
رەسىم: لى گۇاڭياۋ ۋە شى جىنپىڭ
دۇنيا سىياسى سەھىنىسىدە يېڭى كۈچلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشى، مەۋجۇت ھاكىم كۈچكە جەڭ ئېلان قىلىشى، ئىككى قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپىنىڭ شەكىللىنىشى، بۇنىڭدىن يەككە قۇتۇپلۇق ياكى كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيانىڭ شەكىللىنىشى تەبىئىي ھادىسىدۇر. بۇ ھالەت كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مانا بۇ تەرتىپ بويىچە دەۋرىيلىك شەكىلدە ئايلىنىپ تۇرىدۇ. دۇنيا 17-ئەسىردىن 20-ئەسىرگىچە ھەم ياۋرۇپادا ھەم دۇنيادا كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيانى تەرتىپىدە تۇردى. دۇنيانىڭ سىياسىي ۋەزىيتىنى گوللاندىيە، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، گىرمانىيە، ئىتالىيە، ئاۋسترىيە- ۋىنگىرىيە ئىمپېرىيەسى،چاررۇسىيە ئىمپېرىيەسى، ئوسمان ئىمپېرىيەسى،ئامېرىكا، ياپۇن ۋە مانجۇ چىڭ ئىمپېرىيەسى قاتارلىق كۈچلەر بەلگىلىدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئامېرىكا ۋە سوۋىت ئىتتىپاقىدىن باشقا كۈچلەرنى زور دەرىجىدە ئاجىزلىتىۋەتتى ۋە 1945-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە بۇ ئىككى كۈچنى مەركەز قىلغان ئىككى قۇتۇپلۇق دۇنيا شەكىللەندى.
1991-يىلى سوۋىت يېمىرىلگەندىن كىين ئامېرىكا دۇنيانىڭ بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلىتى بولۇپ قالدى ۋە يەككە قۇتۇپلۇق دۇنيا رەسمىي شەكىللەندى. ئامېرىكا دۇنيانىڭ سىياسىي تەقدىرىنى بەلگىلەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ كەلدى. ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە دىمكراتىيە ۋە لىبرال قىممەت قاراشلارنى ئىكسپورت قىلىش ئىستراتىگىيسى ۋە خىتاينى ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى ئارقىلىق تىنچ دىمكراتىيگە كۆچۈرۈش ئىستراتىگىيسى يەككە قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرىپىدە چوڭ تەۋرىنىش ھاسىل قىلىشقا باشلىدى. 2008-يىلىدىكى ئىقتىسادى كىرىزىسنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەسىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقنى مەركەز قىلغان يەر شارى مىقياسدىكى غايەت زور ھەربىي مەۋجۇتلىقى شۇنداقلا دۇنيا خاراكترىلىك ئىجتىمائىي ئېنژىنىرلىق (social engineering) تەشەببۇسلىرى ئامېرىكىنىڭ كۈچىنى خورىتىشقا باشلىدى. ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ يىشىل چىراق يېقىشى بىلەن دۇنياۋى مەبلەغنىڭ خىتايغا ئېقىشى نەتىجىسدە خىتاينىڭ ئىقتىسادى كۈنسىرى زورىيىپ ماڭدى. ئىقتىسادتىكى بۇ ئېشىش خىتاينىڭ يەنە ھەربىي، پەن-تېخنىكا ۋە خەلقئارالىق يۇمشاق كۈچىنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئامېرىكا خىتاينىڭ دىمكراتىك تۈزۈمگە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا يوق ئەكسىچە ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دىمكراتىك تۈزۈمنىڭ رەقىبگە ئايلانغانلىقىنى بىلىپ بولغىچە ئامېرىكىنىڭ باشقا رايۇنلاردىن بېشىنى كۆتۈرۈپ بولالماسلىقى ۋە خىتاينىڭ ئىقتىسادنى ۋاستە قىلىپ دۇنياغا يېيىلىشى نەتجىسىدە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبىگە ئايلاندى. خۇددى ھېنرى كىسسىنگىر ئېيتقاندەك، خىتاي ئامېرىكىنىڭ بۇرۇنقى پۈتۈن رەقىبلىرىدىن كۈچلۈك رىقابەتچىگە ئايلاندى.
2017-يىللىرى خىتاينىڭ ئامېرىكىغا ئوچۇق-ئاشكارا قارشى چىقىشى بىلەن ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى يەككە قۇتۇپلۇق دۇنيا يېمىرىلىشكە قاراپ يۈزلەندى. ترامپنىڭ ئىككى قېتىم ئامېرىكىغا پىرېزدىنىت بولۇشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ يەرشاۋى كۈچى كۈتۈلمىگەن دەرىجىدە تىز چۈشۈشكە باشلىدى ۋە ئىران ئۇرۇشىدا ترامپنىڭ چاقىرىقلىرىغا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئاۋاز قوشماسلىقى ئامېرىكىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ سېگىنالىنى بەرمەكتە. ئەلۋەتتە ئامېرىكىنى مەركەز قىلغان يەككە قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىۋىنىڭ يېمىرىلىشى خىتاينىڭ دۇنيانىڭ خوجىسى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى،دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق يېڭى دۇنيا تەرتىپىگە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بەرمەكتە.
بۇ يېڭى دۇنيا ئەندىزىسىدە ئامېرىكا ۋە خىتاي رىقابىتى قانداق بولىدۇ؟ بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ كۈچلۈك ۋە ئاجىزلىق تەرەپلىرى قايسىلار؟ باشقا قايسى دۆلەتلەر بۇ يېڭى تەرتىپنىڭ بەلگىلىگۈچىللىرى بولۇشى مۇمكىن؟ بۇ يازمىدا بۇ مەسىلىلەر ماكرو جەھەتتىن ئانالىز قىلىنىدۇ.
