
19- ئاپرىل ئەتىگەندە ئىراننىڭ ئىسفاھان ۋىلايتىگە درون ھوجۇمى ئېلىپ بېرىلدى. دېيىلىشچە جەمئىي 3 درون ھوجۇمغا قاتناشقان بولۇپ ئىران ھەممىسىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن.
ھوجۇمدىن كىين كىشلەرنىڭ كاللىسغا دەرھال مۇنداق سۇئال كېلىدۇ: ئىسرائىلىيە دەپ كېلىۋاتقان قىساس ئېلىش ھوجۇمى بۇمۇ؟
بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىغا سەل تۇرۇپ كېلەيلى . باشتا بۇ ھوجۇمدىن كىين تەرەپلەر نېمە دېدى، بۇنىڭغا قاراپ باقايلى.
بۇ ھەقتە ئەڭ مۇھىم ئۇچۇرنى ئىسرائىلىيەنىڭ ھازىرغىچە ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەسلىكى دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ ھوجۇم ھەققىدە بىردىبىر ئېنىق خەۋەر ئامېرىكا تەرەپنىڭ « ئىسرائىلىيە بىزگە ئىرانغا ھوجۇم قىلدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى» دېگەن خەۋىرىدىن ئىبارەت. ئەمما قىلماقچى بولغان ھوجۇمنىڭ ياكى ئەمەسلىكى يەنە ئېنىقسىز.
ئىران بۇ ھوجۇمنىڭ ئىران چىگراسى ئىچىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە مۇۋاپىقىيەتلىك بتچىت قىلنغانلىقى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئىراننىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ناھايىتى مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ ھوجۇم ئىسرائىلىيەنىڭ دېگنىدىن ۋە باشقىلارنىڭ كۈتكىنىدىن كۆپ تۆۋەن بولدى. بۇ سەۋەبتىن ئىسرائىلىيە بۇ ھوجۇمنى ئۆزىنىڭ قىلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىدى. شۇنداقتىمۇ بىر نوقتا ئېنىقكى، ھوجۇمدا ئىسرائىلىيەنىڭ ۋاستىلىق ياكى بىۋاستە قولى بار. ئىسرائىلىيە ئۆزى بىۋاستە ئېلىپ بارغان بولۇپ (شۇنداق دەپ تۇرايلى) ئىپادە بىلدۈرمەسلىكى ئىسرائىلىيە خەلىقى ۋە دۇنياغا « مانا بىزنىڭ ئىنكاسىمىز» دىيشتىن «نۇمۇس قىلغان» بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بۇنى ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھوجۇمنىڭ كۆلىمىگە ھەرگىز سېپشتۇرغىلى بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ ھاۋا مۇداپئىەسىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىرانغا ھوجۇم ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىنى سىنغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ سەۋەبتىن ئىران بۇ ھوجۇمنى «ئىراننىڭ ئىچىدىن ئېلىپ بېرىلدى » شەكىلدە بايانات بېرىشى مەنتىقلىق.
ئۇنداقتا ئىران نېمە ئۈچۈن بۇ خىل ئۇچۇرنى تارقىتىدۇ؟
چۈنكى ئېران بۇنداق دېمىسە ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراق زىمىندىكى ئىران تەسىرى ئاستىدىكى قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋە ئىراننىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ئىران زىمىنغا ھوجۇم قىلىش ئىقتدارىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولىدۇ. ۋە بۇ ئىران ئۈچۈن مەغلۇبىيەت ، ئىسرائىليە ئۈچۈن غەلبە بولۇپ ھېسابلىندۇ. چۈنكى ئىرانغا ئىسرائىلىيەنىڭ بىۋاستە ھوجۇم قىلىشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇلارنىڭ بىرى سۈرىيە ۋە ئىراق زىمدىكى ئىران پىچىكىلىرى دەپ قارىلىدۇ. بۇلار ئىراننىڭ ھەربىي قىسملىرى بىلەن بىۋاستە زىچ ئالاقە ئىچىدە بولۇپ ئىراننىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستىملىرى بۇ يەرلەرگىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇڭا ئىران بۇ ھوجۇمنى ئىران زىمنىدىكى ئىسرائىلىيەنىڭ جاسۇس كۈچلىرى ئېلىپ باردى دېگەن مەنىدە بايانات بەردى.
