
ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە ھوجۇم قىلىشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ بۇنىڭغا قاچان ۋە قانداق ئىنكاس قايتۇردىغانلىقى ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ قىززىق تېما بولۇپ قالىدى.
ئىران ھەربىي كۈچ جەھەتتىن ئوتترا دەرىجىلىك سەۋىيە قاتارىغا كىرىدىغان دۆلەت. لېكىن بۇ قېتىم ئىسرائىلىيەگە 300 دىن كۆپ ئۆز ئىشلەپچىقارغان باشقۇرۇلدىغان بومبا ۋە كامىكازى درونلىرى (ئۇرۇش دىرونلىرى بۇ جەھەتتە ئىككى خىل بولۇپ بىرى نىشاننى ئۇرۇپ قايتىپ كېلىدۇ؛ يەنى بىرى نىشاننى ئۆزى بىلەن بىللە پارتلىتىدۇ. ئىككىنجىسى كامىكازى درونى ياكى suicide drone دەپ ئاتىلىدۇ ) ھوجۇم قىلغان بولۇپ بۇ ئىنسانىيەت ئۇرۇش تارىخدىكى بىر دۆلەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ چوڭ درون ئۇرۇشىدۇر. شۇنداقلا ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرسىدىكى مۇساپە ۋە بۇ مۇساپىدە درونلارنى باشقۇرۇش تېخنكىسىنى نەزەردە تۇتقاندا ئىران يەنە تارىختىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك درون ئۇرۇشىنى قىلالىغان ۋە درونلارنى ئەڭ ئۇزۇن كونترول قىلغان دۆلەت بولۇپ قالدى. تەبئىي، بۇ باشقا دۆلەتلەر بۇنى قىلالمايدۇ، دىگەن مەنانى ئىپادىلىمەيدۇ. بەلكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇنداق ئۇرۇش قىلىشقا ھازىرچە ئىھتىياجى چۈشمىگەن خالاس. تېخنىكا جەھەتتىن ئامېرىكا، رۇسىيە، تۈركىيە، خىتاي ۋە ئىسرائىلىيە ئوخشاش كۆلەمدىكى ھوجۇمنى قىلىش قابىلىيتىگە ئىگە.
ئەلۋەتتە ھوجۇمنىڭ سەۋەبى ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەگە جايلاشقان ئىران كونسۇلخانسىنى بومبىلىشى ۋە ئىراننىڭ بەش نەپەر مۇھىم قۇماندانلىرىنى ئۆلتۈرۈشى بىلەن باشلاندى. ئىران بۇ ھوجۇمغا ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك ئىدى ۋە قايتۇردى. بولمىسا ئىران ھاكىمىيتىنىڭ ئۆز خەلىقى، ئىران قوللاپ كېلىۋاتقان قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئالدىدا يۈزى چۈشەتتى. ئەمما ئىراننىڭ ئىنكاسى، كىينراق، لېكىن تەخمىن قىلىنمىغان كۆلەمدە بولدى. ئىراننىڭ بۇ ھوجۇمنى ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىغا بىلدۈرۈپ تۇرۇپ قىلغانلىقىنى سۆزلەنمەكتە. شۇڭا ئىسرائىلىيە تەييارلىقنى پۈتتۈرۈپ ساقلاپ تۇردى ۋە ئىران ھوجۇمنى باشلىدى. ئىسرائىلىيە بۇ ھوجۇمغا قانداق قارشى تۇردى؟
ئۆزى يالغۇز قارشى تۇرمىدى. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە ئىئوردانىيە يېرىمغا يېقىن درون ۋە بومىنى ئېتىپ چۈشۈردى. قالغان قىسىمىنى بولسا ئىسرائىلىيەنىڭ داۋۇت رەگەتكىسى (David Sling)- ئەڭ كۆپىنى بۇ سىستىما ئېتىپ چۈشۈرگەن -ئوقيا (Arrow) ۋە تۆمۈر قۇببە (Iron Dome) ناملىق ھاۋا مۇداپىئە سىستىملىرى بىلەن ئېتىپ چۈشۈردى. ئىسرائىلىيە بۇ جەھەتتىمۇ ئىنسانىيەت ئۇرۇش تارىخىدا رىكورت ياراتتى. ئىراننىڭ بۇ كەڭ – كۆلەملىك ھوجۇمىدا پەقەت بىر ئىسرائىلىيەلىك قىز يارلانغان ۋە بىر ھەربىي بازسىنىڭ كىچچىككىنە يېرى زەخمىگە ئۇچرىغان. ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قابىلىيتى ئوكرائينانىڭ كۆزىنى قىزارتتى شۇنداقلا زېلىنسكىي ئامېرىكادىن بۇ خىل ياردەمنى ئوكرائىيناغىمۇ قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇنداقتا بۇ ئىسرائىلىيە ئۈچۈن تەنتەنە قىلغۇدەك غەلبە بولدىمۇ؟ جاۋابى- ياق. چۈنكى 1) ئىسرائىلىيە ئىراندىن تۇمشىقىغا يىگەن بولدى، 2) ئەڭ يامان بولغىنى ئىسرائىلىيەگە غايەت زور ئىقتىسادى زىيان بولدى. چۈنكى ئىران ئاتقان دىرونلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ باھاسى 20 مىڭ دوللار بولۇپ ، ھوجۇم باشلاتقان كۈنى ئىرانغا 56 مىلىيۇن دوللار چىقىم بولغان. لېكىن ئىسرائىلىيە ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە ئىئوردانىيە قاتارلىقلارنىڭ بۇ قوراللارنى ئېتىپ چۈشۈرۈشكە ئىشلەتكەن بومبىلىرىنىڭ ھەر بىرى تەخمىنەن 180-300 مىڭ دوللار ھەتتا بەزىلىرى بىر مىليۇن دوللار (داۋۇت رەگەتكىسى) بولۇپ پەقەت بىر كچىدىلا ئىسرائىلىيەگە تەخمىنەن 1.5 مىلىيارد دوللار زىيان بولغان. بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ يىللىق ھەربىي مۇداپىئە چىقىمنىڭ 6% گە توغرا كېلىدۇ.
شۇڭا، گەرچە ئىسرائىلىيە ئۆزىنىڭ ئەسكىرى كۈچىنىڭ قانچىلىك قالتىسلىقىنى دۇنياغا كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئىقتىسادى زىيان ھەزىم قىلالايدىغان دائىرىدە ئەمەس. بۇ سەۋەبتىن ئىسرائىلىيە ئىرانغا ئويلىمىغان يەردىن، ناھايىتى ئېغىر زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى ۋە 15- ئاپرىلدىكى خەۋەردە ئىسرائىلىيە ئىنتىقام ئېلىشقا قەسەم قىلدى.
بۇ يەردە بىر نوقتىنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئىران بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئالدىن كېلىشىۋالغانلىقىنى ۋە بۇ ھۇجۇمنىڭ ئىسرائىلىيەنى خەلقئارا بېسىمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى سۆزلىمەكتە،. يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىقتىسادى زىياننى ئويلىغاندا بۇنداق بىر ئويۇننىڭ بولۇشى ناتايىن. ئەگەر ئويۇن بولسا ئىدى، ئىران تېخمۇ كىچىك كۆلەملىك ھوجۇم قىلىسىمۇ يەنىلا مەقسەدكە يەتكىلى بولاتتى. ئەمما ئىراننىڭ بۇ ھوجۇمى بىلەن ئىسرائىلىيە ھەقىقەتەن بىر كچىدىلا پەلەستىن خەلقىگە رەھمسىزلەچە ھوجۇم قىلغان ۋە ئىرقى قىرغىنچلىق قىلغان دۆلەتتىن، رايۇندا تەرەپ- تەرەپتىن خىرىسقا ئۇچراۋاتقان، دۆلىتىنىڭ ۋە خەلقنىڭ ھايات ماماتى خەتەر ئىچىدە قالغان بىچارە دۆلەتكە ئايلاندى. ھوجۇمدىن كىين چاقىرىلغان ب د ت خەۋپسىزلىك يىغىندا ئىسرائىلىيە ۋەكىلى ئىراننىڭ پۈتۈن جىنايەتلىرىنى ئىران ۋەكىلىنىڭ يۈزىگە بىر-بىر سۆزلەپ ئۆتتى ۋە يىغىنغا قاتناشقان دۆلەت ۋەكىللىرىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ ئورنىدا بولسا قانداق قىلدىغانلىقىنى سورىدى. يىغىندىكى ئىسرائىلىيەنىڭ « داد- پەريادى» ۋە ھوجۇمدىن كىين شەكىللەنگەن خەلقئارا ئاتموسفىرا كىشىلەرگە خاماسنى ۋە پەلەستىن خەلقىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا يەتتى دەپ قارىساق بولىدۇ. بۇنىڭدىن كىين ئەمدى ئىسرائىلىيە غەززەگە قىلىغان ھوجۇمى ئۈچۈن ئەيىپلەنمەسلىكى ۋە بۇنىڭدىن كۈچ ئالغان ئىسرائىلىيە لىۋاندىكى ھېزىبۇللاغا كەڭ – كۆلەمدە ھوجۇم قىلىشى مۇمكىن.
