئىسمى قوللىنىلدى. ھەر ئىككى ئىسىم ئوخشاش خەلقنى كۆرسىتىدۇ. ماقالىدىكى «تۈركلەر» دېگەن سۆز شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبىك قاتارلىق خەلقلەرنى، بەكرەك ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ماقالىدە خىتاي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ خىتاي بولمىغان خەلقلەرگە بولغان كۆز قارىشى ۋە سىياسىتىنى ئۇلارنىڭ سىياسەت پەلسەپە چۈشەنچىسى بىلەن ئىپادىلەش مەخسىدىدە ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلار ئۈچۈن «ۋەھشىي» ۋە «كۆندۈرۈلگەن» دېگەن سۈپەتلەر ئىشىلتىلدى. يەنى خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى دۇنيا قارىشىدا خىتاي بولمىغان پۈتۈن خەلق «ياۋايى» دۇر؛ بۇ ياۋايىلارنىڭ ئارسىدا خىتاي مەدەنىيتىگە ئاسمىلاتسىيە بولغانلار (ياكى قوبۇل قىلغانلار) «كۆندۈرۈلگەن» ياۋايىلار» دۇر، ئاسمىلاتسىيە بولمىغانلىرى (ياكى قوبۇل قىلمغانلىرى) «ۋەھشىي ياۋايىلار» دۇر.
مەيلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلار، ياكى شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەرنىڭ بولىۋاتقانلىقى ھەققىدە چەكلىك مەلۇماتقا ئىگە بولغان كىشىلەر ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە پائالىيەتچىللىرىدىن تولا سورايدىغان سۇئاللارنىڭ بىرى خۇيزۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئومۇميۈزلۈك بىر بېسىمغا دۇچ كەلمىگەنلىكى ياكى ئىككى مىللەتكە قاراتقان بېسىم سىياسەتلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن پەرقلىنىدىغانلىقىدۇر. بۇ ماقالىنىڭ مەخسىدى بۇ پەرقنىڭ سەۋەبىگە ئىلىمىي ئۇسۇلدا جاۋاب بېرىشتۇر. چۈنكى مەسىلىگە بىزلەر كوچىدىن ئاڭلىۋالغان «تۇڭگانلار خىتايلارنىڭ يېنىغا بارسا شاپاق دوپپىسىنى ئېلىۋىتىپ تىلىمىز بىر دەيدۇ؛ ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىغا كەلسە دىنىمىز بىر دەيدۇ» دېگەندەك قاراش بىلەن جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ بۆلۈمنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدىنقى يازمىنىڭ خىتاي سىياسەت پەلسەپەسىدە خىتاي بولمىغانلارغا بولغان قاراشنىڭ يىلتىزى، تەرەققىياتى شۇنداقلا جۇڭخۇا مىنزۇ ئۇقۇمى ھەققىدىكى قىسملىرىنى ئوقۇشىڭىز تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇرلار: «كۆندۈرۈلمىگەن» ياۋايىلار
تارىخچى مايلىس يۇ كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، شەرقىي تۈركىستان خىتاي بىلەن تارىخىي، ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت باغلىنىشى ئەڭ ئاز بولغان رايوندۇر. خىتاي گەرچە بۇ رايوننىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېيجىڭ مەركەزلىك بىر ھاكىمىيەتكە باغلىنىشى 1759-يىلى كۆچمەن خەلق بولغان مانجۇلار تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. 1865-يىلى ياقۇپ بەگنىڭ رەھبەرلىكىدە قەشقەرىيە دۆلىتى قۇرۇلۇپ، ئوسمانلى دۆلىتىگە بېقىنىغانلىقىنى جاكارلىغان، ئەمما 1877-يىلى تۇڭگانلارنىڭ ئىسيانىنى باستۇرغان زوزۇڭتاڭ قۇماندانلىقىدىكى مانجۇ-خىتاي قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمى بىلەن مۇستەقىللىقىنى يوقاتقان. 1884-يىلى شەرقىي تۈركىستان مانجۇ خانىدانلىقىنىڭ ئۆلكە تۈزۈلمىسىگە كىرگۈزۈلگەن ۋە «يېڭى چېگرا» ياكى «يېڭىدىن ئېرىشىلگەن زېمىن» مەنىسىدىكى «شىنجاڭ» (新疆) دېگەن ئىسىم رەسمىي ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. 1912-يىلى مانجۇ خانىدانلىقىنىڭ يىقىلىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا نۇرغۇن قوزغىلاڭلار يۈز بەرگەن ۋە 1933-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، 1944-يىلى بولسا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىن ئىبارەت ئىككى مۇستەقىل ھۆكۈمەت قۇرۇلغان. بۇ جەريانلاردا تۇڭگانلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتىكىگە ئوخشاش ناھايىتى چوڭ ۋەيرانچىلىقلار يۈز بەرگەن، مەسىلەن 1765-يىلى شەرقىي تۈركسىتاندا يۈز بەرگەن بىر قوزغىلاڭدا مانجۇ-خىتاي ئەسكەرلىرى 2000 ئۇيغۇر ئۆلتۈرگەن ۋە 8000 ئايالنى سۈرگۈن قىلغان. 1876-يىلى ئۇيغۇرلار تەخمىنەن 5000-6000 ئەسكىرىدىن ئايرىلغان بولسا، 1866-يىلى ئۇيغۇرلار 12000 مانجۇ-خىتاي قوشۇنىنى ئۆلتۈرگەن. كېيىنكى مەزگىللەردە يۈز بەرگەن ئۇرۇشلاردىمۇ موشۇنىڭغا ئوخشاش بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىشلار يۈز بەرگەن. ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا كۆپ ساندا خىتاي ياكى مانجۇ نوپۇسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تۇڭگانلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتەك ئېتنىك ئۇرۇشلار يۈز بەرمىگەن.
