
خىتاي بىر ھەپتە ئىچىدە دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىككى دۆلىتى، يەنى ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ لىدىرلىرىنى كۈتىۋالدى. بۇ خىتاي تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم خەلقئارا سەھنىدىكى بۇ قەدەر مۇھىم ئىككى دۆلەتنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىندۇ. بۇ زىيارەتلەرنى ئەڭ قىسقا سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىگەندە، ھەيۋەتلىك، ئەمما بەك تىلغا ئالغۇچىلىك نەتىجىدە يوق، لېكىن دۇنياغا ئىنتايىن مۇھىم سىگنال بەرگەن، دەپ سۈپەتلەشكە بولىدۇ. خىتاي-رۇسىيە دۇنياۋى لىدىرلىق رىقابىتى، رۇسىيە-ئوكرائىنا ئۇرۇشى ۋە ئىران ئۇرۇشىدىن ئىبارەت مۇھىم دۇنياۋى ئارقا كۆرىنىشنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا بۇ زىيارەتلەر 21-ئەسىردىكى گېئوپولىتىكىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىدۇر. ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى بىر قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىۋىنىڭ يېمىرىلگەنلىكى ۋە خىتاي، ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنى ئاساس قىلىغان «ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرى» نىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنىڭ دەسلەپكى، ئەمما مۇھىم ئالامەتلىرىنىڭ بىرىدۇر.
ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىكى ۋە سىرتىدىكى بىر قاتار زىدىيەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان، رۇسىيە بولسا غەربنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان چەتكە قېقىشىغا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، شى جىنپىڭ بۇ زىيارەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، خىتاينى خەلقئارا سەھنىدىكى «پىشىپ يېتىلگەن دەرىجىدىن تاشقىرى مەركىزى كۈچ» قىلىپ كۆرسەتتى. ئەلۋەتتە بۇ «ئۈچ پادىشاھلىق» تىن باشقا ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، ھىندىستان، ياپۇنىيە قاتارلىق 2- دەرىجىلىك چوڭ كۈچلەرنىڭ بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، خەلقئارا سىستىمىنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىۋىگە كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق تەرتىپ بۇرۇن ياۋرۇپادا 1815-يىلىدىن 1914- يىلىغىچە 100 يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولۇپ بەزى خەلقئارا مۇناسىۋەت نەزەرىيەلىرىدە بۇ دەۋىر دۇنيانىڭ (توغرىسى ياۋرۇپانىڭ) ئەڭ ئۇزۇن تىنچلىق دەۋرى دەپ قارىلىدۇ. ئەمما يەنە بەزى نەزەرىيەلەر بولسا كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيادا خەتەرنىڭ قايسى تەرەپتىن كېلىدىغانلىقىنى بىلىش قىين بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئادەتتە ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشقا مايىللىقى يۇقىرى دەپ قارىلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ يازمىنىڭ مەخسىدى قايىسى سىستېمىنىڭ ياخشلىقى ھەققىدە ئەمەس، بەلكى، ترامپ ۋە پۇتىننىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ سەۋەبى، قولغا كەلتۈرگەن ۋە كەلتۈرەلمىگەن نەتىجىللىرى، خىتاي ئۈچۈن ئەھىمىيتى شۇنداقلا دۇنيا ئۈچۈن قانداق مەناغا ئېگە ئىكەنلىكى ئانالىز قىلىنىدۇ.
خىتاينىڭ ئىككى رەھبەرنى كۈتۈۋېلىش سەنئىتى: سەھنىلەشتۈرۈش، سىمۋول ۋە سىگىنال
خىتاي قەدىمدىن مۇراسىمغا ناھايىتى ئەھمىيەي بېرىدىغان ئەنئەنىگە ئېگە بولۇپ كوڭزى سىياسەت پەلسەپىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم تۇۋرۇكلىرىدىن بىرى كىشىلەرنىڭ مەۋجۇت سالاھىيتىگە قارىتا يۈرۈش تۇرۇشى ۋە قارشى ئېلىنىشىدۇر. شۇڭا خىتاي سەھنىلەشتۈرۈش ۋە كۈتۈۋېلىش قائىدىلىرى ھەرگىزمۇ تاسادىپىي بولمايدىغان بىر دۆلەت؛ ھەر بىر ئىنچكە ھالقا ۋە ھەرىكەت دۆلەت ئىچىدىكى خىتاي خەلقىگە ۋە تاشقى دۇنياغا ئالاھىدە ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئۈچۈن تەرتىپلىنىدۇ. بۇ جەھەتتىن خىتاينىڭ ترامپ ۋە پۇتىننى كۈتۋېلىش ئۇسۇلىغا قاراپ باقايلى.
