
خۇددى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسىدىكى لىندسىي گىراھام ئىيتقاندەك، تىرامىپ بىلەن زېلىنسكىينىڭ ئۇچرىشىشى دەل بىر قازا بولدى. دۆلەت رەھبىرىگە خاس ھۆرمەت ۋە ئىھترام بولمغان، تەھدىد، ئىلاجسىزلىق، ئاتكاچىلىق ۋە ئوڭايسىزلىنىش بىر بىرىگە ئارلىشىپ كەتكەن ، تارىخنىڭ ئەڭ رەززىل- رەسۋا ئۇچرىشىشلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.
نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئامرىكا ۋە ئوكرائىينا مەسىلىسىنى ، بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىىتىنى تەھىلىل ۋە تەتقىق قىلىمىز؟ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۇلار بىلەن نىمە ئىشى؟
1. سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتكە بولغان قىززىقىش ۋە دۇنيانى چۈشىنىش ئۈچۈن تەھىلىل قىلىمىز.
2. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسى بىلەن ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتى بار.
قايسى جەھەتتىن مۇناسىۋىتى بار؟
ئا: خىتايدەك كۈچلۈك بىر دۆلەتكە قارشى ھەركەت ھەركەت قىلىۋاتقان بىر خەلق خىتايدىنمۇ كۈچلۈك بىر دۆلەتنىىڭ قوللىشى بولمىسا خىتايغا قارشى چوڭ نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.
ب: ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسى ئىنسان ھەقلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان داۋا. دۇنيادا بۇ ئىككى قىممەت قاراشقا قارشى ئەڭ كۈچلۈك تەھدىد شەكىللەندۈرەلەيدىغان ئىككى دۆلەت بار؛ بىرى خىتاي يەنە بىرى رۇسىيە. ئەمما بۇ قىممەت قاراشلارنى بىر قوللۇق تىكلگەن ۋە دۇنياغا يايغان دۆلەت ئامرىكا شۇنداقلا خىتايغا قارشى بۇ قىممەت قاراشلارنى قوغدىيالايدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەتمۇ ئامېرىكا.ئامېرىكانىڭ خەلقئارالىق ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى بۇ قىممەت قاراشلارنىڭمۇ قوبۇل قىلىنىش دەرىجىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى شۇنداقلا بۇ قىممەت قاراشلار ئاساسىدا ھەركەت قىلۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ داۋاسىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
س: ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ كۈچلۈك توسالغۇ خىتاي ھاكىميتى. شۇڭا ئامېرىكانىڭ تاشقىي سىياسىتى خىتاينى كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە قىلىدىغان ئىش بولسا بۇ بىز ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
مانا بۇ سەۋەب تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ تاشقىي سىياسىتى ئىنتايىن مۇھىم بەلگىلەش كۈچىگە ئىگە. تىرامىپ بولسۇن ياكى بايدىن بولسۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ھىچقانداق بىرىنىڭ كەتمىنىنى چېپىش مەجبۇرىيتى يوق ۋە ھەر قانداق بىرىنىڭ چاپىنىنى كۆتۈرگەنلىك تولىمۇ ھاماقەتلىك ۋە كۈلكىلىك ئىشتۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ بىزنىڭ تەخسىكەشلەكىمىزگە ئىھتىياجى يوق. ئەردوغان ۋە باشقا لىدىرلارمۇ ئوخشاش. بىز ئۇلارنىڭ يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ پەنجىرىسىدىن تۇرۇپ كۆزىتىشىمىز لازىم.