تېمىمىزغا قايتىپ كەلسەك، خەۋەرلەردە دېيىلىشچە، ئىرانىنىڭ ھوجۇمىنى ھەزىم قىلالمىغان ئىسرائىلىيە بىر كۈندىن كىينلا ئىرانغا ھوجۇم قىلماقچى بولغان. دېيىلىشىچە، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە F-35 بىلەن ھوجۇم قىلىش پىلانلانغان. ئىسرائىلىيەدە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئۇرۇش ئايروپىلانى بولغان F-35 نىڭمۇ ئەڭ ئىلغار سىستىما سەپلەنگىنىدىن 75 ى بار بولۇپ ئۇرۇش قىلالايدىغان ھالەتتىدۇر. گەرچە ئىران بىلەن ئارلىقى 1724 كىلومىتر بولۇپ، بۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئۈچۈن بەك ئۇزۇن مۇساپە بولۇپ ھېسابلانسىمۇ، 2023 – يىلىدىن باشلاپ ئىسرائىلىيە F-35 گە بوشلۇقتىن ماي قاچىلاش قابىلىيتىنى ھازىرلاپ بولغان. شۇڭا ئارلىق توسالغۇ بولالمايدۇ. يەنە بىرى ئىسرائىليەنىڭ F-35 لىرى رادارغا چۈشمەيدۇ ۋە ئىراننى بومباردىمان قىلىپ قايتىپ كېلەلەيدۇ. بۇ ھوجۇمغا ئىئوردانىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا ساھەسىنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشلتىشىگە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئۇ كۈنى ھوجۇمغا ئامېرىكا پىرزدىنتى بايدىندىن « بۈگۈن ھوجۇم قىلساڭ بولمايدۇ» دېگەن تېلىفۇن كەلگەن. بايدىن ئەگەر ھوجۇم قىلسا ئامېرىكانىڭ ئارلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كۈزەتكۈچىلەر بايدىننىڭ سايلامغا ئاز قالغاندا ئۇرۇشقا كىرسە تىرامپ تەرەپدارلىرىنىڭ بۇنى باھانە قىلىپ ئەيپلىشدىن ۋە ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرى ۋە مۇسۇلمان سايىلىغۇچىلارنىڭ بېلىتىدىن ئايرىلىپ قېلىپ تىرامپقا ئۇتتۇرۇپ قويىشىدىن ئەنسرەپ ئىسرائىلىيەنى توسقان، دەپ قارىماقتا.
