
بۇ يازمىدا ھ ت ش نىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئەسەد ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشىغا شارائىت ياراتقان كۈچ تەڭپۇڭلىقىنىڭ ئۆزگىرىشى، ھ ت ش نىڭ ئۆزلىرىنىڭ تاكىتكىسى، سۈرىيەنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قانداق قاراش ۋە سەۋەبى شۇنداقلا سۈرىيەنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى ئوخشىمىغان سىنارىيەلەر تەھىلىل قىلىندۇ.
ئىككى ھەپتىدىن بۇيان رۇسىيە – ئوكرائىينا ئۇرۇشى ۋە ئىسرائىلىيە بىر چەتتە قېلىپ دۇنيانىڭ دىققىتى سۈرىيەگە مەركەزلەشتى. چۈنكى دۇنيا ئەمدى ئەسەد بىلەن بىر ئۈستەلگە كېلىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىپ بولغان بىر پەيتتە، ئويلىمىغان يەردىن ھ ت ش رەھبەرلىكى ئاستىغا ئويۇشقان سۈرىيەدىكى قوراللىق كۈچلەر بىر ھەربىي ھەركەت قوزغاپ توختىماستىن ئىلگىرلەپ 10 نەچچە كۈن ئىچىدە پايتەخت دەمەشىقنى ئشىغال قىلىدى. بۇ ھەركەت ئۇ قەدەر تىز ۋە ئويلمىغان شەكىلدە تەرەققىي قىلدىكى، كىشىلەر نىمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە ئەسەد ھاكىميتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. بۇ ھەركەت يېقىنقى زامان تارىخدىكى مەۋجۇت بىر ھاكىمىيەتكە قارشى ئەڭ تىز تەلتۈكۈس غەلبە قىلغان ھەربىي ھەركەت بولۇشى مۇمكىن.
رۇسىيەنىڭ ئىلغار قوراللىرى، ئىستىخباراتى ۋە ئىراننىڭ ھەربىي كۈچى بىلەن قوراللانغان ئەسەد، پىكاپ ۋە نۇرمال قوراللار بىلەن قوراللانغان ئۆكتىچلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ بېقىشقىمۇ جۇرئەت قىلالمىدى. ئىشلارنىڭ تاساددىبىي ئويلىمغان شەكىلدە تەرەققىي قىلىشى ئاساسەن ھەممە ئانالىزچىلارنى خاتالاشتۇردى. ئۇرۇش باشلانغان 1- كۈنىدىن باشلاپ خەۋەر ۋە ئانالىزلىرىغا دىققەت قىلىدىغان بولساق ھىچبىرى ئەسەدنى قارشلىق قىلماي قاچىدۇ، دېمىگەن ئىدى. ھەر بىر شەھەر ئىشغال قىلىنغاندا ئەڭ قاتتىق جەڭنىڭ يەنە بىر شەھەردە بولىدىغانلقىنى دىيشكەن ئىدى. چۈنكى نۇرمال بولغان ئۇرۇش بۇ شەكىلدە بولاتتى. ئەمما ئەمەلىيەتتە بولغىنى كۈتۈلمىگەن يەنى بىنۇرمال بولدى. شۇڭا بۇ مەسىلىدە ئانالىزچىلارنى خاتا تەھىلىل قىلدى دەپ ئەيىپلەشمۇ توغرا ئەمەس.
ھەر قانداق سىياسىي ھەركەتتە خەلقئارالىق سىياسىي مۇھىت ۋە ئىچكى جەھەتتىكى دىنامىكا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. تۆۋەندە بۇ ھەركەتنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشىنى مۇمكىن قىلغان خەلقئارا ۋەزىيەتكە قاراپ باقايلى.
1. چوڭ جەھەتتىن ھ ت ش نىڭ ھەربىي ھەركىتىنى مۇۋاپقىيەت قازىنىش ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىغان سىياسىي ئاتموسفرا.
بۇ جەھەتتە ھەل قىلغۇچ رول ئويىغان ئامىللار ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكانىڭ ئىران، ھېزبۇللاھ ۋە رۇسىيەنى ھەربىي جەھەتتىن زور دەرىجىدە ئاجىزلىتىشى ، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ ئەسەدكە قارشى كۈچلەرگە «ئىجابى» قارىشى قاتارلىق ئامللاردۇر. تۆۋەندە بۇلارغا بىر ئاز ئىنچكە قاراپ چىقايلى.