زېلىنسكىي ۋە تىرامپنىڭ ئۇچۇرشىشىغا كەلسەك، بۇ ئۇچىرشىش ھەقىقەتەن رەزالەت ئۇچرىشش بولدى. ترامپ ۋە جې دې ۋېىنسنىڭ تەھىدىد ۋە كۆزگە ئىلمىغان تەرقىدە گەپ قىلىشى دۆلەت رەھبىرىگە يارشىدىغان ئۇسلۇپ ئەمەس. زىېلىنسكىي رۇسىيەنىڭ تەھدىدىنى ئەمدى ھىس قىلىسىلەر، دېگەندە ترامپنىڭ سېنىڭ بۇنداق دەيدىغان سالاھىيتىڭ يوق، دىيشى دىپلوماتىك نازاكەتتىن يىراق بىر پوزىتسىيەدۇر. بىر دۆلەتنىڭ پىرزدىنتىنىڭ ، يەنە كېلىپ دۇنيادىكى ھەربىي جەھەتتىن ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتتىن بىرىگە قارىشى 3 يىل جەڭ قىلغان بىرىنىڭ بۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچىرشى ئادالەتسىزلىك شۇنداقلا سەۋىيەنىڭ نە قەدەر تۆۋەن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا ترامپ ۋە ئادەملىرىنىڭ دىپلوماتىيە تىلىدىن بەك خەۋەردار ئەمەسلىكى ياكى بەكلا ئاتكاچا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
يېقىندا مۇئاۋىن پىرزدىنت جې دې ۋېنىس مىيونخن بىخەتەرلىك يىغىنغا باردى. شۇ يەردىمۇ ياۋرۇپاغا دەرس ئۆتتى، گىرمانىيەدىكى فاشىست پارتىيەنى ماختىدى. لېكىن ياۋرۇپالىقلار كۈلۈش بىلەن ۋە تەنە ئارلاشقان دىپلوماتىك تىل بىلەن ئىشىمىزغا ئارلاشما دېگەن سىگنالنى بەردى. يەنى مەسىلىنى بۇنداق تومپايلارچە ئۇسۇلۇبتىن باشقا شەكىلدىمۇ ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بىر پىرزدىنىت زېلىنسكىيدەك بۇ قەدەر ئازارلانماسلىقى دۇنيانىڭ ئالدىدا خورلانماسلىقى لازىم. ئامېرىكا چوڭ دۆلەت ئىدى، ۋە چوڭ قالغان پېتى زىېلىنسكىينى ئۆپكەڭنى بېسىۋال دىيەلەيتى. ترامپ ۋە ۋىنسنىڭ پوزتىيسەسى ۋە كەمستىشكە تولغان گەپلىرى تولىمۇ ئاتۇقچە.
بۇنىڭدىن خوش بولغانلار خىتاي، رۇسىيە، ئىران ۋە چاۋشىيەن. نەخ گەپنى قىلغاندا ترامپ ھۆكۈمىتى ئوكرائىيناغا ئىھانەت قىلىۋاتىدۇ. گەرچە ئوكرائىينا ئۆزىنىڭ ۋەتىنى ئۈچۈن ئۇرۇشقان بولسىمۇ لېكىن بۇ ئۇرۇشتىن ئەڭ پايدا ئالغان تەرەپ ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى. چۈنكى رۇسىيە بۇ ئىككى كۈچ ئۈچۈن بىۋاستە تەھدىد ئىدى. ۋە ئوكرائىينا (تۇغرا) ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپانىڭ ياردىمىنى ئېلىپ ئۈچ يىل ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق رۇسىيەنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاتتى. ئاجىزلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى نېمە؟
1) 95 مىڭ رۇس ئەسكىرى ئۆلدى، 700 مىڭ ئەسكىرى يارلاندى ۋە چاۋشىيەندىن ئەسكەر ياردەم ئالىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى.
2) ئۆزىدە بار بولغان ئوق دورىلار يىتىشمەي خىتاي ، ئىران ۋە چاۋشىيەندىن ياردەم ئالىدىغان ھالەتكە كېلىپ قالدى.
3) ياۋرۇپادىن ئىبارەت گاز ۋە نىفىت بازىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. يەنە پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى زىيانلارنىمۇ تىلغا ئالغىلى بولىدۇ.