ئىسرائىلىيە بۇ تىلىفۇندىن كىين « موۋاپىق ۋاقىتتا ، ئەمما قاتتىق زەربە بېردىغانلىقىنى» بىلدۈردى. خەۋەلەرگە قارىغاندا ئىسرائىلىيە ئىرانغا « كىچىك كۆلەملىك،لىكىن ئەجەللىك شۇنداقلا ئىران كەڭ – كۆلەملىك قايتۇرما ھوجۇمغا ئۆتەلمەيدىغان» شەكىلدە ھوجۇم قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ يادرو قورال بازىللىرىنى پاچاقلاپ تاشلىشى شۇنداقلا ئىقتىسادى جان تومۇرى بولغان نىفىت بازىللىرىغا ھوجۇم قىلىشى مۇمكىن دەپ تەخمىن قىلىنماقتا. 16-ئاپرىلدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئىسرائىلىيە ئۇرۇش كابنىتى ئاللىبۇرۇن قەيەرگە قانداق ھوجۇم قىلدىغانلىقىنىڭ تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ بولغان. لېكىن ھوجۇم قىلدىغان ۋاقتى ھەققىدە مۇۋاپىق پەيتىنى تاللايمىز دەپ جاۋاب بەرگەن. ئىرانمۇ ئىسرائىليەنىڭ ھوجۇمىغا تاقابىل تۇرشنىڭ تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكى بىلىنمەكتە. ئۇنداقتا،ئىران ئىسرائىلىيەگە ئوخشاش ئۆزىگە قىلىنغان ھاۋا ھوجۇمىنى توسۇپ قالامدۇ؟
بۇنىڭ ئۈچۈن ئىراننىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستمىسىغا قاراپ چىقىش لازىم. ئىراندا نۆۋەتتە تۆۋەندىكى ھاۋا مۇداپىئە سىستمىللىرى بار:
1. ئارمان ناملىق ھاۋا مۇداپىئە سىستىمىسى – بۇ سىستىما 12 تال باشقۇرۇلدىغان بومبا ياكى درونغا ئوخشاش ۋاقىتتا زەربە بېرلەيدۇ. بۇ سىستىما يۆتكىلىشچان بولۇپ بىر جەڭ ماشىنسىغىلا ئورۇنلاشتۇرغىلى ۋە خالىغان يەرگە يۆتكىگىلى بولىدۇ.
2. ئازاراخش ھاۋا مۇداپىئە سىستىمىسى- بۇ تۆۋەن بوشلۇقتا ئىشلەيدىغان مۇداپىئە سىستىمىسى بولۇپ ئىران تەرەپنىڭ دىيشچە بۇ سىستىما ئىلغار رادار ۋە تېرمال ئىزدەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، درون ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش كىچىك قوراللارنى توسۇش ئىقتدارىغا ئىگە شۇنداقلا ھەم كىچە، ھەم كۈندۈزدە ئىشلەيدۇ. ئىران بۇ قورالىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم مۇداپىئە سىستىمىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
3. كوردات 3 ھاۋا مۇداپىئە سىستىمىسى- بۇ سىستىمىغا ئىراننىڭ ئۆزى ياسىغان باشقۇرۇلدىغان بومبىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئىران تەرەپنىڭ دىيشىچە، 2019-يىلى بۇ سىستىمىسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش درونىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن.
4. كوردات 15 ھاۋا مۇداپىئە سىستىمىسى- بۇ «3» نىڭ تەرەققى قىلدۇرۇلغان نۇسخىسى بولۇپ ئۇزۇب مەنزللىك باشقۇرۇلدىغان بومبا سەپلەنگەن. بىرلا ۋاقىتتا 6 نوقتىغا تەڭ ھوجۇم قىلىش ۋە كاشىلا پەيدا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئىران تەرەپنىڭ دېيشىچە، بۇ سىستما ئۇرۇش ئايروپلانى، درون ۋە 85 كىلومىتر ئۇزۇنلۇقتىن كۆرۈنمەس ئايرۇپلانلارنى بايقاپ ئېتىپ چۈشۈرەلەيدۇ.
