
بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئامېرىكا ئۈچۈن دۇنيانىڭ خوجىسى بولۇش ئىشكىنى ئاچتى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكادىن ئىبارەت بىر دۆلەتنىڭ بارلىقى بەك ھىس قىلنمايتى. پەقەت ئامېرىكا قىتئەسى ۋە شەرقىي ئاسىيالاردا ئاز تولا گىپى چىقاتتى. داۋاملىق تۈردە ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گىرمانىيە، رۇسىيە… قاتارلىق ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن ، ھەتتا ياپۇنىيەدىن كىين ئامېرىكانىڭ گىپى بولاتتى. لېكىن 1- دۇنيا ئۇرشىدا ئامېرىكا تۇنجى قېتىم دۇنياغا ئۆزىنىڭ مۇھىم دۆلەت ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا ياۋرۇپادىكى ئەنئەنىۋى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان يوشۇرۇن كۈچىنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتتى. 80 مىليون ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ۋە ھەشەمەتلىك چوڭ شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرغان 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن بولسا دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۆلىتى بولۇپ چىقتى. باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەربىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىكى مۇتلەق چوڭ پەرق ئامېرىكانى دۇنيانىڭ ئومۇمىي ئىشلىرىنى باشقۇردىغان كۈچكە ئىگە قىلدى. لېكىن ئامېرىكانىڭ يەر شارىۋى خوجىلىقىغا ئىككى دۆلەت قايىل ئەمەس ئىدى. بۇلار سوۋىت ئىتىپاقى ۋە خىتاي. لېكىن خىتاينىڭ قارشى تۇرغىدەك كۈچى بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇنى بەك ئاشكارىلاپ كەتمىگەن ئىدى.
دۇنيانىڭ خوجىسىغا ئايلىنىش بىر دۆلەتنىڭ پەقەت ھەربىي ، ئىقسادى ۋە پەن – تېخنىكا كۈچىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى بىلەنلا رىئاللىققا ئايلانمايدۇ. بەلكى بۇ خىل ئەۋزەللىكلەرگە تايانغان ھالدا شۇ دەۋردە دۇنيانىڭ سىياستىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە جوغراپىيلىك رايۇندا ئۈستۈنلۈكنى قولغان كەلتۈرۈپ دۇنياغا تەسىر كۈچىنى يېيىش ئارقىلىق بولىدۇ. جون مىرشېيمىرغا ئوخشاش سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت مۇتەخەسىسلىرىنىڭ قارىشىچە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ دۆلەت باشتا ئۆزى ياشاۋاتقان رايۇندا مۇتلەق كۈچلۈك بولۇشى لازىم. مەسىلەن ئامېرىكا ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ مۇتلەق كۈچلۈك دۆلىتىگە ئايلىنىپ بۇ قىتئەدە ئۆزىگە خىرىس قىلىدىغان باشقا دۆلەتنىڭ چىقىشىدىن غەم قىلمىغۇدەك ھالغا كەلگەندىن كىين ئاندىن دۇنياغا تەسىر كۈچىنى كېگەيتەلەيدۇ. ئامېرىكامۇ مانا بۇ شەكىلدە دۇنياغا ھۆكۈمران بولدى. يەنە بىرى باشقا بىر جۇغراپىيلىك رايۇن بەلگىلىنىشى ۋە بۇ رايۇننى تاشقى سىياسەتنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش لازىم.
بېرلىن ۋە توكيونى مەركەز قىلغان فاشىزىم ئىتىپاقىغا قارشى تۆت يىل داۋاملاشقان جەڭدە ، ئامېرىكىنىڭ قوماندانلىرىدىن ۋاشىنگتوندىكى جورج مارشال ، ياۋروپا جەڭ مەيدانلىردىكى ئېزىنخاۋېر ۋە تېنچ ئوكياندىكى چېستېر نىمتىز قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق جۇغراپىيلىك ئىستراتېگىيىلىك رايۇننىڭ پايانسىز ياۋرو- ئاسىيا قۇرۇقلۇقى ئىكەنلىكىنى ئىما قىلىشقان ئىدى. مەيلى شىمالىي ئافرىقىدىكى قۇملۇق ئۇرۇشى بولسۇن ، ياۋرۇپادىكى نورماندىيەدە قۇرۇقلۇققا چىقىش بولسۇن ، بېرما-ھىندىستان چېگراسىدىكى قانلىق جەڭلەر ۋە ياكى تىنچ ئوكيان ئاراللىردىكى قانلىق جەڭلەر بولسۇن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم پارچىللىرىدىن بىرى ياۋرۇ-ئاسىيا رايۇنىنىڭ ياپۇن- گىرمان ئىتىپاقىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى. دەرۋەقە ئىتىپاقداش ئارمىيە ياپۇنىيە ۋە گىرمانىيەنى بۇ رايۇندىن سىقىپ چىقاردى ۋە ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى. ئۇرۇشتىن كىين بۇ رايۇن سوۋىت ئىتىپاقى ۋە ئامېرىكا تەرىپىدىن بۆلىۋېلىندى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدا 1990- يىلغىچە داۋام قىلغان يېرىم ئەسىرلىك سوغۇق ئۇرۇش يۈز بەردى.
1948-يىلى ، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جورج مارشال 13 مىليارد دولىرىلىق مارشال پىلانىنى يولغا قويۇپ ، ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىكى غەربىي ياۋروپانى قايتا قۇرۇپ ، بىر يىلدىن كېيىنلا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىتتىپاقىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئىقتىسادىي ئاساس سالدى. پرېزىدېنت ئېزىنخاۋېر 1953-يىلى كورېيە بىلەن، 1954-يىلى تەيۋەن ۋە 1960-يىلى ياپونىيە بىلەن بىر قاتار ئۆز-ئارا بىخەتەرلىك شەرتنامىسى ئىمزالاپ ، ياۋرو-ئاسىيانىڭ تىنچ ئوكيان قىرغاقلرىنى بويلاپ بىر يۈرۈش ھەربىي قورغان بەرپا قىلدى. كىينكى 70 يىلدا ، بۇ ئارال زەنجىرىلىرى ۋاشىنگىتوننىڭ يەر شارىۋى ئىستراتېگىيىلىك سىمۋۇلى بولۇپ قالدى شۇنداقلا شىمالىي ئامېرىكىنى قوغداش ۋە ياۋرو-ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. ئامېرىكا بۇ قىتئە ئىچىدىكى كوممۇنىست كۈچلەرنى چەكلەش ئۈچۈن 800 ھەربىي بازا ، مىڭلىغان كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە ئاتلانتىك ئوكياندىكى 6-فىلوتى ، ھىندى ئوكيان ۋە تىنچ ئوكياندىكى 7-فىلوتى ۋە پارس قولتۇقىدىكى 5-فىلوتى بىلەن 6000 ئىنگىلىز مىلى ئۇزۇنلىقتا ھەربىي لىنىيە قۇرۇپ چىقتى. بۇ ئىستراتىگىيە دىپلومات جورج كېننانغا سۆزى بىلەن بۇ ئىستراتېگىيىلىك «چەكلەش» دەپ ئاتالدى.
1962-يىلى خىتاي -رۇسىيە مۇناسۋىتى بۇزۇلدى ئارقىدىنلا ، خىتاي ماۋ زېدوڭ قوزغىغان مەدەنىيەت ئىنقىلابى ۋە باشقا خاتا ئىنقىلابلاردىن كېلىپ چىققان سىياسى، ئىجتمائىي ۋە ئىقتىسادى كىرزىسقا پېتىپ قالدى. ، سوۋېت ئىتتىپاقى سىياسى جۇغراپىيىلىك قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىش ئۈچۈن كونگو ، كۇبا ، لائوس ، مىسىر ، ئېفىيوپىيە ۋە ئافغانىستانلاردا ھەر خىل ئۇرۇشلارغا كىردى لېكىن مەغلۇپ بولدى . رۇس قىزىل ئارمىيەسى 110 مىڭ ئەسكەر بىلەن ئېلىپ بارغاب توققۇز يىللىق ئافغانىستان ئۇرۇشى سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئادەم كۈچىنىڭ يىمىرىلىشنى تىزلەتتى . بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئامېرىكىنىڭ ياۋرو-ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتىكى بوشاشماي تىرىشىشى ۋاشىنگىتوننى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلدى ، ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا مەغلۇپ قىلدى.