رۇسىيە ياكى ئوكرائىينا ئۇرۇشى
ئوكرائىينا ئۇرۇشى. گەرچە رۇسىيە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن بۇ ئۈستۈنلۈك غايەت زور بەدەل بىلەن كېلىۋاتىدۇ. رۇسىيەدىن 600 مىڭ ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكى سۆزلەنمەكتە، ۋە بۇ سەۋەبتىن چاۋشىيەندىن ئەسكەر ياردەم ئېلىشقا مەجبۇر ھالغا چۈشۈپ قالدى. بۇنىڭدىن سىرىت قورال ياراق زاپىسمۇ زور دەرىجىدە خوراپ كىتىگلىك. ئەلۋەتتە بۇ ئەھۋال ئوكرائىينا ئۈچۈنمۇ ئوخشاش، لېكىن ئوكرائىيانىڭ ئۆزىدىن باشقا دەردى يوق. رۇسىيە بولسا ئوتترا شەرقتە سۈرىيەنى مەركەز قىلغان ۋە ئىراننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان گوروھنىڭ لىدىر دۆلىتى ۋە چوڭ ئىستراتىگىيەنى بەلگىلگۈچىسى. شۇنداقلا رۇسىيە ئىران بىلەن قوشۇلۇپ ئەسەد ھاكىمىيتىنىڭ ئىككى پۇتى ئىدى. ئەمما ئۇرۇشتىكى خوراپ ھالىدىن كىتىشى رۇسىيەنىڭ بۇرۇنقىدەك جانلىق ۋە ھەركەتچان ھالىتىنى يوق قىلدى. شۇڭا بۇ قېتملىق ئۇرۇشتا بىر ئىككى قېتىم بەزى نوقتىلارنى بومبىلىغاندىن سىرىت بىر ئىش قىلالمىدى. رۇسىيەنىڭ پاسسىپلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەنە بىر ئامىل بولسا ترامپنىڭ ئوكرائىينا ئۇرۇشىغا بولغان «تىنچلىقپەرۋەر» پوزىتسىيەسى. ئەگەر ترامىپ مەسىلىنى ھازىرقى ديىلىۋاتقان شەكىلدە ھەل قىلماقچى بولسا (يەنى توساتتىن ئۆزگىرىپ قالمىسا) ئوكرائىينا ئۇرۇشىدىن رۇسىيە «غەلبە» بىلەن چىقشى مۇمكىن. چۈنكى پۇتىننىڭ شەرتى ئىشغال قىلغان يەردىن چىقماسلىق. ئامېرىكانىڭ سۈلھ ۋە بىسىمى قىلىشى بىلەن ئازراق زىمنىلارنى قايتۇرۇپ بەرسىمۇ ررسىيە يەنىلا غەلبە قىلغان بولىدۇ. شۇڭا ترامپ پۇتىنغا «تىنچلىقپەرۋەر» سىگىنالى بېرىۋاتقان ئەھۋالدا سۈرىيەگە ئارلىشىپ قالسا ترامپمۇ رۇسىيە بىلەن ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ۋە بۇنىڭ پۇتىن ئۈچۈن ھىچقانداق پايدىسى يوق. رۇسىيە ئۈچۈن يەنە بىر سەۋەب بولسا ئىران ۋە ھىزبۇللاھنىڭ ئاجىزلاپ كىتىشى. بۇ ئىككى كۈچ سۈرىيە ئۇرۇشىدىكى ئاساسلىق قۇرۇقلۇق قىسمىنى تەشكىل قىلاتتى. بۇلارنىڭ بىرىنىڭ بىتچىت قىلىنىشى ۋە يەنە بىرىنىڭ ئاجىزلاشتۇرۇلىشى بىلەن قۇرۇقلۇقتا ھ ت ش غا قارشى ئۈستۈنلۈك يوق بولدى. بۇنداق ئەھۋالدا رۇسىيەنىڭ قىلالايدىغان ئىشى چەكلىك. قۇرۇقلۇقتىكى ئەسكەر بولماي تۇرۇپ ھاۋادىن ھوجۇپ قىلىپ غەلبە قازانغىلى بولمايدۇ. شۇڭا رۇسىيە بۇلارنى ئەستايىدىل مۆلچەرلەپ ئۇرۇشقا ئالاشماسلىقنى تاللىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ۋە ھېزبۇللاھنى ئاجىزلىتىشى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە يېقىنقى 6-7 ئاينىڭياقى لىۋاندا ھېزبۇللاھقا قارشى ھەربىي ھەركىتى بۇ تەشكىلاتقا ئېغىر زەربە بەردى. بۇ نۇرغۇن ئەزالىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى، بازىللىرىنىڭ، قورال ياراق ۋە ئۇل مۇئەسسەسەلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنشى ۋە ھەممىدىن مۇھىمى رەھبەرلىك قاتلمىدىكى غوللۇق لىدىر ئەزالارنىڭ يوق قىلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ھېزبۇللاھنىڭ ئەسلىگە كېلىشنى ناھايىتى قىين ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. يىللاردىن بىرى سۈرىيەدە ئەسەدنىڭ تايانچ كۈچلىرى ئەسلىدە ھېزبۇللاھ ۋە ئىران ئارمىيسى ئىدى.
ئىراننىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئاجىزلاشتۇرۇلىشى شۇنداقلا سۈرىيەدە ئەسەد بىلەن كېلىشەلمەسلىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىل بولۇپ ھىسابلىندۇ. ئىسرائىلىيە گەرچە ئىران بىلەن بىۋاستە ئۇرۇش قىلمىغان بولسىمۇ ئەمما ۋاكالەت ئۇرۇشى ۋە ئىستىخبارات ئۇرۇشى قىلدى. ئەگەر ئۇرۇش قىلدى دىيىش توغرا كەلسە ئىسرائىلىيەگە ئىككى قېتىم كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھوجۇمى قىلدى. ئەمما ھەر ئىككىسى ئىسرائىلىيە، ئامېرىكا ۋە ئىئوردانىىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىران خەلقى ۋە ئىسرائىلىيەگە قارشى كىشىلەرنى خۇشال قىلغان بولسىمۇ ئىران دۆلىتى ئۈچۈن بىر سىگىنال بولدى. يەنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھوجۇمىنى بىتچىت قىلىۋىتىش قابلىيتى بار، شۇنداقلا رايۇندىكى چوڭ سۈنئىي مۇسۇلمان دۆلەتلەر ۋاقتى كەلگەندە ئىسرائىلىيەگە ياردەم بېرىدۇ. شۇنداقلا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرى بىلەن نوقتىلىق زەربە بېرىش جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكى ئىرانغا چوڭ زەربە بەردى. ئسرائىلىيە بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئىران ۋە ھىزبۇللاھنىڭ نوقتىلىق ئادەملىرىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن يوق قىلدى.
بۇنىڭدىن سىرىت ئىران بىلەن ئەسەد ئوتتۇرسىدا كىينكى مەزگىللەردە بەزى مەنپەت توقۇنۇشى بولغانلىقى مەلۇم. ئىراننىڭ سۈرىيەنىڭ ھەم ئەمەلىي ئىقتىدارى ھەم دوستلۇقىغا ئىشەنمەسلىككە باشلىشى خېلى بۇرۇن باشلانغان. مەسىلەن ئىران سۈرىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىران ئىسلام ئارمىيسىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىنىڭ ھەركەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۇچۇرلارنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ قولىغا چۈشۈشى ۋە بۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ھوجۇمغا ئۇچۇرشىنى سۈرىيەدىن گۇمانلانغانلىقى بىلىنمەكتە. يەنە كىلىپ ئەسەد ئىراننىڭ گولان ئىگىزلىكىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى بازا قىلىپ ئىشلتىىش تەكلىۋىگە يېقىن كەلمىگەن. شۇنداقلا سۈرىيەدىكى شىئەلەرنىڭ تەسىر دائىرسىنى كىڭەيتىشىگە بەك يول قويۇپ كەتمىگەن. ئىران بىلەن ئەسەد ھاكىميتى ئوتتۇرسدىكى بۇ توقۇنۇشلار ھەقىقىدىكى ئانالىزلارغا قارىغاندا ئىران چوڭ جەھەتتىن مۇنداق بىر قانچە سەۋەب بىلەن ئەسەدكە ياردەم قىلمىغان.
1) سۈرىيە ئارمىيسىنىڭ يارامسىزلىقى: سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش قىلىشتىن ۋاز كىچىشى ۋە تىز سۈرئەتتە چېكىنىشى ئىراننى بىر تەرەپتىن ھەيران قالدۇرغان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن ھەربىي ياردەم بىلەن سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتىنى ئوڭىشاشنىڭ ئىمكانىيتى يوق ئىكەنلىكى قارارىنى بېرىشكە مەجبۇرلىغان.
2) ئەسەدنىڭ ئىران بىلەن پۇت تىپىشىشكە جۇرئەت قىلىشى. گەرچە يقىلاي دەپ قالغان ئەسەد ھاكىمىيتى ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ ياردىمىدە قايتىدىن ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، ئىراندىن ئەنسىرەشكە باشلىغان. بۇ سەۋەبتىن ئەسەدنىڭ كۈنسېرى ئىراننىڭ تەسىر دائىرىسىدىن مۇستەققىل بولۇش خاھىشى كۈچىيىپ ماڭغان. بۇنىڭ بىلەن ئىراننىڭ رايونلۇق ئىستراتىگىيسىگە ماسلىشىشنى رەت قىلىش ئارقىلىق ھەم ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرغان. يەنە كېلىپ تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيەلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇزاكىرىلەردە ناھايىتى قاتتىق تۇرۋالغان. ھەتتا ئەڭ چوڭ يۆلەنچۈكى ئىرانغىمۇ يۈز بەرمىگەن. بۇئەھۋالدا ئىران ئەسەد ھاكىميتىنى يۈلەشنىڭ پايدا زىيىنى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر بولغان. شۇنداقلا ئىران ئەسەد ھاكىمىيىتى ياخشى مەبلەغ سالىدىغان ھاكىمىيەت ئەمەس بەلكى يۈك بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ ۋە بايلىق سەرپ قىلماسلىق قارارىغا كەلگەن.
3) ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيىلىك پىلان: ئىران سۈرىيەدە ئەسەدنىڭ يىقىلغانلىقى رىئاللىقىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە بۇنىڭدىن كىين يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللارغا قارىتا يېڭىدىن ئىستراتىگىيە بەلگىلەش قارارى ئالغان بولۇشى مۇمكىن. ھازىرقى ئۆتكۈنچى ئەھۋال ناھايىتى زىل بولۇپ يېڭى قالايىقانچىلىق يۈز بىرىشى مۇمكىن. ئىران مانا بۇنىڭ ئۈچۈن سۈرىيەگە يېڭى پىلان بىلەن قايتىدىن كىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
تۈركىيە
تۈركىيەنىڭ رايۇندىكى ئەسەدكە ئىجابى قارىمايدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزلىرى قوللىغان سۈرىيە ئارمىيسىنىڭ ھەركەتكە ئۆتىشىگە يىشىل چىراق يېقىپ بېرىشى ۋە ھ ت ش نىڭ دەمەشققە قاراپ ئىلگىرلىشىگە تەرەپسىز ياكى «ئىجابى» پوزىتسىيە تۇتۇشى ئۆكتچى كۈچلەرگە كۈچلۈك ئىلھام بولدى. ھەتتا ھ ت ش ۋە باشقا ئۆكتىچى كۈچلەر ئۇرۇش باشلىغان دەسلەپكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە مىدىيالاردا بۇ ھەركەتنىڭ ئارقىسدا تۈركىيە بار دېگەن گەپلەر چىقتى. تۈركىيە ئۆزى ئېنىق قىلىپ بىز بار دېمىگەنلىكى ئۈچۈن بىز بۇنىڭ ئارقىسدا تۈركىيە بار دىيەلمەيمىز. ئەمما تۈركىيە سۈىيەرنىڭ قوشىنسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رايۇندىكى ئۆزگىرىشكە قاراپ تۇرالمايدۇ. چۈنكى سۈرىيە مەسىلىسنىڭ ئەڭ چوڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەم بۇنىڭدىن كىينمۇ ئۇچرايدىغان دۆلەت تۈركىيەدۇر. سۈرىيەدىكى كۈرتلەرنىڭ قانداق ھاكىمىيەتنىڭ بىر پارچىسى بولۇشى ۋە سۈرىيەدە كىمنىڭ \ كىملەرنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشى تۈركىيەگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. رۇسىيە سۈرىيەنى ئۆزىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان بولسا، تۈركىيەنىڭ ئوخشاش شەكىلدە ئويلاشقا رۇسىيەدىن بەكرەك ھەققى بار. يەنە كېلىپ ئەسەد تۈركىيە بىلەن بولغان مۇزاكىرىدىمۇ ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قويۇپ كەلگەن ئىدى. شۇڭا تۈركىيە ھ ت ش جەنۇپقا يەنى پايتەخت شامغا قاراپ ئىلگىرلىگەندە ئۇلارغا قارشى ھىچقانداق سەلبى پوزىتسىيەدە بولمىدى.

مانا بۇ چوڭ خەلقئارالىق ۋە رايۇنلۇق سىياسى ئۆزگىرىشلەر سۈرىيەدىكى كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ تاشلىدى. دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق قوراللىق كۈچلەردىن ئۈستۈن بولغان ئەسەد بىردىنلا ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن يۈزلىشىشكە مەجبۇر بولدى. قارايدىغان بولساق ھ ت ش نىڭ قولىدا پىكاپ بار، ئەمما ئەسەدنىڭ قولىدا تانكا، زەمبىرەك ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بار. ئەمما رۇسىيە، ئىران ۋە ھىزبۇللاھنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن پەيدا بولغان كۈچ بوشلۇقى ھ ت ش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت ياراتتى شۇنداقلا ھ ت ش بۇنىڭدىن دەل جايىدا پايدىلاندى.
2. سىرلىق ھالقىلار ۋە مەسلىنىڭ تۈگۈنى
مانا بۇنىڭىدىن باشلاپ يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر ھەممە كىشىنى ھەيران قالدۇردى. ھەيران قالغانلارنىڭ ئارىسىدا ئامېرىكا دۆلىتىنىڭمۇ بارلقى بىلىنمەكتە. يەنى ھ ت ش قانداقسىگە دەل ۋاقتىنى تېپىپ ھوجۇم قىلالىدى؟ نېمە ئۈچۈن تۈركىيە، كۈرد قوراللىق كۈچلىرى، ئىسرائىلىيە، ئامېرىكا، ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرىمىدى؟ ھ ت ش (يالغۇزلا ئۆزى) نېمە ئۈچۈن كۈرتلەر رايۇنىغا قىلىنغان ھوجۇمغا قېتىلمىدى؟ بۇ سۇئاللار ئەجىبا ھ ت ش ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن بىرلىكتە ھەركەت قىلدىمۇ دېگەن سۇئالنى پەيدا قىلىدۇ. لېكىن ھىچبىرى بىرلىكتە ھەركەت قىلدۇق دېمىگەنلىكى ئۈچۈن بىرلىكتە ھەركەت قىپتۇ، دىيەلمەيمىز. لېكىن كىشىلەرنىڭ بۇنداق گۇمان قىلىشىمۇ ئۇرۇنلۇق. يەنە شۇ نەرسىمۇ مۇھىمكى، بۇ ھەركەت بىرلكتە ھەركەت قىلىش ئەمەس بەلكى بىرىنىڭ ھاسىل قىلغان بوشلۇقىدىن پايدىلىنىش بولىشىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن قاپلان كىيك ئوۋلاپ يەۋاتقاندا، كىيكنىڭ قاپلاندىن قېپقالغان قىسىمىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن دەرەخ شېخىدا كۈتۈپ ئولتۇرغان بۈركۈت قاپلان تويۇپ كەتكەندىن كىين كىيكنى يەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۈركۈت بىلەن قاپلان بۇ ئىشتا بىر بىرى بىلەن دىيشىۋالمايدۇ. لېكىن قاپلان تۇتقان كىيىك بۈكۈتكىمۇ ئوۋ بولىدۇ. بۇ قېتىملىق ئۇرۇشتىمۇ شۇنداق بولغان بولۇش ئىھتىماللىقى بار.

يەنە بىر ناھايىتى مۇھىم تاكتىكا ھ ت ش نىڭ يېڭى قىياپەتتە ئۆزىنى بازارغا سېلىشىدۇر. بۇ ھەقىقەتەن ھ ت ش بىلەن غەرب بولۇپمۇ ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ياكى فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇرۇندىن ئالاقە قۇرۇپ باققانلىق ئىھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. ھ ت ش ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق دۆلەتنىڭ نەزىرىدە تېرورلۇق تەشكىلاتىدۇر. بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن ياۋرۇپانىڭ. ئەمما ئۇرۇش باشلانغان 1-كۈنىدىن باشلاپ ھىچبىر غەرب مىدىياسى ئۇلارنى تېرور تەشكىلاتى دېمدى. يەنە بىر تەرەپتىن ھ ت ش نىڭ لىدىرى جولاني \ گولاني\ جەۋلاني سەللىسىنى تاشلاپ نۇرمال ئەرەب ئەرلىرىدەك كىيملەر بىلەن مېدىئاغا چىقىشقا باشلىدى. شۇنداقلا بايراقىنىمۇ ئالماشۇردى، ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى خەلقئارالىق جىھاد قىلىش مەخسىدىنىڭ يوقلىقىنى، قوراللىق ھەركىتىنىڭ سۈرىيە ئىچى بىلەنلا چەكلىندىغانلىقى، خەلقئارالىق جىھاد مەقسىدىنىڭ يوقلىقى ھەققىدە بايانات بەردى. بۇنىڭدىن باشقا سۈرىيەدىكى پۈتۈن مەزھەپ ۋە مىللەتلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يەنە بىر دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نوقتا بولسا جەۋلاني قەيەرگە بارسا شۇ يەردە غەربلىك مۇخبىرلار بار.
بۇ يەردە جەۋلاني ناھايتى ياخشى تاكتىكا قوللاندى دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە سۈرىيە خەلىقى ئۈچۈنمۇ ياخشى. چۈنكى بۇ مۆتىدىل پوزىتسىيەسى بىلەن ھ ت ش ۋە جەۋلاني ھازىرچە غەربنىڭ سىياسىي كۆڭلىنى ئۇتقاندەك كۆرۈنمەكتە. بۇنداق ماڭغاندا غەرب ئۇنىڭ ھاكىميتىنى تالىباندىن بۇرۇن ئىتراپ قىلىپ بولۇشى مۇمكىن. يەنە كېلىپ ھ ت ش ۋە باشقا قوراللىق گۇرۇپلار خەلقكە ھىچقانداق زىيان بەرمىدى. ئەكسىچە ھەر قانداق شەكىلدىكى زوراۋانلىق، قورقۇتۇش ۋە بۇلاڭچىلىقنى چەكلىدى. نەتىجىدە نۇرغۇنلىغان سۈرىيەلىك خۇشال بولدى ھەتتا باشقا دۆلەتلەردىن سۈرىيەگە قايتىشقا باشلىدى. دېمىسمۇ ئەڭ مۇھىم بولغىنى بۇ. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئەسەدنىڭ تۈرمىلىرىدىن مىڭلىغان مەھبۇسلارنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشى ھەم سۈرىيە خەلقىنىڭ ھەم دۇنيانىڭ ئىجابى باھاسىغا ئېرىشتى. قىسقىسى جەۋلاني ھەم ئەسكىرى جەھەتتە ھەم مىدىيا جەھەتتە پۇختا تەييارلىق قىلغىنى مەلۇم. ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن دىيشىۋالغان ياكى دىيىشۋالمىغانلىقى ياكى بىر پىلان ئىچىدە ھەركەت قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى ھ ت ش نىڭ فرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى كۈرتلەر بىلەن ۋە گولان ئىگىزلىكىنى ئىگەللىگەن ئىسرائىلىيە بىلە بۇنىڭدىن كين بولىدىغان مۇناسىۋىتى تەرىپىدىن ئاشكارا بولىدۇ. ئەگەر بۇنىڭدىن كىين بۇ ئىككى رايۇنغا قارشى ھەربىي ھەركەت ئېلىپ بارسا بۇلار ئوتتۇرسىدا ھەمكارلىق يوقلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىرى، ھ ت ش ۋە جەۋلاني بۇ رايۇنلاردىن ئۆزى خالاپ ۋاز كىچىشىمۇ مۇمكىن.
3. لېكىن خۇشال بولۇشقا بالدۇر
شۇنداق ، خۇشال بولۇشقا، تەنتەنە قىلىشقا بولۇپمۇ ھ ت ش تامامەن ھاكىمىيەتنى قولغا ئالدى دەپ قاراشقا تولىمۇ بالدۇر. ھەقىقىي چوڭ ئۇرۇش بۇنىڭدىن كىين چىقىشىمۇ مۇمكىن. بۇ سەۋەبتىن ياۋرۇپادىكى بەزى دۆلەتلەر سۈرىيەلىكلەرنىڭ ھازىر دۆلتىگە قايتىشىغا قارىتا رىغبەتلەندۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۇردى. ھازىرقى مەسىلە ئۈستەل ئۈستىدىكى مۇزاكىرىگە باغلىق بولۇپ، ۋەزىيەت بۇ مۇزاكىرىدە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بىر بىرىدىن مەمنۇن بولىشىغا باغلىق. ئەگەر خەۋەرلەردە كۆرسىتىلگىنى توغرا بولسا، نۇرغۇنلىغان سۈرىيەلىكلەر قايتىۋاتىدۇ. بۇلار سۈرىيەنى قايتىدىن قۇرغۇچى ھەرقايىسى تەرەپلەرگە بېسىم ئىشلتەلىشى ۋە تىچنلىققا زورلىيالىشى مۇمكىن.
چوڭ جەھەتتىن ھازىر سۈرىيەدە مۇنداق بىر قانچە يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا خەتەرلەر بار.
1. سۈرىيەدە مەۋجۇت تەشكىلات ياكى بۇ قېتملىق ھەربىي ھەركەتكە قاتناشقان تەشكىلات پەقەت ھ ت ش ئەمەس. ئىدولوگىيەسى بىر بىرىدىن پەرقلىق بولغان نۇرغۇن قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ بارلىقى مەلۇم. ھەتتا بۇلارنىڭ بەزىللىرى باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن. ئەمدىكى مەسىلە بۇلار ھاكىمىيەتنىڭ خاراكتىرى ۋە كىمنىڭ باش بولۇشى ۋە نېمىگە ئىگە بولۇشى قاتارلىق مەسىللەردە كېلىشىپ كېلىشەلمەسلىكىدە. ئەگەر كېلىشەلمىسە ھەممىسى بىر بىرى بىلەن ئۇرۇشدىغان تېخىمۇ قالايمىقا بىر ۋەزىيە ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن.
2. دائىشنىڭ قايتىدىن كۈچلىنىش ئىھتىماللىقى بار. چۈنكى ئۆتكۈنچى ۋاقتتىكى قالايىقانچلىقتا باشقا دۆلەتلەر ئۇلارنى كۈشكۈرتۈپ كۈچەيتىشى مۇمكىن. ياكى دائىش ھ ت ش بىلەن بىرلەشسە يەنە بىر ئاشقۇن ھاكىمىيەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش ئىھتىماللىقى بار.
3. كۈرتلەر بىلەن شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ قوللىشىدىكى گۇرۇپ بىلەن بولغان مۇناسۋەتمۇ ھ ت ش ئىككى ھەپتىنىڭياقى ۋۇجۇتقا چىقارغان بىرلىككە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئۇلار رازى قىلىنمىسا زىدىيەت كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ كۈرتلەر ھەم بايلىقى مول رايۇننى ئىگەللىۋېلىغلىق، ھەم ئۇلار ئامېرىكانىڭ ھىمايىسىدە. بۇلار بىلەن بولغان مۇزاكىرە سۈرىيە ۋەزىيتىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
4. ئىسرائىلىيە ھازىر سۈرىيەگە ھاۋا ھوجۇمى قىلۋاتىدۇ. شۇنداقلا گولان ئىگىزلىكىنى ئىشغال قىلدى. بۇ ئەھۋالدا ئىسرائىلىيەگە قارشى بىرلىكتە ۋە ياكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ بىرىنىڭ ھەركەتكە ئۆتۈشى ھەممنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋىتىشى مۇمكىن.
5. خۇمۇستىكى M5 تاشيولى ھىزبۇللاھقا تەمىنات ياردىمى يەتكۈزۈلدىغان ئەجەللىك يول ئىدى. بۇ يول ھ ت ش نىڭ كونتروللىقىغا ئۆتتى. جەنۇپتا ئىسرائىلىيە ۋە شىمالدا ھ ت ش نىڭ قىسقىچىغا ئېلىنغان ھېزبۇللا ئىراننىڭ ياردىمى بىلەن سۈرىيەگە ھوجۇم قىلىشىمۇ مۇمكىن.
6. ۋە ياكى ھ ت ش ياكى باشقا سۈنئىي مۇسۇلمان گۇرۇپلار لىۋانغا يەنى ھىزبۇللاھقا قارشى ھوجۇمغا ئۆتۈشى ۋە بۇنىڭ بىلەن ھەم ئىراننى قايتىدىن ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىپ ئىش ئەڭ بېشىغا يېنىپ كىتىشى مۇمكىن.
ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەگە قوزغىغان ھاۋا ھوجۇملىرى ھەققىدە بىر ئىككى ئېغىز گەپ قىلىشقا توغرا كەلسە، ئىسرائىلىيە ۋەزىيەتتىن ناھايىتى خۇشال. بىر يىل ئىچىدە ئىككى چوڭ دۈشمىنى بولغان ھىزبۇللاھ ۋە ئەسەدنى يوق قىلدى. سۈرىيەدە يېڭى بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلماقچى. بۇنداق ئەھۋالدا ئىسرائىلىيە ئۆزىگە تەھدىد شەكىللەندۈرەلمەيدىغان ئاجىز سۈرىيە ئىستەيدۇ ۋە بۇ سەۋەپتىن ئەسەدتىن قېپقالغان پۈتۈن ھەربىي ئەسلىھەلەرگە ھاۋا ھوجۇمى قىلىۋاتىدۇ. ھەتتا تۈركىيەگە 3 كىلومىتر كېلىدىغان قامشلىق ھەربىي بازسىنىمۇ بومباردىمان قىلغان. گولان ئىگىزلىكىنى ئسىرائىلىيە زىمىنى دەپ جاكارلىدى. ئىھتىمال ئەمدى بۇ يەردىن چىقىپ كەتمەيدۇ ۋە دۇنيا يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى (ھ ت ش نى ) ئىتراپ قىلىش بىلەن بىرگە ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ زىمىننى قوشۇۋېلىشىنىمۇ ئىتراپ قىلىشى مۇمكىن.
يىغىپ ئيتقاندا، ھ ت ش نىڭ غەلبىسى، مۆتدىل پوزىتسىيەسى، بولۇپمۇ 10 نەچچە يىل خارۇ-زارلىق تارتقان، ئۇرۇشتا ئۆلگەن، تۈرمىلەرگە قامالغان، قىين قىستاقلارغا ئېلىنغان شۇنداقلا كىشلەرنىڭ يۇرتىدا سەرگەردان بولۇپ كەمستىلىش تۇيغۇسى بىلەن ياشاپ كەلگەن سۈرىيە خەلقىنى نەزەرگە ئالغاندا ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق ئىش بولدى. ئەمما ۋەزىيەت كۈزتىلىشكە مۇھتاج. بۇ پۈتۈنلەي سۈرىيەدىكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ سەمىمىيتىگە ۋە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قارارلىرىغا باغلىق. بۇنىڭ ئۈچۈن كەم بولغاندا 6-7 ئاي، بولمىسا بىر نەچچە يىل ۋاقىت كىتىدۇ. ئاندىن سۈرىيە مۇنداق بولىدىكەن دېگەن گەپنى قىلغىلى بولىدۇ.
يۇقىرىدىكى ۋەزىيەتلەرنى دىققەتكە ئېلىپ تەھىلىل قىلغان ۋاقتىمىزدا، سۈرىيەنىڭ كىلەچىكى ھەققىدە مۇنداق ئۈچ خىل سىنارىيە ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن:
1. قايتىدىن ئىچكى ئۇرۇشقا كىرگەن سۈرىيە. ئىچكى جەھەتتىن ھ ت ش، ھېزبۇللاھ ، كۈرتلەر، دائىش، سۈرىيە مىللىي ئارمىيسى ھەتتا تېخىمۇ جىق گۇرۇپلارنىڭ ئۆز ئارا ئۇرۇشى. شۇنداقلا بۇ ئۇرۇشنىڭ ئىران، رۇسىيە، ئىسرائىلىيە، ئامېرىكا ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋاكالەت ئۇرۇشىغا ئايلىنشى
2. بىر قانچە دۆلەتكە بۆلۈنگەن سۈرىيە. بۇلار ھ ت ش نىڭ رەھبەرلىكىدىكى سۈرىيە ، پ ي د كۈرد دۆلىتى ۋە تۈركىيەنىڭ قوللىشى بىلەن بىر تۈركمەن دۆلىتى
3. يۈكسەك ئاپتونۇمىيەلىك رايۇنلارغا ئايرىلغان سۈرىيە فىدراتسىيەسى . بۇنىڭدا كۈرتلەرگە، شىئەلەرگە ، تۈركمەنلەرگە ئاپتونۇمىيە بېرىلىشى لېكىن ئۇلار ھ ت ش نىڭ رەھبەرلىكىدىكى شام ھۆكۈمىتگە سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىن تەۋە بولۇشى مۇمكىن.
بەزى پايدىلانغان ماتېرىياللار