بۇلار ئامېرىكانىڭ ياردىمىسىز بولمايتى، ئەلۋەتتە. ئەمما ئامېرىكامۇ بىر مەنپەتى بولمىسا بىكاردىن بىكار ياردەم قىلمايدۇ. ئامېرىكا ئۈچۈن پايدىسى بولسا رۇسىيەنى ھەربىي جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرۇش، دۇنيانىڭ لىدىرى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىش ۋە داۋاملاشتۇرۇش . يەنەبىر تەرەپتى قورال-ياراقلارنىمۇ بىكارغا بەرمەيدۇ.
خەلقئارا مۇناسىۋەتتە كۈچلۈك ئاجىزلىق بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىنىڭ كۈچىنىڭ قانچلىك ئىكەنلىكى تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى، باشقا دۆلەتكە قارىغاندا قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىندۇ. شۇڭا رۇسىيەنىڭ ئەسكىرى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن خورىشى جەڭگە كىرمىگەن باشقا دۆلەتلەر قارشسىدا نىسبى ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنى رۇسىيە ئوكرائىينا ئۇرۇشىدىن چىققاندىن كىين باشقا بىر ياردەم بولمىسا ، ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكاغا چوڭ تەھدىد شەكىللەندۈرەلمەيدۇ. مانا بۇ ئوكرائىيانىڭ قىلىپ بەرگىنى. بۇنىڭ بەدىلىگە ئوكرائىينا دۆلىتىنى رۇسىيەگە قارشى قوغداپ قالالىدى. يىغىنچاقلىغاندا، بۇ ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھەمكارلاشقان ئىستراتىگىيلىك مۇناسىۋەت ئىدى.
ئەمدىلىكتە تىرامىپ ھەممە گۇناھنى بايدىنغا ئارتىپ ۋاز كىچىشى ھەتتا رۇسىيەنىڭ ئادۇۋكاتلىقىنى قىلىشى خىيانەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. يەنە كېلىپ 25-فىۋرال ب د ت دا رۇسىيەنىڭ ئوكرائىيناغا تاجاۋۇز قىلىشى مەسىلىسىدىكى بىلەت تاشلاشتا ئامېرىكا ئىككى قېتىم رۇسىيە ئۈچۈن بىلەت تاشلىدى. كىملەر بىلەن؟ رۇسىيە ۋە چاشىيەن بىلەن. يەنى چاۋشىيەندەك بىر دۆلەت بىلەن بىر سەپتە بولدى. بۇ ئامېرىكادەك چوڭ بىر دۆلەتكە پەقەتلا ياراشمايدىغان قىلىق. تۈكۈركىنى يالاشنىڭمۇ يولى، ئۇسۇلى ۋە چېكى بار. تىرامپ ئۆزىنىڭ شەخسىي خاراكترىنى ئامېرىكادىن ئىبارەت بىر دۆلەتكە تېڭىۋاتىدۇ. بۇ ئامېرىكانىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرىدۇ. ترامپ چىققاندىن كىينكى ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتى ئىسمىي جىسمىغا لايىق سىكاندال شەكلىدە ئىلگىرلەۋاتىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن ترامپ بۇ خىل يۈزسىزلىكنى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن دەيدۇ. يەنى ئوكرائىينا رۇسىيەگە زىمىننى بۆلۈپ بەرمىسە، يېڭلغىنىنى تەن ئالمىسا چوڭ ئۇرۇش ھەتتا 3-دۇنيا ئۇرۇشى چىقىدۇ. بۇ بىر جەھەتتىن توغىرىدەك ئاڭلانغان بىلەن يەنە بىر جەھەتتىن ساددا بىر مەنتىقە. تىرامپنىڭ يېىندىكىلرىمۇ قابىلىيەتسىز ئەمەس، ئۇرۇش چىقماسلىقى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئۇلارمۇ بىلىدۇ. چۈنكى رۇسىيەدە يادرو قورالىدىن باشقا ئۇرۇشتا غەلبە قىلغۇدەك باشقا قورالى يوق. ئەگەر بولسا بۇ ئۇرۇش بۇنچە ئۇزۇنغا سوزىلىپ كەتمەيتى. يادرو قورالنى ئىشلتىدىغان ئىشى بولسا چاۋشىيەندىن ياردەم ئالغۇدەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغۇچە ئىشلىتەتتى. لېكىن ئىشلەتمىدى. چۈنكى يادرو قورال ئىشلتىشنىڭ ئاقىۋىتىنى يىغشتۇرغىلى بولمايدۇ. ترامپ ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنىڭ قەيەردىن قەيەرگىچە ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىيەلەيدۇ، ئەمما بۇ يەردە پەقەت دۇنيا خەلقىگە باھانە بولسۇن ئۈچۈن تېخمۇ چوڭ ئۇرۇش چىقىدىغانلىقىنى ۋە تىنچلىق ئۈچۈن رۇسىيەگە ماقۇل دىيشى كېرەكلىكىنى بازارغا سېلىۋاتىدۇ.
بۇنداق قىلىپ تنچلىقنى قولغا كەلتۈرگىلى بولامدۇ؟ تارىخقا قارايدىغان بولساق مۇنداق ئىش بار؛ بىر تاجاۋۇچى دۆلەتكە ئىستگىنىنى بەرگەندە توختاپ قالغىنىنىڭ مىسالى يوق لېكىن ئىستگىنىنى ئالغاندىن كىين ئۇرۇشنى تېخمۇ كىڭەيتكەنلىكنىڭ مىسالى بار. مەسىلەن 1938-يىلى گىتلىر گىرمانىيەسى چىخسلوۋاكىيەدىكى گىرمانلار ياشايدىغان سۇدىتلەند دېگەن رايۇننى ئۆزىگە بېرىشنى بولمىسا پۈتۈن ياۋرۇپاغا ئۇرۇش ئاچىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىد سالغان. گرمانىيەنىڭ باھانىسىمۇ ھازىرقى رۇسىيەنىڭ باھانىسىغا ئوخشايتى، يەنى، چىخسلوۋاكىيەنىڭ سۇدىتلەند رايۇنىدىكىلەر گىرمان مىللىتى ئىدى ۋە ئۇلارغا زۇلۇم بولىۋاتاتتى. شۇڭا گىرمانىيە بۈيۈك گىرمان مىللىتنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ مەنپەتىنى قوغدىماقچى ئىدى. ئەنگىلىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەر گىرمانلارغا بۇ يەرنى بەرسەك ئۇرۇشنى كىڭەيتىشتىن توختايدۇ، دەپ قاراپ ماقۇل بولغان. شۇ ۋاقىتتىكى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى چىمبىرلىن گىرمانىيەنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن مىيونخىن يىغىندا گىرمانىيەنىڭ ئىشغالغا يول قويىدىغانلىقى ھەققىدە كېلىشكەن. بۇنى ترامپقا ئوخشاش «بۈيۈك تىنچلىق» ئۈچۈن ئېلنغان قەدەم دەپ تەرىپلىگەن. شۇنىڭ بىلەن گىرمانىيە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، لىكىن ئۆزى دېگەن سۇدىتلەندتە توختىمىغان، پايتەخت پراگانى ئىشغال قىلىپ بىر دۆلەتنى يۇتۋالغان شۇنداقلا يەنە ئۇرۇشنى ۋىنگىرىيەگە كىڭەيتكەن، نەتىجىدە 2ـ دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغان ….
ھازىر رۇسىيە قىرىم ۋە شەرقتىكى دونباس قاتارلىق رايۇنلارنى ئالغاندىن كىين توختايدىغانلىقىغا ھىچكىم كاپالەت بېرەلمەيدۇ. شۇڭا تىرامپنىڭ تىنچلىق دېگەن گىپى بىر باھانە. چۈنكى ترامىپتىن باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت مۇتەخەسىسلىرى مەسىلىنى بۇنداق ھەل قىلىشنىڭ تىنچلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قاراۋاتىدۇ.
باشتا دېگەندەك يىتىپ ئاشقۇدەك غېمىمىز بار ئۇيغۇرلارنىڭ ئوكرائىينانىڭ ئادۇۋكاتلىقىنى قىلىش ھەددىمىز يوق. لېكىن بۇ ئىش بىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا ئەتراپلىق ئانالىز قىلىشمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ بىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىسىمى خەلقئارا سىستىمدىكى مەۋجۇت كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلىشى بىلەن كىلىپ چىقۋاتقان ۋە چىقىدىغان پايدىسىز زەنجىرسىمان ھادىسىلەردۇر.
خەلقئارا سىستىما 200 گە يېقىن دۆلەتلەرنىڭ دۇنيانى ئوخشىمىغان شەكىلدە ئىدارە قىلىشىدىن شەكىللەنگەن سىستىمىدۇر. بۇ 200 گە يېقىن دۆلەتلەر ئارسىدا دۇنيا سىياستىگە ھالقىلىق تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئىككى چوڭ دەرىجىگە ئايرىلغان بىر قانچە دۆلەت ۋە ئىتتىپاق بار، بۇلار 1)دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۆلەتلەر: ئامېرىكا ، خىتاي، رۇسىيە، ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى 2) كۈچلۈك دۆلەتلەر يەنى ھىندسىتان، ئەنىگىلىيە، گىرمانىيە فىرانسىيە ۋە ياپۇنىيە. بۇ دۆلەتلەر ئۆز كۈچىدىن شەكىللەنگەن تەسىر دائىرسى يەنى خەلقئارالىق ئېغىرلىقى بىلەن دۇنيا سىياسىتىدە تەڭپۇڭ ھالەت شەكىللەندۈرۈگلىك. ئۇرۇش ۋە كىرزىس ئادەتتە مانا بۇ دۆلەتلەر ئارسىدا كۈچ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلغان ۋاقىتتا يۈز بېرىدۇ. 1900-يىلدىن ھازىرغىچە خەلقئارا سىستىمدا ئۈچ قېتىم كۈچ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇش يۈز بەردى؛
1. 1914- يىلى گىرمانىيەنىڭ باش كۆتۈرۈشى
2. 1933-1939 يىللىرى گىتلىر گىرمانىيەسىنىڭ شىددەت بىلەن باش كۆتۈرۈپ ھەربىي جەھەتتىن ئەنگىلىيە ۋە فرانىسيەنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشى ۋە ئوخشاش ۋاقىتتا ياپۇنىيەنىڭ تىنچ ئوكيان رايۇندا زورىيىپ ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ دېڭىز ئارمىيسدىن كۈچلۈك ئورۇنغا چىقىشى.
3. 1991- يىلى سوۋىتنىڭ يىقىلىشى
ھازىر 4- قېتىملىقى يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرماقتا. يەنى خىتاينىڭ تىز سۈرەتتە باش كۆتۈرۈشى ۋە ئامېرىكا بىلەن غەربنىڭ لىدىرلىق ئورنىغا تەھىدىد سېلىشى.
تارىخقا قارايدىغان بولساق، ھەر قېتملىق كۈچ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلغاندا چوڭ كىچىك ئۇرۇش بولاغلىق. مەسىلەن تەرتىپ بىلەن
1. بىرنجى دۇنيا ئۇرۇشى
2. ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى
3. ئوتترا شەرق ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشلىرى
كۈچ تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلىشى خەلقئارا سىستىمدا يېڭى باش كۆتۈرگەن كۈچنىڭ دۇنيانى ئۆزى خالىغان شەكىلدە تەرتىپلەش ئۇرۇنىشى بىلەن كونا تەرتىپ ئوتترسىدا توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە بۇ جەرياندا نۇرغۇن قان تۆكۈلىدۇ. ناۋادا خىتاي ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپانىڭ تەسىر كۈچىنى سىقىپ چىقرالىغۇدەك پۇرسەتكە ئىگە بولسا كونا سىستىمىنىڭ قوغدىغۇچىللىرى ۋە مەنپەتكە ئېرشكۈچىلىرى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن ئوخشىمىغان مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ. بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ بىر خەتەرنىڭ سىگىنالى بولىدۇ.
ترامپنىڭ رۇسىيە، خىتاي ۋە ياۋرۇپا ئىتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاشقى سىياسىتى مانا بۇ كۈچ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. بۇ بۇزغۇنچلىقنى كەلتۈرۈپ چىقرالايدىغان يەنە ئىككى ئەڭ چوڭ دۆلەت دەل خىتاي بىلەن رۇسىيەدۇر. شۇنداقلا خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىچىدە ۋە تېشىدا باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت. بۇ نوقتىدىن بۇ ئىشلارنىڭ بىز بىلەن مۇناسىۋىتى بار.
ئەگەر ترامپ ئوكرائىيانى سېتىپ رۇسىيەنىڭ ئىشغالىنى قوبۇل قىلسا دۇنيا ، ئەڭ مۇھىمى بىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر ھالەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن؛
1. باشتا دېگەندەك رۇسىيە يەنىمۇ شەرققە يەنى پايتەخت كىيۋگە ۋە ئۇنىڭدىن كىين مولداۋىيەگە قاراپ ئىلگىرلىشى مۇمكىن. چۈنكى مۇلداۋىيەدىمۇ رۇسپەرەس پارتىيە بار. يەنە بىر تەرەپتىن ئوكرائىينادا قىلغىنىنى قازاقىستان ۋە گروزىيەدە، شۇنداقلا بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىدىمۇ قىلىشى مۇمكىن. بۇ گىتلىرنىڭ سۇدىتلەندتە توختىمىغىنغا ئوخشايدۇ.
2. بۇنىڭىدىن ئىلھام ئالغان خىتاي تەيۋەنگە ھوجۇم قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى ترامىپ «تنچلىق» ئۈچۈن «كىچىك» نەرسىلەرنى قۇربان قىلىدۇ. دىكتاتۇرلارغا ئامراق. يەنە كېلىپ ترامپ ئۇرۇش قىلىش بىلەن، ئىتتىپاقداشلىرىنى قوللاش بىلەن خوشى يوق، پۇلنىڭلا گىپىنى قىلدىغان رەھبەر ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلۋاتىدۇ. شۇڭا خىتاي ترامپقا مەنپەت بېرىپ تەيۋەنگە ھوجۇم قىلسا بولىۋىرىدۇ. ھەتتا مەنپەت بەرمسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ترامپنىڭ ئۇرۇش ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى قوللاشقا قىززىقمايدۇ. تەيۋەن قولدىن كەتسە ئامېرىكانىڭ تىنچ ئوكياندىكى كۈچى چوڭ زەربە يەيدۇ. خىتاي بولسا گىلىغا تۇرۇپ قالغان ئەڭ چوڭ قىلترىقنى ئېلىۋەتكەن بولىدۇ. تەيۋەننىڭ ئىستراتىگىيلىك ئەھمىيتى ئايرىم بىر تېما، كىين ۋاقىت چىققاندا ئايرىم توختىلشقا توغرا كېلىدۇ.. لېكىن ھازىرچە تەيۋەننىڭ جۇغراپىيلىك ئورنى، ساھىپ بولغان تېخنىكىسىنى تىلغا ئېلىشلا قانچلىك مۇھىملىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن يىتەرلىك.