5. رۇسىيەنىڭ S-300 مۇداپىئە سىستىمىسى- يەر يۈزىدىن بوشلۇققا ئاتىدىغان سىستىما بولۇپ باشقۇرۇلدىغان بومبا ۋە ئۇرۇش ئايروپلانلىرى بىلەن ماسلىشىپ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. رۇسىيەنىڭ بۇ سىستىمىسى باشتا 300 كىلومىتر دائىرىدىكى نىشاننى رادار بىلەن بايقايدۇ. ئاندىن بۇ ئۇچۇرنى سىستىما سەپلەنگەن جەڭ ماشىنسىغا يەتكۈزىدۇ. جەڭ ماشىنىسى ئۇچۇرنى ئانالىز قىلىپ سىستىمىغا باشقۇرۇلدىغان بومبىنى ئېتىش بۇيرۇقى بېرىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا ئالتە نىشانغا يۇقارقى ئۇسۇل بىلەن زەربە بېرەلەيدۇ. ئىران يەنە رۇسىيەنىڭ بۇ سىستىمسىغا ئوخشايدىغان ئەمما ئۆزى ياساپ چىققان باۋار 373 ناملىق يەنە بىر ھاۋا مۇداپىئە سىستىمىسىنىڭ بارلىقىنى سۆزلىمەكتە.
دېمەك ئىراندا نەچچە خىل ھاۋا مۇداپىئە سىستىمىسى بار. قەغەز يۈزىدە ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھوجۇمىغا تاقابىل تۇرغۇدەك كۈچى بار. ھىچبولمىغاندا ئامالسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالمايدۇ. لېكىن دىكتاتۇر دۆلەتلەرنىڭ بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار. ئۇ بولسىمۇ يالغان سۆزلەش، ھەيۋە قىلىش ۋە ئۆزىدە يوق نەرسىنى بار قىلىپ كۆرسىتىش. مەسىلەن،ئىران 2023- يىلى فاتتاخ ناملىق hypersonic باشقۇرۇلىدىغان بومىنى ياساپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان. hypersonic باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ سائەتلىك تىزلىكى 14 مىڭ كېلومىتر بولۇپ بۇ خىل دەرىجىدىن تاشقىرى تىزلىكى سەۋەبىدىن دۇنيادا مەۋجۇت ھاۋا مۇداپىئە سىستىمىلىرى ئېتىپ چۈشىرەلمەيدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئىرانمۇ بۇ بومبىسىنى ھىچنىمنىڭ توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان. شۇنداقلا بۇ قېتىم ئىران ئىسرائىليەگە ھوجۇم قىلغاندا بۇ hypersonic بومبدىنمۇ ئاتقانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن ئىسرائىلىيە ھەممىنى ئېتىپ چۈشۈردى. ئۇنداقتا بۇ رىئاللىقنىڭ يەكۈنى مۇنداق : يا ئىران hypersonic باشقۇرۇلدىغان بومبا بار، دەپ دۇنياغا يالغان سۆزلىدى؛ يا ئىسرائىلىيە hypersonic باشقۇرۇلدىغان بومبىنى ئېتىپ چۈشەرەلەيدىغان تېخنىكىغا ئىگە بولدى. شۇڭا ئىراننىڭ يۇقۇرىدىكى ھاۋا سىستىملىرى ھەققىدە يالغان سۆزلىمىگەنلىكىگە بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. يەنە كېلىپ ئىسرائىلىيەگە ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىمكانىيتىنىڭ بارىچە ياردەم قىلىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئىراننى ئىسرائىلىيە سەل چاغلاشقا پېتىنالمايدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا، ئىراننىڭ سۈرىيە، ئىراق، لىۋان، يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەردە قوراللىق تەشكىلاتلىرى بار. بۇنداق ئەھۋالدا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران پىلانى ئىككى خىل بولۇشى مۇمكىن.
1. ئىرانغا ھوجۇم قىلىش. بۇ پىلاندا باشتا دېيىلگەندەك ئىران ئۈچۈن ھەربىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن مۇھىم بولغان ئاتوم بومبىسى تەتقىقات بازىسى،درون مەركىزى، ھاۋا ئارمىيە بازىسى، نېفىت بازىسى ۋە يۇقىرى پەن – تېخنىكا مەركىزى قاتارلىق مۇھىم ئەسلىھەلىرىگە ھوجۇم قىلىشى مۇمكىن.
2. ئىراننىڭ تەسىر ئاستىدىكى قوراللىق تەشكىلاتلارغا، مەسىلەن ھېزىبۇللاھقا ھوجۇم قىلىشى مۇمكىن
پايدىلانغان مەنبەلەر:
