يەر شارى خاراكتېرلىك توقۇنۇشلارنىڭ كۈچىيىشىگە، بولۇپمۇ ئىراندا كەسكىنلىشىۋاتقان ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى خىتاي ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىغا بۇرالدى.تېھراننىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىككى دىپلوماتىك ھەمكارلاشقۇچىسى بولغان رۇسىيە ۋە خىتاي، ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشىنى خەلقئارا قانۇنغا ئوچۇق-ئاشكارە خىلاپلىق قىلىش دەپ ئاتىدى. پۇتىن ئىران ئالىي رەھبىرى ئەلى خامېنېينىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىشىنى «ئىنسانىي ئەخلاقنىڭ بارلىق نورمىلىرىغا رەزىللەرچە خىلاپلىق قىلىش» دەپ سۈپەتلىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بولسا تېخىمۇ سىيلىق دىپلوماتىك تىل بىلەن ئىسرائىلىيەلىك كەسپدىشى گىدېئون سارغا (Gideon Saar) «كۈچ ئىشلىتىش مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلالمايدۇ» دېدى ۋە بارلىق تەرەپلەرنى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشقا چاقىردى.
بۇنىڭدىن باشقا خىتاي رۇسىيە بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ جىددىي يىغىن چاقىرىشىنى بىرلىكتە تەلەپ قىلدى. بۇ ئىنكاسلار ئىران، رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق مۇناسىۋەتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. موسكۋا بىلەن بېيجىڭ قوش تەرەپلىك كېلىشىملەرنى ئىمزالاپ، بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرلىرى ئارقىلىق ماسلىشىشنى كېڭەيتتى ھەمدە ئۆزلىرىنى ئۇزۇندىن بۇيان يېتىم قالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان «ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا تەرتىپ»كە قارشى بىرلىككە كەلگەن سېپىنى نامايەن قىلدى. گەرچە ئۇلارنىڭ كەسكىن بىر شەكىلدە ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرغان بولسىمۇ، ھېچقايسىسى ئىراننى قوللاش ئۈچۈن ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىمىدى.
بۇنىڭغا قارىتا نۇرغۇنلىغان ۋەزىيەتنى كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىران ھايات – ماماتلىق پەيتكە دۇچ كەلگەندىمۇ ئۈنۈملۈك ياردەم قىلمىغانلىقى ھەققىدە مۇنازىرە قىلماقتا. گەرچە ھازىر ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولسىمۇ ۋە بۇنىڭدىن كىين بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ياردەم قىلىشىنىڭ ئىھتىماللىقى بولسىمۇ، بۇ يازمىدا بولۇپمۇ خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن «ئېغىر بېسىق» ھەركەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تەھىلىل قىلىنىدۇ. يازمىنىڭ بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىككى بۆلۈمگە بۆلۈپ ئېلان قىلىنىدۇ.
ئىراننىڭ خىتاي ئسىتراتىگىيلىك ھەمكارلىق رامكىسىدىكى ئورنى
ئىران بىلەن خىتاي 1971-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. دەسلەپتە ئىراننىڭ ئسىلامىي بىر ھاكىمىيەت بولۇشى ۋە ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنى ئىكسپورت قىلماقچى بولۇشى خىتاينىڭ بۇ ھاكىمىيەتكە بەك يېقىنلاشماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ئىراننىڭ ھەم كاپتالىزىمنى ھەم كومىنىمىزنى رەت قىلىش شۇئارى بىلەن ئىرانمۇ خىتاينى ئىدىئولوگىيەلىك رەقىب دۆلەتلەر قاتارىغا تىزغان. بۇ سەۋەبلىك ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى بەك يېقىن بولۇپ كەتمىگەن. ئەھمەدى نىجاد دەۋرىدىن كىين ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە غەربنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى ئېمبارگولىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، زور بۇرۇلۇش بولدى. ياۋروپا شىركەتلىرى ئىران بازىرىدىن چېكىنىشكە باشلىغاندا، تېھران «ئاسىياغا يۈزلىنىش» ئىستراتېگىيەسىنى باشلىدى؛ بۇ جەرياندا خىتاي ئىران ئۈچۈن «ھاياتلىق تومۇرى»غا ئايلاندى. بۇنى مۇنداق بىر قانچە جەھەتلەردە كۆرۈش مۇمكىن:
- خىتاي ئىرانغا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېمبارگولىرىنى ئايلىنىپ ئۆتۈش ياكى ئۇنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردى.