3. ترامپ بۈگۈنكى موشۇ يىغنىدىكىدەك رەزالەت بىر ھالەتتە ئوكرائىياغا ئىھانەت قىلسا، ئامېرىكانىڭ خەلقئارالىق مورال (moral) ئۈستۈنلىكى ۋە ئىشەنچلىك دەرىجسى يەرگە ئۇرىلىدۇ. ئامېرىكانىڭ ئىشەنچلىك بىر ئىتىپاقداش ئىكەنلىكىگە دۇنيا بۇنىڭدىن كىين ئىشەنمەيدۇ. ئەكسىچە ئامېرىكادىن يوقاتقان ئىشەنچنى خىتايدىن ئىزدەيدۇ. ئوكراينا مەسىلىسنى ھەركىم ھەرخىل تەھىلىل قىلىپ ترامپنىڭ ئاز بولسىمۇ يوللۇق تەرىپىنى كۆرسىتىپ بېرەلىشى مۇمكىن. لېكىن چوڭ جەھەتتىن بۇ ئىشنىڭ خەلقئارادىكى بىلىنگەن ئىسمى ئىھانەت ۋە خىيانەتتۇر. خۇددى بىزنى 1949-يىلى رۇسلارنىڭ ساتقىننىڭ ئۇلارنىڭ مەنتىقى بويىچە مەنتىقىلىق تەرىپى بولسىمۇ، دۇنيا بۇنى سوۋىتنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا سىتۋىتىشى دەپ بىلىگنىگە ئوخشاش.
4. باشتىكى يازمىدا تىلغا ئېلىنغاندەك ئامېرىكانىڭ خەلقئارا سەھنىدىن چىكنگەن ھەر بىر قەدىمى خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىدە ئىلگىرلىگەن قەدىمىدۇر. بۇ كۈچلەر تەڭپۇڭلىقى پىرىنسىپىدىكى بىرىنىڭ ئورنىنى يەنە بىرىنىڭ ئېلىش جەريانىدۇر ۋە تارىختىدىن بېرى موشۇنداق بولۇپ كېىلىگلىك. شۇنداقلا يېڭىنىڭ كونىنى ئېلىش جەريانىدا نۇرغۇن قان تۆكۈلۈش، ئىزىلىش ۋە ئادالەتسىزلىكلەر يۈز بېرىدۇ. ئامېرىكادىن بوشىغان بىر قەدەمگە خىتاي دەسسىگەندە ئوخشاشلا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يولى ئېتىلىپ ماڭىدۇ. بۇنى بەلكىم ھازىردىن باشلاپ ھىس قىلىۋاتىمىز.
5. رۇسىيە بىلەن خىتاينڭ كۈچىيىشى پۈتۈن خەلقئارا سىستىمدا ئۇيغۇرلارنى قوغداپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق، دىمكراتىيە، سۆز ئەركىنلكى قاتارلىق قىممەت قاراشلارنىڭ ۋە بۇنىڭ قوغدىغۇچىلىرى بولغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دۇنيادا دىكتاتۇرلۇق نۇرمال ھادىسە بولۇپ قوبۇل قىلىنشقا باشلايدۇ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسى ئېغىر كىرزىسقا كىرىپ قالىدۇ.
