
بۇ يازمىدا بەشار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئارلىقتا سۈرىيە يېڭى ھۆكۈمىتى بېسىپ ئۆتكەن ئىجابى ۋە سەلبى جەريان قىسقىچە خۇلاسىلىنىدۇ. شۇنداقلا ھازىرقى ئۇمۇمىي سىياسى ۋەزىيەت ۋە سەۋەبلىرى ھەققىدە قىسقىچە ئانالىز يۈرگۈزۈلگەندىن كېيىن، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قاتمال ۋەزىيەتتىن چىقىشى ئۈچۈن نېملەرنى قىلىشى كېرەكلىكى تەھىلىل قىلىنىدۇ.
ئۆتكەن بىر ئايدا بىر مەزگىل جىمجىتلىقنى باشتىن كەچۈرگەن سۈرىيەدە بىردىنلا دۇزىيلەر، بەدەۋىيلەر، دائىش، ئىسرائىلىيە، كۈرتلەر، ۋە سۈرىيە يېڭى ھۆكۈمىتى قاتارلىق تەرەپلەر داخىل بولغان ئۇرۇشلار يۈز بېرىشكە باشلىدى. باشتا ئەڭ يېقىنقى تەرققىياتلارغا قاراپ باقايلى. سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سۇۋەيدا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن دۇرزىيلەر بىلەن بەدەۋىيلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتا 1200 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى مەلۇم بولۇپ، ھەتتا 4 – ئاۋغۇسىت كۈنى سۈرىيە ھۆكۈمەت قىسىملىرىمۇ ھۇجۇمغا ئۇچراپ كەم دېگەندە تۆت ئەسكەر قازا قىلغان. ھەم بەدەۋىيلەر ھەم دۇرزىيلەر ھەر ئىككى تەرەپ بىر – بىرىگە قارىتا كوللىكتىپ شەكىلدە مەھەللىلەردىن قوغلاپ چىقىرىش، ئوت قويۇش، قارا – قويۇق ئۆلتۈرۈش قاتارلىق رەھىمسىز ۋاستىلەرنى قوللانغان. ئىسرائىلىيە بۇ توقۇنۇشتا دۇرزىيلەرنىڭ ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى باھانە قىلىپ سۈرىيەگە بىر نەچچە قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى. بۇ توقۇنۇش يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئىچكى توقۇنۇش بولۇپ، يېڭى ھۆكۈمەتنى ئەڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ۋەقە بولۇپ قالدى.
31 – ئىيۇل كۈنى سۈرىيەدىكى كۈرت قوراللىق كۈچلىرى، يەنى سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى (SDF) دائىشنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ بەش كىشسىدىن ئايرىلغان. بۇنىڭدىن باشقا ھەلەپتە كۈرتلەر بىلەن سۈرىيە ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىمۇ توقۇنۇش بولغان. ھەر ئىككى تەرەپ بىر – بىرىنى باشتا ئۆزىنىڭ ئادەملىرىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىپلىگەن.
سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان سۈرىيە دېموكراتىيە تەشۋىقاتچىلىرى سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ، بەشار ئەسەد ئاغدۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق سايلام بولۇپ، بۇ يېڭى سايلام تۈزۈمىدە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى پرېزىدېنت تەيىنلەيدىغانلىقى، قالغان ئۈچتىن ئىككى قىسىمنىڭ يەرلىك سايلانغان ئورگانلار تەرىپىدىن سايلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. تەنقىدلىگۈچىلەر پرېزىدېنت ئەھمەد شارانىڭ سايلامنى كونترول قىلىۋېلىشىدىن، بۇ جەرياننىڭ ئوچۇق – ئاشكارە ۋە قانۇنلۇق بولماسلىقىدىن، ۋە بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى ھەممە تەرەپ ۋەكىللىك قىلغان سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ بارلىققا كەلمەسلىكىدىن ئەنسرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىر تەرەپتىن بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بەرسە يەنە بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەت ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئىشلارمۇ يۈزبېرىۋاتىدۇ.
ۋاشىنگتون ئىنستىتۇتىنىڭ (The Washington Institute) 4 – ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىيۇلنىڭ ئاخىرىدا يېڭى پرېزىدېنتى ئەھمەد شارانى سىياسەتەن كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى سۈپىتىدە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن 130 كىشىلىك يۇقىرى دەرىجىلىك سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى زور مەبلەغ سېلىش ۋەدىسى بىلەن شامغا كەلگەن. نەتىجىدە ئېنېرگىيە، تېلېگراف، پۇل – مۇئامىلە، بانكا ۋە مەبلەغ فوندى قاتارلىقلار ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى 47 كېلىشىم ئىمزالانغان. يەنە كېلىپ كونكرېت تەپسىلاتلىرى بىلدۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان سۈرىيەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا نەچچە يۈز مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، 31 – ئىيۇلدىكى خەۋەرگە قارىغاندا سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېقىندا تۇنجى قېتىم موسكۋادا زىيارەتتە بولغان ۋە بۇ ئەسەدنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىتىپاقدىشى بولغان روسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئوڭشاشقا ئاكتىپ قەدەم ئاتقانلىقىنىڭ سىگىنالى دەپ قارالماقتا. زىيارەت بەشار ئەسەد ھۆكۈمىتى دەۋرىدە رۇسىيە بىلەن تۈزۈلگەن ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كېلىشىملەرنىڭ داۋام قىلىشى، شۇنداقلا روسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي بازىلىرىنى ساقلاپ قېلىش قاتارلىق تېمىلارغا مەركەزلەشكەن. روسىيە سۈرىيەنىڭ ئىلگىرىكى كېلىشىملەرگە قايتا قاراپ چىقىدىغانلىقى شۇنداقلا سۈرىيەنى قايتا قۇرۇپ چىقىشقا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. يىغىندا يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا قىلغان ھۇجۇملىرى تىلغا ئېلىنىپ، ھەر ئىككى دۆلەت سۈرىيەنىڭ بۇ ئەھۋالنى سۈرىيەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تەھدىت دەپ ئەيىبلىگەن.
بۇلارنى يېڭى سۈرىيەنىڭ سىياسىي ئەھۋالىنىڭ كىچىك خۇلاسىسى دېسەك ئانچە خاتا بولمايدۇ؛ يەنى، ئىچكى جەھەتتىن تولۇق بىرلىكنىڭ كەملىكى، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەندىشىسى، تاشقى كۈچلەرنىڭ تەھدىدى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىپلوتىيە تىرىشچانلىقى. 2024 – يىلى 12 – ئايدا بەشار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ۋەيران بولۇشى سۈرىيە ۋەزىيىتىدە غايەت زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى. ئىلگىرىكى ھەيەت تەھرىر ئەلشام (HTS) نىڭ باشلىقى ئەبۇ مۇھەممەد ئەلجولانى، يېڭى ئىسمى ئەھمەد ئەلشارا (بۇنىڭدىن كېيىن ئەھمەد شارا دەپ ئېلىنىدۇ) باشچىلىقىدىكى قوراللىق كۈچلەر كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرئەتتە ھەلەب ۋە دەمەشىقنى تېزلا كونترول ئاستىغا ئالدى. 55 يىلغا يېقىن سۈرىيەنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەسەد بائاس ھۆكۈمىتى بىر پەشۋاغا يارىماي ئارقا – ئارقىدىن تەسلىم بولدى. بەشار ئەسەد بولسا رۇسىيەگە قاچتى. ئەھمەد شارا باشچىلىقىدىكى HTS سۈرىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق 13 يىللىق ئىچكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇردى. ئەمما ئۇل مۇئەسسەسسەلەر زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، دۆلەت ئىچىدە ۋە رايوندا تېخى ھېساب كىتابى تۈگىمىگەن بىر سۈرىيەنىڭ بېشىغا چىقتى. بۇ يېڭى ھۆكۈمەت ئۈچۈن بىر تەرەپتىن چوڭ بىر غەلىبە، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا مۈشكۈل بىر سىناق ۋە ۋەزىپەدىن ئىبارەت.
بۇ خىل مۇرەككەپ ئىچكى ۋە تاشقى ۋەزىيەتتە 2024 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن ھازىرغىچە بولغان مەزگىلدە، يېڭى ھۆكۈمەت سۈرىيەنىڭ ئىچكى جەھەتتىن ئىدارە قىلىش ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتتە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇلار:
- يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋە ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇش. 2024 – يىلى 12 – ئايدا، HTS ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. 2025 – يىلى 3 – ئايدا ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، يېڭى ئاساسىي قانۇندا قىز – ئاياللارنىڭ خىزمەت قىلىش ۋە مائارىپ تەربىيسى ئېلىش ۋە بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى بەلگىلەندى.
- 2025 – يىلى 3 – ئايدا ئىچكى كابېنت قۇرۇلغان بولۇپ، بىر خرىستىيان ئايال شۇنداقلا ئالەۋى، دۇرزى ۋە كۈرتلەرنىڭ ۋەكىللىرى مىنىستىرلار ئارىسىدىن ئورۇن ئالدى.
- 2025 – يىلى 5 – ئايدا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى – تەئەررۇز قىلىش قىلمىشىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى مەقسەد قىلغان ئۆتكۈنچى ئەدلىيە ئورگىنى ۋە مەملىكەتلىك يوقاپ كەتكەنلەر كومىتېتى ئېلان قىلىندى. پەتىۋا كېڭىشى يەنە بىر قانۇن ئېلان قىلىپ، «ئەدلىيە ۋە قانۇن رامكىسى سىرتىدا ئۆچ ئېلىش» نى چەكلىدى.
- قوراللىق كۈچلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بارلىق قوراللىق تەشكىلاتلارنى قورالسىزلاندۇرۇش ۋە تارقىتىش قارارىنى چىقىرىپ پەقەت يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوراللىق قىسىملىرىنىڭ قوراللىق كۈچىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. ئەسەد ھۆكۈمەت ئارمىيەسىدە ئىشلىگەن كىشىلەرنى كەچۈرۈم قىلدى ياكى كېسىم ئېلان قىلىندى.
- كۈرتلەرنىڭ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تەركىبىگە كىرىشىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرالمىغان بولسىمۇ 2025 – يىلى 3 – ئايدا پرىنسىپ جەھەتتە يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىشىشكە قوشۇلدى.
- سۈرىيەگە قارىتىلغان ئىقتىسادي ئىمبارگولار بىكار قىلىندى. ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە 2025 – يىلى سۈرىيەگە قارىتىلغان نۇرغۇن ئىقتىسادىي جازانى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇردى. دۇنيا بانكىسى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى 2025 – يىلىدىن باشلاپ سۈرىيە بىلەن قايتىدىن مۇزاكىرىلەشتى. دۇنيا بانكىسى سۈرىيە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تارماقلىرىغا 146 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم پۇلى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
- ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈش، تاموژنا ھەققىنى تۆۋەنلىتىش، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ھەمدە دۆلەت كارخانىلىرىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇشنى يولغا قويدى.
- دىپلوماتىيەدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلەش بارلىققا كەلدى. تۈركىيە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم قوللىغۇچىسىغا ئايلاندى. ئەردوغان 2025 – يىلى 2 – ئايدا ئەھمە شارا بىلەن كۆرۈشتى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ ھۆكۈمەت بىلەن رەسمىي دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئورناتتى ھەمدە 2025 – يىلى 7 – ئايدا دەمەشىقتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنى قايتا ئاچتى، ئەنگىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى شارا بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە «سىغدۇرۇشچان ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرۇش مەسىللىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
- ئامېرىكا HTS نى تېررور تەشكىلاتى تىزملىكىدىن چىقىرىپ تاشلىدى.
- يېڭى ھۆكۈمەت رۇسىيە بىلەنمۇ سۈرىيەدىكى بىر قىسىم ھەربىي بازىلىرىنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدە سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.
بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتىدىن تېز ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ بەزىلىرى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەھمەد شارا ھۆكۈمىتىگە سۇنغان ياردەمىنىڭ نەتىجىسى بولسا بولسا يەنە بىر قىسمى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ دىپلوماتىيەگە ماھىرلىقىنىڭ بەلگىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمما سۈرىيەدەك ئون يىلدىن ئارتۇق نەچچە دۆلەت، قوراللىق كۈچلەر ۋە تېررور تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭ مەيدانى بولغان بىر دۆلەت ئۈچۈن بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر دۆلەتنى باشقۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك بولالمايدۇ. شارا ھۆكۈمىتى يەنە دۆلەت ئىچى ۋە رايوندا بىر قاتار خىرىس ۋە كرىزىسلارغا دۇچ كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق چوڭ كۈچلەر شۇنداقلا ئورگانلار بىلەن مۇرەككەپ دىپلوماتىيە ئېلىپ بارماقتا. گەرچە ئەھمەد شارا ئاساسىي جەھەتتىن سۈرىيەنىڭ پرېزىدېنتى دەپ ئېتراپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما «سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتى تىنچلاندىمۇ؟» دېگەن سۇئالغا ھەئە دەپ جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ. كۈرتلەرنىڭ تېخىچە ھۆكۈمەتكە قېتىلماسلىقى، دۇرزىيلەر بىلەن بەدەۋىيلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش شۇنداقلا ئىسرائىلىيەنىڭ بومباردىمانى ۋەزىيەتنىڭ تېخى مۇقىملاشمىغانلىقىغا يېتىپ ئاشقۇدەك رېئال پاكىتتۇر. تېخىمۇ تەپسىلىيراق قىلىپ ئېيتقاندا سۈرىيە ھۆكۈمىتى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر مونۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش مەسىلىسى
گەرچە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئىلگىرى ئىدلىبنى مەركەز قىلغان بىر قىسىم رايونلارنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىسى بار بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش مەسىلىسىدە بەزى قىينچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. خەۋەرلەرگە ئاسالانغاندا، ھازىرقى ئىچكى ۋە تاشقى ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە ھەل قىلىشنىڭ قىيىنلىقىنى ھەتتا يېڭى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئېتراپ قىلغان. Citizens for a Secure and Safe America ئورگىنىنىڭ باش ئىستراتېگىيەچىسى مۇھەممەد ئەلانىڭ دەمەشىق زىيارەتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كونا ھۆكۈمەتتىن قېپقالغان باشقۇرۇش سىستېمىسى ناھايىتى چىرىك، شۇنداقلا قەغەز – قەلەم شەكلىگىلا تايانغان زامانىۋى «رەقەملىشىش» تولىمۇ تۆۋەن قەغەز ئاساسىدىكى سىستېمىغا زور دەرىجىدە تايىنىدۇ. يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قايسى مىنىستىرلىقلاردىكى ئەمەلدارلىرى بىردەك بۇھالەتتىن شىكايەت قىلغان بولۇپ، ناھايىتى «چارچاپ كەتكەنلىكلىرىنى» ئىپادىلىگەن.
سىغدۇرۇشچان دۆلەت سىستېمىسى مەسىلىسى
ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ باشتا ئەھمىيەت بەرگەن ئىشى بىخەتەرلىك مەسىلىسى ۋە ئاساسىي دۆلەت مۇلازىمەتلىرى بولغان. يېڭى ھۆكۈمەت 2012 – يىلىدىكى ئاساسىي قانۇننى بىكار قىلغان شۇنداقلا دۆلەتنى يەككە سىياسىي ۋە ھەربىي كۈچ ئەتراپىدا يېڭىدىن شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئەسەد دەۋرىدىكى پارلامېنت ۋە بارلىق بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. بۇ يەردىمۇ يەنە بىر مەسىلە بولۇپ، يېڭى ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قاتلىمى ھوقۇقنى ئۆز ئىچىدىكى ئاز بىر قىسم كىشىلەردىن باشقىلارغا بېرىشنى بەك خالاپ كەتمەيدىغانلىقىدۇر. ئەنگىلىيەدىكى Chatham House تەتقىقات مەركىزىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتىدا كۆپ ساندىكى قارارلار ئەھمەد شارا رەھبەرلىكىدىكى كىچىك بىر گۇرۇپپا تەرىپىدىن كونترول قىلىندىغانلىقى، ئەمما بۇ خىل «ئىدلىب مودىلى» نىڭ پۈتكۈل دۆلەتكە قارىتا ئىشلىمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يەنە بىر تەرەپتىن شارا ھۆكۈمىتى بەزى ئىسلاھاتلارنى باشلىغان. جۈملىدىن، سابىق ئەسەد ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن كىشىلەرنى كەچۈرۈم قىلىش ھەمدە ئوخشىمىغان دىن ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرلىكتە مەۋجۇتلىقىغا يول قويۇش ۋە قوغداش قاتارلىقلار. يېڭى ھۆكۈمەت يەنە، گەرچە نوپۇس تەكشۈرۈش ۋە مۇساپىرلار نوپۇسىنىڭ كۆپ بولۇشىدەك قىينچىلىقلار تۈپەيلى تۆت – بەش يىل كېچىكىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولسىمۇ، بىر قېتىملىق «خەلق يىغىنى» ۋە ئەڭ ئاخىرىدا سايلام ئۆتكۈزۈشنى پىلانلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىقتىسادىي مەسىلە
ھۆكۈمەت ئەسەدنىڭ ئاتالمىش سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش، تاموژنا ھەققىنى تۆۋەنلىتىش ھەمدە دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىراق، ھەقىقەتتە «%90 نوپۇس ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە تايىنىدىغان» ئېغىر ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بىر مەزگىل كېتىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
كىشىلىك ھوقۇق ئەندىشىسى
يېڭى ھاكمىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، دوكلات قىلىنغان ئالەۋىي، دۇرزىي ۋە خرىستىيان ئاممىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ۋەقەلىرى سادىر بولغان. مەسىلەن، 2025 – يىلى 3 – ئايدا ئاقدېڭىز قىرغىقىدىكى ئالەۋىيلەر كۆپ سانلىقنى ئىگەللىگەن لاسكىيە قاتارلىق شەھەلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 1000 دىن ئارتۇق پۇقرا قازا قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ئوخشاشلا، 2025 – يىلى 7 – ئايدا، سوۋەيدا ۋىلايىتىدە دۇرزىي – بەدەۋىي توقۇنۇشىدا 1200 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن. گەرچە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بۇ قىلمىشلارنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشكىللىگەن بولسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش ئورگىنى (Human Rights Watch) شارا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ ناھايىتى تار دائىرىدە ئىشلەيدىغانلىقى، مەسىلەن ئاساسلىق ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتلىرىگە مەركەزلىشىپ باشقا تەرەپلەرگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەيدىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
زېمىن پۈتۈنلۈك مەسىلىسى ۋە ئىچىدىكى كۈچلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت
گەرچە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغان ۋە خەلقئارادا بىر پۈتۈن سۈرىيە ھۆكۈمىتى ھەققىدە گەپ بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما قانداق بىرلىككە كەلگەن سۈرىيە دېگەن مەسىلىدە ھازىرغىچە بىرلىككە كېلىنمىدى. سۈرىيەدە ھازىر بىر قانچە قوراللىق گۇرۇپپىلار مەۋجۇت بولۇپ، يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت سۈرىيەنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىرلىككە كەلگەن دۆلەت بولۇپ تۇرۇش تۇرالماسلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بۇ قوراللىق كۈچلەر:
- سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى (SNA): تۈركىيە قوللىغان بۇ ئىتتىپاق ھەلەب ھۇجۇمىغا قاتناشقان. گەرچە سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى ئەھمەد شارا رەھبەرلىكىدىكى سۈرىيە دۆلەت قوراللىق كۈچلىرى بىلەن بىرلىشىشكە قوشۇلغان بولسىمۇ، لېكىن كۈرت قوراللىق كۈچلەر بىلەن بولغان تىركىشىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
- كۈرتلەر، يەنى سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى (SDF): ئامېرىكا قوللاپ كېلىۋاتقان بۇ قوراللىق گۇرۇپپا سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالغا مەركەزلەشكەن. بۇلار دەسلەپتە يېڭى سۈرىيە ئارمىيەسىگە قوشۇلۇشقا قارشى تۇردى ۋە مۇستەقىل قوماندانلىق قۇرۇلمىسىنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇردى. بىراق، 2025 – يىلى 3 – ئايدا ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلىپ يېڭى ھۆكۈمەتكە قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمما قانداق بىرلىشىش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ ۋە بۇلار يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى «مەركەزىيەتچى» دەپ تەنقىد قىلماقتا . ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئىككى تەرەپتىن كۈرتلەرغا يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىشىش ھەققىدە بېسىم قىلماقتا. لېكىن، ئامېرىكانىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە سۈرىيە مەخسۇس ۋەكىلى توم باراكنىڭ (Tom Barrack) گىپى بىلەن ئېيتقاندا ئۇلارنى «بىرلەشتۈردىغانلىقىنى، ياراشتۇرغۇچى بولىدىغانلىقىنى، ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئەمما كېلىشەلمەي قالسا بالا باققۇچىدەك ئوتتۇرىدا قاتراپ يۈرمەيدىغانلىقىنى» ئىپادىلىگەن. ئا ق ش مەيلى بايدىن ۋاقتىدا بولسۇن ياكى ھازىرقى ترامپ دەۋرىدە بولسۇن، كۈرتلەرنى دائىشنى يوق قىلىشتا ھەمكارلاشقان ئىتتپاقدىشى دەپ قارايدۇ. شۇنداقلا بىر تەرەپتىن سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىڭلار دەپ بېسىم قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن 2026 – يىلى ئۈچۈن بۇ كۈرت قوراللىق كۈچلىرىگە 130 مىليون دوللار ياردەم مەبلىغى تەستىقلىغان.
ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى
يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىمنى ئاساس قىلىشى، ھاۋا كۈچىنىڭ بولماسلىقى ياكى بار بولغانلىرىنىڭ ئەسەد ھۆكۈمىتىنى يىقىتىش جەريانىدا ئسىرائىلىيە تەرىپىدىن يوق قىلىنىشى بىر تەرەپتىن ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىغا ئامالسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن (ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە زېمىنىدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى ۋە جەنۇب تەرەپنى ھەربىيسىزلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا بىۋاسىتە جەڭ ئېلان قىلغانلىق بولىدۇ) بىرگە، يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەتنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى چەكلەپ تۇرماقتا (كۈرتلەرنىڭ مەۋجۇدلىقىغا ئوخشاش). بۇ يەنە بىر تەرەپتىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ سۈرىيە ئىچىدىكى مەۋجۇت قوراللىق كۈچلەر بىلەن ئالاقە باغلاش ئارقىلىق سىڭىپ كىرىشىگە يوچۇق ئېچىپ بېرىدۇ. شۇڭا بەزى تەرەپلەردىن تۈركىيە، ئامېرىكا، قاتار ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە تايىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
بۇ مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇق سەۋەبى ۋە ھەل قىلىش چارىسى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە باغلىق بولغاندىن سىرىت يەنە زور دەرىجىدە ئا ق ش، ياۋروپا ئىتتىپاقى، تۈركىيە، ئىسرائىلىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، رۇسىيە ۋە ئىران قاتارلىق خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق چوڭ كۈچلەرنىڭ سۈرىيەدىكى مەنپەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سۈرىيەدىكى نىشانلىرى ھەققىدە توختىلىش بەلكىم مەسلىنىڭ سەۋەبى ۋە ھەل قىلىش يولىنى چۈشىنىش ھەققىدە مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
كىمنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقى مەسلىسىگە كەلسەك :
سۈرىيە يېڭى ھۆكۈمىتى: شارا ھۆكۈمىتىنىڭ يادرولۇق نىشانى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇزىنى مۇستەھكەملەپ، سۈرىيەنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش. بۇ جەرياندا ئەسەد ۋە ئىراننىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى تازىلاش، بارلىق قوراللىق گۇرۇھلارنى بىرلا دۆلەت ئارمىيەسى ئاستىدا تەشكىللەش. بىرلىككە كەلگەن، ھوقۇق شامغا مەركەزلەشكەن سۈرىيە بەرپا قىلىش.
كۈرتلەر: كۈرتلەر رەھبەرلىكىدىكى سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى بىرلىككە كەلگەن سۈرىيە دۆلىتى ئىچىدە، ئىراقتىكى كۈرتلەرگە ئوخشاش تولۇق مۇستەقىللىق ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىلگەن ئاپتونومىيەگە ئېرىشىشنى نىشان قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى دائىشنى يوق قىلىش جەھەتتە چوڭ خىزمەت كۆرسەتتى دەپ قارايدۇ ۋە ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنى ئىتىپاقدىشى دەپ قارايدۇ.
تۈركىيە: ئەسەدنىڭ يىقىلىشىدىكى «ئاساسلىق غەلىبە قىلغۇچى» دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان تۈركىيە ئۇزۇندىن بېرى سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنى قوللاپ كەلدى ھەمدە يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئەنقەرەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى نىشانى تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك مۇساپىرلار كىرىزىسىنى ھەل قىلىش (دۆلەتنىڭ رەسمىي خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا تۈركىيەدە 2 مىليون 900 مىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرنى بار) ۋە كۈرت قوراللىق كۈچلىرىنى تۈركىيەگە خەۋپ يەتكۈزمەيدىغان ھالەتكە ئېلىپ كېلىشنى شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ رايونلۇق تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. شۇڭا تۈركىيە سۈرىيەنىڭ پارچىلىنىشغا يول قويمايدۇ. تۈركىيە سۈرىيە قوراللىق قىسىمىنى تەربىيەلەشكە ياردەم قىلىۋاتىدۇ ھەمدە شامدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنى قايتا ئاچتى. ئەردوغان شارا بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا سۈرىيەنىڭ پارچىلىنىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا: ئامېرىكانىڭ نىشانى بىر تەرەپتىن ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىكى ئەسكىرى كۈچىنى ئازايتىش، يەنە بىر تەرەپتىن سۈرىيەنىڭ دائىش ۋە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تەسىر دائىرە تالىشىدىغان، ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزدىغان ئىچكى ئۇرۇش قاينىمغا كىرىپ قالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش. شۇڭا ئامېرىكا ھازىر ھەممىدىن بەك «رايىش» بولۇپ ھەممە تەرەپنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ كېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئىلگىرى گەرچە HTS نى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتكەن شۇنداقلا ئەھمەد شارانىڭ كاللىسى ئۈچۈن 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ھازىر بۇلارنىڭ ھەممىسنى بىكار قىلدى. ھەتتا ھازىر يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قۇرماقتا. ترامپ ھۆكۈمىتى سۈرىيە ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن «بىر مىللەت، بىر ئارمىيە، بىر دۆلەت» لىك ئەمما پۈتۈن ئېتنىڭ گۇرۇپپا ۋە دىنلارنى قۇچاقلايدىغان بىرلىككە كەلگەن سۈرىيە ۋىزىيونىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكا يەنە سۈرىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئارقا-ئىشىكتىن يېپىق سۆھبىتىنى قوللىماقتا ۋە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ نۇرماللىشىنى ياخشى دەپ قارايدۇ.