- 2012-يىلىغا كەلگەندە، خىتاي ئىراننى بېنزىن بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق دۆلەت بولۇپ قالدى. جۇخەي جېنرۇڭ (Zhuhai Zhenrong)، يۇنىپېك (Unipec) ۋە سىنوشېم (Sinochem) قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرى يېقىلغۇ تەمىنلەپلا قالماي، ئىران نېفىتىنى ئۈچىنچى دۆلەتلەرگە سېتىشقىمۇ ياردەم بەردى.
- ئىران غەربنىڭ مالىيە سىستېمىسىدىن چەكلەنگەندە، خىتاي بانكا سىستېمىسى ئاساسەن ئوچۇق تۇردى. پۇل تۆلەش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىككى دۆلەت ئىران نېفىتىنى خىتاي ۋە ھىندىستاننىڭ ئاشلىق ياكى گۈرۈچىگە ئالماشتۇرۇشتەك بارتېر سودىسىنى قوللاندى ھەمدە سودىنى يۈەن قاتارلىق يەرلىك پۇللاردا ئېلىپ باردى.
- ياۋروپادىكى «توتال» (Total) غا ئوخشاش گىگانت شىركەتلەر توختاملىرىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ رولى ئادەتتىكى سودا شېرىكىدىن ئىراننىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سالغۇچى ئاساسلىق دۆلەتكە ئۆزگەردى. خىتاي شىركەتلىرى ئىراننىڭ نىفىت ۋە تەبى گاز كانلىرىنى ئېچىش ئۈچۈن چوڭ توختاملارنى ئىمزالىدى. شۇنداقلا، ئاراك نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ياردەم بەردى.
- خىتاي ئىراننىڭ تىرانسپورت ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سالدى. خىتاي ئىراننى كاسپىي دېڭىزى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە ئېقىمىنىڭ تىرانسپورت مەركىزى دەپ قارىدى. 2012-يىلى خىتاي ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلاندى؛ ئىراننىڭ ئېكسپورتى (ئاساسلىقى نېفىت) 17.6 مىليارد ياۋروغا، خىتايدىن كىرگۈزگەن ئىمپورتى 9.96 مىليارد ياۋروغا يەتتى.
2016-يىلى شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر ۋە ئىراندا زىيارەتتە بولغاندا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى «ئەتراپلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى»گە كۆتۈرگەن. بېيجىڭ بىلەن تېھران 2021-يىلى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تېھران زىيارىتىدە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. بۇ زىيارەت جەريانىدا ئىككى دۆلەت «25 يىللىق ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالىغان بولۇپ، مەزكۇر كېلىشىمگە ئاساسەن، خىتاي ئىراننىڭ نېفىتىغا داۋاملىق ئېرىشىش بەدىلىگە، 25 يىل ئىچىدە ئىرانغا 400 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشقا ۋەدە بەرگەن. بۇ كېلىشىم ئادەتتە ۋاشىنگتون «يادرو كېلىشىمى»دىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىغا دۇچ كەلگەن ئىران ئىقتىسادىنى تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن ئېنتايىن مۇھىم دەپ قارالسىمۇ ئەمما خىتاينىڭ ئىرانغا ۋەدە قىلغان زور سوممىلىق مەبلەغلىرى كۈتۈلگەن سۈرەتتە ئەمەلگە ئاشمىدى.
25 يىللىق ھەمكارلىق كېلىشىمى يەنە ھەربىي مانېۋىر ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇچۇرلىرىدىن تەڭ بەھرىلىنىش ئارقىلىق ھەربىي ۋە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بېيجىڭ بىلەن تېھران يەنە تېررورلۇققا، قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ۋە چېگرا ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتلەرگە بىرلىكتە زەربە بېرىش كېلىشىملىرىنى تۈزگەن. خىتاي ئىرانغا ھېچقانداق خەۋپسىزلىك كاپالىتى بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى، پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاپچاسلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى قوللايدىغان تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنى ساتتى، شۇنداقلا تېخنىكىلىق ياردەم ۋە تەربىيەلەش بىلەن تەمىنلىدى. بەدىلىگە، ئىران خىتاينى ئەرزان باھالىق ئېنېرگىيە، دىپلوماتىك قوللاش، ئۇل ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىش ۋە پارس قولتۇقىدىكى دېڭىز ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى بىلەن تەمىنلىدى.
خىتاي ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تۆۋەندىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەھمىيەت بېرىدۇ:
- خىتاينىڭ ئىراندىن سېتىۋالىدىغان نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىرى خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. خىتاي-ئىران نېفىت سودىسى «ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتپەرەسلىك» بولۇپ ئامېرىكىنىڭ ئىمبارگوسى سەۋەبلىك سېتىلمىغان ئىران نىفىتىنى خىتاي ئەرزان باھادا سېتىۋالىدۇ. شۇنداقلا ئىران خىتاينىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشىغا ۋە نېفىت ئىمپورتىدا رۇسىيە ياكى سەئۇدى ئەرەبىستانغا زىيادە تايىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشىغا ياردەم بەرمەكتە.
- ئىراننىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان دۈشمەنلىك مۇناسىۋىتى ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى ۋە بايلىقىنى باشقا تەرەپكە بۇراپ، خىتايغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى چېچىۋېتىدۇ.
- ئىران خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافغانىستاندىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن بىر كىرىش نۇقتىسى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ.
ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى بۇ زىچ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئەلۋەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە. ئەمما دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇقتا شۇكى، خىتاي دۇنيادا خېلى كۆپ دۆلەت بىلەن بۇ خىل مۇناسىۋىتى بار. يەنى خىتاي ئۈچۈن ئىران بولۇپمۇ تىجارەت جەھەتتە ئۇنچە مۇھىم ئەمەس. ئەمما ئىراننىڭ ھازىرقى خەلقئارا سەھنىدىن چەتكە قېقىلىۋاتقان بىر پەيتتە خىتايغا ئىقتىسادى، دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي جەھەتتىن بەكرەك ئىھتىياجى بار. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ئىران ئۈچۈن ئەھمىيىتى ئىراننىڭ خىتاي ئۈچۈن بولغان ئەھمىيىتىدىن كۆپ يۇقىرى.
خىتاينىڭ يەرشارى مىقياسىدا نۇرغۇن دۆلەت بىلەن ھەرخىل دەرىجىدە مۇناسىۋىتى بار. خىتاي تەرەپ مانا بۇ ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىگە قارىتا بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئوخشىمىغان سەۋىيەدە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرماقتا. بۇ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئەمەلىيەتتە شۇ دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ قانچىلىكلىكىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، تۆۋەندىكى خەرىتىدە كۆرسىتىلگەندەك، خىتاينىڭ ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى شۇنداقلا ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت سەۋىيەسىدە بولۇپ ، خىتاينىڭ رۇسىيە، پاكىستان بىلەن بولغان «ھەر قانداق شارائىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى» (all-weather strategic partnerships) دىن ، ھەتتا چاۋشىيەن شۇنداقلا قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن تۆۋەن تۇرىدۇ.

خىتاي يەنە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ ۋەزىنىگە قاراپ شۇ دۆلەتلەرگە زىيارەتكە بارىدۇ ياكى ئۇلارنى بىيجىڭدا كۈتىۋالىدۇ. بولۇپمۇ شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كىين خىتاينىڭ ئېشىۋاتقان دۇنياۋى تەسىرىىنى ئىشلتىپ ئۆزلىرى ئېمپىرىيە دەۋرىدىكى «ئولپان تۈزۈمى»گە ئوخشاپ كېىتىدىغان زىيارەت مودىلىنى تەرەققىي قىلدۇرماقتا. بۇنىڭغا ئاساسەن شى چەتئەل زىيارەتلىرىگە بەك كۆپ چىقمايدۇ، بەلكى باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىنى بىيجىڭغا چاقىرىدۇ ياكى ئۇلار كېلىدۇ. شى نىڭ چەتئەلگە زىيارىتى شۇ دۆلەتكە بېرىلگەن يۇقىرى ئىمتىياز دەپ قارىلىدۇ ۋە ئادەتتىمۇ مۇھىم دەپ قارالغان دۆلەتلەرگە زىيارەت قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، برۇكىڭس ئېنىستىتوتى تەرىپىدىن تەييارلانغان تۆۋەندىكى دىئاگىراممىدا كۆرسىتىلگەندەك، شى جىنپىڭنىڭ 2013-يىلىدىن بېرى ئىرانغا 2016-يىلى (بىرىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە) پەقەت بىر قېتىملا زىيارەتكە بارغان. ئىراننىڭ ئەڭ ئاخىرقى يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي زىيارىتىمۇ 2023-يىلى فېۋرالدا يۈز بەرگەن. بۇ زىيارەتتە شى جىنپىڭ بىلەن ئىراننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى مۇناسىۋەتلەرنى ئىستراتېگىيەلىك ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «سىرتقى كۈچلەرنىڭ ئىراننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش» مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.