1949-يىلى كوممۇنىستلار خىتايغا ھاكىم بولغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارىلىشىشى ۋە بېسىم قىلىشى بىلەن 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى (2-جۇمھۇرىيەت) بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى يېڭى خىتاي ھاكىمىيتىگە قوشۇۋالغان. 1955-يىلى ئاپتونومىيە سالاھىيىتى بېرىلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتالغان. ئىلگىرى تىلغا ئېلىنغاندەك، خىتايدا ياشايدىغان خەلقلەر ئەللىك ئالتە ئېتنىك گۇرۇپپىغا ئايرىلغان؛ ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ باراۋەرلىكى، دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ياشىتىش، تەتقىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقلىرى قانۇنىي جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلىندىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بىراق خىتاي «جۇڭخۇا مىللىتى» قۇرۇپ چىقىش ئىدىيەسىدىن ۋاز كەچمىگەن، ئەكسىچە ئۇنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرغان. خىتاي مەدەنىيىتى ئاساسلىق ئېقىم بولغان، باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشى كۈتۈلگەن بۇ «ئۈستۈن سالاھىيەت» ئىدىيەسى تەرەققىي قىلغانسېرى خىتاي مەركەزچىلىك تۈسىنى ئالغان. تۇڭگانلار بۆلۈمىدە ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى ئېتنىك سىياسەتنىڭ خىتاي ئېتنىك گۇرۇپپىسىنى ۋە مەدەنىيىتىنى مەركەزگە قويغان تەدرىجىي تەرەققىيات خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. لەیبولدنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاي مەركەزلىك ئېتنىك تەرەققىيات قارىشى ماركسىزملىق تارىخىي ماتېرىيالىزم بىلەن ماسلىشىپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «خىتاي-ياۋايى تەرتىپى» قارىشىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرەتتى. يەنى خىتاينىڭ زامانىۋى مىللەت قۇرۇلۇشى ئاساسەن ئەنئەنىۋى باشقۇرۇش چۈشەنچىسىنى ئەكس ئەتتۈرەتتى؛ ئۇ قاتلاملىق قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇپ، خىتاي مەدەنىيىتى ئەڭ ئۈستىدە ئىدى، باشقا خەلقلەرنىڭ ئۇنىڭغا قوشۇلۇشى كۈتۈلەتتى، شۇنداق قىلىپ ئىدېئولوگىيەلىك، مەدەنىيەت ۋە جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن كۇڭزىچە «بۈيۈك بىرلىك» ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقچى ئىدى.
1900-يىللاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى سالاھىيەت ئىزدەش ۋە بۇ يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان «جۇڭخۇا مىللىتى» (خىتاي مىللىتى) ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي تىرىكى – مانا بۇ خىتاي بولمىغانلارنىڭ زېمىنلىرىنى كونترول ئاستىدا تۇتۇش ئىدى. شۇڭا لۇتى ئېيتقاندەك، خىتاينىڭ ئېتنىك نەزەرىيەلىرى ئىلمىي بولۇشتىن كۆرە كۆپرەك سىياسىي ئىدى. كۇڭزىچە «بۈيۈك بىرلىك» پىرىنسىپى ۋە خىتاي بىلەن خىتاي بولمىغانلار مۇناسىۋىتىدىكى خىتاي مەركەزچىلىكى قارىشى زامانىۋى خىتاي مىللىتى قۇرۇلۇشىنىڭمۇ ئۇل تېشى ئىدى. گەرچە بۈگۈن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىدا ئەللىك ئالتە ئېتنىك گۇرۇپپىنىڭ باراۋەرلىكى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، لېيبولد ۋە لۇتىنىڭ تەتقىقاتلىرىدا ئىپادىلەنگىنىدەك، «چوڭ خىتايچىلىق شوۋىنىزمى» ۋە «يېتەكچى ئېتنىك گۇرۇپپا» پىكىرى ھەمىشە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
خىتاينىڭ ئېتنىك مەسىلىسى دەل مۇشۇ يەردە، يەنى دۆلەتنىڭ ئورتاق خىتاي كىملىكى قۇرۇش تەسەۋۋۇرى بىلەن ئاساسىي قانۇندا بېرىلگەن ھوقۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە باشقا خىتاي بولمىغان خەلقلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى ياشىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا كاپالەتكە ئېگە قىلىنىشى بىلەن، خىتاينىڭ بۇنى (ئۆز قانۇنى بەرگەن ھوقۇقنى ) بىر گەۋدىلەشكەن ئورتاق مىللەت (جۇڭخۇا مىنزۇ) قۇرۇش يولىدىكى توسالغۇ دەپ قارىشىغا سەۋەب بولماقتا. خىتاي مۇشۇ نۇقتىدىن چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ يىراق ۋە ئەڭ يات رايونىنى سىياسىي ھەم مەدەنىيەت جەھەتتىن خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە ئوخشاش قىلىش ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك نوپۇس ۋە مەدەنىيەت ئۆزگەرتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويماقتا. مىسال سۈپىتىدە، بىخەتەرلىك ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا بىر پاراللېل سىياسىي ۋە ھەربىي قۇرۇلما بولغان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنى (1954) قۇرۇش، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن خىتاي كۆچمەنلەرنى رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەرقىي تۈركىستان خەلقنى ئىدېئولوگىيەلىك جەھەتتىن ئۆزگەرتىش ئۈچۈن سىياسىي تەربىيە بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇ سىياسەتلەرگە يەنە قاتتىق ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە دىنىي كونتروللار، ئىقتىسادىي جەھەتتىن چەتكە قېقىش ۋە ھەر تۈرلۈك شىكايەت ياكى قارشىلىقلارنى باستۇرۇشلارنىمۇ قوشۇپ قوللانماقتا.