بۇ ھەقتە سىنگاپورنىڭ دۆلەت ئاتىسى لى گۇاڭياۋ ھايات ۋاقتىدا ھەر خىل مېدىيالارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا سۆزلىگەن سۆزلىرى شۇنداقلا 2012- يىلى گراھام ئەللىسن (Graham Allison) نىڭ زىيارىتى بىلەن يېزىلغان «بۈيۈك ئۇستادنىڭ ئامېرىكا، خىتاي ۋە دۇنيانى كۆزىتىشى » (Lee Kuan Yew: The Grand Master’s Insights on China, the United States, and the World) ناملىق كىتابىدا كىشىنىڭ دىقىتىنى تارتىدىغان كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لى گۇاڭياۋ 21-ئەسىردىكى ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئېگە دۆلەت رەھبەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بولۇپمۇ دۆلەت باشقۇرۇش جەھەتتىكى كۆز قاراشلىرى ھەم سىياسەت دۇنياسى ھەم ئاكادېمىك دۇنيادا كۆپ دىققەتكە ئېلىندۇ. ئۇ دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدە ئۆزگىچە ئورۇنغا ئىگە بولۇپ ھېنرى كىسسىنگېردىن تارتىپ دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقىغىچە بولغان رەھبەرلەر مەسلىھەت سورايدىغان پېشقەدەم سىياسىي ئەرباب بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لى گۇاڭياۋ 1965-يىلى سىنگاپورنى مالايسىيادىن مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئايرىپ چىقىپ شۇ ۋاقىتتىكى دۇنيادىكى ئەڭ كەمبەغەل دۆلەتتىن پەقەت ئون نەچچە يىل ئىچىدىلا دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان. ھازىر سىنگاپور دۇنيانىڭ مۇھىم ئىقتىساد مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ پاسپورتى دۇنيا بويىچە 1-كۈچلۈك ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئۇنىڭ سىياسەتتىكى رىئالىست ۋە پىراگماتىستلىقى ھەتتا دىڭشياۋپىڭغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن شۇنداقلا خىتاي رەھبەرلەر ئۇنى دۆلەت باشقۇرۇشتا ئۆزلىرىگە ئۈلگە ئېلىشقا تېگىشلىك رەھبەرلەرنىڭ بىرى دەپ قارايدۇ. چۈنكى لى گۇاڭياۋ دىكتاتۇر دۆلەت رەھبىرى بولۇپ بەزى سىياسەتچىلەر ئۇنى سىنگاپورنى كۇڭزى سىياسەت پەلسەپىسى بىلەن باشقۇرۇغان دەپ قارايدۇ. ئەمما ئوخشىمايدىغان يىرى، سىنگاپور كىچىك بىر شەھەر دۆلىتى، شۇنداقلا لى «ياخشى دىكتاتۇر» دۇر. گەرچە 30 يىل ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان بولسىمۇ، خەلقنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاشقا كۆپ كۈچ چىقارغان ۋە لى ياراتقان ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش مودىلى بىلەن سىنگاپور كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم 174 مىڭ دوللار بولغان بىر دۆلەتكە ئايلانغان. لى گۇاڭياۋ 1990- يىلى ۋەزىپىسىدىن ئۆزى خالاپ چۈشكەن. كىين ئۇنىڭ ئوغلى لى شىيەنلۇڭ 2004- يىلىدىن 2024- يىلىغىچە 20 يىل سىنگاپورنى باشقۇرغان. شۇنداقتىمۇ سىنگاپور خەلقىدىن ۋە خەلقئارادىن دىمكراتىيە ۋە كىشلىك ھوقۇق جەھەتتىن ئاساسەن بېسىم كەلمەيدۇ.
يەرشارى كۈچ سىستېمىسىنىڭ يۆتكىلىشى: خىتاينىڭ كونا كۈچىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى
لى گۇاڭياۋنىڭ ئاساسلىق كۆز قارىشى شۇكى، دۇنيا غەربلىكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى دەۋردىن كۆپ قۇتۇپلۇق ئەندزىگە يۈزلەنمەكتە؛ بۇ جەرياندا خىتاي ۋە ھىندىستاننىڭ قايتا قەد كۆتۈرۈشى مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. لى گۇاڭياۋ خىتاي ۋە ھىندىستاننىڭ گۈللىنىشىنى يېڭى بىر ھادىسە دەپ ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ تارىخىي ئورنىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدىن ئۈچ ئەسىر ئىلگىرى، غەربلىكلەرنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قېلىشتىن بۇرۇن ، بۇ ئىككى دۆلەت غايەت زور نوپۇسى ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا تايىنىپ دۇنيا ئىقتىسادىي ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %60 نى ئىگىلىگەن ئىدى. لىنىڭ قارىشىچە، ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشلار گەرچە ئامېرىكىنىڭ كۈچىنى خوراتقان بولسىمۇ، دۇنيا تەرتىپىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن شۇنداقلا ھەقىقىي «بۇرۇلۇش» نى ھاسىل قىلغان ئامىل خىتاينىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىدۇر.