ئەگەر ئىران دېگەندەك ئىچىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھوجۇم بولسا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ئىچىدە جاسۇسلىرىنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىرانغا ھوجۇم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى ئىتراپ قىلغان بولىدۇ. بۇمۇ ئەمىلىيەتتە ئىراننىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمما ئىران بۇنى ئىراندىكى ئىسرائىلىيە جاسۇسى دەپ قارىغان كىشلەرنى ياكى گۇرۇپلارنى قارا قۇيۇق تۇتۇشى ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدە ۋە خەلقئارادا باھانە قىلىپ ئىشلىتەلەيدۇ.
يازمىمىزنىڭ بېشدىكى سۇئالغا قايتساق، بۇ ھوجۇمنى ئىسرائىلىيە بىۋاستە قىلغان بولوشىنىڭ ئىھتىماللىقى يۇقىرى. بۇ نوقتىدا ئەسلى سوراشقا تېگىشلىك سۇئال ئىسرائىليەنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق كىچىك كۆلەملىك ھوجۇم ئېلىپ بارغانلىقىدۇر. بۇنىڭ جاۋابى مۇنداق:
- ئىراننىڭ ھوجۇمىغا جاۋاب بەرگەن بولۇش ۋە بۇ ئارقىلىق خەلقى ۋە خەلقئارادىكى ئابرويىنى قوغداش
- ئىراننىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى سىناپ بېقىش. شۇ نەرسە ئېنىقكى بۇ ھوجۇم ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ئىنتقام ئېلىش ھوجۇمىنىڭ بىر پارچىسى لېكىن ھەممىسى ئەمەس. ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ ھەقىقىي قابىليتىنى بىلۋالغاندىن كىين ئەمدى باشقا بىر ۋاقىتتا مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن ھوجۇم قىلىدۇ.
- ئامېرىكىغا ھەم گىپىنى ئاڭلىغانلىقى ھەم ئاڭىلمايدىغانلىقى سىگىنالى بېرىش. باشتىكى يازمىمىزدا تىلغا ئېلىنغاندەك، ئامېرىكا ھازىرچە ئىرانغا ھوجۇم قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ، ئەگەر قىلنىسا ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە ياردەمدە بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىسرائىلىيە بۇ سەۋەبتىن ئىرانغا بۇ خىل شەكىلدە ھوجۇم قىلدى ۋە ئامېرىكانى ئاۋارە قىلمىغان بولدى، ئەمما « بىز سەن قىلما دېگەنگە قىلماي قالمايمىز، بۇنى بىز قارار بېرىمىز ۋە سېنى ئۇرۇشقا مەجبۇر ئەكىرىمىز» دېگەن سىگنالنى بېرىگلىك.
- ئىرانغا بولسا «بىز سېنىڭ رادارلىرىڭدىن ھالقىپ ئۆتۈپ زىمىنڭغا ھوجۇم قىلالايىمىز» دەپ ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ قويدى. ئىران دېگەندەك ھەقىقەتەن ئىران ئىچىدىن باشلىتىلغان بىر ھوجۇم بولغان تەقدىردىمۇ ئىرانغا يەنىلا « تەسىر كۈچىمىز سېنىڭ دۆلىتىڭنىڭ ئىچىگە قەدەر كىرىگلىك» دېگەن سىگنالنى بەرمەكچى.
چوڭ جەھەتتىن قارىغاندا خىتاي بۇ ئۇرۇشنىڭ قەيىرىدە؟ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا كەڭ كۆلەملىك ھوجۇم قىلىشىنى خالىمايدۇ؟
بۇنىڭ بىر سەۋەبى باشتىكى يازمىمىزدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك ئامېرىكادىكى سايلام. چۈنكى ھەم ئۇرۇش ھەم سايلام تەييارلىقى ئامېرىكانى ھاردۇرۋىتىدۇ. . ئەسلى مۇھىم سەۋەب بۇ.