بۈگۈنكى خەۋەرگە قارىغاندا، ئامرىكا NED نىڭ ياردەم پۇللىرىنمۇ توختاتقان ۋە بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر داۋاسىغىمۇ پايدىسى بولىۋاتقان 2000دىن كۆپ كىشىلىك ھوقۇققا مۇناۋسىۋەتلىك ئورگانلار ۋە تۈرلەر كىرزىسقا كىرىپ قالغان. ياردەم بولمىسا پائالىيەت بولمايدۇ، پائالىيە بولمىسا ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازى بولمايدۇ، ئاۋاز بولمىسا داۋا بولمايدۇ. ئەگەر ترامپ ھۆكۈمىتى ھازىرقىدەك موشۇ پېتى ماڭسا چەتئەلدىكى ھىچقانداق ئۇيغۇر بىخەتەر بولالمايدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى بۇ سىياسەتلەر دۇنيا مىقياسىدا دىكتاتۇرلۇقنىڭ ئىشىشنى، ئادالەتنىڭ ۋە كىشلىك ھوقۇقنىڭ چەيلىنشىنىڭ نۇرماللىشىنى كەلتۈرۈپچىقىرىدۇ. تايلاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىمۇ ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە تايلاند-خىتاي-ئامېرىكا ئۈچ تەرەپ مۇناسىۋىتى بىلەن باغلىنشلىق تەرىپى بار،بۇ تېمىمۇ ئايرىم توختىلىشقا تىگىشلىك چوڭ ۋە مۇرەككەپ تېما.
يەنە كېلىپ بۇنىڭدىن كىين ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنە نېمە كۆڭۈلسىزلىكلەر بولىدۇ، بىلگىلى بولمايدۇ. تىرامپنىڭ دەۋرىدە تېخمۇ چوڭ پىشكەللىككە ئۇچرىماي قالساق خوش بولساق بولىدۇ. قالغىنىنى ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن نېمە دىيشىدۇ، ئاندىن كۆرىمىز. شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك 1) ترامپ 2018-يىلى ئوساكادىكى گ 20 يىغىنىدا شى بىلەن كۆرۈشكەندە شى كامپ ياساپ دەل توغرا بولغان ئىشنى قىلىۋاتىدۇ، دېگەن. ئاستىدىكى ئۇلىنىشتىن ئوقۇڭ، ياكى شۇ ۋاقىتتىكى ترامپنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان جون بولتوننىڭ (The Room Where It Happened) ناملىق كىتاۋىنىڭ 282-بىتىنى ياكى يوتىيوبتىكى ۋىدىئوسىدىن كۆرۈڭ. 2) ترامىپ شى جىنپىڭنى بىر نەچچە قېتىم ماختاپ ھالى قالمىغان.شىنى بۇ قەدەر ماختىغان يەنە بىر دۆلەت رەھبىرى ئاساسەن بولۇپ باقمىغان!
يىغىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتى، مەيلى ئوكرائىينا سىياسىتى بولسۇن ياكى ياۋرۇپا ئىتىپاقى سىياسىتى ئەلۋەتتە خىتاي سىياسىيتى بولسۇن بىز ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك مۇناسىۋەتلىك. يەنە كېلىپ ھەم ۋەتەندىكى ھەم چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن دىمكراتىيە، كشىلىك ھوقۇق، لىبرال دۇنيا سىستىمىسى بولمىسا داۋا ئاقمايدۇ. بۇ نەرسىلەر بۇلارنىڭ بەرپاچىلىرى بولغان غەرب ۋە ئامېرىكانىڭ كۈچلۈك بىر ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىغا ۋە خىتاينىڭ كۈچىيىپ كەتمەسلىكىگە باغلىق. ئۇيغۇرلار ھىچبىر لىدىرنىڭ گۇپپاڭچىلىقىنى قىلماسلىقى لازىم، بەلكى ئۇلارنىڭ قىلۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرىپگە قارىشى ۋە بۇ نوقتىلاردىن چىقىپ ئانالىز ۋە مۇئامىلە قىلىشى لازىم. ئۆلچىمى يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
تۆۋەندە ترامپنىڭ شى غا كامىپ ياسغىنى توغرا، دېگەن گىپىنىڭ مەنبەسىنى كۆرۈڭ
“According to our interpreter, Trump said that Xi should go ahead with building the camps, which he thought was exactly the right thing to do,” the book said.
يازمىغا قارىتا پىكىرىڭىز بولسا ئوتتۇرىغا قويسىڭىز بولىدۇ.
ئەگەر ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
پايدىلانغان ماتېرىياللار :