خىتاينىڭ ئامېرىكىغا ھەقىقەتەن كۈچلۈك ۋە پەرقلىق رەقىب ئىكەنلىكى ھەققىدە سىنگاپورلۇق سىياسەتچى ۋە پڕوفېسور كىشور ماھبۇبانى خىتاينى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سېلشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: سوۋېت ۋە ئامېرىكا بىر-بىرى بىلەن ئىقتىسادى جەھەتتىن تامامەن مۇستەققىل بولۇپ، سوۋېتنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادى بىلەن ھەقىقىي رىقابەتلىشەلمىگەن سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىگە ئوخشىمايدىغان يېرى، بۈگۈنكى رىقابەت ئىقتىسادى كۈچى دۇنيانىڭ چەت ياقىلىرىغىچە كېڭەيگەن خىتاي بىلەن بولماقتا. خىتايلار سوۋېتنىڭ يىمىرلىش سەۋەبىنى ئەڭ كەڭ دائىرلىك تەتقىق قىلغان دۆلەت بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ بىرنجى ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەن ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەم دۆلەتنىڭ ھەم خىتاي خەلقىنىڭ ئىقتىسادىنى كۈچەيتىشكە دىققەت مەركىزىنى يىغقان. ھەقىقەتەن خىتاي «سوۋىت تۇزىقى» دىن قۇتۇلۇپ چىقىپلا قالماي دۇنيا ۋە ئامېرىكا بىلەن ئىقتىسادى جەھەتتىن چەمبەرچاس باغلىنىش ئارقىلىق دۇنيانى خىتايدىن ئايرىلالمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندۈردى. خىتاي يەنە ئامېرىكا ئەتراپلىق ئىستراتىگىيە تۈزۈپ بولغۇچە ئامېرىكىنى ھەر جەھەتتىن قوغلاپ يىتىشىشكە باشلىدى. مەھبۇبانىنىڭ قارىشىچە، كەلگۈسى ئون يىل تارىختىكى ئەڭ ھەل قىلغۇچ مەزگىل بولۇپ قالىدۇ؛ چۈنكى ۋاشىنگتوندىكى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر خىتاينى دۇنيانىڭ بىرىنچى كۈچىگە ئايلىنىشتىن بۇرۇن «توسۇپ قېلىش» ئۈچۈن پەقەت ئون يىللا ۋاقىت بار دەپ قارايدۇ. ئەگەردە مانا بۇ كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە توسىيالمىسا خىتاينى ئۇنىڭدىن كيىن بىر نەرسە قىلالمايدۇ.
گەرچە ئامېرىكا- خىتاي رىقابىتى بۈگۈنكى كۈننىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولسىمۇ، ماھبۇبانى دۇنيانىڭ «3M» دۇنياسىغا — يەنى كۆپ مەدەنىيەتلىك (Multi-civilizational)، كۆپ قۇتۇپلۇق (Multipolar) ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك (Multilateral) دۇنياغا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ يېڭى رېئاللىقتا غەرب مەدەنىيىتى ئەمدى دۇنيا قائىدىسىنىڭ بىردىنبىر بەلگىلىگۈچىسى بولالمايدۇ.
لى گۇاڭياۋنىڭ قارىشىچە، 21-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، خىتاي ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدار جەھەتتە ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، بۇ خىتايغا زور سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەسىر كۈچ يارىتپ بېرىدۇ. بۇ بۇرۇلۇش غەرب ھۆكۈمرانلىق قىلغان دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. گەرچە 21-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمى يەنىلا ئاساسەن ئامېرىكىنىڭ كونتروللۇقىدا بولسىمۇ، ئەمما ئىككىنچى يېرىمىدا خىتاي ۋە ھىندىستان بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان رەھبەرلىك رولى زۆرۈرىيەتكە ئايلىنىدۇ.
لى گۇاڭياۋ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بۇ ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم يەرشارى خاراكتېرلىك كۈچ سىنىشىش مەسىلىسى دەپ قارايدۇ. ئۇ ئىككى دۆلەتنى سېلىشتۇرۇپ خىتايلارنىڭ «ئەمەلىيەتچىل، ھەتتا تولىمۇ سوغۇققان»، ئامېرىكىنىڭ بولسا خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىكى خاراكتىرىنى بەلگىلەشتە ئىزچىل قىينىلىپ كەلمەكتە، يەنى خىتاينى «ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتچى» دىن «مەنپەئەتداش» قا ئۆزگەرتمەكتە.
لى گۇاڭياۋ «مەنپەئەتداش» (stakeholder) ئۇقۇمىنى چۈشەندۈرۈپ، بىر كىشى پايچىك بولمىسىمۇ، لېكىن شۇ «شىركەت» (يەرشارى سىستېمىسى) بىلەن زىچ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىدە بولىدۇ. ئەگەر يەرشارى ئىقتىسادى مەغلۇپ بولسا، خىتاي خېرىدارلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، بۇ كەڭ كۆلەملىك ئىشسىزلىق ۋە مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەكسىچە، ئامېرىكا ئەرزان ۋە ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار ئۈچۈن خىتايغا تايىنىدۇ. لىنىڭ ئامېرىكىغا بەرگەن مەسلىھەتى خىتاينىڭ ئاخىرىدا قەد كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەربىي ۋە تېخنىكا سەۋىيەسى يەنىلا غەربتىن ئارقىدا تۇرۇۋاتقان پەيتتە، خىتايلارنى «ئويۇن قائىدىسى» گە بويسۇندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
خىتاي ۋە ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك ۋە ئاجىز تەرەپلىرى
لى گۇاڭياۋنىڭ خىتاي ۋە ئامېرىكا ھەققىدىكى تەھلىلىدىكى بىر يادرولۇق تېما بولسا خىتايلارنىڭ چىدامچانلىقى ۋە ئۆزىگە تايىنىش ئادىتىدۇر، بۇ خىتاينىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت مىراسىنىڭ يالدامىسى بولۇپ خىتايلار 2-3 مىڭ يىللىق ئاپەت، قەھەتچىلىك ۋە مەغلۇپ بولغان ھۆكۈمرانلىقلارنى كۆپ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ بۇ تارىخ ئۇلاردا ئۆز-ئۆزىگە تايىنىش ۋە تېجەشچانلىق ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەن. لى بىر بۇ ھەقتە خىتايلىق بىرىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىدۇ: چاڭجياڭ ۋادىسىدىكى كەنتلەر گۈرۈچ ۋە تۇزنى ئېگىز دۆڭلەردە ساقلايدۇ، چۈنكى ئۇلار مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى ھېچقاچان يېتىپ كەلمەسلىكى مۇمكىنلىكىنى بىلىدۇ.خىتايلارنىڭ بۇ خىل «ھايات قېلىش ئادىتى» پۇل-ماللىرىنى «ياستۇق ئاستىغا ساقلاش» ياكى ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىش شەكلىدە نامايان بولماقتا.
ئامېرىكىنىڭ ئەۋزەللىكى
خىتاي نوپۇس جەھەتتىن ئەۋزەللىكىگە ئېگە بولسىمۇ، لى ئامېرىكىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى، يەنى ئېلاستىكىلىق ۋە ئىجادكارلىق روھىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. خىتاينىڭ 1.3 مىليارد نوپۇسى بولسىمۇ، ئامېرىكا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى «تەۋەككۇلچى كىشىلەر»نى جەلپ قىلىش ۋە قوبۇل قىلىشقا ماھىر. ئۇ ئامېرىكا سېپىدە مىليونلىغان ھىندىستانلىق، ياپونىيەلىك، كورېيەلىك ۋە باشقىلارنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ مەدەنىيەتكە سىڭىپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.
بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، لى خىتاينى تۈزۈمى قاتتىق مەدەنىيەت دەپ قارايدۇ، خىتاي تىلى ئۆگىنشنىڭ قىين بولۇشى سەۋەبلىك خىتاينىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشى ئۈچۈن بىر توسالغۇ. بۇ سەۋەبتىن لى گۇاڭياۋ سىنگاپورنىڭ رەسمىي دۆلەت تىلىنى خىتايچە ئەمەس بەلكى ئىنگىلىزچە قىلغان. لى يەنە خىتاينىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ سىرتتىن كەلگەنلەرنى ئانچە بەك قارشى ئېلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ ئامېرىكىلىق بالىلارنىڭ مۇستەقىل چوڭ بولىدىغانلىقىنى، خىتاي بالىلارنىڭ بولسا قېلىپلاشقان تەربىيە سەۋەبىدىن بىر خىل قېلىپتا چىقىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ. بۇ ئەركىنلىك ئامېرىكىغا يېڭىلىق يارىتىش روھى ئاتا قىلغان بولسا ، مۇقىملىق ۋە كونتروللۇققا ئەھمىيەت بېرىدىغان خىتاي جەمئىيىتى بۇ خىل روھنى يىتىلدۈرۈش جەھەتتە قىينالماقتا.
كىشور مەھبۇبانى بولسا خىتاي ۋە ئامېرىكىنىڭ قۇرۇلمىلىق ئەۋزەللىكى ۋە كەمچىللىكى ھەققىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق بىر ئانالىزنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئۇنىڭ قارىشىچە خىتاينىڭ ئۈچ چوڭ ئەۋزەللىكى
- خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى ئۇزۇن داۋاملاشقان مەدەنىيەت ۋە ھازرغىچە ھايات قالغان بىردىنبىر قەدىمىي مەدەنىيەت: خىتاينىڭ4000 يىللىق (بۇ ئۇنىڭ قارىشى) تۈرلۈك كرىزىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئامان قېلىش تارىخى بار. مەھبۇبانىنىڭ قارىشىچە، بۇ تارىخىي چوڭقۇرلۇق خىتاينىئامېرىكا بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك جەڭگە تاقابىل تۇرۇشتا چىدامچانلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك سەۋرچانلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئامېرىكىلىق سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر بۇ رىقابەتكە نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت بىلەن بولغان رىقابەت دەپ قارىماي، پەقەت بىر سىياسىي پارتىيە بىلەن بولغان كۈرەش دەپ قاراپ، بۇ نۇقتىغا سەل قارىماقتا.
- كۈچلۈك پىسخىكىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ: خىتاي «خورلۇق ئەسىرى» (1842-1949) دىن كەلگەن چوڭقۇر پىسخىكىلىق تۈرتكىگە ئىگە. بۇ تارىخ سەۋەبىدىن، خىتاي خەلقى ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى جازا ۋە تاموژنا بېجى قاتارلىق بېسىملىرىنى چەتئەلنىڭ ھازىرغىچە خىتاينى بوزەك قىلىشى ۋە بېسىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇشى دەپ قارايدۇ. بۇ 100 يىللىق خورلۇق پىسخىكىسى خىتايلارنىڭ قايتا خورلۇق ھالىتىگە چۈشۈپ قالماسلىق ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. جون مىرشېيمىئر بولسا بۇ ئەسىرلىك خورلۇقنىڭ خىتاي مىللەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ خىتاي كومپارتىيسى ئەتراپىغا تېخىمۇ چىڭ ئويۇشۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قارايدۇ.
- 1.4 مىليارد تىرىشچان، ساپالىق ۋە رايىش نوپۇس: مەھبۇبانى خىتاي نوپۇسىنى ئالاھىدە تىرىشچان، رىئالىست،مائارىپ سەۋىيەسى يۇقىرى ۋە رايىش دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، گەرچە تاشقى كۈچلەر ئۇلارنى توسۇش تەدبىرلىرىنى قوللانسىمۇ، خىتاي خەلقىنىڭ غايەت زور كۈچى خىتاينىڭ پايدىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالىدۇ.
- تاشقى سىياسەتكە ماھىر (بۇ لى گۇاڭياۋنىڭ خىتاي ھەققىدىكى باھاسى): خىتايلار مىڭلىغان يىللاردىن بۇيان چەتئەللىكلەر (ياكى ئۇلارنىڭ تىلىدىكى «ياتلار») بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ماھىر. ئۇلار تاشقى كۈچلەرنىڭ بىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى بىر-بىرلەپ پارچىلاپ، ئايرىم-ئايرىم سېتىۋېلىشنى بىلىدۇ ۋە بۇنىڭغا ماھىر.
ئامېرىكىنىڭ ئۈچ چوڭ ئەۋزەللىكى
ماھبۇبانىينىڭ قارىشىچە ئامېرىكىنىڭمۇ مۇنداق ئۈچ چوڭ ئەۋزەللىكى بار؛
- «دارۋىنچە» جەمئىيەت: گەرچە خىتاي قەد كۆتۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا يەنىلا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە قۇدرەتلىك جەمئىيەت بولۇپ قالماقتا. مەھبۇبانى ئامېرىكىنىڭ بۇ ھاياتىي كۈچىنى «دارۋىنچە جەمئىيەت» (Darwinian society) — يەنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردىكى توختىمايدىغان، قاتتىق رىقابەت مەدەنىيىتى بىلەن باغلايدۇ. بۇ رىقابەت مۇھىتى Google، Amazon ۋە Apple غا ئوخشاش دۇنياۋى شىركەتلەرنى ياۋروپامۇ يېتەلمەيدىغان سۈرئەتتە بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
- يەرشارىۋى تالانتلىقلارنىڭ قىبلىگاھى: پەقەت ئۆز نوپۇسىغىلا تايىنىدىغان خىتايغا ئوخشىمايدىغىنى، ئامېرىكا يەر شارىدىكى 8 مىليارد كىشى ئىچىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر تالانتلىق كىشىلەرنى جەلپ قىلالايدۇ. لى گۇاڭياۋ ھەتتا خىتايدىكى ئىقتىدارلىق خىتايلارنىڭمۇ تۈزۈمى قاتتىق خىتاي قايتىشتىن كۆرە ئامېرىكىنى ئەۋزەل كۆرىدىغان غايەت زور «ئەقىل كۆچىشى» (brain drain) نى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق ۋە پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى سەۋەبىدىن يەنىلا يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشىلەرنىڭ بىرىنچى تاللىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. گەرچە خىتاي ئەمەلدارلىرى تالانت ئىگىلىرىنى «ۋەتەن»گە چاقىرىش ئارقىلىق جەلپ قىلىشقا ئۇرۇنسىمۇ، لى پەقەت ئەركىنلىك ۋە ئامېرىكا ئۇسلۇبىدىكى مائارىپ ۋەدىسىلا كىشىلەرنى ھەقىقىي قايتۇرۇپ كېلەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. مەھبۇبانى بولسا ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ شىركەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى سۈپىتىدە ساتيا نادېللا (Microsoft) ۋە سوندەر پىچاي (Google) نى مىسال قىلىدۇ، بۇ ھالەت ئامېرىكا ئۈچۈن غايەت زور رىقابەت ئەۋزەللىكى ئاتا قىلىدۇ.
- يېڭىلىق يارىتىش مەدەنىيىتى: ئامېرىكا دۇنيادىكى بىرىنچى نومۇرلۇق يېڭىلىق يارىتىش مەدەنىيىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە، بۇنىڭدا ئامېرىكىنىڭ داڭلىق (Ivy League) ئۇنىۋېرسىتېتلىرى مۇھىم رول ئوينايدۇ.
خىتاينىڭ ئىككى ئاجىزلىقى
- ئامېرىكا سودا ساھەسىنى ياتلاشتۇرۇپ قويۇش: خىتاي ئامېرىكا سودا ساھەسىدىكى قوللاشلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق ئۆتكۈزدى. خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئامېرىكا سودا ساھەسىنىڭ خىتايدىن يىراقلىشىشى چوڭ بىر زىياندۇر. ئىلگىرى ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋاشىنگتوندىكى خىتايغا قارشى سىياسەتلەرنى يۇمشىتىدىغان بىر «تورمۇز» رولىنى ئوينايتتى، لېكىن خىتاينىڭ يېقىنقى سىياسىي خاتالىقلىرى بۇ قوللاشنى يوقاتتى.
- نوپۇسنىڭ ئازىيىشى: خىتاي تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن كەلگەن ئېغىر نوپۇس كرىزىسىغا دۇچ كەلمەكتە. مەھبۇبانى خىتاينىڭ «بېيىشتىن بۇرۇن قېرىپ كېتىش» خەۋپى بارلىقىنى، بۇنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا توسالغۇ بولىدىغان چوڭ ئامىل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. كەلگۈسىدە خىتاي ئۆزىنىڭ «بىر پەرەنتلىك سىياسىتى»گە پۇشايمان قىلىدۇ. ئەرزان ئەمگەك كۈچى بايلىقى تۈگىگەندە، خىتاي ئىقتىسادى ئاستىلايدۇ. (لېكىن خىتاي بۇنى ھىس قىلىپ بولدى ۋە بىر پەرزەنتلىك بولۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇدى.)
ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئاجىزلىقى
- ئەتراپلىق ئىستراتېگىيەنىڭ كەمچىل بولۇشى: مەھبۇبانى ئامېرىكىنىڭ ئېنىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر پىلانى بولماي تۇرۇپ خىتاي بىلەن رىقابەتكە كىرىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھېنرى كىسسىنگېرنىڭ قاراشلىرىغا تايىنىپ، ئۇ بۇنداق يۇقىرى خەتەرلىك رىقابەتكە پىلانىسىز كىرىشنى «ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چېپىش» بىلەن باراۋەر دەپ قارايدۇ.
- بايلار ھۆكۈمرانلىقى ۋە جەمئىيەتتىن يىراقلىشىش: ئامېرىكا نوپۇسنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى %50 كىشىنىڭ كىرىمى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان توختاپ قالغان. بۇ بولسا جەمئىيەتتە، بولۇپمۇ ئاق تەنلىك ئىشچىلار قاتلىمىدا زور نارازىلىق ۋە غەزەپ ياراتتى، بۇ بولسا ئىچكى سىياسىي مۇقىمسىزلىقنى ۋە ترامپقا ئوخشاش پاپۇلىست (populist) شەخسلەرنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى
لى گۇاڭياۋ خىتاينىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ كۈچلۈك مەركىزى ھوقۇق تارىخى ۋە غەربتىكى ئەركىنلىك ۋە شەخسىيلىك (Individualism) تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى تەرتىپ، تەبىقە ۋە يۈز-ئابروينى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان كۇڭزى (Confucian) قىممەت قارىشى تەرىپىدىن شەكىللەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. لى تەھلىلىنىڭ يادرولۇق تۈۋرۈكى غەربنىڭ «ئۇنىۋېرسال قىممەت قارىشى»نى رەت قىلىشتۇر. ئۇ ئامېرىكىنىڭ «بىزنىڭ دېموكراتىك سىستېمىمىز ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى، بارلىق دۆلەتلەر ئاخىرىدا بۇنىڭغا ئەگىشىدۇ» دېگەن قارىشىغا ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلىدۇ. لىنىڭ قاررىشىچە، خىتايلار بۇ قاراشقا قوشۇلمايدۇ، ئۇلار ئۆز سىستېمىسىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ مۇقىم ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئارقىسىغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ دەپ قارايدۇ.
بۇنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، لى 2011-يىلدىكى ۋۇكەن خىتايدىكى بېلىقچىلار كەنتىدىكى كىچىك قوزغىلاڭنى مىسال قىلىدۇ. غەرب كۆزەتكۈچىلىرى بۇنى دېموكراتىك ھەرىكەت دەپ كۆرگەن بولسا، لى بۇنى بىر «ئىچىنى بوشىتۋېلىش» دەپ چۈشەندۈرىدۇ. ئۇ نامايىشچىلارنىڭ غەزىپىنى يەرلىك چىرىكلىككە قارىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بېيجىڭدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەتكە بولغان سادىقلىقىنى ساقلاپ قالغانلىقىغا دىققەت قىلغان. بۇ لىنىڭ تەپەككۇرىدىكى بىر ئورتاق تېمىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ: خىتاي خەلقى دۆلەتنى ئاغدۇرۇۋېتىشكە ئۇرۇنماستىن، بەلكى مەۋجۇت سىستېما ئىچىدە تۇرۇپ نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭلاشقا، لى كۈچلۈك مەركىزىي رەھبەرلىكتىكى بىر پارتىيەلىك ئەندىزىنىڭ خىتاينىڭ مۇقىملىق ئاساسى بولۇپ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
5000 يىلدىن بۇيان، خىتايلار پەقەت مەركەز كۈچلۈك بولغاندىلا دۆلەتنىڭ بىخەتەر بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ كەلگەن. خىتايدا «بىر ئادەم، بىر بېلەت» تۈزۈمى (دېموكراتىك سايلام) ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان شۇنداقلا خىتايلار بۇنى سىناپمۇ باقمايدۇ. يەنە كېلىپ خىتايلار تولىمۇ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ، باشقىلارنىڭ تۈزۈمىگە قىزىقمايدۇ.خىتايدا رەھبەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بار، رەھبەر نېمە دېسە قانۇن دېگەن شۇ.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت، لى گۇاڭياۋنىڭ قارىشىچە، پەقەت GDP رىقابىتىلا ئەمەس، بەلكى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنىڭ سوقۇشۇشىدۇر. ئۇ خىتاينىڭ بىر پارتىيەلىك دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ تېز قارار چىقىرىش ۋە سىياسەتلەرنى تىز يولغا قويۇشقا پۇرسەت بېرىدىغانلىقىنى، غەرب دېموكراتىيەسىنى پالەچ قىلىپ قويىدىغان «سىياسىي تىركىشىش ۋە پارتىيەۋى جېدەللەر»دىن خالىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
لى گۇاڭياۋنىڭ بارلىق كۆزىتىشلىرىنى بىر يەرگە باغلاپ تۇرىدىغان ئامىل— رەھبەرلىكتۇر. ئۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك رەھبەرلەرنىڭ دۆلەت مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ ۋە پۈتۈن دۇنيادا رەھبەرلىك سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئۆز مىراسىمۇ دەل مۇشۇ ئىشەنچ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ۋەزىپىدىن چۈشۈش قارارىمۇ، رەھبەرنىڭ دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ساغلاملىقى ئۈچۈن «ھوقۇقنى قاچان ئۆتكۈزۈپ بېرىش»نى بىلىشى كېرەكلىكىگە بولغان ئەقىدىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.