ئىسرائىلىيە : ئىسرائىلىيەنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى رايوندا ئىسرائىل ھېگىمونياسىنى بەرپا قىلىش، پۈتۈن دۆلەتلەردىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ۋە سىياسىي ۋە ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەرنى بۇنىڭغا قارىتا يۈرۈتۈش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش. شۇڭا ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرى «پارچىلانغان» ۋە «ئاجىز» سۈرىيە ئىستەيدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ۋە بۇ جەھەتتىن ئامېرىكانىڭ بىرلىككە كەلگەن سۈرىيە پىلانى بىلەن زىتلىققا ئىگە. 2024 – يىلى 12 – ئايدىن بۇيان، ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقنى كۈچەيتىپ، ب د ت گە تەۋە ئۇرۇشسىز رايونىنىڭمۇ بىر قىسمىنى ئىگىلىۋالدى ھەمدە دەمەشىقتىكى پرېزىدېنت سارىيى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىسترلىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا سۈرىيە ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە كەڭ كۆلەمدە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارماقتا. گەرچە بىر قىسىم دۇرزىي رەھبەرلىرى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە بۇ ھەرىكەتلىرىنى دۇرزىيلەرنى «قوغداش» ئۈچۈن دەپ كۆرسەتمەكتە. ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ئالون پىنكاس (Alon Pinkas) نىڭ قارىشىچە: «نېتانىياخۇنىڭ كۆڭلىدە يېڭى سۈرىيە دۆلىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئاجىزلىتىش ھەرقانداق شەكىلدىكى نورماللىشىشتىن كۆپ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ». ئىسرائىلىيە يەنە شارا ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيەگە تولۇق ئىشەنمەيدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئامېرىكاغا رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى بازىسىنى ساقلاپ قېلىشىغا يول قويۇشى ئۈچۈن ۋەزخانلىق قىلغان. ئەمما سۈرىيە ئىسرائىلىيە بىلەن «ئبىراھىم كېلىشمى»گە قېتىلسا ۋە گولان ئېگىزلىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ تەسىر دائىرسىدىكى رايون بولۇشىغا قوشۇلسا سۈرىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ياخشلىشى مۇمكىن.
ئىران: ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى چوڭ جەھەتتىن ئىران «قارشىلىق كۆرسىتىش ئوق مەركىزى» نىڭ «ئىستراتېگىيەلىك مەغلۇبىيىتى» دەپ قارالدى. چۈنكى، سۈرىيە ئىراننىڭ لىۋاندىكى ھىزبۇللاھقا ماددىي ئەشيا يەتكۈزۈش ۋە ئالاقە قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت ئىران ئەسەدنى قوللاشقا 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق مەبلەغ سالغان. ئىران گەرچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، سۈرىيەدىكى تەسىر دائىرىسىنى تاشلاپ بەرمەسلىكى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن سۈرىيەدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تېرىشىشى مۇمكىن.
رۇسىيە: ئەسەدنىڭ چۈشۈشى 2015 – يىلىدىن بۇيان ھەربىي جەھەتتە ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقان رۇسىيەگە نىسبەتەن «ئىستىراتىگىيەلىك مەغلۇبىيەت» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رۇسىيەنىڭ ھازىرقى ئاساسلىق مەقسىتى تارتۇس ۋە ھمېيمىمدىكى دېڭىز ئارمىيە ۋە ھاۋا بازىسىنى ساقلاپ قېلىش. يېڭى سۈرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۇسىيەنىڭ بازىسىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىدە «ئەگەر سۈرىيە مەنپەئەتكە ئېرىشەلسە» سۆھبەتلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. پۇتىن ئەھمەد شارا بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلەشكەن بولۇپ، ھەمكارلىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رۇسىيە يەنە رۇسىيەدىكى سۈرىيە پۇللىرىنى دەمەشىققە يەتكۈزۈپ بېرىش ئارقىلىق مالىيە ياردىمى بىلەن تەمىنلىگەن بولدى.
قاتار ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان: ئامېرىكانىڭ قوللىشى بىلەن بۇ ئىككى دۆلەت سۈرىيەنىڭ قايتا قۇرۇش جەريانىدا چوڭ رولى ئوينىماقتا. قاتار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى سۈرىيەنىڭ دۇنيا بانكىسى قەرزىنى تۆلەش ئارقىلىق سۈرىيەنىڭ يېڭى مەبلەغ سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىنىڭ يولىنى ئاچتى. قاتار UCC قۇرۇلۇش ۋە ئېنېرگىيە شىركىتى تۈركىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە سۈرىيەدە ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشقا 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئېنېرگىيە كېلىشىمى ئىمزالىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان بولسا شىمالىي قوشنىسى بولمىش سۈرىيەنىڭ مۇقىملىقى سەئۇدىينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىلەن باغلىنشلىق دەپ قارايدۇ. شۇڭا ترامپ سەئۇدىيغا كەلگەندە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مىليارد دوللارلىق سودىدىن سىرىت ئەھمەد شارانىمۇ چاقىرىش ئارقىلىق سۈرىيەنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە مۇھىم سۆھبەت قىلدى. بۇ سۆھبەتكە ئەردوغانمۇ تېلېفۇن بىلەن قاتناشتى. سۈرىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرى بىلەن كۆرۈشۈشى ناھايىتى كەم بولۇپ، شارانىڭ ترامپ بىلەن كۆرۈشۈشى ئۇنىڭغا ھەم دۆلەت ئىچىدە ھەم خەلقئارادا مەشرۇئىييەت (قانۇنيىلىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى) ئېلىپ كېلىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىنكاسى ئىزچىل ئېھتىياتچان ئەمما پراگماتىست. ياۋروپا 2025 – يىلى 2 – ئايدىن باشلاپ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش ۋە سۈرىيە خەلقىنىڭ دۆلەت ۋە ئىقتىسادىنى قايتا قۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن سۈرىيەگە قارىتىلغان كۆپ ساندىكى ئىقتىسادىي ئىمبارگونى تەدرىجىي بىكار قىلىدى. بۇ ھەرىكەت سۈرىيەلىكلەرگە ئىنتايىن ئاكتىپ سىگنال بەردى. بىراق ھەربىي جازا يەنىلا داۋاملاشماقتا، گەرچە ياۋروپا دۆلەتلىرى مىنىستىرلىرى سۈرىيە يېڭى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ يۈرسىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى HTS نى تېرور تەشكىلاتىنى تىزىملىكىدىن تېخى چىقارمىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈرىيە سىياسى ۋەزىيىتىنىڭ «تەرتىپلىك، تىنچ، كەڭ قورساق» شەكىلدە تەدرىجىي ئىزىغا چۈشۈشىنى تەكىتلىمەكتە.
يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى دۇچ كەلگەن بۇ قيىنچىلىقلارنىڭ بەزىلىرى ھەرقانداق يېڭى ھۆكۈمەت دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەر بولسا، يەنە بەزىلىرى بولسا يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ۋە بۇ سەۋەبتىن ھەل قىلىشى كېرەك بولغان مەسىلىلەردۇر. مەسىلەن، ئەسەد ھۆكۈمىتىدىن قېپقالغان بيوكراتلىق، چىرىكلىك ۋە قالاقلىق يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ مەسىلىسى ئەمەس، شۇنداقلا ئەگەر بۇرۇنقى ھاكىمىيەت سىستېمىنى شۇنداق باشقۇرۇشنى تاللىغان بولسا يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بۇنى ئۆزگەرتىشتىن چارچاپ كېتىشى نورمال. بۇ بىر كونا سىستېمىدىن يېڭى سىستېمىغا ئۆتۈش جەريانى بولۇپ ۋاقىت بىلەن ھەل بولىدىغان مەسىلە. ئەمما ھوقۇقنى تەقسىملەش، دىنىي، ئېتنىك ۋە مەزھەپ ئايرىمچىلىقنى تاشلاپ ھەممىنىڭ مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، كەڭ قورساق بىر سىستېما قۇرۇپ چىقىش يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ مەسلىسى شۇنداقلا سۈرىيەنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىدۇر. بۇ جەھەتتىن چەتكە قېقىلغان ياكى چەتكە قېقىلغانلىقىنى ھېس قىلغان گۇرۇپپىلارنى دۆلەت قۇرۇش جەريانىغا قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت ئورتاق سۈرىيە كىملىكى ۋە قىممەت قارىشىنى تىكلەپ چىقىش لازىم. كۆپ سانلىقلارنىڭ ئاز سانلىقلارنى ئېزىشىگە يول قويماسلىقى لازىم.
جولانىيدىن ئەھمەد شاراغا ۋە HTS دىن يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ئايلىنىش جەريانىدىكى ئىسلاھاتىنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. مەزھەپچى قوراللىق تەشكىلات كىملىكىدىن سىغدۇرۇشچان ھاكىمىيەت كىملىگە قاراپ ئىسلاھ بولۇشى ۋە ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتتىكى تىلىنى بۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇشى كېرەك. تاشقى سىياسەتتە خەلقئاراغا ياخشى سىگىنال ۋە دۆلەتنى باشقۇرالايدىغانلىقىغا ئائىت ئىشەنچ بېرىشى لازىم. تالىبانغا بېرىلمىگەن ئىمتىيازنىڭ بېرىلگىنىدەك ياخشى خەلقئارا مۇھىت ۋە پوزىتسىيەدىن ياخشى پايدىلىنىشى لازىم. ئىچكى جەھەتتە كۈرت، دۈرزىي، ئالەۋى ۋە خىرستىيانلار بىلەن بولغان مەسىلىدە ئېھتىياتچان بولۇشى، ھەم ئىچكى جەھەتتىن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ھەم تاشقى جەھەتتىن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ مېڭىش لازىم. بۇ بەلكىم مەسىلىنىڭ ئەڭ قىيىن نۇقتىسى بولۇشى مۇمكىن.
سۈرىيە بىلەن ئامېرىكا، تۈركىيە، ئىسرائىلىيە ۋە ئەرەبىستاننىڭ مەنپەئەتىنىڭ كىسشىش نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ بۇ دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئېلىپ بارالىشى كېرەك. ياكى بۇ دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇرەسسە قىلالايدىغان بولۇشى لازىم. مەسىلەن، ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىمىسا سۈرىيە ئۈچۈن تاشقى جەھەتتىن موقىملىق بولمايدۇ، ئەمما مۇناسىۋەتنى ياخشلاشتا دىققەت قىلمىسا ئىچكى قىسىمدىكى خەلقنىڭ ئەيبىلىشىگە ئۇچرايدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى سۈرىيە ھاۋا تەۋەلىكىنى ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە سۈرىيە خەلقىدىن جىق شىكايەت كەلگەن. كۈرتلەر مەسىلىسىدە ئۇلارغا ئاپتونومىيە ياكى ئۇنىڭغا يېقىن سىياسى كىملىك بەرسە تۈركىيە رازى بولمايدۇ، ئەگەر پۈتۈنلەي مەركەزگە بويسۇنۇڭلار دېسە ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇش لازىم بولۇشى مۇمكىن ۋە بۇ ئۇرۇشقا ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىلىشىشى مۇمكىن. بۇنىڭدەك يەنە نەچچىلىگەن زىل مەسىلىلەر مەۋجۇت. بۇ پۈتۈنلەي ئەھمەد شارا ھۆكۈمىتنىڭ قابلىيىتىگە باغلىق.
بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە «مۇنداق قىلىش كېرەك» دەپ يېزىپ قويۇش ئاسان بولغان بىلەن قىلىش تولىمۇ قىيىن. يۇقىرىدىكى ھەممە مەسىلە شۇنداق. ئۇزۇن يىل داۋاملاشقان سۈرىيە ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى جەڭگى – جىدەللەر جەريانىدا تەبىئىي شەكىلدە مىراس بولۇپ قالغان بۇ مەسىلىلەر ئەمدىلىكتە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. بۇ مەسىلىلەر جىددى، ئەمما مۇرەككەپ، چوڭ قابىلىيەت تەلەپ قىلىدىغان مەسىلىلەردۇر. ئەھمەد شارانى قىينايدىغان تەرىپى دەل مانا مۇشۇ، شۇڭا بۇنداق چوڭ مەسىلىلەرنىڭ تېخىچە ھەل بولماسلىقى سۈرىيە ۋەزىيىتنى ئىزىغا چۈشتى دەپ قاراشقا تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يېڭى ھۆكۈمەت بۇ ھەقتە تۈركىيە، ئامېرىكا، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن ئاكتىپ مۇناسىۋەت قۇرۇشى ۋە ئۇلاردىن ھەر جەھەتتىن مەسلىھەت ۋە ياردەم ئېلىشى كېرەك. چۈنكى، كۆرۈلۈپ تۇرغاندەك يۇقىرىدىكى مەسىللەرنى ھەل قىلىش يالغۇز يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.
پايدىلانغان خەۋەر مەنبەلىرى
- https://www.middleeasteye.net/news/one-killed-after-armed-groups-attack-syrian-security-forces-sweida
- https://www.middleeasteye.net/news/syrian-foreign-minister-russia-first-time
- https://www.middleeasteye.net/news/syrian-democracy-accused-elections-after-announcement-third-parliament-be-appointed
- https://www.middleeasteye.net/news/sweida-after-ceasefire-executions-mass-grave-voices-left-behind
- https://www.aljazeera.com/news/2025/8/4/syrias-kurdish-led-sdf-government-forces-clash-in-aleppo-province
- https://www.arabnews.com/node/2610669/middle-east
- https://www.washingtoninstitute.org/policy-analysis/promises-billions-confirm-saudi-political-support-syria
- https://www.middleeasteye.net/opinion/why-syria-needs-play-long-game-against-israel
- https://www.middleeasteye.net/opinion/syria-after-assad-why-israels-vow-protect-druze-hollow
- https://www.middleeasteye.net/news/syria-asks-turkey-defence-support-following-sweida-violence
- https://www.middleeasteye.net/news/sweida-after-ceasefire-executions-mass-grave-voices-left-behind
- https://www.middleeasteye.net/news/israel-strikes-damascus-different-vision-trump-syria
- https://www.middleeasteye.net/news/turkey-and-qatar-outsized-role-trump-new-middle-east
- https://www.middleeasteye.net/opinion/syria-after-assad-sharaas-delicate-balancing-act-israel
- https://www.middleeasteye.net/big-story/after-winning-war-can-syrias-new-leaders-rebuild-country
- https://www.middleeasteye.net/opinion/syria-eu-sanctions-relief-crucial-why
- https://www.middleeasteye.net/opinion/syria-fall-assad-winners-turkey-west-for-now
- https://www.middleeasteye.net/news/us-officials-discussed-merits-removing-bounty-hts-leader-abu-mohammad-jolani
- https://www.middleeasteye.net/opinion/how-syria-crisis-could-reshape-middle-east
- https://www.middleeasteye.net/news/has-ukraine-helped-syrian-rebel-offensive-aleppo
- https://www.middleeasteye.net/news/us-envoy-tom-barrack-accused-plotting-turkeys-partition
- https://www.middleeasteye.net/news/syrian-kurds-face-30-day-ultimatum-us-turkey
- https://www.middleeasteye.net/news/turkey-doesnt-have-many-options-against-israel-syria
- https://www.middleeasteye.net/news/syria-fear-israel-normalisation-could-plunge-country-back-war
- https://www.middleeasteye.net/news/syria-government-criticism-israel-use-air-space-attack-iran
- https://www.dw.com/en/what-are-israels-interests-and-objectives-in-syria/a-73313624
- https://www.dw.com/en/what-does-the-future-hold-for-syrias-kurds-and-to-what-extent-do-turkey-israel-and-the-us-have-a-say/a-73412807
- https://www.dw.com/en/amid-violence-in-syria-pressure-on-interim-government-grows/a-73386233
- https://ecfr.eu/article/topple-tame-trade-how-turkey-is-rewriting-syrias-future/#:~:text=Turkey’s%20leaders%20now%20seek%20to,Islamist%20radicalism
- https://commonslibrary.parliament.uk/research-briefings/cbp-10161