شى جىنپىڭ ئەڭ كۆپ زىيارىتىنى بولسا رۇسىيە، قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك دۆلەتلىرى، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەرگە قىلغان. ھىندىستان، ۋىيتنام ۋە ھېندونىزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە قىلغان كۆپ قېتملىق زىيارەتلىرىنىمۇ كۆزدە تۇتقاندا خىتاي يېقىن قوشنىللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ھەممىدىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئامېرىكىغا قىلغان زىيارەتلىرىنى بولسا زىدىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۋەتمەسلىك ئۈچۈن دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. بۇ زىيارەتلەر خىتاي – ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە سىرتتىكى ئانالىزچىلار ئويلىۋالغاندەك ئۇ قەدەر يېقىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

يەنە كېلىپ چوڭ جەھەتتىن ئىككى تەرەپ شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتىدە بەزى چەكلىمىلەر مەۋجۇت. خىتاي ۋە ئىراننىڭ مۇناسىۋىتى قويۇق بولسىمۇ، بۇ شېرىكچىلىك رەسمىي ئىتتىپاقداشلىقتىن كۆرە پىراگماتىزىم (پايدىچىلىق) ئۈستىگە قۇرۇلغان. بېيجىڭ تېھران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۆزىنىڭ غەربتىكى مەنپەئەتلىرى بىلەن تەڭشەپ تۇرىدۇ؛
- ئامېرىكا بىلەن بولغان ئۆزئارا بېقىنىشلىق: خىتاي سودا ساھەسىدىكىلەر ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەركەت قىلدۇ، چۈنكى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى سودا شېرىكى. CNPC ياكى CNOOC غا ئوخشاش خىتاي ئېنېرگىيە شىركەتلىرى ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى كەڭ كۆلەملىك مەبلەغلىرىنى قوغداش ئىران تۈرلىرىدىن كۆپ پايدىلىق.
- ئېمبارگوغا تاللاپ ماسلىشىش: بېيجىڭ خەلقئارالىق بېسىملارغا پۈتۈنلەي سەل قارىغىنى يوق. 2012-يىلى خىتاي ۋاشىنگتون بىلەن بولغان سۈركىلىشنى ئازايتىش ئۈچۈن ئىران نېفىت ئىمپورتىنى %21 قىسقارتتى. يىتەكچى خىتاي شىركەتلىرى «كۈتۈش ۋە كۆزىتىش» تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، تۈرلەرگە قىزىقىش بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىككىلەمچى ئېمبارگولاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىجرا قىلىشنى كېچىكتۈرۈپ كەلمەكتە.
- ئىدىيەۋى ئورتاقلىقنىڭ كەمچىللىكى: ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئورتاق ئىدىيەۋى رامكا يوق ئىدى. مەسىلەن، ئىستراتىگىيلىك ھەمكارلىق مەۋجۇت بولسىمۇ، ئىران 2012-يىلى تەيۋەنگە نېفىت ئېكسپورت قىلىشنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى؛ بېيجىڭ بولسا ئىراننىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆرسىتىشى مۇمكىن بولغان تەسىرىدىن ئەنسىرەيدۇ.