ئامېرىكا يەرشارىدا قالغان بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن ئاشۇ پەيتتە ، ۋاشىنگتوننىڭ يېڭى ئەۋلاد تاشقى سىياسەت رەھبەرلىرى جەڭ مەيدانىدا ئەمەس ، بەلكى ئاقىللار ئامبىرىدا يىتىشىپ چىقىۋاتاتتى. 1989- يىلى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىگە ئاز قالغاندا ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ سىياسەت پىلانلاش بۆلۈمىدىكى ئاكادېمىك فىرانسىس فۇكۇياما كىشىنى جەلپ قىلىدىغان «تارىخنىڭ ئاخىرى» دېگەن سۆزى بىلەن ئامېرىكا ۋە دۇنيا سىياسەت ساھەسىدە ناھايىتى داڭق قازاندى. ئۇ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ۋە غەرب ئىدىيىسىنىڭ غەلبىسىنىڭ ناھايىتى روشەن ئىكەنلىكىنى باشقا ئىدىيەلەرنىڭ ناھيىتى تىزلا ھاياتى كۈچىنى يوقۇتۇپ غەرب مەدەنىيتى ۋە ئامېرىكا بەرپا قىلغان لىبېرال دۇنيا تەرتىپىگە قېتىلدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
غەلىبە تەنتەنىلىرى داۋام قىلۋاتقان بىر پەيتتە ، ئامېرىكا پىرىزدىنتلىرىدىن جىم كارتېر ۋە رونالد رېگانغا سىياسىي مەسلھەتچى بولغان ۋە بۇ جەرياندا سىياسىي جەھەتتە دۇنياۋى تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغان يەنە بىر ئاكادېمىك بىرىزېنىسكىي 1997-يىلى ئۆزىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە جۇغراپىيىۋى سىياسەت توغرىسىدا ئۆگەنگەنلىىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن «چوڭ شاھمات تاختىسى» ناملىق كىتابىنى ئىلان قىلدى. ئۇ كىتابىدا گەرچە ئامېرىكا دۇنيانىڭ يىگانە دەرىجدىن تاشقىرى كۈچى بولسىمۇ ئامېرىكىنىڭ يەرشارى خوجايىلىقىنىڭ يىلتىزىنىڭ چۇڭقۇر ئەمەسلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىغا ۋە ئۆتكەن 500 يىلدىكى ھەر بىر چوڭ كۈچكە نىسبەتەن ، دۇنيا نوپۇسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ% 75 ىنى تەشكىل قىلدىغان ياۋرو-ئاسىيا داۋاملىق «ئەڭ مۇھىم جۇغراپىيىلىك سىياسىي مۇكاپات» بولۇپ كەلدى. ئۇ يەنە ۋاشىنگىتوننى ئاگاھلاندۇرۇپ ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئەۋزەللىكى نى داۋاملاشتۇرۇش ۋە يەر شارىدىكى كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ، ئۈچ خىل تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ، بۇلار ئامېرىكىنى تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرىنى بويلاپ بەرپا قىلغان دېڭىز-ئوكيان بازىسىدىن قوغلاپ چىقىرىش، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەمىنلىگەن ياۋرۇ-ئاسىيا قىتئەسىنىڭ غەرب تەرىپىدىن (شەرقىي ۋە غەربىي ياۋرۇپانى دېمەكچى) چىقىرىۋېتىلىش ، ياۋرو-ئاسىيادا كۈچلۈك ۋە تەھدىدكار « يەككە گەۋدە» نىڭ شەكىللىنىشى.
برىزېنىسكىي ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلىقىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مەركەز بولۇش ئالاھىدىلىكىنى مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق ، ئەنگىلىيەلىك ئاكادېمىك مەكىندېرنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئەسىرىنىڭ ۋەزنىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. مەكىندېرنىڭ 1904-يىلدىكى « تارىخنىڭ جۇغراپىيلىك قەلبى» ناملىق ئەسىرى زامانىۋى گىئوپولىتىك (جۇغراپىيىلىك سىياسەت) تەتقىقات قىزغىنلىقىنى قوزغىغان بولۇپ ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن 500 يىلدا ، ياۋروپا ئىمپېرىيەلىرى ياۋروئاسىيا قىتئەسىگە دېڭىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلدى ، ئەمما قىتئەلەر ئارا تۆمۈر يوللارنىڭ قۇرۇلۇشى كونترول مەركەزلىرىنى قىتەنىڭ ئەتراپىدىن قىتئەنىڭ ئىچىگە يۆتكىدى. 1919-يىلى ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ، مەكىندىر يەنە ياۋرو-ئاسىيانىڭ ئافرىقا بىلەن بىرلىكتە غايەت زور «دۇنيا ئارىلى» شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مۇنداق بىر دادىل جۇغراپىيىلىك سىياسەت فورمۇلاسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنى، كىم بۇ مەركەزنى (ياۋرۇ-ئاسىيانى دىمەكچى)، دۇنيا ئارىلىنى كونترول قىلىدۇ؛ كىمكى دۇنيا ئارىلىنى كونترول قىلسا ، دۇنيانى كونترول قىلىدۇ. مەكىندىر بۇنى تەخمىنەن 100 يىل بالدۇر ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئەگەر مەككىندىر ئوتتۇرىغا قويغان ياۋرۇ-ئاسىيا رايۇنىنىڭمۇ قەلبى نىمە دەپ سورىغىنمىزدا بۇنىڭغا ئوتترا ئاسىيا دەپ جاۋاپ بېرىش ئەڭ توغرا بولۇشى مۇمكىن.
خىتاينىڭ گىئو – پولىتىك سىياسىتى
خىتاي 2000 يىللىق تارىخىدا گىئو- پولىتىك سىياسەتتىن ھىچبىر زامان ئايرىلىپ قالغىنى يوق. خىتاي زىمىننىڭ چاڭجىياڭ ۋە خۇاڭخى ئارسىدىكى كىچىككىنە مەدەنىيەتتىن بۈگۈنكى كۈندىكى غايەت زور ھالغا كېلىشى پۈتۈنلەي گىئو- پولىتىكا بىلەن مۇناسۋەتلىكتۇر. خىتاي ئۆزىنىڭ ھايات- ماماتىنى ھەر زامان گىئو- پولىتىكىغا باغلاپ كېلىگىك. خىتاي تاكى مىلادىدىن 5-6 يۈز يىل بۇرۇنقى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدە شىمالغا سەددىچىننى سېلىپ ئۆزىگە قالقان شەكىللەندۈرگەن ۋە چىن سۇلالىسى ۋاقتىدا سەددىچىن ھونلارغا قارشى كۈچلۈك مۇداپئە قالقىنى شەكىلىدە بىر بىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. سۈي سۇلالىسى ۋاقتىدا بولسا چوڭ قانالنى قىزىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئچكى قىسىمىدىكى ۋىلايەتلەرنى بىر بىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەن. لېكىن خىتاينىڭ كۈچىيىشى داۋاملىق ئىككى ئىشقا باغلىق بولغان ، بىرى، شىمالدا سەددىچىدىن ئۆتۈپ مۇڭغۇلىيە زىمنىلىرىنى كونترول قىلىش، يەنە بىرى، غەربىتە شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىپ تۈرك، پارس، ئەرەپ، ھىندى ۋە ياۋرۇپا مەدەنىيەتلىرى بىلەن ئۇچۇرشۇش. بۇ ئىككى جاي كونتول قىلىسا خىتاينىڭ سىياسى بىخەتەرلىكى (شىمالدىكى كۆچمەن قوشنىلىرى بىلەن بولغان ھەربىي تىركىشىش) ۋە ئىقتىسادى (شەرقىي تۈركىستاننى بازا قىلىپ غەرب بىلەن تىجارەت قىلىش) كۈچى كاپالەتكە ئېگە بولىدۇ. خىتاي تارىخىدا ئەڭ گۈللەنگەن سۇلالىلەرگە نەزەر سالغىنمىزدا ھەممىسنىڭ بۇ ئىككى رايۇننى كونترول ئاستىغا ئالغانلىقىنى بايقايمىز. مەسىلەن خەن، تاڭ، يۈەن ۋە چىڭ (كىينكى ئىككىسى خىتاينىڭ ئۆز سۇلالىسى ئەمەس) قاتارلىقلار ئەڭ قۇدرەتلىك ھاكىمىيەتلەردۇر. شۇڭا خىتاينىڭ گىئو- پولىتىك سەزگۈرلىكى يۇقىرى ۋە بۇ ھەقتە ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىسى بار.
بۈگۈنكى خىتايمۇ بۇنىڭ غېمىدە. تەيۋەن ۋە شەرقىي تۈركىستان خىتاي كومىنىست ھاكىمىيتىنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تەيۋەن خىتاينڭ شەرققە كېڭىيىشىدىكى سىياسى، ئەسكىرى ۋە ئىقتىسادى بازىلىق رولىنى ئوينىسا، شەرقى تۈركىستان خىتاينىڭ غەرب تەرەپكە سىياسى، ئەسكىرى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن كېڭىيىش بازىسىدۇر. خىتاي ئۈچۈن مۇھىم بولغان رايۇنلارغا يەنە تاشقى مۇڭغۇلىيەنىمۇ قوشۇشقا بولىدۇ. بۇ رايۇنلار خىتاينىڭ رايۇنلۇق ھۆكۈمدار بولۇشى ئۈچۈن مۇھىم. لېكىن خىتاينىڭ دۇنياۋى ھۆكۈمران بولۇشى ئۈچۈن مۇھىم بولغان رايۇن بولسا تېخىمۇ غەرب تەرەپتە. يەنى دەل مەككىندىر ۋە بېرزىنىسكى تىلغا ئالغان ياۋرۇ-ئاسىيا رايۇنىدۇر شۇنداقلا بۇنىڭ ئىچىدە ئوتترا ئاسىيا (غەربىي تۈركىستان ) رايۇنىدۇر. بۇ ھەقىتە خىتاي گېنىرال لىيۇ ياجوۋنىڭ «غەربىي رايۇن نەزىرىيەسى» (西部论) نى خىتاي ئۈچۈن ناھاىيتى مۇھىم بىر گىئو- ئىستراتىگىيە ۋىزىيونى دەپ قاراشقا بولىدۇ. لىيۇ شەرقىي تۈركىستان بىلەن تۈركىيەگىچە بولغان ئۇزۇنغا سوزۇلغان «تۈرك بەلۋىغىنى» تەڭرىنىڭ خىتايلارغا بەرگەن سوۋغىتى دەپ تەسۋىرلەيدۇ، ۋە بۇ رايۇنلاردا تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ خىتاينىڭ دۇنياۋى كۈچ بولىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. قارايدىغان بولساق بۇ رايۇن ئەسلىدە سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ ئارقا ھويلىسى ئىدى. شۇڭا خىتاي بۇ رايۇنغا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا جۇرئەت قىلالمايتى. لېكىن ئامېرىكانىڭ سوۋىتنى يېڭىشى بىلەن خىتايغا بىردىنلا پۇرسەت كەلدى. لېكىن خىتاي بۇ جەھەتتىكى نىيتىنى ئۇنچە ئوچۇق ئىپادىلەپ كەتمىدى. 10 يىلدىن كېيىن ئامېىرىكا خىتايغا يەنە بىر قېتىم « ياخشىلىق قىلدى»، يەنى 2001- يىلى خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئېلىپ كىردى.
سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشىدىكى ئامېرىكانىڭ غەلبىسى ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدە مۇنداق بىرقانچە خاتا تۇيغۇنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؛
1. بىزنىڭ كۈچىمىز تەڭداشسىز، يەر شارىدا ھىچكىم بىزنى توسالىغۇدەك كۈچ قۇدرەتكە ئىگە ئەمەس
2. لىبرال دېمكراتىيە پۈتۈن سىياسى ۋە ئىدولوگىيەلىك سىستىمىنىڭ ئاخىرقى بىكىتى، باشقا دۆلەتلەر ئاخىرى شۇ يەرگە بارىدۇ.
3. تېرورىزىم ۋە رادىكالىزىم لىبرال دىمكراتىيەنىڭ تارقىلىشى ۋە تىنچ دۇنيا بەرپا قىلىشنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ.
بۇ خاتا ھىسابتىن مۇنداق بىر قانچە خاتا ئىستراتېگىيە كېلىپ چىقىتى
1. ئامېرىكانىڭ تەڭداشىسز كۈچى ۋە لىبرال دىېمكراتىيەنىڭ توغرا سىياسىي يۆلىنىش ئىكەنلىكى خىتاينى دىمكراتىك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشقا يېتىدۇ، دەپ قاراپ خىتايدىن ئىبارەت سوۋىتتىن كىينكى ئەڭ چوڭ كومىنسىت دۆلەتكە بىپەرۋالىق بىلەن سىياسەت يۈرگۈزدى.
2. خىتاينىڭ دىكتاتۇرلىقىنى كەمبەغەللىككە باغلىدى ۋە ئىقتىسادى تەرەققىي قىلسا دىمكراتىيلىشىدۇ دەپ قاراپ خىتايغا مەبلەغ سالدى.
3. كۈچىنى ئوتترا شەرققە قارىتىپ ئايىغى چىقماس ئۇرۇشقا كىرىپ كەتتى.
بۇ خاتا ئىستراتېگىيەدىن خىتاي مۇنداق بىر قانچە جەھەتتىن پايدىلاندى؛
1. چەتئەل مەبلىغىنى بولىشىچە كىرگۈزۈپ ئىقتىسادىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇردى.