ئىككىنچى سەۋەبى ئوكرائىينا ئۇرۇشى. ئىران – ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدىن كىين ئوكرائىينا ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. شۇڭا رۇسىيە ئوكرائىينادا نېمىلەرنى قىلۋاتىقانلىقى كىشىلەرنىڭ دىققەت – ئىتىبارىدىن قاچتى. ئامېرىكا ۋە غەرب ئوكرائىينا ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۆلىدى. غەرب ئۈچۈن ئېيتقاندا ئوكرائىينانىڭ رۇسىيەنى يېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننى يېڭىشىدىن مۇھىم. چۈنكى رۇسىيە غەرب ۋە ئامېرىكاغا بىۋاستە ۋە زور تەھدىد. ئىران بولسا ۋاستىلىق ۋە كىچىك تەھدىد. ئىرانغا چېقىلمىغان ئەھۋالدا غەربكە چوڭ زىيان بېرىش كۈچى يوق. ئەمما رۇسىيەنىڭ بار. يەنە بىر نوقتىدىن ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتترا شەرقتە ئىرانغا ئىھتىياجى بار. چۈنكى ئىران مۇنداق ئىككى ئىشقا يارايدۇ 1) رايۇندا سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى سۈنئى ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ كۈچىنى چەكلەپ رايۇن سېستىمسىدا كۈچلەر تەڭپۇڭلىقى شەكىللەندۈرىدۇ ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بەك كۈچىيىپ كەتمەي موشۇ شەكىلدە مېڭىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. 2) ئىراننىڭ مەۋجۇدىيتى ئىسرائىلىيەنىڭ «بىخەتەرلىكى تەھدىد ئاستىدىكى دۆلەت» بولۇپ كۆرىنىشىگە پايدىلىق. بۇ ئەھۋال ئىسرائىلىيەنىڭ رايۇندا ئۆزى تەھدىد دەپ قارىغان خالىغان دۆلەت ياكى قوراللىق كۈچلەرگە ھوجۇم قىلىشىنى مەشرۇھلاشتۇرۇش رولى ئوينايدۇ. چۈنكى دۆلەتلەرنىڭ مەۋجۇدلىقى تەھدىدكە ئۇچرىسا قوراللىق ھەركەت ئېلىپ بېرىش ھەققى بولىدۇ. شۇڭا ئىران ھەم دۈشمەن لېكىن ئىشقا يارايدىغان دۈشمەن. بۇ نوقتىدىن ئىرانغا ئالدىراپ قول سېلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس.
ئۈچىنچى سەۋەب خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھوجۇم قىلىشى. بۇ قانداق بولىدۇ. ئامېرىكا ئۈچۈن پۈتۈن مەسىلىنىڭ نېگىزى خىتايدا. رۇسىيە ۋە ئىران خىتاينى ئاجىزلاشتۇرۇشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى. ئەسلى خىتاي بولمىغان ئەھۋالدا ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ ھەم ئوتتۇرا شەرقتە ھەم ئوكرائىينادا ئۇرۇش قىلغۇدەك شۇنداقلا غەلبە قىلغۇدەك كۈچى بار. يەنە ئەگەر خىتاي ئامىلى بولمىغان بولسا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ھوجۇمى رۇسىيەنىڭ كۈچىنى بۆلۈپ ئوكرائىينادا غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ياخشى پۇرسىتى بولالايتى. چۈنكى رۇسىيە ئىران ۋە سۈرىيە ھاكېمىيتىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەڭ چوڭ كۈچ. رۇسىيە بۇ ئۇرۇشقا ئارلاشماي تۇرالمايدۇ ۋە بۇ رۇسىيەنىڭ ئىككى فرونتتا ئۇرۇش قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. رۇسىيەنىڭ بۇنىڭغا كۈچى يەتمەيدۇ ۋە ئاخىرىدا ھەر ئىككى فرونتتا يېڭىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ ئەسلى غەرب ئۈچۈن ياخشى ئىستراتىگىيە بولغان بولاتتى.
ئەمما دۇنيانىڭ يەنە بىر تەرىپىدە ھەممىنى كۈزىتىپ كېلىۋاتقان خىتاي بار. خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىران بىر – بىرى بىلەن ھەم ئىقتىسادى، ھەم ئەسكىرى ھەم گىئوپولىتىك جەھەتتىن ئىنتايىن يېقىن مۇناسىۋەتكە ئىگە. رۇسىيەگە خىتاينىڭ پۇلى ۋە ب د ت دكى قوللىشى لازىم. خىتايغا رۇسىيەنىڭ ئەرزان نىفىت ۋە تەبى گازى شۇنداقلا ئامېرىكىغا بولغان مەيدانى لازىم. ئىرانغىمۇ خىتاينىڭ دىپلوماتىيە كۈچى ۋە ئىقتىسادى مەبلىغى لازىم، خىتايغىمۇ ئىراننىڭ نىفىتى، غەربكە قارشى مەيدانى لازىم، ۋەھاكازالار. بۇ خىل ئىھتىياجلاردىن يەنە بىر تۈركۈمىنى تىلغا ئالغىلى بولىدۇ. ئەڭ ئاددىيىسى رۇسىيە ئوتترا شەرقتە ئىراندىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ يوق قىلىنىشى خىتاينى يالغۇز قالدۇرىدۇ.
لېكىن ئەمەلىيەتتە ئىش ئۇنداق ئاسان بولمايدۇ. ئىسرائىلىيە ئىرانغا ھوجۇم قىلسا، رۇسىيە ئىرانغا ياردەم قىلسا ۋە غەرب بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن ئۇرۇش قىلشقا باشلىغان ھامان خىتاي تەيۋەنگە ھوجۇم قىلىشى مۇمكىن. خىتاينىڭ ئۇرۇشقا كىرىشى پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋىتىدۇ. بۇ ئامېرىكانىڭ ئۈچ فرونتتا ئۇرۇش قىلىشى دېمەكتۇر. بۇ ئەھۋالدا ئامېرىكا ، ياۋرپا ھەتتا ياپۇنىيە ۋە باشقىلارنىڭ ئۈچ فرونتتا بۇ ئۈچ دۆلەت بىلەن ئۇرۇش قىلىشى تولىمۇ قىين. ياكى بۇلارغا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قىلىش لازىم ۋە دۇنياۋى ئۇرىشقا ئايلىنىپ كەتسە ئاقىۋىتىنى پەرەز قىلىش قىين شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە ئورنىنى تولدۇرۋالغىلى بولمايدىغان بالايى – ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى يادرو قورالغا يەرشارى ۋە ئىنسانلار بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
بۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا كەڭ كۆلەملىك ھوجۇم قىلىشىنى قوللىمايدۇ. ئامېرىكانىڭ قوللىشى بولمىسا ئىسرائىلىيە ئىرانغا ھوجۇم قىلالمايدۇ. ئىرانمۇ ئىسرائىلىيە ھوجۇم قىلمسا ئۇرۇشنى ۋاكالەت ئۇرۇشى شەكىلدە ئېلىپ بارىدۇ. ئىرانمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇرۇشقا كىرىشتىن قورقىيدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشى چارە ۋاكالەت ئۇرۇشى ئارقىلىق ئوتترا شەرقتە تەسىر دائرىسىنى ساقلاپ قېلىش. ئىسرائىلىيەمۇ ئىراننىڭ ئۆزى بىلەن ئەمەس ۋەكىل كۈچلىرى بىلەن ئۇرشۇش ئارقىلىق ئەتراپىنى دۈشمەنلىرىنىڭ مۇھاسىرسىدىن تازلايدۇ. بۇ ئىران ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ بىۋاستە ئەمەس بەلكى ۋاستىلىق ھالدا ھېزىبۇللاھ، خاماس ۋە خۇسىيلەر ۋاستىسى بىلەن يېڭى بىر ئۇرۇش باشلىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئىسرائىلىيە غەززەگە ھوجۇمنى كۈچەيتىشى شۇنداقلا ئىراق، سۈرىيە ۋە لىۋان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ھېزبۇللاھ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش كۈچلەرنى ئۇرۇشى مۇمكىن. بۇلارغا قارىتا خەلقئارا جەمئىيەت نېمە دەيدۇ؟ جاۋابى، جىق بىر نەرسە دېمەيدۇ. بەلكىم بۇ توغرىسدا ئايرىم يازما يېزىشىمىز مۇمكىن.
تەبئى، ئىسرائىلىيە ئىرانغا كەڭ كۆلەمدە ھوجۇم قىلمىغان بىلەن ئىرانغا خاككىرلىق ھوجۇمى، سۈيقەسىت ھوجۇمى، ئاتوم ۋە يۇقىرى پەن ..تېخنىكا مەركەزلىرىنى نىشان قىلغان ، كىچىك ئەمما ئەجەللىك ھوجۇملارنى ئېلىپ بېرشنى داۋاملاشتۇرىدۇ