خىتاينىڭ مەدەنىيەت بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە نوپۇس ئۆزگەرتىش سىياسەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى تارىخىي ئۆتمۈشى ۋە ئەسلىمىلىرى بىلەن كەسكىن توقۇنۇشماقتا. خىتاينىڭ رايوننى قەدىمكى زاماندىن تارتىپ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ تەشۋىق قىلىشى، شەرقىي تۈركىستاندا تارىخ بويىچە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ۋە خىتايدىن مۇستەقىل ھاكىمىيەتلەر بولغان ھون دۆلىتى (م.ب. 220-م.ب. 45)، كۆكتۈركلەر (552-744)، ئۇيغۇرلار (748-840)، قاراخانىيلار (840-1212)، قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى (866-1369)، سەئىدىيە خانلىقى (1514-1689)، قەشقەرىيە دۆلىتى (1865-1878) ۋە 1933- ھەمدە 1944-يىللىرى قۇرۇلغان ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق سىياسىي گەۋدىلەرنىڭ تارىخىي رېئاللىقى بىلەن زىتلىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، رايوندا بولۇپمۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن ئىلگىرى خىتاي نوپۇسىنىڭ نىسبىتى ئاران %6.2 بولغان بولسا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن كېيىن دۆلەت قوللىغان كۆچمەنلەر سىياسىتى نەتىجىسىدە 2000-يىللارغىچە %41 گە چىققان، ئەمما ئۇلار ئاساسلىقى ئۈرۈمچى، قاراماي ۋە شىخەنزە رايونلىرىغا ئورۇنلاشقان.
يەنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت جەھەتتىن خىتايدىن مۇستەقىل بىر قۇرۇلمىغا ئىگە جۇغراپىيە بولۇپ كەلگەن. بۇ سەۋەبتىن، خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك كىملىكىنى، تارىخىي مىراسلىرىنى ۋە دىنىي ئېتىقادلىرىنى نىشان قىلغان سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەن. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى (1966-1976) جەريانىدا خىتاي مەدەنىيتىمۇ رادىكال ۋەيرانچىلىقلارغا ئۇچراش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، مەدەنىيىتى، زىيالىي ۋە دىنىي ئۆلىمالىرى نىشانغا ئېلىنغان. خىتاي قىزىل قوغدىغۇچىلىرى مەسچىتلەرنى تاقىغان، دىنىي تېكىستلەرنى كۆيدۈرگەن، ئۆلىمالارنى قولغا ئالغان ۋە مەسچىتلەرنى چوشقا فېرمىلىرىغا ئايلاندۇرغان. بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرىگە چەكلىمىلەر قويۇلغان، ئاياللار چاچ پاسونلىرىنى خىتايچە قىلىشقا مەجبۇرلانغان. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بولسا تۈرمىلەرگە تاشلانغان ياكى مەجبۇرىي تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلگەن.
مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئېتنىك ۋە دىنىي كىملىكنى بىۋاسىتە نىشان قىلغان سىياسەتلەر ئالدىنقى دەۋرگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ يوشۇرۇن ۋە چەكلىك بولسىمۇ، ئەمما داۋاملاشقان. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا، ئۇسسۇل، لەتىپە، شېئىر ۋە ئەخلاق قارىشى قاتارلىق مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەنئەنىۋى فولكلور پائالىيىتى «مەشرەپ»، 1990-يىللاردا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن خەۋپسىزلىك تەھدىتى دەپ قارالغان. 1996-يىلى يۈرگۈزۈلگەن «قاتتىق زەربە بېرىش» پائالىيىتى دائىرىسىدە، مەشرەپ تەشكىللىگۈچىسى ئابدۇخېلىل ئابدۇراخمان نازارەتكە ئېلىنغان، ئېغىر قىيناش نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە ھەتتا ئائىلىسىنىڭ ئۇنىڭ جەسىتىنى كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان. 1997-يىلى بولسا مەشرەپ ۋە باشقا دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ بېسىمغا ئۇچرىشى، «5-فېۋرال ۋەقەسى» دەپ ئاتالغان چوڭ كۆلەملىك نامايىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن ئۇيغۇر ھاياتىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن كىشى تۇتۇلغان ۋە 200 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
بۇنىڭدىن باشقا، دىنىي ئورۇنلار ۋە مەسچىتلەرمۇ سىستېمىلىق ھالدا نىشانغا ئېلىنغان. مەسىلەن، 2001-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىبادەتتىن سەلبىي تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى باھانە قىلىپ، خوتەن رايونىدا مەكتەپلەرگە يېقىن بولغان ئۈچ مەسچىتنى چېقىۋەتكەن. خىتاي مەشرەپكە ئوخشاش كوللېكتىپ مۇھىتتا ئېلىپ بېرىلىدىغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ رايون خەلقىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئويلىغان بولسا، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ مۇسۇلمانلىق كىملىكىنى چىڭىتىشىدىن ئەنسىرەيتتى. چۈنكى ئۇيغۇرلارنى خىتايلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغىنى دەل مۇشۇ ئىككى كىملىك ئىدى. شۇڭا خىتاي زىيالىيلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىككى كىملىكىنىڭ بۆلگۈنچىلىكنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرەتتى. ئۇيغۇرلار دۆلەتنىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە ھەم تىنچ، ھەم شىددەتلىك ئۇسۇللار بىلەن ئىنكاس قايتۇرغان. بىراق ھۆكۈمەت بارلىق قارشىلىقلارنى قاتتىق باستۇرغان؛ 11-سېنتەبىردىن بۇرۇن بۇ ھەرىكەتلەرنى بۆلگۈنچىلىك ۋە پان-تۈركىزمغا، ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە باغلىغان. ۋاھالەنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ زور بىر قىسمى خىتاينىڭ بېسىم سىياسەتلىرىگە قارشى تەرەققىي قىلغان ئىنكاس خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەردۇر. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئېتنىك توقۇنۇش دەپ قارالغان 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى»نىمۇ مۇشۇ دائىرىدە چۈشىنىش كېرەك.
ۋەقە خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىغا مەجبۇرىي ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ياتاقلىرىنىڭ 26-ئىيۇن ئەتىگەندە خىتايلار تەرىپىدىن بېسىلىپ، تايقاق بىلەن ئۇرۇلۇشى ۋە دۆلەتنىڭ بۇ ھۇجۇمغا قارىتا ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمەسلىكىگە بولغان ئىنكاس سۈپىتىدە باشلانغان. ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە ئىككى ئۇيغۇر ياش ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلار بولۇپ جەمئىي 118 كىشى يارىلانغان. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسىز قېلىشىغا بولغان نارازىلىقلار كۈچىيىپ، ئون كۈندىن كېيىن پايتەخت ئۈرۈمچىدە چوڭ تىپتىكى نامايىشقا ئايلانغان.
نامايىشچىلار قوللىرىدا خىتاي بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ «ئادالەت» ۋە «باراۋەرلىك» شۇئارلىرىنى توۋلىغان بولسىمۇ، خىتاي دۆلىتى بۇ تەلەپلەرنى غەربنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قورال قىلىپ ئىشلىتىپ خىتاينى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇشى دەپ قارىغان. دەسلەپتە تىنچ باشلانغان نامايىش، ساقچىلارنىڭ قاتتىق باستۇرۇشى بىلەن خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتىلغان شىددەتكە ئايلانغان ۋە توقۇنۇشلاردا 197 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئەتىسى خىتايلار ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھۇجۇملارنى باشلىغان، ئەمما بىخەتەرلىك كۈچلىرى ھېچقانداق ئارلىشىش ياكى توسۇش تەدبىرلىرىنى قوللانمىغان. ئەكسىچە بىر خىتاي پارتىيە سېكرېتارى «تېررورچىلارنى يوقىتىڭلار» دەپ ۋارقىرىغان. يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قارىتا ھۆكۈمەت خىتايلارغا قارىتا ھېچقانداق قانۇنىي تەدبىر قوللانمىغان بولسىمۇ، ئەمما يۈزلىگەن ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان ۋە نۇرغۇنلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۇيغۇر تىلى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ئاجىزلىتىش مەقسىتىدە، ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ ئورگانلىرى ۋە رەسمىي دۆلەت ئىدارىلىرىدىن باسقۇچلۇق ھالدا چىقىرىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئۆزىنىڭ رەسمىي تارىخ بايانىغا ئۇيغۇن ھالدا قايتىدىن شەرھلىگەن. پۈتۈن بۇ چەكلىمىلەرگە قارىماي، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قولىدىكى پۇرسەتلەردىن ئەڭ ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى ئۈستىدىكى ئىجادىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان. 2011-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پەقەت ئۇيغۇر تىلىدىلا نەشر قىلىنغان كىتاب سانى يىلىغا تەخمىنەن 2000 ئەتراپىدا بولغان بولۇپ، بۇ سان شەرقىي تۈركىستاندا بىرنجى، پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا بولسا ئىككىنچى سەۋىيەدە تۇرغان. بۇ ئەسەرلەر خىتاينىڭ رەسمىي تارىخ تەشۋىقاتى ۋە ئۇسۇلىغا ئۇيغۇن ھالدا يېزىلغان. شۇنداقلا، كىتابلارنىڭ كىرىش سۆز قىسىملىرىدا ئادەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا تۈرك خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاي مىللىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئەسەرلەر نەشر قىلىنىشتىن بۇرۇن رەسمىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلگەن. يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ زور كۆپ قىسمى تارىخىي رومانلار ياكى يېرىم تارىخىي، يېرىم توقۇلما بايانلاردىن تەركىب تاپقان. ئوخشىمىغان مەزگىللەردە ئوخشاش بولمىغان يازغۇچىلار تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ رومانلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھونلار دەۋرىدىن بۈگۈنگىچە بولغان تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدىغان دەرىجىدە كەڭرى بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرگە ئوخشىمىغان دەۋرلەردە قۇرۇلغان دۆلەتلەر ۋە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە ئۇچۇر بېرىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، رومان شەكلىدىكى تارىخ بايانى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆتمۈشكە نىسبەتەن مىستىك تۇيغۇلارنى يېتىلدۈرۈشىگە، مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە ۋە تارىخىي كىملىكىگە بولغان سېغىنىشنى قوزغىشىغا سەۋەب بولالايدۇ. بولۇپمۇ 1920-يىللاردىكى خەلق قوزغىلاڭلىرى ۋە 1933- ھەمدە 1944-يىللىرى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتلەر ئۈستىدە نۇرغۇن رومانلار يېزىلغان.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇن بويىچە بۇ خىل ئەسەرلەرنى چەكلىيەلمىسىمۇ، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇلارنى خەتەرلىك نەشىر بويۇملىرى دەپ قارىغان. 2016-يىلى باشلانغان لاگېر ۋەقەلىرىدىن كېيىن، 1950-يىللاردىن بۇيان نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە تارىخىي رومانلار چەكلەنگەن، نۇرغۇن يازغۇچى تۈرمىگە تاشلانغان ياكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلگەن.ئارقىدىن 2022-يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، بۇ رومانلارنىڭ مىللىيەتچىلىك ھېسسىياتىنى قوزغىتىپ، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىگە زېمىن ھازىرلىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا باھالاش ئېلىپ بېرىلغان.
شۇنداق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئېتنىك كىملىكىنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرى بىلەن ناھەقچىلىكلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىر تەھدىت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا، 2013-يىلى بېيجىڭدا بىر ئۇيغۇرنىڭ بىر ماشىنىنى كىشىلەر ئۈستىگە ھەيدىشى ۋە 2014-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇملىرى خىتاي جەمئىيىتىدە پەقەت ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان كىشىلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئومۇمىي جەھەتتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تېررورلۇققا باغلىنىشىغا سەۋەب بولغان. بۇ ۋەقەلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرىنى بارغانچە قاتتىقلاشتۇرۇشىغا باھانە بولغان ۋە شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن، بېسىم سىياسەتلىرى تېخىمۇ رادىكال باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەن.
شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى خىتاينىڭ ئېتنىك سىياسىتىنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك تەرىپى «جۇڭخۇا مىللىتى» ئۇقۇمى دائىرىسىدە ئاسسىمىلياتسىيەچى بىر ئورتاق خىتاي ئۈستۈن كىملىكىنى قۇرۇپ چىقىش سىياسىتى بولغان. ماۋدىن كېيىن، 1990-يىللاردا مەشھۇر خىتاي ئېتنىك نەزەرىيەچى فېي شياۋتۇڭ كۇڭزىچە ئېتنىك مۇناسىۋەت دائىرىسىدە خىتاي خەلقىنىڭ 2000 يىللىق ئېتنىك بىر گەۋدىلىشىش جەريانىنى تەتقىق قىلىغان. فېينىڭ نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، «جۇڭخۇا مىللىتى» ئەللىك ئالتە ئېتنىك گۇرۇپپىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۈستۈن كىملىكتۇر. بۇ كىملىك تۈرلۈك ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ بىرىكىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان. 2000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، خىتاي ئېتنىك گۇرۇپپىسى كېڭىيىپ، تۈرلۈك ئېتنىك گۇرۇپپىلارنى سۈمۈرۈپ ۋە بىرىكتۈرۈپ، بۇ بىر گەۋدىلىشىشتە ئاساسلىق رول ئوينىغان. فېي كۆپ خىللىققا يول قويىدىغان، ئەمما خىتاي مەدەنىيىتى دائىرىسىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر گەۋدىلىشىشنى نىشان قىلغان بىر خىتاي ئۈستۈن كىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئۇنىڭ قارىشى كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىنغان. شى جىنپىڭ 2014-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 4-نۆۋەتلىك مەركىزىي مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا، ئېتنىك بىر گەۋدىلىشىشنىڭ ۋە بىرلىككە كەلگەن «جۇڭخۇا مىللىتى» كىملىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، قوش تىللىق مائارىپ، ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئارا مەدەنىيەت سىڭىشىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن قانۇنىي تەدبىرلەر ۋە ياشلارغا قارىتىلغان مىللىي ئاڭ پىلانلىرى قاتارلىق سىياسەتلەرنى باشلاش مەسىلىلىرىنى تەكىتلىگەن. شى جىنپىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى»نىڭ ھەمىشە بىرلىكنى قوغلىشىدىغانلىقىنى ۋە ئېتنىك ئىستراتېگىيەنىڭ مەركىزىدە دەل مۇشۇ خىتاي مىللىتىنىڭ بۈيۈك بىرلىكى بارلىقىنى تەكىتلىدى. خىتاينىڭ زامانىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئېتنىڭ نەزەرىيەچىسى، خۇيزۇ مىللىتىدىن بولغان پروففىسور ما روڭ يىغىندىن كېيىن يازغان بىر ماقالىسىدە شى جىنپىڭنىڭ ئېتنىك سىياسىتىنىڭ باراۋەرلىكنى تاشلاپ، ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ قوشۇلۇشى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە بىر گەۋدىلىشىشىگە مەركەزلەشكەنلىكىنى بايان قىلغان. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئاسسىمىلياتسىيەچى سىياسەت «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتى» قىلىپ بېكىتىلگەن.
ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەلسەك، مەسىلىنىڭ سەۋەبلىرىنى مەدەنىيەت پەرقى ۋە دۆلەتنىڭ بېسىملىرىغا قارشى پات-پات قاتتىق ئىنكاسلارغا ئايلانغان قارشىلىقلار دەپ قارىغان خىتاي ھۆكۈمىتى، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» ۋە «تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش» ناملىق ئىككى چوڭ سىياسەتنى تەڭ قەدەمدە باشلىغان. 2016-يىلى تىبەتتىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرى بىلەن تونۇلغان تىبەت پارتىيە سېكرېتارى چېن چۈەنگو شەرقىي تۈركىستانغا سېكرېتار قىلىپ تەيىنلەنگەن ۋە 2017-يىلىدىن باشلاپ كىرىش سۆز قىسمىدا ئېيتىلغاندەك كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشلار باشلانغان. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا تاشلانغان، ئارقىدىن تۈرمە جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرىغا ئەۋەتىلگەن. يولغا قويۇلغان سىياسەتلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن تۈرك خەلقلىرىنى نىشان قىلغان بولۇپ،خەلق كۆلىمى ۋە ئۇسۇلى جەھەتتىن مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ بۇيۇنتۇرقىدا قالغان.
2017-يىلى خىتاي دىنىي ئىشلار ئەمەلدارى «نەسلىنى قۇرۇت، يىلتىزىنى ئۈز، ئالاقىسىنى كەس ۋە مەنبەسىنى يوقات» شەكلىدە چاقىرىق ئېلان قىلغان. سىياسەتلەرنىڭ رادىكاللىقى كۈندىلىك تۇرمۇش ئادەتلىرىگىچە يېتىپ بارغان. مەسىلەن، ئۆيىدە زىيادە ئاشلىق ساقلاشۇمۇ ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇقنىڭ بەلگىسى دەپ باھالانغان. بۇ ئەمەلىيەتلەر پەقەت شەخسىي ھوقۇقلارنىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك، مەدەنىيەت ۋە دىنىي كىملىكىنىمۇ بىۋاسىتە نىشان قىلغان. لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلغان كىشىلەر دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانغان، ئانا تىلىدا سۆزلىشى چەكلەنگەن. لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇيغۇرلار ئاز دېگەندە 1000 دىن ئارتۇق خىتاي يېزىقىنى ئۆگىنىشى، خىتايچە سۆزلىشى ۋە سادىق بىر خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى تەلەپ قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا، دائىرىلەر تۇتقۇنلارنى دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئادەتلىرىنى، باشقا تۇتقۇنلارنى، دوستلىرىنى ۋە ئائىلىسىنى تەنقىد قىلىشقا مەجبۇرلىغان. دىنىي ئىبادەتلەر چەكلەنگەن، ئۇيغۇرلار بولسا ھارام يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە مەجبۇرلانغان. ئەنئەنىۋى خىتاي بايراملىرىنى تەبرىكلەش مەجبۇرىي قىلىنغان، ئۇيغۇر ئۆيلىرى ۋە يېزىلىرى «ئىسلاھات» نامىدا چېقىۋېتىلگەن ۋە خەلق بولسا ئوخشىمىغان رايونلارغا كۆچۈرۈلگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش شەكلىنى، ئىجتىمائىي مۇھىتىنى ۋە پىكىرلىرىنى كونترول قىلىش مەقسىتىدە، سۈنئىي ئەقىل قوللىغان سانلىق مەلۇمات توپلاش، چىراي تونۇش ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇش سىستېمىلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن ئورۋېلچە يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى يولغا قويۇلماقتا. ئۇيغۇرلار سىياسىي قاراشلىرى، كىملىكلىرى ۋە باشقا شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى كۆزىتىدىغان نازارەت ئەپلىرىنى تېلېفونلىرىغا قاچىلاشقا مەجبۇرلانغان؛ شۇنداقلا دائىملىق تېلېفون تەكشۈرۈش، بىئومېتىرىك سىكاننېرلاش ۋە سوراقلارغا دۇچار قىلىنغان. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يەنە نۇرغۇن مىساللارنى سۆزلەپ ئۆتكىلى بولىدۇ. بېسىم سىياسەتلىرىنىڭ بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مىللىتىگە بولغان تەۋەلىكىنى ئىپادىلىشى رىغبەتلەندۈرۈلگەن، دىنىي ئامىللاردىن يىراقلاشقان بىر كىملىك يارىتىش نىشانلانغان. مەسىلەن، كونا ناخشا ۋە شېئىرلارنى قايتىدىن ئورۇنلىغاندا ئاللاھ»، «تەڭرى»، «جەننەت» دېگەنگە ئوخشاش دىنىي تۈسكە ئېگە سۆزلەر چىقىرىۋېتىلگەن ياكى ئۆزگەرتىۋىتىلگەن. شۇنداقلا، ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز ئاياللىرىنىڭ خىتاي ئەرلەر بىلەن توي قىلىشى دۆلەت تەرىپىدىن رىغبەتلەندۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ خىل تويلارنىڭ كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەنلىكى بىلىنمەكتە.
خۇلاسە
خىتاينىڭ خىتاي بولمىغانلارغا تۇتقان قارىشى مەدەنىيەت ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي چېگرىسى ئىچىدىكى ئوخشىمىغان كىملىك ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىغا يول قويۇپ كەتمەيدۇ. خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى باشقۇرۇش چۈشەنچىسىگە ئاساسلانغاندا، پەرقلىق بولۇش- ئىجتىمائىي ماسلىشىشچانلىققا زىيان يەتكۈزۈش ئارقىلىق مىللىي بىرلىككە ۋە خىتاي مەدەنىيىتىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن خىتاي چېگرىسى ئىچىدە ياشايدىغان خەلقلەر خىتاينىڭ يۇقىرى مەدەنىيىتىگە ماسلىشىپ، چوڭ بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ۋە ئۇنى قوغدىشى كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇل تارىخ بويىچە خىتاي ۋە خىتاي بولمىغان خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسى بولۇپ كەلگەن. نۇرغۇن خەلقلەر بۇ رامكا ئىچىدە خىتاي مەدەنىيىتىگە سىڭىپ كەتكەن؛ ئەمما بۇ جەرياندا ئېغىر بېسىم، زوراۋانلىق، خارلىنىش ۋە چەتكە قېقىلىش قاتارلىق مۇئامىلىلەرگە دۇچار بولغان. خىتاينىڭ زامانىۋى دەۋردىكى مىللەت چۈشەنچىسىمۇ، گەرچە ئوخشىمىغان ئۇقۇملار ئىشلىتىلسىمۇ، مەدەنىيەت مەركەزچىلىكى ۋە پەرقلەرنى خىتاي مەدەنىيىتىگە سىڭدۈرۈش چۈشەنچىسى ئەتراپىدا تەرەققىي قىلغان. بۇ نۇقتىنەزەر بۈگۈنكى كۈندە خۇيزۇلار (تۇڭگانلار) ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتلەردىكى پەرقلەرنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ.
7-ئەسىردە ئەرەب، پارس، تۈرك ۋە خىتاي خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن خۇيزۇلار ، تارىخىي جەھەتتىن خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن سىڭىشىپ كەتكەن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەتتا باشقۇرغۇچى قاتلامغىمۇ كىرگۈزۈلگەن. موڭغۇل يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە سىياسىي ۋە بيۇروكراتىك قاتلاملاردا ئورۇن ئالغان خۇيزۇلار، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى بىلەن بىرلىكتە قاتتىق ئاسمىلاتسىيە ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە دۇچار بولغان. بۇ جەرياندا خۇيزۇلار تەققى-تۇرقى ۋە مەدەنىيەت كىملىكىدىن زور دەرىجىدە ئايرىلىپ قالغان، ئىسىملىرى خىتايچىلاشقان ۋە دىنىي ئادەتلىرى خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن تېخىمۇ بەكرەك سىڭىشىپ كەتكەن. بۇ ئۆزگىرىشنىڭ نەتىجىسىدە ئىسلام بىلەن كۇڭزى تەلىماتى بىرىكتۈرۈلگەن «خەن كىتاب» ئوتتۇرىغا چىققان. 18-ئەسىردىن باشلاپ بەزى تەرىقەتلەرنىڭ تارقىلىشى ۋە خۇيزۇ كىملىكىنى يېڭىلاش تىرىشچانلىقلىرى، ئوخشاش ۋاقىتتا خىتايدىكى چوڭ خەلق قوزغىلاڭلىرى بىلەن بىرلىكتە خۇيزۇ جەمئىيىتى بىلەن خىتاي خەلقى ۋە دۆلەت ئوتتۇرىسىدا جىددىيچىلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە ئاخىرىدا تۈركۈملەپ قىرغىن قىلىش بىلەن نەتىجىلەنگەن ئۇرۇشلار يۈز بەرگەن. ئەمما 20-ئەسىردە زامانىۋى ئۇلۇس دۆلەت ئىدىيەسىنىڭ تارقىلىشى بىلەن بىرلىكتە، خۇيزۇلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ تونۇغان شۇنداقلا مۇستەقىللىق ئىستىمىگەن. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە بولسا ئاپتونومىيە سالاھىيىتى بېرىلگەن، خىتاي مىللىي كىملىكى ئىچىدە تېخىمۇ باراۋەر ئورۇنغا ئىگە بولغان، خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئەللەر بىلەن بولغان سودا ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان. شۇڭلاشقا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دۇنياغا ئۈلگىلىك مۇسۇلمانلار سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلغان. ئەمما 2018-يىلى باشلانغان ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى بىلەن خۇيزۇ ئىماملار تۇتقۇن قىلىنغان، دىنىي ھاياتىغا ئارىلىشىۋېلىنغان، ياشلارنىڭ دىنىي مائارىپى چەكلەنگەن ۋە نۇرغۇن خۇيزۇ مەسچىتلىرىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى «ياد» دەپ قارىلىپ، گۈمبەز ۋە مۇنارلىرى ئېلىۋېتىلگەن. خۇيزۇ خەلقى بۇ مەسىلىدە پىكرىنى بايان قىلىشتىنمۇ ئاجىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. بۇ پاكىتلار خۇيزۇلارنىڭ بېسىمغا ئۇچرىمىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلەرنىڭ ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى بولسا خۇيزۇ جەمئىيىتىدىن پەرقلىق بىر مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن. ئۇلار ياشايدىغان رايوننىڭ خىتاي مەدەنىيەت دائىرىسىدىن يىراق بولۇشى، مىللىي، تىل ۋە دىنىي جەھەتتىن خىتايدىن روشەن ھالدا ئايرىلىپ تۇرۇشى ۋە تارىخىي جەرياندا كۆپىنچە خىتاي مەركەزلىك بىر ھاكىمىيەتنىڭ پارچىسى بولماسلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن پەرقلىق بىر كىملىك يېتىلدۈرۈشىگە سەۋەب بولغان. 1884-يىلى بۇ رايون رەسمىي ھالدا مانجۇ سۇلالىسىنىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرۇلغان بولسىمۇ، خىتاي نوپۇسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىنتايىن چەكلىك قالغان ۋە خىتاي مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولالمىغان. ئەمما 1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلىكتە رايوندىكى خىتاي ئامىلى بارغانسېرى گەۋدىلىك بولۇشقا باشلىغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن سىڭىشىپ كېتىشىگە قارىتىلغان سىياسەتلەر سىستېمىلىق ھالدا يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان. بۇ دەۋردە، خۇيزۇلارغا ئوخشىمايدىغان ھالدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق ھوقۇقلىرى تۈرلۈك چەكلىمىلەرگە دۇچار بولغان. ئاساسىي قانۇن تەرىپىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان دىنىي ئەركىنلىك ۋە مىللىي كىملىكىنى ياشاش ھوقۇقى دۆلەت تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك» تەھدىتى دەپ قارالغان ۋە قاتتىق ۋاستىلەر بىلەن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا ئۈزلۈكسىز بىر «بېسىم-ئىنكاس دەۋرىيلىكى» نى پەيدا قىلغان بولۇپ، بۇ جەريان لاگېرلار ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقىچە بولغان كەڭ كۆلەملىك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىگە ئايلانغان.
خۇيزۇلار ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان پەرقلىق مۇئامىلىلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە، بۇ ئىككى خەلقنىڭ خىتايلىشىش سەۋىيەسىدىكى پەرقلەر، ئوخشىمىغان تارىخىي ئۆتمۈشى ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىك قارىشى ياتىدۇ. تارىخىي نۇقتىدىن قارىغاندا، خۇيزۇ جەمئىيىتى ئەسىرلەر بويى خىتاي جەمئىيىتى ئىچىدە تەدرىجىي ھالدا ماسلىشىپ، شۇ ئارقىلىق دۆلەت نۇقتىسىدىن تەھدىت پەيدا قىلمايدىغان، «كۆندۈرۈلگەن» ياۋايىلارغا ئايلانغان. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىغا پەقەت 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپلا قوشۇلغان؛ خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىگە دۇچار بولۇۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا «كۆندۈرۈلمىگەن» ھالەتتىدۇر، شۇڭلاشقا تەھدىت ئامىلى سۈپىتىدە قارالماقتا. خىتاينىڭ بۈگۈنكى كۈندە يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرى، ئۇيغۇرلارنى خۇيزۇ جەمئىيىتىگە ئوخشاش «باشقۇرغىلى بولىدىغان» بىر جەمئىيەتكە ئايلاندۇرۇش ۋە ئاخىرىدا پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇش مەقسىتىنى كۆزلەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈلىدىغان سىياسەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرىپىگە مەركەزلەشكەن تەتقىقاتلارنىڭ كۆپەيتىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تولۇق كۆلەملىك ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