لى بارلىق دۇنيا رەھبەرلىرى ئىچىدە دېڭ شياۋپىڭغا ئەڭ قايىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ دېڭنى كوممۇنىستىك سىستېمىنىڭ مەغلۇپ بولۇۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىنتايىن رېئالىست بىر كىشى دەپ تەسۋىرلەيدۇ. دېڭ سىنگاپورنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى بىر ئەندىزە سۈپىتىدە كۆرگەن ۋە «كاپىتالىزمدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ باراۋەر جەمئىيەت قۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى» ھېس قىلغان.لى نىڭ قارىشىچە، دۇنيا كاپىتالىزم تۈزۈمى ئاستىدا تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ ۋە تېز تەرەققىي قىلىدۇ؛ چۈنكى ئەركىن بازار ھەر قانداق جەمئىيەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەشكىللەشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولىدۇر. بۈگۈنكى دۇنيا ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى جايغا ئايلانغان بولسا ۋە ئاچ قالغانلار ۋە ئىشسىزلار ئومۇمىي جەھەتتىن ئازايغان بولسا بۇ كاپىتالىزىمنىڭ تۆھپىسىدۇر.
لى دېڭ شياۋپىڭنىڭ 1978-يىلى سىنگاپوردا زىيارەتتە بولغانلىقىنى، ئۇ يەردىكى گۈللىنىش ۋە تەرتىپتىن ھەيران قالغانلىقىنى ئەسلەيدۇ. دېڭ قايتىپ بېرىپ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلارنى قۇرىدۇ ۋە خىتايلارغا «سىنگاپوردىن ئۆگىنىڭلار» دەيدۇ. لىنىڭ قارىشىچە، دېڭ شياۋپىڭدا كونا مۇھافزىكارلارنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي بىر دۆلەتنى ئۆزگەرتىدىغان «ئەقىل ۋە كۈچ» بار بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇ خىتاينىڭ «چوڭقۇر بىر ئورەك» كە چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.
ئامېرىكا خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى قوبۇل قىلالمايدۇ، لېكىن ئۇنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ. كەلگۈسى 20-30 يىل ئىچىدە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى تەڭپۇڭلىشىدۇ. بىرىنچى قېتىم خىتاي ئامېرىكىنى 12 دېڭىز مىلىلىق چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدۇ؛ ئىككىنچى قېتىم ئامېرىكىلىقلارنى 200 دېڭىز مىلىلىق مەخسۇس ئىقتىسادىي رايوندىن چىقىرىۋېتىدۇ. خىتاي بۇنى قىلالىغاندا ، بۇ رايوندىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە دۆلەتكە ئايلىنىدۇ. يادرو قوراللىرى سەۋەبىدىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا چوڭ ئۇرۇش پارتلاش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن. ئۇ 21-ئەسىرنىڭ كىمنىڭ تىنچ ئوكياندا ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قالالىغانلىقى بىلەن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، چۈنكى يەرشارى ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ يەرگە مەركەزلەشكەن. ئەگەر ئامېرىكا تىنچ ئوكياندىكى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمىسا، دۇنيانىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى ساقلاپ قالالمايدۇ.
ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ كرىزىس تەيۋەن مەسىلىسىدە كۆرۈلىدۇ. لېكىن ئامېرىكا تەيۋەننىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈنلا خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلمايدۇ. بىرىنچى قېتىم ئۇرۇشۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما ئامېرىكىلىقلار توختىماي ئۇرۇش قىلامدۇ؟ ئۇلار خىتاي تۆلىيەلەيدىغان بەدەلگە تەييارمۇ؟ بۇ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەس. ئۇنىڭ قارىشىچە، تەيۋەن مەسىلىسى ۋاقىت مەسىلىسىدۇر، ھېچقانداق دۆلەت بۇنى توسۇپ قالالمايدۇ.
تەيۋەنلىكلەرنىڭ پوزىتسىيەسىگە كەلگەندە، گەرچە كۆپىنچە تەيۋەنلىكلەر مۇستەقىل بولۇشنى ئويلىسىمۇ، ئەمما تەيۋەننىڭ تەقدىرى تەيۋەنلىكلەرنىڭ قولىدا ئەمەس، بەلكى خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ئەمەلىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئارىلىشىش-ئارىلىشماسلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
باشقا گىگانت دۆلەتلەر
ھىندىستان
لى ھىندىستاننىڭ دېموكراتىك تۈزۈمى ئۇنى خىتاينىڭ ئالدىدا تەبىئىي ئەۋزەللىككە ئىگە قىلىدۇ دېگەن قاراشقا گۇمان بىلەن قارايدۇ. ئۇ ھىندىستاننىڭ «بىر مىللەت ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن مىللەتلەر» ئىكەنلىكىنى، 320 خىل تىل ۋە 32 خىل رەسمىي تىلنىڭ ئۇنى ئارقىغا تارتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بېيجىڭدىكى بىر رەھبەرنىڭ سۆزى پۈتۈن مەملىكەتتە چۈشۈنۈلۈشى مۇمكىن، ئەمما دېھلىدىكى ھېچقانداق باش مىنىستىر پۈتۈن نوپۇسقا تەڭ يېتەلەيدىغان ئورتاق تىلغا ئىگە ئەمەس. لى ھەر بىر دۆلەتكە ھەممە ئادەم چۈشىنىدىغان بىر تىل زۆرۈردۇر، دەپ قارايدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، لى ھىندىستاننىڭ ئۇل ئەسلىھە جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكى ۋە تەشكىلىي خىرىسلىرىنى تەكىتلەيدۇ. ئەگەر ھىندىستان خىتايغا ئوخشاش ياخشى تەشكىللەنگەن بولسا، ئۇ باشقىچە سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان بولاتتى؛ لېكىن ئۇنىڭ دېموكراتىك سىستېمىسى خىتاي دۆلىتى ئاسانلا تاماملىيالايدىغان غايەت زور تۈرلەرنى تېز سۈرئەتتە يولغا قويۇشنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ.
روسىيە
لى گۇاڭياۋ روسىيەگە نىسبەتەن ئۈمىدسىز بولۇپ، ئۇنى سىستېمىلىق چېكىنىۋاتقان دۆلەت دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ئۇ بۇنى نوپۇسنىڭ ئازىيىشى، ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىكنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلىتىش ۋە ئومۇملاشقان ئۈمىدسىزلىك بىلەن باغلايدۇ. ئۇ شۇنى تىلغا ئالىدۇكى، ئامېرىكا ئۈمىدۋار ۋە بالىلارنى قارشى ئالىدۇ، ئەمما روسىيەلىكلەر تۇغۇلۇشتىن تېز ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ، چۈنكى تۇرمۇش ئېچىنىشلىق ۋە كەلگۈسى ئېنىق ئەمەس. روسىيەنىڭ ئىقتىدارى يادرولۇق قورال ئامبىرى ۋە ئېنېرگىيە بىلەن چەكلىنىدۇ؛ ئۇ دۇنيادىكى بىرىنچى دەرىجىلىك قۇتۇپ بولۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئىجادكارلىق ۋە نوپۇس ھاياتىي كۈچىگە ئىگە ئەمەس.
ياپونىيە
ياپونىيە خىزمەت كۈچىدىكى كوللېكتىپ روھ ئۇلارغا ئەۋزەللىك ئاتا قىلىدۇ. ئەمما ياپونىيەمۇ ئوخشاش بىر نوپۇس كرىزىسىغا دۇچ كەلمەكتە، ئەمما سەۋەبى كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىشتىن ئىبارەت. لى ياپونىيەنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ خەتەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىكىنى ۋە نوپۇسنىڭ ئازىيىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. 2055-يىلىغا بارغاندا، ياپونىيەدە بىر ياشانغان كىشىنى بېقىش ئۈچۈن پەقەت 1.2 ئىش كۈچ قالىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
لى بۇنى سىنگاپور بىلەن سېلىشتۇرىدۇ، سىنگاپور نوپۇسنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھىندىستان، خىتاي ۋە مالايسىيادىن كەلگەن «ياش، زېرەك كىشىلەر»نى ئاكتىپ قوبۇل قىلىدۇ. ئۇ ياپونىيەنىڭ مەدەنىيەت بىر گەۋدىلىكىدە چىڭ تۇرۇۋېلىشىنىڭ داۋاملىق توختاپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بولسا يۇقىرى سۈپەتلىك كۆچمەنلەر ئارقىلىق داۋاملىق كۈچىيىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ياۋروپا
ئاسىيانىڭ قەد كۆتۈرۈۋاتقان ئېنېرگىيەسى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئېلاستىكىلىق ھاياتىي كۈچىگە سېلىشتۇرغاندا، لى ياۋروپاغا نىسبەتەن تولىمۇ ئۈمىدسىز قارايدۇ. ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئورتاق كىملىك كەمچىل بولغان ۋە بىيۇروكراتلىق بوغۇپ قويغان كەمتۈك بىر سىستىما دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ ياۋرو (Euro) غا بولغان تەنقىدى ئالاھىدە ئۆتكۈر بولۇپ، ئۇ ئوخشىمىغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى بىرلا پۇلغا مەجبۇرىي تېڭىشنى «بالايى-ئاپەتنىڭ رېتسېپى» دەپ قارايدۇ.
ئىقتىسادتىن باشقا، لى ياۋروپانى ھاياتىي كۈچىنى يوقىتىش ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ دەپ باھالايدۇ. ئۇ نوپۇسنىڭ ئازىيىشى، قېرىشى ۋە تۆۋەن تۇغۇلۇش نىسبىتىنى — پاراۋانلىققا بەكلا كۆنۈپ قالغان ۋە 21-ئەسىردە ھاياتتا قېلىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان «بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر»دىن ئۆزىنى قاچۇرغان بىر جەمئىيەتنىڭ ئىسپاتى دەپ كۆرسەتكەن. ياۋروپانىڭ پاراۋانلىق تۈزۈمى ئۈنۈمسىزلىك ۋە ھەرىكەتسىزلىكنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ تۈزۈمنىڭ ئەڭ زىيانلىق تەرىپى، شەخسنىڭ تىرىشىش ئىرادىسىنى سۇسلاشتۇرىدۇ ياكى ئۆلتۈرىدۇ. يەنە كېلىپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بەك تېز كېڭىيىپ كېتىشى بىر خاتالىق. لىنىڭ قارىشىچە، ياۋروپانى جاپالىق يىللار كۈتمەكتە ۋە ياۋروپا ئەمەلىيەتتە دۇنيا سەھنىسىدە ئەھمىيەتسىز بولۇپ قالماقتا.
پايدىلانغان بەزى مەنبەلەر:
Books in Bytes. (n.d.). Lee Kuan Yew – One man’s view of the world | Books in bytes podcast.
Economic Insights. (n.d.). Lee Kuan Yew on the rise of China, US economy & geopolitics | Charlie Rose interview.
The Foreign Correspondents’ Club, Hong Kong. (n.d.). Club lunch: Kishore Mahbubani’s take on the structural strengths and weaknesses of the US and China .