2. ئامېرىكا سەل قارىغان ئوتترا ئاسىيادا تەسىر كۈچىنى كۈنسىرى ئاشۇردى
3. ئامېرىكانىڭ ئوتترا شەرق سىياسىتى سەۋەبىدىن ئامېرىكىغا نارازىلىقى كۈچەيگەن ئوتترا شەرقتىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە ياخشى ئاكا بولدى
4. ئافىرىقىدا ئىقتىسادى تەسىر كۈچىنى غايەت زور دەرىجىدە ئاشۇردى.
5. ھەتتا سىياسىي ۋە ئىقتىسادى تەسىر كۈچىنى ئامېرىكانىڭ ھويلىسى بولغان ئامېرىكا قىتئەسىگىچە كېڭەيتتى ۋە بىرازىلىيە بىلەن ۋىنسوئىلادا تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ ئامېرىكا قارشى كۈشكۈرتمەكتە.
خىتاي 90-يىللاردىن 2010- يىللارغىچە تاشقى سىياسەتتە ھىچقانداق داۋراڭ سالماي ھەر جەھەتتىن ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇردى، ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بولسا ئامېرىكاغا ئوچۇق ئاشكارا قارشى چىققان ئەڭ كۈچلۈك رەقىب دۆلەتكە ئايلاندى. مۇتەخەسىسلەر خىتاينى سوۋىت ئىتىپاقىدىنمۇ كۈچلۈك تەھدىد دەپ قارىماقتا. ئامرىكانىڭ 2001- يىلىدىن كىين ئىقتىسادى ، ھەربىي ، دىپلوماتىيە ۋە ئىدولوگىيە جەھەتلەردە قانچىلىك قولىدىن كەتكۈزۈپ قويغان بولسا، خىتاي يۇقارقى جەھەتلەردە شۇنچىلىك پايدىنى قولغا كەلتۈردى دەپ قارىساق خاتالاشقان بولمايمىز. ئامېرىكا پۈتۈن دىققەت مەركىزىنى ئوتترا شەرىققە قاراتقانلىقى ئۈچۈن دۇنياۋى ھۆكۈمرانلىقنىڭ گىئوپولىتىك قەلبى دەپ قارالغان ئوتترا ئاسىياغا يىتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرەلمىدى. خىتاي باشتا رۇسىيەدىن ئازىراق ئەيمىنگەن بولسىمۇ لېكىن ئىقتىسادى جەھەتتىن سىڭىپ كىرىشكە باشلاپ ھازىر سىياسىي جەھەتتىنمۇ كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە دۆلەتكە ئايلاندى. خىتاي باشتا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق ئوتترا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئورناتتى، ئارقىدىنلا ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئېگە بولغان ئىقتىسادى كۈچىدىن پايدىلىنىپ شەرقىي تۈركىستانغا قوشنا بولغان بارلىق دۆلەتلەردە خىتايغا قارشى ھەركەت ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيتىنى يوق قىلدى. خىتاي بۇنىڭ بىلەن ئوتترا ئاسىيادا بىخەتەرلىك قالقىنى ھاسىل قىلدى.

خىتاي بۇ رايۇن ھەققىدە ئەڭ ھەل قىلغۇچ قەدەمنى شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئالدى. ياۋرۇ-ئاسىياغا ياكى ئوتترا ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىستراتىگىيسىنى « بىر بەلۋاغ ، بىر يول » قۇرلۇشى ئارقلىق باشلىدى. شى جىنپىڭنىڭ مەكىندىر، بىرزېنىسكى ۋە لىيۇ ياجوۋ قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دىگىلى بولمايدۇ. لېكىن شى باشلاتقان بۇ قۇرلۇش ياۋرۇ- ئاسىيانى بويسۇندۇرۇش قۇرلىشىدۇر. مەكىندىر بۇرۇنقى دۇنياۋى كۈچلەرنىڭ ھەم دېڭىزدا پورتلار ئارقلىق ۋە قۇرۇقلۇقتا تۆمۈر يوللار ئارقىلىق بۇ رايۇننى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان. خىتاي بولسا بىر بەلباغ بىر يول ئارقىلىق ھەم دېڭىزدىن ، ھەم قۇرۇقلۇقتىكى تۆمۈر يولدىن، ھەم ئىقتىسادى جەھەتتىن ھەم ئىنترنىت ئالاقە ئۇل مۇئەسسەسى جەھەتتىن رايۇنغا سېڭىپ كىرمەكتە. ئەگەر خىتاي يۇقارقى جەھەتلەردە مونۇپۇل ئورۇنغا ئېگە بولسا بۇ رايۇننى پۈتۈنلەي كونترول ئاستىغا ئالالايدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ بۇ قۇرلۇشىنى ئاددى چۈشەنمەسلىك كېرەك. خىتاي بۇ سەۋەبتىن ئوتترا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بىر تەرەپتىن ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن سىياسى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن كونترول ئاستىغا ئېلىشقا تىرىشماقتا. چۈنكى بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ بۇ قۇرلۇشىنى چىققان يېرىدىلا كىسىپ تاشلىيالايدۇ. شۇڭا خىتاي ئامال بار بۇ دۆلەتلەرنىڭ چىشىغا تىگىپ قويۇشتىن ھەزەر ئەيلەيدۇ، ئەمما بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ۋە ھەربىي كۈچى بەكلا ئاجىز بولغاچقا ئۆزىنىڭ جۇغراپىيلىك ئەۋزەللىكىنى خىتايغا قارشى كوزۇر قىلىپ ئىشلتەلمەيدۇ. ئەگەر خىتايغا قارشى كۈچى بولغان بولسا ھىچبولمىسا قازاقىستان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگىر سىياسىتىنى مەركەز قىلغان ئىرقىي قىرغىنچلىقى ئۈچۈن گەپ قىلالىغان بولاتتى. نەتىجىدە خىتاي دىپلوماتىيە جەھەتتە يەنىلا ئۈستۈن ئورندا تۇرۇپ كەلمەكتە. يېڭى قۇرۇلغان تۈرك بىرلىكى كەلگۈسىدە خىتايغا قارشى بىر ئاز كۈچلىنەلىشى مۇمكىن. لېكىن ھازىرچە قۇرۇق ئىسمىدىن باشقا ئەمەلىي كۈچى يوق.
ياۋرۇ- ئاسىيانىڭ بولۇپمۇ ئوتترا ئاسىيانىڭ دۇنياۋى ھۆكۈمرانلىق تالىشىشتىكى مۇھىملىقىنى گەرچە ھەممىدىن بۇرۇن ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكالىق مۇتەخەسىسىلەر ئوتتۇرىغا قۇيغان بولسىمۇ ئامېرىكانىڭ بۇ رايۇنغا سەل قاراپ كەلگەنلىكى مەلۇم. ئەمدىلىكتە بولغاندا رايۇنغا كۆپلەپ دىپلوماتلارنى ئەۋەتىشكە باشلىدى. ئامېرىكا خىتاينىڭ تەھدىدىنى بەكلا كېيىن تونۇپ يەتتى ۋە ئەمەلىي تەدبىر قوللانغىۇچە ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ بولۇپ كەتتى. پۈتۈن بۇ جەرياندا خىتاي قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرلىدى. ئامېرىكا ئۈچۈن تېخىمۇ قىين بولغىنى بۇ رىقابەت پەقەت ئوتترا ئاسىيادىلا مەۋجۇت ئەمەس، ئافرىقا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىمۇ مەۋجۇت. ئوتترا شەرقىتە ئاساسەن خىتاي غەلبە قىلىپ بولغانلىقى ئۈچۈن تىلغا ئېلىپ ئولتۇرمايلى. خىتاي ئۈچۈن ئەڭ ئۈنۈملۈك لېكىن ئەڭ ئاسان دۇنياغا كېڭىيەلەيدىغان رايۇن دەل ئوتترا ئاسىيا رايونىدۇر. چۈنكى خىتاينىڭ بۇ لىنىيەدە غەربكە كېڭىيشىنى توسۇپ قالغۇدەك كۈچكە ئىگە تۈركىيەدىن باشقا دۆلەت يوق، ئەمما تۈركىيەنىڭ توسۇش نىيتى بارمۇ يوق ، مەسىلە يەنە بىر نوقتىدىن بۇنڭغا باغلىق. بۇ ۋەجىدىن خىتاي تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇۋە تۈركىيەنىڭ غەرب تەرەپكە ئېغىپ كىتىشىدىن ئەنسرەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن بۇ قېتىم غەربكە قارشى بولغان ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ سايلامدا قايتىدىن يېڭىشىدىن خىتاي مەمنۇن بولدى. چۈنكى ئامېرىكا بىلەن بولغان رىقابەت يەنە مەلۇم نوقتىدىن قارىغاندا ئەتراپىغا ئەگەشكۈچى توپلاش ۋە قارشى تەرەپنىڭ ئىتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سانىنى ئازايتىش رىقابىتىدۇر. (لېكىن تۈركىيەنىڭ غەربتىن پۈتۈنلەي يۈز ئۆرۈپ خىتاي تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشى تازا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، چۈنكى بۇ تۈركىيەنىڭ دۆلەت مەنپەتىگە ئۇيغۇن ئەمەس. لېكىن خىتاي ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ غەربنىڭ كەينىدىن ماڭماسلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسدە خىتاينى ئەيىپلەيدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا ئۆتۈپ كەتمەسلىكى غەلبە بولۇپ ھىسابلىندۇ. )
ئامېرىكا بۇ رايۇننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىدۇ؟ ۋە بۇ رايۇندا خىتاينى توسۇش ئۈچۈن كچىكىپ قالدىمۇ؟ ئامېرىكا گەرچە كىچىكىپ قالغان بولسىمۇ خىتاينى توسۇپ قېلىش ئىھتىمالى بار. سەۋەبىلىرىنى مۇنداق بىر قانچە دەپ قاراش مۇمكىن؛
1. گەرچە خىتاي ۋە رۇسىيەگە سېلغشتۇرغاندا ئاجىز بولسىمۇ ئامېرىكانىڭ رايۇندا بۇرۇندىن مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان تەسىر كۈچى بار
2. ئامېرىكانىڭ بۇ تەرسىر كۈچىنى كېڭەيتىدەك كۈچى بار
3. ئوتترا ئاسىيا دۆلەتلىرى خىتاينىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىنمۇ قورقىيدىغانلىقى ئېنىق. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ رايۇندىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا يول قويۇشىنىڭ سەۋەبى رۇسىيەنىڭ كۈچىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىدى. بۇ قېتىم خىتاينىڭ كۈچىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ رايۇنغا سېڭىپ كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ.
4. خىتاينى ئوتترا ئاسيا خەلىقلىرى ياقتۇرمايدۇ ۋە لاگىر مەسىلىسى چىققاندىن كىين بۇ خىل قارشىلىق تېخمۇ ئەۋج ئالماقتا. قازاقىستان خەلىقى بۇنىڭغا ياخشى مىسال بولالايدۇ. شۇڭا خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقىنى توختاتمىسا كىين بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدىغانلىقى ئېنىق.
5. ئافغانىستان بىلەن پاكىستان خىتاي ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بىر سىناق. گەرچە ھۆكۈمەتلىرى خىتايغا يېقىنلىق بىلدۈرۋاتقان بولسىمۇ بۇ ئىككى دۆلەتتىكى ھاكىمىيەتكە بويسۇنمايدىغان قوراللىق كۈچلەر خىتايغا قارشى ۋە ياكى ئۆزىنىڭ دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ قالسا خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرلۇشى ئېغىر قىينچىلىققا دۇچ كېلىدۇ.
6. خىتاي تەيۋەنگە ھوجۇم قىلىپ قالسا بۇ ئىشلىرى پۈتۈنلەي سۇغا چىلىشىشى مۇمكىن. تەيۋەن تەسلىم بولمىسلا خىتاي تەيۋەننى ئالالمايدۇ. چۈنكى تەيۋەن ۋە ئامېرىكا رۇسىيە ئوكرائىينا ئۇرۇشىدىن ناھايتى كۆپ ساۋاق ئالدى. رۇسىيەنىڭ ئەڭ ئىسل قوراللىرى ئامېرىكانىڭ مۇداپىئە قوراللىرى ئالدىدا ئامالسىز قالدى. دېمەك تەيۋەن ئوكرائىيناغا قارىغاندا ياخشى تەييارلىق قىلىدۇ ياكى قىلىۋاتىدۇ. خىتاي تەيۋەنگە ھوجۇم قىلسىلا ئامېرىكا ئۈچۈن تېپلىغۇسىز پۇرسەت بولىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا، ئوتترا ئاسىيا ياۋرۇ-ئاسىيا قۇرۇقلىقىنى كونترول قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بولۇپمۇ خىتاينىڭ دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇش قۇرلىشى بولغان بىر بەلباغ، بىر يول ئۈچۈن بولسا جان تومۇر بولۇپ ھىسابلىندۇ. مەزكۇر رايۇن بۈگۈنكى خىتاي – ئامرىكا رىقابىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم جەڭ مەيدانلىرىدىن بىرىدۇر.