مۇراسىمدىكى ئوخشاشلىقلار
پەقەت سەھنىلەشتۈرۈش جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھەر ئىككى رەھبەرنى كۈتۈۋېلىش «دېگۈدەك تامامەن ئوخشاش» ئەمما بەزى ئىنچىكە نۇقتىلاردا پەرقلىق بولدى. ترامپ بېيجىڭدا ھەربىي ئوركېستىر، شەرەپ قاراۋۇللىرى ۋە ئامېرىكا ھەم خىتاي بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىۋاتقان بىر توپ ئۆسمۈرلەر تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن، پۇتىنمۇ خىتايغا ئاساسەن ئوخشاش بىر مەنزىرە بىلەن يېتىپ كەلدى.ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ ھەر ئىككىسى خەلق قۇرۇلتاي زالىدا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى: تولۇق شەرەپ قاراۋۇللىرى، قوشۇنلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش، دۆلەت گىمىنى، توپ ئوقلىرى ۋە تەنتەنە قىلىۋاتقان بالىلار. بۇ ئىككى قېتىملىق كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قەستەن بىر-بىرىگە ئوخشىتىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ۋاشىنگتون ۋە موسكۋا رەھبەرلىرىنى ئوخشاش سەۋىيىدىكى ھەيۋەت بىلەن كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن.خىتاي يەنە ئۆزىنى ئامېرىكا ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغان خەلقئارا سەھنىدىكى ئادىل ۋە مەركەز دۆلەت قىلىپ كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان.
پەرقلەر
لېكىن خىتاي يەنە پەرقلەرنىڭمۇ كۆزگە چېلىقىشىغا كاپالەتلىك قىلغان. ترامپنى ئايرودرومدا خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى (كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھەقىقىي كۈچ قۇرۇلمىسىنىڭ سىرتىدىكى ئاساسەن مۇراسىم خارەكتېرلىك رول ئوينايدىغان شەخىس) كۈتۈۋالغان بولسا، پۇتىننى سىياسىي بىيۇرو (پارتىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى قارار چىقىرىش ئورگىنى) نىڭ ھازىرقى ئەزاسى كۈتۈۋالدى. بۇ خىتاينىڭ موسكۋانى ئۆزى رەھبەرلىكىدىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان غەربسىز دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئىشەنچلىك ھەمراھى دەپ قارايدىغانلىقىنىڭ نازۇك سىگىنالىدۇر.
شۇنداقلا «شەخسلەر ئارا يېقىنچىلىق» روشەن بىر سېلىشتۇرمىنى ئاشكارىلىدى. شى بىلەن ترامپنىڭ سۈرەتلىرىدە، بولۇپمۇ تەڭرى ئىبادەتخانىسىدىكى سەيلىسى جەريانىدا دائىم «چىرايىدىكى تۇتۇقلىق» ۋە «قولاشماسلىق» ئەكىس ئەتكەن بولسا، پۇتىننىڭ زىيارىتى جەريانىدا شىنىڭ پات-پات كۈلۈمسىرەۋاتقانلىقى كۆرۈلدى. ئەڭ روشەن سىمۋوللۇق پەرق خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ مەخپىي تۇرالغۇسى بولغان جۇڭنەنخەيدە كۆرۈلگەن. ترامپنىڭ زىيارىتى جەريانىدا، شى جىنپىڭ بېيجىڭنىڭ روسىيە بىلەن يەنىلا كۈچلۈك ئىستراتېگىيىلىك ئىتتىپاقداشلىقنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ ترامپنى چەتئەللىك مېھمانلارغا ناھايىتى ئاز ئېچىلىدىغان كوممۇنىستىك رەھبەرلىك بىناسى جۇڭنەنخەيدە كۈتۈۋالغاندا، بۇ يەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەكىتلىدى. چەتئەل رەھبەرلىرىنىڭ بۇ يەرگە دائىم تەكلىپ قىلىنىدىغان-قىلىنمايدىغانلىقى سورالغىنىدا، شى جىنپىڭ بېشىنى چايقاپ: «ناھايىتى ئاز»، دېدى ۋە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «مەسىلەن، پۇتىن بۇ يەرگە كەلگەن»، دەپ قويدى.
شى جىنپىڭ بۇ ئارقىلىق پەقەت پۇتىن بىلەن بولغان شەخسىي مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى بىلدۈرۈپلا قويماي ترامپقا خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان «چەكلىمىسىز» شېرىكچىلىكىنىڭ قۇرۇق سۆز ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن. بېيجىڭ موسكۋانىڭ يەنىلا ئالاھىدە ئىستراتېگىيەلىك شېرىك ئىكەنلىكىنى ۋە خىتاينىڭ باشقا تاللاشلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە ئىدى. بۇنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر مەنىسى شۇكى: ئەگەر ۋاشىنگتون خىتاينى يالغۇز قالدۇرۇشقا ئۇرۇنسا، بېيجىڭ موسكۋا بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىشىپ ئامېرىكىنىڭ مەنپەتىنى زىيانغا ئۇچىرىتالايدۇ.