بۇ يەرگىچە بولغان ئانالىز ئاساسلىقى ئىران-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىستىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ زادى قانچىلىكلىكىنى بىلىش ئۈچۈن رىئاللىقنى كۆرۈش كېرەك. ئەمما ئىراننىڭ خىتاي ئۈچۈن بەزى بىر دۆلەتلەر بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە مۇھىملىقى ۋە ياكى بەك مۇھىم ئەمەسلىكى، بۇ دۆلەتنىڭ خىتاي مەنپەتى ئۈچۈن مۇھىم ئەمەسلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. يازمىنىڭ 2- بۆلىمىدە ئىراننىڭ خىتاي ئۈچۈن قايسى دەرىجىدە مۇھىملىقى، خىتاينىڭ قانداق ئىستراتىگىيە قوللىنىشىنىڭ ئىھتىماللىقى ۋە بۇنىڭ سەۋەبى ئانالىز قىلىنىدۇ.
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
- Bhole, O. (2023, July 7). China’s «partnerships» with the world. ORCA
- Hass, R., & Matthias, A. (2026, January 27). How is China positioning itself as Iran’s regime teeters? Brookings Institution
- Aydogan, M. (2026, March 7). China weighing financial aid, weapons components for Iran amid war: Report. Anadolu Agency
- Firstpost. (2026, March 7). West Asia plunges into war after Israel and the US bomb Iran | Vantage with Palki Sharma | N18G [Video]. YouTube
- Halktv. (2026, March 7). ABD VE İSRAİL SAVAŞI BAŞLATTI: Reza Talebi, bölge ülkeleri için kâbus yaşatacak tabloyu açıkladı! [Video]. YouTube
- Kuang, W. (2026, March 8). ›People confuse China’s policy‹: Behind Russian, Chinese view on war in the Middle East. SBS News

(2) «ئىران بىلەن خىتاي 1971-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. دەسلەپتە ئىراننىڭ ئسىلامىي بىر ھاكىمىيەت بولۇشى» دېگەن بۇ جۈملە، «ئىراندا 1971 – يىلىلا ئاتالمىش بار ئىدى» دېگەندەك مەنە بېرىشى مۇمكىن، دەپ ئويلىدىم. ھالبۇكى، 1971 – يىلىنىڭ سېكىيۇلېر پەھلەۋى دەۋرى ئىكەنلىكى سىزگە تامامەن ئايدىڭ.
بۇ يەردە، «ئاتالمىش » ئىبارىسىنى قوللىنىشىمدىكى مەقسەت، مەن ئۆزىنىڭ ئاتالمىش ئىماملىرىنى پەيغەمبەرلەردىن ۋە پەرىشتىلەردىن ئۈستۈن ئورۇندا قويىدىغان بۇ رافىزىي شىئە ھاكىمىيىتىنى قۇرئان – سۈننەت بىلەن ئالاقىسى بار ئىسلامىي ھاكىمىيەت، دەپ قارىمايمەن. يەنە بۇ دىنىي نۇقتىدىمۇ توغرا بىر دىنىي ھاكىمىيەت ئەمەس.
ئىنكاسىڭىزغا رەھمەت. ئۇ سىزنىڭ قارىشىڭىز. سىز شۇنداق دەپ قارىسىڭىز بولىدۇ. ئەمما ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەپ قارايدۇ، شۇنداقلا سۈنئىيلەرنى سىز تەنقىد قىلغان شەكىلدە تەنقىد قىلىدۇ. بۇ ئايىغى چىقمايدىغان تالاش- تارتىش
مەۋجۇت ئۇيغۇرچە سىياسىي تەھلىل ماقالىلىرىنىڭ ئەڭ ئۈستۈن سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان يازمىلىرىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت. مەزكۇر ئېسىل يازمىڭىزغا كىچىككىنە مۇنداق ئىككى نۇقتىنى قىستۇرما قىلىشنىڭ ئازدۇر – كۆپتۇر پايدىسى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايمەن:
(1) ماقالىنىڭ ماۋزۇسىنى «ئىران خىتاي ئۈچۈن زادى قانچىلىك مۇھىم؟» دەپ ئېلىش ئۇيغۇر تىلى نۇقتىسىدىن تېخىمۇ مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟
ئىنكاسىڭىزغا كۆپ رەھمەت ئېرشات ئەپەندىم. توغرا دەيسىز، سىز دېگەندەك ئالسا بەكرەك توغرا بولىدىكەن.