بۇ «ئاز ئۇچرايدىغان ئىمتىياز» پۇتىن بىلەن بولغان ئۆز-ئارا ئىشەنچ ۋە شەخسىي يېقىنچىلىقنى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە پەقەتلا كۆرۈلمەيدىغان ھادىسىدۇر. خىتاي تاراتقۇلىرى كىچىكىدە پۇتىننى كۆرگەن ۋە رۇسىيەدە ئوقۇشقا ئىلھاملانغان بىر خىتاي ئىنژېنېرنىڭ «قەلبنى ھاياجانغا سالىدىغان ھېكايىسى»نى تەكىتلەش ئارقىلىق بۇ باغلىنىشنى تېخىمۇ «كۆپتۈرۈپ كۆرسەتكەن» ۋە بۇ مۇناسىۋەتنى چوڭقۇر، كۆپ ئەۋلادلىق «سىمۋوللۇق كۆۋرۈكلەر»گە يىلتىز تارتقان دەپ تەسۋىرلىگەن. روسىيە دۆلەت مەتبۇئاتلىرى بولسا پۇتىننىڭ بېيجىڭدا «بىر ئىتتىپاقداش ۋە ئىشەنچلىك ھەمراھ» سۈپىتىدە كۈتۈۋېلىنغانلىقىنى، ترامپقا بولسا «ھەر قانداق ئىشنى قىلىشى مۇمكىن بولغان بىر رىقابەتچى» سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
تەرەپلەرنىڭ زىيارەتتىكى مەقسەتلىرى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىللىرى ۋە ھەل قىلىنمىغان زىددىيەتلەر
ترامپ بىلەن پۇتىننى بېيجىڭغا كېلىشكە ئۈندىگەن تۈرتكىلەر تۈپتىن پەرقلىق بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى يەرشارى تەرتىپىدىكى ئوخشىمىغان ئورنىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.
ترامپنىڭ زىيارىتى: بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدىغان رىقابەت ۋە مۇقۇملىق
ترامپنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى گىئوپولىتكا مۇتەخەسىسلىرى تەرىپىدىن «مىسلى كۆرۈلمىگەن تۇراقسىزلىق» باسقۇچىغا قەدەم قويغانلقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى « مۇقىملاشتۇرۇش» ئىدى. ئۇنىڭ كۈنتەرتىپى ئاساسلىقى سودا، تاموژنا بېجى ھەمدە ئىران ۋە سۈنئىي ئەقىلگە ئوخشاش تۇراقسىز رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە خىتاينىڭ ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە مەركەزلەشتى.
زىيارەتتىكى تېمىلار ۋە تەرەپلەرنىڭ پوزىتسىيەلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە ترامپ خىتايدا تۆۋەندىكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن:
- ئىككى تەرەپنىڭ يامانلىشىۋاتقان مۇناسىۋىتىگە قارىتا، بۇ زىيارەتنىڭ ئۆزىلا بىر «مۇقىملاشتۇرغۇچى» كۈچ بولۇپ، «چوڭقۇر زىددىيەت»كە قارىماي، ئىككى كۈچنىڭ يەنىلا «باشقۇرۇلىدىغان رىقابەت»كە قادىر ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەرگەن. بۇ خىتاينىڭ ترامپنى كۈتىۋېلىش جەريانىدىكى ئىنچىكە پىلانلىرى ۋە كۆرسىتىلگەن ئىلتىپاتلاردىن بولۇپمۇ خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ [تۇسىدىدىس تۇزىقى] دىن مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى» تەكىتلىشىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرسىدىكى رىقابەتنىڭ ئۇرۇش بىلەن خۇلاسىلەنمەيدىغانلىقى، بەلكى ھالقىلىق تەرەپلەردىكى رىقابەت بىلەن خاراكترلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
- ئەمەلىي ئەمما ئادەتتىكى نەتىجە: تاموژنا بېجى توغرىسىدا سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش كېلىشىمى ۋە خىتاينىڭ 200 دانە بوئىن ئايروپىلانىنى سېتىۋېلىش سودىسى. ئەسلى ئامېرىكا تەرەپنىڭ نىشانى خىتايغا -500 گىچە سېتىش بولۇپ، خىتاي بۇ مەسىلىگىمۇ ئىستراتىگيلىك مۇئامىلە قىلغان. يەنى ئۆزىنىڭ ھەمكارلىققا مايىل رىقابەتچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئامېرىكىغا «سەن دېگىنىڭنى قوبۇل قىلدۇرالمايسەن، ئەمما بىز ھەمكارلىققا ئوچۇق» دېگەن سىگىنالنى بەردى.
- ترامپ يەنە ئۆزىنىڭ ئاسانلىقچە «مەمنۇن قىلغىلى بولمايدىغان» رەھبەر ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ نەزىرىدە مەلۇم دەرىجىدە «ھۆرمەت»كە ئېرىشتى ۋە بۇ جىددىي ۋەزىيەتنى ۋاقىتلىق پەسەيتىشكە تۈرتكە بولىدۇ. بۇ بەزى كۈزەتكۈچىلەرنىڭ ترامپنىڭ ئىران ئۇرۇىشىدا «شەرمەندە بولغانلىقى» دىن خىتاينىڭ ترامپنى «ماز قىلىدىغانلىقى» ھەققىدىكى كۆز قارىشىنىڭ تەتۈرى بولۇپ، خىتاينىڭ يەنىلا يراقنى كۆرەرلىكىنى نامايەن قىلغان. چۈنكى بۇرۇنقى بىر نەچچە يازمىمىزدا تىلغا ئالغاندەك ترامپنىڭ ئامېرىكىنىڭ بېشىدا بولۇشى خىتاينىڭ ئامېرىكىنى رىقابەتتە يېڭىشى ئۈچۈن «تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتى» دۇر. شۇڭا ترامپنى ھەم ئاچچىقىنى كەلتۈرمەسلىك، ھەم ئۇنى ئامېرىكا خەلقى ۋە دۇنيا سەھىنسىدە رەسۋا قىلماسلىق ئاخىرىدا خىتايغا پايدىلىق.
- ترامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ 9-ئايدا ۋاشىنگتوندا، 11-ئايدا شېنجېندا، 12-ئايدا مىئامىدىكى 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا يەنە كۆرۈشۈشنى پىلانلىغان.
بۇ زىيارەتتە ئەلۋەتتە ترامپ تەرەپ كۈتكەن نەتىجە چىقمىدى. ماھىيەتلىك بۆسۈشلەر يەنىلا ئېنىقسىز پېتى قالدى.
- ترامپ ئىران ئۇرۇشى ۋە ئىراننىڭ يادرو ئارزۇسى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى. ئاساسلىق سەۋەب بولسا خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئىران ئۇرۇشىغا پاتقاققا پېتىپ قېلىشىنى ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن پايدىلىق دەپ قارايدۇ، چۈنكى بۇ خىتايغا ئامېرىكىنىڭ تولۇق قارشىلىقىسىز ئۆز رايون نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. خىتاي قارشىسىدا دىققىتى چېچىلغان ۋە خورىغان ئامېرىكىنى كۆرۈشنى خالايدۇ. شۇنداقلا ئىران ئۇرۇشىنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولغان تەيۋەن نۇقتىسىدىن قارايدۇ. ئامېرىكا باشقا جايلاردا پاتقاققا پېتىپ قالسىلا، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىش ياكى ئارىلىشىش ئىقتىدارى ئازىيىدۇ.
- ياكى سۈنئىي ئەقىل بەلگىلىمىسى ۋە يۇقىرى تېخنكىلىق چىپ مەسىلىسى توغرىسىدا ئەمەلىي بىر پىكىر بىرلىكىگە كېلەلمىدى. ئاتلانتىك كونسۇل رەقەملىك ئەدلىيە تەتقىقات تەجرىبىخانىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دائىمىي خىتاي تەتقىقاتچىسى كېنتون (Kenton) قارىشىچە، گەرچە ئاشكارا ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ تەخمىنەن ئون خىتاي تېخنىكا شىركىتىنىڭ نىۋىدىيا (NVIDIA) نىڭ ئىلغار H200 چىپلىرىنى سېتىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئامېرىكا بازارلىرىدىكى ئۈمىدۋارلىقنى ئاشۇرغان. ئەمما بۇ چىپ سېتىش سودىسى ئەمەلىيەتتە ئەمەلگە ئاشماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى خىتاي سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدىكى ئىلگىرىلەشلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكا چىپلىرىدىن «ئىقتىدارى تۆۋەن» بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچى تېخنىكىسىغا تايىنىشنى تەشەببۇس قىلماقتا. خىتاي سىياسەت بەلگىلىگۈچىلىرى چىپ تېخنىكىسىدىكى ئامېرىكا بوغۇپ قويۇۋاتقان نۇقتىلاردىن ئۇزۇن مۇددەتلىك قۇتۇلۇش ئۈمىدىدە، قىسقا مۇددەتلىك ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىشكە تەييارلانغاندەك سىگنال بەرمەكتە. چۈنكى خىتاي ئۇچرىشىشتا ئامېرىكىنىڭ چىپقا قارىتا ئېكسپورت چەكلىمىسى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان. يەنى خىتاي ئەمدى چىپ مەسىلىسىگە ئۇنچە بەك قىززىقىپ كەتمەيدۇ.
- ئەڭ مۇھىمى، بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ترامپ تەيۋەن مەسىلىدىكى ئىرادىسىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن بېشارەت بېرىش ئارقىلىق، «تەيۋەننى خىتايغا قوش قوللاپ تۇتقۇزۇپ قويغان» بولۇشى مۇمكىن، بۇ تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالدا قالدۇرغان. ئەمما ئوخشاش مەسىلە ھەققىدە ئاتلانتىك كونسۇل ئەقىل ئامبىرى يۇقىرى دەرىجىلىك مۇدىرى مەتىۋ كروئېنىگ (Matthew Kroenig) ترامپنىڭ خىتاي بىلەن بولغان بەزى چوڭ كېلىشىملەر ئۈچۈن تەيۋەننى سېتىۋېتىشىنىڭ «بەك مۇمكىن ئەمەسلىكىنى» ئوتتۇرىغا قويغان، چۈنكى ترامپ ئۆزىنىڭ ھەر ئىككى نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە تەيۋەننى كۈچلۈك قوللاپ كەلگەن. ئۇچرىشىشنىڭ بىرىنچى كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي رەھبىرىنىڭ ئامېرىكا تەرەپكە تەيۋەن مەسىلىسىدە «تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇش» كېرەكلىكىنى، بولمىسا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا «سۈركىلىش، ھەتتا توقۇنۇش يۈز بېرىدىغانلىقىنى» ئاگاھلاندۇرغان. ئاتلانتىك كونسۇلدىن يەنە بىر مۇتەخەسىسى مېلانىنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ خىل باياناتلار ئارقىلىق ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئاقساراينىڭ ئىمزاسىنى كۈتۈۋاتقان تەيۋەنگە بېرىلىدىغان 14 مىليارد دوللارلىق ئامېرىكا قورال-ياراغ سېتىش پىلانىنى كېچىكتۈرۈشكە ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بېسىم قىلىۋاتىدۇ. مەتىۋنىڭ قارىشىچە، شۇنداقتىمۇ ترامپ «ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننىڭ ئالاھىدە ئورنىغا ئائىت بايانات تىلىنى ئاجىزلاشتۇرمىغان» ۋە ئامېرىكىنىڭ «ستراتېگىيەلىك مۈجمەللىك» سىياسىتىدە چىڭ تۇرغان؛ ترامپ جۈمە كۈنى مۇخبىرلارغا ئەگەر ھۇجۇم يۈز بەرسە ۋاشىنگتوننىڭ تەيۋەننىڭ ياردىمىگە كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىدىغان بىردىنبىر ئادەم ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە ترامپنىڭ زىيارىتىنى «كۆرۈنۈشتە مول ۋە ھەيۋەتلىك»، ئەمما «تەپسىلاتى ئاجىز» بولۇپ بۇ ترامپنىڭ تەييارلىقىنىڭ يىتەرسىزلىكى، قولىدا يىتەرلىك كوزورىنىڭ بولماسلىقى ۋە خىتاينىڭ مەسىلىگە تۇتقان پوزتىسىيسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ماھىيتىدىن ئېيتقاندا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ خاراكتىرى ھەمكارلىق ئەمەس، بەلكى رىقابەتتۇر. شۇڭا سەزگۈر مەسىللەردە ھەمكارلاشماسلىقى تەبئىي ئەھۋالدۇر.
ئاتلانتىك كونسۇل ئەقىل ئامبىرى يەرشارى خىتاي مەركىزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇدىرى ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ سابىق خىتاي ئىشلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى مېلانى (Melanie) نىڭ قارىشىچە ترامپنىڭ زىيارەتتىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقى ئۇنىڭ خىتايغا تۇتقان ئومۇمىي پوزىتسىيەسى بولدى، چۈنكى تىرامپ ئامېرىكىنى خىتاينىڭ مەرھەمىتىگە قاتتىق ئېھتىياجلىق قىلىپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى شۇنچە كۆپ ئامېرىكا سودا رەھبەرلىرىنى بىللە ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق، ۋاشىنگتوننى «تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن كېلىشىملەرنى ئىمزالاشقا بەكلا ئالدىراپ كەتكەندەك» كۆرسىتىپ قويغان.
پۇتىننىڭ زىيارىتى: ھايات قېلىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچ
پۇتىننىڭ زىيارىتى ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن خىتايدىن ئايرىلىپ بىر كۈندىن كېيىنلا ئېلان قىلىندى. كرېمىل ساراينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ياردەمچىسى يۇرى ئۇشاكوۋ، پۇتىننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈش زىيارىتىنىڭ ترامپنىڭ بېيجىڭ سەپىرىدىن خېلى بۇرۇنلا پىلانلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پۇتىن بېيجىڭغا ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئەڭ قىيىن مەزگىلگە دۇچ كەلگەن ھالەتتە يېتىپ كەلدى. روسىيە ئىقتىسادى ئۇرۇش ۋە جازا بېسىمى ئاستىدا قىينىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كۈچلۈك ئادەم ئوبرازى سۇسلىشىشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا روسىيە قوراللىق كۈچلىرى بۇ يىل ئۇكرائىنا جەڭ مەيدانىدا ھېچقانداق ئەھمىيەتلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلالمىدى.
ئامېرىكا-خىتاي سۆھبىتىدىكى ئىلگىرىلەشنىڭ كەمچىل بولۇشى پۇتىننى بېيجىڭغا بېرىشتا ئىشەنچكە ئىگە قىلدى، شۇنداقلا پوتىن ئۇنىڭ خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چەتكە قېقىش پىلانى يوقلىقىغا ئىشىنىدۇ. چۈنكى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا مۇنداق بولىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى تېخىچە كۆرىلىپ باقمىدى. خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا بولسا ئارقا-ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلغان بۇ زىيارەتلەر ئۇنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان دىپلوماتىك تەسىر كۈچىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ، خىتاينى رىقابەتچى كۈچلەر بىلەن ئۆز شەرتى ئاساسىدا پىكىرلىشەلەيدىغان مەركىزىي ئاكتيورغا ئايلاندۇرماقتا ۋە ئايلاندۇرىدۇ.
پۇتىنغا نىسبەتەن، بۇ قېتىمقى زىيارەت – ئۇنىڭ خىتايغا قىلغان 25-قېتىملىق زىيارىتى شۇنداقلا مۇھىم ھاياتلىق يولى ئىدى. ئۇكرائىناغا قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى غەربنىڭ جازاسىدىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ ھايات قېلىشى خىتاينىڭ قوللىشى بىلەن زىچ باغلىنىپ قالدى. پۇتىن خىتاي زىيارىتىنىڭ مەخسىدى خەلقئارالىق چەتكە قېقىلىشنى بۇزۇپ تاشلاش، مالىيە جەھەتتىن قوللاشقا ئېرىشىش ۋە غايەت زور ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىدى.
پۇتىننىڭ زىيارىتى ئەمەلىي نەتىجە جەھەتتىن ترامپنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ «ماھىيەتلىك» بولدى. رەھبەرلەر سودا، تېخنىكا، ئېنېرگىيە ۋە تاراتقۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 دىن ئارتۇق كېلىشىمگە ئىمزا قويدى. ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت «كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى بىرلىكتە خىتابنامە» بولۇپ، بۇ ھۆججەت يەرشارى تەرتىپىنى غەربنىڭ «زومىگەرلىكى»دىن يىراقلاشتۇرۇشتىكى ئورتاق تەسەۋۋۇرىنى مۇقىملاشتۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار خىتاي-رۇسىيە ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ 99 پىرسەنتىنىڭ ھازىر يۈەن ۋە رۇبلى بىلەن ھېسابلىنىۋاتقانلىقىنى تەبرىكلىدى، بۇ 2008-يىلىدىكى نۆلگە يېقىن سەۋىيەدىن زور بىر سەكرەش بولۇپ، ئۇلارنىڭ «دوللارسىزلاشتۇرۇش» نىشانىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى. ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەققىدە بولسا موسكۋا بىلەن بىرلىك سەپنى نامايان قىلغان ۋە بىرلىككە كەلگەن مەنىدە بايانات بېرىلدى. يەنى خىتاي ۋە روسىيە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ «تۈپ سەۋەبلىرىنى يوقىتىش» چاقىرىقىنى تەكرارلىدى. بۇ سۆز بىرلىكى رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ھەققىدە غەربنى ئەيىبلەيدىغان بايانلىرى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش.
«چەكلىمىسىز» دوستلۇق شوئارلىرىغا قارىماي، خىتاي ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى سودا شارائىتىغا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پۇتىننى «خىتايغا تاياندۇرۇش» ئىستراتىگىيسىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئىلگىرى ياۋروپاغا مۇلازىمەت قىلغان كانلاردىن يىلىغا 50 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز توشۇشنى مەقسەت قىلغان «سىبىرىيە كۈچى 2» گاز تۇرۇبا يولى يەنىلا ئىمزالانمىدى. بۇ تۇرۇبا يولى بۇرۇن ياۋروپانى تەمىنلەيدىغان كانلاردىكى گازنى خىتايغا يۆتكەيدۇ. خىتاي بۇ تۈرنى تەستىقلاشقا ئالدىرىمايدۇ، رۇسىيەنى ئۆزىنىڭ «بارلىق كوزىرلارنى قولىدا تۇتۇپ تۇرىدىغان» بىر «بېقىنىندى» ئورۇندا تۇتۇپ تۇرۇشنى ئەۋزەل كۆرىدۇ.
تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى، خىتاي قالايىمقانچىلىققا تولغان مەۋجۇت خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا تولىمۇ سالماق ۋە ئىستراتىگىيلىك ھالەتكە ئۆتىۋالدى. ترامپ رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكا ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتىگىيەدىن مەھرۇم ھالغا چۈشۈپ قالغان بىر پەيتتە، خىتاي ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق پىلانىنى يولغا قويىۋالدى ۋە ھازىرغىچە ياخشى ئىشلەپ مېڭىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتىگيىسى بولسا «ھىچ ئىش قىلماي دۇنيانى قولغا چۈشۈرۈش»؛ ئامېرىكا ۋە غەرب بىلەن بىۋاستە تۇتۇشىشتىن ساقلىنىش ۋە ئۇلارنى باشقا رەقىبلىرىنىڭ قولى بىلەن بابلاش. ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىد خىتاي؛ خىتاي ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىدتمۇ ئامېرىكا. خىتايدىن باشقا ئامېرىكىنى ئەڭ چوڭ تەھدىد دەپ قارايدىغان باشقا دۆلەتلەر بار. بۇلار: رۇسىيە، ئىران ۋە چاۋشىيەندۇر. خىتاينىڭ ئامېرىكا ئىستراتىگىيسى مانا بۇ دۆلەتلەرنىڭ قولى بىلەن ئامېرىكىنى ئاجىزلىتىشتۇر. ھازىر ئامېرىكا ھەم ئىراندا، ھەم ئوكرائىنادا (بايدىن ۋاقتىدىكىدەك ئىشنىڭ ئىچىدە بولمىسىمۇ قورال-ياراق يەنىلا ئامېرىكىدىن كېلىدۇ) ئىران ۋە رۇسىيە بىلەن جەڭ قىلىۋاتىدۇ. خىتاي بولسا بۇ ئىككى دۆلەتكە ئامېرىكىنىڭ ئەسكىرى كۈچىگە قارشى ياردەم بېرىپ كەلمەكتە. ئالدىنقى بىر يازمىمىزدا ئىرانغا قانداق ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدۇق. بۇ يەردە رۇسىيەگە قانداق ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەيلى.
غەربنىڭ جازاسى كۈچەيگەنسېرى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشتا خىتايغا بولغان بېقىندىلىقى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ توقۇنۇشتا بىتەرەپ ئىكەنلىكىنى، رۇسىيەنى تەييار قورال قاتارلىق ھەل قىلغۇچ ياردەملەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى رەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما، ناھايىتى كۆپ مىقداردىكى «قوش مەقسەتلىك» زاپچاس ۋە ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، رۇسىيەنىڭ ھەربىي-سانائەت بازىسىنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ.
خىتاينىڭ مىكرو ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچلىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا شەھەرلىرىنى بومباردىمان قىلىشتا ئىشلتىۋاتقان دەل جايىغا تەگكۈچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە درونلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. خىتاي يەنە رۇسىيە ئېھتىياجلىق بولغان سودا خاراكتېرلىك درونلار ۋە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلارنىڭ كۆپ قىسمىنى تەمىنلەيدۇ. رۇسىيەنىڭ قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا زاۋۇتلىرى خىتاينىڭ كومپيۇتېر رەقەملىك كونترول قىلىنىدىغان (CNC) ماشىنا سايمانلىرىغا پۈتۈنلەي تايىنىپ قالغان. ۋاشىنگتوندىكى ئاقىللار ئامبىرى جامېستوۋن فوندى جەمئىيىتى (The Jamestown Foundation) رۇسىيەنىڭ ماشىنا سايمانلىرى ئىمپورتىنىڭ تەخمىنەن %90 ىنىڭ ھازىر خىتايدىن كېلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە. رۇسىيە يەنە زەمبىرەك ئوقى، تانكا ئوقى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولغان نىتروسېللۇلوز (nitrocellulose) ئۈچۈنمۇ خىتايغا قاتتىق تايىنىدۇ.
ئىقتىسادشۇناس ژۇرنىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە يېقىنغىچە تۈرلۈك ۋاسىتىچىلەر ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ نىتروسېللۇلوز ئىمپورتىنىڭ يېرىمىغا يېقىن قىسمىنى تەمىنلەپ كەلگەن ئىدى، ئەمما بۇنىڭغا چېتىشلىق شىركەتلەر ھازىر ئېغىر جازاغا ئۇچرىماقتا. رۇسىيە يەنە نىتروسېللۇلوز ياساش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان cotton pulp دەپ ئاتىلىدىغان بىر خام ماددىنى ئىلگىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاندىن ئالاتتى. ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆتكەن يىلى ۋە بۇ يىل ئۆزبېك ۋە قازاق ئېكسپورتچىلىرىغا قاراتقان جازا تەدبىرلىرى بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان. نەتىجىدە، غەرب ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ ئىككى تارماق شىركىتىنى ئىشلىتىپ، چوڭ تىپتىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى قورال-ياراغ شىركىتى نورىنكو گۇرۇھى (Norinco Group) ئارقىلىق رۇسىيەگە سېتىلىدىغان نىتروسېللۇلوز مىقدارىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
رۇسىيە بۇنىڭ بەدىلىگە خىتاي شىركەتلىرىگە نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى ئەرزان باھادا تەمىنلەۋاتىدۇ. خىتاينىڭ رۇسىيەگە قىلغان ياردىمى ھەم رۇسىيەگە دوستلۇق قولىنى سۇنۇش ئارقىلىق ئۇنى ئۆزىگە بېقىندى قىلىپ تارتىپ تۇرىدۇ؛ ھەم ئۇرۇشنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادى كۈچىنىڭ تېخىمۇ خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشى قايسى شەكىلدە ئاخىرلىشىشدىن قەتئىينەزەر رۇسىيە خىتايغا تايىنىپ قالىدىغان بىر مۇھتاج دوست\ دۆلەت بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىتاينىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك بىخەتەرلىك ئىستراتىگيسى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم. چۈنكى خەلقئارا مۇناسىۋەتتە ئەڭ چوڭ تەھدىد قوشنا دۆلەتتىن كېلىدۇ. بۇ تەرەپتىن ئويلىغاندا خىتاي ئۈچۈن ئەسلى تەھدىد رۇسىيەدۇر. چۈنكى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى مەنپەتى بىر بىرىگە زىت، يەنى خىتاي رۇسىيەنىڭ بۇرۇنقى مەنپەتلىرىنى ئاستا-ئاستا ئىگەللەپ مېڭىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خىتاينىڭ تەسىر كۈچى رۇسىيە ئۈچۈن ئوكرائىينادىكى ناتو ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى بىلەن ئوخشاش. پەقەت رۇسىيەنىڭ ھازىر بۇنىڭ ھىساۋاتىنى قىلغۇدەك كۈچى يوق. يەنە بىر مەسىلە بولسا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى تارىخىي ئاداۋەتلەرنىڭ يالدامىسى بولغان 4300 كىلومېتىرلىق چېگرا مەسىلىسى. خىتاي ئۈچۈن ھېلىمۇ خىتاينىڭ ئەڭ كۆپ زىمىننى ئىشغال قىلىۋالغان دۆلەت «چار رۇسىيە» دۇر. شۇڭا خىتاي ئاجىز ۋە ئۆزىگە بېقىنغان، ھالىدىن كەتكەن رۇسىيە ئىستەيدۇ.
ترامپ ۋە پۇتىننىڭ خىتايغا قىلغان زىيارىتىنىڭ سېلىشتۇرما ئانالىز قىلىش

خۇلاسە
ترامپ ۋە پۇتىننىڭ بېيجىڭغا ئارقا-ئارقىدىن قىلغان زىيارىتى خىتاينىڭ دۇنياۋى دىپلوماتىيەنىڭ مەركىزى بولۇشتەك رولىنى كۈچلۈك نامايەن قىلدى. بۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم بۇ خىلدىكى ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۆلەت رەھبىرىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشىدۇر. زىيارەتلەرنىڭ ۋاقتى ۋە تەرتىپى دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن «نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى» دەك بىر خىل تۇيغۇ پەيدا قىلدى. ئانالىزچىلار بۇ كۆرۈنۈشنى دۇنيادىكى باشقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ پىرېزىدېنتلىرى ياردەم سوراش، مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ياكى رىقابەتنى باشقۇرۇش ئۈچۈن بېيجىڭغا بېرىپ «ئىمپېراتورغا تەزىم قىلىش» دەپ تەسۋىرلىمەكتە. فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە ۋەكىللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ «چەتئەل رەھبەرلىرىنىڭ پاراتى» خىتاينىڭ ھازىر دۇنيا ئىشلىرىنىڭ مەركىزىدىكى بىر «تارتىش كۈچىگە ئىگە رولچى» ئىكەنلىكى ئىماژىنى كۈچەيتتى.
خىتاي ترامپ ۋە پۇتىنغا ئوخشاش سەۋىيەدە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئارقىلىق دۇنياغا ئۆزىنى كۈچلۈك، مەسئۇلىيەتچان، ئادىل دۆلەت قىلىپ كۆرسىتىشكە تېرىشتى. شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىغا خىتاينى چەتكە قېقىشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى، ھەتتا دۇنيانىڭ غوجىسى ئامېرىكىنىڭمۇ خىتاينىڭ ئالدىغا كېلىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقى ھەققىدە سىگىنال بەردى. پۇتىن زىيارىتى ئارقىلىق بولسا ۋاقتى كەلسە خىتاينىڭ ياۋرۇپانىڭ تارىخى قاباھەتلىك چۈشى بولغان رۇسىيەنى بىلەن بىرلىشىش ئارقىلىق ئەجەللىك زەربە بېرىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئېگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكچى بولدى. يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ ئارقىسدىن مېڭۋاتقان 3- دۇنيا ئەللىرى ئۈچۈن بولسا ( ترامپ دەۋرىدىكى ئامېرىكا ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ۋە «بىر تەرەپلىمە قاراش»قا مايىل قىلىپ تەسۋىرلەنگەن بىر پەيتتە) خىتاي ئۆزىنى مۇقىم ۋە ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان، ئۆلچەملەرگە ئەمەل قىلىدىغان ۋە «تېخىمۇ ئادىل يەرشارى تەرتىپى»نى تەشەببۇس قىلىدىغان شېرىك قىلىپ كۆرسەتمەكتە.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
- Atlantic Council. (2026, May 15). What did Trump and Xi accomplish?,.
- CGTN. (2026, May). What China & Russia’s new stage of ties means for Global South and world [Video]. YouTube.
- DW News. (2026, May). Russia’s growing reliance on China [Video]. YouTube.
- DW News. (2026, May). Xi, Putin & Trump – Who really runs the world? | To the Point [Video]. YouTube.
- Hawkins, A. (2026, May 15). What was actually achieved at Trump and Xi’s ›stalemate summit‹ in Beijing? The Guardian,,.
- Jamal, U. (2026, May 19). ›China holds the cards‹: Why Putin’s visit to Beijing after Trump matters. Al Jazeera,,.
- Sky News. (2026, May). Putin and Trump are queuing up to meet Xi Jinping. This Is Why. [Video]. YouTube.
